پۇتىن ھىلارىنى كۆزگە ئىلمامدۇ ؟ ما شۈنخەي ئوغلانى تەرجىمىسى
پۇتىن فىرانسىيە تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ،ھىلارى كىلونتوننىڭ پۇتىننى گىتلىرگە ئوخشاتقانلىقى توغۇرسىدىكى ئىنكاسلارغا قانداق قارايدىغانلىقى توغىرسىدا سورالغاندا ، ئۇ جاۋاب بېرىپ :« ئەڭ ياخشىسى ئايال كىشى بىلەن تالاشماسلىق كېرەك » دېدى . ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :« بەزى كىشىلەر چىگرىدىن بەك ھالقىپ كەتسە ، بۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك ئەمەس بەلكى ئاجىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ .» پۇتىن يەنە بۇئىشتىن ئۆچ ئېلىش ياكى ئالماسلىق توغۇرسىدا سورالغاندا ، كۈلۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتكەن . پۇتىننى بىلدۈرشىچە ، ئۇلار ھامان بىر كۈنى بىرلىكتە ئاقكۆڭۈل چاقچاق قىلىدۇ ، «مەن مۇنداق چېكىدىن ئاشقان باھانى ئاڭلىدىم ، بۇ سۆزلەرنى قىلغان كىشىنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈملۈك كۆز قارىشى يوق. » پۇتىننىڭ جاۋابلىرى كۆرگەنسىرى قىزىقارلىق بولۇپ ، ھەتتا بىلىپ بىلمەي كۈلۈپ تاشلىدى . پۇتىننىڭ سۆزى نىمىنى بىلدۈرىدۇ ؟ بىرىنجى ، ھېلارى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرىۋەتكەن ، ھەمدە گېپىگە دىققەت قىلمىغان . ھىلارىنىڭ پۇتىننى گىتلىرغا ئوخشىتىشى پۇتىننى غەزەپلەندۈرەلمىگەن . پۇتىن چوڭ دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭىغا خاس ئېغىر بېسىقلىقىنى ساقلاپ قالدى ، ئۇ گىتلىرنىڭ روسىيەخەلقىگە ،ئەتراپىدىكى مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ خەلقىىگە نىمىدىن دىرەك بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىدۇ . ئېنىقكى، پۇتىننىڭ «ئايال كىشى بىلەن تالاشماسلىقى» ،ھىلارىنىڭ باھاسىغا قوشۇلغانلىقى ئەمەس ، بەلكى تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا قارشى تۇرغانلىقى . پۇتىن ئايال كىشىنى كۆزئىلمايدۇ ئەمەس ، پەقەت ھىلارىنى سىياسى ئەرباب قاتارىدا كۆرمەي ، بەلكى ئادەتتىكى بىر ئايال كىشى قاتارىدا بىلگەنلىكى ،«سەن بىلەن مەن بىر دەرىجىدە ئەمەس » دىگىنى ، شۇڭلاشقا ئۇ تالاشمايدۇ . ئىككىنجى ،مەن دەل شۇ كۈچلۈك ئادەم ، مېنى ئاۋارە قىلما . پۇتىننىڭ بۇ كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىق توغىرسىدىكى ئۇقۇمىدا ئۇنىڭ سالاپىتى بار . ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ يۈرگەنلىك،ئەمەليەتتە تېگىدىن ئېيتقاندا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدىن قورقۇشتىن ئىبارەت ،بەلكىم ئۆزىنىڭ موھىم ئورۇندا ئەمەسلىكى ، كەمسىتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ھەممىلا يەردە قالايمىقان سۆزلىگەن بولۇشى مومكىن . پۇتىن دېدى ، بۇ مېنىڭ يېرىم ، قولىڭىزنى بەك سوزۇپ كەتمەڭ ، بۇ يەردە مېنىڭ دىگىنىم ھېساب . قېرىمنىڭ مەسىلىسىدە ،نەتىجىسى چىقىپ بولدى . ئامېرىكىلىقلار دۇنيا ساقچىسى بولۇپ ، يىتىشىپ بولالمىدى ، ئاخىرى ئادەم ،پۇل ، مال جەھەتتىن سۆرىلىپ يۇمشاپ قالدى . ئۈچىنجى ، چېكىدىن ئاشقان باھانى بەرگەنلىكنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ . «ھېچقانداق ئۈنۈملۈك كۆز قارىشى يوق » بۇ گەپنى ئوچۇقراق قىلىپ تەرجىمە قىلساق «قۇرۇق گەپ»دىگەنلىك بولمامدۇ ؟ گىتلىر تارىخنىڭ نۇمۇسلۇق تۈرىكىگە مىخلاندى . سىزنىڭ ئادەتتىكى گىرمانىيە پۇقراسى بىلەن گىتلىر توغۇرلۇق پاراڭلاشقىنىڭىز ئەدەپسىزلىك ،قوپاللىق بولىدۇ . سىز گىتلىر تاجاۋۇز قىلغان دۆلەتنىڭ رەھبىرىنى گىتلىرغائوخشاتسىڭىز ،بۇ سىزنىڭ بىلىمسىزلىكىڭىز بولماي نىمە ؟ ھىلارى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن ، ھەمىشە كىشىنى چۆچۈتىدىغان سۆزلەرنى قىلىدىغان بولۇۋالدى ، يەنى جۇڭگۇ ئامېرىكىنىڭ مۇناسىتىدىمۇ قارارسىز ھالدا قالايمىقان سۆزلىدى . قارىغاندا ، ھىلارى پەقەت كىلىنتوننىڭ ئەيىبلەنگەن ئىشىدا ئېغىر- بېسىق بولدى ، لېكىن قالغان ئىشلاردا تولىمۇ تۇراقسىز كەيپىيات بىلەن سۆز قىلدى . پۇتىنىڭ جاۋابى جايىدا بولدى . باغداشقا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
|