قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1093|ئىنكاس: 1

ئەھمىيەتلىك پائالىيەت، قىممەتلىك ھاسىلات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31760
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 17:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت، قىممەتلىك ھاسىلات
مۇھەممەت سىيىتنىياز، پەزىلەت ئىسرايىل

   
     2014 -يىلى 11- ئۆكتەبىر ئالتۇنرەڭ كۈزنىڭ جۇلاسىغا چۆمگەن قەدىمىي يۇرت _ ئوت ماكانى تۇرپاندا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر يىغىلىش بولدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «تارىم ژورنىلى» تەھرىراتى، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان  «جۇڭگو مىلودىيەسى_ شىنجاڭ سەپىرى مۇشائىرەپائالىيىتى ۋە تۆھپىكار ئەدىب مۇھەممەت شاھنىياز ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى »ئېچىلدى. بۇ ۋىلايىتىمىز ئەدىبلىرى، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ بولغان بىر قېتىملىق ئەنجۈمەن بولدى. بۇ ئەنجۈمەنگە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پىرپفېسسور ئازاد سۇلتانئەپەندى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ سابىق رەئىسى ، ئاتاغلىق شائىر ئىمىن ئەھمىدى ئەپەندى، «تارىم» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال ئەپەندى،زامانىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات ئوبزورچىسى يالقۇن روزى ئەپەندى ۋە بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ھۆرمەت ساھىبى_ پىشقەدەم يازغۇچى ، تەتقىقاتچى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى مۇتەخەسسىس مۇھەممەت شاھنىياز ئەپەندى ھەم ئۇنىڭ ئائىلەتاۋابىئاتلىرى،  قېرىنداش ۋىلايەت،شەھەرلەردىن كەلگەن يازغۇچىلار، ژورنالىستلار، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
    يىغىىلشقا «تارىم» ژورنىلى تەھرىراتىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر ياسىن زىلال ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. تۇرپان شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنقىلابى قۇربان لۇتپۇللامۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو » ناملىق شېئىرىنى دىكلااماتسىيە قىلغاندا . ئارقىدىن پىروفېسسورئازاد سۇلتان، شائىر ئىمىن ئەھمىدى قاتارلىق ئەدىبلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئەدەبىياتىمىزدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەر،   ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىىڭ  ھازىرقى ئەھۋالى، ئەدەبىياتىمىزدىكى تىلمەسىلىسى، يېڭى يۈزلىنىشلەر، كۈتىلىدىغان ئۈمىدلەر ھەقققىدە سىستېمىلىق توختىلىپ ئۆتتى.  مەھمۇد زەيدى،رېھىم نىياز، تۇرغۇن جالالىدىن، مۇھەممەتجان مەھمۇد قاتارلىق شائىرلار ئېسىل شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ، ئەنجۈمەنگە ئۆزگىچە رەڭ بەردى.
    ئارقىدىن ئىدىقۇت ۋادىسىدىكى مەشھۇر يازغۇچى،تەشكىلاتچى، ژورنالىست مۇھەممەت شاھنىيازنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسى، بۇ مۇھتەرەم ئەدىبنىڭ تۇرپان دىيارىنىڭ ئەدەبىي ژورنىلى بولغان «تۇرپان» ژورنىلىنى بارلىققاكەلتۈرۈش يولىدىكى ئوينىغان رولى، ئەدەبىي ھەۋەسكارلىرنى بايقاش، يېتەكلەش ۋە بۇدىياردىكى ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلام قىلىپ نەشر قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى  جاپالىق ئىزدىنىشلىرى بايان قىلىندى. بارىجان زەپەر، ۋەلى كېرىم كۆئالىپ، شائىرنىڭ قەدىناس بۇرادىرى،پىكىردىشى، پىشقەدەم شائىر روزى نىياز قاتارلىقلار بۇ تۆھپىكار ئەدىبكەبېغىشلانغان شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ ئۆتتى. 71 يىللىق ھاياتىنىڭ 51 يىلىىن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە، ئىلغار دېموكراتىك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى،ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە سەرپ قىلغان، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم_ئابدۇخالىق ئۇيغۇر»، «كەلگۈسىنىڭ شائىرى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى، ھارماس  قەلەم ساھىبى مۇھەممەت شاھنىياز ئەپەندىنى قۇتلۇقلاش، كۆڭۈل ئىزھار قىلىش پائالىيىتى بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى نامىدىن ، رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردىن كەلگەن ئەدىب، مۇھەررىر، ژورنالىستلار، ئەدىبنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، توقسۇن ناھىيەسى، پىچان ناھىيەسىنىڭ، ۋە بۇ جايلردىكى شائىرنىڭ پىكىرداش، يارۇ-بۇرادەرلىرىنىڭ شائىرغا ئاتىغان قۇچاق- قۇچاق گۈلدەستىلىرى، ياپقان تونلىرى،كىيگۈزىلىۋاتقان دوپپىلار ئەنجۈمەن ئەھلىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى، گۈلدۈراس ئالقىش، چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان ھاياجانلىق چاۋاكلار ئۇزاققىچەتوختىمىدى...خەلق  ئۈچۈن يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلغان ئەدىبكە خەلق ئەنە ھۆرمەت، مۇھەببەت بىلەن ئوغلانىنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى... سەمىمىيەت بىلەن ، جان پىدالىق بىلەن خەلققە ئاتا تەملىك مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلغان  ئوغلىنى خەلقىمىز ئەنە شۇنداق ئالقىشلىدى ! ئەدىبنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى ساۋاقدىشى _  پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرىدىن  كەلگەن دېھقان بۇرادىرى ئەدىبكە تون كىيگۈزگەندە زالدا ھاياجانلىق ئالقىش ئۇزاققىچەبېسىلمىدى، ئۇلار چىڭ قۇچاغلشقاندا كۆزلەر ئىختىيارسىز نەملەشتى...
  ئەلنىڭ چىن ھۆرمىتىگە نائىل بولغان، ئەلنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىدىن قەلبى دەريادەك ئۆركەشلىگەن ئەدىبنىڭ كۆزىدىن مىننەتدارلىق ياشلىرى تۆكۈلدى...قەۋىت-قەۋەت ھۆرمەت لىباسلىرىغائورالغان، جۇلالىق گۈلدەستىلەرگە كۆمۈلۈپ قالغان ئەدىبنىڭ ئەل ئۈچۈن سوققان يۈرىكىدىن ئەلگە بولغان مىننەتدارلىق ياشلىرى تامچىلىدى...ھۆرمەت-ئېھتىرامغا،ئالقىش- تىلەكلەرگە كۆمۈلۈپ، چەكسىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا چۆمۈلگەن ئەدىبكەقاراپ، ئەدىبنىڭ 70 ياشتىن ئاشقاندىكى سەمەرىلىك ئىزدىنىشلىرىنىڭ مېۋىسى بولغان «توقسۇن مۇقاملىرى » ناملىق ئەسىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ، پىشىۋا يازغۇچىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ:

«ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،
ھەر باسقان قەدەمدە بىر ئىزىڭ قالار.
خاھ ماختان، خاھ ئۆكۈن، ئۆزۈڭنىڭ ئىشى،
ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا بېرەر. »  


دېگەن رۇبائىيسى  كۆڭلۈمىزدىن كەچتى...
  مۇھتەرەم يازغۇچىمىز،  ئەل ئۈچۈن تۇتقان قەلىمىڭىزيەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي، تېنىڭىز سالامەت، يوللىرىڭىز داغدام بولغاي،تىلەكلىرىڭىز ئەمەلەە ئاشقاي!
  چۈشتىن كېيىن« <تارىم> ژورنىلىنىڭ تۇرپاندىكى ئاپتورلارنى تەربىيەلەش» پائالىيىتى بولدى.نوپۇزلۇق ئەدىبلەر، تەتقىقاتچىلار، ئاتاغلىق شائىرلار كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى قىممەتلىك ئۆرنەكلەر ھەققىدە، ئەدەبىياتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە شۇنداقلائەدەبىياتىمىزدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزىلىرىنى، قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. بۈگۈنكى ۋاقىت تولىمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.يىغىن ئاخىرىدا «تارىم » ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال ئەپەندى «تارىم»ژورنىلىنىڭ تۇرپاندىكى ئەدىب، قەلەمكەشلەرگە ئاتاپ مەخسۇس بىر سان ئىشلەيدىغانلىقىىن جاكارلىغاندا ئەنجۈمەن ئەھلى قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. ئاندىن«تارىم » ژورنىلىنىڭ سۇنغان تاتلىق «بىر پىيالە چاي»  بىلەن بۈگۈنكى پائالىيەت ئاخىرلاشتى. بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ كۆپچىلىككە بەرگەن ھاسىلاتى ئىنتايىن چوڭ بولدى،نوپۇزلۇق ئەدىبلەرنىڭ ، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ مەنتىقىلىق پىكىرلىرىدىن چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئېرىشتۇق، سۆيۈندۈق، ئۇلارغا چوڭقۇر تەشەككۈرلەربولغاي!

1

تېما

4

دوست

7856

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   57.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2009
توردىكى ۋاقتى: 623
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 20:35:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە خېلى زامانلارغىچە شەرەپنى تىرىكلەرگە قارىغاندا،ئۆلۈكلەرگە كۆپرەك بېرىش داۋاملاشقان ئىدى. ئەزىزلەرنى ھاياتلىقىدا قەدىرلەشنىڭ مەنىسى ئۇلۇغ ،تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇكەن.
تېما ئىگىسىگە رەھمەت.رەسىملىك بولغىنىدا ئىدى،دەپمۇ ئارمان قىلدىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )