قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2349|ئىنكاس: 32

قۇربان ھىيتتا يەنە ھاراق ئىچتىڭىزمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

376

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ
«مەي مەدەنىيەتشۇناسلار تەرىپىدىن بىرخىل مەدەنىيەت دەپ تەرىپلىنىدۇ.لىكىن ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يۇمشاق خاراكتىرلىق سارىسقا ئايلىنىپ كەتكەن.»ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزىنى ئوقۇپ يازماقچى بولغان ئۇشبۇ ماقالەمنى يىزىشتىن يالتىيىپمۇ قالدىم.چۈنكى ئاللبۇرۇن كىسەلگە ئايلىنىپ كەتكەن نەرسىنى شۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان كىشلەر بىريەرگە كىلىپ زىچ ئۇيۇشمىسا ساقايتقىلى بولمايدۇ.ئەشۇ كىشللىرىمىز روھىيىتىدىكى ساقسىزلىقىنى بىر يوللا ئەسلىگە كەلتۈرۈش گەرچە پىقىرىنىڭ قولدىن كەلمىسىمۇ ئەمما«تاما-تاما كۆل بولار» دىگەن ئەقىدە بىلەن تۈزىتىش تەرەپتارىدا چىڭ تۇرۇشۇم ھەمدە ماڭا قانداش تالاي كىشلەرنىڭ ئەسلىمىسى بولغان ھېيىت داستىخىنىنىڭ ئەلۋەكلىكى سەبىئيى قەلبىگە شاتلىق ئۈنچىللىرىنى چېچىپ ھارپا ئاخشىمى تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي چىقىدىغان بالىلىق ئەستىلەكلىرىنىڭ قىسمەن كىشلەر تەرىپىدىن كىچىچە كىرپىك قاقماي ئىچىشۋازلىق قىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قىلىشى، ئەمما نۇرغۇن كىشلەر قەلبىدىكى ھېيىت داستىخىنىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى نامايەن قىلىدىغان ساپ ئىنىتىلىش ماقالىنى داۋاملاشتۇرشىمغا مەدەت بەردى.
ناھايەت،يىمەك-ئىچمەك ئىستىمالىمىز تۇرمۇش سۈپىتىمىزدىن ئالاھىدە تىز تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈپ ھېيىت داستىخىنىمىزدىكى مولچىلىقىنى ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ ئۇچىراتقىلى بولىدىغان بولسىمۇ ئەمما نۇرغۇن كىشىللىرىمىز يەنىلا ھېيىت دەستۇرخىنىمزغا ئىنتىلىدۇ.چۈنكى ھېيىت داستىخىنىمىزدا مىھرى-مۇھەببەت بار، ئىززەت- ئىكرام بار،ئىناق–ئىتپاقلىق بار،خەيرى-ئىھسان،كەڭ قۇرساقلىقتەك ئەنىئەنىۋي مەدەنىيتىمىزنىڭ تىندۇرمىللىرى بار.دەل ئاشۇ خاسىيەتلەرنىڭ خاسىيتىدە ھېيىت داستىخىنى ئالاھىدە تەييارلىنىپ ھېيىت-ئايەملىرىمىزدە كۆلبىمىزگە قەدەمى يەتكەن پەرىشتە سۈپەت مىھمانلار ئەڭ ئالي ھۆرمەت–ئىھتىرامدا كۈتىۋىلىنىدۇ.ھېيىت-ئايەملەردە مىھماندارچىلىق رىسالىمىز ماددى ۋە مەنىۋي جەھەتتىن ۋايىغا يەتكەن مەزگىلىگە كىرىدۇ.
ئىككى يىل ئاۋال كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەن بىر ئىش مەخسىتىمنى تىخىمۇ زىيادە قىلسا كىرەك.بۇ يەردە ھېيىت كەلسە بىر قانچە ئايغا سوزلىغان پەتىلەش باشلىنىپ كىتىدۇ.كىچىكلەر ئاۋال چوڭلارنى يوقلايدىغان بولغاچقا ھېيىتىنىڭ ئۈچىنجى كۈنىدىن باشلاپ باشلىقلارنىڭ ئۆيىنى پەتىلەيدىغان ئىش خېلى ئومۇملىشىپ قالغان بولۇپ شۇ قىتىم ئىلگىرىكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەشكە تۇنجى قىتىم بېرىشىم ئىدى. ھىيىتنىڭ ئېسل خاسىيىتى بىلەن ساقلىنىپ كەلگەن ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىز ئۆيگە كىرىپ بەجا كەلتۇرۇلگەندىن كىيىن بىنا ئۆي بولغاچقا يەنە كىلىپ مۇدىرىنىڭ ئۆيى بولغاچقا پەتىچىلەر بىلەن لىق توشقان ئۆيدە ئۆزىمىزگە يارىشا ئورۇنغا كىلىپ ئاران سىغىشىپ ئولتۇرۇدۇق.بۇرۇنراق كەلگەن ئايال ئوقۇتقۇچىلار ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن چاققان قەدەملەر بىلەن تاماقلارنى راسلاۋاتاتتى.بىر قانچە خىل تائام تارتىلغاندىكىيىن ئاياللار قايتىشىقا جاپتۇندى.«ئەرلەرنىڭ قىلىدىغان ئىش بار»لىقىنى ئاڭلاپ جايىمدىن قىمىرلىيالماي قالدىم. گەرچە ئارىمىزدا قوشنا جەمىئيەت تائىپىدىكى مىھمانلار بولمىسىمۇ مۇدىر بىز ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان ھاراقلارنى داستىخانغا تىزدى.تىخى بايىلا پاقلان گۆشى شورپىسى ۋە كاۋاپلارنىڭ مەزىلىك پۇرىقى بىر ئالغان ئۆينى ئۆتكۈر قاڭسىق پۇراق قاپلىدى. ئىچىشۋازلىق بىر باشلىنىۋىدى،قىسقىچە ھال-ئەھۋال سوراش بىلەن تاملىنىدىغان پەتىنىڭ ۋاقتى يىرىم كىچىگىچە سوزۇلدى.بۇنىڭغا ھەممىنىڭ قولدىن تەڭ ئىچىش پىرىنسىپى بىلەن تولا نۆۋەت ئالمىشۋاتقان ساقىيلار سەۋەپچى ئىدى.«مۇدىر تەڭلىسە ئىچىسىز،بىز تەڭلىسەك ئىچمەمسىز»دىگەن گىپىدىن ئۆزلىرىنى مۇدىر بىلەن تەڭ كۆردىمۇ ياكى مۇدىرنى باشقىلار بىلەن تەڭ كۆردىمۇ بىلىگىلى بولمايدىغان يىڭى ساقىيلار پەدىشەپىنى قايرىپ قويۇپ مەندەك تۇنجى قىتىم بۇنداق سورۇنغا كەلگۈچىنى ئاياپ قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۆز سىپىگە قوشىۋىلىش كويىدا ئەرلىككە بىرىپ تاقىشىدىغان زانانە گەپلەر بىلەن ھاراق زورلاپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭدىيىنكى ھېيىتلاردا يۇرتقا قايتىش باھانىسى بىلەن مۇدىرلارنىڭ ئۆيىنى«پەتە»لىمىگەن بولساممۇ ھەممىگە خەيرىلىك پەتىنىڭ ئۇلارغا خەيرىسىز داۋاملاشقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇم.دەل شۇ چاغلاردا ھېيىت،توي-تۆكۈن تۈگۈل ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ چوڭلارنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچىش ئۇياقتا تۇرسۇن ھاراقىنىڭ گىپىنى ئاغزىغا ئىلىشقا پېتىنالمايدىغان شەرم- ھايالىق، ساپ ئەقىدىلىك يۇرتداش قۇرداشلىرىم ئىسىمگە كىلىدۇ.«ئۇيەردە نىمىشقا ئۇنداق؟بۇ يەردە نىمىشقا بۇنداق؟»دىگەن سۇئاللارنىڭ جاۋابى مىنى تەگسىز خياللار قايىنىمىغا چۆكۈرۈپ كاللامنى گادىرماچ ئىدىيلەر بىلەن تولدۇرىۋىتىدۇ.ھېيىت-ئايەملەردە داستىخانغا ھاراق تىزىدىغان ئىشىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ.ئەمما ئۆز ئەقىدە- ئىخلاسىنى مىنىتمۇ ئۇنۇتماي ھالال بىلەن ھارامىنى ئايرىپ كۆنگەن مىللىتىمىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت رىسالىسىدە يىلدا بىر كىلىدىغان ئۆرۈپ-ئادەت خاراكتىرلىق ئۇلۇغ ئايەملىرىمىزنى ھاراق-شاراپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان زەيىبانە ئىشىنىڭ يوقلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان.بەلكىم سەت تۇرارمۇ دەپ قۇيۇپ يەنە بىلگىنىنى قىلىۋىرىدىغان قۇلاق كەستى ناكەسلەرگىمۇ ئايان بولسا كىرەك.
ئارىدىن خىزمىتىم شەھەردىن يىزىغا،يىزىدىن ناھىيەگە ئالمىشىش جەريانىدا ماڭا باش بولغان مۇدىرلاردىن ئۆز ئەقىدىسىدىن،ھالال بىلەن ھارامىنى ئايرىش ئىقدىدارىدىن قالمىغانلىرىنى ئۇچىرىتالمىدىم.ئەمما ئىككى مۈرەمنىڭ ئۈستىدىكىنى تىنىمىسىز ئىكەكلەۋەتقان ھىلىقى ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئاخىرى پىقىرىنى كىچككىنە ھۇقۇق تەمەسىدە پالاقشىپ يۈرگەن،تىخىچە ئۆزىنى ئۆزىنىڭ نادانلىق ئىسكەنجىسىدىن تۇلۇق قۇتۇلدۇرالماي كىلىۋاتقان كىشلەرنىڭ مىللىتىمىز ئۆرۈپ-ئادىتىگە يات قىلىقلارنى بۇسۇغىمىزغىچە سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىدى.ئىتىراپ قىلماي دىسەممۇ دەر ھەقىقەت شۇ بولغاچقا لىۋىمىنى چىشلىمەي ئامالىم بولمىدى.ئەمما زەردە بىلەن شۇنداق مۇئەييەنلەشتۇرۇش لازىمكى ھۇقۇق سودىسى پەلەككە چىققان،قىسمەن ناتوغرا ئەقىدىلىك كىشلەر ھۇقۇقىنى ماددى مەنپىئەت ئۈندۈرۈشىنىڭ يۇلى دەپ تۇنىۋىلىۋاتقان ئۇشبۇ مۇھىتىمىزدا قىسمەن باشلامچىللىرىمىزدىكى بەد قىلىقلىق تەبىئيلا ئۇلارنىڭ چۇقۇنقۇچىللىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىدۇ.بۇ ئادەت جەمىئيەتلىشىپ قالسا ئاقىۋىتى مولچەرلۈگۈسىز خەتەرلىك.ئىنىقكى ھىلىقى مۇدىرغا ئوخشاش ئۇلۇغ داستىخانلىرىمىزغا ھاراقنى باشلاپ كىرىگەن تىپىك«باشلامچىلار»نى ئەدەپكە قايتۇرۇش تەخىرسىز بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.
ھېيىت-ئايەم،مۇراسىم داستىخانلىرىمىزنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر داستىخانلىرىنىڭ ئۆمچىل خاسىيىتى،ئەلۋەكلىكى بىر قانچە يىلدىن بىرى ھەرخىل تاراتقۇلاردا ئۆز ئەينىنى تىپىپ خىلى كۆپ نامايەن قىلىندى.ئەمما ئەشۇ خسلەتكار داستىخانلىرىمىزغا ناپاك قۇلىنى سوزۇپ چىرىتكۈچىلەر ئارقىلىق داستىخىنىمىزنى بۇلغاپ بەركىتىنى قاچۇرىۋاتقان تەسىلىم تۇرانە كىشىلىرىمىزگە بولغان نارازىلىق ۋە نەپىرەت يىتەرلىك ئىزچىل بولماي كەلدى.بىز چوڭلارنىڭ،مويسىپىتلارنىڭ ئالدىدا ھىچبىر ھېيىقمايدىغان بىر تۈركۈم پەسكەش روھتىكى زابۇيلارنى شەرتسىز قۇبۇل قىلىۋەردۇق.ئەمما شۇنى ئاچچىق جاكارلىماق زۆرۈركى، نىمە قىلسام ئۆزۈمىنىڭ ئىشى دەپ ئاممىۋي ئەخلاققا بوي سۇنمايدىغان،كىچە –كۈندۈز تېرىقتەك ئەمەل-مەنسەپ تەمەسىدە تىپىرلايدىغان ۋە بۇ يولدا ھەرخىل رەزگى،چىركىن قىلىقلارنى ئارىمىزغا تۇشۇيدىغان،ئارىمىزدىن،داستىخانلىرىمىزدىن بەرىكەت قوغلايدىغان شەرەپسىزلەر ھامان ئەقىللىق مىلىتىمىز قۇۋۇمىدىن قىسىلماي ،قوغلانماي ،قىرىلماي قالمايدۇ!
ئەنئەنىۋي بايرىمىمىز قۇربان ھېيىتىنىڭ ھارپا كۈنى مەن بالىلىق چاغلرىمدىكى ھارپا ئاخشىمى بولىدىغان ھاياجانلارنى ئەسلىگەچ بالدۇر تاك ئىتىشىنى تىلەپ ئۇيقىغا كەتتىم.چۈشۈمدە بىر توپ يىڭى كىيملەرنى كىيشىۋالغان كىشلەر يولىنىڭ تۇپا-چاڭلىقىغا قارىماي غەزەپ ئىچىدە ئالاقانداقتۇر بىر نەرسىنى تىپىپ قوغلاۋاتتى، بىردەمدە ئۇنى قوغلاۋاتقان كىشلەر ئاۋۇپ شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ نەپىرەت كۆزى شۇ نەرسىگە قادالدى.ئەلىنىڭ نەپىرىتىنى شۇنچە قوزغىغان نەرسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلىشكە قىزىقىپ تۇرغىنىمدا ئالدىمىزغا كىيىملىرى لاي،ئىشتانلىرى تىزىغا چۈشۇپ قالغان بىر قانچە گالدا-گۇلدۇڭ كىشلەر ئۇچىرىۋىدى،كىشلەر تىخىمۇ دەر-غەزەپتە ئۇلارنى دەسلەپ ئۆتۈپ ھىلىقى نەرسىنى قوغلاۋەردى. بىر چاغدا جامائەت بىر ئىگىز تاغ ئۈستىگە چىقىپ قالدۇق.ئارىمىزدىن بىر مۆتىۋەر كىشى سەپ ئالدىغا چىقىپ «ھەي مەلئۇن ! ئەسلى سىنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزدە قىلچىلىكمۇ ئورنىڭ يوق ئىدى،ئەمما قىسمەن ئۆز بېشىمچى، مەنسەپخۇمار،نادان كىشلەرنىڭ بىغەرەزلىكدىن پايدىلىنىپ داستىخىنىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالدىڭ.ئەمما بۈگۈنكىدەك ئايەم كۈنلىرىمىزدە تەقدىرىڭ ئۈسىتىدىمۇ ئازىراق ئويلاپ قوي،سەن بىلەن ئۆزىنى ۋەيران قىلىۋاتقان شۇ ئەخمەقلەر ئاز كۈنگە قالماي سىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ.شۇڭا ئۆزىڭنى بىلىپ ئەدەپكە يان!سەندەك قىچقارمىغان مىھماننىڭ كەتكىنى تۈزۈك.نادانلارنى گوللىغىنىڭ ئەمدى يىتىپ ئاشار»دەل شۇ چاغدا ئەل- جامائەتىنىڭ تاغ چۇقىسىدىن بىر نەرسىنى غەزەپ بىلەن ئەۋرەزگە ئاتقان ۋە ئورتاق رىتىمىدا توۋلىغان تۈۋەندىكى ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم.«ھەي نىجىس ھاراق! ئەمدى ئارىمىزدىن،ئادىتىمىزدىن يۇقال!ئىككىنجى داستىخىنىمىزنى بۇلغىغۇچى ۋە يۇلىغۇچى بولما، بولمىسا ئۆز ئۇۋالىڭ ئۆزىڭگە!»
چۈش كەلگۈسىنىڭ بىشارىتى دەيدىكەن بەزىلەر .يۇقارقى چۈشۈم ئەخلاق خىمىتۇرچى كۈچلۈك مىللىتىمىنىڭ يىقىن كەلگۈسىدىكى ئەمەلى ھەركىتىنىڭ بىشارىتى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!
(ئاپتۇر يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)

56

تېما

4

دوست

9168

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   83.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1513
تۆھپە : 1842
توردىكى ۋاقتى: 2058
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق ئىچكۈچىلەرنى قامچا بىلەن 40 دەررە ئۇرىدىغان ئىسلام قانۇنى بۇ يەردە يوق . شۇڭا كومپارتيە بار ، بىزنى قۇغدايدۇ ، مۇسۇلمانلار بىزنى ھچىنىمە قىلالمايدۇ دەپ خاتىرجەم ئىچىۋىرىڭلار  ................
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

595

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21261
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلام مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى  ساقلاشنى ھەې بىر ئەقىل ئىگىسى ئۆزىگە پولاتتەك ئىنتىزام قىلىشى، ئەۋلادلارنى بۇ ئىنتىزامغا بويسۇنۇشچان قىلىپ تەربىيەلىشى كېرەك.

0

تېما

1

دوست

593

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   18.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24718
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 186
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلىچ تەڭلىگەن دۈشمەندىن ، شاراپ تەڭلىگەن دوست خەتەرلىك…

0

تېما

0

دوست

154

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22095
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wolf-man يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 13:35
ھاراق ئىچكۈچىلەرنى قامچا بىلەن 40 دەررە ئۇرىدىغان ئىسل ...

ئىسلامدا جەننەت بىلەن دوزاق  ئىنىق ئايرىلغان پەيغەمبەر لەر ئىنسانلارنى دوزاقتىن ئاگاھلاندۇرش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئەلچىسى .
سىز دوزاقنى تاللامسىز ياكى جەننەتنى تاللامسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ئىسلامدا مەجبۇرلاش يوق
يامان ئىشلارغا مۇسۇلمانلار ئارلاشتۇرۋالمايلى؟

0

تېما

1

دوست

32

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31544
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇساپىرچىلىقتا    كۆڭۈل  يېرىم   ،  ئازراق  ئىچىپ  قويدۇق ...

0

تېما

1

دوست

867

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   73.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21674
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 260
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان ھېيتتا ھەر كۈنى شورپا ئىچتۇققۇ

56

تېما

4

دوست

9168

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   83.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1513
تۆھپە : 1842
توردىكى ۋاقتى: 2058
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qinar120 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-9 16:33
ئىسلامدا جەننەت بىلەن دوزاق  ئىنىق ئايرىلغان پەيغەمب ...

مۇسۇلمانلارنىڭ يامان ئىشلارغا قارشى تۇرۇش چەكلەش مەجبۇريىتى بار .

دىن چۈشەنچىڭىز بەك تۆۋەن ئىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )