قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 11135|ئىنكاس: 91
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاشپولات: ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەتگە مۇبارەك بولسۇن!

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

200

تېما

63

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 495
تۆھپە : 3700
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 08:49:07 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 08:47  

ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەتگە مۇبارەك بولسۇن!

تاشپولات روزى

T1.jpg

ئەسسالامۇ ئەللەيكۇم قەرىنداشلار، مەن بىزنىڭ ياش ئالىمىمىز ھاياتلىق ئىلمى دوكتورى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت  ئۇكام ئېرىشكەن كاتتا خوش خەۋەردىن سىلەرنى خەۋەردار قىلماقچى. ئۇ 45 تىن كوپ دۆلەتلەردىن كېلىپ قاتناشقان دۇنياۋى بىئولوگىيە ئالىملار يىغىندا ئۆزىنىڭ ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئوقۇلغان 1000 پارچىدىن كوپ ئىلمى ماقالىلەر ئىچىدىن ماقالىسى تاللىنىپ لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۇيغۇر خەلقىنى چەكسىز خۇشال قىلىدۇ! مەن ئۇنۇڭ ئۇتۇقلىرىنى چىن كۆڭلۈمدىن مۇبارەكلەيمەن! بۇنداق كاتتا نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ ئويناپ يۈرۈش بىلەن قولغا كەلمەستىن ئۇنۇڭ تىنىمسىز تىرىشىشى نەتىجىسىدىن كەلگەندۇر. ئۇ داۋاملىق مۇشۇنداق بىزنى خۇشال قىلىدىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئىلمى ئاساسىغا ئىگە يازمىلارنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ مىللىتىمىزگە سۇنۇپ كەلمەكتە. مەن بۇ قېتىم ۋەتەنگە تۇغقان يوقلاش بىلەن بارغىنىمدا ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇنۇڭغا كوپ رەھمەتلەرنى ئەيتى. ئۇنۇڭ شان شۆھرىتى ۋەتەندىكى زىياللار ئىچىدە، كارخانىچىلار ئىچىدە، سەنئەتچىلەر چىدە، دىخانلار ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن. مەن توققۇزتارانىڭ ئەڭ چەت ئەڭ كىچىك بىر يېزىسىغا بارسام ئۇ يەردىكى دىخانلارمۇ تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكامنى ۋە بىزنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇردىن چىققان بىردىن بىر دۇنياۋى ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى ياخشى تونۇيدىكەن. ئۇلار مەن بىلەن تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئىككىمىز بۇلتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشلىگەن سىن ئالغۇنى كۆرۈپتۇ. بۇ سىن ئالغۇدىن ئۇلار كوپ پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ئېلىپتۇ. تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكامدىن بىزنىڭ يەنە بىر ئۆگىنىدىغان يېرىمىز، ئۇنۇڭ كىچىك پېئىل كەمتەر، كەسىپتە مۇكەممەل بولۇپ يالغان گەپ قىلمايدىغانلىقىدا.

T9.jpg

مەن بۇ قېتىم ۋەتەنگە بارغىنىمدا، ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپلەر دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەتنى، بىزنىڭ پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى ۋە ئاياللاردىن چىققان ياش ئالىمىمىز  رەيھان بەكتۇرنى ۋەتەن ئىچىدە ئالاھىدە دوكلات بېرىشىنى تەكلىپ قىلدى.

دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بۇ يىغىن توغرىلىق مۇنداق توختالدى.  “بۇ قېتىم مەن 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە  «دۇنيا كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى،SSR » نىڭ ئامېرىكا مىچىگان شتاتى گىراند راپىد شەھىرىدە ئېچىلغان 47-قېتىملىق ئىلمىي يىغىنىغا قاتناشتىم. بۇ قېتىملىق يېغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى: «ئۇرۇقلىنىش - دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلغان مەسىلە» بولۇپ، كۆپىيىشتىن ئىبارەت ئىنسانلار دۇنياسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان بىر بىئولوگىيىلىك ھادىسە ئۈستىدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى تەتقىقاتلاردىن دوكلات بېرىلدى. بۇ ئىلمىي يىغىنغا 45 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن بىئولوگىيە ئالىملىرى قاتناشتى.

T6.jpg

ئادەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىلمىي يىغىنلار مۇنداق بىر تەرتىپتە ئىلىپ بېرىلىدۇ:
ئالدى بىلەن يىغىن ۋاقتى، ئورنى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلار يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئىلمىي جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن بارلىق ئەزالارغا ئۇقتۇرۇلىدۇ. كۆپ قىسىم پروفېسسورلار ئۆز تەتقىقات ساھەسىدىكى ئاز دېگەندە بىر-ئىككى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار شۇ يىغىنغا بېرىش-بارماسلىق ئۈستىدە نۆۋەتتىكى تەتقىقات ۋە مەبلەغ ئەھۋالىغا قاراپ قارار چىقىرىپ قول ئاستىدىكى دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلار ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىغا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ. ئاندىن تەتقىقاتچىلار يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىشلەپ چىققان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ بىر پارچە پۈتۈن ماقالە ياكى ماقالە ئابستراكتى تەييارلاپ ماقالە تاپشۇرۇش ئاخىرقى كۈنىدىن بۇرۇن توردا ماقالىنى تاپشۇرىدۇ. تەلەپ - تاپشۇرۇلغان ماقالىدىكى سانلىق مەلۇماتلار يېڭى، توغرا، ئىشەنچلىك بولۇشى، ئىلمىي نەتىجىلەر ئىلگىرى ھېچقاچان ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى، باشقا يىغىنلاردىمۇ سۆزلەنمىگەن بولۇشى ۋە تاپشۇرۇش ئاخىرقى چېكىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ ئاخىرقى چەك يىغىن ئېچىلىدىغان ۋاقىتتىن 6 ئاي بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئىلمىي جەمئىيەت بىر تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى بەلگىلەپ تاپشۇرۇلغان بارلىق ماقالىلەرنى باھالاپ تەخمىنەن 2 ئاي ئىچىدە ماقالىسى تاللانغان ئاپتورلارغا «ماقالە قوبۇل قىلغانلىق خېتى» ئەۋەتىدۇ. كۆپىنچە ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى كۆپ، ئەمما ۋاقىت چەكلىك بولغاچقا 80% تىن كۆپ يىغىن قاتناشچىلىرىغا تامغا دوسكا شەكلىدىكى دوكلات سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلىدۇ، پەقەت ئاز بىر قىسمىلا ئېغىزچە دوكلات سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار بىر يەرگە كېلىپ ئىلمىي دوكلات سۆزلىنىدۇ.

T3.jpg

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ، مەن بۇ قېتىم دوكتور ئاشتى تەتقىقاتىمنىڭ ئەڭ يېڭى مېۋىسى بولغان ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىمنى خۇلاسىلەپ بىر پارچە ماقالە تاپشۇردۇم. بۇ يىغىنغا جەمئىي 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي دوكلات ماقالىسى تاپشۇرۇلغان بولۇپ، مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش كومېتىدىكىلەر مېنىڭ ماقالەمگە يۇقىرى باھالارنى بېرىپتۇ ۋە بۇ يىل 4-ئايدا ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ماقالەم ئۈچۈن ماڭا «لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. «كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ تور بېتىدە بۇ مۇكاپاتنىڭ شەرتلىرى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:
«لايلور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» ئەڭ ياخشى تەتقىق قىلىنغان ۋە ئەڭ ياخشى يېزىلغان ماقالە ئۈچۈن بېرىلىدۇ.

Http://www.ssr.org/14MeritAwards

تۆۋەندىكىسى مەن 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تاپشۇرۇۋالغان مۇكاپات ئۇقتۇرۇشى:

T8.jpg

مەن 7-ئاينىڭ 18-كۈنى يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدىغان مىچىگان شتاتىنىڭ گراند راپىد شەھىرىگە يېتىپ باردىم چۈنكى شۇ كۈنى يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىگە ئېچىلىدىغان بىر ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىشىم كېرەك ئىدى.
ئىلمىي يىغىن ئەتىسى رەسمىي باشلاندى ۋە مەن 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن 15 مىنۇتلۇق ئېغىزچە دوكلات بەردىم. «ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى مىكرو RNA تىپىدىكى ئېپىگېنتىكىلىق مېخانىزملار بىلەن ھامىلە مېڭىسىدىكى ئاچقۇچلۇق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئۆزگەرتىدۇ» نامىدىكى دوكلاتىمنى سۆزلەپ بولغىنىمدا پۈتۈن زالدا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. نۇرغۇن ئالىملار قىزغىنلىق بىلەن كەينى-كەينىدىن نۇرغۇن سوئاللارنى سورىدى ۋە تەتقىقاتىمنىڭ ئىنتايىن قىزىقارلىق، زور ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ياخشى باھالارنى بەردى. نەق مەيداندا دوكلاتىمنى ئاڭلىغان ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىلگىرىكى دوكتور يېتەكچىم سىېىۋىن فورد ماڭا: «تۇرسۇن، يارايسەن! قالتىس بىر دوكلات بولدى، مەن سەندىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن» دېگىنىدە ماڭا قاتتىق تەلەپ قويۇپ مېنى بىر قوللۇق يېتىشتۈرگەن، ئادەتتە بىر ئىشنىڭ يارىمىقى ناھايىتى تەس بۇ پېشقەدەم ئۇستازىمنىڭ سۆزلىرىدىن ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم.

T5.jpg

مەن بۇ قېتىملىق يىغىن جەريانىدا كۆپلىگەن دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە داڭلىق ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق ئەنگلىيە ئالىمى، «كىلون ئاتىسى» دەپ نام ئالغان ۋە ئەنگلىيە خانىشى تەرىپىدىن «چەۋەنداز» لىق نامى بىلەن تارتۇقلانغان دوكتور ئىيان ۋىلمات(Sir Ian Wilmut) مۇ بار.

T7.jpg

دوكتور ئىيان ۋىلمات 1996-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى كلونلانغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان «دولىي» ئىسىملىك قوينى كىلولاپ، دۇنيا كىلون تېخنىكىسى ۋە غول ھۈجەيرە ساھەسىدە ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ داغدۇغا قوزغىغان كەشپىياتنى ياراتقان. ئۇ بۇ قېتىملىق يىغىندا «كىلون تېخنىكىسى ۋە باشقا كۆپەيتىش تېخنىكىلىرىنىڭ تارىخىغا نەزەر» دېگەن تېمىدا بىر سائەتلىك دوكلات بەردى. ئۇنىڭ دوكلاتى بېرىلگەن ۋاقىتقا باشقا ھېچقانداق دوكلات ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولغاچقا 1000 كىشىلىك چوڭ يېغىن زالى لىق توشتى. دوكتور ۋىلمات غول ھۈجەيرە بىئولوگىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىنى بىر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەنگە قوشقان تۆھپىسىنى بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاپ باھا بەردى. دوكتور ۋىلمات دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمىمىز دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ ساھەگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈستىدە خىلى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەپسىلىي توختالدى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتايىن يۇقىرى باھالارنى بەردى. شۇ مىنۇتلاردا مەن ھېس قىلغان پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئىدى.... ئاخىرى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىسمى دۇنيا ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سەھنىلىرىدە ئەڭ داڭلىق دۇنياۋى ئالىملار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە سۆزلىنىدىغان بوپتۇ! دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭدىن بىر قانچە سوئال سورىدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالدىم:
مەن بۇ قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگەندىن باشقا يەنە 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى «ئۇرۇقلىنىش تېخنىكىلىرى» نامىدىكى بىر بۆلەك دوكلاتلارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. ئاساسلىقى شۇ قېتىملىق دوكلات جەريانىدىكى سۆزلىگۈچىلەرنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ھەر بىر دوكلاتنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تۈگىشى ۋە سوئال سوراش باسقۇچلىرىنىڭ تەرتىپلىك ئىلىپ بېرىلىشى قاتارلىقلارنى باشقۇردۇم ۋە يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بېرىلىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشتۇم.

T2.jpg

بۇ قېتىملىق يىغىن ھەقىقەتەن زور مول-ھوسۇل بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن 7-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتىكى يىغىن يېپىلىش مۇراسىمىدا مەن «لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلاندىم.”

T4.jpg

ئاخىرىدا تۇرسۇنجان نۇرمەمەت، ۋە باشقا ئىلىم يولىدا تىرىشىپ كېلىۋاتقان ياش ئالىملىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇستازى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىيىنچىلىقتىن قورقماس روھىدىن ئۆگىنىپ،  تېخىمۇ كوپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنۇڭغا ھەممە جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان رەپىقىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.


0

تېما

1

دوست

2115

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21527
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 09:07:21 |ئايرىم كۆرۈش
بۇگۇن سەھەردىلا بۇ خوش خەۋەرنى كۆروپ،شۇنداق بەك خوشال بولدۇم،ياشاپ كەت ئۇيغۇر ياش ئالىمى،تېخىمۇ زور شان-شەرەپلەر ساڭا يار بولغاي!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   99.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2597
تۆھپە : 12930
توردىكى ۋاقتى: 6380
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 09:07:54 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 09:13  

بۇ  كاتتا ئىش بولۇپتۇ،مۇبارەك بولسۇن!.

مەن ئەھلى زۇننار مەغرىبى ئەمەس،

مەغرىبىلا ئىلىمنىڭ چىرىغى ئەمەس.

غىرىپ بولسام ئادالەتنىڭ غىرىبى،

لىكىن، پاراسەتنىڭ غىرىبى ئەمەس!.



0

تېما

0

دوست

102

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30243
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 18
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-4
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:08:50 |ئايرىم كۆرۈش
ئەتگەندە ماۋۇ خوش خەۋەرنى ئاڭلاپ مۇشۇ خەلقىرادا ئۇيغۇرلار نىڭ يۈزنى يورۇق قىلغان مۇشۇ ئالىملارغا چىن دىلىمدىن ئۇتلۇق سالان يولغۇم كەلدى ياشاپ كەت ئۇيغۇرۇم ياشاپ كەت  تورسۇنجان ئاكا بوندىن كىيىن ئىشلىرىڭ تىخمۇ راۋان بولغۇسى

3

تېما

0

دوست

1347

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21742
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:09:28 |ئايرىم كۆرۈش
مۇبارەك بۇلسۇن،تۇرسۇنجاندەك ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم -پەن ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك توھپە قوشۇپ خەلقىمىزگە شان -شەرەپ ئىلىپ كىلىشىگە تىلەكداشمىز.

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30699
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-10
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:13:16 |ئايرىم كۆرۈش
تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت ئۇكام، بىزنى چەكسىز پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىغا چۈمدۈرگىنىڭىزگە ئالەمچە رەھمەت! يەنىمۇ زور شان شەرەپلەرنى قۇچىدىغانلىقىزنى سىزىپ تۇرۇپتىمىز، ئارقا-ئارقىدىن كەلتۈرىۋاتقان خوش خەۋەرلەر سانسىز دىللارنى ئاۋۇندۇرۇپ سىزنى ئۈلگە قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىنى-سىڭىللىرىڭىزغا زور ئىلھام، ئۈمىد بېغىشلاۋاتىدۇ. سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. ئەزىز تېنڭىز ئامان، سالامەت، بەختىيار ئائىلىڭىز خاتىرىجەم، ئوماق قىزىڭىز ساغلام بولغاي!!!

3

تېما

8

دوست

10000

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3138
توردىكى ۋاقتى: 703
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:19:20 |ئايرىم كۆرۈش
ۋاھ . . .  .
نىمەدىگەن ھاياجانلىق دەقىقىلەر بۇ .
يارايسىز تۇرسۇنجان ، سىز بىزنىڭ پەخرىمىز .

1

تېما

0

دوست

921

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9843
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 55
تۆھپە : 259
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:50:56 |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن خۇشال بولىدىغان كاتتا ئىشكەن. قېرىندىشىمىز تۇرسۇنجاننىڭ تىرىشچانلىقىغا، ئىجادچانلىقىغا چەكسىز ئاپىرىن. بىزگە تۇرسۇنجاننىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )