قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1366|ئىنكاس: 18

چاي ھەققىدەپاراڭ سوقمامدۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

113

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22975
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 17:22:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

       ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك – ئىچمەك ئادىتىدە چاي ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قايسىبىر رايونغا بارمايلى، چاي ئالاھىدە ئىچىملىك بولۇپ، ئۇلار ھەر قانداق تاماقنىڭ ئالدى – كەينىدە دەملەنگەن بىرەر پىيالە چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. بولۇپمۇ ياشانغانلار چاينى بىر خىل شىپالىق دورا دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دوست – يارەنلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، چاي ئىچكەچ ئۆزئارا مۇڭدىشىشنى بىر خىل ھوزۇرلىنىش ھېس قىلىدۇ. ئادەتتە كوچا – كويلاردا بىرەر يېقىن تونۇشلىرى يولۇقۇپ قالسا، سالام – سائەتلەشكەندىن كېيىن «ئۆيگە مەرھەممەت، بىر پىيالە چاي ئىچكەچ ئۆتسىلە» دەپ تەكەللۇپ قىلىش ئومۇملاشقان قائىدە – يوسۇنلارنىڭ بىرى.
    سىز قەشقەر، خوتەن شەھەرلىرىنى ئايلانسىڭىز، دوقمۇش – دوقمۇشتا مەخسۇس چايخانىلارنى ئۇچرىتىسىز. بۇ چايخانىلارنىڭ كەڭ ۋە ئازادە ئورنىتىلغان ئوچاق بېشىدا ھەمىشە دېگۈدەك يىگىرمە – ئوتتۇز چەينەك تىزىلغان بولۇپ، چايخانىدىن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. چايخۇمار ئۇيغۇرلار ئۈچ – تۆت بۇرادەرلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن چاي ئىچكەچ ئۆز ئارا پاراڭلىشىدۇ، چاقچاقلىشىدۇ ياكى چايخانا سازەندىلىرىنىڭ يېقىملىق نەغمىسىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر چايخانىلىرىنىڭ كۆپچىلىكىدە دۇتار، راۋاب تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنى بەزىدە شۇ چايخانىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مۇزىكانتلىرى خېرىدارلارغا چېلىپ بېرىدۇ. بەزىدە چاي ئىچىشكە كىرگەن خېرىدارلار (چايخۇمار) ئارىسىدىكى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى چالىدۇ.
     مەيلى چايخانىنىڭ چېيى بولسۇن ياكى ئۆيدە دەملەپ ئىچىدىغان چاي بولسۇن، ئۇ ئادەتتىكى چاي بولماستىن، بەلكى ئۇ مىجەز تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان دورا چېيىدىن ئىبارەت. بۇ خىل «دورا چېيى» غا ئىشلىتىدىغان چاي ئاساسەن قارا چاي بولۇپ، بۇنىڭغا بەزى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئۇندەك سوقۇپ، قارا چاينى قايناق سۇدا دەملەپ، بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن ئۈستىگە سوقۇلغان ئۆسۈملۈك دورىسىنى سېلىپ چەينەك ئوتنىڭ تەپتىدە ۋىللىدە بىر ئۆرلىگەندىن كېيىن، پىيالىگە ئاز – ئازدىن قۇيۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ خىل دورا چاينىڭ كۆپىنچىسى بەدەننىڭ ئىسسىقلىق كالورىيىسى (مىقدارى)نى ئاشۇرىدىغان، ئىشتىھانى ئاچىدىغان، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان، نېرۋىنى سازلاشتۇرىدىغان دورىلاردىن ئىبارەت. مەسىلەن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، قۇۋزاقدارچىن، لاچىندانە، قەلەمپۇر، پىلپىل، زىرە، چىلان، ئالىقات، چۈچۈكبۇيا، توشقانزەدىكى، زەپەر، پىللە... قاتارلىقلار، بۇ دورىلار پەسىلنىڭ ئىسسىق – سوغۇق، ھۆل – قۇرۇق بولۇشىغا قاراپ تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ. بەزىلىرىنى ئايرىم (يەككە)، بەزىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، يېشىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى، يېگەن تامىقىنىڭ ئوخشاشماسلىقى، مىزاج پەرقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، ئىشلىتىلىدىغان چاي دورىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، كاۋاپ، پولۇ، پېتىر مانتا تۈرىدىكى ئىسسىقلىق تاماقلار يېيىلسە، ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان تەبىئىتى سوغۇققا مايىل دورىلار ئارىلاشتۇرۇلغان چاي ئىچىلىدۇ. ئەگەر تەبىئىتى سوغۇققا مايىل سۇيۇقئاش قاتارلىق تاماقلار يېيىلسە، ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. مۇشۇ خىل ئەنئەنىۋى چاي ئىچىش ئادىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆز – ئۆزىنى داۋالايدۇ. پەسىل ئۆزگىرىشلىرىگە ماسلىشىپ مىجەزنى تەڭشەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بىرەر كۈن تاماق يېمىسە رازىكى، ئەمما ئالاھىدە دەملەنگەن مۇشۇ خىل چايدىن بىرەر پىيالە ئىچمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ.

1

تېما

3

دوست

6496

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1581
توردىكى ۋاقتى: 523
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 16:42:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاينى ئەڭ ئاۋۋال كىملەر ئىجاد قىلغان؟
قەھۋەغۇ  ئەرەپلەرنىڭ تۆھپىسى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

تېما

22

دوست

4039

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1200
توردىكى ۋاقتى: 296
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 17:04:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاينىڭ ئېلانى:

ساماۋەرىم بولسىدى
چايلىرى قايناپ تۇرسىدى
بىر چىنە چاينى ئىچكۇچە
يەنە بىرسى تەييار تۇرسىدى

1

تېما

0

دوست

1394

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 19:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەدەف يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 16:42
چاينى ئەڭ ئاۋۋال كىملەر ئىجاد قىلغان؟
قەھۋەغۇ  ئەرەپلە ...

تارىخى خاتىرلەردە  ئاسىيانىڭ يىپەك ۋە چىيى،ئافىرقىنىڭ قەھۋەسى،ياۋۇرپانىڭ كۇلامۇ بىر نىمىسى،لاتىن ئامىركىسىنىڭ تاماكاسى دەپ كۆرگەن ئىدىم.
چاي شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇتتۇرا ئاسىيا خەلقىگە يىقىنراق مېكىن دەيمەن.
بىلىدىغانلار تۇلاقلاپ قۇيارسىلە ئاتىكاچىلىق قىلىپ قۇيدۇم

10

تېما

12

دوست

6683

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 1970
توردىكى ۋاقتى: 515
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 22:54:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن   بىر  يىلدىن ئاشتى  دوغزال    دىگەن چاينى  ئىچىپ كىلىۋاتىمەن.    بۇ چاينىڭ تەبىئىتى  سوغۇق  ئىكەن ، مىنىڭ  ئۇيقۇسىزلىق ، ئىشتىھاسىزلىق كىسىلىمگە  ياخشى مەنپەت قىلدى.

0

تېما

0

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22421
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 23:17:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك چاي دېگەن قانداق چاي؟.ماگازىنلارغا كىرىپ كۆكچاي دېسەم يىشىل چاينى كۆرسۈتىدۇ.ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا كۆكچاينى بەك ماختايدۇ. لېكىن مەن تاپالمىدىم.خاپا بولۇپ كەتمەي،زاڭلىق قىلماي جاۋاپ بېرىدىغانلار بارمىدۇ.

282

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3062
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14484
تۆھپە : 11268
توردىكى ۋاقتى: 4031
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-29

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 23:40:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكچاي بىلەن يېشىل چاينىڭ نىمە پەرقى بارلىقنى بىلمىدىم ، ئەمما يېشىل چاينى ئاچچىق دەملەپ ئېىچىشنى ياخشى كۆرىمەن لېكىن تەۋسىيە قىلمايمەن ،چۇنكى ئاشقازاننى بەك غىدىقلاپ زىيان كەلتۇرىدىكەن ، مەن خۇمار بوپ قالغان
، قارا چاينى بولسا ئاتنىڭ قېنىدەك دەملەپ ئىچسە پەيزى ،

چاي خۇمارىڭ بولسا بولسۇن
مەي خۇمارىڭ بولمىسۇن

1

تېما

0

دوست

113

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22975
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 00:32:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەرلەر كەمىنە ئۈرۈمچى خابا مەسجىد يېنىدامەخسۇس چاي تەڭشەش دۇكىنى ئاچقانتىم .چايغا بەكلا ھەۋىسىم بار.كەسىپ ئىگىلىرى ۋە چايخۇمارلار كەلسەڭلار.چاي ھەققىدە بەھۇزۇر پىكىر ئالماشتۇرساق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )