قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3945|ئىنكاس: 28

كەڭ پاختىكارلارغا بىر پارچە خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

3372

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11940
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 842
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-8 18:12:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



كەڭ پاختىكارلارغا بىر پارچە خەت






ھەر قايسى پاختىكار دوسىتلار ياخشىمۇسىلەر!
مەركەزنىڭ 2014-يىل 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن، دۆلەت بۇ يىل رايونىمىزدا پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنىڭ سىناق نۇقتىسى خىزمىتى يولغا قويدى. ھازىر ‹‹شىنجاڭ پاختىسىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنىڭ سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى›› ئىجرا قىلىشقا رەسمى چۈشۈرۈلدى. كۆپچىلىكنىڭ ئىسلاھات سىياسىتىنى توغرا چۈشىنىشىگە ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن، سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يىغىنچاقلاپ، ئوچۇق خەت شەكلىدە كۆپچىلىككە سۇندۇق:
1.دۆلەت بۇ يىل ئېلان قىلغان ھەر توننا پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى 19 مىڭ800 يۈەن، دېيىلگىنى چىگىتلىك پاختا- ساپ پاختىغا سۇندۇرۇپ ھېساپلانغاندىن كېيىكى نىشانلىق باھادىن ئىبارەت. ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئوتتۇرىچە بازار باھاسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرىدۇ. ئەگەر بازاردىكى باھا نىشانلىق باھادىن تۆۋەن بولغاندا دۆلەت تولۇقلىما بېرىدۇ؛ ئەگەر بازاردىكى ئوتتۇرىچە باھا نىشانلىق باھادىن يۇقىرى بولسا تولۇقلىما بەرمەيدۇ.
2. ئەگەر بازاردىكى ئوتتۇرىچە باھا نىشانلىق باھادىن تۆۋەن بولسا دۆلەت نىشانلىق باھا بىلەن بازار باھاسىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارى بويىچە رايونىمىزنىڭ پاختا تولۇقلىما ئومۇمىي سوممىسىنى ھېساپلاپ چىقىپ، تولۇقلىما مەبلەغ ئومۇمي سوممىسىنى ئاپتونوم رايونغا ئاجرىتىپ بېرىدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيەسى تولۇقلىما ئومۇمىي سوممىسى بويىچە كېۋەز تېرىغۇچىلارغا ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تولۇقلىما بېرىدۇ، بۇنىڭدا %60ى كۆلەم بويىچە،%40ى سېتىش مىقدارى بويىچە تولۇقلىما بېرىدۇ. ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يەردە دېيىلگەن باھا پەرقى سىز ئەمەلىي ساتقان چىگىتلىك پاختا بىلەن نىشانلىق باھانىڭ پەرقى ئەمەس بەلكى، رايونىمىز بازارلىرىدىكى ئوتتۇرىچە باھا ساپ پاختىغا سۇندۇرۇپ ھېساپلانغاندىن كېيىنكى نىشانلىق باھانىڭ پەرقىدىن ئىبارەت. شۇڭا سىز تېرىغان پاختىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسا، پاختا چىقىش نىسبىتى يوقىرى بولسا پاختا سېتىش پۇرسىتى ئوبدان تۇتۇلسا سېتىش باھاسى بازارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىدىن يۇقۇرى بولىدۇ، بۇنداقتا سىز ساتقان پاختىغا تولۇقلىما قوشۇلۇپ كىرىم باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
3.كۆپچىلىكتىن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كېۋەز كۆلىمىگە ئىلتىماس قىلىش، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ۋە ئاشكارىلاش خىزمەتلىرىنى ئىشلىشىگە ئوبدان ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىلتىماس قىلىندىغان كۆلەم ئەينەن بولۇشى، ساختا مەلۇم قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر ساختا مەلۇم قىلىنغانلىق تەكشۈرۈپ بايقىلىپ قالسا تولۇقلىما مەبلەغنى تۇتۇپ قېلىش جازاسىغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشكارىلاش مەزگىلىدە كۆلەمنى ساختا مەلۇم قىلغان ئەھۋاللار بايقالسا كۆپچىلىكتىن شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلىشنى ئۈمۈد قىلىمىز.
4.كۆپچىلىك پاختا سېتىشتىن ئىلگىرى چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېزا- بازارلىق يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ۋە كەنت كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ تېرىقچىلىق ئىسپاتىنى ئېلىۋېلىشى لازىم. تېرىقچىلىق ئىسپاتى سىزگە تولۇقلىما بىرىشنىڭ مۇھىم ئىسپاتى، چوقۇم ئۇچۇرلار توغرا بولۇشى ھەمدە ئوبدان ساقلاش كېرەك.
5.بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرىكى سىياسەتلەردىن ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، پاختا باھاسىنى بازارنىڭ دېگىنى ھېساپ. مەيلى بازار باھاسى قانچە تۆۋەن بولسۇن ئەڭ ئاخىرىدا دۆلەت بازارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بىلەن نىشانلىق باھانىڭ پەرقىگە ئاساسەن ‹‹قانچە كەم بولسا شۇنچە تولۇقلاپ بېرىدۇ››، شۇڭا كۆپچىلىك پاختىنى خاتىرجەم ساتسا بولىدۇ.
6.كۆپچىلىك چىگىتلىك پاختا سېتىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى لازىم:
1   .چىگىتلىك پاختىنى ئېتىراپقا ئېرىشكەن پاختا زاۋۇتلىرىغا ساتقاندا ئاندىن بارلىق تولۇقلىمىنى ئالالايدۇ. ئېتىراپنامىغا ئېرىشكەن پاختا زاۋۇتلىرىنىڭ دەرۋازىسىدا سالاھىيەت ئېتىراپنامىسى تاختىسى بار،ئېنىق كۆرۈش كېرەك.
2.پاختىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم پاختا زاۋوتىنىڭ تالونىنى ئېلىۋېلىش كېرەك، تالوندىكى مەزمۇنلارنى ئېنىق تولدۇرۇش كېرەك.
3.پاختا سېتىشتا چوقۇم تېرىقچىلىق ئىسپاتىنى ئېلىۋېلىش،پاختىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن زاۋۇتقا ئۆزىڭىز ھەر قېتىم ساتقان پاختىنىڭ خاتىرسىنى تىزىملىتىڭ، زاۋوتتىن تامغا ئۇردۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ.
4.تېرىغان پاختىڭىزنى بىر قېتىمدا سېتىپ بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن، ھەر قېتىم سېتىپ بولغاندىن كېيىن تالون ئېلىشنى ۋە تېرىقچىلىق ئىسپاتىغا تامغا ئۇردۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ،بۇ سىز تولۇقلىما ئېلىشىڭىزنىڭ ئىسپاتى،ھەرگىزمۇ يۈتتۈرۈپ قويماڭ.
5.ئەگەر سىز پاختا زاۋۇتىدا دەرىجىنى،باھانى چۈشۈردىغان،پاختا نىسبىتىنى تۇتۇپ قالىدىغان، ئاق ھۆججەت يېزىپ بېرىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلسىڭىز،شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتلەرگە ئىنكاس قىلىڭ.
6.يېقىندىكى زاۋۇتلارنىڭ باھاسىنى مۇۋاپىق كۆرمىسىڭىز باشقا زاۋۇتلارغا ھەتتا باشقا ناھىيەلەرگە ئاپىرىپ ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم سالاھىيىتى ئېتىراپ قىلىنغان زاۋوتلارغا ئاپىرىپ سېتىڭ. باشقا جايدا ساتقاندا تېرىقچىلىق ئىسپاتىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ، پاختا زاۋۇتىنىڭ تالونىنى ئېلىپ قايتىپ كېلىپ سىز پاختا تېرىغان جايدا تولۇقلىمىنى ئالىسىز.
7.سىز چىگىتلىك پاختىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن،تېرىغان جايدا ۋاقتىدا تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرۇڭ، ھۆكۈمەت ئىستاتىسكىلاپ بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ رايونىمىزنىڭ پاختا مەھسۇلات مىقتارىنى ھېساپلىشىغا مەلۇم قىلىنىدۇ. ئەنگە ئالدۇرۇش كېچىكىپ قالسا تولۇقلىمىنى ئالالماسلىق مۇمكىن
8.ئۈچ خىل ئەھۋالدا تېرىغان كېۋەز كۆلىمىگە تولۇقلىما بېرەلمەيدۇ:
1.كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ئىلتىماستىن، ئاشكارىلاشتىن،تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن بولسا تولۇقلىما بېرش دائىرسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ؛
2.دۆلەت، ئاپتونوم رايون ئېنىق تېرىلغۇدىن قايتۇرغان يەرگە تېرىغان كېۋەز كۆلىمى تولۇقلىما بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ؛
3.تەستىقتىن ئۆتكۈزمەي ئاچقان بوز يەرگە ياكى بوز يەر ئېچىش مەنئىي قىلىنغان يەرگە تېرىغان كېۋەز كۆلىمى تولۇقلىما بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
10.ئۇزۇن تالالىق پاختا بىلەن رەڭلىك پاختىنىڭ نىشانلىق باھا تولۇقلىما ئۆلچىمى(مەھسۇلات مىقتارى قىسمى) قۇرۇقلۇق پاختىنىڭ نىشانلىق باھا تولۇقلىما ئۆلچىمىنىڭ (مەھسۇلات مىقدارى قىسمى) 1.3 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل كېۋەز تېرىقچىلىق كۆلىمىنى ۋە مەھسۇلات مىقتارىنى ئايرىم ئىستاتىستىكىلاپ،ئايرىم مەلۇم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ قېتىمقى پاختىنىڭ نىشانلىق باھا سىناق نۇقتىسى بىر تۈرلۈك يېڭى ئىسلاھات، بەزەن سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش داۋامىدا بەزەن مەسىلىلەر ۋە قولايسىزلىقلار كۆرۈلۇشى مۇمكىن. ئەگەر پاختا سېتىش ۋە تولۇقلىمىنى ئېلىش جەھەتلەردە قانداق قىيىنچىلىقلار كۆرۈلسە دەرھال شۇ جايدىكى تەرەققىيات- ئىسلاھات، مالىيە، يېزا ئىگىلىك، سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىزگە ياردەم بېرىدۇ.
سىزنىڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسى خىزمىتىنى قوللىغانلىغىڭىز ۋە چۈشەنگەنلىگىڭىزگە رەھمەت.




17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4362
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 12:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇق ئۈزۈمگىمۇ بېرىۋەتسە بۇلاتتى تۇلۇقلىمىنى...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

4140

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1276
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 12:59:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇقلىما بىلەن قۇشۇلۇپ بىر كىلو كىۋەز قانچە پۇل بولدىكەن ؟

0

تېما

2

دوست

4140

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1276
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 13:01:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر كىۋەزنىڭ باھاسى ئۆتكەن يىلقىدىن تۆۋەب بۇلۇپ قالسا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ،

0

تېما

0

دوست

650

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31239
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 14:25:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالغىمۇ تۇلۇقلىما بەگەن بوسا ھازىر ھۆل ئۈزۈمنىڭ كىلوسى 2كوي،قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ كىلوسى 7كويدىن 10 كويغىچە بولىۋاتىدۇ.بۇلتۇرقىدىن 4كوي ئەرزان ،دېھقانلاردا بۇيىل كىرزىس يۈز بېرىدىغان ئوخشايدۇ.ئازغىنە پۇللىرى بىلەن يىلغىمۇ ئولاشماي.

4

تېما

7

دوست

1200

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28935
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 14:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 12:20
قۇرۇق ئۈزۈمگىمۇ بېرىۋەتسە بۇلاتتى تۇلۇقلىمىنى...

تۇرپانلىقكەنسىز ھە؟

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3241
توردىكى ۋاقتى: 834
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 15:52:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىھقانلاردىن كۆپ مىقداردا پاختا سىتىۋالغان تىجارەتچىلەر، دىھقانلاردىن بىۋاستە سىتىۋالغاندىن كىيىن، دۆلەت ئىتراپ قىلىدىغان پاختا زاۋۇتلىرىغا پاختىنى  ساتسا، ئىلىپ-ساتار تىجارەتچىلەر دۆلەتنىڭ پاختا تولوقلىمىسىغا ئىرىشەلەمدۇ؟

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1544
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4362
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-9 16:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 15:52
دىھقانلاردىن كۆپ مىقداردا پاختا سىتىۋالغان تىجارەتچى ...

ئازراق سۈڭگىتىپ ئېرىشىۋېرىدۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )