قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2204|ئىنكاس: 13

تۈركيىلەرنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقىدىكى ئورنى ۋە رولى(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

1

دوست

4316

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 14:02:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            تۈركيىلەرنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقىدىكى ئورنى ۋە رولى(1)                                                                                                                
                                             ئاپتورى : شۈي شۈيا                                                                                    
                                     تەرجىمە قىلغۇچى : ئەخمەت مۆمىن تارىمى                                                                              
        



(بۇماقالىدە ئېيتىلغان"تۈركىيلەر" ئەينى دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ماقالە خەنزۇچە "ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىق " ژۇرنىلىنىڭ1995 –يىللىق 4 –سانىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ، " بۇلاق " ژۇرنىلىنىڭ  2007 –يىللىق 5–،6– سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان،ئىزاھاتى قىسقارتىلغان ، ھەجىمى كۆپ بولغانلىقتىن ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ بېرىلدى)                                                                                                                                                                                                                           
     سامانىيلارپادىشاھلىقى( 999 -874-يىللار)  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ ئاخىرقى ئىران تىللىق مۇسۇلمان پادىشاھلىقى.بۇ پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلاملىشىشى ئاساسەن ئورۇنلانغان، تۈركىيلىشىشىمۇ كەڭ قانات يايغان. تۈركىيلەرنىڭ سامانىيلارخانىدانلىقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى پائالىيىتى ئىنتايىن جانلانغان. ئۇنداقتا تۈركىيلەر بۇ پادىشاھلىقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىداقانداق ئورۇن تۇتقان؟ ئۇلار ئوخشىمىغان مەزگىللەردە بۇ پادىشاھلىقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە قانداق رول ئوينىغان؟ بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ تارىخىنى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تۈركىيلىشىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش شۈبھىسىزكى ئىنتايىن مۇھىم ۋە زۆرۈر. ئەمما مۇئەللىپنىڭ كۆزىتىشىچە، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا سامانىيلار خانىدانلىقىدىكى تۈركىيلەر تەتقىقاتىغا دائىر ماقالە -ئەسەرلەر يوق دېيەرلىك. چەت ئەل ئالىملىرى سامانىيلار پادىشاھلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا، كۆپىنچە ئادەتتىكىچەبايان قىلىش بىلەن چەكلەنگەن ياكى شۇ مەزگىلدىكى تۈركىيلەر بىلەن سامانىيلار پادىشاھلىقى تارىخىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلمىغان. دۆلەت ئىچىدىكى سامانىيلارپادىشاھلىقى تارىخى توغرىسىدىكى ئىلمىي ئەمگەكمۇ پەقەتلا مايوڭ ئەپەندىنىڭ "سامانىيلار پادىشاھلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىسى" دېگەن ماقالىسىدىن ئىبارەت. ھالبۇكى، بۇ ماقالىدە مىلادىيە 939 - يىلى "جۇڭگو پادىشاھلىقى بۇخاراغا ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتتى" دېگەن بىر ۋەقەلا تۇتقا قىلىنغان، باشقا ئىشلار تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما، مەزكۇر ماقالىدە 9 - 10 - ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پۈتكۈل تارىخىي ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا تۈركىيلەرنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقىدىكى ئورنى ۋە رولىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەم ئۇنىڭ سەۋەبلىرى، شۇنداقلا تۈركىيلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئىرانلىقلارنى يېڭىش مۇساپىسى قەيت قىلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق 10 - ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىيلىشىشنىڭ كەڭ قانات يېيىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئالاھىدىلىكى ئېچىپ بېرىلىدۇ.
                                                                                        1                                                                                               
     تۈركىيلەرنىڭ بىر مىللەت سۈپىتىدە ئەرەبلەرگە تونۇلۇشى جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئاخىرى ۋە ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىن باشلانغان. ئەينى ۋاقىتتىكى غەزەللەردە "تۈركىيلەر يېرى""ئۇلتىماتۇلە" (Ultima Thule)  دەپ ئاتالغان. ئەرەبلەر مۇقەررەركى پارسلارئارقىلىق تۈركىيلەرنى بىلگەن. 8 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيلەر خەلىپەھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلارغا كىرىشكە باشلىغان، ئەمما ئۇلار توپلىشىپ كۆچۈپ كەلگەن بولماستىن، بەلكى قۇل سۈپىتىدە ياكى ئەسكەر بولۇش زۆرۈرىيىتىدىن كەلگەن.ئۇلار خۇددى گېرمانلار رىم ئېمپىرىيىسىگە سىڭىپ كىرگىنىگە ئوخشاش پەيدىنپەي ئىسلام دۇنياسىغا سىڭىپ كىرگەن. 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئابباسىيلار سۇلالىسى ئوردىسىدا ئاساسلىقى تۈركىي قۇللاردىن تەشكىللەنگەن ئوردا ياساۋۇللىرى بارلىققاكەلگەن. خەلىپە مۇئتەسىم(  833- 842 يىللار) تۈركىيياساۋۇللىرىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان تۇنجى مۇسۇلمان ھۆكۈمراندۇر. ئەرەب ئۇممەييە سۇلالىسى ماۋەرائۇننەھىرگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، تۈركىي قۇللىرى تەدرىجىي ھالدا ئەرەبلەر ۋە پارسلارنىڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ ئائىلىلىرىگە كىرىشكە باشلىغان. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، خۇراسان ۋە شەرقىي قىسىمدىكى ۋالىيلارنىڭ باغدادقا ئەۋەتكەن تارتۇقلىرى ھەم سوۋغاتلىرىنىڭ قاتارىدا دائىم تۈركىي قۇللاردىن تەركىب تاپقان بىربۆلۈك قوشۇن بولغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاھىرىيلار سۇلالىسى (822-873- يىللار) خەلىپە ئوردىسىغا ئەۋەتكەن قۇللارنىڭ سانى2000غا يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيلەر بولۇشى مۇمكىن.
     تۈركىي قۇللار ئاساسەن قۇل سودىسى بىلەن ئۇرۇش ئەسىرلىرىدىن كەلگەن. تەشكىللىك قىلىنغان تۈركىي قۇللارسودىسى سامانىيلار پادىشاھلىقى ماۋەرائۇننەھىر ۋە خوراسانغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە ئەۋجىگە چىقىپ، قۇل سودىسى پادىشاھلىق ھەم سودىگەرلەر كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولغان. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەنپەئەت شۈبھىسىزكى، سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ تۈركىي قۇللار سودىسى قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئىدى. بۇ مەزگىلدەسامانىيلار پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتى قۇللارنىڭ چىقىرىلىشى ۋە كىرگۈزۈلۈشىنى تىزگىنلەپ تۇرغان. ھۆكۈمەت ئوكسوس دەرياسى (ئامۇ دەرياسى) نىڭ ھەر قايسى ئېغىزلىرىدا چازاتەسىس قىلىپ، باغداد قاتارلىق جايلارغا ماڭدۇرۇلىدىغان ھەر بىر تۈركىي قۇل ئۈچۈن 70 دەرھەمدىن 100 دەرھەمگىچە يول بېجى ئالغان ھەم بىر بالا قۇل ئۈچۈن يەنەھۆكۈمەت تارقاتقان ئالاھىدە رۇخسەت خېتى ئېلىشنى بەلگىلىگەن، بۇ ئالاھىدە رۇخسەت خېتىنىڭ قىممىتىمۇ 70 دەرھەمدىن 100 دەرھەمگىچە بولغان. سامانىيلار پادىشاھلىقى ئېلىپ ساتقان قۇللارنىڭ كۆپ قىسمى  ئاۋۋال شاش (ھازىرقى ئۆزبېكىستاندىكى تاشكەنت)، ئىسپىجاپ (ھازىرقى ئۆزبېكىستاندىكى چىمكەنت)قا ئوخشاش مۇسۇلمانلار بىلەن يات دىندىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىغاجايلاشقان شەھەر - بازارلارغا ئاپىرىلغان. بۇ شەھەر - بازارلاردا يىل بويى قىزىيدىغان قۇل بازىرى بولۇپ، قۇل سودىگەرلىرى دائىم بۇبازارلارغا كېلىپ - كېتىپ تۇرغان.ئىسپىجاپ شەھىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن تولغان. غەزنەۋىلەر خانلىقىنىڭ (Ghaznavid) قۇرغۇچىسى سەبۇق تېگىنمۇ (Sebuktegin) دەل تاشكەنتتە سېتلغان قۇل ئىدى. سامانىيلار پادىشاھلىقى خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھر رايونىدىكى ئىلگىرىكى ئىسلام ھاكىمىيەتلىرىنىڭ مۇداپىئە سىياسىتىنى چۆرۈپ تاشلىغان بولۇپ، ئۇلار مەدەنىي رايونلار كۆچمەن خەلقلەرنىڭ تاجاۋۇزىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان سېپىللارغا تايىنىشتىن ۋاز كېچىپ، يايلاقلارغا يۈرۈش قىلىشقا باشلىغان.سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن شىمالغا ۋە شەرققە كېڭەيتىشنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى كۆچمەن تۈركىيلەرنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇش ۋە قۇللارغا ئېرىشىش بولۇپ، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئەمەس ئىدى. 9 - ئەسىردە سامانىيلار پادىشاھلىقى ئاساسلىقى ماۋەرائۇننەھر رايونىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ شىمالى ۋە شەرقى ئاساسەن توخسىلار ۋە قارلۇقلارنىڭ پائالىيەت رايونى ئىدى. چۇ دەريا ۋادىسى، ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبى، نارىن دەرياسىنىڭ شىمالى ھەمپەرغانىنىڭ شەرقىدىكى رايونلار ۋەتوخرىلار تەۋەسىدە ساپلا قارلۇقلار تارقالغانىدى. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئاساسەن كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان يات دىندىكىلەر ئىدى. ئىسلام ئەللىرىدە يات دىندىكىلەرنى بۇلايدىغان ھەم قۇل قىلىدىغان ئادەت بولۇپ، قوراللىق بويسۇندۇرۇش يات دىندىكى تۈركىيلەرنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇش ھەم قۇل قىلىشنىڭ يولى ئىدى. شۇڭا سامانىيلار خانىدانلىقىدىن ئەمىر نوھ بىننى ئەسەد 840- يىلى ئىسپىجاپ شەھىرىنى، ئسمائىل 893 - يىلى تالاس( Talas،  ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى جامبۇل شەھىرى)شەھىرىنى بويسۇندۇرغان، يەنە 943-يىلى تۈركەش قاغاننىڭ ئوغلى سامانىيلار پادىشاھلىقىغا ئەسىر ئېلىنغانىدى. ئىسمائىل(892-907- يىللار) تالاس (قارلۇقلارنىڭ چوڭ قارارگاھى) ئۇرۇشىدا يات دىندىكى 15 مىڭ قارلۇقنى ئەسىر ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما،يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندىكىدەك كەڭ كۆلەملىك بويسۇندۇرۇش 10 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىگە كەلگەندە ئازلاپ قالغان. بۇۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان تۈركىي قۇللارباشقا تۈركىيلەر تەرىپىدىن ماۋەرائۇننەھر رايونىغا ئاپىرىلغان. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قەبىلىلەر ئۇرۇشىدا ئەسىرگە چۈشۈپ قۇل قىلىنغانلار ئىدى. سەبۇق تېكىن دەل ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى بارسغاندىكى( (Barskhan )بىر تۈركىي قەبىلىدىن بولۇپ،  12يېشىدا  تەخمىنەن مىلادىيە955 –يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە باقتىلار(Bakhtiyan) دېگەن تۈركىي قەبىلە تەرىپىدىن ئەسىرئېلىنىپ، تۆت يىلدىن كېيىن شاش شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلىپ، قۇل ئورنىدا سېتىۋېتىلگەن. روشەنكى، قۇل بازىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئىران تىللىق خەلقلەرنىڭ  تۈركىي قۇللارغا بولغان ئېھتىياجى بىرقىسىم تۈركىيلەرنى ئۆز قېرىنداشلىرىنى بۇلاپ قۇل ئورنىدا سېتىۋېتىش ۋەسۋەسىسىگە سالغان.
سامانىيلار پادىشاھلىقى ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە پەرغانە تۈركىستانغا كىرىشتىكى ئېغىز بولغاچقا، كۆپلىگەن تۈركىي قۇللار بۇ جايغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە پەرغانە  قۇل كىرگۈزۈش بىلەن داڭق چىقارغان. يەنە گورتاغلىق رايونى قۇل چىقىرىش بىلەن مەشھۇربولغان بولۇپ، بۇ جايدىن دائىم "كۆپلىگەن گور قۇللىرى خۇراسانغا ئاپىرىلغان". بۇنىڭدىن سىرت يەنە باشقا قۇل چىقىرىدىغان جايلارمۇ بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ھەقتە بىۋاسىتە يازما خاتىرە يوق. سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى جايلاردا تۈركىي قۇللارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىزكۆپەيگەن بولۇپ، بۇ ،قۇل باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەنلىكىدىن بولغان. ئەرەب جۇغراپىيشۇناسى مۇقەددەسى(1000-946- يىللار) نىڭ قەيت قىلىشىچە، ھىجرىيە 375-يىلى(مىلادىيە 985 – يىلى) ماۋەرائۇننەھردە ھەر بىر قۇلنىڭ باھاسى 20 ياكى 30دەرھەم بولغان. ھالبۇكى، تاھىرىيلارپادىشاھلىقى( Tahirid، -822-873  يىللار)مەزگىلىدە بىر تۈركىي قۇلنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 300 دەرھەم ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 10 -ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدەماۋارائۇننەھر رايونىدىكى تۈركىي  قۇللار خېلىلا كۆپ بولغان. خۇراساندا ھەر يىلى 12000 قۇل ئېلىپ - سېتىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قۇللارسودىسىنىڭ تارىخىي  ئەنئەنىسىگە سامانىيلارپادىشاھلىقى ۋارىسلىق قىلغان. 9 -ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، سامانىيلار پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتى تۈركىي قۇللار سودىسىغا بىۋاسىتە قاتناشقانلىقتىن، تۈركىي قۇللار سودىسى ئەۋجىگە چىقىپ، كۆپلىگەن تۈركىيلەر قۇل سۈپىتىدە ئىسلام ئەللىرىگە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خەلىپە ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئەرەب، پارس ۋالىيلارغا ياساۋۇل بولغان. ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ۋالىيلار ۋە قارا نىيەت سەركەردىلەر بۇ چەۋەندازلىققا كامىل، ئەلەمگە ماھىر تۈركىي قۇللارنى ئۆز ئەتراپىغا ياساۋۇللۇققا توپلاپ، خەلىپە بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرغان.دەل مۇشۇنداق سەر خىل قوشۇن بولغانلىقتىن، ئەھمەد بىننى تۇلۇن (Ahmad.b.Tulun) ۋە  مۇھەممەد بىننى تۇغى(Muhammad.b.Tughi) دەك ۋالىيلار مىسىردا خەلىپىنىڭ بىۋاسىتە تىزگىنلىشىدىن ئايرىلىپ چىققان.
     سامانىيلار خانىدانلىقى ئوردىسى تۈركىي قۇللارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، قاتتىق ئۇسۇللاربىلەن ئۇلارنى مەشىقلەندۈرگەن.سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرلىرى ئەسكەرلىككە ياكى كېيىنچە مۈلكىي خىزمەتكە سەپلىنىدىغان تۈركىي قۇللارغا مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ، ئۇلارنى تۈرلۈك مەخسۇس مەشىقلەردىن ئۆتكۈزگەن. سەلجۇقىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ۋەزىرى نىزامۇل مۇلىك(1063-1092- يىللارئەمەل تۇتقان) "سىياسەتنامە" دېگەن ئەسىرىدە قۇللارنىڭ سامانىيلار ئوردىسىدا مەشىقلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي بايان قىلغان. قۇللارنى مەشىقلەندۈرىدىغان بۇنداق مەكتەپلەردە، تۈركىي قۇللار پارس مەدەنىيىتىدىن تەلىم ئېلىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، ئاساسەن ئىسلاملىشىپ كەتكەن. بۇ مەكتەپلەردەئۇلارنىڭ سىياسىي، ھەربىي ساپاسى زور دەرىجىدە ئۆسكەن. يەنە بەزى قۇل سودىگەرلىرى يەنە تۈركىي قۇللارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن،ئۇلارغا چەۋەندازلىق ۋە تۈرلۈك ياراغلارنى ئىشلىتىشنى ئۆگىتىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگۈزگەن، ئاندىن يەنە ئۇلارنى ئەمەلدار ئاقسۆڭەكلەرگە ياساۋۇللۇققا سېتىپ بەرگەن. يات دىن مۇرىتى بولغان سەبۇق تېكىننى شاش شەھىرىدە بىر قۇل سودىگىرى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ سودىگەر ئۇنى نەخشەب(Nakhshab) كە ئاپىرىپ بىر مەزگىل مەشىقلەندۈرگەندىن كېيىن، يەنە بۇخاراغا ئاپىرىپ ئالىپ تېگىن (Alptegin) گەياساۋۇللۇققا سېتىپ بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيلەردىن بولغان ئالىپ تېگىن ئوردىنىڭ خاس ھاجىپى ئىدى. روشەنكى،مەشىقلەندۈرۈلگەن تۈركىي قۇللار ئىنتايىن يۇقىرى باھادا سىتېۋېلىنغان. ئەر تۈركىي قۇللار مەشىقلەندۈرۈلگەندىن كېيىن، "غۇلام"(ghulam) دەپ ئاتالغان. مەشىقلەندۈرۈلمىگەنلەر"بەندەگان" (bandagan) دەپ ئاتالغان. غۇلاملار دائىم ياساۋۇللار، ئەسكەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغان. غۇلاملارنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇلارنىڭ جەڭگاھتا ھايات- ماماتلىق قانلىق جەڭ قىلىپ ياراتقان تۆھپىسىگە باغلىق بولغان."سىياسەتنامە" دە سامانىيلار ئوردىسىدىكى بىر تۈركىي قۇل ياساۋۇلنىڭ ھاياتى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بۇ غۇلام تۇنجى يىلى ئات باقارلىق سالاھىيىتى بىلەن قوشۇنغا ئەگىشىپ يۈرگەن، ئۆز ئالدىغا ئوچۇق - ئاشكارا ئات مىنەلمىگەن. ئەگەر مىنىپ قالساجازالانغان. ئۇچىسىغا ئەسكى جەندە (Zhandani) كىيىپ يۈرگەن. بىر يىلدىن كېيىن ھاجىپ ( hajib،  ئوردا ۋەزىرى) ئۇنىڭغا ياخشى جابدۇقلىرى بار بىر تۈرك ئېتى ھەم بىر قامچا بەرگەن. 3 - يىلى، ئۇ بىر كەمەر (بارتولدنىڭ "سىياسەتنامە" گە ئاساسەن ئېيتىشىچە بىر قىلىچ)، بىر ئىگەر، بىر نەقىش چېكىلگەن يۈگەن، بىر ئۈمۈت ۋە بىرقۇر كىيىمگە ئىگەبولغان. 6 - يىلى پۇزۇر لەشكىرىي كىيىمگە ئىگە بولغان. 7 - يىلىلا ئاندىن تون - سەرۇپاي كىيەلىگەن. 8 - يىلى ئۈچبۇرجەكلىك،16تۈۋرۈكلۈك بىر چېدىرغا ھەم يېڭىدىن سېتىۋېلىنغان ئۈچ ياساۋۇلغا ئىگە بولغان. يەنە چېدىر باشى دەپ ئاتىلىپ، زەر تۇتۇلغان قارا بۆك ۋە گەنجە (Ganja) دە تىكىلگەن بىرپەرىجىگە ئىگە بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمىلى يىلمۇ يىل ئۆسۈپ، قاۋۇل باشى (Khayl- bashi) ۋە ھاجىپ بولغان. بىر تۈركىي قۇلدىن كېلىپ چىققان ئەسكەر 35 يېشىدىلا ئاندىن ئۆلكەۋالىيسى بولالىغان بولۇپ، ئالىپ تېگىن دەل 35 يېشىدا خۇراسان لەشكەرلىرىنىڭ ئەمىرى بولغانىدى. سەبۇق تېگىننىڭ ئالىپ تېگىنگە ياساۋۇللۇققاسېتىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىنلا چېدىر باشىلىققا تەيىنلەنگەنلىكىدىن قارىغاندا، ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگە ئۆزىنى ئاتىغان غۇلاملار خوجايىننىڭ سايىسىدە سامانىيلارئوردىسىدىكى غۇلاملارغا قارىغاندا ئورنى تېز ئۆسۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشەلىگەن. سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ ئوردىدىكى تۈركىي قۇل ياساۋۇللارنىڭ ئۆسۈش مۇددىتىگە قويغان چەكلىمىسى مەلۇم دەرىجىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پارسىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى تۈركىيلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
    سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ بىرقىسىم تۈركىي غۇلاملارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشى ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ گۈللىنىشىمۇ تۈركىيلەرگە تايانغانلىقىدىن بولغان.
     مىلادىيە 822 - يىلى ئىران مۇسۇلمان پادىشاھلىقى ـــــ تاھىرىيلار پادىشاھلىقى خۇراساندا قۇرۇلدى. بۇخانىدانلىقنىڭ قۇرۇلۇشى ئوتتۇرا ئاسىياتارىخىدا ئەرەبلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مەزگىلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ پادىشاھلىق قۇرۇلغان دەسلەپكى ئۈچ يىلدا سامانىيلارجەمەتىنىڭ بوۋىسى بولغان سامان خۇداھ (Saman Khudah) نىڭ تۆت نەۋرىسى خۇراسان ۋالىيسى غەسسان بىننى ئابباد (819- 821- يىللار ئەمەلدە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا سەمەرقەنت،پەرغانە، شاش ۋە ھىراتنىڭ ۋالىيلىقىغاتەيىنلەندى. تاھىرىيلار پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سامانىيلار پادىشاھلىقى ئۇنىڭغا قارام بولۇش سۈپىتىدە كۈچىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇردى. ئەينى ۋاقىتتا،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىران تىللىق خەلقلەر تەخمىنەن 170 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق ئەرەبلەرنىڭ بىۋاسىتە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئەمدىلاقۇتۇلغان بولۇپ، تاھىرىيلار خانىدانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى خۇراسان، ماۋەرائۇننەھر رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇراسان رايونى بۇ پادىشاھلىقنىڭ مۇستەھكەم ئىدارىسى ئاستىدا بولۇپ، مۇستەقىللىق غەرىزى بار سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىران تىللىق خەلقلەر ئارىسىدىن كۆپلەپ قوللىغۇچى تېپىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ۋاھالەنكى، ئەينى ۋاقىتتا تۈركىستان، پەرغانە رايونىدا قۇدرەتلىك تۈركىي پادىشاھلىقى يوق بولۇپ،ھەرقايسى جايلاردىكى تۈركىي خەلقلەر غەربىي تۈرك خانلىقى يىمىرىلگەندىن (مىلادىيە 744 - يىلى)كېيىن، ئاساسەن تارقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتاتتى. پەقەت قارلۇقلارلا 8 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا "ئون قەبىلە قاغاننىڭ بۇرۇنقى يېرىگە كۆچۈپ كىلىپ، سۇياب، تالاس قاتارلىق شەھەرلەرگەئورۇنلىشىپ"، خېلىلا كۈچىيىپ،ئۇيغۇرلار بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتاتتى. ئەمما، 840- يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، پان تېگىن ئۇيغۇرلاردىن 15قەبىلىنى باشلاپ غەربتىكى قارلۇقلارنىڭ يېرىگە كىلىپ، ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ، "يەتتە سۇ بويىغىچە يېتىپ كەلدى".بۇ سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ شەرققە ۋەشەرقىي شىمالغا كېڭىيىشىگە تولىمۇ پايدىلىق بولدى. بۇنىڭ بىلەن 840 - يىلى سامانىيلار پادىشاھلىقى ئىسپىجاپنى ئىگىلىدى. شۇنداق قىلىپ سامان خۇداھنىڭ چوڭ نەۋرىسى نوھ بىننى ئەسەد (842 - يىلى ئۆلگەن)ناھايىتى تېزلا سەمەرقەنت شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سوغدىلارنىڭ قىسمەن رايونلىرى، پەرغانە ۋە بەزى "تۈركىي شەھەر - بازارلىرى" نىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ قالدى.
     سامانىيلار جەمەتىنىڭ ئەسلىي يۇرتى بەلخ ئۆلكىسىدىكى سامان كەنتى ئىدى.تەخمىنەن 8 - ئەسىرنىڭ -20 ،-30 يىللىرىدا سامانىيلار جەمەتىنىڭ بوۋىسى سامان خۇداھ خۇراسان ۋالىيسى ئەسەد (723-732-يىللار ۋە735-738 - يىللار ئىككى قېتىم ئەمەلدەئولتۇرغان) نىڭ ھىمايىسىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى ھەم ناھايىتى تېزلا كاتتا دېھقان(  بۇ يەردىكى "دېھقان"پارسچە "باي" دېگەن مەنىدە)  بولدى. سامانىيلار جەمەتىنىڭ نېمە ئۈچۈن خۇراسانغا كۆچۈپ كەلگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ھالبۇكى، 9 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىدىن ئالغاندا، ئەمدىلا كۆچۈپ كەلگەن، كۈچى ئاجىزسامانىيلار شەرققە ۋە شەرقىي شىمالغاكېڭىيىپ، تۈركىيلەرنى بويسۇندۇرۇپ، شۇلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن سىياسىي كۈچىنى زورايتالايتتى.مۇشۇنداق قىلغاندىلا سامانىيلارپاىشاھلىقى تېزدىن باش كۆتۈرۈپ، تاھىرىيلار پادىشاھلىقى بىلەن تىركىشەلەيتتى. ئۇنداقتا، سامانىيلار پادىشاھلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان تۈركىي قۇللار ۋەئادەتتىكى تۈركىيلەر نېمە ئۈچۈن تېزلا ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى ئۆزگەرتەلىگەن؟ قارىغاندا، سامانىيلارخانىدانلىقىنىڭ ئەمىرلىرى بىلەن ماۋەرائۇننەھردىكى ئەسلىدىكى ھۆكۈمرانلار ۋە ئىران ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ زىددىيىتى سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ تۈركىيلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.
مىلادىيە 874 - يىلى سامانىيلارپادىشاھلىقىدىن ئىسمائىل ئاكىسى، سەمەرقەنت ۋالىيسى ناسىرنىڭ (Nasr) ھاۋالىسىگە بىنائەن بۇخاراغا بېرىپ ۋالىي بولدى. ئەمما ئەبۇ مۇھەممەد بۇخارىي ۋە ئەبۇ ھارىن يەسەرىي باشچىلىقىدىكى يەرلىك ئىران ئاقسۆڭەكلىرى ئىسمائىلنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقتى. ئىسمائىل بىلەن بۇخارادىكى يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زىددىيىتى ئۇنىڭ بۇخارىي جەمەتىنىڭ يىللىق كىرىمى 20 مىڭ دەرھەم بولغان يېرىنى مۇسادىرە قىلىشىدا ئەكس ئەتتى. ئۆزكۈچىنى كۈچەيتىش، يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىسمائىل ئامالسىز تۈركىيلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە بىر تۈركىي قۇل قوشۇننىڭ باش ئەمىرى بولدى.
       ئىسمائىل بۇخاراغا بېرىپ ۋالىي بولغاندا، خارەزمدىكى تاھىرىيلار پادىشاھلىقىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ،شۇنداقلا خۇراسان رايونىدىكى سەففارىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ( 903-873- يىللار)ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مۇقتەدى بىئەمىرۇللا ( 892-902- يىللار تەختتە ئولتۇرغان) مۇ سەففارىيلار پادىشاھلىقى بىلەن سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ زىددىيىتىنى ئۇلغايتىپ، سەففارىيلارپادىشاھلىقىنىڭ ئەمىرى ئامر  ( 879-900 - يىللار)نىڭ ئىسمائىلغا ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىدى. شۇ سەۋەبتىن كۈچى ئاجىز ئىسمائىل پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر مىللەتتىن ئەسكەر ئېلىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە جەڭگە ماھىر كۆپلىگەن تۈركىيلەرمۇ بار ئىدى. مىلادىيە 888 - يىلى ئىسمائىل ئاكىسى، سەمەرقەنت ۋالىيسى ناسىر بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئاران ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى بولۇپ، بىرقىسىم قۇل ياساۋۇللاردىن باشقا كۆپىنچىسى پىدائىيلار ئىدى. 900 - يىلى ئۇ سەففارىيلارپادىشاھلىقىدىن ئامر بىلەن جەڭ قىلغاندابولسا ئەسكىرى 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، يەنە كېلىپ خارەزم، پەرغانە، تۈركىستاندىن مەنسۇر قارا تېگىن باشچىلىقىدىكى30مىڭ تۈركىي ئەسكەرنى ھەمدەمگە چاقىردى. شۇنداق قىلىپ كۆپلىگەن تۈركىيلەر ماۋەرائۇننەھر رايونىغا قەدەم باستى.
سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى نىزاسىمۇ ئۇلارنىڭ تۈركىي قۇللار ۋە ئادەتتىكى تۈركىيلەرنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. سامانىيلار پادىشاھلىقى ماۋارەئۇننەھردە سەلتەنتىنى تىكلىشى بىلەنلا پادىشاھلىق ناسىر بىلەن ئىسمائىلنى قوللايدىغان ئىككى چوڭ گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، ئۆزئارا سوقۇشۇشقا باشلىدى. بۇ ئىچكى نىزا سامانىيلار پادىشاھلىقىدىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ تۈركىيلەرنى ئەتىۋارلاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى زورايتىش خاھىشىنى كۈچەيتىۋەتتى. 885 - يىلى ناسىر بىلەن ئىسمائىل باج پۇلى تاپشۇرۇش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن زىددىيەتلىشىپ قالدى. ناسىر ئىنىلىرى ــــ پەرغانە ۋالىيىسى ئەبۇل ئەسئەتنىڭ زور قوشۇنى بىلەن شاش ۋالىيسى ئەبۇ يۈسۈپنىڭ ئىسپىجاپتىكى تۈركىيلىرىنى جەڭگە ھەمدەمگەچاقىردى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ مەزگىلدە سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ھەر قېتىملىق تاشقى ئۇرۇش قىلغاندا ۋە ئىچكى نىزادا تۈركىيلەرنى جەڭگە ھەمدەمگەچاقىرىشى بىر خىل قائىدىگە ئايلىنىپ قالغان. يەنە كېلىپ پەرغانە، ئىسپىجاپ قاتارلىق جايلاردىكى تۈركىي قوشۇنلارمۇ سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ تىزگىنلىشىگە،بۇيرۇقىغا بويسۇنغان. جەڭگە ھەمدەمگە كەلگەن تۈركىيلەرنىڭ بىرقىسمى شۈبھىسىزكى سامانىيلار پادىشاھلىقىغا ئەسكەر بولۇش ئۈچۈن قېلىپ قالغان.
       كۆپلىگەن تۈركىي قۇللار ۋە ئادەتتىكى تۈركىيلەرنىڭ ماۋەرائۇننەھرگەكېلىپ سامانىيلار پادىشاھلىقىغا ئەسكەر بولۇشى سامانىيلار پادىشاھلىقى قوشۇنلىرىنىڭ تەركىبىدە ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، تۈركىيلەر تەدرىجىي ھالداقوشۇننىڭ يادروسىغا ئايلانغان.ئىبنى ئەززۇبەيرنىڭ "كىتابۇل جاۋاھىرۇت تۇھاف (تەخمىنەن 1071-1073 - يىللىرى يېزىلغان) دەخاتىرىلىنىشىچە، 939 - يىلى ئەمىرناسىرⅡ بۇخارادا 40سەركەردە، 40 مىڭ تۈركىي قۇل لەشكىرىنى باشلاپ جۇڭگودىن كەلگەن ئەلچىلەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغان. بۇ ۋاقىتتا تۈركىي لەشكەرلەر بىلەن ئاساسلىقى ئىران تىللىق خەلقلەردىن تەشكىللەنگەن پىدائىي لەشكەرلەرنىڭ نىسبىتى 1:1 بولغان. بۇنىڭدىن بۇ مەزگىلگە كەلگەندە تۈركىي قۇل ئەسكەرلەرنىڭ سانىنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تۈركىي ئەسكەرلەر ئۆز ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشكەباشلىغان. ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزى رايونلىرىغا كېلىپ، سامانىيلار پادىشاھلىقىغا ئەسكەر بولۇشى ئوتتۇرائاسىيادىكى تۈركىي ئامىللارنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن.
     سامانىيلار پادىشاھلىقى گۈللەنگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە(ئاساسلىقى مىلادىيە 914 - يىلىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ) سامانىيلار پادىشاھلىقى قوشۇنىدىكى تۈركىيلەر ئاساسەن بېقىندى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كېيىنچە ئۇلار ئۆز ساداقىتىگە ۋە جەڭ تۆھپىسىگە تايىنىپ ئۆز ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئىران تىللىق ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە ئاسىيلىق قىلىشى، سامانىيلارپادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتمۇ ئۇلارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. مىلادىيە 900 - يىلى ئىسمائىل ئىران تىللىق سەركەردە مۇھەممەد بىننى ھارۇننى ئەۋەتىپ تەبەرىستاننى بويسۇندۇرغان ھەم ئۇنى بۇ رايوننىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ۋالىي ئوردىدىن يۈز ئۆرۈپ، مۇستەقىل بولۇۋالغان. بۇنىڭ بىلەن ئىسمائىل ئۆزى زور قوشۇن باشلاپ بېرىپ تەبەرىستاننى قايتىدىن بويسۇندۇرۇپ، ئۆز ئىنىسى ئەبۇل ئابباسنى ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن.بىراق، ئىسمائىل ۋاپات بولغاندىن كېيىن (907 - يىلى)، يېڭى ئەمىر ئەھمەد بىننى ئىسمائىل (  914-907-يىللار)تاغىسى ئەبۇل ئابباسقا ئاداۋىتى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن،      
    ئاتىسىنىڭ(ئىسمائىلنىڭ)ۋەزىرلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي 909 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ۋالىيلىق ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سالام ئىسىملىك بىر تۈركىينى ۋەزىپىگە قويغان. بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرىدا سامانىيلار ئوردىسى بېسىۋېلىنغان رايونلاردىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىنى چەكلەش ئۈچۈن، ھەربىي تۆھپە ياراتقان تۈركىي سەركەردىلەرنى بۇ رايونلارنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن. مەسىلەن، 910- ۋە 912- يىللىرى، تۈركىي سەركەردە سىمجۇر سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ سەففارىيلار پادىشاھلىقىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى ھۆكۈمرانلىقىدىكى سىيىستان رايونىنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ،913-يىلى ئەمىر ئەھمەد بىننى ئىسمائىل تەرىپىدىن سىيىستاننىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن. تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سىرتقى ئۆلكىلەردە سۇيۇرغالغا ۋە  كۈچكە ئىگە بولۇشى،  ئۇلارنىڭ نوپۇزىنى تېزلىكتە كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ فېئودال بۆلۈنمىچىلىكى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەن
سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇنلىرى پىدائىيلار ۋە مۇنتىزىم قوشۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئوردا ياساۋۇللىرى مۇنتىزىم قوشۇننىڭ تەركىبىدە بولغان. "كىتابۇل  جاۋاھىرۇت تۇھاف" تا خاتىرىلىنىشىچە،سامانىيلار پادىشاھلىقى تەۋەسىدە «مۇتتاۋىيە»(muttawwi,a)  دېيىلىدىغان بىرخىل پىدائىيلار تۈزۈمى بولۇپ،پىدائىيلار جايلاردىكى چوڭ- كىچىك فېئوداللار، ئىكتا (سۇيۇرغال يەر) غا ئىگە بولغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن تەركىب تاپقان. پىدائىيلارئىكتادىن كىرگەن كىرىم بىلەن قوراللاندۇرۇلغان.پىدائىيلار سامانىيلار پادىشاھلىقى ئەمىرىگە سادىق بولغان، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ھەرقايسى ئىستراتېگىيلىك شەھەر -بازارلاردا ۋە سامانىيلار پادىشاھلىقى زېمىننىڭ شىمالىدىكى چېگرىلاردا تۇرغان. ئەمىر  ھاجىتى چۈشكەندە ئۇلارنى ۋاقتىنچە يىغقان ھەم بىرقىسىملىرىغا قورال - جابدۇق بەرگەن. مىلادىيە 939 - يىلى ئەمىرناسىرⅡ جەمئىي 40 مىڭ چەۋەنداز پىدائىي يىغقان. پىدائىيلار ئاساسلىقى ئىران تىللىق مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ،نۇرغۇنلىغان تارىخنامىلەردە قەيت قىلىنغان غازىلار دەل شۇلار ئىدى. بارتولدنىڭ قەيت قىلىشىچە، بىرقىسم بەدىۋى تۈركىيلەر سامانىيلار پادىشاھلىقىغا ئەسكەر بولۇپ،سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ زېمىننىڭ چېگرىلىرىنى قوغداش، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان مىللەتداشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش بەدىلىگە يايلاقلارغا ئىگە بولغان بولۇپ،ئۇلارمۇ پىدائىيلار ھېسابلانغان بولىشى مۇمكىن. سامانىيلار پادىشاھلىقى زېمىنىنىڭ ئاساسلىقى مۇقىم دېھقانچىلىق رايونلىرى ئىكەنلىكى، يايلاقلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ تۈركىي پىدائىيلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇلار سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ھېچقانچە  مۇھىم رول ئوينىمىغان. ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان سامانىيلار پادىشاھلىقى جەڭگە ھەمدەمگە چاقىرغان تۈركىي قوشۇنلىرى سامانىيلار پادىشاھلىقىغا بېقىنىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ سەركەردىسى، ئەمىر لەشكىرى بولغان، پىدائىيلار قاتارىغا كىرمىگەن.
     مۇنتىزىم قوشۇن دائىملىق تەمىنات ئالغان. سامانىيلار پادىشاھلىقىدا "مۇرتەزىقە"  (murtaziqa) تۈزۈمى دېيىلىدىغان بىر خىل تۈزۈم بولۇپ، "كىتابۇل  جاۋاھىرۇت  تۇھاف" نىڭ مۇئەللىپى ئەززۇبەير دائىملىق تەمىنات ئالىدىغان قوشۇنلارنى "ئۇليا(auliya) " دېگەن نام بىلەن ئاتىغان.باغدادتا بۇنداق قوشۇنلار"مۇرتەزىقە" دەپ ئاتالغان. "مۇرتەزىقە تۈزۈمى" توغرىسىدا بىرنەچچە خىل قاراش مەۋجۇت.ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر ئەرەبشۇناس ئالىم بوسۋورت (C.E.Bosworth) ئەززۇبەيىرنىڭ خاتىرىسى ھەم خارازمىي (Khwarazmi) نىڭ بايانىغا ئاساسەن مۇرتەزىقە تۈزۈمى مۇنتىزىم قوشۇنغا ھەر يىلى ئۈچ قېتىم تەمىنات تارقىتىپ بېرىلىدىغان تۈزۈم، بۇ تۈزۈمنى ئىجرا قىلغۇچىلار سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ خۇراساندىكى مالىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى دەپ قارايدۇ. بارتولد بولسا"ئەرەب جۇغراپىيە قامۇسى ( Bibl.GeOg.Arab )" نىڭ 2 - تومى 341-342 - بەتلىرىدىكى ماتېرىيالغا ئاساسەن سامانىيلار پادشاھلىقى قوشۇن  ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىمدىن بىر يىلدا تۆت قېتىم تەمىنات تارقىتىپ بەرگەن، بىريىللىق ھەربىي تەمىنات 20 مىليۇن دەرھەم بولغان، يەنە كېلىپ بۇ تۈزۈمنى ھۆكۈمەتتىكى ياساۋۇللار بېشى (Sahibshurat) ئىجرا قىلغان، دەپ قارايدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى غاپوروفمۇ ياساۋۇللار بېشى قوشۇنغاتارقىتىپ بېرىلىدىغان تەمىناتنى نازارەت قىلغان دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇ بارتولدنىڭ قارشىنى ياقلىغان.
      10  -ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قوشۇنغا ئىكتا بۆلۈپ بېرىدىغان تۈزۈم ئىراق ۋە غەربىي ئىراندا تازا ئەۋجىگەچىققان. ئەمما، خۇراسان ۋە شەرقىي ئىراندا زادى ھېچكىم بۇ تۈزۈمدىن خەۋەر تاپمىغانمۇ ياكى ئىجرا قىلىشنى خالىمىغانمۇ، بۇ بىر گۇمانلىق مەسىلە. ۋاھالەنكى،سامانىيلار ئوردىسىنىڭ قوشۇنغا ئىكتا بۆلۈپ بەرمىگەنلىكى بىر پاكىت. بۇ مەلۇم دەرىجىدە ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر ھوقۇقىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى چەكلەشكە پايدىلىق بولغان.بىراق، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قېتىم مالىيىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە، پۇقرالاردىن ۋاقىتلىق باج يىغىشى ھەم قوشۇنغا بېرىدىغان تەمىناتنىڭ ۋاقتىنى ئارقىغا سوزۇشى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مال - دۇنيا توپلىشىغا دەستەك بولغان. ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرئەسلىدە 200 دەرھەم باج ئېلىنىدىغان يەردىن 500 دەرھەم يىغىپ ئوتتۇرىدىن نەپ ئۈندۈرۈپ، ھارام بايلىق توپلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، سامانىيلار خانىدانلىقى ئەمىرى قوشۇنغا ھەر يىلى تۆت قېتىم تەمىنات تارقىتىپ بەرگەندىن سىرىت، ئۇرۇش بولغاندا ئۇلارغا جانپىدالىق كۆرسىتىشى ئۈچۈن يەنە ۋاقىتلىق تەمىناتمۇ تارقىتىپ بەرگەن.مەسىلەن، ئەمىر ئىسمائىل سەففارىيلار پادشاھلىقى ئەمىرى ئامر قوزغىغان ئۇرۇشقا (مىلادىيە 900- يىلى)تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتلىق تەمىنات تارقاتقان. تۈرلۈك بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىرىمۇ سامانىيلارپادىشاھلىقى قوشۇنى تەركىبىدىكى تۈركىيلەرنى ناھايىتى بېيىتقان. مەسىلەن، 880-893- يىللىرى، ئەمىر ئىسمائىل قوشۇن باشلاپ تالاس شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا، جەڭگەقاتناشقان ھەربىر چەۋەنداز 1000 دەرھەمگە ئېرىشكەن. ھەربىي ئەمىلى يۇقىرى تۈركىيلەر بولسا زور مال - دۇنياغا ئىگە بولۇپ،ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى سېتىپ،ئورنىغا يەر ئالغان. نوھ (943-954-يىللار) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ئورنى بار نۇرغۇن قورۇقچى ياساۋۇللار بۇخارا شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى زەردۇشت دىنى مۇخلىسىلىرىدىن ھەر بىر جۇفت يەر (ئىككى كالا بىر كۈندەئاغدۇرۇپ بولىدىغان يەر) نى4000كۆمۈش دەرھەمگە سېتىۋالغان. سامانىيلار پادىشاھلىقى ئەمىرىگە مەخسۇس قورۇقچىلىق قىلىدىغان بەزى قۇللارغا يەر ئىنئام قىلغان. مەسىلەن، ئىسمائىل خەلىپە مۇئتەسىم (842 - 883 - يىللار) نىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە تالۇت (  Hasan ibn Muhammad ibn Talut) تىن بۇخارادىكى جويى موليان (Juy-i Muliyan)نىڭ يېرىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز قورۇقچىلىرىغا ھەدىيە قىلغان. ھاجىپ ئالىپ تېگىن تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كۆپلىگەن يەر ۋەمۈلۈككە ئىگە بولغان بولۇپ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە تەخمىنەن 500 كەنتى، ھەربىر شەھەردە بىردىن قەسىرى، باغچىسى،مېھمانسارىيى ۋە ھاممامى، يەنە مىليۇن تۇياق قويى، 100 مىڭ تۇياق ئېتى، قېچىرى ۋە تۆگىسى بولغان. تۈركىي قۇلدىن كېلىپ چىققان سىمجور جەمەتىدىكىلەر نوھⅠ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە كۇھىستان(  Kuhistan، تۇس ۋە ھىراتنىڭ جەنۇبىدا) رايونىدانۇرغۇن يەر ئىگىلىگەن ھەم ئۇ يەرلەرنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بولۇپ، زور فېئوداللىق ئىگىدارلىقتىكى زېمىن شەكىللەندۈرگەن. بۇ فېئوداللىق ئىگىدارلىقتىكى زېمىنلار تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنى بايلىق بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ فېئوداللىق بۆلۈنمىچىلىكىگە ئىقتىسادىي ئاساس يارىتىپ بەرگەن.
     تۈركىيلەر ئادەتتە ئورداياساۋۇلى بولۇش ئارقىلىق كۆزگە كۆرۈنگەن.10 - ئەسىردە يېزىلار خارابلاشقانلىقتىن دېھقانلار نامراتلىشىپ،  بۇرۇنقى ھوقۇقى ۋە تەسىرىنى يوقىتىپ، ئورنىنى يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىي  ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈركىي قۇللىرىنى ئۆزىگە قورۇقچى قىلغان.مەسىلەن، سەبۇق تېگىننىڭ خوجايىنى بولغان تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەك ئالىپ تېگىننىڭ تۈركىي ياساۋۇل - قورۇقچىلىرى 961 - يىلىدىن بۇرۇنلا 1700 گە يەتكەن.ئادەتتىكى تۈركىي سەركەردىلەرىمۇ1000 تۈركىي قۇل لەشكەرگە باشچىلىق قىلالىغان. بۇ ھەقىقەتەنمۇ زور كۈچ ئىدى.
    تۈركىي قۇل ياساۋۇللىرىنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈشى مۇقەررەر ھالدا ئۇلار بىلەن ئىران تىللىق ھۆكۈمرانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى. بۇ ئەمىر ئەھمەدنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئەھمەدھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە،بىرنەچچە قۇل ياساۋۇلنى ئىشنى خاتا قىلغان دېگەن ئەرزىمەس گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەم ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئەمەلدارلارنى ئەتىۋارلاپ، ئەرەب تىلىنى ھۆكۈمەت تىلىغا ئايلاندۇرغان، بۇ ئەرەب تىلىنى بىلمەيدىغان كۆپ ساندىكى تۈركىي قۇل ياساۋۇللارنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلار بىلەن ھۆكۈمران سىنىپنىڭ زىددىيىتىنى كۈچەيتىۋەتكەن. مىلادىيە914-يىلى 1 - ئايدا ئەھمەد شىكار قىلىپ ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا، ياساۋۇللار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىشىك باقىدىغان شىرنى قويۇۋېتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئارقىدىن ياساۋۇللار بېشى بىلەن شەيخلەربىرلىشىپ ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن ناسىر   (914   -  943 -يىللار) نى پادىشاھلىققا كۆتۈرگەن. تۈركىي قۇل ياساۋۇللارنىڭ كۈرىشى بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى بەزى كاپالەتلەرگە ئىگە قىلىپ، سىياسىي ئورنىنى ياخشىلىسا، يەنە بىرتەرەپتىن سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ئەرەب ئامىللىرىنى يەكلەش خاھىشىنى كۈچەيتكەن. سامانىيلار پادىشاھلىقى مەزگىلىدە دارى تىلى (Dari، ئەينى ۋاقىتتىكى تاجىك تىلى)ئاساسىي جەھەتتىن دۆلەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولۇپ، دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھۆكۈمەت  ھۆججەتلىرىدە ئاساسلىق مۇشۇ تىل ئىشلىتىلىشكە باشلىغان  .
     تۈركىيلەر 9-10 - ئەسىرلەردە بويسۇندۇرۇلغۇچى سۈپىتىدە ماۋەرائۇننەھر، خۇراسان رايونلىرىغا كەلگەنلىكتىن، دەسلىپىدىلا سامانىيلار پادىشاھلىقىغا قارىتا بويۇنتاۋلىق خاھىشىدا بولغان. گەرچە ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلغار پارس مەدەنىيىتىنى ئۆگەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىران تىللىقلارغا قارشى خاھىشى ئۆزگىرىپ قالمىغان. تۈركىي قۇل سەركەردىلەرنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى تەرەققىي قىلىپ، فېئودال ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەندە، بۇ خىل بويۇنتاۋلىق خاھىشى تېزلا كۈچەيگەن. سامانىيلار پادىشاھلىقى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپلا قالسا، بۇ تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ تىزگىنىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئوردا بىلەن پۇت تېپىشكەن.بۇ ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي ياساۋۇل -قورۇقچىلارنى ۋە سۇيۇرغال زېمىنلارنى ئۆزىگە ئارقا تېرەك قىلغانلىقىدىن ئىدى.ئەمىر ئەھمەد ئۆلتۈرۈلۈپ، گۈدەك ناسىرⅡ تەختكە چىققان ۋاقىتتا، پادىشاھلىق ھوقۇق ئاجىزلىشىپ، ئىران تىللىق چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ۋەسامانىيلار جەمەتىدىكىلەر سەمەرقەنت،خۇراسان، نىشاپور قاتارلىق جايلاردا بىر قاتار ئىسيانلارنى قوزغىغان، ئەمىر ئەھمەدنىڭ تاغىسى ئىسھاق بىلەن ئوغلىمۇ ئىسيانغا قاتناشقان. بۇ تۈركىي ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بۆلۈنمىچىلىك قىلىش ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئاجايىپ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.تۈركىي قۇل سەركەردە، بەلخ ۋالىيىسى قاراتېگىن ئىسفىجاب  ( Qara TeginIsfiJabi) مىلادىيە 929 - يىلىدىن باشلاپلا ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بوست ۋە رۇققاج(al-Rukhknaj) نىڭ ھاكىميىتىنى تىزگىنلەپ، مۇستەقىل بولۇۋالغان. 932 - يىلى سامانىيلارپادىشاھلىقى قوشۇنىنىڭ ئەمىر لەشكىرى مۇھەممەد بىننى ئىلياس (Muhammad b.Ilyas) ئەمەلىيەتتە كىرمان (Kirman) دا مۇستەقىل كىچىك پادىشاھلىق قۇرغان (932-968). شۇنداق قىلىپ 10 - ئەسىرنىڭ20-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۈركىيلەر تەدرىجىي سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشقاباشلاپ، بىر پۈتۈن سامانىيلار دۆلىتى پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن،
     ناسىرھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، گەرچە بىرقاتار ئىسيانلاريۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىككى ۋەزىر(جەيھانى ۋە بەلامى) نىڭ كۈچلۈك ھەمدەم بولۇشى بىلەن ئوردىدىكى تۈركىيلەرنى تىزگىنلەپ ھەم قوشۇنىنى بۇيرۇپ جايلاردىكى ئىسيانلارنى بېسىقتۇرۇپ، راي، گورگان (939 - يىلى 11 - ئاي) ۋە تەبەرىستان (940 - يىلى 12 - ئاي) غا ئوخشاش غەربىي قىسىمدىكى بەزى ئۆلكىلەرنى يېڭىۋاشتىن بويسۇندۇرغان. پارس ئەدەبىياتىمۇ بۇ مەزگىلدە خۇراسان قاتارلىق جايلاردائاجايىپ گۈللەنگەن. جەيھانى  ( 914 -922-يىللار ۋە 938-941-يىللاردا ئىككى قېتىم ۋەزىر بولغان) ئىستېداتلىق سىياسىيون بولۇپلا قالماي، يەنە مەشھۇر ئالىم ۋە جۇغراپىيىشۇناس ئىدى.بەلامى(  922- 983 - يىللارداۋەزىر بولغان) مۇ بىلىملىك ھەم قابىلىيەتلىك كىشى بولۇپ، بۇخارادىكى ناسىرⅡنىڭ قېرىنداشلىرى ئىسيان كۆتۈرگەندە ئۇلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىق قىلىشقا كۈشكۈرتۈش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ ئىسياننى تىنجىتقانىدى.
 يىغىپ ئېيتقاندا، تۈركىي قۇل سودىسى 8 - ئەسىردە باشلىنىپ 9 -ئەسىردە تەدىرىجىي گۈللەنگەن. سامانىيلار پادىشاھلىقى تۈركىي قۇل سودىسىنىڭ تارىخى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تۈركىيلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام مەدەنىيىتى رايونلىرىغا كۆپلەپ كېلىشىگە تۈرتكەبولغان. 9 - ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن سامانىيلار پادىشاھلىقى ئامالسىز ئاۋۋال شەرققە كېڭىيىپ، سىياسىي جەھەتتە چېچىلاڭغۇ تۈركىيلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىداسىياسىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىيلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ، تۈركىي ئامىللار تەدرىجىي كۈچەيگەن.ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەن تۈركىيلەر بويسۇندۇرۇلغان مىللەت ياكى سېتىۋېتىلگەن قۇل سالاھىيىتىدە بولغانلىقتىن، ئامالسىز سامانىيلار پادىشاھلىقىغا بېقىنغان. تۈركىي قۇللارھەمىشە تۈرلۈك مەشىقلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىران ئسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاندىن ئەسكەر بولۇش ئارقىلىق ئورنىنى ئۆستۈرگەن. ئۇلارسامانىيلار پادىشاھلىقى زېمىنىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ھۆكۈمرانلىقنىڭ تىكلىنىشىدە ئىنتايىن زور رول ئوينىغان. سامانىيلار پادىشاھلىقى ئەمىرى بىلەن ئوتتۇرائاسىيادىكى يەرلىك ئىران تىللىق ئاقسۆڭەكلەر ۋە ھۆكۈمرانلارنىڭ زىددىيىتى، شۇنداقلا سامانىيلار خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىكى ۋە نىزاسى تۈركىيلەرنىڭ ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب بولغان. تۈركىي قۇللار ھەربىي تۆھپە ۋە سامانىيلار پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىرى بىلەن بولغان كۈرەشلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى ياخشىلىغان ھەم يۇقىرى كۆتۈرگەن. بەزى تۈركىي سەركەردىلەر قىسمەن سىياسىي ھوقۇققا،خۇسۇسىي قوراللىق كۈچكە ھەم ئىقتىسادىي ئاساسقا (پۇل ۋە سۇيۇرغال يەر) ئىگە بولغانلىقتىن، سەل قارىغىلى بولمايدىغان ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن. سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلاشقاندا، ئۇلاربۆلۈنمىچىلىك قىلىپ، ئوردا بىلەن پۇت تېپىشىپ، يۈگەنسىز ھالەتنى پەيدا قىلغان. بۇ مەزگىلىدە (874-943 -يىللار) سامانىيلارپادىشاھلىقىدىكى تۈركىيلەرنىڭ بويۇنتاۋلىق خاھىشى پەيدىنپەي روشەنلەشكەن.

17

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4406
توردىكى ۋاقتى: 1730
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 15:31:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇخارا... ھازىرقى ئافغانىستانمۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

69

دوست

6671

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2004
توردىكى ۋاقتى: 437
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 15:58:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://www.uycnr.com/zt/yslzdsx/
قانۇنلۇق ئىسلام نوتۇقلىرى خىلى يامان ئەمەس چىقىپتۇ قىرىنداشلار چوقۇم كۆرۈڭلار!
ئىجابى ھالەتتە كۆرگەيسىلەر ۋە قالايمىقان پىكىر بەرمىگەيسىلەر.

0

تېما

1

دوست

316

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27409
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 16:11:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق   بۇخارا  ھازىرقى بۇخارا  شۇ

0

تېما

0

دوست

5404

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31510
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1776
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 17:07:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9 - ئەسىردە سامانىيلار پادىشاھلىقى ئاساسلىقى ماۋەرائۇننەھر رايونىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ شىمالى ۋە شەرقى ئاساسەن توخسىلار ۋە قارلۇقلارنىڭ پائالىيەت رايونى ئىدى. چۇ دەريا ۋادىسى، ئىسسىق كۆلنىڭ جەنۇبى، نارىن دەرياسىنىڭ شىمالى ھەمپەرغانىنىڭ شەرقىدىكى رايونلار ۋەتوخرىلار تەۋەسىدە ساپلا قارلۇقلار تارقالغانىدى. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئاساسەن كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان يات دىندىكىلەر ئىدى. ئىسلام ئەللىرىدە يات دىندىكىلەرنى بۇلايدىغان ھەم قۇل قىلىدىغان ئادەت بولۇپ، قوراللىق بويسۇندۇرۇش يات دىندىكى تۈركىيلەرنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇش ھەم قۇل قىلىشنىڭ يولى ئىدى. شۇڭا سامانىيلار خانىدانلىقىدىن ئەمىر نوھ بىننى ئەسەد 840- يىلى ئىسپىجاپ شەھىرىنى، ئسمائىل 893 - يىلى تالاس( Talas،  ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى جامبۇل شەھىرى)شەھىرىنى بويسۇندۇرغان، يەنە 943-يىلى تۈركەش قاغاننىڭ ئوغلى سامانىيلار پادىشاھلىقىغا ئەسىر ئېلىنغانىدى. ئىسمائىل(892-907- يىللار) تالاس (قارلۇقلارنىڭ چوڭ قارارگاھى) ئۇرۇشىدا يات دىندىكى 15 مىڭ قارلۇقنى ئەسىر ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن

تۈركيىلەرنىڭ سامانىيلار پادىشاھلىقىدىكى ئورنى ۋە رولى                                                                                                                                                           ئاپتورى : شۈي شۈيا            

0

تېما

0

دوست

1702

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31143
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 19:22:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 15:58
http://www.uycnr.com/zt/yslzdsx/
قانۇنلۇق ئىسلام نوتۇقلىرى خىلى ياما ...

ئاڭلىغاچ بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن،،ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن رەھمەت.

تىما ئېگىسى؛تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قويدۇم،كەچۈرۈڭ

0

تېما

1

دوست

899

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   79.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24718
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 20:43:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزبەكىستاندىكى بۇخارا شۇمۇ  ؟ ياخشى تېمىكەن…

9

تېما

7

دوست

4508

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1388
توردىكى ۋاقتى: 433
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-25 20:53:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-10-25 15:31
بۇخارا... ھازىرقى ئافغانىستانمۇ؟

بۇخارا    ئۆزبىكىستاننىڭ    شەھىرى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )