قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2086|ئىنكاس: 10

‹‹ شاھىنشاھ ئەكبەر ۋە مەلىكە جودھا››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1766

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12716
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 492
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-3 16:55:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

موغۇلىستان تارىخىغا ئائىت كاتتا فىلىم

-----------------------------------------------------------

‹‹ شاھىنشاھ ئەكبەر ۋە مەلىكە جودھا››



ئاپتۇرى: ۋارىس ئابابەكرى


كىنونىڭ رولى ۋە قۇدرىتى

كىنو نوقۇل ھالدىكى كۆپ خىل كەسىپلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن سەنئەت ياكى كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسىلا ئەمەس، ئۇنىڭ رېئال تۇرمۇشتا ئوينايدىغان رولى ناھايىتى زور. 2006- يىلى 4- ئاينىڭ 26-كۈنى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئاباتا ھىندىستان ھېكايە فىلىمى ‹‹ يېڭى تاج ماھال ›› نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پاكىستاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ ئىككى تارىخي ھېكايە فىلىمى ‹‹ شاھىنشاھ ئەكبەر ۋە مەلكىگە جودھا ›› ئارقار-ئارقىدىن پاكىستاننىڭ كىنو خانىلىرىدا قويۇلۇش ئىجازىتىگە ئېرشىدۇ، بۇ ئىش تۈپەيلىدىن پاكىستان – ھىندىستان مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىدۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى قاتتىق مۇزلار ئېرىشكە باشلايدۇ، بۇ ئەھۋال پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى، كەشمىر مەسلىسى تۈپەيلىدىن ھىندىستان بىلەن پاكىستان مەدەنىيەت جەھەتتىكى بارلىق ئالاقىنى ئۈزگەندى. ئىلگىرى ‹‹ تاج ماھال ›› فىلىمى پاكىستاندا قويۇلغاندىن كېيىنكى 40 يىل مابەينىدە بىرمۇ ھىندىستان فىلىمى قويۇلۇپ باقمىغاندى. ‹‹ يېڭى تاج ماھال ›› بولسا ھوللىۋود 25مىلىيون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپ ھىندىستان بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن كاتتا مۇھەببەت ھېكايە فىلىمىدۇر. بۇ فىلىمنى ئىشىلگەن ئامېرىكا IMAX شېركىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ گەرچە تاج ماھال ھىندىستاتننىڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇھەببەتنىڭ سىموۋلىدۇ، تاج ماھال روھى دۇنياغا مەنسۇپ››. ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى ئېلىپ ماڭغان تۈركىيە كېمىسگە ھوجۇم قىلغانلىق ۋەقەسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ‹‹ كۇرتلار ۋادىسى، پەلەستىن ›› ناملىق فىلىم 2011-يىلى 1- ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن باشلاپ قويۇلغاندا، ئىسرائىلىيە مەزكۇر فىلىمنى ئىشلىگەن تۈركىيەگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلىدۈرىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىرىكلىشىدۇ. 300 سپارتالىق ئەزىمەتنىڭ پېرسىيە زور قوشۇنىغا تاقابىل تۇرغانلىق ۋەقەسى ھېكايە قىلىنىغان ئامېرىكا ھېكايە فىلىمى ‹‹ 300 سىپارتالىق ئەزىمەت ›› 2007- يىلى 3- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ قويۇلغاندا، ئىران ھۆكۈمىتى ‹‹ پېرۇسىيەلىكلەر مەقسەتلىك چاكىنلاشتۇرلىدۇ ›› دېگەنى باھانە قىلىپ ئامېرىكىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلىدۈرىدۇ، ئىككى دۆلەت كۈچلۈك توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. 1971- يىلى 4- ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا تىكتاك توپ ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا يېتىپ كېلىدۇ، ئۇلار 1949-يىلىدىن بۇيان جۇڭگو تۇپرىقىغادەسسىگەن تۇنجى ئامېرىكىلىقلاردۇر، مۇشۇ قېتىمتقى تىكتاك توپ مۇسبىقىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغىلى 22 يىل بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئويناپ، خەلقئاردا ‹‹ تىكتاك توپ دىپلوماتىيىسى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشدىۇ. بىز بۇ يەردە سۆزلەۋاتقىنىمىز كىنو دىپلوماتىيەسى، 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادا قويۇلغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى ‹‹ مېنىڭ ئىسمىم خان ›› 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى غەربلىكلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزا-ئارا چۈشۈنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن كاتتا فىلىمدۇ. بۇنداق فىلىملەر خەلقئارادا دىپلوماتىيىنى راۋانلاشتۇرۇپ دۇنيا تىنىچلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ يىل ئۆكتەبىر بايرىمىدا ‹‹ شاھىنشاھ ئەكبەر ۋە مەلىكە جودھا›› فىلىمىنىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا قويۇلىشىمۇ جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك. مانا بۇلار كىنونىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ۋە ئۆزگىچە رولى.



‹‹ شاھىنشاھ ئەكبەر ۋە مەلىكە جودھا ›› فىلىمنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى

باشقىچە نامىلىرى: ‹‹ جۇدھا-ئەكبەر››


مەبلىغى: 400 مىليون روپىيە

قويۇلغان ۋاقتى: 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى

فىلىم ۋاقتى: 213مىنوت

رېژىسسۇر: ئاشۇتوش گوۋارىكېر

سېنارىست: ھەيدەر ئېلى، ئاشۇتوگۋارىكېر

باش رولدا: ئاشۋارىيا راي، خرسىك روشان

دۇنيا گۈزىلى، ھىندىستاننىڭ ئەڭ مەشھور ئايال كىنو چولپىنى ئاشۋارىيا راي بىلەن ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ تۆت چوڭ سەركەردىسىنىڭ بىر بولغان قامەتلىك كىنو چولپىنى خىرسىك روشان بۇ فىلىمدە مۇۋاپىقىيەتلىك رول ئېلىپ، كىنونىڭ قىممىتىنى ۋە جەلىپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

مۇكاپاتلىرى: بۇ فىلىم 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە جۇڭگونىڭ ئاۋمېن رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك ھىندىستان خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا غايەت زور ئۇتۇق قازىنىپ، ھىندىستان خەلقئارالىق كىنو جەمئىيتى تەسىس قىلغان 13تۈرلۈك مۇكاپتنىڭ ئالتىسنى ئۈزۈپ ئالىدۇ.

بۇ فىلىم 2008- يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادا قويۇلغاندىن سىرىت، نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئىنتېرنېت تور ئارقىلىق بۇ فىلىمنىڭ خەنخېتى چاپلانغان نۇسخسىنى كۆرۈپ يۇقىرى باھا بېرشىدۇ، مەنمۇ بۇ فىلىمنى 2010-يىلى توردىن كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلىدىم. بۇ فىلىمنىڭ خەن تىلغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخسى 2011-يىلى10-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ كىنو قانىلىدا شەرەپ بىلەن قويۇلدى.

كىنونىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:


بۇ فىلىم 16-ئەسىردە ھىندىستاندا بولۇپ ئۆتكەن مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ، موغۇلىستان ئىمپېرىيەسنىڭ ئەڭ بۈيۈك پادىشاھى ئەكبەر بىلەن راجپۇت مىللىتىنىڭ مەلىكىسى ئوتتۇرسىدىكى قۇدىلىشىش ۋەقەسى تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرى تىللاردا داستان بولغۇدەك چىن مۇھەببەنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

بايرامخان قۇرامىغا يەتمىگەن ئەكبەر پادىشاھقا ياردەم قىلىپ، پەنىپەت ئۇرشىدا ئىسيانكار ھېمۇنىڭ قوشۇنلىرىنى يېڭىدۇ ھەمدە داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ، ھۇمايۈن پادىشاھ تارتقۇزۇپ قويغان زېمىنلانى قايتۇرۇپ قايتۇرۇپ كېلىدۇ. راجپۇت مىللتىدىن تەركىب تاپقان ئامېر دۆلىتىنىڭ پادىشاھى بھارمالنىڭ مەلىكىسى جۇدھا ئاجابگارھ دۆلىتنىڭ شاھزادىسى راتانىسڭغا چاي ئىچىرىلىدۇ. سۇجامال شاھزادە ئامېر دۆلتىنىڭ شاھزادىسى بولۇپ، ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەندە بھارمال پادىشاھلىق تەختىتنى تارتىۋالغانىدى. سۇ جامال تەخت ۋارىسلىقىغا كۆرستىلىمگەنلىكى ئۈچۈن ئەكبەر پادىشاھنىڭ تەختىگە تەھتىدىت سېلىۋاتقان، ئەكبەر پادىشاھنىڭ سىڭلىسى باھشى بانۇنىڭ ئېرى شەرىففىدىننىڭ سېپىغا قېتىلىدۇ، شەرىففىدىن ئەكبەر پادىشاھنى بىرلىكتە يوقىتىشنى شەرت قىلىپ، سۇجامالغا ئامېر دۆلىتىنىڭ تەختىنى ئېلىپ بېرشنى ۋەدە قىلىدۇ. بھمارمال كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرۋاتقان موغۇلستان ئىمپىېرىيەسىگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقنى مۆلچەرلەپ، راجپۇت مىللىتىدىن بولغان پادىشاھلارنى چاقىرىپ، ئەكبەر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، باشقا پادىشاھلار بىردەك رەت قىىدۇ، ھەتتا ئاجابگارھ پادىشاھى غەزەپلىنىپ، قۇدىلىق مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بھارمال پادىشاھ دادىللىق بىلەن ئەكبەر پادىشاھنىڭ ئالىدىغا كېلىپ، موغۇلىستاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ھەمدە قۇدىلىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئەكبەر پادىشاھ ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك قارشىلىقلارغا پىسەنت قىلىماي ھىندى مۇرىتى بولغان بھارمال پادىشاھنىڭ قىزى جۇدھا مەلىكىنى خۇتۇنلۇققا ئېلىشقا قوشۇلىدۇ. مەلىكە جۇدھا ئاتسىنىڭ گېپىنى يىرالماي ئۆز مىللتىنىڭ بەختى ئۈچۈن نائىلاج قوشۇلىدۇ. ئەكبەر پادىشاھ جاھاندا ھېچبىر پادىشاھ ئاڭلاپ باقمىغان ئىككى تەلەپنى ئاڭلايدۇ، مەلىكە جۇدھا ئۆزى ئېتقادىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھوجرىسغا كۈندە تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن بۇت تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەقەللىي بىر مۇسۇلمان پۇقرامۇ قوبۇل قىلالمايدىغان بۇ ئېغىر تەلەپكە، تىنىچلىق ۋە ئادالەتنى ئۆزنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ ھېسابلىغان ئەكبەر پادىشاھ ئاخىر قوشۇلىدۇ. ئەكبەر پادىشاھ جاھاندا ھېچبىر پادىشاھ كۆرمىگەن ئىشنى كۆرىدۇ، مەلىكە جۇدھا توي كېچىسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خېلى مەزگىلگىچە ئەكبەر پادىشاھنى يېقىن يولاتمايدۇ، ئەكبەر پادىشاھنىڭ تەدبىرلىكى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكى بۇ ئاچچىقنى يېڭىدۇ. ئەكبەر پادىشاھ دۆلەت ئىچىدە كەڭچىلىك ۋە يول قويۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئوخشىمىغان دىندىكى كىشىلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ دىنىي ئەركىنلىكىنى يولغا قويىدۇ، بۇ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەكبەر بىر تەرەپتىن ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇش ئېلىپ بارسا، بىر تەرەپتىن مەلىكە جۇدھانىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ.، بىر تەرەپتىن قارشى سەپتىكى ئېمكئانىسى مەھەم ئاناغا، ئېمكئانىسنىڭ ئوغلى ئەدھەمخان، سىڭلىسنىڭ ئېرى شەرىففىدىن قاتارلىقلارغا تاقابىل تۇرسا، بىر تەرەپتىن ئاۋامنىڭ غېمىنى يەيدۇ. ئەڭ ئاخىرى ئەكبەر پادىشاھ دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ساپ مۇھەببىتى ئارقىلىق مەلىكە جۇدھانىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىگە ئېرشىدۇ، ئۇلار ۋىسالىغا يېتىپ بەختكە ئېرشىدۇ. ئەدھەمخان ھوقۇق تالىشىپ قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەكبەر پادىشاھ تەرپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. شەرىففىدىننىڭ يامان نىيتىنى بىلىپ قاغان سۇجامال شەرففىدىن تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئەكبەر پادىشاھ ئىسيان كۆتۈرگەن شەرىففىدىننى مەغلۇپ قىلىدۇ.




موغۇلىستان ئىمپېرىيەسى ھەققىدە.......

‹‹ شاھىنشاھ ئەكبەر ۋە مەلىكە جودھا›› فىلىمىنى ياخشى چۈشنىش ۋە ئۇنىڭدىن ھەقىقىي ھوزۇر ئېلىش ئۈچۈن موغۇلىستان ھەققىدە قسىقىچە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

بابۇر( يولۋاس مەنىسىدە) تۆمۈرلەر ئىمپېرىيەسىنىڭ قورغۇرچىسى ئاقساق تۆمۈر(تۆمۈرلەڭ) ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئاتىسى ئۆمەر شەيخ مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سەئىد مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مۇھەممەد مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى مىراشاھ مىرزا، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقساق تۆمۈردۇ.

بابۇر ئاتا تەرەپتىن يەركەن خانلىقنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە مەشھۇر ‹‹ تارىخ رەشىدىي›› نىڭ مۇئەللىپى مىرزا ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرە. بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم، سۇلتان سەئىدخننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەخمەد خان، مىرزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خۇبنىگار خانىم ھەممىسى چاغاتاي ئەۋلادىدىن يۇنۇس خاننىڭ باللىرى ئىدى. بابۇر 12ياش ۋاقتىدا ئاتىسى ئۆمەر شەيخ مىرزىنىڭ تاساددىپى ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن پەرغانىگە پادىشاھ بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن تۆمۈر نەسلىدىن بولغان مىرزىلارنىڭ ھەرقايسىسى ئىگلەللەپ تۇرغان يەرلەردە ئۆزلىرنىڭ پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۆزئارا زېمىن ۋە ھاكىمىيەت تالىشىش جەڭلىرنى ئەۋجىگە چىقارغان، چاغاتاي نەسلىدىن بولغان خانلارمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىشكە تىرشىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزبېك خانى شەينابىخان كۈندىن –كۈنىگە زورىيىپ، مىرزىلار ۋە خانلار قولىدىكى زېمىنلارغا چاڭ سېلىۋاتقان دەۋىر ئىدى. بابۇر 1504-يىلى كابۇل ۋە غەزنەنى ئىشغال قىلىپ كابۇل پادىشاھ بولىدۇ. ياش بابۇر پادىشاھ تۆمۈرلەر ئىمپېرىيەسىنىڭ پارچىلانغان دۆلىتىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈشكە بەل باغلاپ نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نەتىجە قازىنالمايدۇ. تۆمۈرلەر ئىمپېرىيەسىنى قايتا قۇرۇشتىن ئۈمىد ئۈزگەن بابۇر ئۆزىنىڭ كابۇلنى مەركەز قىلغان ھاكىمىيتىنى مۇستەھكەملەپ، ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىپ بىر قېتىم ئۇرۇش قىلىدۇ. 1526-يىلى بەشىنچى قېتىمدا 12مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن سىند دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەنىپەتتە سۇلتان ئىبراھىم لۇدىنىڭ 100مىڭ كىشىلىك مۇشۇنىنى تارمار قىلىدۇ. پەنىپەت ھىندىستاندىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇن بولۇپ، بۇ يەر ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش 1-قېتىملىق پەنىپەت ئۇرۇشى يۈز بېرىدۇ، بۇ چاغدا ھىندىستانلىقلار تېخى زەمبىرەك ئىشلىتىشنى ئۇقمايتتى، پەنىپەت ئۇرۇشىدا ھىندىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم زەمبىرەك ئىشلىتىلىدۇ. بابۇر ئاخىرى دېھلى ۋە ئەگرەنى ئىشغال قىلىپ، ھىندىستاندا 320يىل ھۆكۈم سۈرگەن تۈركلەر ھۆمرانلىقىدىكى دېھلى سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھىندىستان تارىختا ‹‹ ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيەسى›› دەپ ئاتالغان ئىمپېرىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ. موڭغۇل قېنى ئارلاشقان تۈرك(ئۇيغۇر) ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە نەچچە ئەۋلاتتىن كېيىن موڭغۇل ئالامەتلىرى قالمىغان بولىسمۇ، بابۇر ئانا مىراس ئەجدادى ئىمپېرتور چىڭگىزخاننىڭ سەلتەنەتلىك ئىستېلاسىدىن پەخىرلىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ ئۆزىنى موغۇل دەپ ئاتايدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھىندىستان قۇرۇلغان بۇ ئىمپېرىيە موغۇلستان دەپ ئاتالسا، ئاھالىسى موغۇللار دەپ ئاتىلىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى مۇغۇلىستاننىڭ ئوردا تىلى بولۇپ، بابۇر پادىشاھ مانا شۇ تىل بىلەن دۇنياغا مەشھۇر شانلىق ئەسىرى‹‹ بابۇرنامە››نى يېزىپ قالدۇرغان. زوھۇرىددىن بابۇر مىرزا پادىشاھ 1530-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 47يېشىدا ئەگرە شەھرىدە ۋاپات بولىدۇ. بابۇر پادىشاھنىڭ ھۇمايۈن، كامران، ھىندار، ئەسقەر دەپ ئاتىلىدىغان تۆت ئوغلى بار ئىدى.

بابۇر پادىشاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن چوڭ ئوغلى نەسىردىن ھۇمايۈن مىرزا 1530-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىي تەخىتكە ئولتۇرىدۇ. 23-يېشىدا تەخىتكە ئولتۇرغان ھۇمايۈن پادىشاھ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۈچلۈك زىدىيەت ۋە توقۇنۇشلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئاففنىستاندا باش كۆتۈرەەن شىر شاھ موغۇلستاننى بېسۋالىدۇ، ھومايۈن پادىشاھ نائىلاج 15يىللىق سەرسانچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. 1545-يىلى ھۇمايۈن پادىشاھ ئىران سافەۋىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ياردىمىدە،شىر شاھ قۇرغان سۇر پادىشاھلىقنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ھالاك قىلىپ، قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرۇپ كېلىپ موغۇلىستاننىڭ سەلتەنىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇرۇش مالمانچىلىقىدا جەبر-جاپانى كۆپ چېكىپ پادىشاھلىق تەختىگە قايتىدىن ئولتۇرغان ھومايۈن پادىشاھ 1556-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى دېھلىدىكى قىرائەتخانىسىنىڭ پەشتىقىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ قازا قىلىدۇ.

ھۇمايۈن پادىشاھ قازا قىلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى جالالىدىن مۇھەممەد ئەكبەر مىرزا تەخىتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 13ياشقا كىرگەن بولۇپ، بوۋىسى بابۇر ۋە ئاتىسى ھۇمايۈننىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق سەركەردىسى بايرامخاننىڭ ھىمايىسىدە ئىدى. ئەكبەر پادىشاھ كىچىك بولغاچقا بايرامخان نائىب پادىشاھ بولۇپ، ئەكبەر پادىشاھقا ۋاكالىتەن ھۈكىمرانلىق يۈرگۈزىدۇ ھەمدە ھۇمايۈن پادىشاھ دەۋرىدە قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتىدىن موغۇلىستان ھۈكۈمرانلىقىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ئەكبەر پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھېمۇ ئىسىملىك بىر سەركەردە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلپ دېھلى بىلەن ئەگرەنى بېسىۋالىدۇ. 1556-يىلى 2-قېتىملىق پەنىپەت ئۇرشى يۈز بېرىدۇ، بايرامخان باشچىلىقىدىكى 10مىڭ كىشىلىك موغۇلىستان قوشۇنى، ھېمۇنىڭ 50مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن پەنىپەتتە ھەل قىلغۇچ جەڭگە كىرىشىدۇ، بايرامخان ئىلغار زەمبىرەك كۈچى ۋە ئوقياغا تايىنىپ قارشى تەرەپنى تارمار قىلىدۇ، 1560-يىلى، ئەكبەر پادىشاھ بايرامخاننىڭ ئۆكتەملىكى، تەكەببۇرلىقى، زوراۋانلىقى ئۈچۈن ھوقۇقتىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ ھەمدە ئۇنى مەككىگە ھەج قىلىشقا يولغا سالىدۇ، بايرامخان مەككىگە بېرىش يولىدا باشقا قىساسكارلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەكبەر پادىشاھنىڭ ئىمىكانىسى مەھەم ئاناغاغا ھۆرمىتى ئىنتايىن ھۇڭقۇر بولۇپ ئۆز ئانىسىدىنمۇ ئۈستۈن كۆرۈتتى، بايرامخان ئۆلگەندىن كېيىن دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقى مەھەم ئاناغا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەدھەمخاننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەكبەر پادىشاھ مەھەم ئاناغانىڭ كونتېرۇللىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەمشىدىن مۇھەممەد ئاتاخاننى باش ۋەزىرلىككە تەينىلەيدۇ. ئەدھەمخان ئۆزنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوردىغا كېرىپ شەمشىدىن مۇھەممەد ئاتاخاننى ئۆلتۈرۋېتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ئەكبەر پادىشاھ ئېمىكانىسىنىڭ يۈزخاتىرسىنى قايرىپ قويۇپ، ئەسكىلىكىنى بولغۇچە قىلغان ئەدھەمخاننى ئېگىز بىنادىن تاشلاپ ئۆلتۈرىدۇ.

