- تىزىملاتقان
- 2014-3-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 978
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
95.6%
|
ئەنۋەر خانبابا دېگەن كىمۇ؟ مۇشۇ كىشى توغرىسىدا تەپسىلىي ماتېرىيال بارمىدۇ؟ ئەنۋەر خانبابا ( ئۆزبېك ) رەخىسى بابانىڭ ئوغلى . ئۇ 1918 - يىلى ماي ئېيىنىڭ 1 - كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئاتىسىدىن كىچىك قالغان ئەنۋەر خانبابا بوۋىسنىڭ تەربىيەسىدە بولۇپ ، 1927 - يىلى بوۋىسى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىىگە كېلىپ ، تۇرسۇن بابانىڭ تەربىيەسىدە بولىدۇ . ئۇ ئۈرۈمچى گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1935 - يىلى بىرقانچە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە موسكۋاغا ئوقۇشقا بارىدۇ . ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، 1944 - يىلى 12 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ . ئۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى مائارىپ نازارىتىدە بۆلۈم باشلىقى ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ، ئىلى ۋىلايىتى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ، قوشۇمچە مەدەنىيەت - مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ . ئازاتلىقتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى ۋە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مەدەنىيەت - مائارىپ بولۇمىنىڭ باشلىقى ، ئاپتونىم رايونلوق سىياسى كىڭەشنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - مائارىپ كۆمىتېتىنىڭ مۇدىرى ھەم پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق 1-،2-،3-،4-،5-نوۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ، مەملىكەتلىك 2- نوۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ، 6- نوۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ ، شىنجاڭنىڭ تەرەقىياتى شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن زور توھپىلەرنى قوشقان ئۇلۇغ مەرىپەتپەرۋەر زاتتۇر ! ( مەنبە ؛ شېرىپ نىياز خۇشتار ؛ ‹‹ شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر ›› ) |
|