قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2721|ئىنكاس: 35

بىلىمخۇمار: ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4165
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 10:01:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-- بىزنىڭ گۇرۇپپىدىن ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغان بىر خادىم ھەققىدە --

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى

       مەن ئالدىنقى ھەپتە تورلارغا چىقارغان «ماڭا يېڭىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتلار ھەققىدە» دېگەن يازمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدە بىر قېرىندىشىمىز مەندىن ئۆزگىچە بىر سوئالنى سوراپتۇ. يەنى ئۇ مەندىن «سىز ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر چىقىپ باققان بولسىڭىز قانچىلىك ئېگىزلىككىچە چىقىپ باقتىڭىز؟» دېگەندەك بىر سوئالنى سوراپتۇ. بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ سوئالىدىن ئۇنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشنىڭ جەريانلىرىدىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇ خىل ئەھۋالدىكى قېرىنداشلارنىڭ سانى ئانچە ئاز بولماسلىقى مۇمكىن. بولۇپمۇ مېنىڭ پەرىزىمچە خېلى كۆپ قېرىنداشلار «ئۇيغۇرلارمۇ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولالامدۇ؟ ئەگەر بولالىسا، ئۇيغۇرلار قانداق يول بىلەن شۇنداق بولالايدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىغا قىزىقىشى مۇمكىن. مەن مەزكۇر يازمىدا ئاساسلىقى مەن NASA غا خىزمەتكە كىرىشتىن بۇرۇن، مەن خىزمەتكە كىرگەن گۇرۇپپىدىكى بىر ياشنىڭ قانداق يوللار بىلەن ئالەم ئۇچقۇچىسى بولالىغانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن بىر ئۇقۇم ئۈستىدىمۇ ئازراق توختىلىمەن.
        مەن ئامېرىكىغا 30 ياشقا كىرگەندە كېلىپ، فىزىكا كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى، ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئاندىن ئوپتىكا كەسپى بويىچە دوكتور ئاشتىلىقنى تاماملاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي خىزمەتكە كىردىم. ئوقۇشلارنىڭ ھەممىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يۇقىرى تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىن 3 شىركەتتە 7 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىت ئىشلەپ، ئاندىن مەن NASA غا 46 ياشقا كىرگەندە خىزمەتكە كىردىم. مەنمۇ بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشنى ناھايىتىمۇ خالايتتىم. لېكىن، جۇڭگودا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى باشتىن كەچۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ئىككى يىل يېزىغا «قايتا تەربىيە» گە چۈشۈپ، ئاندىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەن، ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە نۇرغۇن ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئاندىن NASA غا كىرگەن مەن ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇش نېسىپ بولمىدى. بۇ ئىش ئۈچۈن مەن سەل كېچىكىپ قالدىم. لېكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئۈچۈن بۇ ئىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. مەن ئۆزى ياكى بالىسىنىڭ بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشىنى ئىستەيدىغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشىنى، ئۆز كاللىسىدا «ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ» دەيدىغان ئىدىيىنى تۇرغۇزۇۋېلىشىنى، ئاندىن ئاشۇنداق بىر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
        ئامېرىكا يەسلىدىن باشلاپلا بالىلارنىڭ كاللىسىغا «ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ» (Anything is possible) دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈۋېتىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم مەلۇم بىر ئىشقا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن، ھەمدە ئۆز ئۆمرىنى ئاشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكۈزۈشنى ئىستەيدىكەن، مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە خىزمەت ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئادەمنى قوللاپ، ئۇ كىشىنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋېلىشىغا ئىمكانقەدەر شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال NASA دا تېخىمۇ شۇنداق. NASA ھەممە ئادەمنى ئىمكانقەدەر ئۆزى ئارزۇ قىلىدىغان ساھەدە ئىشلەشكە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. مەن تۆۋەندە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغان كىشى شۇنىڭ بىر مىسالى.

      1. بىزنىڭ گۇرۇپپىدىن ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغان ستانلېي لاۋ (Stanley G. Love)
       مېنى NASA غا خىزمەتكە ئېلىشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان كىشى مېنىڭ بۇرۇنقى باشلىقىم داۋىد رەددىڭ (David Redding) دېگەن كىشى بولىدۇ. بۇ كىشى 1990-يىلى «خابۇل ئالەم تېلېسكوپى» (Hubble Space Telescope) نى يەر شارى ئوربىتىسىغا چىقىرىپ، ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشلىرىدا خېلى چوڭ رول ئوينىغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولىدۇ. بۇ كىشىنىڭ گۇرۇپپىسىغا 1997-يىلى 32 ياشلىق بىر يېڭى خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ خىزمەتچىنىڭ ئىسمى ستانلېي لاۋ (Stanley G. Love) [1] بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ئىدارىگە كىرىپلا ئۆزىنىڭ بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغۇسى بارلىقىنى باشلىقلارغا ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئىدارىدىكىلەر ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئىدارىدىكى نورمال خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن 1998-يىلىنىڭ ئاخىردىن باشلاپ مەخسۇس تەربىيىلىنىشنى باشلايدۇ. ئارىلىقتا 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 2008-يىلى 122-قېتىملىق خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قىلىنغان سەپەرگە قاتنىشىپ، ئۇ يەردە 12 كۈن ئىشلەيدۇ. بۇ جەرياندا ئىككى قېتىم خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ سىرتىدا ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىپ (spacewalk) مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ. بۇ سەپەر 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى باشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: بىزنىڭ گۇرۇپپىدىن ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغان ستانلېي لاۋ (Stanley G. Love)

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: ستانلېي لاۋ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا ئىشلەۋاتقان بىر كۆرۈنۈش

3-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم: مەن ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى باشلىقى داۋىد رەددىڭ (David Redding) بىلەن بىللە. بۇ كىشى ھازىر JPL نىڭ «تەتقىقات تۈرلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى» غا باشلىق بولۇپ ئۆسۈپ كەتتى.

        ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ستانلېي لاۋ بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىپ، ئۆزى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا ئىشلىگەن ۋاقىتتا تارتىۋالغان بىر قىسىم ۋىدىئو فىلىملىرىنى قويۇپ بەردى، ھەمدە شۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ناھايىتى قىزىقارلىق دوكلاتتىن بىرنى بەردى.
        يەر يۈزىدە ياشاپ ئادەتلىنىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئانچە ئاسان ئەمەس. بىز يەر يۈزىدە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن چوقۇم بىرەر نەرسىگە دەسسەپ ماڭىمىز. بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە بىر تەخسە لەغمەن بىلەن بىر پىيالە چاينى قويۇپ، بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لەغمەن بىلەن چاينىڭ قايسى تەرەپكە مېڭىشىنى ئۆزىمىز كونترول قىلىپ، تاماقتىن بەخىرامان ھۇزۇرلىنىمىز. مۇنچىدا يۇيۇنساق، سۇ يۇقىرىدىن پەسكە ئاقىدۇ. ھاجەتخانىغا كىرىپ تەرەت قىلساقمۇ، تەرىتىمىز بىز بىلىدىغان ۋە ئارزۇ قىلىدىغان تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ.
        ئەمما، خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا تارتىش كۈچى يوق. شۇڭا سىز بىر نەرسىگە دەسسەپ ماڭمايسىز، بەلكى بۇ خەلقئارا ئالەم پونكىتىنى تەشكىل قىلغۇچى يوغان تۇرۇبىنىڭ ئىچىدە بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە ئۇچىسىز. ئۇنىڭ ئىچىدە سىز بىر قولىڭىزدا بىر ماشىنىنى كۆتۈرۈپ، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە ئاپىرالايسىز. تەخسىدىكى لەغمەن تەخسىنىڭ ئىچىدە تۇرماي، ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ. پىيالىدىكى چاي پىيالىنىڭ ئىچىدە تۇرماي ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ. سىز ئۇچۇپ يۈرگەن لەغمەن چۆپلىرىنى قوغلاپ يۈرۈپ شۈمۈرۈپ يەيسىز. ئۇچۇپ يۈرگەن چاينى قوغلاپ يۈرۈپ شۈمۈرۈپ ئىچىسىز. بۇلار تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تەس قىسمى ئەمەس. تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تەس قىسمى، سىز يۇيۇنغاندا سۇنى بىر چوڭ خالتىنىڭ ئىچىگە سۇلاپ، ئۆزىڭىز ئاشۇ خالتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ يۇيۇنىسىز. تەرەت قىلىدىغاندىمۇ ھېلىقى يەرگە بىر تال خالتىنى مەھكەم باغلاپ قويىسىز. ئۇنداق قىلمىسىڭىز نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى مېنىڭچە سىز ھازىر پەرەز قىلىپ بولدىڭىز. ئۇخلىغاندا سىز ئۆزىڭىزنى كارىۋاتقا مەھكەم باغلاپ قويىسىز. ئۇنداق قىلمىسىڭىز سىز ئەتىسى ئەتىگەندە «ئۆزىڭىزنى تاپالمايسىز». ستانلېي لاۋ دوكلاتىدا بىزگە ئەنە شۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى قويۇپ بەردى. ئەلۋەتتە، ستانلېي لاۋ ئۇ يەردە لەغمەن يېمەي، ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان تاماقلارنى يېگەن. ھەمدە پىيالىدە چاي ئىچمەي، بوتۇلكىلىق سۇ ئىچكەن. بىر يەردە ئېغزى ئېچىۋېتىلگەن بىر بوتۇلكا سۇنى لەيلىتىپ قويغانىدى، سۇ بوتۇلكىدىن چىقىپ ئۇچۇپ يۈردى. شۇ چاغدا ستانلېي لاۋ بىر پارچە سۇنى قوغلاپ يۈرۈپ يۇتۇۋالدى. مەن بۇ يەرلىرىنى ئازراق «ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم».

4-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم: خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئىچىدە تاماق يېيىش

5-رەسىم

5-رەسىم

5-رەسىم: خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئىچىدە ئۇخلاش

6-رەسىم

6-رەسىم

6-رەسىم: خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئىچىدە يول مېڭىش


       2. ستانلېي لاۋ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇش ئۈچۈن قانداق يوللارنى باسقان؟
        ستانلېي لاۋنىڭ باسقان يوللىرى ئاساسەن بىر نورمال يول بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا نۇرغۇن كىشىلەردىن ئانچە پەرقى يوق. ئۇ ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا 1965-يىلى تۇغۇلغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئامېرىكىدىكى ئادەتتىكى شتاتلارنىڭ بىرى بولغان ئورېگون (Oregon) شتاتىدا پۈتتۈرگەن. كالىفورنىيەدىكى بىر ئادەتتىكى مەكتەپ بولغان ھارۋېي ماد ئىنستىتۇتى (Harvey Mudd College) دا فىزىكا كەسپى بويىچە باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئالغان. ۋاشىنگتون شتاتىنىڭ سېئاتۇل (Seattle) شەھىرىگە جايلاشقان ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Washington, Seattle) دا ئاسترونومىيە كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئالغان. بۇ مەكتەپ تۆۋەندىكى 2-مەنبەدە بېرىلگەن دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان 50 ئالىي مەكتەپنىڭ ئىچىدە 25-ئورۇندا تۇرىدىكەن [2]. ستانلېي لاۋ 1993-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، بىر يىل دوكتور-ئاشتى بولۇپ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، 1994-يىلى بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology, Caltech) دىن بىر دوكتور-ئاشتى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئاندىن 1997-يىلى بىزنىڭ ئىدارىمىز JPL دىكى داۋىد رەددىڭ گۇرۇپپىسىغا بىر ئىنژېنېر بولۇپ خىزمەتكە كىرگەن.

7-رەسىم

7-رەسىم

7-رەسىم: دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى 25 ئالىي مەكتەپنىڭ تىزىملىكى

        دېمەك، ستانلېي لاۋ فىزىكىدا باكلاۋۇرلىق، ھەمدە ئاسترونومىيە كەسپىدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئالغان. كەلگۈسىدە ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشنى ئىستەيدىغان ئۇكىلار يۇقىرىقىدەك كەسىپلەرنى تاللاپ ئوقۇسا بولىدۇ. فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە كەسپىدە ئوقۇش بىردىن-بىر يول ئەمەس. ئەمما ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغان كىشىلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇشۇنداق كەسىپلەردە ئوقۇغان.
        كەلگۈسىدە NASA غا كىرىپ ئىشلەشنى نىشان قىلىپ تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئۇكىلار ھازىر خېلى كۆپ. NASA دا فىزىكا بىلەن ئاسترونومىيىدىن باشقا، يەنە خېلى كۆپ كەسىپلەرمۇ ئىشلەيدۇ. مەسىلەن، سىستېما ئىنژېنېرلىقى، ئېلېكتر ئىنژېنېرلىقى، مېخانىكا ئىنژېنېرلىقى، خىمىيە ئىنژېنېرلىقى قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە NASA نىڭ ئېھتىياجى ئەڭ كۈچلۈك بولغان كەسىپ سىستېما ئىنژېنېرلىقى بولۇپ، بۇ كەسىپ ئالىي مەكتەپلەردە يوق ئىكەن. شۇڭا ئۇنى چوقۇم خىزمەتكە چىقىپ بولغاندىن كېيىن خىزمەت ئورنىدا ئۆگىنىشكە توغرا كېلىدىكەن. شۇڭلاشقا مەن ئۇيغۇر ئۇكىلارنىڭ بۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەلگۈسىدە NASA غا كىرىشنى ئارزۇلايدىغان ئۇكىلار ئالىي مەكتەپ كەسپىنى تاللاش ۋاقتىدا مەن بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار، مەن قولۇمدىن كېلىشىچە مەسلىھەت بېرىمەن.
        قىرغىزىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغان، ئۆزبېك مىللىتىدىن بولغان سالىجان شارىپ (Salizhan Sharipov) 1987-يىلى سوۋېت ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، 1994-يىلى موسكۋا شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەرىتىشۇناسلىق كەسپى بويىچە باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ 1998-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا كۆپ قېتىم چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغان (spacewalk) ۋاقتى 10 سائەت 34 مىنۇت كېلىدىكەن [3].

8-رەسىم

8-رەسىم

8-رەسىم: ئالەم ئۇچقۇچىسى سالىجان شارىپ (مىللىتى ئۆزبېك، قىرغىزىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن)

9-رەسىم

9-رەسىم

9-رەسىم: ئالەم ئۇچقۇچىسى سالىجان شارىپ (مىللىتى ئۆزبېك، قىرغىزىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن)

       3. ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ
         مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، ئامېرىكا بالىلارنىڭ كاللىسىغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا «ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈۋېتىدۇ. ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئۆزى قىزىقىدىغان ياكى ئۆزى ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا ئادىللىق ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا يۈكسەك دەرىجىدە شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيادىكى تالانت ئىگىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئامېرىكىدا ئامېرىكىغا كەلگەن تالانت ئىگىلىرىنى تۇتۇپ قالىدىغان بىرەر قانۇن يوق. ئەمما، بۇ يەردە تۇرۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شۇنداق قىلىدۇ.
        «ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆز كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىمكانىيىتى دائىرىسى ئىچىدىكى ئىشلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى بولسا ئەلۋەتتە قىلغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، سىز ئىككى قولىڭىزنى ئېگىز-پەس ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قۇشلارغا ئوخشاش ئۇچالمايسىز. بىر ئاتنى بىر ئېشەككە ئۆزگەرتەلمەيسىز. دوستىڭىز بىلەن بەدەن ئالماشتۇرالمايسىز.
         ئەمما، بىز قىلالايدىغان نۇرغۇنلىغان قىيىن ئىشلار بار. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بىز بۇرۇن «مۇمكىن ئەمەس» دەپ ئويلىغان ئىشلار.
         مەسىلەن، بىر يېرىم كىلومېتىر ئارىلىقنى 4 مىنۇتتا يۈگۈرۈپ بولغىلى بولىدۇ. ئايروپىلاندىن ئېغىرراق نەرسىلەرنى ئاسماندا ئۇچۇرغىلى بولىدۇ. ئايغا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ماڭغىلى بولىدۇ. چىرايىڭىزنى پۈتۈنلەي باشقا بىر چىرايغا ئۆزگەرتىۋەتكىلى بولىدۇ. بىر ئادەم قارا تەنلىك بولۇپ تۇغۇلغان تۇرۇپمۇ ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولغىلى بولىدۇ.
         كىشىلەر ھەر كۈنى بەزىلەر «قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ ئويلايدىغان ئىشلارنى قىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىز ئۆزىمىزگە ئىشەنسەك، ھەمدە ئاقىلانىلىك ئاساسىدا تەۋەككۈلچىلىك قىلساق، باشقىلار قىلالىغان ئىشنى بىزمۇ قىلالايمىز. ئەگەر سىز ھازىرغىچە چەت ئەلگە چىقىپ، باكلاۋۇر، ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغۇچە ئوقۇپ باققان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇردىن سوراپ باقسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى سىزگە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، «ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزگە مىسال بولالايدىغان ئىشلاردىن بىر قانچىنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. ئەگەر سىز ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز ئالدىغا شىركەت قۇرۇپ ماڭدۇرۇۋاتقان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇردىن سوراپ باقسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىمۇ سىزگە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، «ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن سۆزگە مىسال بولالايدىغان ئىشلاردىن بىر قانچىنى سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. سىزنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن بىرەر نەرسىڭىز كەم بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز ئاشۇنداق بولۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۆزىڭىزگە بىر يېڭى يول ئاچالىشىڭىز مۇمكىن.
         ئەگەر سىز ھازىر «مەن قانداق ئىشلارنى قىلالايمەن» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىۋاتقان بولسىڭىز، مۇنداق بىر نەرسىنى ئەستە چىڭ تۇتۇڭ: ئەگەر سىز باھانە تېپىشنى توختىتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ چەكلىمىلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ بېقىشقا ئىنتىلسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ كۆپرەك ئىشلارنى قىلالايسىز.
         كىشىلەر ھەر خىل يارىتىلغان. بىر قىسىم كىشىلەر بايلىق ياكى مۇۋەپپەقىيەتتىن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلالمايدۇ، بەلكى ئۇلار پەقەت تاكى ئۆلگۈچە ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالىغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلىيالايدۇ.

       قوشۇمچە: بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى بىر ياش ئىنژېنېر ماشىنا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلاندى
        مەن بىلەن بىر گۇرۇپپىدا ئىشلەيدىغان، JPL غا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولۇپلا كىرگەن، ئىنگلىزچە ئىسمى «Siddarayappa Bikkannavar» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ياش بالا بار. بىز ئۇنى ئادەتتە قىسقارتىپ «Sidd» دەپلا چاقىرىمىز. ئۇنىڭ ئەسلى مەملىكىتى ھىندىستان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئوپتىكا ساھەسىدىكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىزىقىشى تېز سۈرئەتلىك مۇسابىقە ماشىنىسى ھەيدەش بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ياپونغا بېرىپ، ئاشۇنداق مۇسابىقىدىن بىرسىگە قاتناشتى. ھەمدە ئۇ مۇسابىقىدە يەنە بىر ياپونلۇق يىگىت بىلەن بىللە ئۈچىنچى بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشتى. تۆۋەندىكى 2 پارچە رەسىم ئاشۇ پائالىيەتنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

10-رەسىم

10-رەسىم

10-رەسىم: بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى «Sidd» ۋە ئۇ ھەيدەپ مۇسابىقىگە قاتناشقان، قۇياش نۇرى بىلەن ماڭىدىغان تېز سۈرئەتلىك ماشىنا. بۇ مۇسابىقە 2014-يىلى 8-ئايدا ياپوندا ئۆتكۈزۈلگەن.

11-رەسىم

11-رەسىم

11-رەسىم: Sidd بىلەن يەنە بىر ياپونلۇق يىگىت بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە 3-بولۇپ، مۇكاپاتلانغان.

        مەندىن بۇرۇن بىر قانچە ئۇكىلار نېمە ئۈچۈن قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ ماڭىدىغان ماشىنا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى. يۇقىرىدىكى رەسىمدىن كۆرگىنىمىزدەك، ھازىر قۇياش ئېنېرگىيىسى بىلەن ماڭىدىغان ماشىنا ياسىلىپتۇ. ئەمما، مېنىڭ پەرىزىمچە بۇنداق ماشىنىلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەسلىكىنىڭ كەم دېگەندە مۇنداق ئىككى سەۋەبى بار: (1) زۆرۈر بولغان قۇياش نۇرىدىن توك چىقىرىدىغان تاختاي بەك چوڭ بولۇپ، بۇنداق ماشىنىلار ئادەتتىكى يوللارغا لايىق كەلمەيدۇ. (2) بۇنداق ماشىنىلارنىڭ تەننەرخى ئادەتتىكى ماشىنىلاردىن ئۈستۈن بولۇپ، كىشىلەر بۇنداق ماشىنىلارنى ئالمايدۇ.
        مەن يېقىندا بىر ئۇيغۇرچە توردا بىر ئۇيغۇر دېھقان ياسىغان، قۇياش نۇرى بىلەن ماڭىدىغان بىر ماشىنىنى كۆرگەن ئىدىم. بۈگۈن توردىن ئۇ تېمىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم. مەن ئۇ دېھقان قېرىندىشىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن ئاپىرىن ئوقۇدۇم.
        بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Tiny Wisdom: You Can Do More Than You Think
<http://tinybuddha.com/quotes/tin ... than-you-think/>
[2] Times Higher Education World University Rankings
http://en.wikipedia.org/wiki/Tim ... University_Rankings
[3] Salizhan Sharipov
<http://en.wikipedia.org/wiki/Salizhan_Sharipov>

نىشان ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە مەن بۇرۇن تەييارلىغان تېمىلار:
(بۇ ماقالىلار باغداش، ئىزدىنىش ۋە مىسرانىم تورلىرىدا بار)
1. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى
2. نىشان تىكلەشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
3. غايە تىكلەشنىڭ 10 ئۆلچىمى
4. غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى  
5. ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ

0

تېما

0

دوست

1108

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   10.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 14:09:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەركىن ئاكا . گەپلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق . بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە مۇشۇ خىل رىغبەتلەندۇرۇش تەربىيىسى بەك ئاجىز . بۇنى مەلۇم بىراۋغا ئارتىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلغىنى بولمايدۇ ئەلۋەتتە . ئائىلە ، مەكتەپ ھەم جەمئىيەتنىڭ بىر ئۈلۈشتىن پېيى بار بۇ مەسىلىدە . بىراق بىز نىمە ئۈچۈن مۇشۇ خىل تەربىيە بىزدە كەمچىل دىگەننى ئىزدىنىپ كۆرۈپ مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى بىلىۋىلىپ ئاندىن تەدبىر قوللانساق ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيمىز دەپ قارايمەن . ئاددىي كاللامدا شۇنداق تەپەككۇر قىلىپ باقتىم : مەنچە شەخىس ياكى توپلۇمنىڭ ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈش ، چۇغراپىيىلىك ئورۇن پۇرسىتى ، رىقابەت يۆنىلىشى ، مەنپەئەت ئوبىيكتى ، بازاردىكى بىلىم باھاسى ۋە باشقا نۇرغۇن ئوبىيكىپ ۋە سوبىيكتىپ مەنفى سۈپەت ئامىللىرى  « ھەممىنى قىلالايسەن » دىگەن سۆزنى دىيىشتىن ياكى دىگۈزۈشتىن بىزلەرنى توساپ قويىۋاتقان ئامىللار بولۇشى مۇمكىن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

11

تېما

0

دوست

7730

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1896
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1775
تۆھپە : 1157
توردىكى ۋاقتى: 291
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 18:04:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ موشۇنداق بىزگە نادىر تېمىلارنى توختىماي يوللاپ، نەزەر دائىرىمىزنى كىڭەيتىپ، نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئىلھام ئاتا قىلغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.
ئىلىمنىڭمۇ زاكاتىنى بىرىش كىرەك دىگەن بىر جۈملە سۆز يادىمغا كىلىپ قالدى. سىز بۇنى قىلالىدىڭىز ھەم قىلىۋاتىسىز. ھەممە ئادەم ئالىملاردىن پەخىرلىنىدۇ، بىز سىزنىڭ ئۇيغۇر بولغىنىڭىزدىن ھەم ئۇيغۇرنى كىچە-كۈندۈز ئويلىغانلىقىڭىزدىن تېخىمۇ پەخىرلىنىمىز.
تىنىڭىزنىڭ سالامەت، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6486
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 18:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى گەپ بوپتۇ ! قىلالمايدىغان ئىش يوق ... نۇرغۇن يىل سەرگەردانلىقتا يۈرۈپ مەنمۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق دىگەن ئاڭنى سىڭدۈرىۋالدىم . بەزىدە ھەتتا ئۈمۈدسىزلىك دەيدىغان ئاڭنى كاللامدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتسىكەن دەپ ئويلاپ كىتىمەن !     دەرۋەقە ئامال قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ، بەزىدە مەغلۇب بولىشىمىز مۇمكىن ، ئەمما ئەڭ مۇھىمى بىز تىرىشتۇق ، مۇشۇنىڭ ئۆزى مۇۋەپپىقىيەت !
ئالەم پونكىتىدىكى ئىشلار ھەقىقەتەن قىزىقارلىقكەن ، بىزدىنمۇ مۇشۇنداق ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 18:57:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتىمۇ ياخشى ئىشتىن شۇنداقلا ياخشى كىشلىرىمىزدىن بىرنى تۇنۇۋىلىشىمىزغا ياردەم قىلغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم،
ناھايىتى توغرا گەپلەر بۇ ، ھەرقانداق ئىشنى قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق،توغرا نىشان، بېغىشلاش،ئىشەنچ قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ تىنىمىسىز ئالغا ئىلگىرلىيەلىسەكلا چۇقۇم ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ يەتمەكچى بولغان نىشانىمىزغا يىتەلىشىمىزدە گەپ يوق .

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-22 21:47:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن دۇنيادا تىرىشسا ئىرادە باغلاپ ئۆز نىشانى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشسا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.كشىگە ھەقىقەتەن زور ئىلھام بېغىشلايدىغان تېما ئىكەن

0

تېما

0

دوست

1447

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24888
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-23 01:46:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز ئەركىن سىدىق ئاكا  .يازمىلىرىڭىزدىن ئالەمچە سۇيۇندۇق  تېنىڭىزگە سالامەتلىك يار بولغاي .

1

تېما

0

دوست

6354

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 2050
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-23 07:57:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەلگە نەپ بىرىدىغان تېمىلارھەققىدە ئىزدەنگىنىڭىز مىنى سۈيۈندۈردى. بولسا بۇندىن كىيىن مەخسۇس مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللاشقا تىرىشىڭ، بەزى تېمىلار جىدەل ماجرا تېمىسى بولۇپ قالدى ھازىر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )