- تىزىملاتقان
- 2012-12-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1927
- نادىر
- 0
- يازما
- 141
ئۆسۈش
92.7%
|
425 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 23:54
ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارغا ئۇستاز بولغان،دۆلەت ئىدارە قى ...
قىرىندىشىم بۇ دىگىنىم ھەرگىز مۇڭغۇللارنى چوڭ بۇلۇپ ياكى ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى توغرا دەپ قارىغىنىم ئەمەس، پەقەت شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ (بولۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ) موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇدرەت تىپىشىدا رولىنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ئىپادىلەش.
مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن ئىجابى ۋە سەلبى تەسىرى توغرىسىداغوجا نىياز ئەپەندى ماقالىسىدا مۇنداق كۆرسىتىدۇ:
ئىجابىي تەرەپتىن ئالغاندا:-
1.«قەتئىي يېڭىلمەس ،ئىنتىزاملىق ،مۇستەكەم ھەربىي قوشۇن»دېگەن نامىنى تاراتتى. موڭغۇل ھاكىميىتىنى مۇستەكەملەش ئۈچۈن ئىسسىق قانلىرىنى ئاققۇزدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشچان ،باتۇر ،جەڭ سەنئىتىگە ماھىر خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
2. ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ موڭغۇللار ۋە ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايۇنلارغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلەشتى.ئۇ بۆلگەلەرگە ئۇيغۇر مەدەنيىتىنى تاراتتى.
3.ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ،دىن ،ھەربىي ئىشلار،قورال ياراق ،ھەربىي ئەسلىھەجابدۇقلىرى،سېپىللارغا ھۇجۇم قىلىش قوراللىرى، دېڭىزقاتناش، تىبابەتچىلىك، شەھەرقۇرلۇشى،ئاستۇرنومىيە، ئەل باشقۇرۇش ،ئۇزۇق تۈلۈك قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەسىرىنى ھەرقايسى جايلارغا تاراتتى.
4. ئۇيغۇر تىلى –يېزىقى موڭغۇللار ۋە ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايۇنلاردا13-ئەسىردىن باشلاپ 16-ئەسىرگە قەدەر ھۆكۈمەت ئوردا ئىشلىرى ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرئۈچۈن( جۈملىدىن تۈركى خەلىقلەر ئۈچۈن ئورتاق ئەدەبىي تىل ) مەدەنىي ئالاقە تىلىقىلىپ قوللىنىلدى .بۇ دەۋردە موڭغۇل خانلىرىنىڭ قوشنا دۆلەت بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلغان.
5. ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللار ۋە موڭغۇل ھاكىميىتىگە قوشقان يۇقارقىدەك تۆھپىلىرى ئەينى دەۋىردە قەدىرلەنگەن ،ھۆرمەتلەنگەن ،ئوردىلاردا يۇقىرى ھۆرمەتكە ئېرىشكەن،شۇنداقلا تاكى ھازىرقى دەۋىرگىچەمەدھىلىنىپ كەلگەن. ئۇنداقتا، موڭغۇل ئىمپېريەسىنىڭ قۇرلىشى ئۇيغۇرلارغا قانداقئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى؟. بۇ نۆۋەتتە بىز ئۇيغۇرلار ئويلۇنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. بۇلۇپمۇ، موڭغۇللار دەۋرىدىكى تارخىمىزنى تەتقىق قىلىشىتا ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر مەسىلە .
سەلبىي تەرەپتىن ئالغاندا :
1. موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى بېسىۋالغان زىمىنلار ئۈچۈن ،ئۇ ئەللەردىكى كۆپلىگەن خەلىقنىڭ ( جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ) ئىقتىساد ،مەدەنىيەت ۋە سىياسى، ئىجتىمائىي ھەمدە ئېتنىك جەھەتلەردىكى تەرەقىياتىنى كۆپ يىللار ئاقسىتىپ قويدى، ھەتتا زاۋاللىققايۈزلەندۈردى .
2. گۈللەپ تۇرغان شەھەرلەر ۋەيران قىلىندى .(مەسىلەن ،قارا خۇجاشەھرى،بېشبالىق،ئېلىبالىق،ئالمالىق.ئۇدۇن، ياركەنىد قاتارلىقلار )
3. ماددى ۋە مەنىۋىي بايلىقلار يۇقىتىلدى، نۇرغۇن مەلىكىلىك ئۇستىلار ۋەھۈنەرۋەنلەر موڭغۇل ئىمپىريىسىنىڭ مەركەزلىرىگە يوتكەپ كېتىلدى.
4. كۆپلىگەن ئادەملەر توپ-توپ ھالەتتە يۇقىتىلىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى .
5. ئىشلەپ چىقىرىش كۈچلىرىنى ۋەيران بۇلۇشقا ئېلىپ كەلدى .يېزا-كەندلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى،ئېتىزلاردا چارۋىلارنىڭ بېقىلىشى، باغ-ۋارانلارنىڭ يۇقۇتۇلىشى، سۇئىنشائىتى سېستىمىلىرىنىڭ بۇزىۋېتىلىشى،ئولتۇراق تېرىمچىلىق ئاھالىسىنىڭ يوقىتىلىشى ۋە كۆچۈرۋېتىلىشى،ئېقتىسادىي ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلدى.
6. ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار چەتكە كۈچۈشكە مەجبۇر بولغان. ئىلىدەريا ۋادىسى، بېشبالىق ، سانجى قۇمۇل،ئۈرۈمچى،قاراشەھەر ، كورلا ،كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر ،ياركەند ،خوتەن قاتارلىق جايلاردىن بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.بۇنىڭ ئىچىدە بىرقىسىملار ھەتتاخۇنەن،خېنەن،يۈننەن قاتارلىق يىراق ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ كەتسە يەنە بىرقىسىم خوتەن ئۇيغۇرلىرى موڭغۇللارنىڭ تالان –تاراج قىلىشىدىن قورقۇپ شەرىققە سۈرۈلۈپ ،كۇرىيەئارقىلىق ئالياسكا بېرىپ ئامرىكا قۇرۇغلىغىغا يىتىپ بارغان.
يەنە بىر بۆلەك ئۇيغۇرلار خوشنا ئەللەر تەۋەسى( ھازىرقى ھىندىستان،ئافغانىستان ۋە ئۇنىڭدىنمۇ نېرى ئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن .قىسقىسى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار چەتكە كۈچۈشكە مەجبۇر بولغان. موڭغۇل ئۇلۇسلىرىنىڭ ئىچكى جاڭجال ۋە ئۇرۇشلىرى ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋيىسىنىڭ ،ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ،ئاھالىلەرنىڭ نۇپۇس سانىنىڭ ئازلاپ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان.
7.ئۇيغۇرلار ئۆزيۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ موڭغۇللار ۋە ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايۇنلارغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىشى،مەلۇم مەنىدە ئۇيغۇر توپىنى پارچىلاش ئاجىزلىتىش،يوقۇتۇش رولىنى ئوينىدى.بىرپۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بۇلۇپ قۇرۇلالمىدى ياكى ئۇيغۇر نامى ئاستىدا ئۇيۇشالمىدى،ھەرقايسى جايلارغا قۇمدەك چېچىلىپ كەتتى.ئەپسۇسكى ،نەلەردىن ئۇيغۇر ئېلى ۋادىسىغاكۆچمەن مىللەتلەر كېلىپ ماكانلاشتى. بۇھالەت ئۇيغۇر زىمىنىنىڭ مىللىي تەركىۋىنى مۇرەككەپلەشتۈرۋەتتى ۋە ئۆزگەرتىۋەتتى .
8. بىر بۆلەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر نامىنى ساقلاپ قالالماي ئاخىرىدا باشقا مىللەتلەرگەقۇشۇلۇپ كېتىش (پارس ،ئەرەپ ، خەنزۇ ،ئابغان،ھىندى ۋە باشقا مىللەتلەرگە) ۋەزيىتى شەكىللەندى؛
9 .باشقىچە نام ئاتاق بىلەن ئاتىلىپ قېلىش كۆرۈلدى。چاغاتاي خانلىقى دەۋرى موڭغۇللارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىش دەۋرى ،ئۇيغۇرلارنىڭتىل- يېزىقى ، ئۆرۈپ ئادىتىنى قۇبۇل قىلىش دەۋرى ، ئاستا –ئاستا ئۇيغۇرلىشىش دەۋرى بولسىمۇ ئەمما «ئۇيغۇر »دىمەي ،«مۇسۇلمان» دەپ ئاتاش ، ئاستا –ئاستا ئۇيغۇرمىللەت نامىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ھەرقايسى يۇرت نامى بۇيىنچە ئاتاشنى بارلىققا كەلتۈردى)مىللەتداشلىقنى ئاساسى ئورۇنغا قويماي، دىنداشلىقنى ئاساسىي ئورۇنغا قۇيۇۋېلىش،مىللەتنى ئېتىراپ قىلماسلىق،مۇسۇلمانلىقنى ئېتىراپ قىلىش) نەتىجىدە ئۇيغۇر ئېلى پارچىلىنىپ، يەتتە سۇ ۋادىسى،پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار كېيىنكى ۋاقىتلاردا (20-ئەسىردە ) ئۆزبېك دېگەن يېڭى ئاتاق،مىللەت نامىدا پەيدا بولدى .قوشنا ئەللەرگە كۆچكىنى ،كانجۇت ،بەگلەر،ھەتتا مۇسۇلمانلاردىگەندەك ناملاردا ئاتىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللەت نامىنى ،ئانا يۇرتىنى ئۇنتۇلدى.
10.باشقا مىللەت توپى بۇلۇپ ئوتتۇرغا چىقىش(ئۇيغۇرلارنىڭ شەرققە كەتكىنى كېيىكى ۋاقىتلاردا خەنزۇ ۋە باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،ئاخىرىدا خۇيزۇ مىللىتى بۇلۇپ شەكىللىنىشى) كۆرۈلدى؛
11. ئۆزى كېلىپ چىققان ئانا يۇرت ۋە يەر نامىنى ھازىرقى قەبىلە –قوۋىمنىڭ ئۆز نامى-ئاتاق قىلىپ ئاتاش ( ئىراندىكى «قاشغەر-قاشقاي قاتارلىقلاردەك) ۋەزيىتىنى شەكىللەندۈردى.
‹‹موڭغۇل ئېمپېريىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئوينىغان رولى›› دىگەن ماقالىدىن قىسقارتىپ ئىلىندى.
|
|