- تىزىملاتقان
- 2012-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 374
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
37%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بىر دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە ئۈنىمىنى ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئامىللار بەلگىلەيدۇ ، جۇڭگونىڭ مائارىپ سېستىمىسىدىكى 21-ئەسىرگە ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا پەقەتلا ماس كەلمايدىغان يوچۇق ۋە چىرىندىلەرنى ئىنكار قىلالمايمىز ئەلۋەتتە.
ئۇ ئامېرىكىلىق ئالىم پەقەت ئۆزىنىڭ مەيدانىغا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مائارىپىغا باھا بېرىپتۇ . بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى . چۈنكى بىز ئاللىبۇرۇن كاللىمىزنىڭ قات قېتىدىن كۆنۈپ كەتكەن قېلىپلاشقان تۈزۈلمىلەر ئۇنىڭغا بەكمۇ غەلىتە ۋە بىمەنە تۇيۇلغان . بۇ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال .
مەنمۇ ھېسابتا مائارىپچى ئائىلىسىدىن ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيمەن، ئەمما مائارىپ دېگەنلىكنىڭ ئۆزى ئوقۇتقۇچى دېگەن گەپ ئەمەس. لېكىن شۇ ئامېركاننىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ قايسىسىنى ئىنكار قىلالايمىز ؟! ھەممىسى مائارىپتىكى رېئال ئەھۋال . جۇڭگو مائارىپىدىكى دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كەلمىگۈدەك ساختىلىق ، ئىسراپچىلىق ، چىرىكلىك ، ياسالمىلىق، بىھۇدىلىق ... كىشىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئۇيغۇر مائارىپى تېخىمۇ شۇنداق ، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى زور ئۆزگىرىشلەر ... بۇ توغرىسىدا جىق توختالغۇم يوق .
ئامېرىكىنىڭ تارىخى ئۇزۇن ھەم مۇقىم بولسىمۇ ،ھەرقانچە كۈچلۈك بوپ كەتسىمۇ 200 يىل ئاۋالقى ئامېرىكىنى ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ . شۇڭا جۇڭگونىڭ ھازىرقى مائارىپ سېستىمىسىدىكى يۇقارقى ئەھۋاللار ھەرگىزمۇ تەرەققىيات باسقۇچىدىكى نورمال يېتەرسىزلىكلەر ئەمەس!
ئەگەر ئامېركىلىق ئۇ ئالىمنىڭ بىزنىڭ مائارىپىمىزغا بەرگەن تەنقىدلىرى تەرەققىيات ، دۇنيا قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن بولغان بولسا ئەمىسا جۇڭگودىكى ئېتراپ قىلىنغان مائارىپچى ، پىروففېسور جېڭچياڭ ئەپەندىمنىڭ جۇڭگو مائارىپى توغرىسىدىكى ئالقىشلانغان ، 127 قېتىم چاۋاك بىلەن ئۈزىۋېتىلگەن بۇ نۇتىقىنى ئاڭلاپ باقساق بولىدۇ .
http://v.youku.com/v_show/id_XMjMzOTQ5MzY=.html?firsttime=98
پروففېسورنىڭ يەنە باشقا بىر يۈرۈش نۇتۇقلىرى بار ، شۇلاردىكى خەنزۇ تورداشلارنىڭ بەرگەن باھالىرىمۇ بۇ كىشىنىڭ قاراشلىرىنىڭ ۋە تەسىر كۈچىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كەلسەك ئۇيغۇر مائارىپى گەرچە قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو مائارىپىنىڭ قەتئىي ئايرىلماس قىسمى بولسىمۇ ئەمما خەنزۇ مائارىپى بىلەن پەرقلىق ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم . يىللاردىن ،بولۇپمۇ دەۋر تەرەققىياتىغا ماس ئىلگىرىلەش ۋە خەنزۇ تىلىدىكى ئىلغار ،مائارىپتىن خەنزۇلار بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىشى ئۈچۈن ھۆكىمەت ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ قوش تىل تۈزىمى يولغا قويۇلۇپ ئۇيغۇر تىلى ئاستا ئاستا دەرسلىك كىتابلاردىن ئازايتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن بىلىملەرنى ئانا تىلىدا ئەمەس دۆلەت تىلىدا ئۆگىنىدىغان بولدى ، بۇ يەسلىدىن تارتىپلا خەنزۇچىدا تىلى چىقىشقا باشلىغان باللىرىمىزغا قىيىندەك قىلمىغىنى بىلەن كۆپ قىسىم رايونلاردىكى خەنزۇچە سەۋىيە ۋە تىل ئۆگىنىش مۇھىتى ياخشى بولمىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە بۇرۇن ئانا تىلدا ياكى قىسمەن دەرسلىكلەرلا خەنزۇچە قالغانلىرى ئۇيغۇرچە ئۆتۈلۈپ ئوقىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاسان توختىمايدۇ ، ئۇلار ئوخشاش يىللىقتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار غا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق كۈچ سەرپ قىلمىسا ،تىرىشمىسا بولمايدۇ .
بىزنىڭ مىللى مائارىپ ئاساسىمىز يۇراق تارىختىن بۇيان ئىنتايىن گۈللەنگەن ۋە پۇختا بولسىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە ئەسىر مابەينىدىكى مائارىپ چېكىنىشى ، مائارىپ قەتلىئاملىرى ۋە يوقىتىشلىرى ، قىسقىغىنە يېرىم ئەسىر ئىچىدىكى نەچچە قېتىملاپ يېزىق ئۆزگەرتىش ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى يوقىتىشلار ... قاتارلىق ھەرخىل بۇرۇلۇشلارمۇ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تارىخى سەۋەبلىرى قاتارىدىكى مۇھىم ئامىللار ئەلۋەتتە. يەنە بىر مەسىلە شۇكى ھېلىقى ئامېركىلىق بۇ ئىشلارنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ، ئەگەر بىلگەن بولسا بىزنىڭ تەنقىدلەش ئەمەس بەلكى بۇنداق بىر تىلنىڭ ، مائارىپنىڭ يېزىقنىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئاپرىن ئوقىغان بولاتتى ... شۇڭا بىز ھازرقى ئەھۋالىمىزدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە ئۇنداق تەنقىدلەرگە ئېتراپ قىلىش ۋە قۇبۇل قىلىپ تۈزىتىش پوزىتسىيسىدە بولىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.
|
|