قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6196|ئىنكاس: 27
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەيسەر مىجىت: شۇڭقار كەبى چاغلار-12

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

35

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4333
توردىكى ۋاقتى: 250
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 10:30:53 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
(بۇ ئەسىرىمنى پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۇسىگە كۆڭۈل بولىدىغان، سىرتلاردا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرىگە مېھىر مۇھەببەت يەتكۇزۇپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ ئاتا-ئانىلارغا بىغىشلايمەن!)

      "ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇغى - پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇغى".
      بەرھەق. گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئىجارە ئۆي بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ ياتىدىغان يىرى بولغىنىدىن خوش بولدۇم. ئۇ چاغلاردا قول تېلىفۇن ۋە تېلىفۇن كارتۇچكىلىرى تېخى ئومۇملاشمىغان  بولۇپ، بىرسى بىلەن  ئالاقە قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تۇرۇۋاتقان ئۆيگە تىلىفۇن ئورنىتىش كىرەك ئىدى.
        ئالدى بىلەن مەن شۇ ئىشنى قىلدىم، شۇ مەزگىللەردە ۋەتەنگە تىلىفۇن قىلساق بىر مىنۇتى تەخمىنەن بىر دوللاردىن توختايتى. شۇڭا مەن ۋەتەنگە ئىككى ھەپتىدە بىر تىلىفۇن قىلاتتىم. ھەر ھەپتىدە خەت يازاتتىم، بوستوننىڭ  مەنزىرىلىرى چۈشۈرۇلگەن ئاتكىرىتكىلارنى يىقىنلىرىمغا ۋە مىنى ئەينى چاغدا قوللىغان، ۋە ماڭا تەسر قىلغان ئادەملەرگە ئەۋەتەتتىم. ئۆزۈم دەرس ئۆتكەن 96-يىللىق خەلقئارا سودا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغىمۇ خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئاتكىرىتكىلارنى  ئەۋەتكىنىم ئىسىمدە. ئۇ سىنىپنىڭ سىنىپ باشلىغى غۇلجىدىن كەلگەن بالا  بولۇپ بەك ئەدەپلىك، ئەلاچى ئوقۇغۇچى ئىدى. ئۇ سىنىپتا ئابدۇرىھىم، مۇختەر، نۇربىيە ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، تېرىشچان ياخشى ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. مەن مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق مۇساپىرلىق ۋە شۇنىڭ ئۇچۇن تەنھالىق تۇيغۇلىرىنىڭ ئىچىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇناتتىم. سالاملىرىمغا نىسبەتەن يىقىنلىرىم يوللىغان سالاملار ۋە خەتلەر ماڭا مەدەت بىرەتتى.
        بۇ چاغلار 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بولۇپ، مەن پاسسپورتنى ۋاقتىدا ئالالمىغىنىم تۈپەيلى، ئامىرىكىغا كىچىكىپ كىلىپ كۈز مەۋسۇمىدىكى ئوقۇشنى  باشلىيالماي قالغان ئىدىم. ماينى بىر قاچىلاپ ماشىناڭنى ھەيدەۋەرسەڭ نىمە بولىدۇ؟
        مىيىڭ تۈگەيدۇ، جىددىلىشىسەن، يېرىم يولدا قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيسەن، شۇنداققۇ؟
        قارىسام، يوتقان-كۆرپە، قازان-قومۇچ ۋە ئۇنى بۇنى ئىلىپ ياندىكى دوللارنىڭ سانى ئازلىغىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ مېيى تۈگەپ قالغان ماشىنىنى ھەيدەۋاتقان شوپۇردەك جىددىلەشكىلى تۇردۇم.
        جىددىلىشىش، ئەنسىرەش ھەر بىر ئىدرەكلىك ئىنساندا بولىدىغان روھى ھالەت. مەلۇم مەسىلىنىڭ خۇلاسىسى ياكى ياخشى بولىدۇ، ياكى يامان بولىدۇ، ئىشقىلىپ ئىككىدىن بىرسى بولىدۇ.
        مەسىلەن سىز ھاياتىڭىزدا تالاي ئىمتىھانلارنى بەرگەن، نەتىجىسى قانداق بولار دەپ دەككە-دۇككىگە چۇشكەن.
        سىز دوختۇرغا كۆرۈنگەن، دوختۇرنىڭ دىئاگنوزىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈپ ھەر خىل ئەندىشىلىك خىياللارغا چۆمگەن.
        مانا ئەمدى بىسىپ ئۆتكەن ئىزلىرىڭىزغا قاراڭ. سىز ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتىڭىز، شۇنداق ئىكەن ئەينى چاغدا يىگەن ۋايىملارنى ئەسلى يىمەسلىكىڭىز لازىم ئىدى....
        مانا قاراڭ، دوختۇرنىڭ قويغان دىئاگنوزىنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقتى. ھىلىقى يىگەن ئەندىشىلەر ھەقىقەتەن ئارتۇقچە، ئەرزىمدۇ ئۇ خىل ئەندىشىگە چۈشۈش؟
        بىز بەندە بولغاچقا ياراتقۇچىدىن ئىشلارنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمىز. مۇبادا مەلۇم ئىشنىڭ نەتىجىسى يامان چىقىپ قالسا نىمە ئامال؟ يەنە شۇنىڭغىمۇ ئەلھۆكمىلىللا دەپ شۈكرى قىلىپ ياشايدىغان گەپ.
        بۇ خىل ياشاشتا ھەم مەجبۇرلىنىش بار، ھەم ئىلاجىسىزلىق بار ۋە يەنە شۇنداقلا باتۇرلۇق بار.
         كىملەر ئىيتمىغان مۇنۇ ناخشىنى:
دەرت ئەلەملەر كىلىدۇ، ھەر بىر ئىنساننىڭ باشىغا.
سايدا تۈگمەن چۆگىلەيدۇ، كۆزدىن ئاققان ياشىغا.

        ياشلار ئاقسىمۇ ئاقسۇن، ئەمما ھاياتقا بولغان ئۈمىت ئۈزۈلمىسۇن! شۇڭا ھاياتقا ئاكتىپ ماسلىشىش كىرەك ئىدى، يەنى پۇلۇڭ ئاز قالغاندا خىزمەت قىلىپ پۇل تىپىشقا ئۇرۇنۇشۇڭ، يىقىلىپ چۈشكىنىڭدە ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇشۇڭ لازىم.
         يامان يېرى، چەتئەلگە يىڭى كەلگەندە بولۇپمۇ ئۆزۈڭ يالغۇز ياشاپ قالغىنىڭدا ئاجايىپ خىياللارغا بەنت بولۇدىكەنسەن. دائىم بۇ يەر بىلەن ۋەتىنىڭنى، بۇ يەردىكى خەلق بىلەن خەلقىڭنى سىلىشتۇرىدىكەنسەن.
         بۇ يەردە قانۇنغا خىلاپ بىر ئىش قىلمىساڭلا خەق بىلەن خەقنىڭ كارى يوق ئىكەن. ئەمما يەنىلا نۇرغۇن جەھەتتە ۋەتەنگە يەتمەيدۇ-دە.
يۇرتتا يىتىپ يىسەڭ تاغ توشىمىسا يىقىلساڭ يەرگە چۇشىسەن، دەريا بويىدا دۈم يىتىپ مۇزتاغدىن ئىقىپ كەلگەن مۇزدەك سۇنى ئىچىپ بولسىمۇ جىنىڭنى ساقلاپ قالىسەن. ئەمما چەتئەلدە يىتىپ قالساڭ، تالادا قالىسەنكەندە. يىتىپ يىمىسەممۇ ماۋۇ مىنىڭ يانچۇغۇمدىكى دوللار تۈگەپ كىتىۋاتىدۇ-دە. شۇنىڭ بىلەن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ كەتتىم. ئۆمرۈمدە تا ئاشۇ كەمگىچە پۇلنىڭ غىمىنى قىلماپتىكەنمەن. "خۇدا بىرىدۇ" دەپ ئولتۇرسام،  ياكى شىۋى قەدرى يوقلاپ قويمايدۇ، ياكى خىزىر تاشلاپ بەرمەيدۇ، ماۋۇ چەتئەلدە بىر ئۇيغۇر يىگىت مۇساپىر بوپ قاپتۇ دەپ.
         شۇنىڭ بىلەن مەندىن بۇرۇنراق ئامېرىكىغا كەلگەن تەڭتۇشلاردىن بىرىگە تىلىفۇن قىلىپ "قارا ئىش تىپىپ ئىشلىسەم بولامدۇ؟"  دەپ سورىسام "ۋاي ئۇنداق قىلساڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسى تۇتۇۋىلىپ چىگرىدىن چىقىرىۋىتىدۇ" دىمەمدۇ؟ ئۇ گەپنى ئاڭلاپ قارا ئىش تىپىشتىن ۋاقتىنچە يالتايدىم. ئەمىليەتتە، ئۇ يېتىممۇ بەك كۆپتۈرۈۋىتىپتىكەن ئىشلارنى. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭمۇ قارا ئىش ئىشلەپ جان بىقىۋاتقىنىنى كىيىن ئاڭلىدىم. بەلكىم مىنى پۇل تاپىمەن دەپ قىينىلىپ قالمىسۇن دىگەن بولسا كىرەك.
         يا مەكتەپكە بارمىسام، يا ئىشلىمىسەم، بۇ كىچىككىنە بالىخانا ئۆيدە سىقىلىپ ئولتۇرامدىمەن؟ ئىش بولمىغاندىن كىيىنلا ئەركىنلىكمۇ - ئوچۇق تۈرمىگە ئايلىنىدىكەن. بىكارچىلىق - ئۈمىتسىزلىكنى ئىلىپ كىلىدىكەن. مەن دەل شۇنداق روھى ھالەتتىن يەنى- بىكارچىلىقتىن ئۈمۈتسىزلىككە چۈشۈپ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەيتىم.
         شۇنىڭ بىلەن مالدېن كۈتۈپخانىسىغا بىرىپ تازا كىتاپ گېزىت ئوقۇدۇم. بىر ھەپتىچە ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭدىنمۇ چارچىدىم. گىزىتلارغا قارىسام ئوغۇل دوست ئىزدەپ ئىلان بەرگەن خانىم-قىزلار نۇرغۇن. كۆرگەنلا قىزلارنىڭ كەينىدىن "-ۋاي ھەممىسى ئوخشاش ئەمەسمۇ دەپ ئايرىماي كىتىپ قالىدىغان ياكى شۆلگىيىنى ئىقىتىپ باقىدىغان ھىلىقى ئىت يىللىق ئەمرۇل پىتەك ئەمەس -تە مەن.
ۋاي يالغۇزچىلىق.
         ئادەملەر مىغ-مىغ بىر دۆلەتتىن، بىر شەھەردىن بىر جەمىيەتتىن، ئادەملىرى شالاڭ بىر دۆلەتكە، مەدەنىيىتى ئەبجەش بىر جەمىيەتكە، كوچىلىرىدا كۈندۈزدىمۇ ئادەمنى تۈزۈك كۆرگىلى بولمايدىغان كىچىك بىر شەھەرگە كىلىپ قىلىپ يالغۇزچىلىق ئۆزىنىڭ كۈچىنى تازا ماڭا كۆرسەتكىلى تۇردى. ئۈرۈمچىدىكى چىغىمدا تەنھالىقنى مەدھىيلەپ نەسر يىزىپ "تارىم" جورنىلىدا ئىلان قىلغان ئىدىم. ئادەم دىگەن ھەر قانداق نەرسىدە ئاشقۇن بولسا بولمايدىكەن، جۈملىدىن ئارزۇ-ھەۋەستىمۇ. ئەمدى مىنى بۇ تەنھالىق يىگىلى تۇردى. دات دىدىم-دە بۇ تەنھالىققا، شۇ چاغدىكى روھى ھالەتنىڭ قالدۇقلىرى ھازىرغىچىدە بار بولسا كىرەك مىنىڭدە. مۇنۇ ئۇندىداردىكى ساۋاقداشلار توپىدىكى ساۋاقداشلىرىمغا سۆزلەپ كىتىمەن تۇرۇپ تۇرۇپ بەزىدە، يىگانىلىك قۇچاقلايمەن دىگەندە:
         - مۇشۇ بېل گەيتسدەك باي بوپ قالسام، گەپ قىلمايدىغان ھەرقايسىڭلارنى -  ئادىل مامۇتنى شوتلاندىيەگە، كىرەم گايىتنى فىنلاندىيەگە، تۇرسۇننى گىرمانىيەگە، ئەسقەرنى ۋارشاۋاغا، مۇنەۋۋەرنى مارسقا، رىزۋان ئابلەتنى ۋېنۇسقا، ھەپىزىگۇلنى ئامىرىكىغا، زەينۇرەنى ئاۋسترالىيەگە، ئىلھام ئىبراھىمنى ئافرىقىغا، ياقۇپنى ئانتاركتىغا، پەرھات قاھارنى ماراكەشكە، نۇرىمانگۇلنى تاسمانىيەگە، مەنزىرەنى كاناداغا، ئاتىكەمنى پولشاغا، ئابلىكىمنى باربادوسقا، مەخمۇتنى دومىنىكاغا، پەرھات ئەزىزنى كورىيەگە، روزى ھۈسەننى ۋىنگىرىيەگە، ئەسقەتنى كولۇمبىيەگە، قەيسەر ئەنۋەرنى ئارگىنتىناغا، سەۋلىيەنى شىۋىتسارىيەگە، ئەمرۇللانى برازىلىيەگە (بۇ گۇينى تاپقىلى بولمايدۇ ئۇنى ئەۋەتىپ قويسام، سامباغا ئۇستىمەن دەپ برازىلىيەلىك قىزلارنى ئالداپ سالىدۇ ئالدار كۇسادەك)، ئابدۇرىشىتنى لىۋانغا بىردىن بىردىن، يالغۇز ئەۋەتىۋىتەتتىم، ئاندىن مەندەك سۆزلەيدىغان بولۇشاتتىڭ. ماۋۇ مەنزىرە بۇلتۇر كاناداغا ئۈچ ئايلىق كىلىپ، ئۈچ كۈندە شائىرە بوپ كەتتى، سىلەر نىمە بوپ كىتىسىلەر تەنھالىقتا...سۆزلەڭلە دەيمەن ھۇي...
         ئۇ چاغلاردا ئۆيدە ئولتۇرۇۋىلىپ تىلىفۇن ئۇراي دىسەڭ بۇ ئامىرىكىدىكى تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ سانى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئالدىراش، پاراڭ سىلىشساڭمۇ نىمە دىيىشىسەن؟
         شۇنىڭ بىلەن كوچىغا چىقىپ سىرتنى يالغۇز ئايلىنىدىغان بولدۇم. 27 دوللارغا (ھازىر 70 دوللار) ئاممىۋى قاتناشنىڭ ئايلىق بىلىتىنى ئالدىم -دە بوستون شەھەر ئىچىنى ۋە ئەتراپتىكى بازارلارنى ئايلىنىدىغان بولۇۋالدىم.
        "ھاياتتا كۆپتۈر كۆرگىنىڭدىن كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەڭ ئۆلمىگىنىڭ". مەنمۇ بۇ كۇنلەردە بۇ جەمىيەتنى چۈشنەلمىگەنلىكتىن، بىلمەسلىك سەۋەبىدىن قىزىق ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۆمرۈمدە كىرمىگەن يەرلەرگە كىرىپ بىر دەم ھەيران قالسام، بىر دەم ھودۇقۇپ يۈردۈم.
بەزىدە پىيادە مىڭىپ بەزىدە پويىز ياكى ئاپتوبوسقا چىقىپ ئايلىنىمەن.
كوچىلار يوچۇن،  ئۇلارغا قىزىقىش بىلەن قارايمەن. "hard hat area" دىگەن يەرنى كۆرسەملا ئىھتىيات قىلىپ ماڭىمەن. ئەسلىدە ئۇ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يەر بولۇپ "قاتتىق قالپاق كىيىدىغان رايون" ئىكەن دەپ چۈشۈنۈپ قاپتىمەن دە ئۇنى تۈزلا. شۇڭا ئۆزۈمچە شۇ خەت بار يەردىن ئۆتكەندە ئىھتىيات قىلىپ  بىشىمنى چاڭگاللاپ ماڭىمەن، بىشىمدا شەپكىمۇ بولمىغاندىن كىيىن.
         شۇنداق كوچىمۇ كوچا ئايلىنىمەن، ئۇيغۇرغا ئوخشاپ كىتىدىغان چىرايلىق ئىسپان قىزلىرى ئۇچراپ قالسا ئازراق ئەگىشىپ باقىمەن-دە ئۇيغۇرچە سۆزلەپ سالسا پاراڭلىشىپ قالارمەنمىكىن دىگەن شەيتان خىيال بىلەن. تۇرقۇمدىن يۇۋاشلىق چىقىپ تۇرىدىغان بولسا كىرەك، چۈنكى ئۆزۈم يۇۋاش بالا بولغانلىقتىن، ئەگەر ياكى مەتۇ چىراي ياكى ساياق بىرسى كۆرۈنگەن بولسام ئاۋۇ گۇزەللەردىن بىرى ساقچى چاقىرىپ سالسا، كىيىن خارۋاردتا ئوقۇش ئەمەس، باشقا يەرگە كىتىپ قالىدىغان گەپكەن ئەمەسما؟ يا ئاللا ئۇنىڭ ئاخىرىنى خىيال قىلماي، ھەر ئويلىسام سۈر باسىدۇ. بۇ ئامىرىكىنى ئەركىن دۆلەت دىگەن بىلەن قانۇنلىرى تولىمۇ ئىنچىكە ئىكەن بەزىدە ئۇششۇق ئىكەن بۇلا دەپمۇ قالىسەن...قاۋاقخانىدا ئۆزى مەس بولۇپ يىقىلىپ چۈشۈپ بىر يىرىنى يارىلاندۇرۋىلىپ قاۋاقخانا خوجاينىنىنى ئەرز قىلىدىغان گۇيلاركەن ئەمەسمۇ بۇ؟
         ئالدى بىلەن بىكەتلەرنىڭ نامىنى ئىسىمگە ئىلىۋالىمەن ئاندىن كوچىدا مىڭىپ يۈرۈپ ئادەملەرنى كۈزۈتىمەن. ھەر خىل رەڭ ھەر خىل ئېرىقتىكى ئادەملەر. ھە راست مۈرەمگە ئىسىۋالغان مەكتەپ سومكام بار.  بىر كۈنى ئايلىنىپ خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ۋە ئۇلار قۇرغان بازارغا كىلىپ قاپتىمەن. دۇكانلارنى ئايلىنىپ بىر يەرگە كىرىپ قاپتىمەن. قارىسام 4-5 ئەر كىشى ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىتىپتۇ. نىمە ئىش بۇ دىسەم، بىرسى بىر كىچىك بوتكىنى كۆرسۈتۈپ "ئىچىگە كىرىسەن، پۇل تاشلايسەن ئاندىن بىلىسەن" دىمەسمۇ. قانچە پۇل تاشلايمەن دىسەم "5 ياكى 10 دوللار" دەيدۇ. مەنمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇپ نۆۋەت كەلگەندە بوتكىغا كىرىپ 5 دوللارنى سىلىشىم بىلەنلا بوتكىنىڭ ئىچىدىكى ئەينەك كۆتۈرۈلۈپ  يىرىم يالىڭاچ كىيىنگەن بىر قىز پەيدا بولدى. نىمە قىلىشىمنى بىلمەي موميادەك قىتىپ قالدىم، موميادىن بىرلا پەرقىم يۈرۈگۈم گۈپۈلدەپ  ئاغزىم ئىچىلىپ قالدى. قىز  بىر نىمىلەرنى سۆزلەپ ماڭا ئىشارە قىلىۋاتىدۇ.
        5 دوللارنى سىلىۋەتتىم دە، شۇڭا نىمە دەۋاتقانلىغىنى بىلگۈم كەلدى.
        قارىسام ياندا تىلىفۇن بار ئىكەن. شۇنى ئال دەۋىتىپتۇ. تىلىفۇننى ئىلىشىمغىلا ئۇنىڭدىن شەھۋانى سۆزلەر ئاڭلىنىشقا باشلىدى. نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم، ئۇ ئەينەكنىڭ ئۇ تەرىپىدە مەن بۇ تەرىپىدە. ئۆزىنى ئالدايدىغانلا بىر ئىشلاركەن دە بۇ.
        تۇنجى قىتىم شۇنداق ئىشقا دۇچار بولغىنىم ئۈچۈن يۇرەكلىرىم سوقۇپ قىپىدىن چىقىپ كەتكۇدەك بوپ كەتتى، ھەم خىجىللىق ھەم دەككە-دۈككە بىراقلا باستى مىنى. لىكىن ئىنكاسىم ناھايىتى تىز بولدى:
        - ھۇ  ھايۋان دىدىم ئىچىمدە، ۋە بوتكىدىن ئوقتەك قىچىپ چىقىپ كەتتىم. ئۆزۈمنى بۇزماي مۇشۇ ياشقا كەپتىمەن، سەن يولدىن چىقىرالايتىڭمۇ مىنى؟
        ئەگەر ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ئادىل مامۇت بۇ ئىشقا دۇچار بوپ قالغان بولسا يۈزلىرى قىزىرىپ، خۇددى ئەسمەتخاندەك سەكرەپ كاپىتالىزىمنىڭ چىرىكلىگىنى تىللاپ كەتسە، ئەمرۇللا بولغان بولسا ئۇ يەردىن چىقماي يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ ھەممىنىنى قۇرۇتىۋىتەتتى-دە.
مەن ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۆتىدىل بىرسى ئىدىم. ھاياتتا ئۇنداق ئۆزۈڭ خالىمايدىغان تاسادىپىلقلارغا ئۇچراپ قالساڭ، توغرا يول تاللىساڭ بولىدۇ، ياكى تىللاپ، قاقشاپ كىتىشىڭنىڭ ياكى ئۇنىڭغا دۈم چۇشۇشۇڭنىڭ ئورنى يوق. مىنىڭ سومكامنى قۇچاقلاپ قىچىپ چىقىۋاتقىنىمغا قاراپ ھىلىقى قىزنىڭ چىرايىدىكى ھاڭ-تاڭلىقتا قالغان قىياپەت ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا. بەلكىم "سەندەك ئەخمەقنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم" دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك.
        ئارىدىن 4-5 يىل ئۆتكەندە يەنە شۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدىم،قارىسام ئۇ يەر تاقىلىپ ئورنىغا ھوكۇمەتنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئۇچۇن يېزىقچە ئىمتىھان ئالىدىغان يىرىگە ئايلىنىپتۇ. قارىغاندا ماڭا ئوخشاش ئىش كۆرمىگەن ئەمما يۈرىگى ئاجىزدىن بىرسى ئايلىنىپ قىلىپ بۇ يەرنى ئەرز قىلىپ ۋەيران قىلىۋەتكەن بولسا كىرەك (خاسكېي خاتىرلىرى دىگەن يازمامدا مۇشۇ ۋەقەلىك بار)
        بىر كۈنى مالدېنغا كىتىۋاتقۇچە پويىزنىڭ ۋاگونىدا 7-8 خەنزۇ بىللە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنىڭ پارىڭى قۇلىغىمغا چۈشۈپ قالدى.
        - سىنىڭچە ئامىرىكا قانداقراق، راھەتمىكەن؟
        -راھەتلىكىغۇ راھەتكەن، ئەمما ماۋۇ تەنھالىق ھىسلىرى ئادەمنىڭ روھىنى چۇشكۇنلەشتۇرىۋىتىدىكەن.
ھەيران قالدىم دىسە، چۈنكى ماۋۇ خەقنىڭ بازىرى، ئاشخانىلىرى، جامائەتلىرى كۆپ تۇرۇپ مۇشۇلار مۇشۇنداق دەۋاتقان يەردە، مەن ئانچە مۇنچە قاقشىماي نىمە دەيمەن ئەمدى، ئىنساندە مەنمۇ ھىس-تۇيغۇغا باي يەنە كىلىپ.
        بىر جەمىيەتتە، بىر دۆلەتتە كىشىلەرنىڭ ئىش-قىلمىشلىرىنى مۇئەييەن تەرتىپكە ئىگە قىلىدىغان ۋە ھەممىگە بىردەك مۇئامىلە قىلىنىدىغان قانۇن-تۈزۈم بولمىسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. جۇملىدىن، ئامېرىكىنىڭ مۇنداق قانۇن-تۇزۇملىرى بار ئىكەن. 18 ياشتىن كىچىكلەر تاماكۇ چەكسە بولمايدۇ، 21 ياشتىن كىچىكلەر ھاراق، پىۋا ئىچسە بولمايدۇ. كىمدە كىم بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا جازالىنىدۇ.
        بىر كۈنى سىرتنى ئايلىنىۋاتسام 15-16 ياشلاردىكى ئىككى قىز مىنىڭ ئالدىمغا 5 دوللارنى  كۆتۈرۈپ كەپتۇ:
        -ئەپەندىم، بىزگە مارلبورو ماركىلىق تاماكۇنى ئاۋۇ دۇكاندىن ئىلىپ بىرەمسىز؟ دىدى ئالدىمىزدىكى دۇكاننى كۆرسۈتۈپ.
        كۆڭلۈم "ياق" دىيىشكە ئۇنىمىدى -يۇ ئەقلىم "ئۇنداق قىلما" دىدى. چۇنكى مەن ئۆزۈم ئوقۇتقۇچى بولغانلىقتىن  ياش-ئۆسمۇرلەرنىڭ تاماكۇ چىكىشىنى خاتا دەپ قارايتىم.
        ياخشىمۇ "ياق" دەپ بىشىمنى چايقاپتىكەنمەن، بولمىسا بالاغا قالىدىكەنمەن ئەمەسمۇ مۇبادا مىنىڭ 15-16 ياشلىق ئۆسمۈرلەرگە تاماكۇ ئىلىپ بەرگىنىمنى ساقچى كۆرۈپ قالغان بولسا ياكى بىرسى مەلۇم قىلىپ قويغان بولسا.
        مەن ئۇ كۈنلەردە ھەر كۈنى گۈرۈچ ئاش ئىلىپ كىلەتتىم، سىرتتىن تاماق يەيدىغانغا نە ھالىم!. بىر كۈنى ئاشۇنداق ئايلىنىپ يۇرۇپ ئۇزۇن تارخقا ئىگە - خەيماركېت (چۆپ بازىرى) دىگەن جۈمە ۋە شەنبە كۈنىلا بولىدىغان بازارنى تىپىۋالدىم. ئۇ بىر دىھقانلار بازىرى بولۇپ، نەرسىلەر تاللا بازىرىدىكىگە قارىغاندا كۆپ ئەرزان ئىكەن.
         مۇساپىرنىڭ ئىگىسى خۇدايىم" دىگەن مۇشۇ دە. بۇ بازارنى تىپىۋالغاندىن كىيىن ھەپتىسىگە $20-30 دوللار بىلەن كۈن ئۆتكۈزدۈم. 12 دانە تۇخۇم بىر يىرىم دوللار، بىر جىڭ ھالال قوي گۆشى 3 دوللار (ھىلىقى ماراكەشلىك قاسساپ ئادەم بىلەن چىقىشىپ قالدىم، گۆشلىرى خىلىلا بالا سۆڭەكلەرنى قوشۇپ بىرىدۇ تېخى)، ھەر خىل كۆكتاتلاردىن بىر ئىككى دوللاردىن ئالىمەن ھەر شەنبە كۈنى سومكام توشىدۇ. ھەتتا بىر دوللارغا بىر يىشىك پەمىدور ئالغان چاغلىرىم بار بولدى-دىسە بولۇپمۇ شەنبە كۇنى كەچرەك بارغاندا  ئۆزۈم گالغا ئامراق، تاماق تاللايدىغان مىجەزىم بار ئىدى، ئۆز بىشىمغا قالغاندىن كىيىن كۈندە ئىتىدىغىنىم سەي قورۇپ، گۇرۇچ يىيىش بولدى. مۇنداقچە ئىيتقاندا كۈنۈم ھىلىقىبىزنىڭ يۇرتلارغا كىلىپ قۇرۇق گاڭپەن بىلەن كاپۇسكا يەپ تۇرۇپ ئىغىر سمونتلارنى "ئەي ھەي" دەپ تۇرۇپ كۆتۈرىدىغان سىچۇئەنلىكلەرنىڭ ھالىدىن سەللا ياخشى ئىدى دە. كۈندە شۇ بىر خىل تاماق...(ئۇ چاغلاردا ئۆزۈمگە تېتىغان بىلەن ھازىر ئايالىم بىلەن بالامنى خوش قىلىپ قوياي شۇنداق تاماقنى ئىتىپ قويسام، كۆڭلۈمنى دەپلا كىچىككىنە يىيىشىپ قويىدۇ خالاس)
مەكتەپ باشلىنىشقا ۋاقىت بار، باشقا تاپاۋەت يوق. پۇللار تۈگەۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرسىدىن خەنزۇ بازىرىغا بارسا قانۇنسىز بولسىمۇ ئىش تاپقىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىدىم-دە شۇ يەرگە باردىم. بىر نەچچە دۇكانغا ئىش ئىزدەپ كىرسەم، ھىچقايسىسىدىن چىقمىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ "دۇنيا گىزىتى" نى سىتىۋىلىپ ئويگە قايتىپ كەتتىم-دە گىزىتكە بىسىلغان "خىزمەتچى ئىلىش ئىلانلىرىغا" قاراپ بىر باشتىن تىلىفۇن قىلدىم. ئاخىرى بىر فۇجىەنلىك كىشىنىڭ كىچىك دۇكىنىدىن خىزمەت چىقىپ قالدى. بۇ كىشى كىچىك تۆمۈر شار، گۈل قويىدىغان تەشتەك، كۈلۈپ تۇرغان كىچىك قونچاقلار ۋە ساپال كوزا، يەلپۇگۇچ دىگەندەك نەرسىلەرنى ساتىدىكەن. ئامېرىكىلىقلانىڭ روجدىستىۋا بايرىمى كىلىشكە ئاز قالغىنى ئۇچۇن بوستوندىن 40-50 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ۋوبۇرن دىگەن شەھەر مەرگىزىدىكى بىر مال سىتىش مەرگىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر نەچچە ئۈستەلنى قويۇپلا مال ساتىدىكەن، ئۇنىڭغا ئىككى مال ساتقۇچى كىرەك ئىكەن.
        ئۇ مىنىڭ سائىتىمگە 5 دوللاردىن نەق پۇل بىرىدىغان بولدى ۋە ئايلىق ئۇزۇن يوللۇق پويىزنىڭ بىلىتىنى 72 دوللارغا ئىلىپ بەردى (ھازىر 300 دوللار ئەتراپىدا). شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئامېرىكىدىكى قانۇنسىز ئىشلەش ھاياتىم باشلاندى.
        ھازىر ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى 310 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ قانۇنسىز تۇرۇپ قالغان كىشىلەر (چىگرادىن ئوغۇرلۇقچە كىرگەن ۋە ياكى ۋىزا بىلەن كىلىپ كەتمەي تۇرۇپ قالغان كىشىلەر) 11 مىليون ئەتراپىدا. ياكى يىشىل كارتۇچكىسى (دۆلەت تەۋەلىگىنى ئۆزگەرتمەي ئۇزۇن مەزگىل ئامېرىكىدا ياشاپ خىزمەت قىلىدىغانلار) ياكى پۇقرالىغى ۋە ياكى خىزمەت ۋىزاسى (H1-B) بولمىغان كىشىلەر خىزمەت بولغان تەقدىردىمۇ خىزمەت قىلىش رۇخسىتى بولمىغانلىقتىن قارا ئىش ئىشلەپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. مىنىڭ ۋىزام F-1 يەنى خەلقائارلىق ئوقۇغۇچى ۋىزاسى بولۇپ بۇ ۋىزادىكى ئوقۇغۇچىلار پەقەت  مەكتەپ ئىچىدىلا ئىش بولغان شارائىت ئاستىدا پەقەت ھەپتىسىگىلا 20 سائەت ئىشلەش ھوقۇقۇغا ئىگە.
        مۇشۇ تۈزۈم بويىچە بولغاندا مەن بۇ فۇجىئەنلىك كىشى ئۇچۇن ئىشلىمەسلىگىم ۋە بۇ كىشىمۇ مىنى ئىشلەتمەسلىگى كىرەك ئىدى. بۇ يەردە مىنىڭ قانۇنسىز ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇم دىگىنىم - خىزمەت قىلىش ھوقۇقۇم بولمىغان شارائىت ئاستىدا ئىشلىشىمنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ بۇ يەردە تۇرۇشۇم ئەلۋەتتە قانۇنلۇق ئىدى.
         ئىيتماققا مۇبادا ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەكشۇرۇپ بۇنى بايقاپ قالسا مىنى چىگرادىن چىقىرۋىتىشى ۋە ئاۋۇ كىشىگە ئىغىر جەرىمانە قويۇۋىتىشىمۇ مۈمكىن ئىدى. بۇنىڭ ئىھتىماللىغى بارمۇ؟ بار. لىكىن تۆۋەن. چۈنكى نۇرغۇن ئۇششاق تىجارەتچىلەر مەندەك تۆۋەن پۇلغا ئىشلەيدىغان ئادەملەرنى ياللاپ ئاران ئۆرە تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ يەردە
         بىر كۆزىنى قىسىۋالغان بولۇپ بۇ دۆلەتكە پايدىلىق كۆزىنى قىسىۋىلىش ئىدى. چۇنكى بۇ كىشىنىڭ نەرسىسىنى ساتقاندا خېرىدارى چوقۇم 5% ستىىش بىجى ئالاتتۇق. بۇ پۇل نەگە بارىدۇ، ئۇدۇل شىتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خەزىنىسىگە بارىدۇ.
         مىنىڭ خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئادەملەرگە تەشەببۇسكارلىق كۆرسۈتۈشۈم ئارقىلىق مالنى ياخشى سىتىشىم ئۇنى خوش قىلدى.  شۇڭا ھەپتىدە ئاز-تولا مۇكاپاتنى قوشۇپ بەردى، نەتىجىدە بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئارىلىقتا خەجلەپ كەتكەن پۇللىرىمنى تولۇقلىۋالغاندىن سېرت يەنە ئاز-تولا پۇللۇق بوپ قالدىم.
        مۇنۇ ئىش ھەرگىز ئىسىمدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ.
        بىر كۇنى ئىشتىن كەچ قالدىم، ئەڭ ئاخىرقى پويىزدىن چۇشۇپ قىلىپ ئۆيگە كىتىۋاتىمەن.  ۋاقىت تاڭ سەھەر بىرگە يىقىنلاشقان. ئاپپاق قار شۇنداق چىرايلىق يىغىۋاتىدۇ. يوللار جىم-جىت. قەلبىمنى يۇرتقا، سۆيۈملۇك كىشىلەرگە بولغان بىر سىغىنىش قاپلىۋالدى. ئاسماندا ئايرۇپىلان ئۇچۇپ كىتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىنى بىر مۇڭ باستى-دە. ئاۋازىمنى قويۇپ قايسى بىر ناخشىنى ئۈنلۈك ئىيتىپ كىتىپتىمەن، كۆزۈمدىن ياشلار قۇيۇلىۋاتىدۇ. ئارىلىقتا ئولتۇرۇشتىن يانغان بىر توپ ياش ئوغۇل -قىز ئۇچراپ قالدى. مىنىڭ تەنھا بىر نىمىلەرنى دەپ كىتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ئۇلار بىر نىمىلەرنى دەپ ۋاقىراشتى. شۇنىڭ بىلەن مەندىكى سىغىنىش ئوتى تېخىمۇ كۈچەيدى...

مەنمۇ بىر يىگىت ئىدىم ئۆز يۇرتۇمدا،
شوخ ئىدىم، خوشال ئىدىم سۆيگىنىم بار.
نىمە بۇ؟ نىمە ھايات مەن ئۇچرىغان،
كەڭرىلىك تۇيۇلماقتا ماڭا بەك تار!

مىنىڭمۇ ئامراقلىرىم بار ئىدىغۇ،

نىمىشقا ئىزىپ-تىزىپ كىلىپ قالدىم؟
دوستلارنىڭ سورۇنىدا كۈلگەن مەنمۇ،
تەنھالىق تۇرمىسىگە چىڭ قامالدىم.

ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ئايرۇپىلان،

سەن بىلەن ئۇچۇپ كىتەي ئىلىپ كەتكىن.
قىپ قالسۇن ئارزۇلىرىم تويۇپ كەتتىم،
ۋەتەنگە كۆكتىن مىنى تاشلاپ بەرگىن!

        مەن شۇ يىلى يىڭى يىل ھارپىسىدا كالىفورنىيەگە بىرىپ بىر ھەپتە چۆگىلەپ باشقا ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ، لەغمەنلەرنى يەپ كۆڭلۇم ئىچىلىپ قايتىپ كەلدىم. كالىفورنىيەدە كۆرگەن مۇنۇ ئىش ھەم ئىسىمدىن چىقمايدۇ.
        ئۇيغۇرلار -ئۆم ھەم مىھماندوست خەلقىمىز. 1997 يىلى 31-دىكابىر يەنى يىڭى يىل ھارپىسىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىكى ئولتۇرۇشتا ئامىرىكىنىڭ ئۇ يەر بۇ يىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ياخشى ئولتۇرۇشتۇق. ئەتىسى باشقا شەھەردىكى بىرسىنىڭ ئۆيىگە باردۇق. ساھىپخاننىڭ ئايالى لەغمەنگە كارامەت ئۇستا ئىكەن. لەغمەن يىمىگىنىمگە ئىككى ئايچە بوپ كىتىپتىكەن، بەرگەن بىر تەخسە لەغمەنگە قوسۇغۇم تويمىدى. ماۋۇ مىنىڭ ساددىلىقىمنى دىمەيسىلە-دە. "چەتئەلدە ھەممە ئۇيغۇر تۇققان" دەپ ئويلاپ قالغاچقا ساھىپخان خانىمغا دەپ ساپتىمەن:
        -ھەدە خاپا بولماي يەنە كىچىككىنە بەرسىڭىز بوپتىكەن بۇ لەغمەندىن.
        -ئۇكام سىز نەدىن دەپ سورىدى خانىم دەرھاللا، لاپپىدە بىر قارىۋىتىپ، ئەمما شۇ لەغمەننى سوراپ سالغىنىمغا ئالامەت پۇشايمان قىلدىم-دە.
        -ئاتۇشتىن دىدىم ئوڭايسىزلىنىپ كىتىپ. لەغمەنمۇ كەلدى، ئەمما نەگە قانداق يىگىنىمنى ئۇقمايمەن.
        ئۆزۇمنىغۇ خىلى قائىدە يوسۇنلۇق بالا دەپ ئويلايتىم، ئاشۇ بىر ئىشتا كىتىپ قالدىم. كۆپ ئادەم بولغاندىن كىيىن بۇ خانىم ئاشنى تازا يىتىشتۇرەلمەيۋاتقان چاغدا تەلەپ قىپ قالغان ئوخشايمەن ياكى ئىشتىن قايتىپ كىلىپ قارىسا 4-5 ئادەم تونۇمايدىغان ئادەملەرنىڭ كالىدەك پۇشۇلداپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىمىز كەيپىنى بۇزغان چىغى. شۇنىڭدىن كىيىن بىر يەرگە بارسام تاماق ھەر قانچە ئوخشىسىمۇ ئىككىنجىلەپ سورىمايدىغان بولدۇم.
        ئاي-ئايلىنىپ ئارىلىقتىن 7-8 يىل ۋاقىت ئۆتكەندە ماڭا لەغمەن بەرگەن بۇ ساھىپخانلار بوستونغا كىلىپ قالدى.
        خانىم مىنى تونۇيالمىدى. ياكى يىللار مىنى كۆپ ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى بۇ خانىمنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ لەغمىنىنى يەپ يەنە سوراپ يەپ كەتكەن ئادەملەر كۆپ شۇڭا مەن ئىسىدە قالمىغان بولسام كىرەك.
        مەن خانىمغا تونۇشلۇق بەردىم ۋە لەغمەننى ياخشى ئىتىدىغانلىغىنى ماختاپ ئاشۇ ھىكايىنى سۆزلەپ بىرىپ كۈلۈپ كەتتىم.
        -ۋاي جىنىم ئۇكام، شۇنداق دىگەنمىدىڭىز، بۇ قىتىم بىرىڭ تازا مىھمان قىلىۋالاي لەغمەن بىلەن.
        بۇ خانىمنىڭ تامىقىنىڭ تۇزى كۈچلۈك، قولى تەملىك ئىكەن شۇڭا مەن ئۇ خانىمنى ئۇنتۇمىدىم، بەلكىم ئۆمۈربويى ئۇنتۇمايمەن.
        باشقىلا ئەسلىسۇن دىسەڭلار مۇساپىرلارغا لەغمەن بىرىپ تۇرۇڭلا جۇمائائا ئادەملەر، لىكىن يۇرتىنى سورىماڭلار، ئاغزى بۇرنىغىچە تويۇپ كىتىدۇ. مۇساپىرلارمۇ "ئۇيغۇرۇم" دەپ ئۆيىڭىزگە كىلىدۇ، "يۇرتلۇقۇم" دەپ ئەمەس.
        خوش، شۇنداق قىلىپ يىل ئۆرۈلىشى بىلەنلا مەكتىۋىم باشلىنىپ كەتتى، دەسلەپتە ئوقۇشقا يىتىشىش، تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم ۋە قىزغىنلىغىم بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم ھەمدە مەكتەپتىن ئىشلەيدىغان خىزمەت ئىزدەپ مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدىن سائىتىگە 5 دوللار 25 سېنتت بىرىدىغان خىزمەتنى تاپتىم.
        تۇرمۇشۇم ئوخشاش بىر رىتىمدا. ھەپتىسىگە 20 سائەت ئىشلەيمەن، خەيماركىتقا ھەپتىدە بىر گۆش ۋە ئوتياش ئالغىلى بارىمەن. ھىلىقى گۆش ساتىدىغان قاسساپ بىلەن ئازراق مۇڭدىشىمەن. دۈشەنبىدىن جۈمە كۇنىگىچە ئوخشاش بىر خىل تاماقنى - پلاستىنكىدىن ياسالغان تاماق قۇتىسىغا سىلىپ مەكتەپكە ئەكىلىمەن. چۇشتە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەرگىزىدىكى تاماق ئىسسىتىدىغان يەردە نۆۋەت ساقلاپ تاماقنى ئىسسىتىمەن....
        مەن راست ساددا بىر ئادەم ئىكەنمەن، ھازىرمۇ ساددا، لىكىن ئەينى چاغدا بەكلا ساددا ئىكەنمەن.
        مۇنۇ گەپنى سۆزلىمەي دىسەم سۆزلىگۇم كىلىۋاتىدۇ، بوپتۇ سۆزلەي، ئۈچۈيۇڭلار ئۈزۈلۈپ كەتمىسۇن جۇمۇ ئوقۇرمەنلەر، مەن يازغان ئەسەرلىرىمگە سۇغۇرتا ئالمىغان، يېزىش مەندىن مۇۋاپىق ئىنكاس سىلىدىن...
        مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت مەرگىزىدە تىز تاماقخانىلار بولۇپ توخۇ ۋە كالا گۆشى بىلەن ئىككى تال كۆكتاتنى يۇمشاق بولكىنىڭ ئىچىگە سىلىپ بىر ئىستاكان پەپسى ياكى كوكو كولا نىڭ ئىچىملىگىنى قوشۇپ 5 دوللار ئەتراپىدا ساتىدىكەنتۇق. لىكىن بۇ پەپسى ۋە كولا ئىچىملىگى چۇشىدىغان ماشىنا پائالىيەت مەرگىزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ قويۇلغان بولۇپ ھىچكىم قارىمايدىكەن. مەن قارىسام بالىلار بىرىپ ھىلىقى ماشىنىدىن ئىچىملىك ئىچىپ يۇرۇيدۇ.
         "ئامېرىكا باي مەملىكەت، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئالى مەكتەپلىرىدە ئىچىملىكنى بىكارغا بىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن-دە.  شۇنىڭ بىلەن خۇددى چوڭ دادام ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك بەزىدە تاماق ساتىدىغانلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قەغەز ئىستاكاننى ئىلىپ، بەزىدە ئۆزۈمنىڭ كورۇشكىسىنى كۆتۈرۈپ كىلىپ كومىنانىڭ ئومۇچىنى ئىچكەندەك بۇ ئىچىملىكنى ئىچىلىۋىرىپتىمەن، ياكى بىرسى مىنى سەن نىمە ئادەم، نىمە قىلىۋاتىسەن دەپ سوراپ قويماپتۇ.
        مالدىندىن پويىزدا مەكتەپكە كەلگۇچە بىيجىڭ ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى ئوقۇپ بۇ مەكتەپنىڭ فىزىكا فاكۇلتىتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغان بىر بېيجىڭلىق خەنزۇ بالا بىلەن تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. بىر كۈنى تاماق يەۋاتسام ئۇمۇ قۇرۇق گۇرۇچ تامىغى بىلەن ئىككى تال سەۋزىنى يىگىلى تۇرۇپتۇ، ئالدىدا ئىچىملىك يوق. ئىغىزلىرىنى گەز باغلاپ كىتىپتۇ. ئۇ ئىچسە تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچەمتى، شۇڭا ئۇنىڭغا دەپ ساپتىمەن:
        -ھەي تامىغىڭنى قۇرۇق يىگۇچە ئاۋۇ يەردىن بىرىپ ئىچىملىك ئەكىلىپ ئىچسەڭ بولمامدۇ؟
        -قىممەت تۇرسا، بىر دوللاردىن ئارتۇققۇ دەيمەن.
        -نىمە، نىمە دىدىڭ دەپ كەتتىم مەن ئۆز قۇلىقىمغا ئىشەنمەي. قاشلىرىم لىكىلداپ كەتتى، ئاشۇ نەرسىنى ساتامدۇ؟
        - سەن بىكارلىق دەپ ئويلىغانمۇ؟
        -ۋاي مەن ئىككى ئايچە بولدى، بىرىپ ئىچىلىۋىرىپتىمەنغۇ.
        - ۋوي دىققەت قىل جۇمۇ، چاتاق تىپىۋالىسەن.
       بۇ گەپنى ئاڭلاپ تىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. دىمەك مەن بۇ دۇكاننىڭ پەپسىسىنى ئىككى ئايدەك ھەقسىز ئىچىۋاپتىمەن. ھىساپلاپ كۆرسەم، يۇز دوللار ئەتراپىدا بىرنىمە بولىدىكەن. بۇنى تۆلەش دەماللىققا ئىغىر كەلدى، ئەسلى بىرىۋىتىشىم كىرەك ئىدى. لىكىن مۇھتاجلىق ۋە خىجىللىق -مىنىڭ سەمىمىيىتىمدىن ئۈستۈن كەلدى. ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ مەن شۇ دۇكاننى تىپىپ ئىككى يۈز دوللار تۆلەپ بىرەرمەن دەپ مەكتەپكە كەلسەم، ئۇ دۇكان ئاللىقاچان غايىپ بوپتۇ. ياكى مەندەك بىلمەي بىكارغا ئىچىدىغانلارنىڭ كۆپلىگىدىن شۇنداق بولدى، ياكى بىلىپ تۇرۇپ بىكارغا يەۋالىدىغانلارنىڭ دەستىدىن تاقىلىپ كەتتى.
        ئەمما شۇ ئىش بولۇپ ئىككى يىلدىن كىيىن مەنمۇ ھەسسىلەپ بەدەل تولىدىم، يەنى كىشىنىڭ كىشىدە قالمايدۇ دىگەندەك مەكتەپنىڭمۇ مىنىڭدە قالمىدى.
        دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا بىرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كىچىپ يىلىغا $45،500 دوللارلىق خىزمەتكە ئالدىنىپ كىچىك بىر شىركەتكە ئىشقا چۇشۇپ قالدىم-دە.  ئالدىراپ سالدىراپ خىزمەت ۋىزاسىغا ئىلتىماس قىلدىم، دەسلەپتە ئالغان مۇئاشلىرىم شۇنىڭغا ۋە يىشىل كاتۇچكا ئىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا كەتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەن چوڭلار مۇئارىپ ئىنستىتوتىدا دەرس ئۆتۇۋاتقان بولۇپ مىنىڭ خىزمەت ۋىزام 10-ئاينىڭ 16-كۇنى تەستقىلىنىپ چۈشتى. ئادۋوكاتنىڭ دىيىشىچە بۇ ۋىزا بىلەن ھەم شىركەتتىن ھەم ئۇنىۋىرستىتىتتىن مۇئاش ئالسام بولمايدىكەن. قانداق قىلىمەن دىسەم 11-ئايلىقتىن كىيىنكى مۇئاشىڭنى مەكتەپكە ئىئانە قىلىۋەت دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە كىرىپ 2000 دوللارغا يىقىن پۇلنى ئالمايمەن دىسەم ئۇلار ئالغىلى ئۇنىمايدۇ "بۇ ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ" دەپ، ئاندىن مەن ئۇنى ئىئانە شەكلىدە ياندۇرىۋەتتىم. ئىسىت ئۇ پۇللار، كىيىنكى كەچمىشلىرىم مىنىڭ بۇ ئىشتا ئەخمەقلىق قىلغانلىغىمنى تونۇتتى. قايدا قىلىمىز ئەمدى، ئادەم دىگەن مۇشۇنداق بەزىدە گول بولۇپ بەزىدە ھوسۇل ئىلىپ ياشايدىكەنمىز.
        ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مەن مەكتەپكە خىلى ئۆزلىشىۋالدىم. ھەتتا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار گېزىتىدە "ئۆزۈملا بولالايدىكەنمەن" دىگەن ئۈرۈمچىدە يېزىپ ئىلان قىلدۇرغان يازمامنىڭ ئېنگلىزچە ۋارىيانتىنى ئىلان قىلدۇردۇم. گېزىت مەن ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بەرگەن ئىدى. ماقالە چىقىپ بىر نەچچە كۇندىن كىيىن فاكۇلتىتنىڭ كاتىۋى چاقىرىدۇ كىرسەم - شەيلا پاففېر ئىسىملىك مەكتەپ سودا مەكتىۋىنىڭ پروففىسورى ئىز-دىرىگىمنى قىلىپ مىنىڭ ئالاقە قىلىشىمنى سوراپتۇ.
        بۇ ئايال MBA ئۇنۋانى ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا "ئوخشىمىغان مەدىنىيەت بىلەن بازار" مۇناسىۋىتى توغرىسىدا دەرس ئوتىدىغان پروفhسسور بولۇپ ئۇ يەنە شەرقى شىمال ئۇنىۋhرستىتىدا تەسىس قىلىنغان گورباچېۋ فوندىنىڭ مەسئۇلى ئىكەن.
        مەن ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن كانۋاي كۆينەك ۋە چىمەن دوپپىنى كىيىپ ئۇ دەرس ئوتىدىغان سىنىپقا كىرىپ ئۇنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچىسىغا مىنىڭ ماقالەمنى كۆپەيتىپ بىسىپ تارقىتىپ بەرگەنلىگىنى كۆردۈم، ئۇ يازغىنىم بۇ پروفىسسورغا راست يىقىپتىكەن. مەن ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن 20-30 مىنۇت ئەتراپىدا ئاۋال ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاندىن بازار ھەققىدە سۆزلەپ بىرىپ چىقىپ كەتتىم. (بۇ ھەققىدە خاسكېي خاتىرلىرىنىڭ ئېنگلىزچە نۇسقىسىدا تەپسىلى توختالدىم)
         بىرىنجى مەۋسۇمدە قىلغان ئىشىم شۇ بوپتۇ، ئۇ مەۋسۇملۇك ئوقۇشنى A نومۇر بىلەن تاماملىدىم. نەتىجەم ئەلا بولغانلىقتىن ماڭا كىلىدىغان ئوقۇش مەۋسۇمىدە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىرىدىغان بولۇشتى، يەنى مەن كىلەر مەۋسۇمدىن باشلاپ فاكۇلتىتتا ھەپتىسىگە 20 سائەت ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولىدىغىنىم ئۇچۇن ئىيىغا 1400 دوللاردىن ئوقۇش مۇكاپاتى ئالىدىغان بولدۇم.
         بۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى دە  يۇرتقا بىرىپ توي قىلىشنىڭ تەرەددىتىگە چۇشتۇم.
         ساڭا يۈرىگىنى بىرىپ ساڭا مەدەت تىلەپ ۋە رىغبەت بىرىپ ھەپتىدە نەچچە پارچە خەت يىزىپ تۇرىدغان سۆيگۈنىڭنى كۆپ ساقلىتىۋەتسەڭ ئوغۇل بالىلىق بولمايدۇ-دە. لايىق مۇۋاپىقلا بولىدىكەن، تۆمۈرنى قىزىغىدا سوقۇش كىرەك.
        شۇنىڭ بىلەن ئاجايىپ تەقەززالىق ئىچىدە مەن 1998-يىلى 30-ئىيۇندا ۋەتەنگە قاراپ ئۇچتۇم!

2

تېما

12

دوست

4041

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1220
توردىكى ۋاقتى: 307
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 12:15:14 |ئايرىم كۆرۈش
بەكمۇ تەسىرلىك كەچۈرمىشكەرئىكەن قەيسەر ئاكا،،قىزىقپ ئوقىۋاتىمەن،،‹‹كەپتەرلەر››نىڭ ئاخىرىنى يوللىماي سىزغۇ قەيسەركا....
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

1314

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8367
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 389
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 12:31:51 |ئايرىم كۆرۈش
سالام قەيسار ئاكا،يازمىنىڭ بۇ قىسمى ئاجايىپ ياخشى چىقىپتۇ، ئامرىكىدىكى مۇساپىرچىلىقنىڭ ئەينەن كارتىنىسى يورتىلىپ بېرىلىپتۇ. ھەقىقەت ئۆيدىن ئايرىلىپ مۇساپىرچىلىق تۇرمۇش باشلانغاندىن كېيىن كىشىنىڭ بېشىغا ئاجايىپ ئىشلار كىلىدىكەن، بۇنى باشتىن كەچۈرمىگەن ئادەملەردىن باشقىلار ھېس قىلالمىسا كېرەك.

0

تېما

1

دوست

1884

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7153
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 15:07:29 |ئايرىم كۆرۈش
توۋا:
شۇنچە ۋاقىت مۇنبەر ئارىلاپ يۈرۈپمۇ قەيسەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىغىنىمنى كۆرۈڭ.
ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ئەيىپلەپ كېتىۋاتىمەن شۇ تاپتا: زېھنىڭنى، ۋاقتىڭنى نەدىكى چويلىدا توختىماس ئەسەرلەرگە، ئەرزىمەس ئىشلارغا قاراتقۇچە قەيسەرنىڭ ئارتۇقچە بىزەكلەردىن خالى چىن، سەمىمىي ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان، ئاڭلىساڭ ئاڭلىغۇڭ كېلىدىغان، ساڭا ئۈمىد، ئىشەنچ، جاسارەت بېغىشلايدىغان ئەسەرلىرىگە كۆزۈڭنىڭ قۇيرۇقىدا بولسىمۇ نەزەر تاشلاپ قويساڭ بولماسمىدى دەپ.

  

1

تېما

22

دوست

5140

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1560
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 18:31:06 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ چەتئەلگە چىققانلار بىزنى نىمە كۆرىدىكىن. ساپلا مۇشۇنداق ئادەمنى كاسكى قىلىدىغان ئەسەرنى يوللاپ موتۇرۇلا قىلىدىكەن. نىمەگە پايدىسى ھە. بىزدىمۇ بۇنداق كاسكىلار تولۇپ تۇرۇپتۇ. چەتكە چىققان بىرنەچچىسى بىرلىشىپ بىرەر زاۋۇت كارخانە قۇرۇپ 50، 60 بالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرساق قانداق بولار دىگەن نەرسىنى قاچان ئويلىشار.

0

تېما

2

دوست

2482

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15597
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 741
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 23:23:08 |ئايرىم كۆرۈش
masturam يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 18:31
مۇشۇ چەتئەلگە چىققانلار بىزنى نىمە كۆرىدىكىن. ساپلا مۇ ...

شۇ ئويلاشقاچقا ‹بايبول›شىركىتى قۇرۇپتۇ قاراڭ.سىز تېخى خەۋەرسىز ئوخشىمامسىز؟بولمىسىغۇ سىزنى خېلى خەۋەر خوشىڭىمىكىن دىگەنتىم...
سىزنىڭ ئاغزىڭىدىن ئۆمرىڭىزدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئادەمگە مەدەت بولغىدەك گەپلەرمۇ چىقارمۇ؟ئۇنداق ياشىماڭ،ئىچىڭىزدىكى زەھەرلەر ئاخىرى تىپىپ چىقىپ سىزنى نابۇت قىلىدۇ،ئۆزىڭىزنى ئاياڭ...دىل ئازار خۇدا بىزار...
ياكى سىزنىڭ بۇ مۇنبەردە مەخسۇس  مۇشۇنداق سەلبىي رولنى ئۆتەيدىغان ۋەزىپىڭىز بارمۇ يا؟
ئىشقىلىپ سىزنىڭ ئىنسان بىلەن چىقىشىپ ئۆتىشىڭىزگە كۆزۈم يەتمىدى...
ئېچىنىۋاتىمەن...

0

تېما

2

دوست

2482

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15597
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 741
توردىكى ۋاقتى: 183
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 23:28:49 |ئايرىم كۆرۈش
ۋەھشى كۈلۈپتىمەن بەزى ساددىلىقلىرىڭىزغا...مەن ساددىلىقنى يامان كۆرمەيمەن،ساددا ئادەم مىنىڭچە ئەڭ ياخشى كىشىلەر توپىنىڭ بىر تۈرى...
ئاخىرىدىكى ھېلىقى شىركەتكە مۇئاشىڭىزنى ئىئانە قىلىۋىتىپ ئاندىن نەدە ئوقىغىنىڭىزنى بىلەلمەي قالدىمما...
بىلگەنلەر بولسا چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار خوش بۇلۇر ئىدىم....

1

تېما

22

دوست

5140

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 413
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1560
توردىكى ۋاقتى: 189
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-12 23:32:56 |ئايرىم كۆرۈش
vmvt يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 23:23
شۇ ئويلاشقاچقا ‹بايبول›شىركىتى قۇرۇپتۇ قاراڭ.سىز تېخ ...

ئىچىم زەھەرگە توشۇپ كەتتىمىدى دەرتكە توشۇپ كەتتى.مۇشۇنداق جىق گەپ قىلغان ئادەمدىن، جىق گەپ بولۇنغان سورۇندىن قىچىپ كېتىۋاتىمەن.40ياشتىن ئېشىپتۇق. ئاڭلىغىنمىز شۇ قۇرۇق گەپ، بىر ئەمىلى ئىش قىلىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق. ئۇنداق قىلساڭ بولمايۇ بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ.دەۋاتقان.يىقىندا بارلىق بانكىلارنى ئارىلاپ قەرز بىجىرگەن ئىدىم. خەنزۇچىدا خېلى ياخشى تۇرۇپمۇ بىرنەچچە بانكىدا گىپىمنى ئۆتكۈزەلمەي قايتىپ چىقتىم. قەرز بىجىرىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە مەندىن باشقا ئۇيغۇر يوق. بىز خەق نەدە، شۇ گەپ جىق يەردە. ئىقتىساتنىڭ گىپى يوق ئەلۋەتتە.
دوستۇم ئالدىنقى كۈنى بىر يەرگە ئىپتارغا ئاپارغان. شەھەرنىڭ ئەڭ سىركىتىدىكى تاشلاندۇق يەرگە سالغان 公租房دىگەن يەردىكەن. مانا ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىكەن. مانا گەپ دىگەن قايسى تول خوتۇننىڭ ئۆيىگە قانچە مانىشا كېلىپ توختىدى، مۇ بىجنىمپاڭنى ئالالماي قانچە ئادەم ئارماندا قالدى، قانچە قويمىچى تۈرمىگە كىردى دىگەندەك گەپلەر..................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )