شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازات سۇلتان سۆز قىلماقتا(مۇجىبۇل راخمان ئەركىم فوتوسى)
كەلگۈسىنىڭ چېچەكلىرى (ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «قومۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «دەۋر مىلودىيەسى شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى --- قومۇل مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «‹تارىم› ژۇرنىلى قومۇل ئاپتورلىرىنى تەربىيەلەش پائالىيىتى» 2014 –يىلى 10–ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە قومۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازات سۇلتان، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ياسىن سىدىق قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. پائالىيەتكە «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال رىياسەتچىلىك قىلدى.
«تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال (ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
10-ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قومۇل ۋىلايەتلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە «دەۋر مىلودىيەسى شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى --- قومۇل مۇشائىرە پائالىيىتى» رەسمىي باشلاندى. پائالىيەتكە ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن يازغۇچى، شائىرلار، قومۇلدىكى قەلەمكەشلەر، قومۇل ۋىلايەتلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، 500دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازات سۇلتان، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ياسىن سىدىق قاتارلىق رەھبەرلەر مۇھىم سۆز قىلدى.
قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ياسىن سىدىق(ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
پائالىيەتتە قومۇل شەھەرلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» ناملىق شېئىرىنى، قومۇل ۋىلايەتلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى شائىر، ئالىمىمىز ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شئېرلىرىنى ۋە شائىر تىيىپجان ئېلىيۇفنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق شېئىرىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە دېكلاماتسىيە قىلدى.
ئوقۇتقۇچىلار شئېر دېكىلىماتسىيە قىلماقتا (ئەركىم فوتوسى)
---
ئوقۇغۇچىلار شئېر دېكىلىماتسىيە قىلماقتا (ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
پائالىيەتتە يەنە ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قومۇلدىكى بىر قىسىم شائىرلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. چۈشتىن كېيىن قارادۆۋە بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر مەيدان مۇشائىرە ۋە سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پىروفېسسور ئازات سۇلتان ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى كەلگۈسىدە ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇشقا يېتەكلەش تېمىسىدا سۆز قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى زور ئىلھام بەردى. شېئىرىيەت سەپىرىدىكى ئەدىبلەر قارادۆۋە بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات مەنزىرىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
پىشقەدەم رەھبەر، شائىر نەمەت ناسىر شئېر ئوقۇماقتا(ئەركىم فوتوسى)
تۇپانلىق يازغۇچى مۇھەممەت شاھنىياز (ئەركىم فوتوسى)
پىشقەدەم مائارىپچى، شائىر ئابدۇرېقىپ تۆمۈر جۈبەيرى (ئەركىم فوتوسى)
تۇرپان ژورنىلىدىن ياش شائىر تۇرغۇن جالالىدىن (ئەركىم فوتوسى)
مۇشائىرىلەر كەيپىياتىدىن ھاياجانلارغان شائىر ياسىن زىلالمۇ شئېر دېكىلىماتسىيە قىلماقتا (ئەركىم فوتوسى)
شائىر سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇن (ئەركىم فوتوسى)
پىشقەدەم شائىر ئۆمەر تالىپ(ئەركىم فوتوسى)
شائىر ئەخمەت ناسىر بۇلاق(ئەركىم فوتوسى)
رىياسەتچى، شائىرە ئايگۈل ئابدۇرېقىپ جۈبەيرى (ئەركىم فوتوسى)
شائىر ئابلېز ئۆمەر ھاجى (ئەركىم فوتوسى)
قارادۆۋە بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ (ئەركىم فوتوسى)
قارادۆۋە بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ (ئەركىم فوتوسى)
قارادۆۋەر بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ (ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
10–ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى قومۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدە «‹تارىم› ژۇرنىلى ئاپتورلارنى تەربىيەلەش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى. تەربىيەلەش پائالىيىتىگە 50تىن ئارتۇق قەلەمكەش قاتناشتى. «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئازات سۇلتان، ياسىن زىلال قاتارلىق ئەدىبلىرىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى، ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر، قومۇل ئاپتورلىرىدىن كۈتىدىغان تەلەپلەر، جۈملىدىن، قومۇل ئاپتورلىرىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالماي، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش روھىنى تۇرغۇزۇش، ئىجادىيەتتە ئىزچىل بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكى، مىللىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قېزىش، ئۆز ئەسەرلىرىدە مىللىي مەدەنىيەت روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى. قومۇلدىكى قەلەمكەشلەر ئەدىبلىرىمىزنىڭ لېكسىيەلىرىدىن ناھايىتى زور نەپكە ئېرىشتى.
دەۋىر غۇنچىلىرى -ئۆركەش جاپپار فوتوسى
---
لاپچۇق ئەلنەمىچىلىرى -ئەركىم فوتوسى
مۇقام مەركىزىدە - ئەركىم فوتوسى
شېئىرىيەت سەپىرىدىكى ئەدىبلەر 10-ئاينىڭ 15–كۈنى چۈشتىن كېيىن قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غۇنچەم سەيدۇللا، قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپ ئەھەت ئىبراھىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاراتۈرك ناھىيەسىگە بېرىپ مۇشائىرە پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى.
ئاراتۈرك ناھىيسىدە (ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
ئاراتۈرك ناھىيسى ئىنقىلابى قۇربانلار قەبرىستانلىقى (ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
ئاراتۈرك ناھىيسى ئىنقىلابى قۇربانلار قەبرىستانلىقى (ئۆركەش جاپپار فوتوسى)
ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى مۇشائىرە پائالىيىتى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاراتۈرك ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى قەلەمكەشلەر، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ھەر ساھەدىكى زىيالىلاردىن بولۇپ، 400دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئاراتۈرك ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسكەندەر ياقۇپ قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. پائالىيەتكە «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال رىياسەتچىلىك قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازات سۇلتان سۆز قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھاياتنى قەدىرلەپ، ئەل – يۇرت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيەتىنى گۈللەندۈرۈش، ناچار ئادەت – ئىللەتلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئېسىل ئۆرپ –ئادەت ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ مول مەزمۇنلۇق لېكسىيە سۆزلىدى. ئازات سۇلتاننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان ئامما تەسىرلەنگىنىدىن ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى. ئاخىرىدا شائىرلار ئەل–يۇرت مەدھىيەلەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. پائالىيەت جەريانىدا شېئىرىيەت سەپىرىدىكى قەلەمكەشلەر ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، باي يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى مۇقام مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى. بۇ قېتىمقى «دەۋر مىلودىيەسى --- شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» قومۇل مۇشائىرە پائالىيىتى قومۇلدا ئەھمىيەتلىك باشلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. پائالىيەتنىڭ تەسىرى زال ئىچىدىن ھالقىپ قومۇلنىڭ شەھەر-بازارلىرى، يېزا-قىشلاقلىرى، تاغ-تۇرا، يايلاقلىرىغىچە كېڭەيدى.
ئۆركەش جاپپار فوتوسى
|