قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 4

راۋاق ئۈستىدىكى سۆھبەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

1754

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9743
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 10:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hotanboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-7 16:03  

(تارىخىي ھېكايە)

سەن تاش سانىغۇچە، خەقنىڭ
بــــاللىرى قـــۇم سانـــايدۇ
                                                              (خەلق سۆزى)

ــ جانابىي جېك ئەپەندى. قادىلىپلا قالدىڭىزغۇ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتقان  بولسىڭىز كېرەك! ـــ دېدى كونسۇل راۋاقنىڭ شىمالىي بۇرجىسىدا دۇربۇن سېلىپ شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەرنى كۆزىتىپ تاماشا قىلىۋاتقان جېك ئەپەندىگە يېقىنلاپ.
    ــ بىر رومكا ۋېسكى ئىچكەنچىلىك ! ــ كۆزىدىن دۇربۇننى چۈشۈرگەن ئاق سېرىق ئۆڭلۈك، ئېگىز بويلۇق، كۈچتۈڭگۈر قامەتلىك جېك ئەپەندى خۇش خۇي كۈلۈمسىرەپ جاۋاب قىلدى.
    ــ ياخشى... قەشقەر دېگەن مانا مۇشۇنداق، ئولتۇراق ئۆيلەر بىلەن گۈلىستان باغلار گىرەلىشىپ كەتكەن ساپ ھاۋالىق ھەم مەنزىرىلىك گۈزەل شەھەر، بۇ شەھەرگە يېڭى كەلگەن بولسىڭىزمۇ، مەنزىرسىدىن ھوزۇلۇق ھېس قىلغانلىقىڭىز مېنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ، ـــ دېدى كونسۇل ئۇنى قولتۇقلاپ راۋاقنىڭ شەرقىي تەرىپىگە باشلاپ كېلىۋېتىپ.
    ئۇلار ھازىر قەشقەر چىنباغ ئىنگىلىز كونسۇلخانىسىدىكى راۋاق ئۈستىدە تۇراتتى، كونسۇل ئەپەندى يېڭىدىن خىزمەتكە كەلگەن جېك ئەپەندىنى بۈگۈن راۋاققا تەكلىپ قىلىپ، قەھۋە ئىچكەچ، شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلدۇرۋاتاتتى.
    سېنتەبىرنىڭ باشلىرى، كۈز مەنزىرىسى كامالەتكە يەتكەن، مېۋە-چېۋە مەي باغلاپ، راسا تۆكمە بولغان چاغ. ئىنگىلىز كونسۇلخانىسى (ھازىرقى چىنباغ مېھمانخانىسى)نىڭ شەرقىي شىمالى بۇرجىكىدىكى يارداڭلىقنىڭ دوقمۇشىغا سېلىنغان راۋاقتىن قارايدىغان بولسا، شەھەر ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەرـــ شامالباغ، سەمەن، قورغان، نەزەرباغ، پارقىراپ ئېقىۋاتقان تۈمەن دەرياسى، ئېقىن ئىچىدىكى يېشىل شىۋاقلىقلار، ئېتىزلار، تۈكمەنلەر؛ شەرقىي جەنۇبى تەرەپتە گەرچە سېپىل سوقمىسى توسۇپ تۇرسىمۇ، شەھەر ئىچىدىكى قىسمەن جايلار، جامە-مەسچىتلەر، مەشھۇر مەدرىسلەرنىڭ پەشتاقلىرى، كەسكەنيار، جانقورغان، بۇلاق بېشى مەھەللىلىرىدىكى خۇددى دارۋازنىڭ تەختى پەردىلىرىدەك ئاسمان پەلەكتە كۆرۈنىدىغان ئۆي-ئىمارەتلەر بىمالال كۆرۈنەتتى. جانابىي جېك ئەپەندى دۇربۇن بىلەن يىراقنى يېقىن قىلىپ مەنزىرە تاماشاسى قىلىۋاتقاندا، جانابىي كونسۇل سۆزلەپ قالدى. جېك ئەپەندى شۇسەۋەبتىن جاۋابەن سۆزلەشكە مەجبۇر بولدى.
    ـــ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىش مېنىڭ ياخشى ئادەتلىرىمدىن بىرى، ـــ دېدى ئۇ يېقىملىق جاۋاب بېرىپ.
    ـــ بۇ بەك ياخشى ئادەت، جانابىي جېك ئەپەندى! ــ كونسۇل تېخىمۇ ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلەپ داۋام قىلدى، ـــ بېرىتانىيىلىكلەر گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىشنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرىدۇ. بۇ بىزدىكى تۇغما خۇسۇسىيەت بولسا كېرەك، شۇڭا دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە گۈزەل مەنزىرىلىك جايلار بولسا، بىرىتانىيىلىكلەر شۇ جايغا يېتىپ بارغان ئىكىسپىدىتسىيە تەشكىللەپ، ھېچكىم تاپالمىغان مەنزىرىلىك گۈزەل جايلارنى تاپقان، ئاۋستىرالىيىنىڭ تېپىلىشى مېنىڭ سۆزلىرىمنى تولۇق ئسپاتلاپ بېرەلىسە كېرەك!
   ـــ ئەلۋەتتە!
    جېك ئەپەندى قىسقىلا سۆز بىلەن كونسۇلنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
    ـــ زېرەكلىكىڭىزگە مۆلچەردىن ئارتۇق مەمنۇنمەن، ــ دېدى كونسۇل تېخىمۇ تېتىكلىشىپ، ــ مەنزىرە ـــ ماھىيەتلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى. ئۇنىڭ ئاستىدا نۇرغۇنلىغان قىممەتكە ئىگە بايلىقلار يوشۇرۇنغان- دەپ چۈشىنىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا، قەشقەرنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىدىن تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ھۇزۇر تاپالىشىڭىزغا شەكسىز ئىشەنسەم بولغۇدەك!
    ـــ ئىشىنىۋېرىڭ، ــ دېدى جېك قەتئى ئاھاڭدا، ــ ئەگەر ماھىيەتنى مۇشۇ يۇرتنىڭ پۈتمەس-تۈگمەس بايلىقى، دەپ ئورتاق چۈشىنىدىغان بولساق، ئۇچاغدا، ئاۋستىرالىيىگە بېرىپ يەرلەشكەن، كانادا، جەنۇبىي ئافرىقىدا ماكانلاشقان بېرىتانىيىلىكلەرنىڭ سۇباتىدىن ئۆزۈمنى كەم ھېسابلاشقا ھەقلىق ئەمەسمەن!ــ ئۇ سۆزى بىلەن تەڭ كۆكرىكىنى چىقىرىپ قەتئىيلىك بىلەن كونسۇلغا قاراپ قويدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھەرىكەتلىرىدىن ئالىي قومانداندىن جەڭ ۋەزىپىسى تاپشۇرۇۋالغان ئوفىتسېرنىڭ ۋەدە بېرىۋاتقان چاغدىكى قەتئىي جاسارەتلىك تۇرقى چىقىپ تۇراتتى.
   ـــ رەھمەت! ــ دېدى كونسۇل كۈلۈمسىرىگەن قىياپەتتە ۋە سىنچى كۆزلىرى بىلەن جېك ئەپەندىگە قادىلىپ تۇرۇپ داۋام قىلدى، ــ مەن ھىندىستاندا تۇرغان يىللىرىمدا پىلغا تولىمۇ قىزىقاتتىم، چۈنكى ئۇ، زور، ھەم كۈچلۈك، ھەم ئىشچان، ھەم بۇزغۇنچى، ھەم ئاداۋەتچى، ھەم ئۆزىنى قوغداشقا قەيسەر ھايۋان. سىزنىڭ چۈشەنچىڭىزمۇ مۇشۇنداقتۇ، جېك ئەپەندى؟
   ــ داۋام قىلىڭ، جانابىي كونسۇل. سۆزىڭىزگە قىزىقىۋاتىمەن! ــ دېدى جېك جاۋاب ئورنىدا ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ.
    ــ ھەربىر بېرىتانىيىلىك پىلنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە قەيسەرلىك بىلەن ئۆز بۇرچىنى ئورۇندىشى لازىم دېسەم، بۇنى ھەربىر بېرىتانىيىلىكنىڭ نورمال ئۆلچىمى دەپ تونۇسام، سىزنىڭچە قانداق بولار؟
   ــ مۇھاكىمىڭىزدىن مەمنۇنمەن، جانابىي كونسۇل ئەپەندى! ــ دېدى جېك مەمنۇنىيەت بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ، ــ مېنى قەيسەر پىللار قاتارىغا قوشۇپ تىزىملاپ قويۇشىڭىزنى ئىلتىماس قىلىمەن. ئەگر ۋاقتىڭىز يەتسە، گۈزەل قەشقەرنىڭ ماھىيەتلىرى توغرىسىدا ئازراق تونۇشتۇرۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ مەمنۇن بولاتتىم.
    ــ بۇ تەلەپنى كۈتۈپ تۇراتتىم ــ دېدى كونسۇل تاماكىسىنى قاتتىق ئىككى شوراپ، ئاندىن بىردىنلا جانلىنىپ داۋام قىلدى، ــ قەشقەرنىڭ ماھىيەتلىرىدىن سۆزلىسەك، شەھەر كوچىلىرى توپىلىق بولسىمۇ، تەڭگە-تىللا جاراڭلاپ تۇرىدۇ. يىپەكلەر خۇددى ئالدىڭىزدىكى تۈمەن سۈيىدەك جىلۋىلىنىپ سوزۇلۇپ ئاقىدۇ. نەزەر دائىرىمىزنى يىراق مەنزىرىلەرگە قاراتساق، بۇ يەردە پېتى بۇزۇلمىغان يەر ئاستى بايلىقلىرى تولۇپ ياتىدۇ. يۇقىرىقىلارنى بۇ زېمىننىڭ ماھىيىتى دەپ تونۇساق، بىزنىڭ قىزىقىپ كۆڭۈل قويۇشىمىزغا ئەرزىمەسمۇ! ــ سۆز بۇ يەرگە كەلگەندە، كونسۇل قانداقتۇر بىر نۇقتىدا ئويلىنىپ جىم بولۇپ قالدى، شۇ ئارىلىقتا ئۇ، ئۆچۈپ قالاي دېگەن تاماكىسىنى قاتتىق شوراپ تۇتاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى، تاماكىنى ھەربىر شورىغاندا، ئۇنىڭ قوۋۇزلىرى خۇددى ئۇيۇپ تاشلىغاندەك ئىچىگە كىرىپ كېتەتتى. خېلىدىن كېيىن، ئېغىز-بۇرۇنلىرىدىن چىققان ئىس ئارىلاش ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ، ئاندىن سۆزىنى داۋام قىلدى، ــ ئەپسۇسكى، شۇنى چۈشىنىش لازىمكى، بۇ يەرگە بېرىتانىيىگە قارىغاندا، روسىيە بەك يېقىن!
    ــ بۇ يېرى چۈشىنىشلىك! سىگارتىڭىزدىن مەرھەمەت قىلامسىز، جانابىي كونسۇل!
    ــ نېمە، روسىيىنىڭ ئېتىنى ئاڭلاپلا خۇمارىڭىز تۇتتىما؟ ــ كونسۇل ئۇنىڭغا تاماكا ئۇزارتقاچ، چۆچۈگەن قىياپەتتە چېقىلدى ۋە كىنايە ئارىلاش سوغۇققىنا كۈلۈمسىرەپ قويدى.
    ــ مەن ئەزەلدىن روسىيىنى مەنسىتكەن ئەمەسمەن! ــ دېدى جېك چىرايىغا قەتئىي ۋە مەغرۇر تۈس ئېلىپ، ــ بۇ ھەقتە جانابىي چېمبېرلىننىڭ روسىيىنى بۆشۈكىدە بوغۇپ تاشلايمىز، دېگەن سۆزى ئېسىمدە چىڭ ساقلانماقتا. بۇ سۆز قۇلىقىمدا خۇددى ھەبەش ھالقىسىدەك دائىم جىرىڭلاپ تۇرىدۇ.
    ــ بۇ ستراتېگىيە مەسىلىسى! ــ دېدى كونسۇل پېشانىسىنى تۈرۈپ، ئۇنىڭ چوققىسىغىچە تۈكى چۈشۈپ غىلتاڭلىشىپ كەتكەن كەڭ پىشانىسى تۈرۈلگەندە، خۇددى كىر يۇيۇش تانىتىسىدەك تال-تال قىر بولۇپ كۆرۈنەتتى، ــ بىلىۋاتىدىغانسىز، روسىيىدىكى قىزىل ھاكىميەتنى ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلاش توغرىسىدا جانابىي چېمبېرلىن ھەرقانچە كۈچەپ سۆزلىگەن بولسىمۇ، بۇ ھاكىميەت ئۇجۇقمىدى، بەلكى بارغانچە كۈچىيىپ كېڭەيمەكتە. قەشقەرىيىدە بىزگە كۈچلۈك رەقىب بولۇپ تۇرماقتا. بۇ رەقىب بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ، بەل تۇتۇشىدىغانلار جانابىي چېمبىېرلىن بولماستىن، فرونتنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرغان يەنىلا سىز بىلەن بىزغۇ! قىلىچۋازلىق قىلساقمۇ، چېلىشساقمۇ، بوكسىيورغا چۈشسەكمۇ يەنە بىزغۇ! ــ كونسۇل سۆز ئاخىرىدا بېشىنى قانداقتۇر بىر مەنىدە چايقاپ بېسىلىپ قالدى.
    ــ كارامىتى چاغلىق، كونسۇل ئەپەندى! مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، قىلىچۋازلىقتا فىرانسۇز كوماندىسىنى، بوكسىيورلۇقتا نورۋېگىيە كوماندىسىنى يېڭىپ چىمپىيون بولغانمەن! ــ دېدى جېك ئانچە ئويلانماستىنلا.
   كونسۇل قاتتىق كۈلدى. كۆزىدىن ياش چىققانغا قەدەر كۈلگەندىن كېيىن، ياشاڭغىرىغان كۆزلىرىنى سۈرتۈپ، بۇرۇنلىرىنى چىمداشتۇرۇپ ئاندىن سۆزگە كىرىشتى:
   ــ بۇ گەپچە سىز ھەممىدىن خەۋەردار ئىكەنسىز! ــ دېدى ئۇ كۈلكىسىنى مەسخىرە ئارىلاش داۋاملاشتۇرۇپ، ــ ئىككى ئىسپورتچى چىمپىيونلۇق تالاشقاندا، ئوچۇق مەيدانغا چۈشۈپ، شۇنچە كۆپ تاماشىبىنلار ئالدىدا كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئەگەر خاتالاشمىسام، مەندىن ياخشىراق چۈشىنىدىكەنسىز، چۈنكى، سىز چىمپىيونلۇق تالىشىش كۈرەشلىرىگە بىۋاستە قاتناشقاندە –دە!
    ــ شۇنداق، جانابىي كونسۇل! ــ دېدى جېك كۆزلىرىنى تەنتەكلەرچە ئوينىتىپ، ــ مەسىلەن، قىلىچۋازلىقنى ئالايلى، رەقىبىڭىز ئالدىدا سەل-پەل بوشاڭلىق قىلسىڭىز ياكى بىخۇد تۇرسىڭىز، سىزنى دەھشەتلىك ئاقىۋەتلەرگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، شۇنداقمۇ!
    ــ ئەمما بۇ يەردە بىز ئىسپورت قائىدىسى بويىچە ئەمەس، باشقىچە ئۇسۇلدا ــ تەڭداشسىز ئالىيجانابلىق بىلەن ئىش كۆرىمىز! ــ دېدى كونسۇل ئۇنىڭ «شۇنداققۇ» دېگەن سوئالىنى رەت قىلىپ، ــ شۇنىڭغا چۈشىنىڭكى، بۇ يەردە بىز ئاداۋىتىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمگە سەزدۈرمەيدىغان ھىندى پىللىرىغا ئوخشاش، سەۋرچانلىق، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن سالماق قەدەم تاشلاپ، ئەقىل-ئىدراكنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلاپ كەلگەن ئاجايىپ ماھارەتلىرىمىز ئارقىلىق رەقىبلىرىمىزنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىمىز، يالىڭاچ قىلىندىغان باشقا چارىلەرنىڭ ھەممىسى ئىدراكسىزلىق، تەنتەكلىك ھېسابلىنىدۇ. بىزگە بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇقى ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتچانلىقىمىز بىلەن تەشكىلاتچانلىقىمىز، ئادەمگەرچىلىك ئاساسىدىكى مەنپەئەتدارلىقىمىز ئۈنۈملۈك ياردەم كۆرسىتىدۇ، دېگەنلىرىمگە چۈشىنىۋاتىدىغاسىز، جېك ئەپەندى.
    ــ چۈشىنىۋاتىمەن، كەچۈرۈڭ، كونسۇل ئەپەندى! ــ دېدى جېك ئۆز خاتاسىنى تونۇپ، ئەپۇ سوراپ.
    ــ چۈشەنگەنلىكىڭىزگە رەھمەت، تاماكىدىن يەنە بىرتال چېكىڭ!
    رەھمەت! ــ دېدى ئۇ تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بولۇپ، ئاندىن ئىككى نەپەس شورىۋالغاندىن كېيىن سورىدى، ــ سىز ئېيتقان ئىجتىمائىي پائالىيەتچانلىقنى قانداق چۈشەنسەم بولىدۇ؟
   ــ قەشقەردە بىزگە قارىغاندا، روسىيە تەرەپكە مايىل كىشىلەر كۆپ، ـ دېدى كونسۇل ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ، ــ ئۇلارنى ئىككى تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ: بىرىنچى تىپى، روسىيە بىلەن بولغان قوشىندارچىلىق ۋە روسىيە بىلەن بولغان سودا مۇئامىلىدە كۆرگەن پايدا-مەنپەئەتىگە مايىل بولسا، ئىككىنچى تىپى، رۇس قىلىچىدىن قورقۇش، ئېھتىيات قىلىش تۈپەيلى، مايىللىق كۆرسىتىدۇ، ئەمما بىز كىشىلىك ھوقۇقى ئاساسىدىكى پائالىيەتلىرىمىز، ئادەمگەرچىلىك ئاساسىدىكى مەنپەئەت كۆرسىتىشىمىز ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مايىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىمىز، مەن ئېيتقان ئىجتىمائىي پائالىيەتنى مۇشۇ مەنىدە دېسەم چۈشىنىشلىك بولغاندۇ؟
   ــ چۈشەندىم! ــ دېدى جېك ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ، ئاندىن بىلىنەر-بىلىنمەس قىلىپ مىيىقىدا كۈلدى.
    ــ كۈلىسىزغۇ، قايىل بولمىغان تەرەپلىرىڭىز بولسا، يەنە سۆزلەڭ! ــ دېدى كونسۇل سەل جىددىيلەشكەندەك قاراپ.
    ــ پايدا-مەنپەئەت كۆرسىتىمىز، دېگەننى كۆپرەك تىلغا ئېلىۋاتىسىز، بۇنىڭدا بېرىتانىيە زىيان تارتىدۇ، دېگەن ئۇقۇم چىقامدۇ؟ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچەم بىرئاز مۈجمەل، شۇڭا كۈلۈمسىرىگەن بولۇشۇم مۇمكىن، ئەپۇ قىلىڭ!
    ــ سۆھبىتىمىزنىڭ كۆڭۈللۈك يېرى مانا ئەمدى چىقىۋاتىدۇ. سىز شۇنى چۈشىنىڭكى، مېنىڭ پايدا-مەنپەئەت كۆرسىتىش دېگىنىم، روسىيە ئىنقىلابچىسى لېنىننىڭ كۆرسەتكىنىدىن چەتلەپ كەتمەيدۇ. لېنىن نېمىدېگەن بىلەمسىز؟
   ــ مەن لېنىننى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيمەن، رادىئودا ئۇنىڭ سۆزى ئاڭلانسىلا دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلايتتىم!
    ــ سىزنىڭ يېتەرسىزلىكىڭىز دەل مۇشۇ يەردە ئىكەن، ــ دېدى كونسۇل سەمىمىي كۈلۈپ، ئۇخۇددى ئوقۇغۇچىسىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىدەك، كۆيۈمچانلىق بىلەن داۋام قىلدى، ــ مەن ئىمكانقەدەر يامان كۆرگەن ئادىمىمنىڭ سۆزىنى كۆپرەك ئاڭلاشقا تىرىشىمەن، چۈنكى ئۇنداق ئادەملەر تولا ھاللاردا ماڭا ئەقىل ئۆگىتىدۇ. ئوچۇقراق ئېيتسام، لېنىن بىز ئىنگىلىزلارنى «ئىككى پايدا بىر كەلگەندە، ئالدىغا ئۆتۈۋالىدۇ.» دەپ كۈلگەن. بىز بۇنى ئەقىل ئورنىدا پايدىلاندۇق، شۇڭا ئىككى ھەسسە پايدا ئېلىشقا كۆز يەتكەندىلا، بىز ھەسسە زىيان تاتىشقا رازى بولىمىز، مەيلى ئەمەسمۇ، بۇنىڭ نېمە زىيىنى؟ مۇشۇنداق چۈشەنسىڭىز، سىزنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىڭىز تولۇقلىنىپ قالىدۇ. شۇنداقمۇ، جانابىي جېك ئەپەندى؟ ــ دېدى ئۇ كۈلكە ئارىلاش يېقىنلىق قىلىپ.
    ــ رەھمەت سىزگە! ــ دېدى كونسۇل بىردىنلا جانلىنىپ، كېيىن بىردىنلا چىرايغا كۆڭۈلسىزلىك تۈس ئېلىپ داۋام قىلدى، ــ ئېسىمدە بار ۋاقىتتا يەنە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھازىر قەشقەردە بىزگە ئەڭ كۆڭۈلسىزلىك كەلتۈرۈۋاتقان ئادەم ئابدۇقادىر داموللا. بۇ ئادەم ئىسلاھات، مەرىپەت شوئارى ئاستىدا خەلقنى بىزگە قارىشى قويماقتا... بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ قېلىڭ!
    ــ كېچە ئارخىپتىن كۆرۈپ شۇنىڭغا ھەيران قالدىمكى، دىندار بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن بولشېۋىكلارغا قارىشى ھەرىكەت قىلماستىن، بىزگە قارىشى تۇرىدۇ؟ ــ دېدى جېك ھەيران بولغانلىقتىن، ئىككى قولىنى قۇلۇلە قېپىنى ئاچقاندەك ئىككى تەرەپكە قايرىپ تۇرۇپ.  
    ــ قاتتىققا چىشى ئۆتمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
    ــ بىزنى يۇمشاق دەپ ھېسابلامدۇ؟
  ــ ئېھتىمال...
    ــ ئاۋازسىز تاپانچىلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئۇكىشى بىلمىسە كېرەك!
    ــ قەيەردىكى گەپلەرنى قىلىۋاتىسىز ــ ھە! ــ دېدى كونسۇل قاقاقلاپ كۈلۈپ. ئۇنىڭ كۈلكىسىدە يۇقىرى سۆزنى خوپ كۆرمىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
    ــ ئۇ بولمىسا، خەنجەر! ...
    ــ تاماق ۋاقتى بولۇپ قالدى، يۈرۈڭ! ــ دېدى كونسۇل راۋاقتىن چۈشۈپ كېتىشكە تەمشىلىپ. كۈن خېلىلا قايرىلىپ قالغانىدى.
    بۇلار قايرىلىپ پەلەمپەي تەرەپكە ماڭدى. گويا يەنە بىر ئاز سۆزلىشىشنى خالاپ قالغاندەك، پەلەمپەيگە ئاز قالغاندا، كونسۇل بىردىنلا توختىدى-دە، جېك ئەپەندىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى. بۇنى چۈشەنگەن جېك ئەپەندىمۇ «خۇش، مەرھەمەت» دېگەندەك قىلىپ قاراپ تۇردى. كونسۇل سۆز ئاچتى:
    ــ سىزگە بىر ئىش توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشنى ئويلاۋاتىمەن، ئەگەر خالىسىڭىز، ــ دېدى ئۇ سۇئال نەزەرى بىلەن جېك ئەپەندىگە قاراپ.
    ــ سۆزلەڭ، قۇلىقىم سىزدە! ــ دېدى جېك سەمىمىي قىياپەتتە كۈلۈمسىرەپ.
    ــ ئەگەر خالىسىڭىز، سىز ئۆزىڭىزنىڭ قەشقەردە ئىسلام دىنى مۇھىتىدا تۇرۇۋاتقانلىقىڭىزنى ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقارماسلىقىڭىز كېرەك! ــ دېدى ئۇ ئاستا ئاۋازدا سالماق سۆزلەپ، جېك قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى، كونسۇل داۋام قىلدى، ــ باشقا دىنلارغا ئوخشاش، قەشقەردىكى ئىسلام دىنى مۇرتلىرىمۇ خۇدانى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، لېكىن ئېتىقادچىلار تۈرلۈك مەزھەپ، پىرقە-گورۇھلارغا ئايرىلىپ، ياراشتۇرۇپ كەتكىلى بولمايدىغان ئىختىلاپلار ئىچىدە ياشايدۇ. ھازىر بۇلارنى چوڭ ئىككى ئېقىمغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئۆز مۇرتلىرىغا ئېتىقادتا قۇللۇق قىلىشنى، مەنىۋى جەھەتتە غەپلەت-جاھالەتنى، سىياسىي ھاياتتا ئۆز ھۆكۈمرانىغا شەرتسىز ئىتائەتنى، بۇ دۇنيادا ھەر قانچە جەبىر-جاپا، مۇشەققەت كۈنلەرنى كۆرۈشكە رازى بولۇپ، راھەت-پاراغەتنى ئۆلگەندىن كېيىن ئاخىرەتتە كۆرۈشنى ئەمرىمەرۇپ قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، خەلقنى ئويغىتىپ، ھازىرقى زامان تەرەققىياتىغا باشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئابدۇقادىر داموللا مانا شۇ كېيىنكى (جەدىتى) ئېقىمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. بۇ ئىككى ئېقىم ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ھازىر بەك كەسكىن. مەن بۇ مەسىلىلەرنى ئۇزۇندى-ئۇزۇن سۆزلەپ تۇرۇشۇمدىكى مەقسەت، ھەربىر بېرىتانىيىلىك زىددىيەتلەر ئىچىدە قايمۇقۇپ، ھالىدىن كەتكەن ئەللەردىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك، دېمەكچىمەن!
    جېك ئەپەندى گويا جان كۆيەر دادىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاۋاتقان بالىدەك بېشىنى بىلىنەر-بىلىنمەس لىڭشىتىپ، سۆزگە سەمىمىي قۇلاق سالاتتى. بۇ ئۇنىڭ چۈشىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى، بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغان كونسۇل قىزىشىپ داۋام قىلدى:
    ــ ھىندىستان چوڭ ھەم ئۇلۇغ مەملىكەت. بۇ قانداق قىلىپ بېرىتانىيىنىڭ قولىغا قاراشلىق بولۇپ بولغان، ئەگەر بېرىتانىيىلىك شۇ ئەلدىكى  مىللىي نىزا، دىنلار ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپ، مەزھەپلەر ئىچىدىكى زىددىيەتلەر ۋە شۇ ئەلدىكى خۇراپاتلىق، جاھالەت-غەپلەتلەردىن پايدىلنىشقا ماھىر بولمىغان بولسا، شۇ قەدەر چوڭ مەملىكەتنى بىر قانچە يۈز يىلدىن بېرى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرالمىغان بولاتتى. ئاۋازسىز تاپانچا ياكى خەنجەرگە تايانغان بولسا، بۇ مەقسەتكە يېتىش تېخىمۇ مۇمكىن بولمايتتى. ئويلاپ كۆرۈڭ، شۇنداق ئەمەسمۇ!؟
   ــ چۈشىنىشلىك، دېدى جېك كەسكىن جاۋاب قىلىپ.
    ــ چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت، يۈرۈڭ تاماققا چۈشەيلى! ــ كونسۇل مەمنۇن ھالدا جېك ئەپەندىنى باشلاپ ماڭدى. ئۇلار پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىۋاتقاندا، كونسۇلنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى ئوچۇق ئاڭلىناتتى:
    ــ بىر-بىرىنىڭ كۆزىنى ئويۇشۇپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىشىپ، پۈتمەس-تۈگىمەس ئاداۋەت، ئارازلىقلار ئىچىدە كېتىۋاتقان بۇ شەھەردە، بىزنىڭ تاپانچا ئېتىپ ئوق زايە قىلىشىمىز ياكى خەنجەر ئېتىپ تۇرۇشىمىز قىلچە ھاجەتسىز، شۇنى چۈشىنىپ قويۇڭكى، جانابىي جېك ئەپەندى، بۇلار ئۆزىنى ئۆزى بوغۇزلىشىدۇ، بىر-بىرىگە ئۆزلىرى خەنجەر-پىچاق سېلىشىدۇ. بىز بىر چەتتە تۇرۇپ، قەدىمكى رىم تىياتىرخانىسىدا تراگېدىيە كۆرگەندەك تاماشا كۆرسەكلا بولىدۇ!
شۇنىڭدىن كېيىنكى سۆزلەر قاتتىق كۈلكە ساداسى ئىچىدە ئاڭلانماي قالدى. ئۇلار قۇم ساناپ، يەنە نېمىلەر دېيىشتىكىن!
شەھەردىن يانغان ياش بىر دېھقان ئېشەكلىك سەمەن يولىدا كېتىۋېتىپ ناخشا توۋلىماقتا:
                                         شامال چىقسا لىڭشىيدۇ،
                                                  سەمەن يولىدا تېرەك.
دەرۋەقە، ناخشىدا كۈيلەنگەندەك، سەمەن يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئاسمان بويلاپ ئۈچ تارتقان سۇۋادان تېرەكلەر باھار شامىلىدا نازغىن لىڭشىپ، ئۇسسۇلچى قىزلاردەك ئەۋرىشىم بويلىرىنى ئەگمەكتە ئىدى.
شەھەردىن لەڭگەرگە، لەڭگەردىن سىمخانىغا كەتكىلى بولىدىغان بۇ سەمەن يولى شۇ يىللاردىلا بىردىنبىر ياسالغان تاشيول بولۇپ، بىرقەدەر كەڭ ۋە ئازادە ئىدى. يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا تاكى توغراقلىق مازارغا بارغۇچىلىك  قاتار تېرەك قويۇلغانىدى. ئادەتتە بۇ يولغا بەلگىلىك ۋاقىتتا سۇ سېپىلىپ تۇراتتى، شۇڭا، بۇ يول چاڭ-توزاندىن خالى، ھاۋاسى بىر قەدەر ساپ بولۇپ، ئەتىگەن-كەچلىكلەردە كىشىنىڭ زوقىنى قوزغاپ، ھاۋالىنىپ سەيلە قىلىش ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى.
كەچ پېشىن ۋاقتى، كۈن قايرىلغان چاغ. بۇلۇتسىز ئاسماندا ئوتتەك قىزىق يېنىپ تۇرغان قۇياش بوستان تېرەكلەرنىڭ تارغاقتەك قېلىن ئاراچلىرىدىن تىلىم-تىلىم نۇر تۆكۈپ، يولنىڭ يۈزىنى قولان تېرىسىدەك ئالىتاغىل قىلىپ، ئاجايىپ چىرايلىق كۆركەملەشتۈرەتتى. يولدا ئىككى كىشى پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچىكى، تەقى-تۇرقى، قوللىرىدىكى زاكون تاياقلىرىنى ئوينىتىپ مېڭىشلىرى چەت ئەللىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇراتتى.
داخۇڭگەيلىك قىلىپ، كوچا كېزىۋاتقان شەھەر بىكارچىلىرىدەك لاغايلاپ، ئالدىرىما كېتىۋاتقان بۇ چەت ئەللىك سەيلىچىلەر يول ئۈستىدە ئۇچرىغان ھەممە نەرسىگە قىزىقىپ قارايتتى. ئېشەك ھاڭرىسىمۇ، تۇخۇ چىللىسىمۇ، ئىتلار قاۋاشسىمۇ قىزىقىپ قاراپ كۈلۈشەتتى. ئېشەكلىك كېتىۋاتقان ئاپئاق ساقال بوۋايلارغا، پىيادە كېتىۋاتقان مومايلارغا، قېتىق سېتىپ يانغان چوكانلارغا، غەزەل توۋلاپ كېتىۋاتقان قىغچى دېھقانلارغا، بىكار بولغان شاپتۇل سېۋەتلىرىنى مۈرىسىگە ئارتىپ كېتىۋاتقان بالىلارغا... ئىشقىلىپ، ئۇچراشقان ھەممىگە قىزىقىپ قارايتتى. بۇلار قەيەرگە كېتىۋاتىدىغاندۇ!
ئۇلار يۇقىرىلاپ مېڭىپ ئۆزگىچە ئاقىرىپ تۇرغان بىنانىڭ ئالدىغا بارغاندا توختاشتى. سەمەننىڭ ئەڭ كۆركەم يېرىگە چۈشكەن بۇ ئەلچىخانا كۆلەم جەھەتتە، چوڭ ھەم ئازادە بولۇپ، ھەيۋەتلىك، كۆركەم ئىدى. ئومۇمىي كۆرۈنۈشىدىن پۈتۈنلەي مەنزىرلىك باغ دېيىشكە بولاتتى. دەرۋازىدىن كىرىپ ئوڭ قول تەرەپتە-بوستان تېرەكلەر ئوتتۇرسىدا ئۈستى يېشىل قاڭالتىر بىلەن قاپلانغان روس پاسونىدىكى ئۆيلەر كۆز چاقاتتى، ئوتتۇردىكى ئارا-ئارىسىغا يول قويۇلغان  قويۇق تېرەكلىك باغ كۆڭۈللۈك كۆرۈنەتتى. تېرەكلىك باغنىڭ يان-ياقىسىغا مۇۋاپىق ئورنىتىلغان ئورۇندۇقلار ھەرقانداق كىشىنىڭ بىرپەس سەگىدەپ ئولتۇرۋېلىش ئارزۇسىنى كەلتۈرەتتى. سول قول تەرەپتىكى ۋالىبول مەيدانىمۇ ئاھادە ئىدى.
جانابىي جېك باشچىلىقىدىكى ئىككى كىشىلىك سەيلىچى باغ مەنزىرىسىگە قىزىقىپ قالغانىدى. ئۇلار دەرۋازىغا كەلگەندە ياندىكى كىچىك ئۆيدىن قاراۋۇل چىقتى. سەيلىچىلەردى بىرى ئىشىك باقار بىلەن سۆلىشىۋاتقاندا، جېك ئەپەندى ۋالىبول مەيدانىغا بېرىۋالدى. ئۇ قانداقتۇر بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتىپ، گويا ۋالىبول سېتكىسىنى بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۇچىرىۋاتقاندەك، سىنچىلاپ قاراپ ئايلىناتتى.
ئىشىك باقار ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ ۋالىبول مەيدانىغا كېلىۋاتقاندا، جانابىي جېك لاغايلاپ تېرەكلىك باغ تەرەپكە ماڭدى. ئۇ تولىمۇ ئەركىن ۋە بىمالال كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىدىن مەنسىتمەسلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى.
ئۆز-ئۆزىگە خوجا بىر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئەلچىخانا ھويلىسىغا ئالدى سۆزلەشمەي ياكى رۇخسەت ئالماي كرىپ، ئۆزى بىلگەنچە كېزىپ يۈرۈش شۇ دۆلەتنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئاياغ ئاستى قىلغانلىق ھېسابلىناتتى. ئىشىك باقار ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قاتتىق توستى. جانابىي جېك چىكىتىشكە مەجبۇر بولدى، لېكىن ئۇنىڭ غۇرۇرى بار ئىدى.
ئۇ چېكىنىپ دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە، ئارقىسىدىن سوڭدىشىپ كېلىۋاتقان ئىشىك باقار رۇس گويا ئۇنى قوغلاۋاتقاندەك سۈرلۈك كۆرۈندى. ئۇنىڭ خوجايىنلىق سۈرلۈك قىياپىتى جانابىي جېكنىڭ غۇرۇرىغا تەگدى. ئۇ بوكسىيورلۇقتا چېمپىيون بولغان ئەمەسمىدى! ئوقۇۋاتقان چېغىدا چېمپىيون بولغان جاناب بۈگۈن قوغلاندى بولۇپ قالغىنى نېمىسى! نومۇس قىلغۇدەك بىر ئىش ئەمەسمۇ! ئۇ تۈرلۈك خىياللار ئىچىدە دەرۋازا ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سەزمەي قالدى-دە، بىردىنلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ، ئىشىك باقارنىڭ يالغۇز كېلىۋاتقانلىقىدىن، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تۇرغانلىقىدىن پايدىلنىپ بىر مۇشت سالدى. ئىشىك باقارنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى، خېلىدىن كېيىن كۆزى ئېچىلاغاندا جانابىي جېكنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى.
ئۇ قېچىپ كەتكەنىدى!

0

تېما

9

دوست

2217

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23638
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-7 21:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

8

دوست

2285

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-9 06:38:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4

تېما

1

دوست

652

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29784
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 04:56:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېۋىر تىمۇرنىڭ ‹‹ئابدۇقادىر دامۇللام ھەققىدە قىسسە››دىگەن كىتابىدىن ئىلىپسىز ھە؟
ئۇ كىتاپنى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۇقۇپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن.

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-10 14:17:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )