ئامېرىكىدا ئوقۇغان جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى زۇلپىقار بارات ئۆزباش 2104 – يىلى 9 – ئاينىڭ 14 – كۈنى (يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 30: 8 دا، شىنجاڭ ئىلىم – پەن ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ چوڭ زالىدا «ئۆزباش ياشلارغانېمە دەيدۇ» تېمىسىدا ھەقسىز نۇتۇق سۆزلىدى. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلار بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكا ئاسىيا - تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەڭرىتاغ ئالىمى (ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2013 – يىللىق تەڭرىتاغ ئالىمى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن) دوكتۇت زۇلپىقار بارات ئۆزباش «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»، «جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ» قاتارلىق كىتابلىرى، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «تەپەككۇر» قاتارلىق ژۇرناللارغا يازغان قىزىق نۇقتىلىق ماقالىلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ «مەدەنىيەت بوستانى»، «چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» قاتارلىق پىروگراممىلار، «ئىلىم چېيى» قاتارلىق سۆھبەت سورۇنلىرى ۋە تۈرلۈك نۇتۇق پائالىيەتلىرىدە جەزبىدار نۇتۇقلىرى ئارقىلىق ھەر ساھەكىشىلىرىنىڭ قەلب تارىنى تىتىرەتكەن.
بۇ قېتىملىق نۇتۇققا شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسى تەرجىمە مەركىزىنىڭ تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى قەلبىنۇر ئەلنازى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ئەلدىن ئەلگە نەپ» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى،داڭلىق مۇخبىر نىجاد ئەھمەد، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت – دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىدىرىس قۇددۇس، ئۈرۈمچى شەھىرى بەيتۇللا جامىئەسىنىڭ خاتىپى مۇھەممەد ئىمىن داموللام، ئۈرۈمچى «ھۇنبەگ» كىتابخانىسىنىڭ غوجايىنى، يازغۇچى مۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، ياش قەلەمكەش ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار ۋەباشقا ھەر ساھەدىكى كىشىلەردىن بولۇپ 800 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. نۇتۇققا «بىركىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسىنىڭ سابىق رىياسەتچىسى كۆرەش بارات رىياسەتچىلىك قىلدى. گەرچە نۇتۇق مەيدانى خېلى چوڭ بولسىمۇ، ئاڭلىغۇچىلار كۆپ بولغاچقا، زالئىچى ئادەمگە لىق تولغاندىن سىرت، زالنىڭ دېرىزىلىرىمۇ ئاڭلىغۇچىلارغا لىق تولدى،بۇنىڭدىن كىشىلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي ئىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. «ئۆزباش ياشلارغا نېمە دەيدۇ؟» ناملىق نۇتۇقتىن ئۈزۈندىلەر: 1.مەدەنىيەت كاپىتالى ئىقتىسادىي كاپىتالىنى بارلىققاكەلتۈرىدۇ. 2.ئىلىم نۇقتىلىرىنى كاتىگورىيەلشتۈرۈپ خاتىرلەش. 3.تەنقىدىيتەپەككۇر قىلىش. 4.ۋاقىت باشقۇرۇش: ۋاقىتنى تۆت بۆلەككە بۆلۈپ باشقۇرۇش 5 مېنۇت 15مېنۇت 30مېنۇت 90مېنۇت 5.قىزىقىشنى پەرۋىش قىلىش. 6.ياخشى ئادەت ئىنتايىن مۇھىم. 7.ئىشلارنى چوقۇم پىلان بويىچە قىلىڭ. 8.ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە قىلىڭ. 9.ھەربىر كۈندىن ھېساب ئېلىڭ. 10.كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىڭ. 11.ھەربىر قىلىۋاتقان ئىشىڭ چوقۇم ئەسلى قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى چۆرىدىگەن ئاساستا بولسۇن. 12.پۇرسەت ئىزدىنىش ۋە يارىتىشتىن كېلىدۇ. 13.روھ-كىتاب ئوقۇش بىلەن ھەقىقىي تويۇنىدۇ. 14.كىتاب ئوقۇش كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىندى. 15.دۇنياۋىي قورقۇنچلۇق كېسەل-دىققەت چېچىلىش كېسىلى. 16.چوقۇم ئېنىق نىشان تىكلەپ ياشاڭ. 17.مامىكاپ ئارزۇ بىلەن جىددىي خوشلىشىش. 18.يۈرەكنى پەپىلەپ بويسۇندۇرۇش. 19.ساختا بىلىم قويمىچىلىقىدىن ھەزەر ئەيلەڭ. 20.نادان مىللەتنىڭ ھارامدىن موللىسى كۆپ. 21.چۈشكۈنلۈك يۇقىدۇ،چۈشكۈن ئادەملەردىن يىراق تۇرۇڭ. 22.ھايات ئەقىل ۋە ئەخلاق بىلەن بىرلەشكەندە، يۇقىرى پەللىگە يەتكىلى بولىدۇ. |