سىز تارىختا بەلكىم كۈن پاتماس ئېپپىريە – بۈيۈك بېرتانيىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن . ئەلۋەتتە سىزنىڭ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنى ۋە سىتالىننىمۇ توللۇق بىلىدىغانلىقىڭىزغىمۇ ئىشنىمەن . مەن بۇ يەردە سۆزلىمەكچى بولغىنىم بولسا ھازىرقى روسيە فېدراتسىيسىنىڭ ئىپتىخارى ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ زىمىنىگە ئاساس سالغۇچى پادشاھ پېتىردۇر.ئۇنىڭ ئىسلاھاتى بىلەن كىچىككىنە بولغان ، ئاجىز ، سانائەت تەرەققىياتى ياۋروپادا ئەڭ كەينىدە قالغان ، مەدەنيەت- مائارىپ ئىنتايىن ناچار بولغان موسكىۋا كىنەزلىكىنى ئېمپىريىگە ئۆزگىرىپ، سانائەتتە ياۋروپا بىلەن تەڭ ماڭدىغان ، ئېغىر سانائىتى تەرەققى قىلغان ، ياۋروپادىكى ھەربى قوشۇنلار بىلەن ئادەم سانى ۋە قوشۇننىڭ ساپاسى تەڭ بولغان ۋە ئېشىپ چۈشكەن بىر ئىمپىريىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇنىڭ تۆھپىسى بىلەن روسيە بۈيۈك بېرتانىيە ئارمىيسىدىن ئېشىپ چۈشۈپ ، دۇنيادىكى ھازىرغىچە ئامىرىكىغا ياق دىيەلەيدىغان دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى. ئۇنىڭ مائارىپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى ئىسلاھات قىلىش ،مۇنتىزىم بولغان دېڭىز ئارمىيسىنى بەرپا قىلىش ، قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ سان ۋە ساپاسىنى ئۆشتۈرۈش ، مەدەنيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ، سانائەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ، مال ئوبروتىنى يولغا قويۇش ، ھوقوقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش قاتارلىق ئسلاھاتلىرى پېتىر ئىمپىريىسىنى روسيە تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا ئېمپىريىگە ئايلاندۇردى. ئۇنداقتا مەن نۆۋەتتە ئۇنى قىسقىچە بىر جامائەتكە تونۇشتۇرماقچى: تۇللۇق ئىسمى پېتىر ئالىكسېيۋىچ رومانوف ، 1672-يىلى6-ئاينىڭ9-كۈنى موسكىۋادا تۇغۇلغان ، رۇس مىللىتىدىن ،ئۇ چار پادشاھ ئالىكسى مىخايلوۋىچ ۋە ئۇنىڭ 2-ئايالى ۋىتالىيا نالىسۋىچنىڭ ئوغلى . پېتىر 4ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. چار پادشاھ ئالىكسى مىخايلوۋىچ 1-ئايالىدىن 13پەرزەنتلىك بولغاچقا ،خانلىق تەختىنى تالىشىش ھايات-مامات كۆرشى شۇ ھامان باشلىنىدۇ. بۇ چاغدا پېتىرنىڭ ئاچىسى سوفيە ئالىكسىۋېنا بىر نەچچە يىل ۋاقىتلىق پادشاھ بولىدۇ . پېتىر 1689-يىلى ھاكىميەتنى ئاندىن قولىغا ئالىدۇ. پېتىر زېھنى كۈچى ئۇرغۇپ تۇردىغان ، كەسكىن، ئەقىللىق ، ھاكىميەت باشقۇرۇشقا ناھايتى ماھىر ، ھەربى تالانتى يۇقىرى ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇشقا ماھىر سىياسەتشۇناس بولسىمۇ لىكىن ناھايتىمۇ ئاچچىقى يامان ، ھاراقكەش كىشى ئىدى.بۇلۇپمۇ ئۇ ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندا ئۇنىڭ چىشىغا ھېچكىم تىگەلمەيتتى. پېتىر ئۆز ھاياتىدا ئىككى قېتىم توي قىلغان بولۇپ ، 1-ئايالىنى بىر ھەپتە ئۆي تۇتۇپ ، موناستىرغا ئاپىرىپ بەرگەن. كىين پېتىر باشقا بىر ئايال بىلەن بىرگە تۇرغان بولۇپ،بۇ ئايالىنىڭ ئالىكسى ئىسىملىك بىر بالىسى بولغان ، ئالىكسى كۆنبويى بىكار يۈرىيدىغان بىكار تەلەپ بۇلۇپ، ئۇنىڭ پېتىر بىلەن بولغان مۇناسۋىتى ناھايتى ناچار بولغان . كىيىن ئالىكسى پېتىرغا قارشى ئىسيانغا قاتنىشىپ قولغا چۈشۈپ تۈرمىدە ئۆلگەن . 2-ئايالى بولسا پېتىر گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا روسيە ئارمىيسىگە ئەسىرگە چۈشكەن مەلىكە ، يەنى روسيە تارخىدىكى تۇنجى ئايال پادشاھ يېكاتىرناⅠ . پېتىر ئۆلگەندىن كىيىن يېكاتىرنا تەخىتكە چىقىپ پادشاھ بولغان. پېتىر تەخىتكە چىققان ۋاقىتتا ، روسيە قولدارلىق تۈزۈمدىكى ھەممە جەھەتتىن كەينىدە قالغان ، ھاكىميەت بىرلىككە كەلمىگەن دىننى جەمئىيەت پادشاھ ھوقوقىدىنمۇ چوڭ، قانۇن-تۈزۈم بىرلىككە كەلمىگەن نامرات ۋە ئاجىز دۆلەت ئىدى.بۇ چاغدا ياۋروپادا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئويغۇنۇش دەۋرى ۋە دىننى ئىسلاھات دەۋرى باشلىنىپ بولغان بۇلۇپ ، بۇرژازىينىڭ ئالتۇن دەۋرى باشلىنىپ بولغان دەۋىر ئىدى.ياۋروپاغا سېلىشتۇرغاندا روسيە ئوتتۇرا ئەسىر دۆلىتى ئىدى.1697-يىلدىن 1698-يىلغىچە پېتىر غەربى ياۋروپاغا سالاھىيتىنى يوشۇرۇپ ئىسمىنى سېرژانىت پېتىر مىخايلوفقا ئۆزگەرتىپ ساياھەتچى نامىدا ، 250كىشلىك زور ئۆگۈنۈش گوروپپىسىنى باشلاپ تەكشۈرۈپ-ئۆگۈنۈشكە بارىدۇ.ئۇ بۇ جەرياندا گوللاندىيە شەرقى ھېندىستان شىركىتىنىڭ كىمە كاپىتانى،ئەنگىلىيىدە كىمسازلىق شىركىتىنىڭ ئادەتتىكى ئىشچىسى ، باسما زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى دىگەندەك جەمئىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە كىرىدۇ . فىرانسىيدە قېلىچۋازلىق ۋە ئوقيا ئېتىشنى ئۆگۈنۈپ ، ماھىر رېتسارغا ئايلىنىدۇ . ئۇ ساياھەت جەريانىدا زاۋۇت ، كان-كارخانا، پورىت،مۇزىي،باسما زاۋۇت، رەسساملىق كۇرسى قاتارلىقلارنى ئۆگۈنىدۇ. ھەرخىل يىغىلىشلارغا قاتنىشىدۇ. ھەتتا بىر قېتىملىق ئەنگىلىيە پارلامىنىت يېغىنىغىمۇ قاتنىشىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزنىڭ كۆز قارشىنى يېڭلايدۇ.قايتقان چېغىدا ئۇ نۇرغۇن يېڭى قوراللار ۋە تېخنىكىلىق خادىملارنى ئېلىپ روسيىگە قايتىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن پېتىر ھوقوقنى ئارمىينى ئۆز قولغا ئېلىپ20تۈمەن كىشلىك قورۇقلۇق ئارمىيسى ۋە 48كىمىلىك دېڭىز ئارمىيسىنى قۇرۇپ، ئارمىيگە تايىنىپ ھوقوقنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن باشلاپ ، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقوقىنى يوقىتىپ، دۇما(پارلامىنىت)نى چەكلەپ، دىننى جەمىيەتنىڭ ھوقوقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئۆزنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى باشلايدۇ. مەدەنيەت-مائارىپ جەھەتتە روسيىلىكىلەرنىڭ ئۇزۇن ساقاللىرنى كىسىپ ، پاكىز – چىرايلىق بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يولغا قويىدۇ(كىيىن قوشۇلدۇ).ئۇزۇن چاپانلارنى تاشلاپ غەربنىڭ قىسقا كىيىملىرنى كىيىشنى بۇيرۇيدۇ.دىننى جەمئىيەتنى ئۆزنىڭ بۇيرۇقىغا تامامەن بويسۇندىغان قىلىدۇ. پارلامىنىتنى ئۆزى تەينىلىگەن 11 مىنىستىرلىكىنىڭ بۇيرۇقىغا تامامەن بويسۇندىغان قىلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنى 50ئۆلكىگە بۆلۈپ،14مەمۇرى دەرىجە تۇرغۇزۇدۇ. ئاقسۆڭەك بولۇپ كىرەككە كەلمىگەنلەرنى ئىشتىن بوشىتىدۇ. ئىقتىدارلىق ئادەتتىكى كىشلەرنى مۇھىم ۋەزىپىگە قويىدۇ.پېتىر روسيىنىڭ كەينىدە قېلىشىدا مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلىپ، پەننى مەكتەپلەرنى كۆپلەپ ئاچىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئىلىم-پەننىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرىتكە بولىدۇ. يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ھازىرقى زامان روس تىلىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۈرىتكە بولىدۇ. روسيە تارىخىدىكى تۇنجى گېزىتخاننى بارلىققا كەلتۈردۇ. ھەربى مەكتەپ قۇرۇپ ئوفىتسىر تەربىيلەيدۇ . پېتىر مۇستەبىت ۋە قاتتىق ئاچچىقى يامان كىشى بولۇپ ، ھەتتا ئۆزىنىڭ تۇققانلىرىغىمۇ قىلچە رەھىم شەپقەت قىلمايدۇ. ئۇ ئىزچىل كېڭەيمىچىلىك قىلىپ ئوسمان تۈرۈك ئىمپىريىسى،شىۋتىسارىيە،فېنلاندىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن توختىماي ئۇرۇشۇپ ، روسيە زىمىننى ئۈزلۈسىز كېڭەيتىدۇ. قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئوسمان تۈرۈك ئىمپىريىسىنىڭ قولدىن تارتىۋالىدۇ(كىيىن يەنە قايتۇرۇپ بىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ*) . ئۇرۇشقان ئۇرۇشلارنىڭ كۆپ قىسىمىدا ئۇتىدۇ.1712-يىلى پايتەخىتنى موسكىۋادىن سانكىت-پېتىربورىگقا يۆتكەيدۇ(سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى لېنىنگىراد شەھرى شۇ،كىيىن سوۋىت پارچىلانغاندىن كىيىن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدۇ). شۇندىن باشلاپ سانكىت-پېتىربورىگ غەرىپ بىلەن روسيىنىڭ ئۇچىرشىش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇندىن باشلاپ روسيە شەرىقتىن غەرپكە قاراپ ئۇچۇشنى باشلىۋىتىدۇ.1725-يىلى پېتىر كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلىدۇ. سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە كىشلەر تىلغا ئالمايدىغان بۇ شەخىس روسيە فېدراتسىيسى دەۋرىدە ئاندىن كاتتا شەخىسكە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن پوچتا ماركىسى، خاتىرە تەڭگە قاتارلىقلار تارقىتىلدۇ.شەھەر نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدۇ. ئۇ ئۈستىدىكى بەس- مۇنازىرلەر باشلىنىدۇ. ھەممە روسيىلىك ياقتۇردىغان ھەم دۇنيانىڭ ئېتراپنامىسىگە ئېرىشكەن كاتتا شەخىس بولۇپ قالىدۇ. |