چاۋشەن ياپۇنىيە بىلەن مەخپى سۆھبەتلىشىپ جۇڭگۇدىن يۈز ئۆچۈمەكچىمۇ ؟
چىيۇ لىن
ئوغلانى تەرجىمىسى
ماۋزۇغا قاراپلا ، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىرىنجى ئىنكاسى قاقاقلاپ كۈلۈش بولسا كېرەك : ھەممە نەرسىدە دىگۈدەك جۇڭگۇنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ كىلىۋاتقان چاۋشەن جۇڭگۇنى تاشلىۋەتمەكچىمىش ، جۇڭگۇ ئۇنى تاشلىۋەتمىگىنىگە شۈكرى دىسە بولىدۇ . راسىتىنى دىگەندە ، بۇنداق ئويلاشنىڭمۇ ئاساسى يوق ئەمەس ، نەچچە ئون يىل ئىلگىركى چاۋشەنگە ياردەم بېرىش جېڭىدىن تارتىپ ،چاۋشەننىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەت بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشى ، دۇنيادا قەد كۆتۈرگەن جۇڭگۇنىڭ چاۋشەن بىلەن بېرىش –كىلىشى قاتارلىق جەھەتتىن ئالغاندا ، جۇڭگۇ شەك-شۈبھىسىزلا چاۋشەننىڭ بىردىنبىر يۆلەنچۈكى.
لېكىن ، شەرقى شىمالى ئاسىيانىڭ ۋەزىيتىنىڭ داۋالغۇشى بىلەن ،چاۋشەن ياپۇنىيە مەخپى يىغىن ئۆتكۈزدى، ھەمدە جۇڭگۇ بىلەن چاۋشەننىڭ مۇناسىۋىتى كىچىككىنەھالدا ئۆزگىرىش بولدى ، بۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۆزلەرنى ئىنكار قىلدى .بۇبىر ئېغىز سۆزنى ئىسپاتلىدى : مەڭگۈلۈك دۈشمەن مەۋجۇت ئەمەس ، پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەئەتلا مەۋجۇت . دۈشمەننى دوستقا ئايلاندۇرۇش ، ئۆزى ئۈچۈن ئىشىلتىش چاۋشەن رەھبىرى كىم جوڭئىننىڭ ئويناۋاتقان «ئويۇنى»دەك قىلىدۇ .
بىر كۆرۈنەرلىك مىسال شۇكى ، 29-ماي ،چاۋشەن بىلەن ياپۇنىيە ئوخشاش ۋاقىتتا شىۋىتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكىھولمدا ياپۇنىيە چاۋشەن دىپلۇماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىكلەريىغىنى ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ، چاۋشەن ئەزەلدىن تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن «تۇتقۇن قىلىنغان ياپۇنىيە تۇتقۇنلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش»دىگەن مەيدانىدىن چىكىنىپ ، «ياپۇنيەگە مۇناسىۋەتلىك ھەممەمەسىلىنى ھەل قىلىش» قا ئۆزگەردى ،شۇنداقلا ياپۇنىيە تۇتقۇنلىرى ۋەقەسىنى قايتا تەكشۈرۈشكە ماقۇل بولدى .
گەرچە چاۋشەن ياپون ئارىسىدىكى ئەڭ موھىم مەسىلە ئون نەچچە يىلدىن بېرى بىرتەرەپ قىلىنمىغان تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسى بولسىمۇ ، لېكىن نىمىلا دىمىگەن بىلەن ،ياپون بىلەن چاۋشەننىڭ مۇناسىۋىتىدە بىر كىچىدىلا «مۇزلار ئېرىپ كەتتى » .ئەزەلدىن چوڭ سۆزلەپ كەلگەن « ئەمېرىكا ،ياپۇنىيە ،كورىيە بىلەن چاۋشەننى تەڭشەش سىستىمىسى »نىڭ ئىچىنى سىقىپ قويدى ،جۇڭگۇنى دىمەيلا قويايلى . لېكىن بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ پەرىقى بولسا ، ئامېرىكا بىلەن كورىيە دەرھال نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ بولدى ، لېكىن جۇڭگۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتتى .
ياپۇنىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ باشلىقى گۈەن يىۋېي 1-ئىيۇن مونۇلارنى بىلدۈردى : ياپۇنىيە بىلەن چاۋشەن ئارىسىدىكى ئىتىكلىك دەرۋازا ئاخىرى ئېچىلدى ،«بۇندىن كىيىن تېخىمۇ موھىم ، چوقۇم پۈتۈن كۈچ بىلەن قىلىش كېرەك » . ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : ئەگەر كېرەك بولسا ، دىپلۇماتىيە ۋازارىتى ۋە ساقچى ئىدارىسىدىن تۈزۈلگەن تەكشۈرۈش گورۇپپىسىنى چاۋشەنگە ئەۋەتىمىز . ياپۇنيە ھۆكۈمىتى ئەڭ تېز بولغاندا 6-ئايدا چاۋشەنگە تەكشۈرۈش گورۇپپىسىنى ئەۋەتىپ ،تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى كۈزىتىدۇ ، ئەۋەتكەن ئەزالار چاۋشەندە تۇرىدۇ ، پىيوڭياڭدا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى قۇرۇشنىمۇ ئويلىشىۋاتىمىز .
ئەگەر ئۆتكەن ۋاقىتلاردا بولسا ئىدى ، بۇ مومكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە يۈز بەردى .چاۋشەن بىلەن ياپۇنيە ئوتتۇرىسىدا مەلۇم يوۇشۇرۇن كىلىشىم ھاسىل قىلىشىنىمۇ بىرنىمە دىمەك تەس بولۇپ قالدى . چاۋشەنلىكلەرنىڭ تەبئىتى ۋە ئادىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ھازىر ۋە بۇندىن كېيىن ، چاۋشەن ياپۇنيەنىڭ جۇڭگۇغا قارشى تۇرىدىغان جىددىي ئاۋانگارتى بولۇشنىمۇ مومكىن ئەمەس دىگىلى بولمايدۇ . ۋىتناممۇ بىر پاكىتلىق مىسال . ئەگەربۇ راست بولۇپ قالسا ، ئاللىبۇرۇن ئاددىي ھالدا «دوستلۇق» بولماي قالىدۇ ، قاراشقاجۇڭگۇنى ئاللىبۇرۇن«دۈشمەن تەرەپ» دەپ قاراپ بولغان بولىدۇ .
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ،ياپۇنىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزۇ تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ، جۇڭگۇ بىلەن كورىيەنىڭ قاتتىق قارمۇ - قارشى ھالەتتە تۇردى دەپ ھىس قىلىپ ، ئاسىيانىڭ دىپلۇماتىيسىنىڭ يۈرگۈزۈلىشىنى تەس دەپ قارىغان ، شۇڭلاشقا چاۋشەن بىلەن دائىرىنى ئېچىشنى قارار قىلغان بولۇشى مومكىن. بىر يىلدىن بۇيان ، ئابى شىنزۇ ھۆكۈمىتى چاۋشەننىڭ يادرو تەجىربىسىگە قەستەن ھالدا تۆۋەنچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان، ئەمەليەتتە مەقسەتلىك ھالدا چاۋشەننى يادرو تەجىربىسىگە قۇتراتقان ، چۈنكى چاۋشەن يادرو سىنىقى قىلغاندا ئۆزىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىدۇ ، جۇڭگۇنىمۇ قېيىن ئەھۋالغا قىستايدۇ .
شۇڭلاشقا ، چاۋشەن بىلەن ياپۇنىيە تۇيۇقسىز«مۇھەببەتلەشكەن » . زېرىكىشلىك ، چۈشكۈن بولۇپ قالىدىغىنى بولسا جۇڭگۇ بولۇپ قېلىشى مومكىن . گەرچە ياپۇنىيە بىلەن چاۋشەننىڭ مەخپى سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى چەكلىك بولسىمۇ، چاۋشەن بىلەن ياپۇنىيەنىڭ يېقىنلىشىشى جۇڭگۇ رەھبەرلىكىدىكى «ئالتە تەرەپ سۆھبەت يىغىنى » نى قېيىن قىستاققا قويىدۇ . بۇ تەبئىيكى چاۋشەننىڭ غەلبىسىدۇر .
گەرچە جۇڭگۇدىكى بىر قىسىم ئۆلىمالار توختىماي جۇڭگۇنىڭ چاۋشەنگە قاراتقان سىياسىتى مەغلۇپ بولمىدى ،ئاساسىي جەھەتتىن غەلبە قىلدى دەپ تۇرسىمۇ ،لېكىن رەستىدە ئاللىبۇرۇن گۇمان چىقىپ بولدى « ئەگەرجۇڭگۇ ئۆتكەن نەچچە يىلدا چاۋشەنگە يىتەرلىك بېسىم بەرمىگەن بولسا ، چاۋشەن يادىرو مەسىلىسىدە بۈگۈنكىدەك ئۇزاق يولنى ماڭالامتى ؟
جۇڭگۇ چاۋشەننى دوست دەپ قارايدۇ ، لېكىن چاۋشەن جۇڭگۇنى دوست دەپ قارامدۇ بۇنى بىرنىمە دىمەك تەس . «چاۋشەننى يادرودىن ۋاز كەچتۈرۈش ۋە چاۋشەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش »مەسىلىسىدە ،جۇڭگۇ كەسكىن پوزىتسىيدە بولمىسا ،چاۋشەن ھەرگىز يادرودىن ۋاز كەچمەيدۇ .ئەمەلىي ئەھۋال بولسا ،چاۋشەن توختىماي جۇڭگۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى ،يادرو سىنىقىدىن تارتىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشكىچە ، جۇڭگۇنىڭ گېپى ئېنىقلا كۈچىنى كۆرسىتەلمىدى .
چاۋشەن بىلەن ياپۇنىيەنىڭ مەخپى سۆھبىتىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈنلا دىگەندىن كۆرە ، چاۋشەن جۇڭگۇنى ئۆزىنىڭ تايانچىسى كۆرمەي ، يۈك قاتارىدا كۆرۈپ تاشلىۋەتتى دىگەن تۈزۈك . باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، چاۋشەن ھەقىقىي ئىھتىيات قىلىدىغىنى بولسا جۇڭگۇ ، ئۇلار جۇڭگۇنىڭ نەسىھىتى ۋە ئاگاھلاندۇرىشىغا كۆڭلىدە نارازى . ئۇلار يادرو سىنىقى قىلىش،باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ، ياپۇنىيە بىلەن، ئامېرىكا بىلەن مەخپى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەركەتلىرى ئارقىلىق جۇڭگۇغا شۇنى بىلدۈرمەكچىكى: چاۋشەن تەرەپ «ئالتە تەرەپ سۆھبىتى »گەئەمدى قىزىقمايدۇ ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇشتۇمتۇت كاللىغا كىلىپ قالغان ھەققانىيەتچىل قىلىق ئەمەس .