- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1.بەلكىم تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى ئوقۇپلا تۇركىيە ۋە بەدئۇززاماننىڭ رىسالەئى نۇر ۋە نۇرچىلار جامائەتى ئىسىڭلارغا كەپ كەتتىىمىكىن ، ئەمىليەتتە مەن بۇ يەردە تەكىتلەۋاتقىنىم قومۇلدىكى باشقىلارغا دەخلى قىلىدىغان قىزىقشقا ئىگە نۇرچىلار ، يەنى بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوينايدىغان نۇردىن نەچچە ھەسسە چوڭ نۇرئويناتقۇچىلار ، ياش قېرى ئەر ئايال بىر توپ تەلۋە قومۇل دەۋىر مەيدانىنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەر ئەڭ كۆپ پائاليەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇننى ئوڭچە ئىگەللىۋالغان بولۇپ قامچىلىرى بەك ھەيۋەت بولۇپ يېققىنلىىشىش مۇمكىن ئەمەسكەن .
2. تۆنۇگۇن قېيىن سىڭلىم تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى ئايدىن ئاشقان بۇۋىقىنى ئۆيىنىڭ يېنىدىكى قومۇل دەۋىر مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ كەلمەكچى بولۇپ مېڭىشىغا قومۇل دەۋىر مەيدانىنى ئىگەللىۋالغان بىزەڭ نۇرچىلارنىڭ ئۇزۇن قامچىلىرىىدىن شۇنداقلا قامچىدىن چىققىۋاتقان قاتتىق شاۋقۇن ئاۋازىدىن چۆچۆپ كەتكەن . بالىمۇ تولىمۇ يېقىمسىز ھىس قىلىپ يىغلاپ كەتكەن .
3. بۇنىڭدىن يېرىم يىل ئىلگىرى ئامرىكىنىڭ نىيويورىك شەھرىدىكى بىر باغچىدا ھەر كۇنى ئەتتىگەندە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ھەر كۇنى سەھەر تۇرۋېلىپ جاڭ جاڭ چىشچاڭ چىش قىلىپ ياڭگىر ئويناپ جۇڭگولۇقلارنىڭ سەھەر تۇرۇپ چېنقىش مەدىنيىتىنى تارقاتماقچى بولغان ،ئەمما ئەتراپتىكى ئامرىكا پۇقرالىرى ئەتتىگەن ئۇيقۇسىدىن مەجبورى ئۇيغۇتۇلۇپ ساراڭ بولايلا دىگەن ھەمدە دەرھال ساقچى چاقىرغان .ساقچى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ كەتكەن ..........
4. قومۇل شەھرى مەدىنىيلىشىمەن دەيدىكەن ئىشنى مانا موشۇنداق ئاددى ئەمما كەڭ خەلىقنىڭ بىۋاستە مەنپەئەتىگە ، نورمال پائاليەت دائىرسىگە تەسىر يىتىدىغان ئىشلاردىن باشلىغىنى تۇزۇك .سەن ئۇ نۇرنى ئويناپ مەيداننى بىر ئالساڭ ، بىر ئوينىساڭ بىر سائەت ئىككى سائەت مەيداننى ئىگەللىسەڭ ، ھەمدە ئەتىراپتىكى كىچىك بوۋاقلارنى قورقۇتقىدەك ئاۋاز چىقىرىپ ئۇيۇنىڭنىڭ پەيزىىنى سۇرسەڭ بولىۋىرىدىغان ئىش يوق.
5.ئاخىرىدا قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ بۇ ئىشقا تۇزۇم بىكىتىپ دەۋىر مەيدانىدىن ئىبارەت ئامىۋى پائاليەت ئورنىدىن ھەر مىللەت ئاممسىنىڭ ئادىل باراۋەر ئاساستا ھېچقانداق ۋەھىمە ۋە بىئاراملىق ھىس قىلماي ئەكىسىچە كەڭ كۇشادە خاتىرجەملىك ھىس قىلىدىغان مەيدان شارائىتى ھازىرلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇت قىلىمەن .
6. بۇ يەردە شۇنى قوشۇمچە قىلاي دەۋر مەيدانىنىڭ ئىچىدىكى چوڭ ئىكراندا بۇگۇنگە قەدەر ئۇيغۇر چە خەت ياكى ئۇيغۇرچە فىلىم قويۇلۇپ باقمىدى ،ئۇمۇدۇم ھەم تەلىۋىم دەۋىر مەيدانىدىكى ئەڭ چوڭ ئىكراندا ئۇيغۇرچە فىلىم ئۇيغۇرچە خەۋەرلەرنىمۇ قويۇلسا ، قومۇلدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بىر خىل ئورتاق باراۋەرلىك تۇيغۇسى بەخىش ئېتىپ قومۇل شەھەرلىك ھۆكۆمەتنىڭ ئادىللىقىنى ھەممگە ئوخشاش تەڭ نەزەردە قارايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىغىلى بولاتتى .رەھبەرلەرنىڭ ئويلۇشۇپ كۆرۇشىنى سورايمەن .
|
-
-
|