- تىزىملاتقان
- 2013-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1211
- نادىر
- 2
- يازما
- 80
ئۆسۈش
21.1%
|
رەھمەتلەردىن كۆڭۈللەر سۆيۈنە بەلكىم. ئەمما مېىنى بىر يۇقىرىدا يوللانغان بىرنەچچە ئىنكاس ئويلاندۇرۇپ قويدى.
چەتئەلدىن ناخشىچىلار كەلگەندە بۇ خەۋەرلەر پۈتۈن ئۈندىدار،چى چى، مۇنبەر، بىلوگ قاتارلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىنى قاپلىغانىدى، شۇ نۆۋەتلەردە چەتئەلدىن ئالىملار نېمىشقا كەلمەيدۇ دەپ سوئال قويۇشقانىدۇق. باشقىسى ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ ئارىسىدىن چىققان ئالىمىمىز كەلدى، بۇ خەۋەر ئەجەپمۇ كىچىكىپ تارقالدى، ھەم نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىز خەۋەرمۇ تاپمىدى تېخى . يەنە كېلىپ ئۇنى قارشى ئېلىش ئىشلىرى بەكمۇ تىمتاس بوپتۇ. بىلگەنلەردىن بىلمىگەنلەر كۆپ. بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى ئاستىمۇ ياكى نېمە؟ ئۇنداقتا ناخشىچىلار كەلگەندە ئالدىغا چىقىپ زىيارەت قىلىپ سىنلارنى ئىشلەپ خەۋەر تارقاتتۇق دەپ گىدىيىپ يۈرگەن بىر قانچە تور بەتلەر بارئىدى، قېنى شۇلار ؟ تاشپولات ئەپەندىمنىڭ كەلگىنىنى باغداشتىن باشقىسى (سەل كىنرەك دېگەن بولسىمۇ) تېما قىلىپ يوللاپمۇ قويمىدى. ئەمدى يەنە نېمىمىزگە تور بەت قۇرۇپ ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن مۇلازىمەت قىلىۋاتىمىز دەيمىز.
ئومۇمەن بۇ بىر ساۋاق كىمنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولىۋاتقىنىنى بىزگە ئىسپاتلاپ بىرىۋاتقان ساۋاق. يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ بەزى تەرەپلەردە تۇتقان پوزۇتسىيەرىمىزنىڭ قانداقلىقى بۇنىڭدىن مەلۇم. ئالىمنىڭ ، ئىلىمنىڭ قەدرىنى بۇنداق قىلغىلى تۇرساق بىز يەنە قانداق بولماقچى، نىمىمىزگە، نېمىشقا ھە دېسە قاقشايمىز. قۇرۇق شۇئارلارنى توۋلاشنىڭ يەنە نېمە ھاجىتى قالدى.
يەنە
تاشپولات ئەپەندى ئامېرىكىدىكى ھاياتىنى باشلىغانغا 15 يىل بولۇپ قاپتۇ، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدىلا بىز تاشپولات ئەپەندىدىن خەۋەر تاپتۇق ئۇندىن بۇرۇن بۇ ئىش بىر سىر ئىدى. ئۇنداقتا نېمىشقا ئوننەچچە يىلنىڭ ياقى تاشپولات ئەپەندى ئۆزى ئۈستىدە خەلقىگە ئازراقمۇ ئۇچۇر بەرمەيدۇ. ياكى ئەركىن سىدىق ، ۋە باشقىلىرىدەك ھېچ بولمىسا بىرەر قىتىم كەسىپ تەۋەلىكى ياكى سىغىنىشلىرىنى مۇنبەردە بولسىمۇ ئىپادە قىلمىدى. بىر پۈتۈن جامائەت رىشتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھەجەپمۇ كىچىكىپ ئىپادە قىلدى. بۇنىڭدا زادى قانداق بىر سەۋەپلەرنىڭ بارلىقىنى ھېچ بىلەلمىدىم. چىگىشلىشىپ قالدىم.
شۇنداقتىمۇ تاشپولات ئەپەندىنىڭ ئەمدى بولسىمۇ كەلگىنىدىن خۇش بولدۇم، سەپىرىڭىز كۆڭۈللۈك بولسۇن، دىدار غەنىمەت. |
|