مەھەم ئاناغا ئوغلى ئەدھەمخننىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.

ئەكبەر سۆز ‹‹ ئۇلۇغ›› مەنىسدە، بۇ ئاتاقنى جالالىدىن مۇھەممەد مىرزىغا ھىندىستانلىقلار ئاتا قىلىغان بولۇپ، ئۇنى شاھىنشاھ ئەكبەر دەپ ئۇلۇغلايدۇ. ئەكبەر پادىشاھ ئاتا تەرەپتىن بۈيۈك تۈرك ئىستېلاچىسى ئاقساق تۆمۈرنىڭ ئەۋلادى بولسا ، ئانا تەرەپتىن بۈيۈك موڭغۇل ئىستېلاچىسى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇنىڭ تېنىدە ئىككى جەڭگىۋار نەسىلنىڭ قېنى ئۇرغۇپ تۇرغاچقا، ئۇ موغۇلستان تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك پادىشاھ ھەمدە جاھاندىكى مەشھۇر ئىمپېراتورلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئەكبەر پادىشاھ گەرچە تەقۋادار مۇسۇلمان بولىسمۇ، ئۇ ھىندىستاندا بارلىق دىنلارنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۆزئارا قارمۇ-قارشىلىقلارنى تۈگىتىدۇ، ھىندىلار مۇقەددەس جايلارنى تاۋاپ قىلىغاندا ئېلىندىغان تاۋاپ بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئۆز قائىدىسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرشىغا ۋە تۈرلۈك پائالىيەت ئېلىپ بېرشىغا ۋە تۈرلۈك ئىبادەتخانىلارنى قۇرۇشىغا يول قويىدۇ، ئىلگىرى مەجبۇرىي ئىسلامغا كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ ئەسلى ئېتىقادىغا قايتىشغا يول قويىدۇ، ھىندى مۇرىتىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەدە مۇھىم مەنسەپ ئۆتىشىگە يول قويىدۇ. بۇ مەزگىلدە يەنە ھىندىستاندىكى ناچار ئىللەتلەر تۈزتىلىدۇ، تۇل ئاياللانىڭ قايتا نىكاھلىنىشىغا يول قويىلىدۇ، ئېرى ئۆلسە خوتۇنى بىللە دەپنە قىلىنىدىغان تۈزۈم ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ياش قۇرامىغا توشمىغانلارنىڭ ۋە يېقىن توي قىلىشى چەكلىنىدۇ، نىكاھ ئەركىنلىكى ۋە بىر خوتۇنلۇق بولۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. راجپۇت مىللىتى ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ يەرلىشىپ قالغان ئاق ھون قاتارلىق بوزقىر مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، جەڭگە ماھىر قەھرىمان مىللەت، راچبۇتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ ھىندىستاننى تىزگىنلىگىلى بولمايتتى، ئەكبەر پادىشاھ دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، راچپۇت مەلىكىسىنى خوتۇنلۇققا ئالغاندىن كېيىن، ئەكبەر پادىشاھ سەلتەنەت سۈرگەن دەۋردە ھىندىستان ئاھالىسنىڭ %70تىن ئارتۇقىنى ئىگىلەيدىغان ھىندى دىنى مۇرىتلىرى موغۇلستان ھۆكۈمرانلىقىنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەيدىغان بولىدۇ. ئەكبەر پادىشاھ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇرۇش قىلىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىدكى ئاففانىستان، كەشمىر، راجپۇت ۋە گۇجارات، ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى بېگال ۋە جەنۇبىدىكى دېككەن ئېگىزلىكىدىكى بىر قىسىم پادىشاھلىقلارنى بويسۇندۇرۇپ، موغۇلىستاننىڭ تېرتورىيەسىنى ئۆز تەخىتكە چىققان چاغدىكىدىن تۆت ھەسسە كېڭەيتىدۇ. ئەكبەر پادىشاھنىڭ دەۋرىدە مۇنتىزىم ئارمىيەسى بىر مىليوندىن ئېشىپ ئەينى چاغدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ھەربى دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. سانائەت ئىشلىر شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ، پايتەخت ئەگرە دۇنيادىكى بوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئەڭ ئاۋات شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ. 1605-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەكبەر پادىشاھ ئەگرەدە 63 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ، سەلىم شاھزادە نۇرىددىن مۇھەممەد جاھانگىر مىرزا نامى بىلەن تەخىتكە ئولتۇرىدۇ.

جاھانگىر پادىشاھ مېھرىنسا ئىسىملىك تۇل ئايالغا ئۆيلەنگن بولۇپ، ئۇنىڭغا نۇر مەھەل دەپ نام بېرىدۇ، كېيىنچە نۇر جاھان دەپ ئاتىلىدۇ. جاھانگىر پادىشاھ مەي-شاراپقا بېرلىپ دۆلەت ئىشلىرنى خانىش نۇرجاھانغا تاشلاپ بېرىدۇ. نۇر جاھان بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزىنى جاھانگىر پادىشاھنىڭ كىچىك ئوغلى شەھرىيارغا ئېلىپ بېرىدۇ. جاھانگىر پادىشاھنىڭ خۇسراۋ، ھۇررەم، شەھرىيار ئسىملىك ئۈچ ئوغلى بار بولۇپ، چوڭ ئوغلى خۇسراۋ ئىسيان كۆتۈرىدۇ. جاھانگىر پادىشاھ چوڭ قوشۇن باشلاپ لاھوردا خۇسراۋنى مەغلۇپ قىلىدۇ. جاھانگىر پادىشاھ تۆمۈرلەڭدىن يالداما بولغان رەھمسىزلىكىنى ئاشكارلاپ، ئوغلى خۇرسراۋنىڭ ئاساسلىق ئەگەشكۈچىلىرنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈپ، خۇسراۋنىڭ ئىككى كۆزنى قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ ھەمدەزىندانغا تاشلايدۇ. 10يىلىدىن كېيىن بەخىتسىز خۇسراۋ نۇرجاھاننىڭ ئاكىسى ئەسەفخاننىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، 1622-يىلى ھۇررەم شاھزادە پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرشىدىكى بىردىنبىر توسالغۇ بولغا خۇسراۋ شاھزادە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلىدۇ، كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئېلان قىلىندۇ، شاھزادە ھۇررەم بۇ قىسمەتنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدىغانلىقنى زادىلا ئويلىمىغانىدى. 1627-يىلى جاھانگىرپادىشاھ كەشمىردىن لاھۇرغا كېتىۋېتىپ كېسىلى ئېغىرلىشىپ 1627-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سەپەر ئۈستىدە ۋاپات بولىدۇ. جاھانگىر پادىشاھ ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى شاھزادە ھۇررەم جەنۇبتىكى دېككەن ئېگىزلىكىدە جەڭ قىلۋاتقاندى، نۇرجاھاننىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن شاھزادە شەھرىيار لاھۇردا ئۆزنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىدۇ. خانىش نۇرجاھاننىڭ ئاكىسى ئەسەفخان شاھزادە ھۇررەمنىڭ قينئاتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قىزى چىمەنبانۇ شاھزادا ھۇررەمگە ياتلىق قىلىنغاندى. ئەسەفخان بىر تەرەپتىن سىڭلىسى نۇرجاھاننى نەزەربەند قىلىپ، بىر تەرەپتىن شاھزادە ھۇررەمگە جىددىي خەۋەر يەتكۈزىدۇ. ئاندىن لاھۇرغا قوشۇن ئەۋەتىپ شاھزادە شەھرىيارنى زىندانغا تاشلايدۇ. شاھزادە ھۇررەم ئەگرەگە يېنىپ كېلىپ قىيئاتسى ئەسەفخانغا يارلىق ئەۋەتىپ شاھزادە شەھرىيار قاتارلىق ئىسيانچىلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ. شاھزاردە ھۇررەم 1628-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى شاھبۇددىن مۇھەممەت شاھ جاھان مىرزا نامى بىلەن تەخىتكە ئولتۇرىدۇ.

شاھ جاھان پادىشاھ موغۇلستاننىڭ روناق، ئاۋات، ھەم كۈچلۈك ھالىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ھەمدە داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ دۆلەت تېرتورىيەسىنى كېڭەيتىدۇ، ئەخمەد ناگاردىكى مۇسۇلمان مالىمانچىلىقىنى باستۇرىدۇ، بېنگالدا پورتىگالىيەلىكلەرنى چېكىندۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە موغۇلىستان سەنئەت ۋە بىناكارلىق جەھەتتە يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، شاھ جاھان سۈيۈملۈك خوتۇنى چىمەنبانۇ ئۈچۈن جاھانغا مەشھۇر تاج مەھال مەقبەرىسىنى سالدۇرىدۇ، دېھلىدا قىزىل قەلئەنى سالدۇرىدۇ، لاھۇردا مەشھۇر شەلىمەر بېغىنى ياستىدۇ. شاھ جاھان پادىشاھنىڭ جاھانئارا، روشانئارا، گۆھەرئارا ئىسملىك ئۈچ قىزى، دارا شىكوھ، شاھ شۇجا، ئەۋرەڭزىپ، مۇراد بەخىش ئىسملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى، 43ياشلىق دارا شكوھ پەنجاپ ئۆلكىسنىڭ ۋەلىيسى، 41ياشلىق شاھ شۇجا بېنگال ئۆلكىسنىڭ ۋالىيسى، 39 ياشلىق ئەۋرەڭزىپ دېككەن ئۆلكىسنىڭ ۋالىيسى، 33ياشلىق مۇراد بەخىش گۇجىرات ئۆلكىسنىڭ ۋالىيسى ئىدى.

ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارمىيسى، ئايرىم تارقاتقان پۇلى بار بولۇپ، مۇستەقىل بولۇۋېلىپ شاھ جاھان پادىشاھنىڭ بۇيرىقىغا بۇي سۇنمايتتى. 1657-يىلى شاھ جاھان پادىشاھ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۆت ئوغلى ئوتتۇراسىدا ناھايىتى كەسكىن پادىشاھلىق تەخىتىنى تالشىش ئۇرشى پارتىلايدۇ. شاھ جاھان پادىشاھ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى چوڭ ئوغلى دارا شىكۇھقا بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق ئىككىنجى ئوغلى شاھ شۇجا ئۆزنى بېنگالدا پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىپ پايتەخت ئەگرەگە يۈرۈش قىلىدۇ، دارا شىكوھ ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرىدۇ، دارا شىكوھ ئۇنىڭ ھوجۇمىنى چېكىندۈرىدۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي تۆتنىجى ئوغلى مۇردا بەخش گۇجاراتتا ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئەۋرەڭزىپ شاھزادە مۇراد بەخش بىلەن بىرلىشىدۇ، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن بىرلىكتە ئەگرەگە يۈرۈش قىلىپ ئەگرەنى قورشىۋالىدۇ. شاھ جاھان قۇشۇنلىرى جاھىللىق بىلەن تىركىشىدۇ، ئەۋرەڭزىپ ئەگرەنىڭ سۇ مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىدۇ، بىر ئايدىن كېيىن يەنى 1658-يىلى6-ئاينىڭ 8-كۈنى شاھ جاھان پادىشاھنىڭ قوشۇنلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي تەسلىم بولىدۇ، ئەۋرەڭزىپ بىلەن مۇردا بەخش ئەگرەنى ئىگىلەپ ئاتىسى شاھ جاھان پادىشاھنى زىندانغا تاشلايدۇ، كېيىن ئۇنى ئەگرە قەلئەسنىڭ شاھ مۇنارىغا قاماپ قويىدۇ، شاھ جاھان مۇشۇ مۇناردا سەككىز يىل قامىلىپ دەرد يۈتۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەۋرەڭزىپ شاھزادە 1658-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىپ تەختكە ئولتۇرىدۇ. دارا شىكوھ دېھلىدىن لاھۇرغا قېچىپ بېرۋالىدۇ. ئەۋرەڭزىپ قانلىق جەڭلەر ئارقىلىق دارا شىكوھنى مەغلۇپ قىلىپ، 1659-يىلى 8-ئايدا ئۇنىڭغا كاپىرلىق گۇناھىنى ئارتپ ئۆلتۈرۈپ كاللىسىنى شاھ جاھان پادىشاھقا ئەۋەتىپ بېرىدۇ. ئەۋرەڭزىپ 1660-يىلى 5-ئايدا شاھ شۇجانى بېنگال چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، 1661-يىلى 12-ئايدا دەرگۇمانغا چۈشۈپ قالغان مۇراد بەخشىنى قەستلەپ ئۆلتۈرىدۇ. 1659-يىلى6-ئايدا مۇھىددىن مۇھەممەد ئەۋەرەڭزىپ مىرزا پادىشاھ ئۆزىنىڭ شاھلىق سەلتەنەت نامىنى ئالەمگىر ئېلان قىلىدۇ.

ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر پادىشاھ تەدبىرلىك، كاززاپ، رەھىمسىز، يۇقىرى ھەربىي قابىىلىيەتكە ئىگە پادىشاھ بولۇپ، ھەتتا ئوغۇللىرى يالىق تاپشۇرۋالغۇچە قوللىرى تىترەپ كېتەتتى. ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر پادىشاھ 50يىلغا يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، دەسلەپكى 25يىلدا ئۇ ئوردىدىن ئايرىلماي ھۆكۈمۈرانلىق يۈرگۈزىدۇ، كېيىنكى 25يىلىدا ئۇ ئىشغالىيەت ئۇرۇشغا بېرىلىپ كېتىپ پۈتۈن ئائىلىسى ۋە ئەمەلدار-سەركەردىلىرىنى ئۇرۇش رايونىغا ئېلىپ كېتىپ، پايتەخىتكە دەسسەپمۇ قويمايدۇ. ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر پادىشاھنىڭ ئۈچ قارار ھىندىستاننى مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا مۇنقەر بولۇپ قېلىشىغا داغدام يول ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى قارارى شۇكى، ئىسلام شەرىئىتىنى دۆلەت قانۇنى قىلىپ تۇرغۇزۇپ، ھىندى دىنىغا قارشى سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىپ، ئىبادەتخانىلار ۋە ھىندى مەكتەپلىرىنى چېقىپ ئورنىغا مەسچىت سالدۇرىدۇ، ھىندىلاردىن ئېلىنىدىغان جان بېجىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ھىندىلارنىڭ مەنسەپ تۇتۇشنى چەكلەيدۇ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھاراق ئىچىشنى چەكلەپ، بارلىق ھاراق زاۋۇتلىرىنى تاقىۋېتىدۇ، سەنئەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرنى چەكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارشىلىق كۈچىيىپ، دۆلەتنىڭ دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك قوزغىلاڭ كۆتۈرىلىدۇ. ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر پادىشاھنىڭ ئىككىنچى قارارى جەنۇبىي ھىندىستانغا ئىشخالىيەت يۈرۈشى ئېلىپ بېرىش بولۇپ، ئۇ گەرچە يىگىرمە نەچچە يىل باتۇرلاچە ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت تېرتورىيسەنى ئەكبەر پادىشاھنىڭ دەۋرىدىكىدىن خېلىلا كېڭەيتكەن بولسىمۇ، ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، دۆلەت غەزىنىسىنى قۇرتىۋېتىدۇ. ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر پادىشاھنىڭ ئۈچۈنچى قارارى ھىندىستاننىڭ تەقدىرىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتېۋېتىدۇ، ئۇ ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستانغا كېلىپ شەھەر قۇرۇشىغا يول قويۇشنى قارار قىلىدۇ. ئەنگىلىيە ناھايتى تېزلىكتە كالكۇتتا ناملىق بىر شەھەر ۋە بىر يىپەك زاۋۇتنى قۇرۇپ چقىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان يپىەكلەر لوندۇنغا تۇشۇلىدۇ. نۇرغۇن ئەنگىلىيەلىكلەر كالكۇتتاغا كۆچۈپ كېلىدۇ، ئەنگىلىيە كېمىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەسكەر يېتىپ كېلىدۇ، كالكۇتتىدىكى زاۋۇتلار ئوق-دورا ئىشلەشكە باشلايدۇ. كالكۇتتا ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستاننى مۇستەملىكە قىلىشىدىكى ئاچقۇچقا ئايلىنىدۇ، كېيىنچە ئەنگىلىيەگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ پايتەختىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر پادىشاھ بۇ نوقتىنى تونۇپ يەتكەندە كېچىككەندى، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا قاتتىق ئۆكۈنىدۇ. ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر پادىشاھ 1707-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەھمەدئابادتا 88يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئەۋرەڭزىپئالەمگىر پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن موغۇلستان زاۋالىققا يۈز تۇتۇپ، پارچىلىنىش ۋە مۇستەملىكىگە ئايلىنىشنىڭ مۇقەددىمىسنى چېلىنىدۇ.

موغۇلىستان ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمران قىلغان 331يىلى جەرياندا جەمئىي 17 كىشى پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى ئالتە پادىشاھ ( ئالتە بۈيۈك پادىشاھ دەۋرى) 181يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ موغۇلىستاننى يۈكسەك گۈللىنىش دەۋرىگە ئېلىپ كېرىدۇ، موغۇلىستان ھەربىي، پەن-تېخنىكا، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. دېھلى ئەگرە، لاھۇر قاتارلىق ئۈچ پايتەخت شەھەر تەرەققىياتتا پارىژ، لوندون ۋە بېيجىڭغا يېتىشىدۇ. كېيىنكى 11پادىشاھ (كېيىنكى موغۇلستان دەۋرى) ھۈكۈمرانلىق قىلغان 150يىلدا موغۇلىستان گۈللىنىشتىن خارابلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى موغۇلىستان دەۋرىدە تەخىتتە ئولتۇرغان پادىشاھلار ، باھادىر پادىشاھ(1707-1712)، جاھاندار پادىشاھ(1713-1712)، فەررۇھ سىيار پادىشاھ(1719-1712)، رەفىئۇل دارجات پادىشاھ(1719)، رەفىئۇد دۆلەت پادىشاھ(1719)، مۇھەممەت پادىشاھ(1748-1719)، ئەھمەد باھادىر پادىشاھ ( 1754-1748)، ئالەمگىر پادىشاھ||(1759-1754)، شاھ ئالەم پادىشاھ (1806-1759)، ئەكبەر پادىشاھ||(1837-1806)، باھادىر پادىشاھ||(1858-1837) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. موغۇلىستان 1764- يىلى ئەنگىلىيە مۇستەملىكچىلىرىگە تەسلىم بولۇپ، بېقىندى دۆلەتكە ئايلىنىپ زاۋاللىققا قەدەم قويىدۇ، ئەڭ ئاخىرى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرپىدىن 1858-يىلى بىكار قىلىندۇ.

موغۇلىستاننىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە سەنئەت ۋە بىناكارلىق يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ. ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن مەدەنىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەش ئورۇن ب د ت تەرپىدىن دۇنيا مىقياسىدا قوغدىلىغان مەدەنىيەت مىراس قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

ئۇلار پاكىستاندىكى لاھۇر قەلئەسى ۋە شالىمەر باغچىسى(1981-يىلى)، ھىندىستاندىكى ئەگرە قەلئەسى(1983-يىلى)، تاج ماھال(1983-يىلى)، فاتېخپۇر سىكرى (1986-يىلى) ھۇمايۈن مەقبەرىسى(1993-يىلى) قاتالىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچى ئەگرە شەھرىگە جايلاشقان.

1. لاھۇر قەلئەسى ۋە شالىمەر باغچىسى. لاھۇر قەلئەسى پاكىستاننىڭ 2-چوڭ شەھىرى لاھۇرغا جايلاشقان ھەمدە پاكىستاندىكى ئەڭ مەشھۇر سەيلىگاھ بولۇپ، 1021-يىلى غەزنەۋىي پادىشاھلىقى دۈشمەندىن مۇدائىپەلىنىش ئۈچۈن ياساتقان، 500يىلى ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1566-يىلى ئەكبەر پادىشاھ ئەسلىدىكى توپا قەلئەنى بۇزۇۋېتىپ، خىش ۋە تاشتىن يېڭى قەلئە ياسايدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن لاھۇر شەھىرى بارا-بارا موغۇلىستان ئىمپېرىيەسنىڭ سودا مەركىزى ۋە يازلىق پاي تەختىگە ئايلىنىدۇ. شاھ جاھان پادىشاھنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە لاھۇر قەلئەسى ئەڭ سەلتەنەتلىك دەۋرگە قەدەم قويىدۇ. لاھۇر قەلئەسىدە 21قۇرۇلۇش سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھەشەمەتلىلىكى 40 تۈۋرۈكلىك يىغىن زالى ۋە شىشمەھەل (ئەينەك ئوردا). 1612-يىلى 3-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنىدە شاھزادە ھۇررەم بىر قېتىملىق ئوردا مەشرىپىدە پارىس ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئەۋلادى بولغان چىمەنبانۇغا كۆزى چۈشۈپ قالىدۇ، ئىككەيلەي مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولۇپ، مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا قەسەم قىلىشىدۇ. بىر ئايدىن كېيىن ئۇلار توي قىلىدۇ، ھۇررەمنىڭ ئاتىسى جاھانگىر پادىشاھ بۇ تويغا قوشۇلمىغانلىقى ئۈچۈن توي مۇراسىمى ناھايىتى ئاددى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 1628-يىى ھۇررەم شاھ جاھان نامى بىلەن تەخىتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، چىمەنبانوغا ‹‹ تاج ماھال›› (ئوردىنىڭ تاجى) دەپ نام بېرىدۇ. چىمەنبانونىڭ مەقبەرىسى تاج ماھالدە بولغىنى بىلەن ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل پەيىتلىرىنى لاھۇردا ئۆتكۈزگەنىدى. شاھا جاھان چىمەنبانوغا بىر گۈزەل باغ ياستىپ بېرىدۇ، ئۇلار پات-پات مۇشۇ باغدا قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلىدۇ، كېيىنكىلەر بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇقنىڭ ئىزى قالغان بۇ باغنى ‹‹ مۇھەببەتنىڭ مۇقەددەس جايى›› مەنىسىدە شالىمەر بېغى دەپ ئاتىشىدۇ. ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئەتىرمۇ شالمەر نامى بىلەن ئاتالماقتا. شاھ جاھان چىمەن بانۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن ھورۇز ئالىدىغان شىش ماھال ئوردىسىنى سالدۇرۇپ بېرىدۇ، بۇ ئوردىنى ياساشقا 900مىڭ پارچە قىزىل، كۆك، جىگەررەڭ ئەينەك پارچىسى ئىشلىتىلگەن بولغاچ، ئەينەك ئوردا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەينەك ئوردا 1631-يىلى پۈتىدۇ، چىمەن بانو بىر يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەچكە شىش مەھەلنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمەي ئارمان بىلەن كېتىپ قالىدۇ. 1981-يىلى لاھۇر قەلئەسى ۋە شالىمەر باغچىسى ب د ت تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى ۋە دۇنيا تەبىئەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

2. ھۇمايۈن مەقبەرىسى. 18-ئەسىرىدىن ئىلىگىرى موغۇلىستاننىڭ ئەۋرەڭزىپ ئالەمگىر پادىشاھىدىن باشقا پادىشاھلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇلۇغ بىناكارلادىن بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك بىر قانچىدىن كاتتا قۇرۇلۇشنى قالدۇرۇپ كەتكەن. دېھلىنىڭ شەرقىدىكى يامۇنا دەرياسى بويىغا جايلاشقان ھۇمايۈن مەقبەرسى 1556- يىلى قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، 1569-يلىنىڭ بېشىدا پۈتكۈزۈلىدۇ،

ئىسلام ۋە ھىندى ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلەپ ياسالغان بۇ قۇرۇلۇش موغۇلىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ قەدىمىي قۇرۇلۇش بولۇپ، ھۇمايۈن پادىشاھنىڭ خوتۇنى، ئەكبەر پادىشاھ ئانسى خانىش ھەمىدە بانۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە سالدۇرىلىدۇ. ئىسىمى‹‹ تەلەيلىك›› مەنىسىدە بولىسىمۇ ئۆزى تەلەيسىز ھۇمايۈن 1556-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى موغۇلستاننىڭ ھۆكۈمرانىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېخى بىر نەچچە كۈن غەلبە ھورۇزۇنى سۈريمەيلا بىمەھەل ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بۇ مەقبەرىگە يەنە خانىش ھەمىدە بانۇ ۋە موغۇلىستاننىڭ باشقا بەش پادىشاھى دەپنە قىلىنغان.

ئەگرە قەلئەسى. دۇنيادىكى ئون ھەشەمەتلىك شاھ ئۇردىسنىڭ بىر بولغان ئەگرە قەلئەسى دېھلىدىن 200كىلۇمېتىر يىراقلىقتىكى يامۇنا دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈچ پادىشاھنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ سالدۇرۇشى بىلەن پۈتكەن ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش، ئەكبەر پادىشاھ 1565-يىلىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ ياساپ، 1573-يىلى پۈتكۈزىدۇ. ئەگرە قەلئەسى ناھايىتى قاتتىق قىزىل قۇمتاشتىن ياسالغان بولۇپ، قىزىل قەلئە دەپ ئاتىلىدۇ.

ئەگرە قەلئەسىنىڭ دائىرسى 1.5كۇۋادېرات كىلۇمېتىر، پۈتۈن قەلئە ئەسلىدە 500دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپ قىسىمى شاھ جاھان دەۋرىدە سالدۇرۇلغان. قەلئە سېپىلى 20مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، سېپىل ئۇزۇنلىقى 2500مېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن قەلئە سىرتىغا خەندەك كولانغان. ئەگرە قەلئەسى ھىندىستان ئىسلام سەنئىتىنىڭ ئەڭ كامالەتكەن يەتكەن دەۋرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، موغۇلىستان ئىمپېرىيەسىنىڭ سەلتەنەتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.


4.فاتېخپۇرت سىكرى. فاتېخپۇر سىكرى ئەگرە شەھرىنىڭ غەربىگە 40كىلۇمېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ. 1569-يىلى ئەكبەر پادىشاھ تەرپىدىن سالدۇرۇلغان. ئەكبەر پادىشاھنىڭ نۇرغۇان خوتۇنى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىرمۇ پەرزەنتى ئەي بولمىغاچقا، ئەكبەر پادىشاھ تەخت ۋارىسى بولىدىغان ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، ئەكبەر پادىشاھ بىر كۈنى سىكرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۆزنى ئەۋلىيا دەۋالغان، كشىلەرنىڭ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان شەيىخ سەلىم ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچىرتىپ قالىدۇ. شەيىخ سەلىم ئەكبەر پادىشاھنىڭ پات ئارىدا ئوغۇل پەرزەنت كۆرىدىغانلىقىغا گۇۋاھ بېرىدۇ ھەمدە ئىككى خوتۇنىنى سىكرىغا ئەكىلىپ قويۇش زۆرۈرلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەكبەر پادىشاھنىڭ راجپۇت مىللىتىدىن بولغان خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ، بىر ئوغۇل توغۇدۇ، ئەكبەر پادىشاھ بۇ ئوغلىغا شەيخ سەلىمنىڭ ئىسمىنى، يەنى سەلىم ئىسمنى قويدۇ، سەلىم دەل كېيىنكى جاھانگىر پادىشاھتۇ. ئەكبەر خۇشاللىقىدا پايتەخىتنى ئەگرەدىن سىكرىغا يۆتكەشنى قارار قىلىدۇ. فتېخپۇرت سىكرى (غالىبيەت)شەھرى دەپ نام ئالغان بۇ شەھەرنى قۇرۇپ چىقىشقا بەش يىل ۋاقىت سەرىپ بولىدۇ، شەھەر ئالتە كىلۇمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شەھەر سېپىلى بىلەن ئورالغان بولۇپ، يەتتە دەرۋازىسى بار.

لېكىن فاتېخپۇر سىكرى سۇ كەمچىل شەھەر بولغاچقا، ئېغىر قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن، 1586-يىلى ئەكبەر پادىشاھ ئوننەچچە يىللىق پايتەخىت فاتېخپۇر سىكرىدىن ۋاز كىچىپ پايتەختنى ئەگرە كۆچۈرشكە مەجبۇر بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ مەيدانى 25كۇۋادېرات كىلۇمېتىر كېلىدىغان بۇ گۈزەل شەھەر مەڭگۈلۈك تاشلاندۇق شەھەرگە ئايلىنىدۇ.


5. تاج ماھال. 1631-يىلى شاھ جاھان پادىشاھنىڭ جەنۇبىي ھىندىستانغا قىلىغان ئىشخالىيەت يۈرشىگە بىللە بارغان چىمەن بانۇ (تاج ماھال) 14- پەرزەنتى دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇغۇتى قىيىنلىشىپ 38يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. يۈرەك پارىسىدىن ئايرىلىپ قالغان شاھ جاھان پادىشاھ جۇدالىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدۇ، بىر كېچىدىلا چاچلىرى ئاقرىپ كېتىدۇ، شاھ جاھان يارلىق چۈشۈرۈپ ئوردىنى ئىككى يىل ماتەم تۇتۇشقا، بارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە بۇيرۇيدۇ. چىمەنبانۇ جەمئىي 14بالا تۇغقان بولۇپ ئەي بولغىنى تۆت ئوغۇل، ئۈچ قىز. شاھ جاھان پادىشاھ چىمەنبانۇغا بولغان چەكىسز سېغىنىشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگرەدىكى يامۇنا دەريارسى بويىغا دۇنيا بويىچە ئەڭ گۈزەل مەقبەرە سالدۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ. تاج ماھال مەقبەرىسى قۇرۇلۇشى 1631-يىلى باشلىنىدۇ. تۈركىيە، پارس، باغداد قاتارلىق جايلاردا ئەڭ داڭلىق بىناكارلار ۋە ھۈنەرۋەنلەر تەكلىپ قىلىنىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ماتېرىياللار ئىشىلىتىدۇ، مەرمەر تاشلار 322 كېلۇمېتىر يىراقلىقتىكى تاش مەيدانىدىن يۆتكەپ كېلىندۇ.

جۇڭگونىڭ سەددىچىن سېپىلى بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزە قاتارىدىن ئورۇن ئالغان 170مىڭ كۇۋادېرات مېتىرلىق بۇ ئالەمشۇمۇل قۇرۇلۇش 20مىڭ ھۆنەرۋاننىڭ قولى بىلەن 22يىلدا پۈتكۈزۈلىدۇ. شاھ جاھان كۆز يېشىنى قۇرتمىغان ھالدا بۇ تەڭداشسسىز قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزىدۇ، بىراق ئۆزىنىڭ ھېسياتى ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسنى قۇرتىۋېتىدۇ. شاھ جاھان پادىشاھنىڭ 3-ئوغلى ئەۋرەڭزىپ 1658-يىلى ئۆزنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلىپ، قالغان ئاكا-ئىنىلىرىنى كۆزدىن يوقىتىپ شاھ جاھان پادىشاھنى ئەگرە قەلئەسىدىكى شاھ مۇنارىغا قاماي قويىدۇ.

شاھ جاھان پادىشاھ ھەركۈنى ناماز ئۆتىگەندىن سىرىت قالغان ۋاقتىنى شاھ مۇنارىنىڭ ئېگىز يېرىدىن دەريانىڭ يەنە بىر قېتىغا جايلاشقان سۈيۈملۈك خوتۇنى چىمەنبانۇنىڭ مەقبەرىسى تاج ماھالغا تەلپۈنۈش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، ئۇ سەككىز يىللىق ئۆمرىنى مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ھالىدىن پەقەت جاھانئارا ئسىملىك قىزىلا خەۋەر ئالىدۇ. شاھ جاھان 1666-يىلى 74يېشىدا دەرد يۇتۇپ كېسەل بىلەن قازا قىلغاندا، مەلىكە جاھانئارا ئۇنى تاج مەھەل مەقبەرىسىدىكى چىمەنبانۇنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىدۇ، بۇ شاھ جاھان پادىشاھنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى. تاج ماھال ھىندىستاندىكى ئەڭ مەشھۇر جاي بولۇپ، ئۇ ھىندىستاننىڭ سىموۋلىدۇر، ھەر يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۈچ مىليۇنندىن ئارتۇق ئادەم تاج ماھالگە كېلىپ تاۋاپ قىلىدۇ.


----- تەڭرىتاغ ئېكرانى ژورنىلىنىڭ 2011-3. ساندىن تەييارلاندى. http://www.izchilar.com.cn/thread-172-1-1.html


3

تېما

0

دوست

2744

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 18:04:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىسمىم خان دىگەن فىلىم چۈشەنگەن
ئادەمگە نىسبەتەن كاللا يۇيىدىغان فىلىم،
ياق دىگۈچىلەر بولسا شۇ فىلىمنى تەپسىلى
كۆرۈپ چىقىپ ئاندىن دەڭلار
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

8

دوست

2285

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-4 20:19:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئىسمىم خان  ۋە ئۇشبۇ فىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئىدىيە نى ئۆزگەرتىدىغان دىنى سۇسلاشتۇردىغان بىر مېتۇت
  بۇنداق فىلىملەر ئەقىدىنى سۇسلاشتۇردۇ

1

تېما

7

دوست

976

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29991
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 15:35:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىنو قانداراق ئىشلەنگەندۇ ، ناي - ناي بىلەن تۇگەيدىغاندەك پەرەز قىلدىم ، ئۇنىڭ خاندانلىق ئۇچۇن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقى بولۇپمۇ ئوزى ئىتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنى ئۇچۇن قانداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى سوزلەنمەيدۇ ھەقىچان

0

تېما

3

دوست

2167

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28151
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-5 17:55:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك تارىخى ۋەقەلەرنى بىلدۈرگەن تېما ئىگىسىگە رەھمەت!!!!!!!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

85

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20281
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 12:11:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بابۇر ئاخىرى دېھلى ۋە ئەگرەنى ئىشغال قىلىپ، ھىندىستاندا 320يىل ھۆكۈم سۈرگەن تۈركلەر ھۆمرانلىقىدىكى دېھلى سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ھىندىستان تارىختا ‹‹ ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيەسى›› دەپ ئاتالغان ئىمپېرىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

0

تېما

0

دوست

208

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26199
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 10:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىرىنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىمدا ياقتۇرۇپ كۆرگەن ئىدىم، بىراق تا ھازىرغىچە ئاخىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم

10

تېما

1

دوست

2918

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15652
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 864
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-8 11:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   erkinlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-8 11:58  

ئۆزبەك توپىلاڭچىسىنىڭ ئىسمى شەيبانىخان ،شەينابىخان ئەمەس . بۇ ھەختە «باھادىرنامە» مەلۇماتلار بار (چىن بولسا) .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )