ئەتىرگۈل قىسمىتى
پەزىلەت ئىسرائىل
مۇسىبەتتە قالغان دۇنيا ، گويا بېشىمدىكى قارا ياغلىقتەك ، ئۇچامدىكى قارا لىباستەك قارا رەڭدىلا كۆرۈندىغان دۇنيا . يورۇق ئاپتاپلىق ياز كۈنلىرىمۇ ، سالقىن ، يېقىشلىق كۈز كۈنلىرىمۇ ، سوغۇق قوينىغا ئاجايىپ ئەسلىملەرنى يوشۇرغان جۇت ئايازمۇ ، جىمى ناباتات ، جىمى مەۋجۇداتنى كۈلدۈرىدىغان رەڭدار باھارمۇ ئوخشاشلا قارا لىباسقا ئورالغاندەك ...كەڭرى دۇنيا ، كەڭرى ئالەم ، ئەمما ،يۈرىكىم توختىماي سىقىلىپ جېنىمنى قاقشىتىدۇ . پۈتۈن ئالەمنى توختىماي كەزسەممۇ ، جىمجىت ، قويۇق ئورمانلارغا بارساممۇ ، شاۋقۇنلۇق دەريالاردىن سورىساممۇ ، يۈزلىرىمنى سىيلاپ ، قۇلاقلىرىمغا نېمىلەرنىدۇر شىۋىرلاپ ئۆتىدىغان ئۇچقۇر شاماللاردىن سورىساممۇ جاۋاپ يوق ، پەقەتلا سۈكۈت ،چىدىغۇسىز سۈكۈت ! كۈنلەردىن ئايلار ، ئايلاردىن يىللار يۈتتى ، تىنىمسىز ياش تۈكۈدىغان يۈرىكىمدىكى جاراھەت – شىپاھسىز جاراھەت ھىچ پۈتەي دېمەيدۇ . تالاي قىزىل ئەتىرگۈللەرنى ، بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان ، قات – قېتىدىن سۆيگۈ تۆكۈللىدىغان ، قات – قېتىدىن مېھىر تۆكۈلىدىغان قىپقىزىل ئەتىرگۈللەرنى كەشتىلەپ چىقتىم . قىزىل رەڭ شادلىققا بەلگە ، ئوخشاشلا يۈرىكىمدىن تامچىۋاتقان قاننىڭ رەڭگىمۇ قىزىل ... بەرق ئۇرۇپ ئېچىلۋاتقان گۈلدەك ۋاقتىمدا ، كۆزۈمگە جاھاندىكى ھەممىلا نەرسە گۈلدەك گۈزەل كۆرۈنىدىغان چىرايلىق كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقانىدىم ، گەپلىرى تىتىرەپ ، ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ ئېيتىلدىغان ئاشۇ يىگىت بىلەن ....يەردىن ئستۈن قارىيالمايتتىم ، يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى گويا ئۆزەمگە ئاڭلىنۋاتقاندەك ھودۇقاتتىم ، تەمتىرەيتتىم ... - بولدى قىلىڭ ، بۇنداق توختىماي تىكىۋەرسىڭىز كۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويىسىز ، قىزىم . ئاپامنىڭ كىرگىنىنى تۇيماپتىمەن ، ئاپام قولۇمدىكى كەشتىنى ئېلىپ نېرىغا قويدى . - تۇرۇڭە ، قىزىم ، چېچىڭىزنى يۇيۇپ ، ئۆرۈپ قوياي ، يىلىمنىمۇ چىلاپ قويغان ، بۇنداق ئولتۇرىۋەرمەڭ ، دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ ، ئويناپ كېلىڭ . سىزنىڭ كۈلكىڭىز ئاڭلانمىسا بۇ ئۆيمۇ ئۆيگە ئوخشىماي قالىدىكەن . يۈرۈڭ ، گېپىمنى ئاڭلاڭ ، قىزىم . ئاپام قولۇمدىن يېتىلەپ ، نېرىقى ئۆيگە ئېلىپ چىقتى . يۇمشاق قوللىرى بىلەن چاچلىرىمنى ئاۋايلاپ يۇدى ، يۇمشاق لۈڭگە بىلەن ئاۋايلاپ سۈرتتى ، ئاندىن چوڭ چىنىگە لىقلاپ چىلانغان يىلىمنى چېپىپ ، قىرىق كوكۇلا ئۆرۈشكە ئولتۇردى .چاچلىرىممۇ ئاپامغىلا كۈنۈپ قالغاندەك پەقەتلا جاھىللىق قىلمايتتى . شۇنچىلىك رايىش ئىدى . ئاپام شۇنچىلىك ئىشتىياق بىلەن ئۆرۈيتتى ، جىگدە يىلىمىگە تويۇنۇپ ، سەمرىگەن چاچلىرىم گويا بىر تال ، بىر تالدىن ساناپ ئايرىلغاندەك تەپتەكشى ئىدى ، ماڭلاي چېچىمنىمۇ تەكشىلەپ ، تاراپ بولغاندىن كېيىن « ئالتۇن قىزىمنىڭ بۇ چىرايلىق چاچلىرىنى كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن ، سۆزى ياماننىڭ سۆزىدىن ساقلىغايسەن ، ئىلاھىم» دەپ پىچىرلىدى . - ماۋۇ ئەتلەس كۆينىكىڭىزنى تىككۈزۈپ قويۇپ تۈزۈك كىيمىدىڭىز ،كۆينەكنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالمىسۇن ، قېنى بىر كىيىپ بېقىڭە ، قىزىم . - بولدىلا ئاپا ، كېيىنچە كىيەرمەن ، - دەپ كۆينەكنى نېرىغا قويۇپ قويدۇم . - گېپىمنى ئاڭلاڭ ، ئاپپاق قىزىم ، مۇشۇنداق گۈلدەك چىرايلىق پەسلىڭىزدە قاپقارا كىيىملەرگە ئورۇنۇپ يۈرسىڭىز ، قانداق بولىدۇ ؟ ھېلىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى . قارىلىقنى ئۇزۇن تۇتسا بولمايدۇ ، چوڭلارنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغان ، ئاتىڭىز ھەم قېرىنداشلىرىڭىز سىزگە يۈزتۇرانە دېيەلمەي ، قانچە قېتىملاپ ماڭا دېدى . ئەمدى گىپىمنى ئاڭلاڭ ، « كەتكەنلەر كېلەر ،كەتمەنلەنگەنلەر كەلمەس » دەپتىكەن . رەھمەتلىك پاكىز ، ئوبدان بالا ئىدى ، ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ! ھەر ئىش بولسا ياراتقۇچىنىڭ خاھىشى بىلەن بولىدۇ ، قىزىم ، قانداق قىلىمىز ، ئۆمرى شۇنچىلىككەن ....بۇنداق روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك سۇلغۇن ، مەيۈس يۈرسىڭىز رەھمەتلىكنىڭ روھى قورۇنۇپ قالىدۇ ، ئۇمۇ سىزنىڭ تېتىك ، خۇشال يۈرۈشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ . چاناقلىرىمغا كەلكۈندەك يامراپ كېلىۋاتقان ياشلىرىمنى كۈچ بىلەن ئىچىمگە سىڭىرىۋەتتىم ... قاناتلىرىنى كەڭ يايغان توزنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ، كەڭ پۈرمە ياقىلىق يېشىل ئەتلەس كۆينەكنى كىيىپ ، بەل پويىزىنى كەينىمدىن كېپىنەك شەكىلىدە چىگىۋالدىم . ئاپام تۆر تامغا ئېسىپ قويغان مارجان دوپپىنى بېشىمغا كىيدۈردى . - پاھ ، پاھ ،پادىشاھنىڭ مەلىكىسى بولسىمۇ مېنىڭ مۇشۇ قىزىمچە بولار !
* * * * * * *
توي ... ھەممە ئالدىراش . قوشنىلارنىڭ مەن ۋە دوستلىرىم ئۈچۈن راسلىغان ئۆيىدە قىپقىزىل ئىگىنلەرگە پۈركىنىپ ئولتۇرىمەن ، ئاتا - ئانامنىڭ ، دوستلىرىمنىڭ نۇرغۇن نەسىھەتلىرى بىلەن بۇ تويغا ئاخىرى رازىلىق بەرگەنىدىم . ئۇچامدا قىزىل لىباس ، كۆڭلۈمدە تۈرلۈك خىياللار غەليان كۆتۈرمەكتە . بۇ دۇنياغا كۆز ئىچىپ ، تۈرلۈك گل – چىچەكلەر ، نەغمىچى قۇشلار بىلەن جەلىپكار بىلىندىغان ئالتۇندەك ياشلىقنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلا – ئاتلىمايلا يۈرىكىمدە ئاۋايلاپ ئېچىلدۇرغان ، تاڭ شەبنىمىدە تىترەپ تۇرغان نازۇك ئەتىرگۈلدەك تۇنجى سۆيگۈمگە جۇت تەگدى . ئەتىرگۈلنىڭ نازۇك ، جۇلالىق بەرگىلىرى مۇدھىش جۇتنىڭ زەربىسىدە ئۈششۈپ كەتتى ... شۇقەدەر گۈزەل دۇنيادا ، جەلىپكار ياشلىقتا مۇشۇنداق رەھىمسىز زەربىنىڭ بولدىغانلىقىنى بىلمەپچتىمەن ... غۇبارسىز سۆيگۈ گۈلى ئەنە شۇنداق تۇيۇقسىز ، شۇنداق تۇيۇقسىز ئۈششۈپ كەتتى . نازۇك غۇنچىدەك قەددىم پۈكۈلدى ... گۈزەل ئارمانلىرىم ، كۈلكىلىرىم ، بۇ دۇنيانىڭ مەن قاراپ تويمايدىغان گۈزەللىكمۇ گويا ئۇنىڭ بىلەن بىللىلا ئاشۇ قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتكەندەك .... قاڭشارلىق ،بادام دوپپىسى بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا خويمۇ يارىشىدىغان ئاشۇ نەۋقىران يىگىت ، « سىز مېنىڭ سۇلماس گۈلۈم ، سىزنى بىر ئۆمۈر ئاسرايمەن ...» دېگەن سۆزنى تىترەپ تۇرۇپ ئېيتقان ئاشۇ يىگىت شۇنچە تۇيۇقسىز بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالدى ، ئارامبەخىش سەلكىنىدەك ئادەمنى پەپىلەپ مەستخۇش قىلىدىغان بۇ ھايات شۇنداق تۇيۇقسىز زەربىسى بىلەن يۈرىكىمنى قان يىغلاتتى ، يۈرىكىمنىڭ قات – قېتىدىن ئاچچىق پەريات ئۇرغۇزدى ! ئاتا - ئانام رازىلىق بېرىپ بىزگە چاي ئىچۈرۈلگەن شۇ كۈنى كەچتە ئۇنى ئىس ئېلىپ قويۇپتۇ ، نەۋقىران بىر يىگىتنى رەھىمسىز ئىس كۆرۈنمەس قوللىرى بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ ، ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كېتىپتۇ .... بەلكىم ، كۈلۈۋاتقان باھاردەك تاتلىق خىياللار ئىلكىدە ئەللەيلىنىپ ، تاتلىق چۈش كۆرۈۋاتقاندا كېتىپ قالغاندۇ ... « ئاتام بىلەن ئاپام كىچىك ۋاقتىمدا تۈگەپ كېتىپتىكەن ، يا ئاتامنىڭ ، يا ئاپامنىڭ چىرايىنى ئەسلىيەلمەيمەن » دېگەن ئىدى ... ئاپام ، مەن كۈلسەم كۈلۈپ ، يىغلىسام مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ يىغلايدىغان ئاپام مەن بۇ تويغا رازىلىق بەرگەن كۈنى كەچتە يېنىمدا يېتىپ ، باشلىرىمنى سىيلاپ نۇرغۇن گەپلەرنى دېدى ، توي دېمەك - بىر ئۈلۈش ئېغىر مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش دېمەكتۇر ، يۈرىكىمدىكى بەختسىز سۆيگۈنى تۇپراق ئاستىغا كۆمۈۋىتەي ، ئەسلىملىرىم بىلەن ئۇ ئۆيگە بارسام گۇناھكار بولىمەن ... ئاپام قويۇق يىلمىدا پاتلاپ ئۆرۈپ قويغان ئىككى ئۆرۈمە چىچىم ، چىمەن دوپپىنىڭ ئۈستىگە سالغان قىزىل يىپەك ، يەرگە تېگىپ تۇرغان ئوتقاشتەك قىزىل ئەتلەس كۆينەك ... مانا بۇ مەن ، بۇ مېنىڭ تويۇم ...
* * * * *
گۈرۈلدەپ كۆيگەن يانغىننى ئەسلىتىدىغان قىپقىزىل شەپەڭنىڭ ئاستا – ئاستا ئۆچۈشى بىلەن قارىيىپ كەلگەن گۇگۇم جاھاننى ئىلكىگە ئېلىشقا باشلىدى . نىمىشقىدۇر گۇگۇمنىڭ كىلىشى بىلەن تەڭ يۈرىكىم ئاسىققاندەك بولدى ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يۈرىكىم تۇرۇپ – تۇرۇپلا ئاغىدىغان ، يېقىمسىزلىندىغان بۇلۇپ قالغانىدى ، گۇگۇم گويا قارا پەردىسى بىلەن جاھاننى ئەمەس ، مېنىڭ يۈرىكىمنى چۈمكەۋاتقاندەكلا ... ئۇنىڭدىن تېخىچىلا دېرەك يوق ، ئوچاقنىڭ ئوتى پەسلەپ قالمىسۇن دەپ بىردەم – بىردەم ئوچاققا قارايمەن ، بېشىمدا دېۋىدەك دىۋەيلەپ تۇرۇۋالسا تەمتىرەپ قالماي دەپ ، تاماقنىڭ تەرەدۇۇتىنى قىلىپ قويغىلى خېلى بولدى . دەرۋازىنى تاقىۋىتەي دېسەم ، « نېمىشقا ۋاقتىدا ئاچمايسەن ؟ » دەپ ھۈرپىيىشىدىن قورقىمەن ،تاقىماي ئولتۇرسام تېخى . ... ھۈپپىدە ئىسسىق ئۆيدە ئاتامنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرىمەن ، ، قىش ئاخشاملىرى ئاپپاق داستېخان سېلىنغان ، قۇرۇق ئۈزۈم ، بادام ، ياڭاق مېغىزى ، يانتاق شېكىرى ، ھەسەل ، ھەر خىل مۇراببالار تىزىلغان يۇمىلاق شىرەنى چۆرەدەپ ئولتۇراتتۇق ، خېلى چوڭ بۇلۇپ قالغان چاغلىرىمدىمۇ ئاتامغا ئەركىلەپ قۇچقىدا ئولتۇرۋالاتتىم . ئاتام ناھايتى پاراڭچى ئادەم ئىدى ،بالىلىقتىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ھېكايە قىلىپ بېرەتتى ، نەسىردىن ئەپەندى ، موللا زەيدىن لەتىپىلىرىنى ئېيتىپ بىزنى كۈلدۈرەتتى . بالىلارنىڭ كىچىكى بولغاچقىمۇ ياكى ئاتا – ئانام ھەدىدىن زىيادە ئامراقمۇ ، ئۆيدە ئالاھىدە « ئىمتىيازلىق » ئىدىم ، ئاكام ، ئاچىلىرىمنى قەستەن تېرىكتۈرۈپ چىشىغا تەگسەممۇ ، ئۇلار مەن بىلەن ئارتۇق زاكۇنلاشمايتتى ، ئوچاقتا يوپيورۇق كۈيۈۋاتقان ئوت ، ئوتنىڭ تەپتدە ئىسىپ كەتكەن ئۆي ، ئوتنىڭ تەپتىدىنمۇ ئىسسىق بولغان ئاتا - ئانا مىھرى ، قېرىنداشلىق مېھرى ... - ئوھۇي ، خىيال دېڭىزىغا چۆكۈپ كىتىپتۇققۇ ، قوراللىرىدىن تارتىۋالايمۇ - يا ؟ ئورنۇمدىن قانداقلارچە سەكرەپ تۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن ، يەنە شۇ قىزارغان كۆزلەر ، ئەتتىگەندە قاتتۇرۇپ كىيگەن كىيىملىرى توپىغا ئېغىنغاندەكلا ، بايا يۈرىكىمنىڭ ئاسسققىنى بىكار ئەمەسكەندە ! - ھە ، ئېڭەك تۇتۇپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كىمنى خىيال قىلۋاتقاندىلە ؟ نېمانداق جىن تەپكەندەك سەكرەپ يۈرۈيدىلا ؟ سۆڭەكتە تۇرۇپ قالغۇدەك بۇ ئاچچىق گەپكە نېمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ، تىلىمغا ھىچقانداق گەپمۇ كەلمىدى . - قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ ، ئاشنى سالاي ، مانا ھازىرلا پىشىدۇ . - كاللا دېسە پاچاق دەيدىغان قانداق نېمە بۇ ؟ مەن ئەتتىگەننىڭياقى نېمە دەۋاتىمەن ؟! نېمىشقا سورىغان سوئالغا جاۋاب بەرمەيسەن ؟ ئەسىلدىمغۇ ئەقلى – ھۇشۇڭ تازا جايىدا ئەمەسقۇ سەن دەلدۈشنىڭ ! - مېڭەم غوڭۇلداپ كەتتى ، يۈرىكىم گويا سانسىز تىغلار ئارىسىدا قوچۇلۇۋاتقاندەك ئاچچىق ئاغرىدى . مانا بۇ مېنىڭ ئېرىم ، تەقدىرىمنى ، ھاياتىمنى ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئېرىم ... ! - يۈرەك جاراھىتىمنى رەھىمسىزلىك بىلەن تاتىلاپ قانىتىدىغان ، ئەركەكلىكنى ئاجىز ئايال كىشىنى ئاسراشقا ، ھىمايە قىلىشقا ئىشلەتمەي ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ ، تاتىلاپ يۈرۈپ جېدەل چىقىرىدىغان ، ئەسلىدە مېھىر – مۇھەببەت بۇلىقى ، شادلىق ماكانى بۇلۇشقا تېگىشلىك بۇ ئائىلىنى تۇتامسىزلىقى ،پۈچەكلىكى بىلەن شىۋىرغان ھۇۋلاپ مىھىرسىز ئۇۋىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇۋاتقان « ئەركەك » ... - ئەجەپ مىڭ يىللىق ئاداۋىتى بار ئادەمدەك قارايسەنغۇ ؟ يا مەن ساڭا قەرزدارمىدىم - ھە ؟ ! گېپىڭ بولسا دېمەمسەن ؟ كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ بۇتتەك تۇرماي ! ئۇنىڭ شەپقەتسىزلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە بەپرەت بىلەن تىكىلدىم ، قىپقىزىل قىزارغان بۇ كۆزلەر گويا ھازىرلا قان چاچرايدىغاندەك قورقۇنۇچلۇق ئىدى ، قارىشىمغا چىدىماي قالدىمۇ ، ئالدىمغا دېۋەيلەپ كەلدى : - خىيالىڭدا مۇشۇنداق تۇرىۋالسام ھېچنىمە قىلالمايدۇ دپ ئويلاۋاتامسەن ؟ سەن گاچىنى سۆزلىتەلەيدىغان ھۈنەر جىق مەندە ! ماۋۇنى كۆردۈڭمۇ ؟ ئۇ بازغاندەك يوغان ، تۈكلۈك مۇشتىنى كۆزۈمگە تەڭلىدى : - خوتۇن كىشىگە مۇشت كۆتۇردىغان نامەررد ئەرلەردىن بولغان بولسام ، ھەممە قوۋۇرغاڭنى سۇندۇرۇپ ، قولۇڭغا ساناپ تۇتقۇزۇپ قوياتتىم ! ئېرىڭنىڭ كۆزىگە يەنە شۇنداق قارايدىغان بولساڭ مەندىن يامانلىما جۇمۇ ! يا كۆزۈمنى ئەپقاچمىدىم ، يا ئۆزۈمنى . يۈرىكى جۇتتا ئۈششىگەن سۆيگۈ گۈللىرىنىڭ خارابىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئادەملا مۇشۇنداق تۇرالىسا كېرەك . ئالدىمغا دېۋەيلەپ ھېلىلا مېنى يەۋېتتىدىغاندەك تۇرغان بۇ ئەر نېمىشقىدۇر يۇۋاشلاپ قالغاندەك ئىدى ، بەلكىم ئۇ مېنى ھەيۋەمدىن قورقۇپ قاچىدۇ ياكى ماڭا يالۋۇرۇدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك . - ئاش ئەتتىم دەپ كەتكىنىنى ، يوغان بىر نىمە ئەتكەندەك ، ئۆزۈڭ يەۋالە شۇ لاۋزا ئېشىڭنى ... ئۇ تام تۈۋىدە تۇرغان ئىۋرىقنى زەردە بىلەن تېپىۋىتىپ ، نېرىقى ئۆيگە كىرىپ كەتتى . ئوچاقنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توختىماي تىترىمەكتىمەن ، سوغۇق سۆڭەك –سۆڭەكلىرىمدىن ئۆتۈك كېتىۋاتقاندەك پەقەتلا ئىسسمايتتىم . « ماڭا ئىشىنىڭ ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، قەدىرلەيمەن ،يازدا ئىسسىقنى ، قىشتا سۇغۇقنى يېنىڭىزغا يوللاتمايمەن ، بىز بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك بىر جۈپلەردىن بولىمىز ...» ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقىنىمدا قۇلىقىمغا شۇنداق دەپ پىچىرلىغان ئادەم مۇشۇمۇ ؟ كۆز قارىچۇقۇمدەك ئاۋايلاپ ئۆستۈرگەن ، ھاياتىمدەك قىممەتلىك ، ئېزىز گۈلۈمنى ئىشىنىپ تاپشۇرغان ، تەقدىرىمنى ئىشىنىپ تاپشۇرغان ئەر مۇشۇمۇ ؟! بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ قەلبىمنىڭ ئەڭ پىنھانىدا ئىچىلغان سۆيگۈ گۈلۈم خازان بولدى ، ئۇنى يەنە شۇ پىنھانغا دەپنە قىلدىم . كۆز ياشلىرىم بىلەن ، نالىلىك ئۆكسۈشلىرىم بىلەن ، ئاچچىق پىغانلىرىم بىلەن دەپنە قىلدىم . قەلبىمدە ئەسلىمە ، كۆزۈمدە ياش پېتى بىر ئەرنىڭ ئۆيىگە كىلىشنى گۇناھ ھېسابلىغىنىم ئۈچۈن ، ئۆز ئارا ئىشىنىش ، ئۆز – ئارا كۆيۈنۈش ئاساسىغا قۇرۇلغان بەختىيار بىر ئائىلىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن گۈزەل ، ئەمما ئۆمرى قىسقا شۇ بەختىيار مىنۇتلارنى ئەسلەشتىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم . ئەپسۇس ، پەيلى ئوسال بۇ ئەر ماڭا تۈزۈك ئاراملىق بەرمىدى . خۇددى مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە شۇ كەچمىشلىرىمدىن ھېساب بېرىش ئۈچۈن كەلگەندەكلا . مېڭىش –تۇرۇشۇم ، ھەتتا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ قېلىشلىرىمنىمۇ ئۆزىچە بىر ئىشلارغا جورۇپ كۆزۈمگە كىرىۋالدى ... - ھە ، چىچىڭنى ئوينىتىپ كىملەرگە چىرايلىق كۆرۈمەكچىدىڭ ؟ تولا پولاڭشىتماي يىغىشتۇرە ئۇ نېمەڭنى ، يوغان نېمىسى باردەك ... كىچىكىمدىن ئاپام جىگدە يىلىمى چىچىپ ئۆرۈپ قۇيىدىغان پارقىراق ، قويۇق ، ئۇزۇن چاچلىرىمنى قاتلاپ چىڭ بوغىۋالدىم . كىيىنىشتىمۇ تۇغۇشلۇق بۇلالمايتتىم ، رەڭسىز كىيىملەرنى كىيسەم « نېمە ھازىدار ئادەمدەك بەترەڭ كىيىنۋالدىڭ ؟! كىملەرنىڭ قارىلىقىنى تۇتىۋاتىسەن ؟! يا كىيىم كىيىشنىمۇ بىلمىگەن بۇ دەلدۈش ! » دەيتتى . ئۇنىڭ بىلەن تاكالىشىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم ، توغىرسىنى ئېيتقاندا قورقاتتىم . ھازىرلا ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قۇيىدىغاندەك ئالدىمغا دېۋەيلەپ كېلىدىغان ئاشۇ قىلىقىدىن تولىمۇ بىزار ئىدىم ! يېقىشلىق ، ئىللىق گەپ -سۆزلەر ، مېھىر – مۇھەببەت بىلەن تۇيۇنغان ئائىلىدە چوڭ بولغىنىم ئۈچۈنمۇ بۇنداق كۆڭۈلسىز گەپ - سۆزلەر ، جېدەللەر كۆڭلۈمنى بەكلا ئاغىرىتاتتى . بىر كىم بىلەن تاكاللىشىپمۇ باقمىغانىدىم . - ئەجەپ رەڭ تۈزەپ خېنە گۈلىدەك ئىچىلىپ كېتىپتۇققۇ ؟ئۆزىمىزنى كىمنىڭ بازىرىغا سالماقچىدۇق ؟ قىزغۇچ يىپەك كۆينىكىمنى كىيگەن كۈنۈم ئۇ مۇشۇنداق دېگەنىدى ،دېگەندىمۇ ھەر بىر سۆزنى چىشلىرىنىڭ ئارسىدىن چىقىرىپ مەسخىرە بىلەن دېگەنىدى . بارا – بارا ئۆزۈمچىلا خۇدۈكسىرەيدىغان ، قەدەملىرىمنىمۇ تۇغۇشلۇق ئالالمايدىغان بۇلۇپ قېلىۋاتاتتىم ، ئاق ، سۈزۈك يۈزلىرىمدىن نۇر قېچىۋاتقاندەك ، كۆزلىرىمنىڭ چۆرىسى قارىداپ قالغاندەك ئىدى ، ياق ، كۆزۈمگە شۇنداق كۆرۈنۈۋاتسا كېرەك ... ئاپامنىڭ نەسھەتلىرىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايتتىم ، ھويلا – ئارامنى پاكىز تازىلاپ ، ئۆيدىكى ھەر بىر جابدۇقنى سۈرتۈپ پارقىرىۋېتەتتىم . بولۇپمۇ ئاش – تاماققا ئالاھىدە زېھىن قوياتتىم . چىن مېھرىم ، پاكىزلىقىم ، ھالاللىقىم بىلەن بۇ ئائىلىنى ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئائىلىگە ئايلاندۇرۇشنى ئويلايتتىم ، ئەپسۇس، مەن قانچە تىرىشقانسىرى بۇ ئەر شۇنچە كەينىگە تىرەجەيتتى . گاھى –گاھىدا دوستلىرىم يوقلاپ ئۆيگە كەلسە ئىچىمنى سىقىپ ھەر بىر ئېغىز گەپكە كۆز - قۇلاق بولۇپ ئولتۇرىۋالاتتى ، دوستلىرىم بىلەن ئارامخۇدا ئىككى ئېغىز پاراڭلىشالمايتتىم ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ئىشلارنى باھانە قىلىشىپ كېتىشكە ئالدىرايتتى . ئۇلار كېتىپ بولغاندىن كىيىنمۇ تۈگىمەس سۇئال – سوراققا قالاتتىم ،بايا كەلگەن ھەر بىر دوستۇمنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ، ئۆيىنىڭ نەدە ، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ... قاتارلىق سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشىم كېرەك ئىدى ! - بوينىغا ئۇزۇن زەنجىر ئېسىۋالغان ھېلىقى دوستۇڭ ھەجەپ سىرلىق گەپ قىلدىكەنغۇ ؟ مەخپىي تىلدا سۆزلىشىپ كەتتىڭلار ، ئىككىڭلارنىڭ قانداق مەخپىيتىڭلار بار ئىدى ؟ مەن گەپ سورىسام ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ گەپ قىلغۇسى كەلمىدا ئۇنىڭ ! ... ئىچىم توختىماي سىقىلاتتى ، ئاسمىنى كەڭ ،چەت – چۆرىسىگە كۆز يەتمەيدىغان ، كەڭرى يايلاققا ، ئادەمزاتسىز بىر يەرلەرگە كەتكىم كېلەتتى ، چارچاۋاتاتتىم ... ئاپامنىڭ ئۆيىگە ئازنىلاپ بارغان ۋاقتىمدا ئاپام ئۆز قولى بىلەن تېرىپ ، تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلغان ئەتىر گۈل ، تاجىگۈل ، سەبدەگۈللەر ھۆپپىدە ئىچىلىپ كەتكەن ، جەننەتكە ئوخشايدىغان ئاشۇ مېھرى ئىسسىق ئۆيۈمگە بارغىنىمدا ، قېنىپ نەپەسلىنىپ ، ئىچ – باغرىم ئازادىلىشىپ قاللغاندەك بۇلۇپ قالاتتىم . ئاپامنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن تامىقى گېلىمدە تۇرۇپ قالماي ئوبدان سېڭىپ مەڭزىلىرىمگە قان يۈگۈرۈپ قالغاندەك بىلىنەتتى ... ئانىنىڭ يۈرىكى تۇيغۇن كېلىدۇ ، ئاپام ئاغزىدا ئوچۇق دېمىسىمۇ ، ھەر قانچە قىلىپمۇ كۈلەلمەيۋاتقان كۆزلىرىمگە ، سۇسىرىغان گۈلدەك سولىشىپ قالغان چىرايىمغا سىنچىلاپ قاراشلىرىدىن ، بېشىمنى مىھرى بىلەن سىيلاشلىرىدىن ، نېمىدۇر دېگۈسى كېلىپ دىيەلمەي ئېغىر ئۇھ تارتىشلىرىدىن قانداق كۈن كۆرۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى .
* * * * *
- تېز بول ، ئاغىينەم ئەنۋەر ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرىپتۇ ، خېلى كۆپ ئادەمنى چاقىرغاندەك قىلىدۇ ، ئۇلارنى ساقلىتىپ قويمايلى . چىرايلىق كىيمىڭنى كىي ، مىسىلدىماي تېزرەك بول دەيمەن ! ئۇ دوستىنىڭ مېھمانغا چاقىرىشىدىن خۇشالمۇ ياكى باشقا ئىشقىمۇ ، ئۆزىچىلا تېرىكىپ ، ئۆزىچىلا خۇشال بۇلۇپ قالىدىغان بۇ ئەرگە ئارتۇق گەپ قىلىشقىمۇ رايىم بارمىدى . ئادەتتە ئاغىنلىرى ئۆيگە كەلسىمۇ بۇنداق يىغىلىشنىڭ كۆپىنىچىسى تۇتۇرۇقسىز جېدەل بىلەن ئاخىرلىشاتتى . مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئوچۇق چىراي بىلەن كىرسەممۇ ، تۇتۇلۇپ كىرسەممۇ ئوخشاشلا گەپ ئىىشىتەتتىم . ئاغىنلىرى ئۇزاپ بولغاندىن كېيىنمۇ خېلى بىر چاغلارغىچە سوئال – سورىقى تۈگىمەيتتى . خاھىشىمغا قويسا بۇنداق مېھماندارچىلىقمۇ بارماي ئۆيدە ئولتۇرسام دەيتتىم . - ئۇچامدىكى مۇشۇ كىيىممۇ بىلىۋېرىدۇ ، بىر ئوبدان تۇرمامدۇ ، ماڭايلى ،دېدىم . - نېمە دىمەكچى سەن ؟ ئېرىمنىڭ ماڭا ئېلىپ بەرگەن تويلۇق كىيىمى مۇشۇ ، دەپ خەققە سازايى قىلماقچىمۇ مېنى ؟! مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈرەي دەمسەن ؟! تولا چىشىمنى قېرىشتۇرماي ئاۋۇ مومايلارنىڭكىدەك قىلىۋالغان چېچىڭنى قۇيۇۋەت ، ئۆرۈمەيلا قۇيۇۋەت ! جەھلىم قاتتى ، قاچانلاردىن بېرى ئۆز خاھىشىم بويىچە يۆتىلەلمەيدىغان بولۇپ قالدىمكىن ، ھەتتا ، چېچىممۇ مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس ! ئەمما ، بۇ ئەر بىلەن تاكالىشىپ تۇرىۋېرىشنى خالىمىدىم ، ئۆرە ياقلىق ئاق پوپايكا بىلەن بىنەپشە رەڭلىك ساراپىنىمنى كىيىپ ، ئۈستىگە ئەترەڭ پەلتۇيۇمنى كىيدىم ، شارقىراتمىدەك يېيىلىپ چۈشكەن بۇلۇتتەك قويۇق چاچلىرىم ئەزەلدىن رايىش ئىدى ، مۇنداقلا تاراپ قۇيۇپ ئالدىراپ ماڭدىم . ساھىبخانىلار خېلى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغاندەك تۇراتتى ، گىلەملەر بىلەن چىرايلىق بىزەلگەن چوڭ ساراي ئۆيگە باشلاندۇق . ھەممەيلەن ناھايتى خۇشال ئىدى ، مەنمۇ ئۆزۈمنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشتىم . كۈلكە - چاقچاقلار ئىچىدە تاتلىق تۈرۈملەرگە ئېغىز تەگدۇق . - باشقا يېرىڭىزنى دېمىسىمۇ مۇشۇ سۇمبۇل چېچىڭىزغىلا جان تەسەددۇق قىلىشقا ئەرزىيدۇ جۇمۇ ، نېمانچە قۇيۇق ، ئۇزۇن چاچلار بۇ ! يېنىمدا ئولتۇرغان ئاقپىشماق چوكان چېچىمنى ئالقىنىغا ئېلىپ ، سىيلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى . - شۇنى دەڭە ، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە بۇنداق ئەركىن ، ساغلام ئۆسكەنگۈزەل چاچنى كۈندۈزى چىراغ يېقىپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ . خوتۇن - قىزلارغا نېمە بولدىكىن ، بىر ئوبدان چاچلىرىنى كىسىپ ، ئەركەك شىرنىڭ بېشىدەك ھۈرپەيتىۋېلىشقان . چوكاننىڭ قارشىسىدا ئولتۇرغان ئەر ئۇنىڭغا گەپ قاتتى . - چاچ دېگەن ئايال كىشىنىڭ يارىشىقى ، سۆلىتى ، شۇڭىمۇ « ئۆزى بىر قىز ،چېچى بىر قىز » دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ ، « ئالدىڭدىن قاراپ قاشىڭغا كۆيدۈم ، كەينىڭدىن قاراپ ساچىڭغا كۆيدۈم » دېگەن ناخشىلارمۇ بىكار ئېيتىلمىغان – دە ! سورۇن ئەھلىنىڭ چېچىم ھەققىدىكى تەرىپلىرى مېنى خوش قىلماقتا يوق ، ئەكىسچە ، يۈرىكىمدە ۋەھىمە پەيدا قىلماقتا ئىدى . ئېرىمنىڭ ھېلىلا قارا يامغۇر ياغىدىغاندەك تۇتۇلۇپ كېتىۋاتقان چىرايىغا قاراپ ئەندىكىشكە باشلىدىم . بۇ ئادەملەرگە باشقا گەپ تىپىلمىغاندەك نېمىشقا مېنىڭ چېچىم بىلەنلا قالىدىغاندۇ ؟ - ۋاقىتسىز كېتىپ قالغان ھېلىقى رەھمەتلىكمۇ چېچىغىلا كۆيگەن بولسا كېرەك بۇ قىزنىڭ . يېنىدىكى ھەمراھىنىڭ ئىتتىك نوقۇشى بىلەن گېپىنى توختىتۋالغان ئايالغا چۆچۈپ قارىدىم . ۋارقىرىشىپ قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قويغاندەك سورۇن ئەھلى جىمىپ كەتتى ، يۈرىكىمدىن ئىتىلىپ چىققان پىغان بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالدى ، چاناقلىرىمدىن تېشىپ كىتىشكە ئاران تۇرغان ئاچچىق ياشلىرىمنى كۈچ بىلەن ئىچىمگە سىڭىرۋەتتىم .... ئۇ ئايال تۇيالماستىن شۇنداق دېدىمۇ ياكى ئەتەيمۇ بىلمىدىم ، بىركىمنىڭ يۈرەك يارىسىنى تاتىلاشتىن خۇشاللىق تاپىدىغان ئادەملەر يوق ئەمەسىقۇ بۇ دۇنيادا ! ئىچىمنى سىقىۋاتقان بۇ ئۆيدىن ئىتتىك چىقىپ كەتكۈم بولسىمۇ ، ئۆزۈمنى بېسىۋىلىپ ئورنۇمدىن مىدىرلىمىدىم . ئايال ساھىبخان چاققانلىق بىلەن گەپنى يۆتكىۋەتتى : - ئېزىز مېھمانلار ، ئۇنداق قىلماي مىنىڭ جاپا تارتىپ ئەتكەن تامىقىمنىمۇ ماختاپ قويۇڭلار ، مانا پولۇمۇ تازا ئوبدان دەم يىدى . - چاققان ئەكىرمەمسەن پولۇيۇڭنى ! - خۇدايىم بۇيرۇسا مانا ھازىرلا . تاماقتىن كىيىن ئاياللار ئايرىم ئۆيگە جايلاشتۇق . ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى ، مەن پاراڭغا ئارىلاشمىدىم ، يۈرىكىم ئەنسىز سېلىپ تۇراتتى . - خانىم ، ئېرىڭىز كېتىمەن دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ ، شۇنچە تۇتساقمۇ ئۇنىماي قويدى . ساھىبخان ئايال قۇلىقىمغا بوشقىنە پىچىرلىدى ، ئورنۇمدىن تۇردۇم ، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئاياللارغا « سىرتقا چىقىپ كىرەي » دەپ قۇيۇپ ئىشىكتىن چىقتىم . كېتىۋاتىمىز ، ئۇ گەپ قىلمىغانسېرى پۇتلىرىم پۈكۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك ، بەدىنىمدىن ماغدۇر قېچىۋاتقاندەك ئارامسىزلانماقتىمەن . بۇ قورقۇنۇچمۇ ؟ قورقىۋاتامدىمەن ؟ قايسى خاتالىقىم ، قايسى گۇناھىمغا قورقىمەن ؟ ئۆيگە كەلدۇق ، ئۇ ئۇزۇن يىللىق قان – قىساسى بار ئادەمدەك ئىشىكنى قاتتىق تەپتى ، چوڭ بىر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بۇلىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى . ئۆزۈمنى سالماق تۇتۇشقا تىرىشىپ ، ئوچاققا ئېڭىشتىم . - سوغۇققا ئۆلۈپ قالمايسەن ، ئۆتە ماياققا ! كۆزۈمگە قارا ، كۆزۈمگە قارا دەيمەن ! يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى ئىتتىكلەپ نەپىسىم قىسىلغاندەك بولدى . - مەن تامغا گەپ قىلۋاتمايمەن ، سەن بەزگە گەپ قىلۋاتىمەن ! كۆزۈمگە قارا دەيمەن ، دەلدۈش ! ئاڭلىمايۋاتامسەن ؟ بېشىمنى تىك كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئوبدانلا قىزارغان كۆزلىرىگە دادىل قارىدىم ، نېمىشقا قارىمۇغۇدەكمەن ؟! - ئەجەپ قارايسەنغۇ ؟ ئەجەپ ئەيمەنمەي قارايسەنغۇ دەيمەن ؟ كىرپىكىمنى قېقىپمۇ قويماستىن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم : - نېمىشقا قارىمۇغۇدەكمەن ؟ بىر كىمگە قارىيالمىغۇدەك گۇناھىم بولمىسا - يە ؟ - ۋۇي ، تىلىڭ ئەجەپ ئۇزىراپ قاپتا ؟ كىمگە گەپ قىلۋاتقىنىڭنى بىلىۋاتامسەن ؟ - كىم گەپ قىلىشقا مەجبورلىغان بولسا شۇنىڭغا ! يۈرىكىمنىڭ ئەنسىز دۈپۈلدىشىمۇ ، پۇت – قۇلۇمدىكى تىترەكمۇ بىسىقىپ قالغاندەك ،بەدىنىمگە ماغدۇر كىرىۋاتقاندەك ئىدى ... - قۇشقاچ تىلىڭ چىقىپ قاپتىغۇ سەن دەلدۈشنىڭ ! - مەن دەلدۈش ئەمەس ، ئاتا – ئانام ناھايتى كۆڭۈل قويۇپ ، ئەزىزلەپ ، پاكىز باققاچقا ئەقلى – ھۇشۇم جايىدا ، ساق ،بىجىرىم ! - ۋاي – ۋۇي ،شۇنداقمۇ تىخى ؟ كۆڭلۈڭمۇ ساق ، بىجىرىم بولسا ، نېمىشقا ھەممىلا ئادەم سەن بىلەنلا قالىدۇ ؟ قاش – كۆزۈڭنى ئوينىتىپ ، خۇلق چىقارمىساڭ ئۇلار سەن بىلەنلا قالامتى ؟ خۇدايىم بوي – بەستىنى ئايىماي بەرگەن بىلەن ، ئەركەكلىكنى بېرىشتە بېخىللىق قىلغان بۇ ئەر بىلەن تاكالىشىشقا رايىم بارمىدى ، « چىرايلىق ياسان ، چېچىڭنى قويۇۋەت » دېگەندىلا بىر شۇملۇقنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆڭلۈمنىڭ تۇيغانلىقى سەۋەبسىز ئەمەسكەندە ! - ھە ، زۇۋانىڭ ئۆچۈپ قالدىغۇ ئەمدى ؟! بايا شىىلتىڭ ئېتىپ كېتىۋىدىڭ ، « تازنى تاز دېسە ئۆلگۈسى كىلەر » دەپ تىتاڭ تۇمۇرۇڭغا تېگىپ كەتتىممۇ نېمە ؟! جىمىپ قالدىڭغۇ ، سەكرىمەمسەن دەيمەن ! يەلكەمدە يېيىلىپ تۇرغان چېچىمنى تېزلىكتە تۈرمەكلەپ ياغلىقىمنى چىگدىم . ئىچكىرىكى ئۆيگە مېڭىشىمغا ئۇ ياغلىقىمنى تارتىپ ئېلىۋىتىپ ، چىچىمنى قاماللاپ تۇرۇپ قاتتىق تارتتى . - ئەرلەرگە كۆز –كۆز قىلىدىغان مۇشۇ دەسمايەڭدىن باشقا نېمەڭ بار سېنىڭ ؟ ئوتقا تۇتۇپ كۆيدۈرۋەتسەمغۇ شىلتىڭ ئاتالماي ، شۈمشىيىپ ئولتۇراسەن ! ئۇنىڭ ئامبۇردەك قوللىرى بىلەن تارتىشىدىن بېشىم گويا چاچلىرىم ھېلىلا ئاجراپ كىتىدىغاندەك قاتتىق ئاغرىدى . - ئېيتە ، ھېلىقى ئۆلۈمتۈك ئۆلۈپ بېرىپ يۇقالمىغان بولسا شۇنىڭغا تېگەتتىڭغۇ - ھە ؟ ئېيت دەيمەن ! توغرا دەيسەن ، بادام دوپپىسى بۇغداي ئۆي چىرايىغا خويمۇ يارىشىدىغان ئاشۇ يىگىت ، « سىز قات – قېتىدىن پاكلىك تۆكۈلۈپ تۇرغان مۇشۇ قىزىل ئەتىرگۈلگە ئوخشايسىز ، سىز مېنىڭ سۇلماس گۈلۈم ... » دېگەن ئاشۇ يىگىت ھايات بولسا ، مەن قىزلىق غۇرۇرۇمنى ، ئادەملىك ئىززەت - ھۆرمىتىمنى پايخان قىلغان سەندەك بەتخۇي ئەرگە تېگىپ قالاتتىممۇ ؟ ئۇ بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان چوغدەك قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى ماڭا سۇنغاندا دۇنيا خۇددى شۇ گۈلدەك گۈزەللىشىپ كەتكەن ئەمەسمىدى ؟ مېنىڭ كۈلكەم ، مېنىىڭ خۇشاللىقىم ، ھاياتتىن تالاي ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغان ، ياشلىقنىڭ جەلىپكار ، ھوسۇللۇق بېغىدىن تالاي نېمەتلەرنى كۈتىدىغان يۈرىكىم مىھرىگە ، سۆيگۈگە ، پەرۋىشكە تەشنا يۈرىكىم ئىززەتىنى ، ھۆرمەتنى بىلمەيدىغان سەندەك ئەر بىلەن پۇچۇلىنارمىدى ؟ ئەلەمدىن ، خورلۇقتىن ،ھاقارەتتىن قاتتىق مۇجۇلغان يۈرىكىم بىلەن ، ئۆكۈنۈشتىن تىتىرىگەن ۋۇجۇدۇم بىلەن بېشىمنى قاتتىق سىلكىپ ئۇنىڭ قولىدىن بوشىنىپ چىقتىم . كىچىككىنە يۈرىكىمگە پاتمايۋاتقان ئاچچىق ئازاپ بىراقلا پارتلاپ چىقتى : - توغرا دېدىڭ ، ئۇ بىر ئۆمۈر بىللە ياشاشقا ئەرزىگۈدەك ئېسىل يىگىت ئىدى . مەن ئۇنىڭ بىلەنلا ياشىدىم ، روھىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ... قانداق قىلاتتىڭ ؟! سەندەك پۇچەك ئەرگە ئۆزۈمنى خار قىلغۇچە ئۇنىڭ گۆرىگە كىرىپ يېتىۋالسامچۇ ! ئىسىت ، سەندەك نېمىنىمۇ ئەر دەپ يارىتىپتىكەن ، ئەمدى سىنى كۆزۈم كۆرمىسۇن ! ھەرگىز ، ھەرگىز كۆرمىسۇن !!! نازۇك ۋۇجۇدۇمغا نەدىن كەلگەن كۈچكىن ، ئالدىمدا دېۋىدەك تۇرغان بۇ ئەرنى كۈچەپ ئىتتىرىۋىتىپ ، ئۆزۈمنى ئىشىككە ئاتتىم . قاپقارا ئاسماندا نە ئاي ، نە يۇلتۇز كۆرۈنمەيدۇ . سۆڭەكلىرىمنى تېشىپ ئۆتكۈدەك ئاچچىق شامال نە ئارزۇ ، نە ئارمان قالمىغان يۈرىكىمنى مۇزلىتۋەتكەندەك پۈتۈن بەدىنىم تىترىمەكتە !
* * * * * *
... ئوچاقتىكى گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ تەپتىدە ھۈپپىدە ئىسسىپ كەتكەن ئۆيدە ئۇششاق ئۆرۈمە چاچلىق ئوماق بىر قىزچاق بىردە ئاتىسىغا ، بىردە ئاپىسىغا ئەركىلەيتتى . ئاتىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن مېھىر تۈكۈلەتتى ، ئانىنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن مېھىر تۈكۈلەتتى ، گويا مېھىرگە تۇيۇنغان ئۆينىڭ تام – تورۇسلىرىدىنمۇ مېھىر تۆكۈلۋاتقاندەك .... ئوتقاشتەك قىپقىزىل ئەتىرگۈل شۇنچە جۇلالىق ، شۇنچە خۇشپۇراق ئىدى ، قات – قات بەرگىلىرىدىن مېھىر تۆكۈلەتتى ، قات – قات بەرگىلىرىدىن سۆيگۈ تۆكۈلەتتى ... ( ئاپتور تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە )
|