ھۆرمەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلىرى ياخشىمۇسىلەر ، كىچىككىمدە ئەقلىمنى بىلسەم يوللار توپا يول بولۇپ قار يامغۇر ياغقاندا ناھايتى قېيىنچىلىق بولاتتى ،پارتىيە ھۆكمەتنىڭ غەمخورلىقىدا تاكى ئىشىك ئالدىمىزغىچە بىتون يول ياسىلىپ ھەممىمىزئىنتايىن خۇشال بولدۇق .دىمىسىمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكىمىتى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ ،خەلقنى بېيىتىپ خەلىقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ يۇرتىمىز تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تىز تەرەققى قىلغان دەۋىرگە قەدەم قويدى .شىنجاڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تىز تەرەققىي قىلغان بازارلار ئاۋات ،خەلق خاتىرجەم ،ئىلىم- پەن مائارىپ ئىشلىرى گۈللەنگەن ياخشى دەۋىرگە قەدەم قويماقتا .
يۇرتىمىزدا باشقاجايلاردىكىدەك ئوموملاشمىغان بولسىمۇ يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بىرىدىغان ئۆي قۇرلىشى يولغا قويۇلۇپ خاتىرجەم بولدۇق .بىز پارتىيە ھۆكىمەتكە تەشەككۈر ئېيتىمىز.پارتىيە ھۆكىمەتنىڭ سىياسىتىنى ھىمايە قىلىمىز .قوغان يىزىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ،قوغان يىزىسىدىن ئۆتكەندىن كىيىن بەشكىرەم يىزىسىغا بارغىلى بولىدۇ .بەشكىرەم يىزىسى مىۋە-چىۋىسى بىلەن داڭلىق بولۇپلا قالماي ئادەملىرىمۇ ئەقىللىق ئىشچان خەلق .شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىمۇ مۇشۇبەشكىرەمدە تۇغۇلغان .قوغان يىزىسىمۇ شەھەرگە يېقىن بولۇپ ئىپارخان سەيلىگاھى جايلاشقان ،لىكىن مۇشۇنداق چوڭ يىزىلارنىڭ يولى ئىنتايىن تار بولۇپ ئەزەلدىن قاتناش قىستاڭچىلىقى بار ئىدى .
قاچانكى قوغان يىزىسىغا كۆمۈرخانا جايلاشتى شۇندىن بىرى قاتناش تېخىمۇ قىستاڭلىشىپ يول يۈرۈش بىر قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى .تاريولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ياپيىشىل ئىتىزلىقلارنى ۋەيران قىلىپ نۇرغۇن كۆمۈر ساتىدىغان تىجارەتچىلەر ماكانلاشتى.يولنىڭ ئىچى ۋە ئىككى تەرىپىنى لىقلا كۆمۈر ئىسى قاپلاپ كەتتى .يوللاردا داۋاملىققارا ئىس ئۆرلەپ ئەسلا پاكىز ماڭغىلى بولمىدى .يول بويلىرىدا يوپۇرماقلىرى قارابولغان ئۆسۈملۈك سوررتلىرى پەيدا بولدى .كىيىم –كىچەك ،يۈز –كۆزلىرىمىز قارا ئىس بولۇپ كەتسە يۇيىۋەتتۇق ،لىكىن تولا كۈمۈر ئىسى يەپ قارىداپ كەتكەن ئۆپكىمىزنى يۇيىۋەتكىلى بولمىدى .ئۆپكىمىزدىن تولا چاتاق چىقىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ يۇرتىمىزدىكى گۈزەللىكلەردىن ھوزۇرلىنىمىز دىگەن ئۈمۈدىمىزگە قارا سايە تاشلىدى .دوختۇرخانىغا تولا بېرىپ ،كىسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇشنى شۇئار ،پۇل تېپىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان دوختۇرخانىلار يانچۇقىمىزنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ ئارامىدا قويمىدى .
بىر كۈنى شەھەرگە كىرسەم بىر دوختۇر لاك سۈرتىۋاپسەن دەيدۇ ،ياق دەپلا ئەينەككە قارىسام كۆينەك قاپقارا ،يۈزۈمگە ئىس سۈركىگەندەك ،ھەم لاك سۈركىۋالغاندەكلا تۇرىدۇ .بىز مۇشۇ يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە كۆمۈرخانىلارتوشۇپ كەتكەندىن بىرى لاك سۈركەپ ،قارا ئىس يەپ ياشاۋاتىمىز ،نەدىمۇ شەھەردىن بەش كىلومىتىر يىراقلقتىكى شەھەر يىزا يولىغا بۇنداق كۆپ كۆمۈرخانىلار جايلىشىدۇ.ھەممىدىن چاتاق بولغىنى بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كىلىشى بولدى ،قەشقەر شەھەرلىك16-ئوتتۇرا مۇشۇ يول بويىدا بولۇپ مەكتەپتە 2500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ.بالىلار ۋېلسىپىت مىنسە كۆمۈ توشۇيدىغان چوڭ ماشىنىلار يول بەرمەيدۇ،پىيادە ماڭسا كۆمۈرخانىلار باققان ئىتلار يولغا چىقىۋىلىپ بالىلارنى قوغلاپ ئارام بەرمەيدۇ ،تار يولغا كىرىۋالغان چوڭ ماشىنىلار دائىم يولنى ئىگەللەپ توختىۋېلىپ قاتناش قىستىڭچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،قاتناش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپى ئىنتايىن چوڭ .
كۈنىگە نەچچە ئون مىڭ ئارتۇق ماشىنا ئادەم ئۆتىدىغان ،ساياھەت ئورنىغا بارىدىغان ،قەشقەر شەھرىگە يىقىن بولغان جايغا كۆمۈرخانا سېلىۋېلىش پەقەتلا ئەقىلگە سىغمايدۇ .شەھەر سىرتىدا شۇنچە كەڭ سايلار بارغۇ ،بىز ئۇزۇندىن بۇيان تولا كۆمۈر يەپ تاقىتىمىز تاق بولدى .يۇرتىمىزدىكى مەينەتچىلىكتىن تولىمۇ يىرگەندۇق غەزەپلەندۇق .بىراق بىز خەلىقپەرۋەر رەھبەرلەرنى ئويلىغىنىمىزدا ئۈمۈد نۇرىنى كۆرگەندەك بولدۇق . ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ خەلىققە كۆڭۈل بۆلۈپ بىزنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كۆمۈرخانىلارنى شەھەر سىرتىغا يۆتكىتىپ خەلىققە پاكىز مۇھىت ئەۋلاتلارغا خاتىرجەم يول ھازىرلاپ بىرىشلىرىنى ئىشەنىچ بىلەن كۈتىمىز .
|