- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71012
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1. ياش ئاتا ئانىلار باللىرىىنى كارتۇن ئارقىلىق تەربىيلەش خېلى ئومۇملۇشۇپ قالغان بىر ئىش . مەنمۇ بالام تۇغۇلغاننىڭ ياقى توردىن ۋە پىلاستىنكا دۇكانلىرىدىن ئشىقىلىپ ئۇيغۇر كارتۇنلىرىنى توختىماي يىغىپ كەلدىم .ۋاقتىم بولسىلا كارتونلارنى بالام بىلەن تەڭ كۆرۇپ كىتىمەن . بۇگۇنمۇ چىن تۆمۇر باتۇر ۋە مەختۇمسۇلا ۋەقەلىك قىلىنغان بىر كارتوننى بالام بىلەن بىللە كۆرۇپ ئولتۇرۇپ شۇنداق بىر ئارزوغا كەلدىم .ئۇيغۇر دىيارىدىكى بالام بىلەن تەڭتۇش باللارنىڭ ھەممىسى موشۇ ئۆزىمىز ئىشلىگەن ئۇيغۇر كارتونلىرىنى كۆرسە تېخىمۇ ياخشى بىر ئورتاق تۇيغۇ شەكىللەنگەن بولاتتى .
2.ئەمىليەتتە ئۇيغۇر لار ئىشلىگەن كارتونلارمۇ ئاز ئەمەسكەن . ئىلىپبە دەيمىز ، ۋە باشقا كارتونلار ، بۇ ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن كارتونلاردىن ھەممە ئۇيغۇر بالىسنى بەھرىمان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ قالدىم .
3.يوقۇردىكى ئارزۇنىڭ ئىشقا ئىېشىشى ئۇچۇن ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن بۇ كارتونلار شىنجاڭ ئۇيغۇر تېلۋۇزىيە ئسىتانىسىدا قويۇلىشى كېرەك ئىكەن . گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بىلەرمەنلەر شەكسىز ھالدا ئوتتۇرغا چىقىپ پۇلغا ئشىلىگەن پۇلغا ساتىدىغان كارتۇنلار ئۇ دىيشىڭلار مۇمكىن ، ئون مىليون ئۇيغۇرنىڭ باللىرى ئۇچۇن شىنجاڭ تېلۋۇزىيە ئىستانىسى ئۇيغۇرلار ئۆزى ئىشلىگەن كارتونلارنى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىپ ،ئىشلىگەن ئادەمنى رازى قىلىپ پۇتۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر باللىرىغا تەغدىم ئەتسە بۇنىڭ بولمايدىغان نىمسىى بار ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
4.ئاڭلاۋاتىمىز قارلۇق شېركىتى ئىران بىلەن ھەمكارلىىشپ فىلىم ئىشلەپتۇ ، ماناس داستانىنى فىلىمگە ئاپتۇ ، بولسا شىنجاڭ تېلۋۇزىيە ئىستانىسى قارلۇق شېركىتىدەك ئۇيغۇر شېركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئشىلىگەن كارتۇنلارنى دىيارىمىزدىكى ئون مىليون ئۇيغۇرنىڭ بالىسىغا تەغدىم ئەتسە تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟
5. قايسى بىر يىلى مەمەتجان روزى سايىتلار ئىشلىگەن سېرىكلەشتۇرۇلگەن ئەپەندىم فىلىمى ئىچىكىرمۇ ئىچىكىرى قويۇلغان بولسىمۇ ئەمما دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر باللىرى ئۇنىڭدىن بەھرىلەنمىدى . بىز پەقەت شىنجاڭ خەۋەرلىرىىدىن خەۋەر تەرىقىسىدە كۆردۇق ،
6. موشۇ شىجاڭ ئۇيغۇر تېلۋۇزىيە ئىستانسىغا شۇنداق دىگۇم بار . ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىمىز ئىشلگەن كارتۇن فىلىملەرنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۇر باللىرىغا سوغا قىلساڭلار شىنجاڭغا ھەقىقى يۇز كىلەلەيسىلەر ئەمەسمۇ ؟ كەچكىچە ئۇيغۇر قىممەت قارىشىدىن چەتنىگەن كارتۇن فىلىملەرنى تۆكمە قىلۋىتىدىكەنسىلەر،
7.مېنىڭچە پىلە قۇرىتى جۇجەم يوپۇرمىقى يىگەندىلا ئاندىن پىلە بولالايدۇ ، ئۇيغۇرلارغا نسىبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئەنئەنىمىز ھەم خاسلىقىمىز گەۋدۈلەندۇرۇلگەن ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققان كارتۇنلارلا ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ ئەۋلاتلارنى ئۇيغۇر خاسلىقى بىلەن تەربىيلەش مەقستىگە يەتكىلى بولۇدۇ دەپ قارايمەن . |
|