دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ بۇرۇنراق ئېسىمگە كەلمىگەنلىكى مېنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. ئاتاقلىق ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بىر سېڭلىسىنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى مەن بۇرۇنلا بىلەتتىم، ئەمما ئۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر ئىزدىسەم تەپسىلىي ئۇچۇر تاپالمىغانلىقىم بەلكىم بۇنداق بولىشىدىكى بىر سەۋەپتۇر. رەيھان بەكتۇر ھەدەم بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن دوكتور مايسەم مۇتەللىپ توغرۇلۇق خىلى كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم چۈنكى ئۇ ئىككىسى يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. ئۆتكەن يىل 12-ئايدا شۆھرەتكام بىلەن كۆرۈشكىنىمدە ئۇنىڭدىنمۇ بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان ئىدىم. ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ۋە ياخشى يازالماي قىلىشتىن ئەنسىرەپ مايسەم ھەدەم توغرۇلۇق ماقالە يېزىشقا تۇتۇش قىلالماي كەلگەن ئىدىم. ئەمما مۇشۇ يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىشنى ئاڭلاپ، مەن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم ۋە كىشىلەرگە بىلىنىشنىڭ ۋە مۇنەۋۋەر كىشىلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئوخشاشلا مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىپ ئىلىم-پەن ساھەسىدە مايسەم مۇتەللىپتەك يىگانە بىر ئالىمنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنماسلىقى ۋە ئۇنتۇلۇپ كېتىلىشىگە قاراپ تۇرارلمىدىم. ئۇ ئەسلى ھەرگىزمۇ يەنە بىر ئالىمنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى سوراشقىلا يارايدىغان كىشى بولماستىن، ھەر قانداق ئۇيغۇر ئالىمىدىن بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشقا تىگىشلىك، ئالىملار سورۇنىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئىلىشقا مۇناسىپ بىر پەخىرلىك ئۇيغۇر ئالىمى ئىدى... ئاددىيسى، مەندەك بىر ئەمدى تەتقىقات سېپىگە قەدەم قويغان ياش تەتقىقاتچىنىڭ ئەرزىمەس نەتىجىلىرىمۇ توردا تونۇشتۇرۇلۇپ ياشلارغا ئۈلگە قىلىندى. كىمدۇر بىرلىرى ئەڭ ياش دوكتور دەپ تونۇشتۇرۇلسا، يەنە بىرلىرى شۆھرەت مۇتەللىپتىن قالسا ئەڭ چوڭ بىئولوگىيە ئالىمى، يەنە كىملەردۇر قىلغان ئىلمىي ئەمگىكىنىڭ تايىنى يوق تۇرسىمۇ زامانىمىزنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەپەككۇرى، پەيلاسوپى…. دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى. ئەلۋەتتە، كۆپلىگەن مۇۋاپىققىيەت ئىگىلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش ياخشى ئىش، ئەمما شۇنچە جاپالارنى چېكىپ ھەقىقىي دۇنيا سەھنىسىدە ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغۇدەك تۆھپە يارىتىۋاتقان ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىمىز مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا توغرا ئەمەس. مايسەم مۇتەللىپ ھەدەم بىلەن بىر كۆرۈشۈشنى ئىستىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ جىددىيلىكى تۈپەيلىدىن بۇ شەرەپ ماڭا تېخى نېسىپ بولمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى ۋە مەن بىلگەن ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشسامكەن دەيمەن، بەلكىم سىلەرمۇ بالىلارغا ئەمدى دوكتور مايسەم مۇتەللىپنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئويلىشىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس.