- تىزىملاتقان
- 2012-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1268
- نادىر
- 0
- يازما
- 48
ئۆسۈش
26.8%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شېرزات ياقۇپ ئاكا ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ رېژىسسورلىقىڭز بىلەن روياپقا چىققان كىنولارنى نۇرغۇن كۆرەرمەنلەر قاتارىدا قىزىقىپ كۆرىمەن ، چۈنكى سىز رىژىسسورلۇق قىلغان كىنولاردىكى تۇرمۇشنىڭ چىنلىقى يۇقىرى تەسىرچانلىقى كۈچلۈك ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان ، ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان ، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش ،دۇنيا قاراش يېتىلدۈرىدىغان تەپسىلاتلار گىرەلەشكەن ھالدا ، بىزگە مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىدۇ ، بۇ قېتىم يەنە سىزنىڭ رېژىسسورلىقىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشكە نېسىپ بولغان زامىنىمىزدىكى مېھرىۋان ، ئاقكۆڭۈل، جاپاكەش ھەقىقىي ئانىلىق مېھىرگە تويۇنغان ، چىن ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى بولغان 19بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ھەنىپە ئانىمىزنىڭ بۈيىك سىماسى گەۋدىلەندۈرىلگەن فىلىمىڭزنى كۆرۈپ سىزدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم ، ئەمما قىسمەن تۇرمۇش چىنلىقىغا يات بولغان كۆرىنىشلەرنى ھېس قىلىپ سىزگە ئازراق مەسلەھەت تەرىقىسىدە بېرىشنى لايىق كۆردۈم مۇۋاپىق بولسا قوبۇل قىلىپ ، بۇندىن كېيىنكى رېژىسسورلىقىڭزدا پايدىلىنىپ قويارسىز .
بىرىنچى : ھارۋا ۋە ماشىنىغا بېسىلغان سامان چېنىپ قاپتۇ ، قانداق دەمسىز ؟ فىلىم كۆرىنىشىدە بېسىلغان سامانلار (پاخال)پىرىسلانغان ھالەتتە بېسىلىپ قاپتۇ ئەمىلىيەتتە 60-70-يىللاردا رايونىمىزغا پىرىسلانغان سامان سامان بېسىش تېخنىكىسى تېخى كىرمىگەن ئىدى ، تېخى يېقىنقى مەزگىلگىچە رايونىمىزدا بولۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭدا ، ھارۋا ياكىي باشقا يۈك ماشىنىلىرىغا پىرىسلانغان سامان بېسىلمايتى ،يەرلىك دېھقان چارۋىچىلار ھارۋىغا جازا بېكىتىپ سامان باساتتى ،بۇنداق قىلغاندا ، ساماننىڭ سېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئائىلىگە ساق ئاپىرىۋالغىلى بولاتتى ، ئەمما بۇ كىنودا بۇ مەسىلىگە سەل قاراپسىز .
ئىككىنچى : ھەنىپە ئانا دەريا بويىدا قوينىڭ ئۆپكە زاسۈيلىرىنى يۇغاندا بۈيەندىكى قوي گەندىلىرىنى چىقىرىپ تاشلىمايدۇ پەقەت سىرتىدىنلا سۇغا چىلاپ ئالىدۇ ، ئۆپكىلەرنى توختىماي سۇغا چىلايدۇ بۇ ئىشمۇ زاسۈي تازىلاش قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس .
ئۈچىنچىسى : دىشۇلۇ ھارۋىنىڭ جازىسىغا ئىككى تال چەنزىنى بېكىتىپ قويۇپسىلەر ، مەن كىچىك ۋاقتىمدا دادام دىشىلۇ ھارۋا ھەيدەيتى ، ئەمىلىيەتتە دادام ھەيدىگەن ھارۋا بىلەن بۇ كىنودىكى ھارۋا ئوخشاش بولسىمۇ ، ئەمما ھارۋىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىدا پەرق چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ،سەۋەبى ھارۋىنىڭ جازىسى چەنزە بىلەن قۇراشتۇرۇلماستىن مەخسۇس قېيىن ياغىچى بىلەن پۇختا قىلىپ ياسىلاتتى ، مەخسۇس ۋادەكلەر بىلەن جازىنىڭ ئەتراپى زىننەتلىك تۈسكە كىرگۈزىلەتتى بۇنى ھازىرقى ياشلار تازا بىلىپ كەتمىسىمۇ ئەينى مەزگىلدىكى ھارۋىنى كۆرگەن كىشىلەر باشقىچە ئويلاپ قالىدۇ .
تۆتىنچى : ئوماق خەنزۇ قىزىنىڭ تاز بولۇپ قالغاندىكى بىچارە ھالىتى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچىنى سېرىلدۈرىدۇ ، بىراق شەپكىنىڭ ئۇ قىزنىڭ تازلىقى تۈپەيلىدىن بېشىغا چاپلىشىپ چىقمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى تازا ئەقىلگە سىغمايدۇ ، سەۋەبى شۇ مەزگىلەردە رايونىمىزدا تاز بولۇپ قالىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ ئىدى ، جۈملىدىن مەن ياشايدىغان رايوندىمۇ (يۇرتتا)بىر نەچچە ئوغۇل قىز تاز تەڭتۈشلىرىم بولىدىغان بىز ئۇلارنى قوماق تاز دەپ ئاتايتۇق ، شۇ ۋاقىتتىكى تازلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ تازلىقى بېشىدىكى باش كىيىمگە چاپلىشىۋالمايتى ، باش كىيىمى ئوڭايلا سېرىلىپ چىقاتتى ،ئەگەر بۇ قىز ھەقىقەتەن شۇنداق تازلار تىپىگە كىرسە ، ئۇنىڭ شەپكىسىمۇ بېشىدىن ئوڭايلا ئاجرايدۇ ، ئەگەر بېشىدىكى كىيىم قەتئىي ئاجرىمىسا ، ئۇ چاغدا باشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەزا خەۋىپكە ئۇچرايدۇ دەپ قارايمەن بۇ مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم ، بىراق بۇ ئىشلار كىنونىڭ ئومۇمىي سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ دەپ قارايمەن ، ئەمما چىنلىقنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشتە بۇنداق ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلمىساق يەنە بولمايدۇ . شۇڭا بۇ مەسلەھەت تەرىقىسىدىكى پىكرىمنى يازدىم ، سىزنىڭ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپتۇ دەپ قالماسلىقىڭىزنى ئۆتىنىمەن .
2014-يىلى 16-ئۆكتەبىر |
|