ئاراتۈرك ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ شىمالى موڭغولىيە دۆلىتى بىلەن،غەربى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن ،شەرقى ۋەجەنوبى تەرىپى قومۇل شەھرى بىلەن چېگىرىلىنىدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە تۆت يېزا ئۈچ بازار بار بولۇپ ئومومى نوپوسى22444 ئادەم،ناھىيىمىزدە ئۇيغۇر،خەنسو،قازاق تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەر بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار9651 ئادەم. ناھىيىمىز يېرىم چارۋىچىلىق يېرىم دېھقانچىلىق ناھىيىسى . ناھىيىمىزنىڭ بەزى يېزىلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار ھېلىمۇ مەۋجۇت . ئاراتۈرك ئۇيغۇرلىررى ئۇزۇن يىلىق كۆچمەن چاۋىچىلىق تۇرمۇشى جەريانىدا ئۆزىگە خاس كۈلتۈر ياراتقان بولۇپ قازاق چارۋىچىلار بىلەن روشەن پەرىقلىنىدۇ جەميەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئوموملىشىشى بىلەن كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىغا ئائىت نۇرغۇن كۈلتۈر ئامىللىرى سۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى ھەتتا بەزىلىرى يوقۇلۇپ كەتتى. «كۈلتۈر ئىلغار –قالاق دەپ ئايرىلمايدۇ،ھەربىر كۈلتۈر شۇ كۈلتر ئىگىسى .ئۈچۈن ئىلغاردۇر».مەسىلەن: بىز كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمىشىنى بىرقەدەر قالاق كۈلتۈر دەپ قارايمىز لېيكىن شۇكۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمىشىدا ياشايدىغانلار شۇ تۇرمۇشقا پىششىق بولمىغانلارنى«يەرلىك»دەپ ياراتماسلىق نەزىرىدە قارايدۇ. بىز ھايۋاناتلار تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ چىقىرىمىزيۇ ئىسانىيەت كۈلتۈرىنى برلىىككە كەتۈرۈشكە تىرىشىمىز،ئئىنسانىيەت تىل-كۈلتۈرىمۇ ھايۋانات تۈرلىرىگە ئوخشاش قانچىكى كۆپ خىل بولسا شۇنچە رەڭدار بولىدىغۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈلتۈرلەر «ئىلغار-قالاق»دەپ ئايرىلماي بىردەك ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. باشقابىر كۈلتۈرنى ئىلغار ياكى قالاق دەپ قاراۋېلىشىمىزغا شۇ كۈلتۈرنى ئۆزىمىزنىڭ كۈلتۈر كاتىگورىيىمىز بىلەن ئۆلچىگەنلىكىمىزدىن بولىدۇ. بىز باشقا بىر كۈلتۈرنى ئۆزىمىزنىڭكىدىن ئىلغار دەپ قاراۋالغىنىمىزدا قارا –قويۇق قوبۇل قىلىۋېلىپ بەزى بىر ياخشى ئەنئەنىلەرنى تاشلاپ قويىشىمىزغا سەۋەپچى بولىدۇ.يەنە بىرسى بىزئىلغار دەپ قارىغان كۈلتۇر تەۋەلىكىەە كىرگەن ۋاقتىمىزدا «كۈلتۈر ھودۇقۇشى»پەيداقىلىدۇ ئۆزىمىزنىڭكىدىن قالاق دەپ قارىغان كۈلتۈرگە بولسا ئاسانلا بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش پەيدا بولىدۇ بۇ بىر تەرەپلىمەكۆزقاراش مىللىەت ئىچىقدە يۇرتۋازلىقنى مىللەت سىرتىغا چىقسا مىللەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
يوقۇردىكى يازمام مۇشۇ تىما ئاساسىدا يېزىۋاتقان ئەسىرىمنىڭ كىرىشسۆز قىسمى،سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قانداقتۇر بىر يېرى كامدەك تۇيۇلىۋاتىدۇ شۇنىڭغا سەۋىيىسى بار تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ خەق ئوقۇغىدەك بىر نەرسە قىلىىپ بېرىشىنى سورايمەن
|