ياپونىيىدىكى ئەڭ چوڭ قارا جەمئىيەت "شەنكو تەشكىلاتى " ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنى تەسىس قىلىپ "زەھەر چەكلەش" ، "مۇشتۇمزورلارنى يوقىتىپ، ئاجىزلارنى يۆلەش " ، "دۆلەتنى ساپلاشتۇرۇش " قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان . بۇ تور بەتتە كىشىلەر ئويلىغاندەك قارا كاستۇم –بۇرۇلكا ، قارا كۆزەينەك ، تاپانچا ،پالتا-پىچاق دېگەنلەر يوق ؛جاھانكەزدىلەرنىڭ "ئۆتمۈشنى ئەسلەپ خاتالىقلارنى ئۇنتۇپ كېتىش "دېگەنلىرى ۋە ئاق كالتە ئىشتان كىيىپ بەدەنلىرىگە گۈل چېكىۋالىدىغان ئەرلەر تېخىمۇ يوق . 1 شەنكۇ تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى بىر قىسىم يىڭى ئەزالارنى تولۇقلاش ، تور بەت ئېچىلغاندىن كىيىن زىيارەتچىلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتقا بولغان قىزىقىشى تۆۋەنلەپلا قالماي بەلكى ئەزا بولغانلىرىمۇ مۇشۇنداق مەتۇ قارا جەمئىيەتكە ئەزا بولغاندىن باغچىدىكى سەيياھ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئەزا بولغان ياخشىكەن دەپ ئاغرىنغان . قارا جەمئىيەتمۇ ئۈزلۈكسىز قان يېڭىلاپ تۇرۇشى كېرەك ، باشقا ھەرقانداق كەسىپكە ئوخشاش يېڭى كەلگەنلەر تۈرلۈك بېسىم ،نامراتلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ، ئۇلار بەزىدە جازالىنىشى بەزىدە چوڭامنىڭ خاتالىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەتتا بەزىدە جاھانكەزدىلەرنىڭ ئۆچ-ئاداۋەت سەۋەبىدىن قىلغان زورلۇق-زومبۇلۇق ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن . ياپونىيىدىكى قارا جەمئىيەتكە پۈتۈن دۇنيادىكى قارا جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ مەستلىكى كېلىدۇ چۈنكى ياپونىيە قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلغان بىردىنبىردۆلەت . ياپونىيىدە قارا جەمئىيەت كوچىدا تەشكىلاتنىڭ بەلگىسىنى نام ئەمەل كارتىسىغا چاپلىۋېلىپ ئۇچۇق ئاشكارا ئەزا قوبۇل قىلالايدۇ ، قارىماققا ئادەتتىكى ئاق ياقىلىقلار بىلەن بەك پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ ، ناگاندا بىر كاستۇم بۇرۇلكىسىنى سېلىپ بەدىنىدىكى كۆكىرىپ كەتكەن يەرلىرىنى كۆرسىتىپ قۇيىدۇ شۇ . نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ كەسىپ ياشلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالدى چۈنكى ياپونىيە ، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھازىر مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان ساقال-بۇرۇت قويغان قوپالراق كەلگەن ئەرلەرنى ئەمەس بەلكى يۈزلىرى ئاياللارنىڭكىدەك سىلىق ھەم چىرايلىق ، كىيىنىشى ئاياللاشقان ئوتتۇرا جىنستىكى يىگىتلەرنى قوغلىشىش مودا بولدى . بىراق قارا جەمئىيەتتە بىر بولسا بەدىنىگە گۈل چېكىش بىر بولسا چىمچىلاق قۇلىنىڭ يېرىمىنى كېسىۋېتىش بۇ كەسىپكە كىرىشنىڭ ئەقەللىي تەلىپى ھېسابلىنىدۇ . 2 يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىشتا شياڭگاڭدىكى قارا جەمئىيەت بەك داۋراڭ سېلىپ كەتمىسىمۇ بىراق ياپونىيىنىڭكىدىن ئۈنۈمى ياخشى . شياڭگاڭدا ئەگەر كىم ئۆزىنى قارا جەمئىيەت ئەزاسى دەپ ئېتىراپ قىلسا شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ ، ياپونىيىدىكى كەسىپداشلىرىدەك بەلگىلىرىنى ئۇ يەر بۇ يەرگە چاپلاپ تەشكىلاتلىرىنى تەشۋىق قىلالمايدۇ ، شۇنداق قىلىپلا قالسا ھۆكۈمەتنىڭ قۇيرۇقلىرى ئەگەشكىنى ئەگەشكەن . ئەنئەنىۋى ئادەم قوبۇل قىلىش ئۇسسۇلى "قەدىمكىلەر ئېزىقتۇرغان يىگىت "دېگەن كىنودا ناھايىتى تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن يەنى باش قەھرىمان بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن توپ تەپمەكچى بولۇپ تۇرغاندا "چى كۈن "دېگەن بىرى كېلىپ ئۇلارنى ئۇرۇپ كېتىدۇ شۇ ۋاقىتتا يەنە بىر " ياخشى نىيەتلىك كىشى " دا لاۋ ب كېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىدۇ . دا لاۋب بىلەن چى كۈننىڭ بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى ئىكەنلىكىنى باش قەھرىمان خاۋ نەن كىيىن بىلىدۇ ، بىراق بۇ چاغدا ئۇلار ئاكا-ئۇكا بولۇشۇپ قەسەم ئىچىشكەن بولۇپ ئەگەر يېنىۋالسا تەشكىلاتنىڭ قائىدىسى بۇيىچە جازالىناتتى . ھازىر شياڭگاڭ قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى نەزىرىنى مەكتەپلەرگە ئاغدۇرغان بولۇپ چۈنكى شياڭگاڭ مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى بەك يۇقىرى ، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بىر بولسا ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدۇ بىر بولسا كەسىپ ئۆگىنىدۇ ، قارا جەمئىيەتكە قاراپ قۇيۇشقىمۇ چولىسى تەگمەيدۇ . شياڭگاڭ قارا جەمئىيەت تەشكىلاتىمۇ توردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تەشكىلاتنىڭ تور بېتىگە ھەقسىز قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئېلان بېرىلگەن ئىككى كۈندە 520 ئادەم تىزىملاتقان . تەيۋەندىكى قارا جەمئىيەتمۇ توربەتتىن باشقا توردىكى ئويۇنلاردىن ۋە ئاۋازلىق پاراڭلىشىشتىن پايدىلىنىپ ئادەم قوبۇل قىلغان . 3 مېكسىكا ھۆكۈمىتىدە چىرىكلىك ئېغىر بولغاچقا بەزى جايلاردا قارا جەمئىيەت تاكى زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى ئاللىقاچان ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بولغان ساقچىلارلا ئەمەس ئالاھىدە ساقچى ۋە ئالاھىدە قىسمىدىكىلەرمۇ بۇ رايونلاردا خالىغانچە ھەرىكەت ئېلىپ بارالمايدۇ . زەھەر سودىسىنى ئاساس قىلغان مېكسىكا قارا جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىمۇ توردىن پايدىلىنىپ ئادەم تولۇقلاشنى باشلىغان بولۇپ تورغا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چىرايلىق سۈرەتلىرى ، زىبۇ –زىننەت ، نازىنلار ۋە ھەرخىل قوراللارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ ياشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان . ئۇنىڭدىن باشقا مېكسىكىدىكى ئەڭ چوڭ قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى زىتاسنىڭ قۇرغۇچىلىرى مېكسىكا ئالاھىدە قىسىمنىڭ قاچاق ئەسكەرلىرى بولۇپ تايانچلارنى تاللاشتا پەقەت ئالاھىدە قىسىمنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن . مەيلى مېكسىكىدىكى زورلۇق-زومبۇلۇق بىلەن ئىش ئېلىپ ماڭغان ياكى شياڭگاڭدىكى تور تېخنىكىسى بىلەن تەشكىلاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەشكىلاتلارغا قارىغاندا ياپونىيىدىكى بىر نەچچە چوڭام ۋە يىڭى كەلگەنلەرنى ئەگەشتۈرۈپ دېڭىز تاشقىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىپ ئۆزىنى ساقلاپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى ئەڭ بالدۇر زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندەك قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ "شەرەپلىك" ئىش ئىزلىرىنى ئەمدى قارىغاندا كىنولاردىلا كۆرىدىغان ئوخشايمىز . "ئالاھىدە نەزەرر " ژۇرنىلىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار نەشرىنىڭ 2014-يىللىق 6-سانىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى . |