يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن قىز ئىستودىنتلارنىڭ قارا ماشىنىغا ئولتۇرىشىدىن كېلىپ چىققان جەمىئيەتنى ۋەھىمىگەسالغان ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەر يۈز بەرمەكتە. 9-ئاۋغۇسىت چۇڭچىڭلىق بىر قىز ئىستۇدىنت ماشىنىغاخاتا چىقىپ قېلىپ شوپۇر بىلەن تالاش-تارتىش جەريانىدا شوپۇر تەرپىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن.12-ئاۋغۇسىت، نەنجىڭلىق قىز ئىستودىنت ئۆيىدىن مەكتەپكە قايتىش سەپىرىدەئۈن-تۈنسىز 15كۈن يوقاپ كەتكەن. 21-ئاۋغۇسىت قىز ئىستۇدىنت جىنxx قارا ماشىنىغائولتۇرغاندا جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغان ۋەھاكازىلار... ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەنبۇ ئىشلار كىشىنى ساراسىمىگە ۋە ۋەھىمىگە سالىدۇ. ھالبۇكى ئوخشاش ۋەقەنىڭ تەكراريۈزبېرىشى كىشىلەرنى چوقۇم ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. بىرىنجىدىن، قىزئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە مۇداپىيە كۆرۈش ئېڭى بىرقەدەر تۆۋەن. 《چىقساڭ ئەگەر ئېنىڭغا، ئاقچا سالغىن يېنىڭغا》دىگەن تەمسىل مەنتىقىسىز ئەمەس. ئىككىنجىدىن، شەھەرلەردىكى خەتەرلىك 《 قارا ماشىنا تىراگىدىيەلىرى》 مەسىلەن: مەجبۇرى يولۇچى تارتىش، ئالداش ۋە تەھدىت سېلىش، بايلىق ئۈچۈن قەستقىلىش دېگەندەك ئىشلار ئاز ئەمەس. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن قانۇن ئىجرا قىلغۇچىئورۇنلار مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلمايدۇ؟ بەزى مەسىلىلەر پەقەت شەكىلۋازلىق تۈسىنىئالغان بولۇپ ياكى مۇسادىر قىلىدۇ ۋە ياكى جەرىمانە تۆلەپ بولغاندىن كېيىنلا ئادەمۋە ماشىنىنى قويۇپ بېرىدۇ، شۇ ۋەجىدىن قاراماشىنىلارنىڭ ئەۋىج ئېلىشى داۋاملىق كۆپەيمەكتە. ئۈچىنجىدىن، قارا ماشىنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدا تەبىئىي قانۇنىيەت بار ئەلۋەتتە. بىز نېمە ئۈچۈن قارا ماشىنىغا ئولتۇرىمىز؟ بۇ سوئال شەھەرئاممىۋىي قاتنىشىنىڭ بىر قاتار يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ.بەزى شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى قاتنىشى پويىز ئىستانسى، ماشىنا بېكەتلىرىدىن يىراق.ئاممىۋى قاتناش لىنىيە كۆرسەتكۈچى ئاسان كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان.شۇ سەۋەبلىك شەھەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەن كىشىلەر ئاسانلا ئادىشىپ قالىدۇ. يەنەبەزى جايلاردا، كەچ سائەت توققۇزدىلا مېتىرو، ئاپتۇبۇس قاتارلىق ئاممىۋى قاتناشۋاستىلىرى تىجارەتتىن توختايدۇ.كېچىسى كىراماشىنىسى ئاز بولغانلىقدىن، قارا ماشىنا كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق قاتناش ۋاستىسىغا ئايلىنىدۇ. تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە ھەر كۈنلۈك ۋاقىتنى ئەركىن كونتىرول قىلالىغانلىقتىن، باشقۇرۇش پۇلى، ئەزالىق پۇلىھەمدە ھەر خىل باج ھەقلىرىنى تاپشۇرۇش كېرەك بولمىغاچقا، قارا ماشىنا ھەيدەش نۇرغۇن ماشىنا كىراقىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالدى. بىر قىسىم كىشىلەر ۋاقىت ۋە ئىقتىساتدىن ئۇتۇش ئۈچۈن، ئاقىۋىتىنى ئويلاشمايلا قارا ماشىنىغا چىقىشنى تاللايدۇ. بىر ئىككى قېتىم ھېچ ئىش بولمىغانلىقتىن،ئۇلارنىڭ قارا ماشىنىغا قارىتا قوغدىنىش ئېڭى ئاجىزلاپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. شۈبىھسىزكى، مەنپەئەت ئېھتىياجى بولسا قارا ماشىنىنىڭ مەۋجۇت بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. شەھەر ئاممىۋىي قاتنىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى كىشىلەرنىڭ قاتنىشىغا قۇلايلىق يارىتىش ، پويىز ئىستانسىسى، ماشىنا بېكىتى شۇنداقلا مۇھىم بولغان رايۇنلار ئارىسىدا كەچلىك ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنى يولغا قۇيۇش زۆرۈر. ئۇنداق بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇ تەرەپتىكى مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئاشۇرمايدۇ؟ پەقەت مۇشۇنداق تەدبىر ئاساسىدا قارا ماشىنا سودىسى كاساتلىشىپ ئاخىردا بارا-بارا ئىستىمال ساھەسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ.
|