قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4932|ئىنكاس: 26
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەيسەر مىجىت: شۇڭقار كەبى چاغلار-(خاتىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4327
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 11:35:49 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
شۇڭقار كەبى چاغلار(خاتىمە)

قەيسەر مىجىت


   
  ئېلاۋە: بۇلتۇر فېۋرالنىڭ بىر كۈنى بوستوندا قاتتىق قار يىغىش سەۋەبى بىلەن ئۆيگە كۈن بويى سولىنىپ قالدىم. مەن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىگىگە ئاسان مەھلىيا بولىدىغان بىرسى. دەرىزىدىن لەپىلدەپ يىغىۋاتقان قارغا قاراپ ھىسلىرىم ئويغاندى. قولۇمغا قەلەم ئالدىم، ئەسلىدە شىئېر يازماقچى بولغان ئىدىم،  ماۋۇ خىياللىرىمنىڭ" بەڭۋاشلىقىنى".  ئۇلار مىنى ئەسلىمىگە يەنى ئالى مەكتەپكە تۇنجى قەدەم باسقان ئاشۇ يىللاردىكى كەچۇرمىشلىرىمنى ئەسلەشكە ئىلىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا "شۇڭقار كەبى چاغلار" دەپ ماۋزۇ قويۇپ باغداش تورىدا ئىلان قىلدىم. ئەسلىدە ئۇنى "ئىككىلا قىسىم يازارمەن" دەپ ئويلىغان بولساممۇ ئەمما ئوقۇرمەنلەر قالدۇرغان ئىنكاسلاردىن ئىلھاملىنىپ ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ماڭا بولغان ئىشەنچ دەپ بىلىپ بىر يىرىم يىل ئىچىدە ئۇلاپ يىزىپ 12 قىسىمنى تاماملىدىم.
شۇنداق، باشلىنىشى بولغان ئىشنىڭ ئاخىرلىشىشى چوقۇم بولىدۇ.
بۇگۇن مەن ئىنتايىن قىيالماسلىق تۇيغۇسى بىلەن بۇ چاتما ئەسەرنىڭ خاتىمىسىنى يىزىۋاتىمەن.
سەۋەپ ئاددى يەنى بىر نەرسىگە خاتىمە بەرمىگۈچە يىڭى نەرسىنى باشلىغىلى بولمايدۇ.
     كىشىلىك ھايات-ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەردىكى ئارزۇ-ئارمانغا، جۈملىدىن مۇۋەپپىقىيەتكە بولغان ئىنتىلىش شەخس ئىدارە قىلالمايدىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن مەلۇم ئۈزۈكلۈككە ۋە شۇ ۋەجىدىن زامان ئېنتىرۋاللىقىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، يەنى مەلۇم ۋاقىت ئېنتىرۋالىدا ئوخشىمىغان قىممەتنى ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، مىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرىم ھەم مۇشۇنداق خاراكتىرلىنىدۇ.  خۇددى بۇرۇن ئىيتىپ ئۆتكۈنۈمدەك، مەن تېخى ئىشلىرىدا ئۆزۈم رازى بولغۇدەك مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ كەتكەن بىرسى ئەمەس. مەن ئۇچۇن مۇۋەپپىقىيەت  - چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش، دۇنياغا داڭلىق ئالى مەكتەپتە ئوقۇش، ۋە مەلۇم ئىلمى ئۇنۋاننى ئىلىپ، نىسبەتەن خاتىرجەم خىزمەتكە ئىرىشىش ئەمەس. شۇنداقلا مىنىڭ نەزىرىمدىكى مۇۋەپپىقىيەت ھەم مەۋھۇم نەرسىمۇ ئەمەس. ئۇ مىنىڭ قەلبىمگە پۈكۈلگەن،  مەن ئۇ مەقسەتكە تېخى يەتمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلىك ھاياتتا مەن داۋاملىق تېرىشىشىم، بوشاشماي ياشىشىم كىرەك، . ئەمدى مەن نىمىشقا ئاشۇ مەزگىللەرنى "شۇڭقار كەبى چاغلار" دەپ ئاتىدىم؟ ھازىرقى چاغلىرىم "شۇڭقاردەك ئەمەس، بۇقىدەك ۋە ياكى خورازدەك چاغلارمۇ؟"
   ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق سەرگۇزەشتىسى، ھايات يولىدا قالدۇرغان ئىزلىرى بولىدۇ.
   مەن بۇندىن  تەخمىنەن 44 يىل ئىلگىرى -پامىر تاغلىرىنىڭ باغرىدا يەنى ھازىرقى ئاقتۇ ناھىيەسىگە تەۋە خانتىرەك دىگەن يەردە دىكابىرنىڭ سوغۇق بىر كۈنىدە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ "زىيالى ياشلار" دىگەن نام بىلەن تاققا چىقىرىۋىتىلگەن ئاتۇش ئۇستۇن ئاتۇشتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇشۇپ كىيىن مېھر-مۇھەببەتكە تولغان ئائىلە قۇرۇشقان بىر جۈپ ياشنىڭ تۇنجى پەرزەنتى سۇپىتىدە دۇنياغا كەلدىم. (بىز خانتىرەك دىگەن يەردە 1974-يىلىغىچە تۇردۇق ئاندىن ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئوي تاغقا يۆتكىلىپ تاكى 1979-يىلى سىنتەبىرگىچە ئوي تاغدا تۇردۇق. شۇڭا  كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن خانتىرەككە ۋە بالىلىقىم ئۆتكەن گۈزەل ئويتاغقا مىنىڭدە ئالاھىدە كۈچلۈك مۇھەببەت بار. مەن بۇ ھەقتە ئايرىم توختالدىم. ئۇنى  باغداشتا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىمەن، چوقۇم.)

    مەن تاغلار قوينىدا تەبىئەتنى سۆيۇپ چوڭ بولدۇم. تاغلار، دەريالار، مۇزلۇق چوققىلار، چاتقاللار، بېغىرلار، قارىغايلار، ئارچىلار، كەپتەرلەر، قۇشقاچلار، ئەلۋەتتە تايغانلار، بۈركۈت ۋە شۇڭقارلار مەندە ئالاھىدە ھىسسىيات ھەم ئىلھام قوزغايدۇ. چۇنكى سەن ئۆزۈڭنى مەلۇم نەرسىگەيىقىن ھىس قىلغانسىرى،  ئۇنىڭغا قارىتا مۇھەببەت شەكىللىنىدۇ. سەۋەبى "كۆز كۆرگەنگە، كۆڭۈل سۆيگەنگە مايىل" بولغانلىغىدىندۇر.
   شۇڭقار - مىنىڭ نەزىرىمدە ئاجايىپ بىر قۇش؛ ئۇ كۆكتە باشقا قۇشلارغا قارىغاندا ئىگىز ئۇچىدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە پۈككىنى يۈكسەك ئارزۇ-ئارمان. ئۇ ئەقىللىق، گومۇش ئەمەس، ئىستراتىگىيە بىلەن ئىش كۆرىدۇ، تەلۋىلىك قىلمايدۇ. قىيىنچىلىقنى يىڭىدۇ، ۋايسىمايدۇ. قىسقىسى ئۇنىڭ تەبئىتىدە باتۇرلۇق، پاكلىق، باش ئەگمەسلىك ھەمدە چىدامچانلىق ، مۇھىمى غۇرۇر بار!
شۇنداق بولغانلىقتىن مەن تاڭ سەھەردەك ياش چاغلىرىمدا شۇڭقار روھى بىلەن ياشاشقا ئىنتىلدىم.
مەن ئەينى چاغدا زادى شۇڭقاردەك ياشىدىممۇ يوق بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن، ئەمما شۇڭقار كەبى روھ بىلەن ياشىدىم دەپ ئىشىنىمەن.
يىللار خۇددى تالانتلىق شائىرىمىز ل. مۇتەللىپ ئىيتقاندەك ماڭا ساقال بۇرۇت ۋە قورۇقلارنى ئىلىپ كەلدى.
    يەنى ئۇ مىنىڭ تاشقى قىياپىتىمنى ئۆزگەرتتى. لىكىن، ئۇ مەندىكى شۇڭقارغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرالمىدى. مەن بىر نەرسىگە ياكى بىراۋغا ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت باغلىغان ئىكەنمەن، ئۇ مىنىڭ خاتالاشقانلىقىمنى ئىسپاتلىمىغۇچە ئۆزگەرمەيمەن. شۇڭا يىللار مىنىڭ  شۇڭقار روھى بىلەن ياشاشقا بولغان ئىنتىلىشىمنى ئۆزگەرتەلمىدى. دىمەك، مەن يەنە شۇ روھ بىلەن باشقا بىر بوشلۇقتا ياشىماقتىمەن. گەرچە ئالغان ئولجام يوق دىيەرلىك بولسىمۇ، ئەمما مەندىكى "شۇڭقار روھى" بىلەن ياشاۋاتىمەن دىگەن مۇقەددەس ئىشەنچ مىنىڭ ھەر بىر كۈنۈمنى خوشاللىق بىلەن، ئۈمۈتۋارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈشۈمگە ، قەلبىمنى ، سۆيگۈمنى، ھىسلىرىمنى، ئوي -پىكىرلىرىمنى ۋە ئۆتمۈشۈمنى، ھازىرقى ۋاقتىم ھەمدە كەلگۈسۈمنى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-يارەنلەر بىلەن، كەڭ مەنىدىن ئالغاندا سۆيۈملۇك خەلقىم بىلەن چەمبەرچەس باغلاپ مۇھاجىرلىق ھاياتىمنى رازىمەنلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشۈمگە تۈرتكە بولماقتا، ھەم بولغۇسى!

    بۇ چاتما ئەسەرنى يىزىپ چىقىشتىكى يەنە بىر مەقسەت، مىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يىرىم، چوڭ بولغان مۇھىتىم، ئۇچراشقان ئادەملىرىم ۋە ماڭا تەسر قىلغان ئىش ۋە شەخسلەرنى يىزىش قىسقىسى ھاياتىمدا كۆرگەنلىرىمنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۆتمۈشنى ئۆزۈمگە ئەينەك قىلىش، ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ساۋاق، نەتىجىلەردىن ئىلھام ئىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق بۇندىن كىيىنكى ھاياتىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش بولسا يەنە بىر تەرەپتىن كاللىسى ئويغاق دەۋرىمىز ياشلىرىغا ئا-تولائىلھام بىرىش ئۈچۇندۇر. چۇنكى 20 نەچچە يىل ئىلگىرى مەنمۇ مۇشۇنداق روھى مەدەتكە ئىنتىزار بولغان ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ماڭا تەسر قىلغان كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىپ ياشىغان ئىدىم.

   بۇلارنى يېزىش جەريانىدا مەن يەنە مۇنۇ كۈتۈلمىگەن نەرسىلەرنى بايقاپ يەتتىم-دە  ياخشىلاردىن بولۇشنى قوغلىشىپ ياشاش ئىستىگى قان-تومۇرلىرىمدا دولقۇن ئۇردى:.
   ئادەم يامانلارغا ۋە يامانلىقلارغا مەيدانى ئىنىق ھالدا نەپرەتلىنىشى، نادانلاردىن يىراق تۇرۇشى،  ياخشىلارنى دائىم ئەسلەپ ھەم ئۇلارغا دائىم يىقىن تۇرۇشى كىرەك ئىكەن.
****************************************************

    مەن توي قىلغىلى ۋەتەنگە قايتقىنىمدا، كۆڭلۈم خاتىرجەم ھالدا توي قىلىشىم ئۈچۈن ئاۋال ئامىرىكىغا قايتىدىغان ۋىزىنى ئىلىۋىلىش مەقسىدىدە بېيجىڭدا بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدىم. (ئۇ چاغلاردا ئامىرىكىنىڭ ۋىزىسىنى ئىلىش ئىنتايىن تەس ئىدى)  "خۇدا بۇيرىسا 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، قەيسەر ئۈرۈمچىگە ئۈنۈپ بولىدۇ" دىگەن ئىشەنچ بىلەن قۇدا بولغۇچى ئىككى تەرەپ ئاللىقاچان توي كۈنىنى بىكىتىشىپ بولۇشقان بولۇپ، باغاقلار تارقىتىلىپ بولۇنغان ئىكەن. مەن بېيجىڭغا چۈشۈپ ئۆيدىكىلەرگە تېنچ ئامان يىتىپ كەلگىنىم توغرىسىدا دەرھال خەۋەر بىرىۋەتمەي، بىر كۈن كىچىكىپ قاپتىمەن-دە، شۇنىڭ بىلەن ماڭا قېيىن-ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانام جىددىلىشىپ كىتىپتۇ. ئۇ چاغلاردا تىلىفۇن قولايسىز بولۇپ، بېيجىڭغا چۈشكەن كۈنى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمانخانىسىدىن تىلىفۇن قىلاي دىسەم كىشىلەر ئىشلىتىۋىتىپتكەن، شۇنىڭ بىلەن "ئەتە قىلارمەن" دەپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى تىلىفۇن قىلسام چوڭلار جىددىلىشىپ كىتىپتۇ. ئەگەر قۇدا بولغۇچى تەرەپنىڭ "ۋاي بارمۇسىز؟ ھەجەپ ئەنسىرەتتىڭىز!" دەپ جىددىلىشىپ كىتىدىغانلىقلىرىنى بىلگەن بولسام يەنە بىر كۈن كىچىكىپ ئۇراتتىمكەن-دە تىلىفۇننى :)

    بېيجىڭدا ياتاققا ئورۇنلاشقان شۇ كۈنى كەچتە، 1987-يىلى ئۈچتۈرپاندىن كىلىپ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ  مىللەتلەر تىل-تەرجىمە ئىدارىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن قابىليەتلىك، تېرىشچان ياش - مۇزەپپەر ئابلىمىت ئىزدەپ كەلدى. مۇزەپپەرنىڭ كەسپى كومپىيۇتېر بولۇپ شۇ يىلى مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپ شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىتىغا - ماگىستىرلىق ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان ئىدى. (مۇزەپپەر بوستونغا كەلگەندىن كىيىن كەسپ ئالماشتۇرۇپ ئۆز كەسپى- كومپىيوتىر كەسپىنى ئوقۇدى. ھازىر، خانىمى - قۇمۇلدىن كىلىپ مەرگىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئامىنە بىلەن ماسساچۇسىتتس ئىشتاتىدىكى بىر شىركەتتە غوللۇق خادىملاردىن بولۇپ ئىشلەيدۇ).

    مۇزەپپەر تىپىك ئۇيغۇر يىگىتى بولۇپ، خۇش چاقچاق، ئالغا ئىنتىلىشچان، چىچەن يىگىت ئىكەن. مەن بېيجىڭدىكى چاغدا ئۇ ماڭا ياخشى ھەمراھ بولۇپ، ئادىمىگەرچىلىك كۆرسەتتى، مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن مىننەتدارمەن. شۇ نەچچە كۈن ئىچىدە مەن ئالدىنقى يىلى ئامىرىكىغا مىڭىشتا ماڭا ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ ئىشلىرىمغا ياردەمدە بولغان  گۇلباھار ئاچام يەنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە مەن بىلەنپاراللىل ئوقۇغان ساۋاقدىشىم دىلمۇرات غوپۇرنىڭ ئاچىسى - گۇلباھار غوپۇر خانىمغا سالام بىرىشنى ئۇنتۇمۇدۇم. چۈنكى مىنىڭ نەزىرىمدە، ۋاقىت بىر ئادەم ئۇچۇن ئىنتايىن قىممەتلىك، بولۇپمۇ تۇرمۇشنىڭ رېتىمى تىز يەرلەردە ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋاقتى ئىنتايىن قىس.  شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار سائەتلەپ، كۈنلەپ ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ  مەندەك ئىلگىرى ئۇلار كۆرۈپ باقمىغان ئادەمگە ئادىمىگەرچىلىك كۆرسەتسە، مەن ئۇلاردىن مىننەتدار بولماي تۇرالايتتىممۇ؟ پەقەتلا پاڭقۇش، گومۇش ۋە شەخسىيەتچى ئادەملەرلا خۇددى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويغىنى باردەك، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ياندۇرىدىغان قەرزى باردەك مۇئامىلە قىلىشىدۇ. بىر جەمىيەتتە مانا مۇشۇنداق ئادەملەر كۆپىيىپ كەتكەندىن كىيىنلا، ئادەملەر ساختىلىشىپ، چىن ھىسسىيات ۋە ئادىمىگەرچىلىك تۇيغۇلىرى سۇسلىشىپ كىشىلەر ئارا مېھر-مۇھەببەت ئاجىزلىشىپ بىر ناچار كەيپىيات، سوغۇق ئېقىم جەمىيەتنى ئىگەللەيدىكەن-دە كىشىلەر بىر-بىرىگە ئىشەنچسىز قارايدىغان، دوست-دوستقا خىيانەت قىلىدىغان، تۇققان-تۇققاننى باپلايدىغان مەككارلىق روياپقا چىقىدىكەن.
    مەن ھاياتىمدا ئەنە شۇنداق ئىنسانلىق ئاجىزلىقلىرىدىن ياسالغان ھاڭنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان يەنى "كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋىلىپلا ئۇنى بۇزۇۋىتىدىغان"، "گۆش بەرسە مۇش بىرىشكە تەييار" تۇرىدىغان نائەھلىلىكتىن ساقلىنىشقا ئىنتايىن زىللىق بىلەن قاراپ ياشاشنى قوغلىشىدىغان بىرسى.
   "ياغاچ قازاندا ئاش بىر قىتىملا پىشىدۇ" دىيىشىدۇ ئاقىللار. كىشىلەر ئارا مۇئامىلىدە - ئۆزىنى سوراش، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەش ئارقىلىق بىر پولات قازان ياسىماق لازىم، ئەلۋەتتە. ئوتلارنىڭ سىنىغىغا بەرداشلىق بىرەلىگەن مۇناسىۋەتلا مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
   مەن گۈلباھار ئاچامنىڭ ۋە مۇزەپپەرنىڭ ئەينى چاغدا كۆرسەتكەن ئادىمىگەرچىلىكىدىن مىننەتدار بولغاچقا ئارىدىن 16 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ بۈگۈن ئۇلارنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمەن. (ئادەملەرنىڭ ياخشىسى مانا ئاشۇلاردەك باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە كۆڭلىنى بىغىشلىيالىغان ئادەملەردۇر، ئادەملەرنىڭ ناچارلىرى بولسا باشقىلارنىڭ شۇ خىل بىغىشلاشلىرىنى ئۇنتۇيالايدىغان ئادەم. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە يىڭىلمەيمەن دىسىڭىز، ئالدىنقى تۈردىكى كىشىلەر قاچسىمۇ كەينىدىن قوغلاڭ، كىيىنكىسى ئالدىڭىزنى توسسىمۇ، كەينىڭىزگە قىچىڭ!  سىز "قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ" غەزىۋىڭىزنى بىلدۇرىدىغان ئادەملەر مانا مۇشۇ ئىككىنچى خىلدىكى ئادەملەردۇر.)
     4-ئىيۇل كۈنى، ئامىرىكىنىڭ دۆلەت بايرىمى بولغاچقا مەن 6-چىسلا ۋىزام بىرىلگەن پاسسپورتنى ئىلىپ 7-ئىيۇل ئۈرۈمچىگە چۈشتۈم.
ئايرۇدۇرۇمدا ئۇرۇق-تۇققانلىرىم، دوستىلىرىم، ئەلۋەتتە مەن بىلەن توي قىلىدىغان قىز بولۇپ جەمى يىگىرمە نەچچە كۆز تەقەززالىق بىلەن ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
    7-ئىيۇل كۈنى، خۇددى ھىلىقى توقۇمىچى قىز بىلەن پادىچى يىگىتنىڭ رىۋايەتلىرىدىكىدەك مەن ئاسماندىن چۈشتۈم، سۆيگىنىم زىمىندىن چىقتى...
شۇنداق قىلىپ دىنى ۋە قانۇنى رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ 12-ئىيۇل كۈنى ئۇرۇمچىدە ئىنتايىن خوشال كەيپىيات ئىچىدە ئاتا-ئانىلار، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ دۇئاسى، دوست-يارەنلەر ۋە يىقىنلارنىڭ قوللىشى ۋە سەمىمى بەخت تىلەكلىرى ئىچىدە ئۇنتۇلغۇسىز توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدۇق.
   مەن بۇ يەردە شۇ قېتىملىق تويۇمغا قەدەم تەشرىپ قىلغان، تويىمىزدىكى خوشلۇقنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرگەن ئەزىز مىھمانلارغا چەكسىز رەھمىتىمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ۋە توي كۈنى جان-پىدالىق بىلەن خىزمەتتە بولغان مەرھۇم دوستۇم قاسىمجاننى چوڭقۇر سىغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن ("قەلبىم ئۆكسۈيدۇ"ناملىق ماقالىغا قارالسۇن، ئۇلانمىسى بۇ يەردە -http://bbs.misranim.com/thread-81283-1-1.html )
ئېسىمدە قىلىشىچە، شۇ چاغدا تويۇمغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ زوق ۋە شوق ئۇسۇللىرى ھەم قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن سورۇننىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرغانلاردىنماڭا قولداش بولغان دوستۇم- ئەنۋەر نەسرۇللا (ئۇرۇمچىدە دوختۇر)- ئەنۋەر تالىپ (دورىگەرلىك دوكتۇرى، ھازىر ئۇرۇمچىدە)، ئەسقەر جاپپار - (ئۇرۇمچىدە بانكىدا)، ئابدۇقادىر بەكرى -(يىزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتىتىدا) ئېليار ئۆمەر - (قاتناش نازارىتىدە) ۋە بارلىق قىز-ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ھەمدە باشقا يىقىن دوستلاردىن ئادىل ئىبراھىم ۋە خانىمى دىلدۇز تەلمان - (ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيەدە) تۇرسۇن - (يىزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ھازىر ئاۋسترالىيەدە)  ئابدۇرىشىت ئابدۇراخمان - (ئامىرىكىنىڭ تېكساستا) قەيسەر ھاجى - (ھازىر ئاۋسترالىيەدە، بايبول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى) سەيدۇللا كامىل - (ئۈرۈمچىدە شۇ كۈنىدىكى مۇراسىمنىڭ رىياسەتچىسى) ئەنۋەر ئاقنىياز - (ھازىر شېۋىتسىيەدە)، دىلمۇرات ئابدۇقادىر- (بالىلار دارىلمۇئەللىمىندە)، خۇرشىدە ھاجى -(رەھمەتلىك دوستۇم غالىپ ھاجىنىڭ سىڭلىسى، ھازىر نېفت دوختۇرخانىسىدا دوختۇر)، قۇربان تۇران -(ھازىر ئامېرىكىدا)، ئابدۇرەھىم راھمان - (ئۈرۈمچىدە -ئۇنىۋىرسىتىتتا)، شۆھرەت ماھمۇت - (ياپونىيدە دوكتۇرلۇقنى ئىلىپ ھازىر مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇتقۇچى)  مەمەت (يىزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتىتىدا، توينىڭ سىنئالغۇسىنى تارتقان( شۇنداقلا  تۇققان ۋە ئۇكا ئاغىينىلەردىن: مۇختەر ئەبەيدۇللا - (ھازىر ئۇرۇمچىدە ئىگىلىك تىكلەش بىلەن ئالدىراش)، ئابلاجان ئابلەت - (ئاتۇش قايراق ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچى)
ئۆمەرجان ھەسەن -( ھازىر ئۇرۇمچىدە، ياپوندا دوكتۇرلۇقنى ئىلىپ قايتىپ كەتتى)
مەمەتجان ياسىن - (ھازىر ئۇرۇمچىدە ئەنگلىيەدە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇپ قايتىپ كەتتى) ئابلاجان - (ئىگىلىك باشقۇرۇش 90-يىللىق 2-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچۇسى بولۇپ نىفىت خىمىيە زاۋۇتىدا)، قاتارلىقلارنىڭ توي كۇنىدە قىلغان خىزمەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن قىزغىنلىقلىرى ھازىرمۇ ئېسىمدە! رەھمەت سىلەرگە! يىراقتا بولۇپ قىلىپ بەزىلىرىڭلارنىڭ خىزمىتىدە بولالمىدىم! ئەمما سىلەرنىڭ شۇ چاغدا كۆرسەتكەن ئادىمىگەرچىلىكىڭلار ۋە ياخشى كۆرۈش ھەم سەمىمىلىكتىن چىرايىڭلاردا ئەكس ئەتكەن خوشاللىقىڭلار ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا! كۆڭۈل ئالبۇمىمدا سۈرەتلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلاقلىق!، سىلەرنى ھەر ۋاقىت سىغىنىپ، ئەسلەپ تۇرىمەن!

     ئۇ چاغلاردا تويلاردا توي رازا قىزىپ پەللىگە يەتكەندە، يىگىتنىڭ دوستلىرى قىز-يىگىتنى بىر مەرتەم تانسا ئويناشقا تەكلىپ قىلىدىغان بىر قائىدە بار ئىدى. كىم چىقاردى، قاچان چىقاردى بۇ ئىشنى، دوستلار  تويى بولغان بىر جۈپ ياشنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە چىچىپ، ئۇلارنى رەخت بىلەن باغلاپ ئاندىن يىگىتنى قىزنى سۆيۈپ قويۇشقا قىستاپ "گوركى، گوركى" دەپ توۋلايدىغان بىر ئىش ئىكەن. "ياشلىق- ساراڭلىق" دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك. مەنمۇ قىزىقچىلىقتا باشقا دوستلارنىڭ تويىدا ئاشۇنداق ۋاقىراپ ساپتىكەنمەن، ئۆزۈمنىڭ بىشىگە كەلگەندە يۈزۈم قىزاردى، بولمىسىغۇ ھەيكەل ئەمەستىم، ئەمدى شۇ جامائەتنىڭبولۇپمۇ چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئادەم خىجىل بولىدىكەن قاراڭلا باللا!

     شۇ يىلى رىككي مارتىن نىڭ دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىيتقان "ھاياتلىق لوڭقىسى"  ناملىق ناخشىسى مودا بولغان يىل ئىكەن.  (تۆۋەندە بۇ ناخشىنىڭ تېكستىنى ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇپ روھلىنىپ " ئالە، ئالە" دەپ ئۆزۈڭلەرنى لىڭشىتىپ كەتمەڭلا جۇما، جۇپتىڭلار 911 نى چاقىرىپ يۈرمىسۇن!:)
      تويىمىزغا تەكلىپ قىلىنغان گۈزەل ناخشىچى قىزنىڭ  كامالەتكە يەتكۇزۇپ  ئىيتقان ناخشىسى - تويدىكى كەيپىياتنى تازا يۇقۇرى پەللىگە كۆتۇرىۋەتتى:

ئىزدىگىنىڭ دەل مۇشۇ
ھاياتلىقنىڭ لوڭقىسى
يەنە كۈچە، بەردەم بول،
ئۈزۈپ چىققىن ئالدىدا.
ھۇررا، ھۇررا توختىما،

تىترىگەندە ۋۇجۇدۇڭ،
تاپىنىڭدا بۇ دۇنيا.
ھىچكىم سىنى توسالماس،
كۇچ ئىچىڭدىن ئۇرغۇسا.

ھاياتلىقنىڭ لوڭقىسى،
ساڭا نىسىپ بولغۇسى.
ئۈزۈپ ئالساڭ تەقدىردىن
بىر تارىخ يېزىلغۇسى.

ھۇررا، ھۇررا، ۋاي ھۇررا،
تەبرىكلەيلى ياش باللا!
ھاياتلىقنىڭ لوڭقىسى،
ساڭا نېسىپ بولغۇسى!

    ھەممىدىن قىززىقى - مەن ئۆزۈمنىڭ تويىنى ئۆزۈم ئۇسۇل ئويناپ قىزىتىۋەتتىم-دە. بۇنىڭ بىلەن مىنى "بىلمەي كىتاپ خالتىسى "دەپ ئويلاپ قالغانلار ھەيران قاپتىمىش!   ھىلىمۇ ياخشى ،مەن بۇ ئۇسۇلنىڭ ۋەتەندىكى ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق قىنىپ ئوينايدىغان ئۇسۇلۇم بولۇشىنى بىلگەندەك تازا ئوينىۋاپتىكەنمەن، شۇندىن كىيىنكى ھاياتىمدا ماڭا ئۇنداق قىزغىنلىق ۋە شوخلۇق بىلەن ئۇسۇل ئويناش نىسىپ بولمىدى.
   توي بولۇپ ئاز كۈندىن كىيىن جەنۇپقا جابدۇندۇق. چۈنكى ئۇرۇق-تۇققانلار، ئەل-جامائەت بىلەن كۆرۈشۈش مىنى شاتلاندۇرىدىغان ئىش بولسا تۇنجى ئوغلىنىڭ توي ئېشىنى بىرىش - ئاتا ئانامنى خوش قىلىدىغان ئىش ئىدى.
   يۇرتتا جامائەتكە تويلۇق ئاش تارتقاندىن كىيىن ئاتا -ئانام بىزنى ئىلىپ ئويتاغقا چىقتى. ئايالىمنى ئىلىپ 7-ئاينىڭ ئاخىرىدائويتاغنىڭ چىگرا ئىغىزىغا چىقتۇق. ئويتاغ يايلاقلىرىدا گاھى ئىشەككە مىنىپ گاھى پىيادە يۈرۈپ سەيلى-ساياھەتتە بولدۇق. 7-ئايدا مۇزنى دەسسەپ بىر يايلاقتىن يەنە بىر يايلاققا ئۆتكەن ئايالىم بەك خوش بولدى. ئۇنىڭ خوشاللىقىغا ئاياق ئاستىدىكى مۇزلار ئىرىپ كەتمىدى-يۇ، ئەمما مەن نەچچە قىتىم ئىرىپ بولدۇم!  :(

ئاھ يىشىللىققا پۈركەنگەن ئويتاغ يايلاقلىرى، ئاق چوققىلىق مۇزتاغ، سىلەرنى ئەسلىسەم ۋۇجۇدۇم تىترەيدۇ!

مۇز تاغ ئاتىنىڭ قۇچاقلىرىدا،
جىلۋە قىلار سېخى يىشىللىق.
قارلار پارتىلايدۇ مۇز تاغ ئۇستىدە،
تارىخ بار ئۇنىڭدا يۇز مىليون يىللىق.

بۇ يەردە ئادەملەر شۇنچە ساپ گويا-
يايلاقنىڭ بىباھا ھاۋاسى ئۆزى.
مەرتلىك بار، چىنلىق بار تەكلىپلىرىدە،
بەك ھوزۇر بىرىدۇ سۈت-قايماقلىرى.

مېھرىڭدە چىرايلىق چوڭ بولدۇم ئويتاغ،
ھەيۋىتىڭ دۇنياغا مەشھۇردۇر مۇزتاغ.
سىلەردە بالىلىق ئىزلىرىم قالغان،
سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيمەن ھەر چاغ!

    بىز يۇرتتا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كىيىن، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدۇق. مەن ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىۋىرستىتتىن ئايرىلغاندا مەكتەپ ماڭا بىر يىللىق رۇخسەت بەرگەن ئىدى. ھەر ھالدا مەكتەپ دائىرىلىرىگە ئۆزۈمنىڭ داۋاملىق ئوقۇيدىغانلىغىمنى ئىيتىپ قوياي دەپ كادىرلار باشقارمىسىغا بارسام بىر بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى خۇددى مەن ئۇنىڭ ئىگىچى-سىڭلىسىنىڭ پۇلىنى ئىلىۋالغاندەك ئاچچىق بىلەن سۆزلەيدۇ، تېخى سەنلەپ كىتىشلىرى: (بۇ ماڭقۇرتلار ياشنىڭ چوڭ-كىچىكى بولغىنى بىلەن كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدىغىنىنى بىلىشمەيدۇ-دە، ھەي نادان مۇئاۋىن چىۋىنلار) :
- سەن بىر يىللىق رۇخسەت ئاپتۇكەنسەن، بۇ جەريداندا بىزدىن مۇئاش ئىلىۋىرىپسەن. ئەمدى مۇئاشىڭنى توختىتىمىز.
-نىمە، كىم ئاپتۇ ئۇ پۇلنى؟ مەن ھەيران قالدىم. مەن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئىككى ئايلىق مۇئاشىمنى ئۇرۇمچىدە ئوقۇۋاتقان ئىنىمغا بەرگىنىنى بىلىمەن، كىيىنكىسىنى بىلمەيمەن.
    مەن شۇندىلا شۇ چاغدىكى مەۋجۇت قائىدە تۇزۇم بويىچە مەكتەپنىڭ مىنىڭ  مۇئاشىمنى تولۇق بىر يىل بىرىشى لازىملىغىنى ۋە بىرسىنىڭ مەن ئۇچۇن "مىنىڭ مۇئاشىمنى" ئىلىپ قويغانلىغىنى بىلدىم. ئەمدى ئۇ پۇلنى ئىلىپ قويغۇچى مىنىڭ توي قىلغىنىمنى كۆردى، بەلكىم "مىنى ئامىرىكىدىن تاغارلاپ دوللار قاچىلاپ كەلدى" دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك، ئۇ ھەققىدە ئىغىز ئاچمىدى، ئەمدى ئادەملەر ئۆزىنى سورىمىسا نىمە دىگۈلۈك؟ كىشىنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن قورقمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟
    تويدىن كىيىنكى ھايات  ناھايىتى قىزغىن ۋە ئالدىراشچىلىق ئىچىدە  تىز ئۆتۈپ كەتتى. ئامىرىكىغا قايتىش ئۈچۈن بىلەت ئالاي دىسەم "كىملىكىمنى" تاپالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىر يىقىنىم ماڭا غالىبىيەت ئاھالىلىكلەر رايونىدىكى ساقچىخانىدا تونۇشى بارلىغىنى، بۇ مەسىلەمنى تىزلا ھەل قىلىپ بىرەلەيدىغىنىنى ئىيتىپ مىنى ئىلىپ باردى. بىز بارساق، يىقىنىمنىڭ يىقىنى يوق بوپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى بىر خەنزۇ ساقچىغا سۆز ئاچتۇق.
نىمە ئىشقا كەلگىنىمىزنى بىلگەندىن كىيىن، ئىيتتى ئۇ.
- ئاۋۇ ئىشخانىدا بىر ئۇيغۇر ساقچى بار، شۇنىڭغا ئىيتىڭلار.
ئۇ كۆرسەتكەن ئىشخانىغا كىرسەك بىر دىقماق، قوساقلىرى تومپۇيۇپ چىقىپ قالغان ئۇيغۇر ساقچى تۇرۇپتۇ.
ئۇنىڭغا چىرايلىق سالام قىلدىم ۋە مەقسىدىمنى ئىيتتىم.
بۇ ئىنتايىن ناچار مەخلۇق ئىكەن، مەن ئۇنىڭ كاللىسىغا تايىنىپ ئەمەس مۇشتىغا تايىنىپ خىزمەت قىلىدىغان  بىرسى ئىكەنلىگىنى ئۇنىڭ پاسسپورتىمنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ  مىنىڭ پاسسپورتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىگىمنى بىلىپ تۇرۇپ  ئېغىزىدىن چىقارغان بىرىنجى جۈملە سۆزىدىنلا بىلدىم:
-نەنىڭ ئادىمىسەن؟
-مەن مۇشۇ ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم، ھازىر ئامىرىكىدا ئوقۇۋاتىمەن.
-چوڭ بىلمەيمەن، نەدو ئوقۇشۇڭنى، مىنىڭمۇ ئىنىم چەتئەلدە.
-"ھۇ خوتۇنۇڭنى" دىدىم ئىچىمدە "مەن سەندىن بىر يوللۇق ئىشنى بىجىرىپ بەرگىن دەپ كەلدىم".
ئۆزۈمنى تۇتۇۋۇلۇپ تۇرۇپ گەپ قىلدىم.
- بىجىرىپ بىرەلەمسىز-يوق؟
-بىشىڭ ئىككىمۇ سىنىڭ؟ ئىككى كىملىك بىجىرىپ نىمە قىلماقچى ئىدىڭ؟ قانداق ئىشىنىمەن ئۇنى يۇتتۇرىۋەتكىنىڭگە!
   ئارىلىقتا ئاز-تولا گەپ تالىشىش بولدى. مەن ماۋۇ مەخلۇقنىڭ دۆتلىگىدىن ئەپسۇسلانسام، ئۆكتەملىگىگە ئاچچىغىم كەلدى. بۇ مەخلۇق مىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا "خوش غوجام " دەپ قول باغلاپ تۇرمىغانلىغىغا چىچاڭشىۋاتاتتى.
   ئىشنىڭ چوڭىيىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن يىقىنىم مىنى باستى ۋە كىتىشكە ئالدىراتتى، "باشقا يەرگە بارايلى، بولدى تالاشقاننىڭ پايدىسى يوق. بەلكىم يىقىنىم  "سۇ كىتىدۇ، تاش قالىدۇ، قەيسەر كىتىدۇ، مەن قالىمەن" دەپ ئويلىغان بولسا كىرەك. "ياخشى كۆڭۈل توشۇك بوپ قالمىسۇن" دىگەن ئوي بىلەن ئۆزۈمگە ھاي بىرىپ ساقچىخانىدىن چىقتىم ئەمما 15-20 مىتىرچە مىڭىپ غەزىۋىم تۇتۇپ كەتتى.
"ھۇ ئاناڭنى، مەن ئۆزۈمنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقىنىمۇ قوغدىيالمىسام، بۇنچە كۆپ ئوقۇغۇنۇمنىڭ نىمە پايدىسى؟
-توختاپ تۇرە دىدىم يىقىنىمغا ۋە كەينىمگە ياندىم. ئاۋۇ ئەبگا ئىشىككە چىقىپ تۇرۇپتىكەن، كۆرۈپلا دىدىم ۋە سەنلەپ چۇشتۇم:
- ھەي، مەن جىنايەتچى ئەمەس جۇمۇ، ئادەم تەربىيلەيدىغان ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ھەجەپ جىنايەتچىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىسىنا ماڭا؟
-ھە نىمە دەيسەن، گىپىڭ بارما؟
   كۇتمىگەندە كەينىمگە يىنىپ بىرىپ  مەنسىتمەسلىك نەزىرىم بىلەن  ئۇنى سەنلەپ چۈشۈشۈم ئۇنى جىددىلەشتۇرۇۋەتكەن چىغى، ئۇنىڭ چىرايىنى قىزىللىق قاپلىدى.
   ئاڭغىچە يىقىنىم يەنە مىنى توسۇپ تۇرۇۋالدى. "خەپ دىدىم ئىچىمدە، مۇشۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلۇق تىرىسىنى يىپىنىۋالغان ئۈچ مەخلۇق مەندىن بىشىڭ ئىككىمۇ دەپ سوئال قويدى. مىنىڭ بىشىم بىر ئىدى، ماڭقۇرتلار نۆل قىپ قويۇشتىن يانمايدىغان ئوخشايدۇ. قەسەم قىلىمەنكى مەن پاسسپورتنى ئۆزگەرتمىگۈچە قايتا قەدەم تاشلىمايمەن بۇ ماڭقۇرتلار ئادەملەرگە كۈن بەرمەيۋاتقان زىمىنغا!
ياشلارغا خاس قىنى قىزىقلىق ھەم تەنتەكلىكنىڭ ئىپادىسى-دە!
   لىكىن مەن دەل شۇنداق قىلدىم، يەنى تاكى 1998-يىلى سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ۋەتەندىن چىقىپ كەتكەن پىتى  2011-يىلى، پاسسپورتىم يەڭگۈشلەنگەندىلا  ئاندىن باردىم. ئارىلىقتا ئايالىم نەچچە بىرىپ ئاتا-ئانىسى ۋە ئاتا-ئانامنى يوقلاپ كەلدى.
   دىمەك مەن ئاخىرقى قىتىم ۋەتەندىن ئايرىلغاندا بىر خىل مۇرەككەپ ھىسسىيات بىلەن ئايرىلدىم، يەنى ئىچىمدە ئاچچىق، كۆڭلۈمدە نارازىلىق، جەمىيەتكە بولغان ئۈمىتسىزلىك، ئادەم سىياقىدىكى مەخلۇقلارغا بولغان نەپرەت، ۋە ئۆزۈمنىڭ نامەلۇم كەلگۈسىگە بولغان نۇرغۇن سوئاللار جۈملىدىن كەلگۈسۈمگە بولغان چوڭ تەۋەككۈلچىلىك. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن تەڭلا ئامىرىكىنىڭ ئايرۇپىلانىغا بىللە چىقتى.....

    مەن ئامىرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى ھاياتىمدا نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى، ئازاپ-مۇشەققەتلەرنى تارتتىم، ئەلۋەتتە بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە تاۋلىنىش جەريانى بولدى. بۇ يەردە بىر يىرىم ئوقۇپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئىلىپلا خۇسۇسى شىركەتتىن خىزمەت تاپتىم، شىركەت چۆككەندە مەنمۇ چۆكتۈم، يەنى شۇڭقار كۆكتىن پەسكە پالاقلاپ چۈشۈپ كەتتى. لىكىن، مەن يىقىلىپ كەتسە يىتىۋالىدىغانلاردىن ئەمەس. بۇ دۇنيادا ئادەم ئۆزىگىلا تايىنىشى كىرەك، شەخس سۈپىتىدۇمۇ، مىللەت سۈپىتىدىمۇ. باشقىلاردىن ئارتۇقچە ئۈمىت كۇتۇش بىزنى روھى قەلەندەرلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، خالاس. تۇغۇلغان ئىكەنمىز ياشىمىساق بولمايدۇ، ياشىغان ئىكەنمىز تىرىشىپ ياشىمىساق يەنە بولمايدۇ. مەن يەنە ئورنۇمدىن تۇردۇم، ۋە مەن يىقىلغاندا ماڭا مەدەت بەرگەن خانىمىم بىلەن بىللە ئورنىمىزدىن تۇردۇق.  بوستوندىكى دەسلەپكى يىللاردا ئايالىمنىڭ ھەر قىتىم دوختۇرخانىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە "مەنمۇ ۋەتەندە دوختۇر ئىدىم..." دەپ ھەسرەت چىكىشلىرىگە قاراپ كۆپ ئازاپلاندىم. چۈنكى ئۇ ماڭا ئىشىنىپ بىر ئوبدان خىزمىتىنى، تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتىنى، مىھرىبان ئاتا-ئانىسىنى تاشلاپ چىققان ئىدى.
    بىراۋ بولۇپمۇ بىر ئاجىزە ساڭا ئىشىنىپ سۆيگۈسى، ساداقىتى ۋە ئىشەنچىنى بەرگەن ئىكەن، سەن ئۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇشۇڭ كىرەك،  بۇ ئەقەللى ئىنسانى پەزىلەت شۇنداقلا ئەركەكلىك مەسئۇلىيەت ئىدى. قانداق قىلىش كىرەك؟ ئىزدىمىگەن چارە، قىلمىغان خىيال قالمىدى. ئۇ ئۇيقىغا كەتكەندە، مەن خىيالغا چۆكەتتىم.  
    "ئاچ قويغان خۇدايىم كەچ قويماپتۇ " دىگەندەك شۇنداق بىر تاسادىپى پۇرسەتتە چەتئەل مېدىتسىنا كەسىپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئامىرىكىدا دوختۇر بولۇش ئارزۇسىغا يىتىدىغان يوللارنى بىلىۋالدۇق، بۇ جەرياندا ئايالىم كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ناھايىتى بېرىلىپ ئۆگەندى، مەن ئۇنىڭغا قانات بولدۇم. ئەمما بۇ جەرياندا بىزگە ئەڭ ئىغىر كەلگىنى بالىمىزنى يىرىم ياشلىق چىغىدا چوڭلارنىڭ قارىشىغا بىرىشكە مەجبۇر بولغىنىمىز بولدى. تۇرمۇش ئادەمنى بەزىدە ھەقىقەتەن تار يولدا قويۇش بىلەن قىتىسا مۇھتاجلىقتا قويۇش بىلەن سىنايدىكەن.
    چوڭلار  تاتلىق ئۇيقۇدىكى ئوغلۇمنى ئىلىپ ماڭغىنىدا كۆزۈمدىن ئالدىراپ ياش چىقمايدىغان مەن ئايرۇدۇرۇمدا ئوزۇمنى تۇتالماي يىغلاپ سالدىم، شۇ چاغدىكى  ئايالىمنىڭ يىغىسىدا تۈگمەي چۆگىلەيدۇ. ..."مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا" دىگەن شۇ بولسا كىرەك.
     خۇداغا شۇكرى، ئايالىم  USMLE ئىمتىھانلىرىدىن بىر قىتىمدىلا غەلىبىلىك ئۆتۈپ ئامىرىكىدا كىسەل كۆرۈش سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئىرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر دوختۇر بولدى، ھازىر خارۋارد سېستىمىسىدىكى دوختۇرخانىدا مەخسۇس دوختۇر بولۇپ   ئىشلەيدۇ. بۇ يىل ئەتىيازدا خارۋارد مېدىتسىنا ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى  (Harvard Medical Faculty )بولدى. مەنمۇ بۇنى ئۆيىمىزگە كەلگەن خەتتىن بىلدىم.  دىمەك بۇنىڭ بىلەن   

     خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتى مىدىتسىنا ئىنستىتوتىدىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى تېزىملىگىگە ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئىسمى تۇنجى قىتىم يىزىلدى.
    ئوغلۇم- بىزنى ۋە ئۇيغۇرلىرىنى سۆيىدىغان  بالا بولۇپ چوڭ بولۇۋاتىدۇ، مەن جانابى ئاللاھدىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ يۈكسەك ئىمان، ئەقىل پاراسەت ۋە پارلاق كىلەچەك  ھەممىدىن مۇھىمى شۇڭقار روھى تىلەيمەن!
مەن مۇشۇ ئاخىرقى قۇرلارنى يىزىۋىتىپ مۇنداق ئويلىدىم:
ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 20 يىل ئۆتكەندە "شۇڭقار كەبى چاغلار" ناملىق بۇ چاتما ئەسەرنى يازدىم. ئەمدى نىمىنى يازارمەن؟
قېنى مەزكۈر تېمىنى ئۈزلۈكسىز ئوقۇپ كىلىۋاتقان سادىق ئوقۇرمەنلەر، سىلەر ئىيتىپ بىقىڭلارچۇ ئەمدى مەن نىمىنى، قاچان يازاي؟


3

تېما

0

دوست

1709

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25740
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 13:09:02 |ئايرىم كۆرۈش
كەلگۈسىگە بولغان چوڭ تەۋەككۈلچىلىكنى يېزىڭ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

684

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16602
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 13:32:06 |ئايرىم كۆرۈش
ياشلارنىڭ ئوقۇش ۋە كەسىپ تاللىشىغا ئائىت ،بولۇپمۇ قارغۇلارچە باللارنى چەتكە چىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

0

تېما

0

دوست

3880

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1228
توردىكى ۋاقتى: 451
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 14:34:02 |ئايرىم كۆرۈش
   خەلقىمىزنىڭ   روھيىنى    ئويغۇتىدىغان   ،    تىرىشىپ   بىلىم   ئېلىپ   كۇچلىك  بولغان  سانائەت    كارخانىلىرنى   قۇرۇپ   چىقىشقا   تۇرۇتكە   بولىدىغان    ماقالىلارنى   يازغايسىز  .

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

11

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   25.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4555
توردىكى ۋاقتى: 1332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 18:16:03 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇ يەردە قانداق ياشىغانلىقىڭىزنى يېزىڭ. بىز شۇنىڭغا قىزىقىمىز. سىزگە خاتىرجەملىك يار بولسۇن ئۇستاز.

1

تېما

0

دوست

697

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13705
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-12
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 21:27:42 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز  ئاللاھنىڭ سالامى سىزگە بۇلسۇن ئاللاھتىن تىنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى  بالىلىيىڭىزنىڭ ئەخلاقلىق ئىمانلىق بۇلۇشىنى تىلەيمەن

1

تېما

0

دوست

810

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11733
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 246
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 21:46:30 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قەيسەركا،مەن 6-ئايدا سىزدىن دوختۇرلۇقنى چەتئەلدە ئوقۇش توغرۇلۇق مەسلەت سورىغانتىم،كىيىنكى (ئۇيغۇر دوختۇر) دېگەن ماقالەمگە دىققەت قىلىڭ دىگەنتىڭىز،ئۈچ ئايدىن بېرى كۈندە كىرىمەن مۇنبەرگەل بولسا بۇ قېتىم شۇ توغرۇلۇق بىر يېزىپ بەرسىلە بوپتىكەن،مەن ئاللاھ خالىسا 6-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرىمەن، بۇ يەردە ھازىر 3+5 دەپ ،باكلاۋۇرلۇقنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۈچ يىل دوختۇرخانىدا تەربىيەلەيدىغان ئىشنى چىقاردى،2015- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويىدۇ،مىنىڭ ئاخىرىنى چەتتە ئوقۇغۇم بار ئىدى،مۇشۇ ھەقتە بىر ماقالە سۇنغان بولسىلا، بىلىمخۇمار ئاكىمىش بۇرۇن ماقالىسىدە ئامرىكىدا دوختۇرلۇق قىلىۋاتقان بىر قېرىندىشىمىشنىڭ ئايالى بار دېگەنتى، سىلىنىڭ خانىملىرى ئىكەنتۇقدە، ماقالىلىرىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن.

15

تېما

1

دوست

3946

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1190
توردىكى ۋاقتى: 302
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 22:38:12 |ئايرىم كۆرۈش
«مەدەنىيەت بوستانى »پروگراممىسىدا ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن مۇئەللىم سىزنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالدى،شۆھرەت دېگەن ساۋاقدىشىڭىزمۇ بار.
بولس اخارۋارد ،ئۇيەردىكى تۇرمۇش ،بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى......
قىسقىسى بىزلەرگە بىلىم بىرىدىغان ئىشلارنى يېزىڭ ئاكا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )