نامرات ئادەمنىڭ تەپەككۇرىمۇ بەلكىم نامراتراق بولىشى مومكىن ،بۇ ھېچقانداق ئەجەپلەنگۈدەك ئىش ئەمەس،ئەلۋەتتە. لىكىن مەن نۇرغۇن خوجايىنلارنى كۆرگەن،ئۇلارمۇتەپەككۇرغا ئىنتايىن نامرات.بۇنداق تەپەككۇر نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ؟شۇنى كۆرۈپ يىتەلەيمىزكى، بۇ خوجايىنلار ھەرگىزمۇ باي ئەمەس.چۈنكى ئۇلار ھەقىقى باي بولمىغاچقا تەپەككۇرغىمۇ باي ئەمەس. ئۇنداق بولسا قانداق تەپەككۇر خوجايىنلارنىڭ نامراتلىق تەپەككۇرى ھىساپلىنىدۇ؟بۇخىل تەپەككۇرنىڭ بىرىنجىسى:سەن ماڭا قانچىلىك ئىش قىلىپ بەرگەن بولساڭ مەن ساڭا شۇنچىلىك ھەق بىرىمەن. سەن ماڭا قانچىلىك ئىش قىلىپ بەرگەن بولساڭ مەن ساڭا شۇنچىلىك ھەق بىرىمەن.بۇ بىر خىل ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تەپەككۇر بولۇپ،باي ئادەملەر نىمىشقا شۇنچە باي؟چۈنكى ئۇلار نىمىگە مەبلەغ سېلىشنى بىلىدۇ،مەبلەغ سېلىشتا يىراقنى كۆرەلەيدۇ،مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالايدۇ ھەم مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.بۇ دەل ئاۋال بەدەل تۆلەش كىرەكمۇ ياكى ئاۋال نەپكەئېرىشىش كىرەكمۇ؟ئاۋال مەبلەغ سېلىش كىرەكمۇ ياكى ئاۋال پايدا كۆزلەشمۇ مەسلىدىن ئىبارەت خالاس.لىكىن كۆپ ساندىكى خوجايىنلاردا شۇنداق بىرخىل لوگىكىلىك تەپەككۇرباركى،خىزمەتچى ئاۋال ئەمگەك بەدىلى تۆلىشى كىرەك ئاندىن ئۇنىڭغا ئىش ھەققى بىرىمەن دەيدۇ.لىكىن ئۇلاردا ھەرگىزمۇ ئاۋال خىزمەتچىگە مەبلەغ سېلىپ ئاندىن پايداتېپىش تەپەككۇرى يوق.پەقەت چوڭ تىپتىكى كارخانىلارلا ئاۋال خىزمەتچىگە تەربىيلەش ئېلىپ بارىدۇ،خىزمەتچىنىڭ مەشغۇلات ئۇسۇلىنى پۇختا ئىگىلىۋىلىشىنى ئۈمىدقىلىدۇ،خىزمەتچى مەشغۇلات ھالقلىرىنى پۇختا ئىگىلىيەلىگەندىلا ،خىزمەتتە خاتالىق كۆرۈلمەيدۇ ھەم خىزمەت ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.كارخانا ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدۇ.مانا بۇ مەبلەغ سېلىش تەپەككۇرى. دۆلىتىمىز شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىگەئەگىشىپ،ئەگەر بىر خوجايىن ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلاپ،باشقىلاردىن قەرز ئالغان پۇلنىمۇ يەر-زىمىن مۈلۈكچىلكىدە ئايلاندۇرىدىكەن ئۇنداقتا بۇ ئادەم چوقۇم بىر كۈنى باي بولالايدۇ.مۇھىمى،كىيىنىكى شەھەرلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە قانداق پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيدىغان شۇنداق بىريىراقنى كۆرەر كۆز بولىشى كىرەك.يەنە شۇنداق خوجايىنلارمۇ باركى،ئۇلار ئاز ھەق بىرىپ نۇرغۇن ئادەم ئىشلىتىشكە رازىكى ھەرگىزمۇ ئىش ھەققى كۆپ بولسىمۇ ھەقىقى ئىقتىدارلىق ئادەمنى ئىشلىتىشكە رازى ئەمەس.مانا بۇ دەل بىز دەۋاتقان خوجايىننىڭ نامراتلىق تەپەككۇرى. خوجايىننىڭ ئىككىنچى نامراتلىق تەپەككۇرى:قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئېرىشكىنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلەن ھىساپلىشىدىغان خوجايىن. بىر خوجايىن يىلنىڭ بېشىدا سېتىش بۆلۈمىگەيىللىق سېتىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپتۇ.ھەم ئەگەر يىلنىڭ ئاخىرىدا يىللىق سېتىش ۋەزىپىسىنى 10پىرسەنت ئاشۇرالىسا ،شىركەت ھەربىر سېتىش خادىمىغا 50مىڭ يۈەن،سېتىش بۆلۈم دىرىكتورىغا 100مىڭ يۈەن،سېتىش بۆلۈم مۇئاۋىن دىرىكتورىغا 300مىڭ يۈەن مۇكاپات بىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.مۇشۇنداق مۇكاپات ئىلھامى بىلەن پۈتۈن سېتش بۆلۈمى پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ ،ييلنىڭ ئوتتۇرىغاكەلگەندە سېتىش ۋەزىپىسىنىڭ 70پىرسەنتىنى ئورۇنلاپ بوپتۇ.خوجايىن ھىساپلاپ كۆرسە،ئەگەر مۇشۇ سۈرئەت بىلەن سېتىلىدىغان بولسا سېتىش بۆلۈمىدىكىلەر ئىنتايىن زور سوممىدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكىدەك.شۇنىڭ بىلەن خوجايىن ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈم مەسئۇلىنى چاقىرتىپ،سېتىش بۆلۈمنى باھالاش لايىھەسىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىشنى بۇيرۇپتۇ.ھەم شىركەت يېڭىدىن تۈزۈم چىقىرىپ،سېتىلغان مەھسۇلات سانىنى باھالاش ئۆلچىمى قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.ئەلۋەتتە ئۆزگەرتىلگەن باھالاش لايىھەسى خوجايىن ئۈچۈن پايدىلىق.سېتىش بۆلۈمىدىكىلەر خوجايىننىڭ ئۆزگەرتكەنكەن باھالاش لايىھەسنى كۆرگەندىن كىيىن خۇددى يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەكلا سولىشىپ كىتپتۇ.بۇنداق گىپىدە تۇرمايدىغان خوجايىندىكى مەسلە نەدە؟چۈنكى ئۇنىڭدا قول ئاستىدىكەرنىڭ قانچىلىك ئېرىشكەنلىكىنى ھىساپلايدىغان نامراتلارچە تەپەككۇر بار.سودىدا ئۇتۇق قازانغان بىر خوجايىن ماڭا مۇنداق دىگەنىدى،ئۇنىڭ سودىدا ئۇتۇق قازىنىشتىكى سىرى شۇكى،ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئېرىشكىنىگە كۆز قىزارتمايدىكەن.پەقەت مەنمۇ ئۆزرىسىقىمنى تېپىۋاتىمەنغۇ دەپ ئويلايدىكەن. ئەقىللىق خوجايىنلار دائىم ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئېرىشكەنلىكىنى ھىساپلايدۇ،ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئېرىشكىنىنى ھىساپلاپ ئۆزىنىڭ كىبىلەن سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ.ئەگەر سەن دائىم باشقىلارنىڭكى بىلەن ئۆزۈڭنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرىدىغان بولساڭ،ئۇنداقتا سەندە چوقۇم باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش تەپەككۇرى بولمايدۇ.ھەمكارلىشىش تەپەككۇرى ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ،بولۇپمۇ ھازىرقى زامانغا لايىق خوجايىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى.ھەمكارلىق بولمايدىكەن تالانتلىقلارمۇ بولمايدۇ،كاپىتالمۇبولمايدۇ،بايلىق مەنبەسىمۇ بولمايدۇ ھەم ھېچقانداق بىر ئىشمۇ ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. خوجايىننىڭ ئۈچىنچى نامراتلىق تەپەككۇرى:قول ئاستىدىكىلەردىن ئىش تالىشىشنۇرغۇن خوجايىنلار مەندىن سورايدۇ،نىمىشقاتالانتلىقلارنى تاپالمايمەن؟مەن قايتۇرۇپ سورايمەن،خوجايىن ،ئەگەر سىزگەتالانتلىقلارنى تېپىپ بەرسەم ئۇلارنى يېنىڭىزدا ئېلىپ قالالامسىز؟نىمىشقاتالانتلىقلارنى يېنىڭزدا ئېلىپ قالالمايسىز؟ئەلۋەتتە نۇرغۇن سەۋەپ بار،لىكىن بىرنۇقتىنى خوجايىنلار ئىنتايىن ئاز ئويلىشىدۇ.ئۇ بولسىمۇ خوجايىن قول ئاستىدىكىلەردىن ئىش تالىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قول ئاستىدىكىلەردىن ئىش تالىشىپ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان خوجايىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۇلاردا ھەممە ئىشقا چېپىلىۋالىدىغان ئادەت بار.ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ سورىقىنى چوقۇم ئۆزى قىلىشى كىرەك.ھوقۇقنى تۆۋەنگەبىرىشىنى خالىمايدىغان،باشقىلارنىڭ شىركىتىنى يەۋىتىشتىن قورقۇش پىسىخىكىسى بار.ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بولغان پوزىتىسىيىسى،كەسىپكە بولغان ئىشتىياقى ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە تىگىشلىك.ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بېرىلىشىمۇ ئۈگىنىشىمىزگەئەرزىيدۇ.لىكىن ياخشى ئەمەس بىر تەرىپى،بۇنداق كىتىۋەرسە خوجايىن ئۆزىنى بەكمۇھارغۇزۇپ قويىدۇ.شىركەتتتە تالانتلقلارنى ئېلىپ قېلىش تەس ھەن شىركەتنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغىمۇ بىر نەرسە دىيىش تەسكە توختايدۇ. بىر كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى شىركىتىنىڭ خوجايىنى دائىم ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى يارىماس دەپ ئاغرىنىدىكەن.ھەم قول ئاستىدىكىلەرنى ئۆزىچىلىك قابىلىيىتى يوق دەپ ئاغرىنىدىكەن.سەۋەپ زادى نەدە؟ئەمىلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنى سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنچە كۆپسېتىش ماھارەتلىرى كەتمەيدۇ.بىرى،مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى يەنەبىرى مەھسۇلاتنىڭ باھاسى،يەنە بىرى سەن خېرىدارغا قانچىلىك ھىساۋات قەرەلى بىرەلەيسەن.سۈپەت ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا،ھىساۋات قەرەلى بىلەن باھا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.لىكىن بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ھەممىسىنى خوجايىن ئۆزى بىر قوللۇق كونتىرول قىلىۋالسا،باھانى تەڭشەش ياكى قەرەلنى ئۇزارتىش باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ قولىدىن كەلمىسە.يىغىن ۋاقتىدا باش دىرىكتور سېتىش بۆلۈم خىزمەتچىلىرىنى تەنقىدلەپتۇ.ئۇلارنى يارىماس،ئۆزى مانا بىر ئوتتۇرغا چىقىپلاسېتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،سېتىش بۆلۈم خىزمەتچىلىرى باش دىرىكتورغاقارشى چىقىشقا پېتىنالمايدۇ ئەلۋەتتە.مانا مۇشۇنداق كىتىۋەرسە،سېتىش بۆلۈم خىزمەتچىلىرى بۇنداق شىركەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى ئىشقا سالالمايدىغانلىقىغا كۆزىيىتىدي دە شىركەتتىن ئايرىلىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنداق خوجايىن تالانتلىقلارنى ئېلىپ قالالمايدۇ. ئەگەر خوجايىندا يۇقىرقىدەك نامراتلارچەتەپەككۇر بولىدىكەن،ئۇنداقتا بۇنداق خوجايىن تېخى مەبلەغ سېلىش تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بولىدۇ.پەقەت كۈتۈلمىگەن بىر پۇرسەتتە خوجايىن بولۇپ قالغان پەقەت.بۇنداق خوجايىن شىركەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تەسىر كۆرسىتەلىشى، تالانتلىقلارنى ئەتراپىغا يىغىپ شىركەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالىشى ھەم ھازىرقى زاماننىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەڭ قەدەمدە كۆزگەكۆرۈنىشى ھەقىقەتەن تەس.شۇڭا،شىركەتنىڭ تەقدىرىنى خوجايىن بەلگىلەيدۇ دىگەندىن كۆرە خوجايىنىىڭ تەپەككۇرى شىركەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ دىگەن تۈزۈك. چېن ئەنجى نۇتۇقلىرىدن پارچە
ئۆزۈم تەرجىمە قىلغان
|