قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2257|ئىنكاس: 19

NASA:يۇپىتېر ھەمراھى «ياۋروپا» دا ھاياتلىق بار بولۇشى مۇمكىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4165
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 12:12:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى

       ئىلىم-پەن ئىنقىلابىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان ئىتالىيىلىك ئالىم گالىلىي 1610-يىلى ئۆزىنىڭ تېلېسكوپى بىلەن قۇياش سىستېمىسىدىكى 5-پلانېتا يۇپىتېرغا قارىغاندا، يۇپىتېرنىڭ ئەتراپىدا 4 تال چېكىتنى بايقايدۇ. بۇ 4 تال چېكىت ئەسلىدە يۇپىتېرنىڭ 67 دانە ھەمراھى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ 4 ھەمراھى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى «ياۋروپا» (Europa) دەپ ئاتىلىدۇ.
      بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 150 مىليون كىلومېتىرغا يېقىن كېلىدۇ. يۇپىتېرنىڭ «ياۋروپا» دېگەن ھەمراھىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى بولسا 800 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ. «ياۋروپا» نىڭ بىر قانچە كىلومېتىر كېلىدىغان، پۈتۈنلەي مۇزدىن تۈزۈلگەن پوستى بار بولۇپ، ئاشۇ پوستىنىڭ ئىچىگە سۇ دېڭىزى جايلاشقان. «ياۋروپا» نىڭ سۈيىنىڭ مىقدارى يەر شارىدىكى سۇ مىقدارىدىنمۇ كۆپرەك بولۇپ، «ياۋروپا» دىكى سۇ دېڭىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى يەر شارىدىكى دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن 10 ھەسسە چوڭ ئىكەن.

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلانېتا.

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: يۇپىتېرنىڭ ھەمراھى «ياۋروپا».

3-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم: «ياۋروپا» دىكى سۇ مىقدارى بىلەن يەر شارىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ سېلىشتۇرمىسى. «ياۋروپا» دىكى سۇنىڭ مىقدارى دىئامېتىرى 1754 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر شار (يۇقىرىدىكى رەسىمدىكى چوڭ كۆك-شار) غا، يەر شارىدىكى سۇنىڭ مىقدارى بولسا دىئامېتىرى 1384 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر شار (يۇقىرىدىكى رەسىمدىكى كىچىك كۆك شار) غا توغرا كېلىدۇ.

4-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم: «ياۋروپا» ئاي شارىدىن سەل كىچىكرەك.


      «ياۋروپا» نىڭ دىئامېتىرى 3122 كىلومېتىر، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 160 سېلتسىيە گىرادۇس بولۇپ، ئۇنىڭ تارتىش كۈچى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ 13.4 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ناھايىتى نېپىز ئوكسىگېن ئاتموسفېراسى بار.
      گەرچە «ياۋروپا» نىڭ يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئۇ يۇپىتېرنى ئوربىتلاش جەريانىدا، يۇپىتېرنىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچى بىلەن ئۇنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدە بىر خىل ئىسسىقلىق پەيدا بولۇپ، ئاشۇ ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچى توڭلاپ قالمايدۇ. «ياۋروپا» نىڭ پوستىنىڭ ئىچىدە ئاكتىپ ۋولقانلارمۇ بار بولۇشى، ھەمدە ئاشۇ ۋولقانلارنىڭ ئېغىزىدا يەر يۈزىدىكىدەك باكتېرىيىلەر بار بولۇشىمۇ مۇمكىن.
      «ياۋروپا» دا ھازىرغىچە بىرەر ھاياتلىق بايقالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەك بولغان مۇھىم نەرسىلەردىن سۇ، ئېنېرگىيە ۋە ئورگانىك خىمىيىلىك ماددا قاتارلىقلار بار. بەزى ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، «ياۋروپا» دىكى سۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىگېن 3 مىليون توننا ئېغىرلىقتىكى بېلىققا ئوخشاش جانىۋارلارنى بېقىشقا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. باشقا ئالىملار «ياۋروپا» دا مىكروبتىن باشقا جانلىقلار يوق بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
       NASA ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلغان 2015-يىللىق خامچوتنىڭ ئىچىدە «ياۋروپا» نى تەكشۈرۈش پىلانىمۇ بار. ھازىرغىچە ئويلاشقان تۈرلەردىن مۇنداقلىرى بار: (1) بىر ئالەم ئۇچقۇرى «ياۋروپا» نىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش. (2) «ياۋروپا» غا بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى ماڭدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق «ياۋروپا» نىڭ ئوربىتىسىغا بىر قانچە كىچىك سۈنئىي ھەمراھلارنى قويۇپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق «ياۋروپا» نىڭ يۈزى ھەققىدە بىر قىسىم تەجرىبىلەر ۋە تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش. ھازىرقى مۆلچەرچە ئاشۇنداق تەتقىقات تۈرىگە كېتىدىغان پۇل 2 مىليارد دوللاردىن ئازراق بولۇپ، بۇ پۇل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا تەتقىقاتلارغا خەجلەيدىغان پۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاز پۇل ھېسابلىنىدۇ.
       بىر ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ «ياۋروپا» نىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئۈستىدە جانلىق بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولمىسىمۇ، ئالىملار بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئىشنى چوقۇم ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ، دەپ قارىماقتا.

      قوشۇمچە: ھەرگىز كىيىمىگە قاراپ بىر ئادەمگە باھا بەرمەڭ

       ئامېرىكىدا ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ كىيىمىگە قاراپ، ئۇ ئادەمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە باھا بەرگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ بىزنىڭ ئىدارىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھەر كۈنى ئىشقا كۆك رەڭلىك پادىچىلار ئىشتىنى (jean) كىيىپ كېلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ئەرلەر ساقال قويۇۋالىدۇ. ئاق تەنلىك ئەرلەر ئىچىدە چېچى رەتلىك تارالغان كىشىلەرمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس. مەن بۇرۇتىنىڭ يېرىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر غېرىچ كېلىدىغان بىر خادىمنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمەن.
       يېقىندا مەن تەۋە بولغان باشقارمىغا يېڭىدىن بىر مۇئاۋىن باشلىق كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى جېيمز (James) بولۇپ، بىزنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىمىزنىڭ دېيىشىچە ئۇ كىشى «يۇلتۇزلار ئۇرۇشى» (Star War) دېگەن كىنونى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا جېيمز بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشماقچى بولۇپتىكەن، باشلىقىمىز قىزىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن، بىزنىڭ گۇرۇپپىدىكى ھەر بىر ئادەمگە «يۇلتۇزلار ئۇرۇشى» دېگەن كىنودىكى كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرىنى قويۇپ قويدى. ھەمدە بىزدىن جېيمزگە ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرغاندا ئاشۇ يېڭى ئىسمىمىز بويىچە تونۇشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گۇرۇپپا يىغىنىنىڭ باشلىنىش قىسمىدا ھەقىقەتەنمۇ بىر قېتىم قىزىقچىلىق بولدى.
       بىزنىڭ ئىدارىدە ھەممە ئادەملەرنىڭ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان گۇرۇپپا يىغىنى، باشقارما يىغىنى، ياكى پۈتۈن ئىدارىنىڭ يىغىنى يوق. يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئىختىيارىي قىلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ مەجبۇرلانمايدۇ. كىچىك بۇش ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چەنىي بىزنىڭ ئىدارىگە كەلگەن ئىدى، 5000 خادىمى بار بىزنىڭ ئىدارىدىن ئۇنى كۆرگىلى چىققانلارنىڭ سانى مېنىڭ مۆلچىرىمچە 300 كىشىگىمۇ بارمىدى.
       مۇشۇنداق بولغاچقا، بىر باشقارمىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەرمۇ ئۇزۇن مۇددەت بىر-بىرىمىزنى كۆرمەي ئۆتىمىز. مەن ئۆزۈمنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىنى ئەڭ كۆپ بولسا بىر ئايدا بىرەر قېتىم كۆرىمەن. قالغان ۋاقىتتا ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئېلخەت ئارقىلىق سۆزلىشىمەن. بىر چوڭ تەتقىقات تۈرىنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن «تەتقىقات ئېلېمېنتى» (project elements) بار بولۇپ، بۇنداق تەتقىقات ئېلېمېنتلىرىنىڭ يىغىنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنداق يىغىنلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاتنىشىشقا تىرىشىمىز. 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بىزنىڭ باشقارما ھەممە ئادەملەرنى بىر-بىرى بىلەن بىر قېتىم كۆرۈشتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئىش ۋاقتىدا ھەممەيلەننى بىر چوڭ زالغا يىغىپ، بىكارغا تاتلىق سوغۇق يېمەكلىكلەر تارقاتتى. شۇ چاغدا باشقارمىنىڭ ھېلىقى مۇئاۋىن باشلىقى جېيمز ئۆزگىچە كىيىنىۋاپتۇ. يەنى ئۇ ياۋروپالىقلارنىڭ بۇرۇنقى زامانلاردىكى كىيىملىرىدىن بىر قۇر كىيىۋاپتۇ. ماڭا بۇ ئىش قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر پارچە رەسىمگە چۈشىۋالدىم (5-رەسىم). جېيمز خىزمەتكە داۋاملىق ئاشۇنداق رەڭگارەڭ، ئۆزگىچە كىيىنىپ كېلىدىكەن. ئەگەر سىز ئۇنى كوچىدا كۆرسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئۇنى NASA نىڭ بىر چوڭ مەركىزىگە تەۋە بولغان بىر باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دەپ ئويلىمايسىز.

