قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2391|ئىنكاس: 7

ئادەمنى بۈيۈكلۈككە يېتەكلەيدىغان 20 خىل مەۋھۇم كۈچ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

840

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29041
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 00:40:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئادەمنى بۈيۈكلۈككە يېتەكلەيدىغان

20 خىل مەۋھۇم كۈچ



      مەۋھۇم كۈچ يەنە « يۇمشاق كۈچ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «قاتتىق دېتال» دەپ ئاتىلىدىغان ئوبيېكتىپ كۈچنىڭ رولى ئادەتتە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. لېكىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى يەنىلا مەۋھۇم كۈچتۇ. بۇ خىل كۈچ ئادەم ئىشەنچ بېغشلايدۇ.
قېنى، تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ ئۆزۈڭنىڭ زادى قانداق مەۋھۇم كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىڭگە ھۆكۈم قلىپ باق:

بىرىنچى، ھەرىكاتچانلىق:
ھەرىكەت بولمىسا نەتىجىمۇ بولمايدۇ. ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇلمىغان پىلان ۋە پۇرسەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. ھەرىكەتچان ئادەم ئۆزىنى ھەرىكەتكە ۋە مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ئېتىپ تۇرىدۇ؛ ھەتتا يوچۇن ۋە قىيىن مەسىللەر ئالدىدىمۇ تۈگۈلىۋالمايدۇ.

ئىككىنىچى، نىشان:
نىشانىڭ ئېنىق بولسا، ئاشۇ نىشانىڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زارىقىسەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋۇجۇدۇڭدىكى يالقۇن سېنى يېڭى-يېڭى خىرىسلارغا ئۆزۈڭنى ئېتىپ يېڭى-يېڭى مۇۋاپىقىيەتلەرنى قازىنىشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ.

ئۈچۈنچى، ئالدىن كۆرەرلىك:
دۇنيادا ئاتالمىش «ھازىرى ھالەت» دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئىلگىرىلىگىلى بولمىسا چېكىنىدىغان گەپ. چۈنكى بىزگە كېرىكى، تەلپۈنۈش ۋە كېلەچەك. ئالىدىن كۆرەر ئادەم، ئەتىنىڭ مەنزىرسىنى بۈگۈن كۆرەلەيدۇ.

تۆتىنچى، ئانالىز كۈچى:
ئانالىز كۈچى: ئادەمنىڭ كۈندە دېگۈدەك تاللشى ۋە ھۆكۈم قىلىشغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى مەسىلە كۆرۈلگەنىكەن ئۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭ باشقا مىلىلەر بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشى ۋە ئۆز ئارا تەسىرىنى تەھلىل قلىپ، ئۇنىڭ نېگىزلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقىدىغان گەپ.

بەشىنچى، پىلانچانلىق:
پەقەت كۆڭلىڭدە ئېدىتلىق پىلان تۇرغۇزالىغان ئادەم مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە كۈچلۈك خىرسىلار ئالدىدا، ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ماھىرلىق بىلەن جانلىق ئىش كۆرۈپ، مەسلىنى ئاسان ھەل قىلىشنىڭ ئامىلىنى تېپىش ئارقىلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك لاھىينى تۈزۈپ يولغا قويالايدۇ.

ئالتىنچى، تەسەۋۋۇر:
تەسەۋۋۇر- كىشلىك ھاياتنىڭ گۈلىستانى، پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقى. تەسەۋۋۇرغا باي ئادەم –چارە تەدبىر ۋە مەسلىھەت«ئىشلەپچىقىرىش» نىڭ بازىسى؛ يېڭىلىق يارىتىش قۇشۇنىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن. بۇ خىل كىشىلەردە ھاياجانلىق ھېس-تۇيغۇ ھالقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلارنى بىۋاستە سەزگۈ ۋە جاسارىتىگە تايىنىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كونكىرېت ۋە پۇختا بولىدۇ.

يەتتنچى، ماسلىشىشچانلىق:
تۇيۇقسىز تەلەپ ۋە تاساددىپىي ئوڭۇشىسىزلىقلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. بۇنداق چاغلاردا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك كىشىلەر ھۇدۇقۇپ، تەمتىرەپ كەتمەي، ئۇنىڭغا لايىقىدائىنكاس قايتۇرالايدۇ.

سەككىزىنچى، سىردىشىشچانلىق:
ئادەتتە مەززىسىز تۇيلىدىغان بىرەر ئۇقۇمنى جانلىق بايان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەلەمسەن؟ ئادەتتكىچە بىر ھېكايىنى ناھايىتى قىزىقارلىق سۆزلەش ئارقىلىق ئاڭلىغۇچىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرالامسەن؟ دېگەنلىرىڭنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلارنى ئوبرازلىق تىلىڭ ئارقىلىق تەسىرلەندۈرەلەمسەن؟ سىردىشىشقا ماھىر كىشىلەر شۇنداق قىلالايدۇ.

توققۇزۇنچى، كىشلىك ئالاقە ئىقتىدارى:
ئالاقىگە ماھىر كىشىلەر باردى-كەلدىدە، قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنش مەقسىتىدە باشقىلارغا تەبئىي ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئىشىنىدۇ. بەزىدە باشقىلار بىلەن بەكىرەك يېقىن بولۇپ كەتكەندە ئويلىمىغان خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ كېلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ خىل خەۋپ-خەتەرگە دادىل يۈزلىنەلەيدۇ.

ئونىنچى، رىقابەت كۈچى:
رىقابەتچانلىق كىشلەر ئادەتتە خوجايىن بولۇش ئىستىكى بىلەن باشقىلارغا ئۆزىنى سېلىشتۇرىدۇ؛ رىقابەتتىن روھىي مەدەت تاپىدۇ. رىقابەتكە چۈشكەن ھامان تىرشىپ-تىرمىشىپ ئۇتۇپ چىقىدۇ. ئادەتتىكى ئىشلاردىمۇ ھەم شۇنداق.

ئون بىرىنچى، ھېرىسمەنلىك:
بۇ خىل كىشىلەرنىڭ خىسلىتى ئادەتتە تاشقىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار نىشاننى توغرا بېكىتىشكە ناھايتى ماھىر بولۇپ، ھەمىشە ئىشنى بېكىتۋالغان نىشاننىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرىدىن باشلىيالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ ۋاقىت ۋە زېھىنىنى ئىسراپ قىلىمايدۇ.

ئون ئىككىنچى، تەپەككۇر ئىقتىدارى:
تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەر ئادەتتە ھەرگىزمۇ يالغۇسراپ قالمايدۇ؛ يېگانىلىقتىن قورۇقمايدۇ. ئۇلار تەپەككۇر قىلىشتىن شادلىق تاپىدىغان بولغاچقا، ھەتتا شاۋقۇن-سۆرەنلىك سورۇنلاردىمۇ دىققىتنى ئۆزى ئويلىنىۋاتقان نوقتىغا يىغالايدۇ.

ئون ئۈچۈنچى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى:
ئۆگىنىشكە ئامراقمۇسەن؟ ئۆگىنىشكە ئامراق كىشلەر ئادەتتە ئىلىم ئىگىلەشكە تەبىئيىلار ئىنتىلىپ تۇرىدۇ؛ ئۆگەنگەن مەزمۇنلار بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ھاياجانغا سالسا، ئۆگىنىش جەريانى ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرەلەيدۇ.

ئون تۆتىنچى، ئىستراتېگىيە:
ئۆزۈڭدىن ھەردائىم « ناۋادا نېرى-بېرى ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالسا قانداق بولار؟» دەپ سوراپ تۇرامسەن؟ بۇ دەل مەسىلىلەرنى ئىستراتېگىيە نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغانلارنىڭ ئادىتى. بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە خىلمۇ خىل ئاقىۋەتلەرنى پەرەز قىلىپ باقىدۇ؛ تۈرلۈك مۇساپىلەرنىڭ يۆنلىشىنى ئېنىق پەرىق ئېتىپ، ئۇنىڭغا توختاۋسىز ئىكاس قايتۇرۇش ۋە شۇ ئاساستا يېڭى-يېڭى پىلانلارنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئاخىر ئەڭ پايدىلىق لاھىيىنى تۈزۈپ چىقالايدۇ.

ئون بەشىنچى، ئېتقاد:
ئېتقاد- قىممىتىنىڭ يادروسى. ئۇ ساڭا كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەھمىيتىنى تونۇتۇپ، ھەرىكىتىڭگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۆزۈڭدىكى ھەرقانداق كۈچ-قۇدرەت كارغا كەلمەي قالغان چاغلاردا، سەندىكى ئېتقاد غايەت زور كۈچ-قۇدرەت سۈپتىدە ساڭا ھىمات بولالايدۇ.

ئون ئالىتنچى، تەلەپچانلىق:
تەلەپچان كىشلەر ئادەتتە ئۆزىنى تىزگىنلەش ۋە تەرتىپ-قائىدىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىششقا ماھىر كېلىدۇ؛ نازۇك ھالقا ۋە ئىنچىكە نوقتىلارغىغچە دىققەت قىلىپ، سەۋەنلىكتىن نەپرەتلىنىدۇ؛ ئۆز نىشانىغا قاراپ ھارماي-تالماي ئىنتىلىدۇ.


ئون يەتتىنچى، ئاكتىپچانلىق:
ئىجادىيەتكە باي، ئاكتىپ كىشىلەر ئادەتتە ئۈمىدۋار، مەرد، قىزغىن، زېھنى ئۆتكۈر كېلىدۇ؛ ئۆزىدىكى ھاياتى كۈچ ئارقلىق ئەتراپىدىكەرنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ؛ ئوڭۇشسىزلىققا يۇلۇققان چاغلاردىمۇ ئىخلاسدىن قايىتمايدۇ.

ئون سەككىزنچى، مەسئۇلىيەتچانلىق:
مەسئۇلىيەتچانلىق- ئىشەنچ ۋە ئىناۋىتىڭنى ياراتقۇچى تۈپكىي ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىندۇ. شۇڭا، چوقۇم لەۋزىڭدە تۇرۇشۇڭ، ۋەدە قىلغىنىڭ مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن ئۇنى چىن كۆڭلۈڭ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشۇڭ لازىم. ناۋادا لەۋزىڭدە تۇرالمىساڭ تاغاردا بىر باھانىلەرنى كۆرسىتپ ئۆزۈڭنى ئاقلىغىنىڭ بىلەن بىكار. شۇڭا ئونى باشقىچە ئامال بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يولىنى تېپىشىڭ زۆرۈر.

ئون توققۇزىنچى، ئۆزىگە ئىشىنىش:
ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەم ئۆزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ھۆكۈمىگە تاغدەك ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. ئۇنداقلار ئۆزنىڭ ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكگە ئىشىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ۋە يېڭى خىرىسلارغا ئۆزىنى ئېتىپ بېقىش ئارقىلىق، ۋەدىسنى ئەمەلدە كۆرسەتمەي قويمايدۇ؛ ئۆزىنىڭ قاراىغا ئىشىنىدىغانلىقى ۋە قانداق قىلىشنى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ تەسىيلىرىگە ئالدىراپ ئىشنىپ كەتمەيدۇ.

يىگىرمىنچى، مۇكەممەللىك:
مۇكەممەل كىشىلەرنىڭ ئىستىلى ئادەتتە مۇنەۋەرلىككە ئىنتىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە ئاجىزلىق ۋەجىدىن مەغلۇپ بولۇپ كېتىشتىن نەپىرەتلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار تەربېيلىنىش ۋە ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
---------
"ئۆزۈڭدىن ھالقى" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4821
توردىكى ۋاقتى: 1404
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 10:51:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا مەنىسى چۇڭقۇر ،ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتدىغان ھېكمەتلەر ئىكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

3551

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 21:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىشان دىگەننى غايە دىگەنگە ئالماشتۇرسا تىخىمۇ ئوبدان بولامدىكىن دەيمەن.نىشان بۇيۇكلۇككە نىسپەتەن ئاددى كەپقالامدىكىن.

0

تېما

0

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28355
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -2
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 22:27:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگە ئىشەنگەن ئادەم ئۆزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ھۆكۈمىگە تاغدەك ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. توغرا  ئادەم دىگەن  ئۇزىگە ئىشەنگەندىلام ھەرقانداق ئىشنى بىر باشقا ئىچقالايدۇ .

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

3407

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1044
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 00:14:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركەتتە بەركەت،  ئادەم غايە ئۇچۈن ھەركەتلا قىلىدىكەن  چوقۇم غايىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.

0

تېما

2

دوست

6934

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   38.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16890
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2098
توردىكى ۋاقتى: 674
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 16:31:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر .....

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 20:00:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتىمۇ توغرا ئېيتىلغان پاساھەتلىك سۆزلەر ئىكەن، ‹‹ئۆزۈڭدىن ھالقى ›› ناملىق بۇ كىتاپ مېنىڭ قولۇمدا بار ئىدى، ئەمما ئۇقۇپ چىققۇدەك ۋاقىت چىقمىغاچقا ئوقۇيالمىغان ئىدىم ، مانا بۇيەردىن مەلۇم بىر قىسىمىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالىدىم.
كۆپتىن كۆپ رەخمەت سىزگە . .  

0

تېما

8

دوست

2285

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 02:54:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم مەزمۇنلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )