- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4010
- نادىر
- 3
- يازما
- 203
ئۆسۈش
67%
|
سودىگەر: بولغاچقا مەن ئىللىق چىراي، ئاچقىنىم دۇكان – ساراي، تىلىم تاتلىق ناۋاتتەك، دىلىم يۇمشاق قايماقتەك، دۇكاندا لىق مېلىم بار، پورتمالدا لىق پۇلۇم بار، ئۆيۈممۇ بار، ئاپتوموبىلىممۇ كەم ئەمەس، بۇنداق ياخشى پۇرسەت تەستە كېلەر، ئاسانلا ئەمەس، شۇڭا پۇشايمان قىلماي دېسىڭىز تەكلىپىمگە قوشۇلغايسىز.
شائىر: شېئىرسىراپ كەتمىسۇن دۇنيا، شېئىرسىراپ كەتمىسۇن ھايات، شېئىرسىراپ ئۆتمىسۇن ئادەم، شېئىرسىراش مەنىۋى مامات، شۇڭا قىزچاق شائىرنى تاللاڭ، گەپ – سۆزلەرنى قاپىيەلىك ئاڭلاڭ.
بانكىر: مۇبادا سىز توي تەكلىپىمگە قوشۇلسىڭىز، سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى پۇل ئورنىدا بانكىغا رەنىگە قويىمەن، ئاندىن سىزگە بولغان بىر ئۆمۈرلۈك مۇھەببىتىم ئۈچۈن بانكىدىن ئۆسۈم ئېلىپ، سىزگە سوۋغا قىلىمەن؟ قانداق، پايدىغا تۇرامسىز، زىيانغىمۇ؟
ئاشپەز: سىز ئۈچۈن يۈرىكىم كۆيۈپ كاۋاپ بولغىلى ئۇزاق بولدى، مۇبادا توي تەكلىپىمگە بىر قېتىملا قوشۇلسىڭىز، تۇرمۇشتا سىز ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قازاندىكى گۆشتەك قۇرۇلۇپ ئۆتۈشكە رازىمەن، قورسىقىڭىز مەڭگۈ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.
شوپۇر: قەدىرلىكىم، مېنىڭ توي تەكلىپىمگە قوشۇلسىڭىز، تۇرمۇشتا مەڭگۈ سىزنىڭ ماي كلاپانىڭىز بولىمەن، سىز «سۈرىتىڭنى تېزلەت» دېسىڭىز، مەن دەرھال سۈرىتىمنى تېزلىتىمەن، «سۈرىتىڭنى ئاستىلات» دېسىڭىز، دەرھال سۈرىتىمنى ئاستىلىتىمەن. سىز مەڭگۈ مېنىڭ رولۇم بولۇپ، مېنى باشقۇرۇسىز، سىز بېشىمنى ئوڭغا بۇرىسىڭىز ئوڭغا ماڭىمەن، سولغا بۇرىسىڭىز سولغا ماڭىمەن.
رېژىسسۇر: يېقىندا مەن بىر مۇھەببەت فىلىمى ئىشلەشكە تەييارلىنىۋاتقانىدىم، بۇ فىلىمدىكى ئەر باش پېرسۇناژنىڭ رولىنى ئۆزۈم ئالماقچى، لېكىن بۇ فىلىمگە دەل سىزگە ئوخشاش گۈزەل قىز باش پېرسۇناژدىن بىرى كەملىك قىلىۋاتىدۇ.
بېلەت ساتقۇچى: ئادەم ياشىغانىكەن سەپەرگە چىقىدۇ، سەپەرگە چىققانىكەن بېلەت سېتىۋالىدۇ، دېمەك مېنىڭ مۇھىم ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ بولدىڭىز، مۇبادا سىز توي تەكلىپىمگە قوشۇلسىڭىز سەپەرگە چىقىشتا بېلەت سېتىۋالالماسلىقتىن ئەنسىرىمەيسىز، مانا مەن سىزگە ھەر ۋاقىت ھەر جايدا بېلەت ئېلىپ بېرەلەيمەن.
بوغالتىر: سىزنىڭ ماڭا سۆيۈش پۇرسىتى بېرىشىڭىزگە بىر پۇڭلۇقمۇ تەنەرخ كەتمەيدۇ، ئەمما سىز ماڭا سۆيۈش پۇرسىتى بەرسىڭىز، شۇنداق كاپالەت بېرەلەيمەنكى، ماڭا بېغىشلىغان مۇھەببىتىڭىزنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى ھېس قىلالايسىز.
ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بەرگۈچى: ھەركۈنى سەھەردىن چۈشكىچە سىزنى ياخشى كۆرۈش ھېسياتىم زىچلىقتىن شالاڭلىققا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، چۈشتىن كېيىن تېخىمۇ شالاڭلىشىدۇ، كەچ بولغاندا، ئۇزاق مەزگىللىك مۇھەببەت بېسىمىنىڭ تەسىرىدە كەيپىيات كۆرسەتكۈچۈم ℃ 8 دىن تۆۋەنلەپ ℃ 5 غا چۈشۈپ قالىدۇ، كەيپىياتىمدىكى بۇ خىل ناچار ھاۋا كېلىماتى تاكى سىز بىلەن توي قىلىۋالغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.
ئەسقەرجان ئەلسۆيەر تەييارلىغان
|
|