- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13806
- نادىر
- 2
- يازما
- 1363
ئۆسۈش
9.52%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-18 15:36
tarim-kusan يوللىغان ۋاقتى 2014-6-18 13:39
مىنىڭ دەردىممۇ مۇشۇلارنى قىلمىغانلىقىدىن چىقىۋاتىدۇ ...
مىنىڭ دەردىممۇ مۇشۇلارنى قىلمىغانلىقىدىن چىقىۋاتىدۇ ئەسلى...
بۇدا تازا بىر بۇزۇلۇپ ئاندىن توي قىلاي دىۋىدىم ،ئەمما خوتۇن ياخشى چىقىپ يەنە ئوڭشىلىپ قالدىم ،ئىشقىلىپ پىكىرىمىز ئوخشاشكەن ،ساراڭغا ساراڭنىڭ قاياشىدا جاۋاب قىلسا بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم ،قارىغاندا سىزنىڭ بېشىڭىزدىنمۇ جىق ئىشلار ئۆتكەن چىراي...
لىللا گەپ قىلدىڭىز ،ئاشۇنچىلىك ئادەم تاپماقمۇ تەس بوپ كتىپ بارىدۇ...
ئۇ تەرەپ ناچارلىق قىلسا بىزمۇ قايتۇرۇپ ناچارلىق قىلغىلى بولمايدۇ،پەقەت دىيىشىدىغاندا ئوبدان ئەپلەپ دىيىشىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىمىزنىڭ يولىغا ماڭغۇلۇق،بولمىسا ئادەم كاللىسىدا شۇ كۆڭۈلسىزلىكتىن باشقا ئىش بولمايدۇ.
مەنمۇ قەتئىي ئامال قالمىغاندا ئاجىرشىشنى تاللىغان،ئەمما ماۋۇ سوت ،قانۇن دىگەنمۇ ئاياللارنىڭ ھوقوق مەنپەتىنى ئالاھىدىرەك قويدايدىكەن ،شۇڭا يالغاندىن نەچچە يۈز مىڭ قەرز ھۆججىتى تەييارلاپ ،بالىنى ئۆزۈم باقىمەن دەپ چۈشتۈم ئاجىرشىدىغاندا ،مائاشنىڭ 30%تى دەپ چۈشكىلى تۇردى بوپتۇ دىدىم ،چۈنكى مائاشنىڭ 30% قويغاندا ئاۋۇ قەرزنىڭ ھىچ بولمىغاندا 30% نى ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك،مال مۆلۈكنىمۇ تەڭدىن بۆلىدۇق.ئاقىۋەت قەرزنىڭ ھەممىنى ئۆزۈم قايتۇرىدىغان ،بالىنى ھەق تەلەپ قىلماي ئۆزى باقىدىغان ،مال مۈلۈكنى تەڭدىن بۆلىشىدىغان بولوپ ئاجراشقان.
مىنىڭ ئويلىغىنىم بالىغا بىقىش ھەققى بىرىش مەسىلە ئەمەس ،بەرسەم ئۆزۈمنىڭ بالىسىغا بىرىمەن ،ئەمما ئۇلار شۇنى دەستەك قىلىپ مىنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشۇمغا تەسىر كۆرسەتسە ،تۇرمۇشۇمنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىشىغا پۇرسەت يارتىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ،كىيىن پۇلنى يەنە بەردىم ،بالىنىمۇ كۆردۈم،نەچچە ئاي بولدى بالىنى كۆرسەتمىگەن پۇلمۇ بەرمىدىم ،بالىغا ئاتاپ يەر ئىلىپ قويغان كىيىنچە سىتىۋەتسەممۇ ئورنىنى يوقىتىۋەتمەي بالىنىڭ كىيىنكى ئوقوشىغا ئىشلىتىمەن ئىنشائاللا،ئۆيمۇ ئالدىم ھازىر تۇرمۇش خاتىرجەم ئاللاھقا شۈكۈر ...
ھازىرمۇ بالىنى بەك كۆرگۈم كىلىدۇ ،لىكىن ئامال يوق ئىشلارغا ئۆزىمىزنى ئۇرۇپ زەردە قىلغاننىڭ پايدىسى يوق،كۈنلەر تىخى ئۇزۇن ،بىھودە ئازاپ تارتقىچە كاللىمىزنى ،كۆزىمىزنى كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشلارغا قارىتىپ بالىنىڭ كىيىنكى ئوقوش ۋە باشقا ئىشلىرى ئۈچۈن تەييارلىقنى پۇختا قىلغاچ ئۆز يولىمىزنى ياخشى ماڭغان ياخشى ....
بەزى ئىشلارنى بىراقلا قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ،تىخى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ۋاقتى سائىتى كىلىدۇ ... |
|