- تىزىملاتقان
- 2014-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-6-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2131
- نادىر
- 0
- يازما
- 158
ئۆسۈش
4.37%
|
1944– يىل 9 – ئايدىن باشلاپ ئىلىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ھەركىتى ناھايىتى تېزلا ئالتاي ، تارباغاتايلارنى ئازاد قىلدى . ئىلى ، ئالتاي ، تارباغاتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىلىنى مەركەز قىلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇردى . 1944 – يىلدىن 1949 – يىلغىچە بولغان قىسقىغىنە بەش يىلدا ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىشلىرىدا ، جۈملىدىن مەدەنىيەت - مائارىپ ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى . ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمۈتى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، يەنى 1945 – يىل 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ 108 – سانلىق ھەيئەتلەر يىغىنىدا « شەھەر ، ناھىيە مەركەزلىرىدە تولۇقسىز مەكتەپ ، يېزا – قىشلاقلاردا باشلانغۇچ مەكتەپ مەجبۇرىي مائارىپىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار » ماقۇللاندى ۋە ئارقىدىنلا ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش بەدىلى ئالماسلىق ، يىتىم – يىسېرلار مەكتەپلىرىنى ( دارىلئېتاملارنى ) ياخشى يولغا قويۇش ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش ، تولۇقلاش ۋە ئوقۇتۇش ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر مۇنچە مەسىلىلەردە تەدبىرلەر تۈزۈلۈپ ، بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى . بۇ ئارقىلىق پۈتۈن جەمىيەتتە مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ، ئىلىم – پەنگە يۈرۈش قىلىشتەك يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى . ئۈچ ۋىلايەت ئومۇمەن ئۇرۇش ۋە ھەربىي ھالەت ئەھۋالىدا بولسىمۇ ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە ناھىيەلەرگە مائارىپ ئىشلىرىغا ئەستايىدىل قاراش ۋە ئۇنى مۇھىم ئىشلار قاتارىدا تۇتۇش مەسئۇلىيىتى يۈكلەندى . ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقى ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلدى . ئۇلار مەيلى خىزمەت تەكشۈرۈپ شەھەر ، يېزا – قىشلاقلارغا بارسۇن ياكى يول ئۈستىدە بولسۇن ، مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى بىۋاستە ئىگىلەپ تۇراتتى ۋە بۇ جەرياندا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ تۇراتتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن ، ناھايىتى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ( زىيالىلار ) ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە قوشۇلۇپ ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى . مانا شۇ چاغدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ، ئارمىيە سېپىگە قاتناشقان ( بۇ چاغدا ئارمىيە سېپىدىمۇ مۇشۇنداق زىيالىلارنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئىدى . كېيىنكى قوماندان ۋە سىياسىي رەھبەرلەردىن مەرغۇپ ئىسھاقۇۋ ، ئامانتۇر بايزاقوۋ ، ھەمدۇللا قۇربان ، باۋۇدۇن نۇرىيوۋ قاتارلىقلار شۇ چاغدا ئارمىيە سېپىدە قالغانلار ئىدى ) زور بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ سېپىگە قايتۇرۇپ كەلدى ،ئۇرۇش ھالىتى تۇپەيلىدىن 1944 – يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1945 – يىلنىڭ بېشىغىچە بىر مەزگىل مەكتەپلەردە ئوقۇش توختاپ قالدى . بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، جايلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كۇرسلىرى ئېچىلدى . 1945 – يىل 9 – ئايدىن باشلاپ مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاندى . مۇشۇ چاغدا ئىلىدىكى يۇقۇرى ئوقۇش ئورنى بولغان ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيىسىدىمۇ ئوقۇش توختىغاندى . چۈنكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ھەممە نەرسە ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن قارىتىلغانلىقتىن ، ئىلى گىمنازىيىسىنىڭ ئورنى ئۈچ ۋىلايەت پارتىزانلىرىنىڭ ، كېيىنچە ھەربىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات بازىسى بولۇپ تۇردى . لېكىن 1946 – يىلدىن باشلاپ ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيىسى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ يەنە ئوقۇش باشلىدى . ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيىسىنىڭ ھەربىي سەپكە قاتناشقان ئامانتۇر بايزاقوۋ ، ھەمدۇللا قۇربانوۋ قاتارلىق ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقىلىرى قايتۇرۇپ كېلىندى ۋە يېڭىدىن خەمىت ۋەكىلى قاتارلىق بىر تۈركۈم بىلىملىك ، قابىل كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا قوشۇلدى .
ئۈچ ۋىلايەتتىكى مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك تۆت يىللىق ، يەتتە يىللىق ، ئون يىللىق تۈزۈم يولغا قويۇلغاندى . شەھەرلەردە ئون يىللىق ، شەرت – شارائىتى ياخشىراق رايونلاردا يەتتە يىللىق ، كەنت قىشلاقلاردا تۆت يىللىق تۈزۈم يولغا قويۇلدى . شۇ چاغدا باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن ،چوڭراق يېزىلاردا مەركەزلەشكەن مەكتەپ ، ئەتراپتىكى كەنت – قىشلاقلاردا شۆبە مەكتەپلىرى تەسىس قىلىنغاندى . قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شەھەرلەردە تولۇقسىز مەكتەپ ، يېزىلاردە ( چەت – يىراق جايلار بۇنىڭ سىرتىدا ) تۆت يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئاساسەن ئومۇملاشقاندى . ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ ، بولۇپمۇ يېزا – قىشلاقلاردىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ يۇقۇرىراق مەكتەپ ، سىنىپلاردا ئوقۇپ بىلىم ئېلىشى ئۈچۈن ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش مەقسىدىدە ھەر بىر ناھىيەنىڭ مەركىزىدە بىردىن ياتاقلىق ، مەركەزلەشكەن ئوتتۇرا مەكتەپلەر تەشكىل قىلىنغاندى . بۇ مەكتەپلەردە تولۇقسىز سىنىپتىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا سىنپلارغىچە دەرس ئۆتۈلەتتى . بۇ مەكتەپلەرگە شۇ ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن تاللاپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى تولۇقلىناتتى ، ئىلى گىمنازىيە ( بىلىم يۇرتى ) نى پۈتتۈرگەن بىر قىسىم ياخشى ئوقۇغۇچىلار تەقسىم قىلىنىپ سەپلىنەتتى . مەن 1948 – يىلى سۈيدۈڭ ( ھازىرقى قورغاس ) ۋە قورغاس ( چىلپەڭزە ) ناھىيىلىرىكى مەركەزلەشكەن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمدە ، ئۇلاردىكى ئوقۇتۇش ساپاسى ھەقىقەتەنمۇ غۇلجا شەھىرىدىكى مەكتەپلەردىن قېلىشمايدىكەن . ئوقۇتقۇچىلار ئۆز خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆيۈنۈپ جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئىشلەيدىكەن ، شۇ چاغدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا ئالىي مەكتەپ ياكى ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار يوق دىيەرلىك بولۇپ ، ئاساسەن ئوتتۇرا شىفەن ، تولۇق ئوتتۇرا ، بەزىلىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار ئىنتايىن تىرىشچان ئىدى ، ئۆز خىزمىتىگە قارىتا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغاچقا ، جان – دىل بىلەن تىرىشىپ ئىشلەيتتى ، قېتىرقىنىپ ئۈگىنەتتى ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە جايلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش كۇرسلىرى ، باشقا ۋاقىتلاردا بىلىم ئاشۇرۇش كەچكۇرسلىرى ئېچىلاتتى ، كۈرسلاردا ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇراتتى . 1947 – يىلدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىدە كەچكى چوڭلار مەكتىپى قۇرۇلدى ، بۇ مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ، بەزىلىرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ 1 - ، 2 – يىللىقلىرىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر تاللاپ ئۈگىنىلەتتى ، دەرسنى بىلىم يۇرتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆتەتتى ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ بىلىم ئاشۇراتتى .