5-رەسىم

5-رەسىم

5-بىزنىڭ باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېيمز بىلەن 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشكەن رەسىم.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
Jupiter’s Icy Moon Europa: Best Bet for Alien Life?
http://www.space.com/26905-jupiter-moon-europa-alien-life.html  

6-رەسىم

6-رەسىم


0

تېما

2

دوست

2313

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 14:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت . كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم. تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرشىڭىزىگە تېلەكداشمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

479

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   89.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30540
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 16:00:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ   ئەلەيكۇم  ئەركىنكا

1

تېما

0

دوست

577

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   15.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5879
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 67
تۆھپە : 137
توردىكى ۋاقتى: 673
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 17:14:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  ،مەن بىر سۇئال سورىماقچىتىم، ھازىرقى پەن تېخنىكا كۈچى بىلەن سامان يولى سىستىمىسى ئىچىدىكى پىلانىتلار تەتقىق  قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ھازىرقى پەن تېخنىكىنىڭ سامان يولى  سىستىمىسىنىڭ سىرتىدىكى پىلانىتلارنىمۇ تەتقىق قىلىشقا كۈچى يىتەمدۇ…ئالەمدە سامان يولى سىستىمىسىدەك  سىستىمىدىن بىر مىليارد تىن ئارتۇق بار ئىكەن…باشقا سىستىمىلاردىكى پىلانىتلاردىمۇ يەرشارىرىدىكىگە ئوخشاش ھاياتلىق بولۇشى مۇمكىن…مېنىڭچە ھازىرقى تېخنىكا بىلەن ئۇلارنى  بايقاپ بولغىلى  بولمايدۇ……

7

تېما

4

دوست

5533

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1567
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 19:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،ئەمسە  پىلان بويىچە تەخمىنەن قانچلىك ۋاقتىلاردىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتسىلەر؟
جيمىز ئەپەندىگە: ئۆزىنى ھوقۇق ۋە خىزمەت سالاپىتى بىلەن چۇشۇپ قويمايدىغان ئادەملەر ئەڭ ئەركىن ،خوشال ياشايدىغان ئادەملەردۇر،ياخشى دوست بولۇپ قېلىڭلار

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1657
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4869
توردىكى ۋاقتى: 1412
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 19:46:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر  ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەسەر ئىكەن. بۇ يازمىنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىزدە بۇلۇپمۇ دىيارىمىزدا  ئالى ئوقۇللاردا ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان  قېرىنىداشلارنىڭ مۇشۇنداق ئىلمىي يازمىلاردىن بىزگە سۇنالىغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى.

7

تېما

4

دوست

5533

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1567
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 19:50:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-29 19:54  

يەنە بىر سوئالىم:سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىزىدىكى ئا.مۇھەممەتئىمىن ئالىمىمىز سىز بىلەن ياپونىيەدە ئۇچراشقان،ئۇنىڭ كىتابلىرنى سۆيۇپ ئوقۇيمەن ،بۇ داڭقى بار ئالىمىمىزنىڭ مەن ۋە مېنڭ خەلقىم ناملىق كىتابنى ئوقۇۋاتىمەن.سىزنىڭ نەزرىڭىزدىكى ئا.مۇھەممەتئىمىن (تۇنجى ئۇچراشقاندىكى ئادەتتىكى تەسىرات دېمەكچى) ھەققىدە پۇرسەت چىقىپ قالسا ئازتولا تەسراتىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز،(ئىنكاس شەكلىدە بولسىمۇ ماقالە شەكىلدە بولسمۇ  بولىدۇ.ناۋادا ئىلگىرى بۇ ھەقتە يېزلغان تېما بار بولۇپ مەن كۆرمەي قالغان بولسام ئۇلنىش ئادىرسنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز)دېگەن ئۈمۈتتىمەن.
كۆپ رەھمەت!

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-29 20:15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تەشەككۈر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )