- تىزىملاتقان
- 2013-4-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4052
- نادىر
- 0
- يازما
- 383
ئۆسۈش
68.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا quxanmaysan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-2 21:35
ئاتا ئانىلارنىڭ نامۇۋاپىق تەربىيە قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ بالىلارنى يالغانچى قىلىپ قويىدۇ، راسىت گەپ قىلىشقا پىتىنالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ، مەسىلەن:
مەسىلەن ھە: كىچىك بالا يىنىدىكى پۇلىغا ئۆزى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان بىرەر ئويۇنچۇقنى ئېلىپ ئوينىغان بولسا، ئاتا ئانىسى كۆرۈپ نەدىن تاپتىڭ دەپ سورىسا، بالا ئاتا ئانىسىنىڭ ئورۇنسىز ئەيىبلىشىدىن قورقۇپ، تىپىۋالدىم ياكى دوستۇم بەردى دېسە ئاتا ئانا ئىشەنمەيدۇ ياكى گۇمانلىنىدۇ دە، ساپساق ئويۇنچۇقنى كىم تاشلىۋىتىدۇ ياكى بىرەسىگە بېرىۋىتىدۇ دېگەندەك، شۇنىڭ بىلەن يەنە سورايدۇ زادى نەدىن تاپتىڭ؟ خەخ ساڭا بىكارغا بىرەمدىكەن يا خەخ ساراڭمۇ ساپساق نەرسىنى تاشلىۋىتىدىغان ؟ راس گەپ قىلە؟ زادى نەدىن ئالدىڭ نەدىن تاپتىڭ؟ دەپ بالىغا ھەيۋە قىلىپ بالىنى قورقىتىدۇ، بالا ئىككى خىل گەپ قىلسا تىل ئاڭلىشىدىن ياكى تاياق يىيىشىدىن قورقۇپ يەنىلا تىپىۋالدىم ياكى دوستۇم بەردى دەپ تۇرىۋالىدۇ، ئاتا ئانىسى يەنە قىستاپ راس گەپ قىلساڭ ئۇرمايمەن، تىللىمايمەن راس گەپ قىل دېگەندە بالا ئاتا ئانىسىغا ئىشىنىپ، ئۆزى سىتىۋالغانلىقىنى دېگەندە ، ئەگەر ئىقتىدارسىز ئاتا ئانا بولسا ۋەدىسىدە تۇرماي نىمە دەپ پۇلنى بۇزۇپ چاچىسە؟ ئويۇنچۇقۇڭ بار تۇرسا ئېلىۋېرەمسە دېگەندەك بالىنى يەنە ئۇرۇپ تىللىسا، بالا ئىككىنچى ئاتا ئانىسىغا راس گەپ قىلمايدىغان بولىدۇ، ئەگەر ئاتا ئانا ۋەدىسىدە تۇرۇپ بالا راس گەپ قىلسا ئۇرماي تىللىماي چىرايلىق گەپ بىلەن بالىنى قايىل قىلىپ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغىنىنى بىلدۈرمەي ئەكسىچە تىل ئاھانەت، تاياق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىمەن، ئېسىدىن چىقمىغۇدەك تاياق يېسە ئىككىنچى قىلمايدۇ دەپ قارايدىكەن، دەرۋەقە، بالا ئۇنداق خاتالىقنى بىر مەزگىل قىلماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى يىگەن تايىقى يادىدا بار، بەك قىلمىسا تاياق يارىسى ساقىيىپ بىر مەزگىلگىچە قىلماس،لىكىن، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بالىنى يەنە قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بالا دېگەن بەرىبىر بالا، مەلۇم بىر ئىشنىڭ خاتالىقى بالىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىسە بىكار، يەنە كېلىپ كىچىك بالا دېگەن قىلما دېگەن ئىشنى بەك قىلىدۇ، نىمىشقا كاللىسىدىن ئۆتمىگەچ . ئەگەر ئىقتىدارلىق ئاتا ئانا بولسا بالىسى راس گەپ قىلسا، بالىنى ئۇرۇپ تىللىماستىن بولسا بالىنىڭ سەمىمىي بولغانلىقىنى ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلىسا، بالا خۇش بولۇپ راس گەپ قىلسام مۇكاپات ئالىدىكەنمە دەپ بولسىمۇ راس گەپ قىلىدىغان بولىدۇ، مۇكاپاتنى بېرىپ بولغاندىن كىيىن ئاتا ئانا بولغۇچى چىرايلىق گەپ بىلەن، نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن بالىنى ئىچ ئىچىدىن قايىل قىلىشى كىرەك، شۇندىلا بالا خاتالىقىنى تونۇپ ئىككىنچى قىلمايدىغان بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئەھۋال پەقەتلا مىسال ھە! بەلكىم بەزىلىرىڭلار بىرە ئىككى تال ئويۇنچۇققىمۇ شۇنچىۋالا قىپ كىتەمدۇ دېيىشىڭلا مۇمكىن، مەن پەقەت مىسال ئۈچۈن ئەپ قويدۇم.
بەلكىم ھەممىلا بالىنىڭ مىجەزى مەن دېگەن مىسالغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن،يەنە بەلكىم سۆزلىرىم سەل قالايمىقان ئۆزۈمنىڭ دېمەكچى بولغىنىمنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن بولۇشۇم مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ تىخى بالا تەربىيلەپ باقمىغان بالا بولغاچقا ئالا جوقا سۆزلەپ قويغان بولىشىممۇ مۇمكىن، لىكىن ئاساسسىز سۆزلىمىدىم، ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن سۆزلىدىم . تەنقىدىي پىكىر بېرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
تىمىدىن سەل چەتنەپ كىتىپ قالدىم، تىما ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
|
|