ئۈچ ۋىلايەت مەكتەپلىرىدىكى دەرسلىكلەر ، ئاساسەن ، تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرى ۋە تۈرلۈك كۆرسەتمىلىك قورال ، خەرىتىلەر ئىدى . بۇ خىل دەرسلىكلەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالمۇتا ، تاشكەنتتىكى نەشرىياتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ، قازاق تىللىرىدا ( ئەرەب يېزىقىدا ) مەخسۇس نەشر قىلىنغاندىن باشقا ، بەزى ئىجتىمائىي پەن دەرسلىكلىرىنى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى تۈزەتتى ۋە ئۇنى شافىگىرافتا بېسىپ تارقىتىپ پايدىلىناتتى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىدارە كادىرلىرىغا ئوخشاش بەزى ئايلاردا ئىش ھەققى ئالماي ، ئايلىق ئىش ھەققىنى ئالدىنقى سەپكە ياردەم قىلىپ ، پىداكىرانە روھتا خالىسانە ئىشلەپ كەتكەن چاغلىرى بولغاندى .
مۇنداق بىر مەسىلەن مېنىڭ ئېسىمدىن زادى چىقمايدۇ : 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئۈچ ۋىلايەتكە بېسىم ئىشلىتىپ ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىستى ۋە قامال قىلدى ، شۇ مەزگىلدە ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قانچە ئاي ئىش ھەققى تارقىتىلمىغاندى ، مۇشۇ چاغدا غۇلجا شەھىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى توپلىنىپ ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ۋەكىل بولۇپ ، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە ھال ئېيتىپ كەلگەندى . مۇشۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىدىغان پۇل يوق ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ئىككى خو ( بىر خو تۆت پۇت ، بىر پۇت 40 قاداق ھىساپلىناتتى ) دىن بۇغداي بېرىلگەندە ، شۇنىڭغىمۇ رازى بولۇپ ، ئۆز خىزمىتىنى قىلىشقاندى ، جاپالىق خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن بىر مۇنچە ئوقۇتقۇچىلار ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندى ، بۇلاردىن بەزىلىرى شۇ كېسەل بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ئېسىمدە . شۇڭا ئەخمەتجان قاسىمى1948 – يىلى غۇلجا شەھىرىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قىلغان مۇھىم تارىخىي نۇتقىدا « .... ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن . كىشىلىك جەمىيىتىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ مېھنىتىدىن پەخىرلىنەرلىك مېھنەت يوقتۇر . چۈنكى ئالىم ، مۇتەخەسىس ، يازغۇچى ، قوماندان ، جەمئىيەت ئەربابى ۋە باشقىلار ئوقۇتقۇچى مېھنىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر » دەپ ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە يۈكسەك باھا بېرىش بىلەن يەنە « .... مۇشۇ تەربىيەچىلەر بىز ئويلىغان ۋە بىز دىگەن ئورۇننى ئىشغال قىلالمايۋاتىدۇ ، بىز ئۇلارغا ياخشى شەرت – شارائىت يارىتىپ بېرەلمەيۋاتىمىز ، بۇ بولسا بۈگۈنكى شارائىتىمىزنىڭ شۇنداق بولغانلىقىدىندۇر » دەپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورۇن ۋە تۇرمۇشىغا كۆيۈنگەندى .
ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەنە شۇنداق بەزى قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ ، لېكىن ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن قوللاپ ، ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى ، ئۈچ ۋىلايەتتىكى مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مەكتەپ يېنىدا ئاتا – ئانىلار كومېتىتلىرى قۇرۇلغاندى . بۇ ئاتا – ئانىلار كومېتىتلىرىغا شۇ مەھەللە كەنتلەردىكى تەرەققىپەرۋەر زاتلار ، يۇرت مۆتىۋەرلىرى قاتنىشاتتى . بۇ كومېتىتلار مەكتەپلەرنىڭ چوڭ بىر غەمخورچىسى – يۆلەنچۈكى ئىدى . مەكتەپلەرنىڭ بىنا قۇرۇلۇشى ، رېمونت قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ، جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش خىراجىتى قاتارلىق مەسىلىلىرىنى شۇ كومېتىت ئۈستىگە ئېلىپ ھەل قىلاتتى . ئاتا – ئانىلار كومېتىتلىرى قەرەللىك ھالدا مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ دوكلاتنى ئاڭلاپ ، مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى ۋە جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بولسا كۆپچىلىككە تايىنىپ ھەل قىلىپ بېرەتتى . مۇشۇنداق ئاتا - ئانىلار كومېتىتىلىرىنىڭ ياردىمى ، مائارىپپەرۋەر زاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن سېلىنغان مەكتەپ بىنالىرى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھەممە ناھىيە ، يېزا – قىشلاقلىرىدا تېپىلىدۇ . مەن ئۆزەم بىۋاستە كۆرگەن بىلگەن مەكتەپلەردىن غۇلجا شەھىرىدە « سىتالىن مەكتىپى ( 7 – ئوتتۇرا ) ، ئايدۆڭ مەكتەپ ، ئۆزبېك مەكتەپ ، قارا دۆڭ مەكتەپ ، « روشەن مەكتىپى » ، « شەرق » مەكتىپى ھەمدە بۇ مەكتەپلەرنىڭ شۆبە مەكتەپلىرىدىن تاتار مەكتىپى قاتارلىق نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ بىنالىرى ئەنە شۇنداق ئاتا – ئانىلار كومېتىتلىرىنىڭ رەھبەرلىكى ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچى بىلەن سېلىنغاندى .
ئەينى يىللاردا ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە ، بولۇپمۇ غۇلجا ، چۆچەككە ئوخشاش شەرت – شارائىتى بار جايلاردا كەچكى بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرى ، چوڭلار كەچكى مەكتەپلىرى ، چەت ئەل تىلى ئۈگىنىش كۇرسلىرى بەس – بەستە ئېچىلىشقا باشلىغاندى ، ھەتتا غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئائىلىدىكى خانىم – قىزلار ئۈچۈن كەشتە تىكىش ، كىيىم تىكىش قاتارلىق ھۈنەرلەر ئۈگىتىلىدىغان كەسپىي مەكتەپلەر قۇرۇلغاندى .
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئومۇمىي خەلق ساۋات چىقىرىش خىزمىتىمۇ چىڭ تۇتۇلغاندى . شەھەر ، يېزا – قىشلاقلاردا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۇرسلىرى ئېچىلىپ ، كۆپلىگەن كىشىلەر ساۋات چىقارغاندى ، بۇ كۇرسلارغا شۇ جايدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس بەرگەندىن تاشقىرى ، شۇ جايدىكى ساۋاتلىق ۋە مەلۇم بىلىم سەۋىيەسى بار ياشلار جەلپ قىلىنىپ دەرس ئۆتۈلەتتى . بۇ خىزمەتكە ئومۇميۈزلۈك مەھەللە كومېتىتلىرى مەسئۇل بولغاندى ، 1948 – يىلدىن كېيىن ، شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقىنىڭ جايلاردىكى يەرلىك تەشكىلاتلىرى مەسئۇل بولغاندى .
شۇنداق ، ئۆتمۈشنى ۋە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، شىنجاڭنىڭ ۋىلايەت ، شەھەر ناھىيەلىرىدىن قايسىبىر ئورۇننىڭ تارىخىدا شۇ جايدا تەرەققىپەرۋەر ، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى ، چەت ئەلنىڭ پەن – مائارىپ جەھەتتىكى ئىلغارلىقىنى كۆرگەن ياكى چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەر كۆپ بولسا ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان . مەسىلەن : تۇرپاندا مۇھىتىلار باشلىق بىر مۇنچە تەرەققىپەرۋەر زاتلار ، ئاتۇش ، غۇلجىلاردا ھۈسەيىن باي ، باۋۇدۇنباي ــــ ئاكا- ئۇكا مۇسابايوۋلار ، قەشقەردە ئابدۇكېرىم مەخسۇملارنىڭ شۇ جايلاردىكى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرى ناھايىتى زور . قەشقەر ، ئاتۇش رايونلىرىدا تۈركىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىدە ئوقۇپ كەلگەن ئەھمەد كامال ، ئابدۇقادىر داموللا ، مۇھەممەت ئېلى ( تەۋپىق ) قاتارلىق تەرەققىپەرۋەر ، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى ، تۇرپان ، چۆچەكلەردە روسىيە تەۋەسىدىن كەلگەن مۇرات ئەپەندى ، ئەلى ئىبراھىموۋ ، گۈلەندەم ئاپپاي ؛ غۇلجىدا مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن ناسوھا داموللام ، تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇراخمان ئەپەندى ، مەسئۇت سابىرى ، مەسۇم ئەپەندى ، جىرجىس ھاجى ، سابىت ئەپەندىم قاتارلىقلار ئۆز دەۋرىدە شۇ جايلارنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينىغاندى . مۇشۇنداق زىيالىيلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئويغىنىش بولغان بۇ جايلاردا يېڭىچە مەكتەپلەر مەيدانغا كېلىپ قاراڭغۇ جاھالەت دۇنياسىغا زەربە بېرىلگەن .
ئىلى رايونىدا ئاكا – ئۇكا مۇسابايوۋلار 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ غۇلجىدا يېڭىچە پەننىي مەكتەپ ئاچقاندى . شۇنىڭدىن تارتىپ 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى ناسوھا داموللام قاتارلىقلار ، 20 – ئەسىردىن باشلاپ ئابدۇراخمان ئەپەندى ، مەسۇم ئەپەندى ، جىرجىس ھاجى قاتارلىقلار يېڭىچە مەكتەپ ئېچىشنى باشلىۋەتكەندى . مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20 – يللىرىدىن كېيىن م غۇلجىدا ھۆسەيىن يۇنۇسوۋ ، سالىھ جانباي باباجانوۋ ، ھۆسەيىن تارانوۋ قاتارلىق تەرەققىپەرۋەر زاتلار . 1930 – يللارنىڭ ئالدى كەينىدە ئەمەتخان روزى ، تېيىپ ھاجى سابىتوۋ ، ئابدۇرېھىمجان ھەسەنوۋ ، رەھىمجان سابىر ھاجى ، ھەسىنەم پالتىبايوۋ قاتارلىق كىشىلەر ئىلى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ، يېڭىچە مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۈردى . غۇلجىدا 1920 – يىللاردىن كېيىن ، بولۇپمۇ 1930 – يىللاردا ئاتاقلىق مائارىپچى شائىر مەرۈپ سەئىدىنىڭ ئەمگىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ . ئاتاقلىق مائارىپچىلاردىن داموللا رازىيوۋ ، ھاشىم گۆھەر باقى ، ھاشىر رەززاقى ، ھۈسەيىن خەلپەتى ( ھۆسەيىن سامساق ) ، يارمۇھەممەت مەخدۇم قاتارلىق كىشىلەر ئىلى مائارىپى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى . شۇ قاتاردا ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن سوۋېت يەتتە سۇ رايونىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇرۇلغان سوپى زارۋاتوۋ ( بۇ كىشى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ قۇربان بولغان ) نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەن ئوسمان ئەيسا ، ئابدۇرېھىم ئەيسا ، مۇھەممەتجان تۇردىيوۋ ، سېلىم ئاخۇن ئەپەندى ، ۋېلەم ئەپەندى . ۋېلەم ئەپەندى ، ئالىم ئەيسا . ئەلى ئەكبەر ، ئۆمەرجان ئەپەندىم قاتارلىق كۆپلىگەن زىيالىيلار ئىلى مائارىپ قوشۇنىغا قوشۇلدى . بۇنىڭ بىلەن ئىلى مائارىپىدا ئالاھىدە يېڭى يۈكسىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى .
ئىلىنىڭ مائارىپ تەرەققىياتدىن ئالغاندا ، ئىلى ( غۇلجا) ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولغاچقا ، تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە ، مەدەنىيەت – مائارىپ ئىشلىرىدا ئۈگىنىش ، تەسىر كۆرسىتىش زور بولغاندى . بولۇپمۇ غۇلجا شەھىرىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە تاتار مىللىتىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى باشقا مىللەتلەردىن يۇقۇرىراق ئىدى . شۇنداقلا تاتار قېرىنداشلاردىن چەت ئەلنى كۆرگەن ، چەتئەلدە ئوقوپ كەلگەنلەرمۇ كۆپرەك ئىدى . شۇڭلاشقا ئىلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاپ ، يېڭىلىققا يېتەكلەشتە ئۇلارنىڭ رولى ۋە ئىلھام بېرىشى ناھايىتى زور بولدى . بۇنى ھەرگىز ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ . ئىلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ، ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان غارىپ ئەبزى ، ھەبىب يۇنۇچى ، مالىك بېكتېمىروۋ ، پەرىخە ئەلى ئەكبەروۋا ، رەپىق ئابىدى ، زەينەپ ئابىدى ، ماھىنۇر سىراجىيېۋا قاتارلىق پىشقەدەم تاتار مائارىپچى زىياللىيلىرىنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ . يالغۇز مائارىپ سېپىدىلا ئەمەس . باشقا مەدەنىيەت ، تەنتەربىيە ئىشلىرىدىمۇ تاتار زىيالىيلىرىنىڭ تەسىرى زور بولدى .
ئىلى ( غۇلجا) شىنجاڭدىكى ئىلغار زىيالىيلارنىڭ توپلاشقان ئورنى بولۇپ قالدى . بولۇپمۇ ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلغار ئىدىيىدىكى يۈزلىگەن زىيالىيلار غۇلجىغا كېلىپ توپلاشقاندى . نىم شېھىت ئارمىيە ئېلى داموللامدىن تارتىپ ناھايىتى نۇرغۇن يازغۇچى شائىر، ئوقۇتقۇچىلار ئىلىغا كېلىپ خىزمەت ئىشلىدى ، مانا بۇ كىشىلەر ئىلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز تۆھپىسىنى قوشتى . 1933 – ئاپرېل ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئىلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىر مەزگىل يەنى جاللات شېڭشىسەي ساخت نىقابىنى ئېچىپ تاشلغانغا قەدەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى .
1936 – ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيەسى قۇرۇلۇپ ، ھەرمىللەت ياشلىرىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسى قاندۇرۇلدى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغىچە سەككىز قارار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ ، ئىلى ئۈچۈن ۋە پۈتۈن شىنجاڭ ئۈچۈن يۈزلىگەن زىيالىيلارنى يېتىشتۈردى . مەن ئەشۇ مىللەتلەر گىمنازىيەسىنىڭ 6 – قارارلىق سىنىپىدا (5 - ، 6 – قارارلىقى بىر يىلدا قوبۇل قىلىنغاندى ) ئوقۇغاندىم .
ئىلى مىللەتلەر گىمنازىيەسىدە 1940 – 1941 – ئوقۇش يلىدىن باشلاپ بىر سىنىپ ئالىي شىفەن سىنىپى ئېچىلغاندى . 1948 – يىلدىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئەشۇ مىللەتلەر گىمنازىيەسى ئاساسىدا « ئۆلكىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك مۇتەخەسىسلەر يېتىشتۈرۈش بىلىم يۇرتى » قۇرۇلدى . بۇ بىلىم يۇرتىدا شىفەن كەسپى ، ئاگرانوم ، چارۋىچىلىق ، قۇرۇلۇش ، سىياسىي – قانۇن ، مالىيە – ئىقتىساد كەسىپلىرى تەسىس قىلىندى . بۇ بىلىم يۇرتىدا 17 سىنىپ بولۇپ ، 500 گە يېقىن ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى . ئوقۇغۇچىلار ئۈچ ۋىلايەتتىن قوبۈل قىلىناتتى . مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ، تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلار سەپلەنگەندى . بەزى كەسپى دەرسلەرنى ئۆتۈشكە سىرتتىن مۇتەخەسىسلەر تەكلىپ قىلىناتتى .
بىلىم يۇرتى بىلەن تەڭلا ئىلى تىببىي مەكتىپى قۇرۇلدى . بۇ مەكتەپكە ئىلىدىكى سوۋېت دوختۇرخانسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى ، شۇنداقلا ئىلىدىكى ئاتاقلىق يەرلىك دوختۇرلاردىن نىغمەت ئىنئامجانوۋ ، شامىل دوختۇر ، شەپىقە خانىملار دەرس ئۆتەتتى . بۇ تىببىي مەكتەپ ئازادلىقتىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق تىببىي مەكتەپنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالدى . 1949 – يىلنىڭ ئاخىرىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرۇپىلان ھادىسىسى بىلەن قازا قىلغاندىن كېيىن ، ئىلى بىلىم يۇرتىغا « ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتى » دەپ نام بېرىلدى .
ئازادلىقتىن كېيىن ، 1951 – يىلنىڭ ئاخىرىدا سابىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بويىچە شىنجاڭ مىللەتلەر شۆيۈەنى قايتا رەتكە سېلىنىپ ، ئۇنىڭ ساپاسىنى ياخشىلاش ، ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدىكى كادىرغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىلى بىلىم يۇرتىدىكى مەخسۇس كەسپى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچىگە – مىللەتلەر شۆيۈەنىگە يۆتكەپ كېلىندى . مەيلى بىلىم يۇرتى ياكى تىببىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن ، ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار خىزمەت ئېھتىياجى بويىچە ئۆلكە دائىرىسىدە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
شۇنى جەزىملەشتۈرۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا ياشتىن ھالقىغان ھەر ساھەدىكى يۇقۇرى ئۇنۋانلىق زىيالىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەنە شۇ گىمنازىيە ھەم بىلىم يۇرتىدىن كەلگەنلەردۇر .
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا تەڭ كۆڭۈل بۆلۈنگەندى . يالغۇز غۇلجا شەھىرىدىلا تاتار مەكتىپى ، ئۆزبېك مەكتىپى ، ئىلى رۇس مەكتىپى ، خەنزۇ مەكتىپى ، خۇيزۇ مەكتىپى قۇرۇلغاندى ، بۇ مىللەت بالىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا دەرس ئوقۇيتتى . بۇنىڭدىن باشقا ، قازاق ، قىرغىز ، موڭغۇل قېرىنداشلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن غۇلجىدا قازاق ، موڭغۇللارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپلىرى تەسىس قىلىنغاندى ، بۇ مەكتەپلەرگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىناتتى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقتىدا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش تۈزۈمى ، تەرتىپ – ئەخلاق تۈزۈملىرىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ، ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇلاتتى . ئوقۇتۇش پروگىراممىسى ، ئوقۇتۇش پىلانلىرى مەۋسۈم ، چارەكلەراگە بۆلۈنۈپ تۈزۈلەتتى . كۈندىلىك ئىش پىلانلىرى كونكىرىت يېزىلىپ ، ئۆز ۋاقتىدا ئورۇندىلىپ تۇراتتى . مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك بەش نومۇر قويۇش تۈزۈمى قوللىنىلاتتى . ئوقۇتۇش پىروگىراممىسى شۇ چاغدىكى سوۋېت مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىك پىروگىراممىسى ئاساسىدا تۈزۈلەتتى . شۇڭا ئۈچ ۋىلايەتتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى خېلى يۇقۇرى ئىدى .
ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن ئۆتكەچكە ، شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى ، ئازادلىقتىن كېيىن تاكى 1956 – يىلغىچە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىدىغان يىللىق ئىمتىھان سوئاللىرىنى ( تەبىئىي پەنلەردىن ) سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مائارىپ مىنىستىرلىكى چىقىراتتى ۋە شۇ بويىچە ئىمتىھان ئېلىناتتى . شۇڭا ئازادلىقنىڭ دەسلىپىدە ئۈچ ۋىلايەت ھەم ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى يۇقۇرى ئىدى . ھەتتا مەملىكەت بويىچىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى . بۇ بىر ئەمەلىي ئەھۋال بولۇپ ، بۇنى 1956 – يىلى يولداش ليۇ شاۋ چى پارتىيىنىڭ 8 – قۇرۇلتىيىدا مۇقىملاشتۇرغاندى .
ئۈچ ۋىلايەتتىكى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ شۇنداق ياخشى يولغا قويۇلغانلىقىنى ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ، جۈملىدىن ھەر دەرىجىلىك مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇتۇشقا يۈزلىنىپ تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكى ، تۈزۈملىرىنىڭ ئەمەلىي بولغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . مەن قىسقىلا قىلىپ ئىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارما ( ئىدارە ) سىنىڭ تەشكىلىي ئاپپارات ئەھۋالىنى قوشۇمچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي : ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ ئىشلىرىغا نازىر سەيپىدىن ئەزىزى ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلاتتى ، ئىلمىي باشقارمىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر خانبابا ئىدى . باشقارما تەۋەلىكىدە كاتىبات بۆلۈمى ، مەكتەپلەر بۆلۈمى ، كادىرلار بۆلۈمى ، مالىيە بۆلۈمى ، پىداگوگىكا ئىشخانىسى بار ئىدى ، مەكتەپلەر بۆلۈمى قارىمىقىدا ئىنسپىكتورلار ( مۇپەتتىشلەر ) كوللىگېيىسى بار ئىدى . خەنزۇ ، شىبە ، رۇس ، موڭغۇل مەكتەپلىرى ئۈچۈن شۇ مىللەتتىن بولغان مەخسۇس مۇپەتتىشلەر قويۇلغاندى . مەن غۇلجا شەھىرىدىكى مەكتەپلەرگە مەسئۇل ئىدىم . ھەر بىر مۇپەتتىشكە بىردىن ئىگەر – توقۇملۇق ياراملىق ئات تەييار ئىدى ، ئۇلار ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپلەرنى ئايلىنىپ كېلەتتى . مەنمۇ غۇلجا شەھىرىدىكى 25 كە يېقىن مەكتەپنى ئايلىنىپ چىقاتتىم .
مۇپەتتىشلەر بىر ئايلىنىپ تەكشۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن ، تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن دوكلات تەييارلايتتى ، مائارىپ باشقارمىسىدىكى ئومۇمىي يىغىندا تەكشۈرۈش ئەھۋالى دوكلات قىلىناتتى ، يىغىندا سوئاللار قويۇلاتتى ، مۇزاكىرە قىلىناتتى ، ئاخىرىدا بۇ دوكلات تۈزىتىلىپ گېزىتتە ئېلان قىلىناتتى .
شۇ چاغدا مۇنداق بىر ئەھۋال يۈز بەرگەندى : 1948 – يىلى نىلقا ناھىيەسىگە بارغان مۇپەتتىش نىلقا ناھىيەسىنىڭ مائارىپ ئەھۋالىدىكى بەزى كەمچىلىكلىرىنى سېزىدۇدە ، يىغىندا دوكلات قىلىدۇ ، بۇ ئەھۋال گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، نىلقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھاكىمى فاتىخ مۇسلىموۋ ( ئۈچ ۋىلايەت باتۇرلىدىن بىرى ) بۇ دوكلاتنى گېزىتتىن كۆرۈپ ، خاپا بولۇپ : « ئەشۇ مۇپەتتىش ئەمدى نىلقىغا كېلىدىغان بولسا ، مازار ( سۇلتان ئۇۋەيس مازىرى ) دىن ئۆتسىلا ئاتىمەن » دەپ تەھدىت سالغاندى . بۇ مەپەتتىش قورققىنىدىن بىر مەزگىل نىلقىغا بارالمىغان .
دېمەك ، مائارىپنى تۇتۇش شۇنداق چىڭ ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى شۇنداق كۈچلۈك ئىدى . مائارىپ باشقارمىسىنىڭ بەنزىسى ئىخچام ، يىغىنچاق . چاققان بولۇپ پۈتۈنلەي ئوقۇتۇشقا يۈزلەنگەن ، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ، كادىرلىرى خىل ، كۈچلۈك ، ئىتتىپاقلاشقان بەنزە ئىدى .
ئۈچ ۋىلايەتتە ھەر بىر ئوقۇش يىلى ئاخىرلاشقاندا ، يىللىق ئومۇمىي ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلاش يىغىنلىرى ئېچىلىپ تۇراتتى. نەمۇنىلىك مەكتەپ ، مۇدىر ۋە ئوقۇتقۇچىلار تەقدىرلىنەتتى ، خىزمەت ، ئىش ھەققى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلەتتى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېكىتىشتە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىمى ( ئوقۇش تارىخى ) ، سىتاژى تولۇق ھىسابقا ئېلىناتتى . مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ، ئوقۇغۇچىلارنى سۆيۈش يولغا قويۇلغاندى . ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش پۈتۈنلەي مەنئىي قىلىنغاندى .
مەنبە : شىنجاڭ تەزكىرىسى ژورنىلى 1995 – يىل ، 1 – سان
|
|