نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى مۇشۇمۇ ؟ ئىبرەت
نوزۇگۇم ھەممىگە تونۇشلۇق سىما. ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى غۇلجا ناھىيە ئارا ئۆستەڭ يېزا بۇلاقبېشى مەھەللە ئەتراپىدا نوزۇگۇمنىڭ گۈمبىزى بار دېگەندەك مىش-مىش گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرەتتۇق. يېقىندا بۇ گەپ رېئاللىققا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ.
بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇقۇمۇشلۇق ئاكا-ئىنىلەر بىلەن ئارا ئۆستەڭ يېزا بۇلاقبېشى كەنتىگە چىقىپ، نوزۇگۇمنىڭ گۈمبىزى دەپ ئاتالغان گۈمبەزنى تېپىپ، يېرىم كۈن شۇ يەردە زىيارەتتە بولدۇق. ئەتراپنى گۈزەل بىر قۇمۇشلۇق ئوراپ تۇرۇپتۇ. نوزۇگۇمنىڭ گۈمبىزى ئەنە شۇ قۇمۇشلۇقلار ئارىسىدىكى كىچىككىنە چىغىرتماقلىق دۆڭدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. گۈمبەز ئەنئەنىۋى مىمارچىلىقىمىز بىلەن كۆك خىش-خام كېسەك، ياغاچ چاچاپ قىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، يېرىمىغىچە كۆمۈلۈپ قالغان ئىشىكىدىن كىرگىنىمىزدە، گۈمبەز ئىچىدە ئايال زاتىغا خاس ئۇسلۇبتا ياسالغان بىر قەبرە قىزىل رەخت ۋە گۈللەر بىلەن چۈمكىلىپ تۇرۇپتۇ. گۈمبەز ئەتراپىغا يۆلەپ قويۇلغان كۆك خىش، ئىشىك، پەنجىرىلەرنىڭ ياسىلىشىدىن قارىغاندا بۇ گۈمبەز ناھايىتى كامىل ھۈنەرۋەنلەرنىڭ قولىدىن چىققانلىقى ئېنىق.
بىز زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتايلى دەپ تۇرغىنىمىزدا، مۇشۇ گۈمبەزنى ئوراپ تۇرغان بېلىق كۆلىنى باشقۇرىدىغان بىر پىشقەدەم تاغىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. بىز پاراڭنى باشلىشىمىز بىلەن بۇ تاغىمىز:
___ بۇ نوزۇگۇمنىڭ قەبرىسى، باشقا گەپ يوق، مەن بۇ قەبرىنىڭ گەپلىرىنى بوۋامدىن ئاڭلىغان، بوۋاملار بوۋىسىدىن ئاڭلاپتىكەن، مەن بۇ يىل 68 ياشقا ئۇلاشتىم. بۇ تۆڭگۈرەكتە نەچچە ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئەجدادنىڭ ئەۋلادىمەن. مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە "نوزۇگۇم" دېگەن گەپتىن باشقا گەپ ئاڭلىمىدىم. ئىچىگە كىرىپ كۆرۈپ باققانسىلەر، تامدا، دەپتەرلەردە "نوزۇگۇم" دېگەن خەتلەر جىق يېزىقلىق. يېنىدا مەسچىت بار ئىدى، كۆك خىش بىلەن كارامەت ياسالغان گۈمبەز ئىدى بۇ... مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ماي زاۋۇت قۇرىمىز ماتېرىيال يوق مۇشۇ گۈمبەزگە كۈچى يەتتى، بۇزۇپ ئېلىپ كەتتى. بۇ نوزۇگۇمنىڭ گۈمبىزى بىلەن مەسچىتنى بۇزغان ساراڭ بولۇپ قالدى، ھازىر مۇشۇ گۈمبەزگە قاراۋاتىدۇ، ___ دېدى.
ھەممىمىزنىڭ قەلبى سۈكۈناتقا چۆمگەندەك قىلاتتى. بايام گۈمبەز ئىچىگە كىرگەن ئىدۇق، راست دېگەندەك بىر يالتىراق خالتىدا كونا بىر دەپتەر قاتلاقلىق تۇراتتى، ئىچىدە 15 سوم پۇلمۇ بار ئىدى. شۇ دەپتەرنى ۋاراقلاپ كۆرسەك، زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نوزۇگۇم ھەققىدە سۆز قالدۇرغانىكەن.
ھاياتنىڭ ئاجايىپ دەقىقىلىرىنى قۇمۇشلۇقلاردا مۆكۈپ يۈرۈپ ئەنسىزلىك ئىچىدە ئېچىنىشلىق ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر قىزى نوزۇگۇمنىڭ مەقبەرىسى بۈگۈنكى گۈللەنگەن دەۋردە يەنە بىر قۇمۇشلۇقتا. ئۇنىڭ ئۆلمەس سىماسىنىڭ ۋە مەقبەرىسىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشى ئادەمنى مۇڭلۇق ئويغا سالاتتى.
بۇ تېپىشماقلارنى تاپقۇسى بارلار بىر-بىرلەپ بېرىپ كۆرسە، بۇلاقبېشى كەنتى گۈزەل بىر ساياھەت رايونىغا ئايلانغۇسى...
كۆڭۈل تۇيامدۇ نېمە؟!
2014.5 شەھىرى غۇلجا
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:
|