«ئىسرائىلىيىنىڭ ئۆمرى يەنە 10-20 يىللا قالدى»
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
1-رەسىم
1-رەسىم: ياسىر قازى بىلەن مىكو پېلىد ئەپەندى ئۆتكۈزگەن سۆھبەت مەيدانىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى.
نۇرغۇن قېرىنداشلار يەھۇدىيلارنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىۋېلىشقا ئىنتىلىدۇ. مەنمۇ ھەم شۇنداق. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ياسىر قازى ئىشلەيدىغان ئالىي مەكتەپ جايلاشقان مېمفىس شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى ئامېرىكىدا ياشايدىغان بىر يەھۇدىي زاتنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم ئىسرائىلىيە، يەھۇدىي ۋە پەلەستىنلىكلەر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ياسىر قازى ئاشۇ يەھۇدىي زات قىلغان سۆزلەرنىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەپ، 2014-يىلى 11-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ فېيىسبۇك ئۇچۇر تاختىسىغا چىقىرىپ قويدى. بۇ زاتنىڭ سۆزلىرىنى بىز ئادەتتە ئانچە كۆپ ئۇچرىتالمايدىغان بولغاچقا، بولۇپمۇ بىز باشقا يەھۇدىيلارنىڭ ئاغزىدىن ئاسانلىقچە ئاڭلىيالمايدىغان بولغاچقا، مەن مەزكۇر ماقالىدا ئوقۇرمەنلەرگە ياسىر قازىنىڭ خۇلاسىسىنىڭ مەزمۇنىنى سۇنىمەن.
ئۇ يەھۇدىي زاتنىڭ ئىسمى مىكو پېلىد (Miko Peled) بولۇپ، ئۇ بىر ئىنتايىن داڭلىق ئىسرائىلىيە ھەربىي گېنېرالىنىڭ ئوغلى، ھەمدە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ نەۋرىسى ئىكەن. ئۇ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ تەرەپدارى بولغان بىر زىئونىستلار ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسىدۇ. ئەمما، بىر قېتىم بىر پەلەستىنلىك ئۆزىنى پارتلىتىپ، مىكو ئەپەندىنىڭ جىيەن قىزىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ پەلەستىندىكى ئىسيانلارنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىدۇ. شۇ جەرياندا ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ئۇنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىغا بولغان كۆز-قارىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشۇ توقۇنۇش ھەققىدە كۆپلىگەن كىتابلارنى يېزىپ، نۇرغۇن قېتىم لېكسىيىمۇ سۆزلەيدۇ. ئىنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلار «The General’s Son» دېگەن سۆزنى گۇگۇل قىلساڭلار، ئۇنىڭ كىتابلىرى ۋە لېكسىيىلىرىنى تاپالايسىلەر.
تۆۋەندىكىسى مىكو ئەپەندىنىڭ بىر مۇسۇلمانلار جامائىتى ئۈچۈن ياسىر قازى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى:
--ئىسرائىلىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم قانۇنسىزلىق، ھەم ئەخلاقسىزلىق. چۈنكى ئۇ زېمىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولمىغان، ياكى بولمىسا ئەنگلىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنمىغان بولۇپ، ئەنگلىيە پەلەستىن زېمىنىنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ يەھۇدىيلارغا بەرگەن. «بۇ بىر مۇستەملىكىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىرقچىلىق تەرغىباتچىسى ئۆزىگە تەۋە بولمىغان بىر پارچە زېمىننى يەنە بىر ئىرقچىلىق تەرغىباتچىسىغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىك.»
--زىئونىزم ئىرق ئاساسىدا باشقىلارنى كەمسىتىدىغان سىستېمىنىڭ ھازىرقى زامان شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ جۇدائىزمنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسىگە زىت كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، زىئونىزمنىڭ ئەڭ دەسلىپىدىكى قۇرغۇچىلىرى دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانمايدىغان، ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە دىنسىز، ۋە پەقەت سىياسىي مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان يەھۇدىيلاردىنلا تەشكىل تاپقان.
--كۆپ سانلىق دىنچى يەھۇدىيلار دەسلىپىدە زىئونىزمغا قارشى تۇرغان. ئەمەلىيەتتە گىتلېرنىڭ تەھدىتىلا پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
--ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، چوڭ قىرغىنچىلىق (Holocaust) تىن ساق قالغان يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە قىزىقمىغان، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيىگە كۆچۈپ كەتمىگەن.
--پەلەستىنلىكلەرگە بېرىلگەن جازالار ھەر قانداق بىر قانۇنىي ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھوقۇقى بار.
--مىكو ئەپەندىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەڭ كۆپ بولسا يەنە ئاران 10-20 يىللا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. زىئونىزمنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشچانلىقى ۋە ۋەھشىيلىكىنى چۈشەنگەن كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىپ مېڭىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر زىئونىزمنى قوللاشتىن ئۆزىنى تارتىشقا باشلايدۇ.
--2005-يىلى پەلەستىنلىكلەر «ئىسرائىلىيىنى بايقۇت قىلىش، مەبلەغلەرنى قايتۇرۇۋېلىش، ۋە ئىسرائىلىيىنى جازالاش ھەرىكىتى» نى باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئىنگلىزچە «BDS movement» (Boycotts, Divestments, and Sanctions) دەپ ئاتىلىدۇ. مىكو ئەپەندى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ بىر ھىمايىچىسى.
--مىكو ئەپەندى پەلەستىن توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنىڭ «بىر دۆلەت ئۇسۇلى» غا ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئاشۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ھەممە خەلقلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمدە زىئونىزمنى ئۇ زېمىندىن پۈتۈنلەي تازىلىۋېتىشنى ياقلايدۇ.
--مىكو ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيىگە قاراتقان قارىغۇلارچە ياردىمىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدىكى سىياسىيونلارنى ئاشۇنداق ياردەمنى توسۇش ئىشىغا ئاتلاندۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئادالەتپەرۋەر سىياسىيونلارنى قوللاش جەھەتتە ناھايىتى ئاكتىپ بولۇشىنى ئىستەيدۇ.
|