قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3451|ئىنكاس: 43

يېزىلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتى زادى قانداق ئورۇن؟!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

8

دوست

5451

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10179
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 544
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-13 21:53:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        بىرقانچە يىللار بۇرۇن بازىرىمىزدىكى «كىنوخانا» نى بۇزۇۋېتىپ، ئورنىغا بىر «مەدەنىيەت پونكىتى» قۇرۇلۇشى قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە مەخسۇس كۈتۈپخانا تەسىس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كىتاب- ماتېرىيال كۆرەلمەسلىك شارائىتىنى تۈپتىن ياخشىلايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەر نېمە بولسا بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ دەپ خۇشال بولغان ئىدىم. چۈنكى، بۇ ئىش پۈتسە، بوش ۋاقىتلىرىمدا بۇ يەرگە كىرىپ ئانچە- مۇنچە ماتېرىيال كۆرەلەيتىم. مەن بۇ «مەدەنىيەت پونكىتى» نىڭ پۈتۈشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم، قۇرۇلۇشمۇ پۈتتى، شۇ ۋاقىتلاردا مەن بازارلىق مەركىزى مەكتەپتە تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتقان بولغاچقا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن پات- پات بۇ يەرگە كىرىپمۇ تۇردۇم، رەڭگارەڭ كىتاب- ژورناللار ئازادە، يېپيېڭى خانىگە ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ماسلاشقاندەك شۇنداق ماسلاشقان بولۇپ، مەزكۇر كۈتۈبخانىنىڭ بىرقىسىم خىزمەتلىرىگە ئۆزۈممۇ ئەينى چاغدا بىۋاسىتە قاتناشقان ئىدىم (ھەممىگە مەلۇمكى، مائارىپ ساھەسىدىكى «ئىككى ئاساسەن» كۆرسەتكۈچىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولغان «چوڭلار مائارىپى» تۈرىدە مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ تۈرلۈك ئارخىپ- ئىشلەكلىرى، سانلىق مەلۇماتلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى). كۆپچىلىككە يەنە مەلۇم بولسا كېرەك، ئون نەچچە يىلدىن بويان يوقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكى، زور مالىيە خىراجىتى، شىتات تولۇقلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردە ئېتىبار قىلىشى، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلارنىڭ ماسلىشىشى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى نەتىجىسىدە رايونىمىز مىقىياسىدا مەكتەپ، ئىدارە- ئورگانلارنىڭ ئىش بېجىرىش، تۇرالغۇ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپلا قالماي يەنە خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى بولغان «مەدەنىيەت پونكىتى» قۇرۇلۇشىمۇ زور دەرىجىدە ئەمەلىيلىشىپ قۇرۇلدى. جۈملىدىن «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر بىر يېزا- بازار مەركىزىدە بىردىن مەدەنىيەت پونكىتى (مەدەنىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇن، كۈتۈپخانا)، ھەر بىر مەمۇرى كەنتتە بىردىن دېھقانلار كۈتۈپخانىسى بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى. ئاددىيسى كۈتۈپخانا قۇرۇلۇشىغا ھۆكۈمىتىمىز نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سېلىپلا قالماي يەنە جەمئىيەتتىن كەڭ كۆلەمدە ئىئانە يىغىلدى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا نەق پۇل بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەشۇ كۈتۈپخانىلارغا قويۇلىدىغان كىتاب- ماتېرىياللارمۇ ئاز بولمىدى.
       ئۇنداقدا ھازىر ئەشۇ مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ ھال- ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ جۈملىدىن كۈتۈپخانىلارنىڭچۇ؟ ئۇلارنىڭ رولى زادى تولۇق، ئەمەلىي جارىي قىلدۇرۇلۇپ، ئاۋام خەلققە ھەقىقىي مەنىۋى ئوزۇق بېرەلىدىمۇ- يوق؟
      مەن بىر ئاددىي پۇقرا، يەنە كېلىپ ئەشۇ مەزگىللەردە مۇشۇ خىزمەتلەرنىڭ بىر قىسىمىغا قاتناشقان بىر كىشى، مۇشۇنداق ياخشى جايدىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىشتىن ھەقىقىي بەھىرلىنەلمىگەن بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەپسۇسلۇق ئىچىدە باش چايقىماي تۇرالمايمەن! تېخى بۈگۈن ئەتىگەنلا مەن مائارىپ سېپىدە دەل مۇشۇ خىزمەتكە مەسئۇل بىرۆيلەن بىلەن بۇ توغرىسىدا ئەھۋاللىشىپ، مۇشۇ ئەھۋالنى دەپ ئۆتكەنمۇ بولدۇم، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىرقانچە يىل مابەينىدىمۇ بۇ ئەھۋالغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا بۈگۈن بۇ يەردە كەڭ مۇنبەرداشلارغا دەردىمنى تۆكۈش ئارقىلىق بۇ ئىشلار ئۈستىدە بەس- مۇنازىرە قوزغاش نىسىپ بولغان ئوخشايدۇ.
       ئۇنداقتا ئەمەلىي ئەھۋال زادى قانداق؟ تۆۋەندە مەن بايقىغان ئەھۋاللارنى كونكرېت قىلىپ ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن:
  1. ئاتالمىش «مەدەنىيەت پونكىتلىرى» بىر قۇرۇق جاھازا خالاس.
        ھازىر شارائىت بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن شۇنچە ياخشىلىنىپ، ئازادە- پاكىزە مۇھىت ئىچىدە كىتابلار رەتلىك تېزىپ قويۇلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر كۆرگەزمە بويۇمىغا قىممىتى يوق ئاسار- ئەتىقىگە ئوخشاپ قالدى. يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇندىن تەكشۈرىدۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان مۇشۇ ئىشقا بەلگىلەنگەن «مەخسۇس خادىم» لار پۇتى كۆيگەن توخۇدەك دىكىلدىشىپ ئىشقا كىرىشىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆمۈچۈك تورى، چاڭ- توزانلار بىلەن قاپلانغان كۈتۈپخانىنى «مەكتەپ بالىلىرى» نى ئېلىپ چىقىپ تازىلاتقۇزىدۇ، سىرتلاردا ئالدىراش كېتىۋاتقان بىرقانچە كىشىنى ھاپىلا- شاپىلا ئەكىرىپ، «زېھىن بىلەن كىتاب- ماتېرىيال كۆرۈۋاتقان» قىلىپ يالغاندىن «سورۇن» ھازىرلايدۇ دە چاراسلىتىپ بىرقانچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالىدۇ؛ ئەشۇ بىرقىسىم «يوقۇرى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى» مۇ بۇ ئىشلارغا كۆنۈكتەكلا، «بىر كۆزىنى قىسىپ» لا ئىشنى تۈگىتىپ قايتىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىشلار ئۆز پېتىچىلا قېلىۋىرىدۇ.
2. كۈتۈپخانىلاردىكى كىتاب- ماتېرىياللارنىڭ تەقدىرى- ؟
        ھازىر يېزا- بازار مەركەزلىرىدىكى مەدەنىيەت ئۆيلىرىدە، كەنتلەردە تەسىس قىلىنغان «ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن كۈتۈپخانا» لارنىڭ قۇرۇلغىنىغا 1998- يىلىنى ھېساب قىلغاندىمۇ ئالاھەزەل 16 يىل، بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن، قېلىپلاشقان، زامانىۋىيلاشقان ۋاقىت بويىچە 2006- يىلىنى ھېساب قىلغاندىمۇ سەككىز يىل بولدى. بۇ جەرياندا ھەر يىلى دېگۈدەك قەرەلسىز ھالدا مەزكۇر كۈتۈپخانىلارغا بايا ئېيتقىنىمىزدەك يوقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە- ھەر كەسىپ كىشىلىرىنىڭ (ھەتتا مەرىپەتپەرۋەر دېھقانلارنىڭ) ئۆز ئىختىيارلىقى، سەمىمىي كۆڭلى سۈپىتىدە ئىئانە قىلغان كىتاب- ماتېرىياللىرى خېلىلا زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ (ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ تەخمىنەن 10 نەچچە پارچە قىممەتلىك كىتاب- ماتېرىياللىرىمنى ئىئانە قىلغان ئىدىم). مىڭ ئەپسۇس! بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر كەنت كۈتۈپخانىسىغا مەسئۇل بىر «خادىم» نىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن دەپ بېرىشىچە، ئۇ شۇ كىتاب- ماتېرىياللاردىن بىر تاغار كىتابنى ئائىلىسىگە ئېلىپ كەتكەن، ئەشۇ ئېلىپ كەتكەن كىتابلارنىڭ يېزىلغان باھاسى بويىچە قىممىتى تەخمىنەن 2000 يۈەنگە يېتىپ قالىدىكەن! (ئەمەلىيەتتە بولسا شۇ «خادىم» شەھەرلەردىكى كىتابخانىنىڭ ئىشىكىنىڭ قايسى تەرەپكە قارايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ). بۇ تېخى بىر قېتىملىقى، يەنە كېلىپ بىر كەنتتىكى «دېھقانلار كۈتۈپخانىسى» نىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى. تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كەنتلەرگە بېرىپ، شۇ «دېھقانلار كۈتۈپخانىسى» نى ئارىلاپ باقتىم، خېلىلا پايدىلىنىش قىممىتى بار ماتېرىياللار بار ئىكەن، بىرقانچە ماتېرىيالنى كېيىن ئارىيەت سوراپ پايدىلىنارمەن دەپ ئويلاپ قايتىپ كېتىپ، كېيىنكى بىر چاغلاردا بارسام قارىسىمۇ يوق، كىتاب- ماتېرىيال تىزىملىكىدىن ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، تىزىملىكتە بار بەزەنلىرىنى بولسا كىتاب جاھازىلىرىدىن تاپالمىدىم. مانا مۇشۇنداق ئىسىل كىتاب ماتېرىياللار ئەنە شۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا بەزىلىرى ئىشخانىلاردىكى ئۈستەللەرنىڭ ئاستىدا دەسسىلىپ- چەيلەنگەن، بەزىلىرى ھەتتا ھاجەتخانىلاردا تازىلىق قەغىزى ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن قويۇپ قويۇلغان (ياكى شۇنداق بىرتەرەپ قىلىنىپ بولغان). مانا بۇ ئاتالمىش «كۈتۈپخانا» لاردىكى ئەشۇ قىممەتلىك، خەلقنىڭ قان- تەرى بەدىلىگە كەلگەن، ھۆكۈمەتنىڭ زور مالىيە كۈچى سەرپ قىلىپ، ئاۋامنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ زور يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سالغان مەبلىغى ئارقىلىق سەپلەنگەن كىتاب- ماتېرىياللارنىڭ تەغدىرى، ئۇنىڭدىن باشقىسى ماڭا نامەلۇم.
       3. يېزا- بازارلاردا بار بولغان مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ رولىدىن قىمارخانا- قاۋاقخانا، رېستۇرانلارنىڭ رولى كۆپ!!!
        بىرقانچە يىللاردىن بېرى تۇرۇپ- تۇرۇپلا قېشىمغا بىرقىسىم ياشلار كىرىپ: «بازىرىمىزغا بىر كىتابخانا ئاچاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، قانداق رەسمىيەت كېتەر، كۆپ پايدىسى بولمىسىمۇ مەيلىدى...» دەپ مەسلىھەت سورايدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋابەن: «سىز كىتابخانا قۇرماي ئەڭ ياخشىسى قاۋاقخانا، رېستۇران، ‹دىبا› قۇرۇسىڭىز شۇنىڭ پايدىسى كۆپرەك» دەپ كىنايە ئارىلاش جاۋاب بەردىم. بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبىنى كۆپچىلىككە دېمىسەممۇ ھېس قىلغانسىلەر ھەقاچان. دەر ھەقىقەت بازىرىمىز (يېزىمىز) دا مۇشۇ قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدە ئۈچ ئورۇندا رېستۇران، ئىككى ئورۇندا «دىبا» (مەن ئەزەلدىن بۇنداق يەرگە كىرىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەرلەرنى ئۆز تىلىمىزدا توغرا ئاتاشقىمۇ بىزار بولغاچقا ئۇدۇللۇق مۇشۇنداق ئاتاۋەردىم، توغرا چۈشەنگەيسىلەر)، يەنە بىرقانچە ئورۇندا قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بولۇپ ‹بىرنېمە با› لار قۇرۇلدى، قاۋاقخانا دېگەنغۇ تولا گەپقۇ. دوقمۇش- دوقمۇشلاردا، بىرقىسىم ئاساسىي تىجارىتىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان نامەلۇم دۇكانلاردا قارت- شاھمات ئويناۋاتقانلارنى ئۇچرىتىش بۈگۈنكى كۈندە تەس ئەمەس، ئەشۇ رېستۇران- ‹دىبا› لاردا رەڭگارەڭ، ھەرخىل سالاھىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېرىم كېچىگىچە جاغىل ئۆچكىدەك ئالا- تاغىل چىقىرىشىپ، گۈلدۇر- گوپپاڭ قىلىشقانلىرى ئادەمنىڭ قولاق- مېڭىسىنى يەپلا كېتىدۇ. بۇلارغا نە ھەيران قالغۇلۇق؟ چۈنكى، قۇرۇق سۆلەت گىدىيىپ- بىزىرىپ تۇرغان ئاتالمىش «كۈتۈپخانا»، «مەدەنىيەت ئۆيلىرى» نىڭ ھالى شۇ تۇرسا يەنە ئەھۋال قانداق بولماقچىدى؟! بىرقانچە يىل بولدى، شەھەرلەردە بېنا ئۆي ئېلىش دولقۇنىدا يېزا بازىرىمىزدىكى ھەرقايسى ئىدارە- جەمئىيەت، ئورگانلاردىكى كۆپلىگەن خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل شەھەردىكى ئۆيلىرىگە ئالدىراش چېپىشىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۆيلىرى ھېلىھەم يېزا مەركىزىدە بارلار ياكى شۇ يەردىكى يەرلىك، پېنىسىيىگە چىققان پىشقەدەملەر، ئىش- ئەمگەك، تىجارەتلىرىدىن ئارىسالدى بولغان باشقا كىشىلەر ئارىلاپ دېگۈدەك بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ، ئايلىنىپ- ئايلىنىپ يا بىرەر يەرگە بېرىپ توپ- توپ بولۇشۇپ قەرت ئوينىشىدۇ ياكى بولمىسا بىر يەرلەرنى تېپىشىپ بىرقانچە كىشى بىر بولۇپ سوغۇق ئىچىملىك، ھەتتاكى پىۋا، ئاق ھاراق ئارقىلىق ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىشىدۇ ۋە ياكى ئاستاغىنە ئۆيلىرىگە كىرىپ «جاھاننامە ئەينكى» دىكى ئاخىرى چىقماس كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى كۆرۈش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ.
          شەھەر تۇرمۇشى شۇنچە مەدەنىي- گۈزەل. بۇ قايسى جەھەتتىن؟ ئىگىز- ئىگىز بېنالىرى، رەتلىك كوچىلىرى، ساپ ھاۋالىق باغچە- سارايلىرى (كۆپچىلىككە مەلۇم ھازىر مۇھىت بۇنچە تەرىپلەپ كەتكۈدەك ئەمەس)، كىتابخانىلىرى، مەدەنىيەت مەيدانلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ، بىزگە ئوخشاش يېراق يېزا- كەنتلەردىن، سەھرا- قىشلاقلاردىن تۈرلۈك ئىشلار بىلەن شەھەرگە كىرگەن پۇقراغا نىسبەتەن بۇ يېڭىلىق، كىتابخانىغا كىرىپ بىرقانچە- پارچە كىتاب سېتىۋېلىش بۇ تېخى بىر يېڭىلىق ياكى زور بىر بايراملىق. بىراق، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ باشقا تەرەپلىرىغۇ مەيلى ئەشۇ كىتابخانا- مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى ھازىرلاشقا يېزىلاردا مۇمكىن بولماسمۇ؟ شۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ بىرەر يېرىم بۈرجىكى بولسىمۇ يېزىدا ئەمەلىيلەشمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە ئەمەلىيلىشىدۇ، شۇڭا دانا ھۆكۈمىتىمىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى خەلقنىڭ قۇرسىقى توق، كېيىمى پۈتۈن بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغاندىن كېيىن، 90- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى زور ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى سەرپ قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئەگرى- توقايلىق مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۋاتىدۇ. بىراق ئەمەلىي ئەھۋال مانا يوقۇرقىدەك بولماقتا.
ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، باشقىسىنى قويۇپ تۇرمايلا قوياي، ئەشۇ كىچىككىنە بىر ‹دىبا› ئاشقان مەلۇم بىرسىنىڭ مەلۇم بىر ئايلىق ساپ پايدىسى 15000 يۈەن (ئون بەش مىڭ يۈەن) بولغان! بۇ ماقالىنى تەييارلاشتىن خېلى بۇرۇنلا مەن كەنت- مەھەللىلەردىكى، ئىدارە- ئورگانلار، مەكتەپلەردىكى تونۇش- بىلىشلىرىم بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇردۇم، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارغا بولغان كۆز قارشىمۇ ماڭا ئوخشاش ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تۇرۋېتىپتۇ، تېخى بىرەر سائەتنىڭ ئالدى- كەينىدە تۇرۇشلۇق يۇرتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتىن پېنسىيىگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىمۇ بۇ ماقالىنى تەييارلاۋاتقانلىقىمنى بىلىپ ماڭا: «دېمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ، بىكار يېتىپ، قەرت ئوينىغاننىڭ ئورنىدا بوش ۋاقىتلىرىمىزدا ئەشۇ كۈتۈپخانىلارغا كىرسەك، ئانچە- مۇنچە مەدەنىي تۇرمۇش بىلەن شوغۇللانساق نېمىشقا بولمىغۇدەك، قېنى يېزىپ بېقىڭە ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى» دەپ يازماقچى بولغان مەزكۇر تېمامغا ئىلھام بەردى.
        خۇلاسە كالام:
        مەن يوقۇردا قەيت قىلىپ ئۆتكەن يوقۇرقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى راست- ئەمەلىي ئىشلار، شۇنداقتىمۇ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا سالغان ئۇل- ئەسلىھەلىرى، قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسى، ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلىي خىزمەتلەر ئىزچىل مۇشۇنداق ساختىلىق بىلەن تولغان، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمىگەن دېمەكچىمۇ ئەمەسمەن. ئەمەلىيلەشكەن، ئىشلەنگەن خىزمەتلەرمۇ خېلى بار. شۇنداقتىمۇ يوقۇرقى نوقسانلاردىن خالىي بولالمىغانلى ئېنىق.
         مىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇرتىمىزدىكى ھەر مىللەت- ھەر ساھە ئامما مەنىۋى تۇرمۇشقا، ھەقىقىي بولغان مەنىۋى تۇرمۇشقا مۇھتاج، ئىلگىرى بىرقىسىم شارائىتلار يوق ئىدى، چۈنكى، دۆلىتىمىزدە مالىيە قىيىنچىلىقى كۆپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بىرقىسىم شارائىتلار يار بەرمەيدۇ، مانا ئەمدىچۇ؟ يەنە قانداق شارائىت بولسا بولار؟! مانا مانا مۇشۇنداق تۆۋەن يوقۇرىنى ئالداپ، يوقۇرى تۆۋەننى بەزلەپلا ئۆتىدىغان ئىشمۇ؟ بۇنداق ئالداش- بەزلەش، يالغانچىلىق زادى قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ- قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ ئاۋام خەلققە پەقەت ماددىي تۇرمۇش بولسىلا كۇپايىلەنمەيدۇ، پۈتكۈل يەر شارى بۈگۈنكى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە كىچىككىنە بىر كەنتكە ئايلىنىپ، مىللەتلەر- رايونلار ئالاقىسى راۋانلاشقان بۇ دەۋردە بىزمۇ باشقا ئەل- باشقا مىللەت كىشىلىرىدەك زامانىۋىي، مەدەنىي تۇرمۇشقا مۇھتاج، باشقىسىنى دېمەيلى، شەھەرلىكلەردەك كۈتۈپخانىلارغا كىرىپ ئېھتىياجىمىز بويىچە كىتاب- ماتېرىيال كۆرۈشكە مۇھتاجمىز!
        شى جىنپىڭ باش شۇجى رەھبەرلىكىدە مەركەز يېقىندا ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، رايونىمىزدىكى پۈتكۈل خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىش توغرىسىدا يېڭى يوليۇرۇق- سىياسەتلەر پىلانغا ئېلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رايونىمىزدا ئۈچ يىللىق پىلان بويىچە 200 مىڭ كىشىلىك ئەل رايىنى بىلىش خىزمەت گورۇپپىلىرى جاي- جايلاردا مۇناسىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا. ئۆتكەنگە سالاۋات، ئۆتكەن ئىش ئۆتتى، مەن يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك فونكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
         بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسىدىم: يېزىلاردىكى كەڭ ئاۋامنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش سورۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولغان «ھەر بىر يېزا- بازار مەركىزىدە بىردىن مەدەنىيەت ئۆيى، ھەر بىر مەمۇرىي كەنتلەردە بىردىن دېھقانلار كۈتۈپخانىسى بولۇش قۇرۇلۇشى» غا سالغان زور كۆلەمدىكى ھۆكۈمەت مەبلىغى، سەرپ قىلىنغان ماددىي كۈچ، خادىم كۈچىنىڭ دەل جايىغا ئەمەلىيلىشىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ھەقىقىي بېيىتىپ، ئىناق، مەدەنىي بولغان يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىشقا بىر ئازراق بولسىمۇ تۈرتكە بولار دەپ ئويلىدىم.

1

تېما

1

دوست

2111

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21562
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 15:54:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك   ياخشى  تىمىكەن  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 16:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاكىلى يوق مىغىزنىڭ ئوزى بوپتۇ بۇ تىما،  ھەقىقەتنى ئىچىپ بىرىپسىز،  لىكىن كۇتۇپخانىغا بىز ئوزىمىز كونەلمەيۋاتامدۇق قانداق بىلمىدىم،  مەنمۇ قەشقەر كۇتۇپخانىسىغا بىر نەچچە قىتىم كىرىپ باققان، لىكىن ئادەملەر يوق دىيەرلىك، ئۇستەللەرنى چاڭ -توزاڭ بىسىپ كەتكەن ھالەتنى كورۇپ مىنىڭمىمۇ  كۇتۇپخانىغا بولغان قىزقىشىم سويغان ئىدى.

0

تېما

0

دوست

1724

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   72.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17899
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 16:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ كەنىتتىكى مەدىنىيەت پونكىتىدا كىتاپ ۋاسكىتبول ۋالىبولدىن ئەسەرمۇ يوق ، ئۇ يەردە تىكتاك توپ بىلەن بىليارت(بورت) باركەن ، تەتىلدە بارسام كۈندە ياش بالىلارنىڭ شۇ يەردە ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن ، يېشى خېلى چوڭلارمۇ كىرىدىكەن تېخى ....... بۇ يەرنىڭ سىرتىىكى قىمارخانىلار بىلەن بولغان پەرىقى «بۇ يەردە پۇلغا تىكىپ بىليارت ئوينىغىلى قويمايدىكەن » ، لېكىن كۈندە شۇ يەرگە كىرىدىغان بالىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىسام ئەسلىي قىمارنىڭ ئۇۋىسى ئاشۇ ھۆكۈمەت قۇرۇپ بەرگەن جاي ئىكەن

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 18:49:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر شارائىت بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن شۇنچە ياخشىلىنىپ، ئازادە- پاكىزە مۇھىت ئىچىدە كىتابلار رەتلىك تېزىپ قويۇلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر كۆرگەزمە بويۇمىغا قىممىتى يوق ئاسار- ئەتىقىگە ئوخشاپ قالدى. يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇندىن تەكشۈرىدۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان مۇشۇ ئىشقا بەلگىلەنگەن «مەخسۇس خادىم» لار پۇتى كۆيگەن توخۇدەك دىكىلدىشىپ ئىشقا كىرىشىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆمۈچۈك تورى، چاڭ- توزانلار بىلەن قاپلانغان كۈتۈپخانىنى «مەكتەپ بالىلىرى» نى ئېلىپ چىقىپ تازىلاتقۇزىدۇ، سىرتلاردا ئالدىراش كېتىۋاتقان بىرقانچە كىشىنى ھاپىلا- شاپىلا ئەكىرىپ، «زېھىن بىلەن كىتاب- ماتېرىيال كۆرۈۋاتقان» قىلىپ يالغاندىن «سورۇن» ھازىرلايدۇ دە چاراسلىتىپ بىرقانچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالىدۇ؛ ئەشۇ بىرقىسىم «يوقۇرى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى» مۇ بۇ ئىشلارغا كۆنۈكتەكلا، «بىر كۆزىنى قىسىپ» لا ئىشنى تۈگىتىپ قايتىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىشلار ئۆز پېتىچىلا قېلىۋىرىدۇ.
----------------------------------------------
    ئەھۋال ھەقىقەتەن مۇشۇنداق....بۇنىڭغا ئىگە بۇلۇپ باشقۇرىدىغان ئورۇن چىقسا، بۇنداق جايلار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرسا بۇلاتتى....

1

تېما

2

دوست

3551

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26478
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1074
توردىكى ۋاقتى: 283
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 22:25:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن ناھىمىزدە ناھىيلىك كۆتۇپخانا دەيدىغان بىر جاي بولىدىغان،لېكىن ئۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئىچىپ باققىنى يادىمدا يوق.باشلانغۇچ ،تولۇقسىز مەكتەپلەردىكى كۇتۇپخانىلارمۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىچىلمايدىغان.
سىز دىگەن بۇ ئىشلار بىرىگە مەسئۇل ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى،يەنە بىرىگە كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۇشۇپ قالدى.
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1421

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20912
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 446
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-14 23:39:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا يىزىمىزدىكى مەدەنىيەت پونكىتى ئىچىدىكى چوڭ بىر زال بىليارىتخانا قىلىپ ئىچىلغان ،بىكارچى نوچىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە كۈن ئۆتكۈزەتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )