قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2989|ئىنكاس: 19

«بەشكېرەم يېغىلىقى» توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4137

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1355
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 17:38:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بەشكېرەم يېغىلىقى» توغرىسىدا

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق



    چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1755-يىلى جۇڭغارلارنى تىنچىتىپ شىمالىي شىنجاڭنى، 1759 -يىلى ئەسكەر چىقىرىپ چوڭ-كىچىك خوجىلارنى مەغلۇپ قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنى ئىلكىگە ئالدى.

    مانجۇلار ئۆز تەسەررۇپىغا ئالغان بۇ زېمىندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ بەزى يېڭى تەرتىپلىرىنى ئورناتقاندىن باشقا، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي تۈزۈمىگە ئاساسي جەھەتتىن تەگمەي، نەسەبىي بەگىلىك تۈزۈمىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تۈزۈمىگىلا ئۆزگەرتىپ قويدى»[1]. يەنى «جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار بولغاچقا، ئۇ جايلاردا ھاكىم بەگلەر ساقلىنىپ قالدى»[2]. ئەمما، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يېڭىدىن ئورناتقان تەرتىپلەرنى ساقلاش ئۈچۈن ساقچى قىسىم قالدۇرۇپ ئامبال بەلگىلەپ ماڭغانىدى. شۇنداق بولغاچقا سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدىلا ھاكىم بەگ قويۇلغان[3] بەشكېرەمدىمۇ ھاكىم بەگلىك تۈزۈمى ساقلاپ قېلىندى ھەم چىڭ سۇلالىسىنىڭ «مانجۇ ساقچىخانىسى» قۇرۇلدى.

    مانجۇلار سىزىپ بەرگەن سىزىقىدىن چىقماي ئۆزىگە بەيئەت قىلغانلارنى ھەر قايسى جايلارغا ھاكىم بەگ قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆزىگە خاس يېڭى تەرتىپ ئورناتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرى تەيىنلىگەن ھاكىم بەگلەرگە تازا ئىشەنمەيتى. شۇڭا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىگرىنى تىنچىتقۇچى سانغۇنى جاۋخۇي چيەنلۇڭ خانغا يازغان قاتلاق مەكتۇبلىرىنىڭ بىرىدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش سىستېمىسى–بەگلىك تۈزۈمىنى بىرمۇبىر تونۇشتۇرغاندىن كېيىن «...ئەلھال چەنتۇلار يۇرتى ئاساسىي جەھەتتىن تىنچىتىلدى. بىراق، چەنتۇ بەگلىرىنىڭ سەلتەنىتىمىزگە بولغان ساداقەتمەنلىكى زادى قانچىلىك؟! بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇڭا، چەنتۇلارغا ئۆز ئارىسىدىن قويۇلغان بەگلەرنىڭ مانجۇ سەلتەنىتىگە بولغان ساداقىتىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ھەر قايسى جايلاردىكى بەگلەرنى گېزەكلەشتۈرۈپ، سەلتەنىتىمزنىڭ ئاستانىسىگە خان تەزىمىگە بېرىشقا پەرمان بېرىلسە، تۇنجى قېتىم خان تەزىمىگە بارىدىغان بەگلەرنى خوجەسى تۆرە (ئۇچتۇرپان بېگى)، گادايمەت تۆرە (ئەسلى ئاقسۇ بايلىق بولۇپ، قەشقەرگە ھاكىم بەگ قىلىپ قويۇلغان – ئا)، قوشۇق بەگ(؟) لەر باشلاپ بارسا، قالغانلىرى ھەر يىلى ئۈچ گېزەك بولۇپ بارسا...»[4] دەپ ئىلتىماس قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى «مۈلكى قەشقەرىيدىكى يېڭىدىن ئەمىن تاپقۇزۇلغان ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى مانجۇ سەلتەنىتىنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن تەسىرلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالتىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۇيغۇر بەگلىرىنى ئۆز ئاستانىسى بېيجىڭغا خان تەزىمىگە چىللاتقۇزۇپ پەرمان چۈشۈردى. ھەمدە خان تەزىمىگە كېلىدىغان ئىككىنچى گېزەكتىكى بەگلەر چىيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى (مىلادى 1760-يىلى) قەمەرىيە 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا يولغا چىقىپ، 10- ئاينىڭ 20-كۈنىدىن ئىلگىرى كۇلىيدىكى ۋۇۋېيغا يېتىپ كېلىشى، 12-ئاينىڭ 20-كۈنى مانجۇ سەلتەنىتىنىڭ ئاستانىسى بېيجىڭغا كېلىپ شىنخۇامېن قوۋۇقىدا ساقلاپ تۇرشى لازىم، دەپ سۈرۈك بەلگىلەپ بەردى. ئىككىنچى گېزەكتە مانجۇ ئاستانىسى  ـــ بېيجىڭغا خان تەزىمىگە بارىدىغان ئۇيغۇر بەگلىرى ئارىسىدا قەشقەر بەشكېرەمنىڭ شاڭ بېگى مەھرەمبەگمۇ بار ئىدى. ئۇ پەيزاۋاتنىڭ ھاكىم بېگى نىياز بەگ بىلەن قويۇق بېرىش- كېلىش قىلىپ تۇراتتى. «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى گاۋزوڭ خان دەۋرىدە يېزىلغان ئوردا خاتىرلىرى»دىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بەشكېرەمنىڭ شاڭ بېگى مەھرەم بەگ پەيزاۋاتنىڭ ھاكىم بېگى نىياز بەگدىن مانجۇ ئاستانىسى بېيجىڭغا تۇنجى گېزەكتە خان تەزىمىگە بارغان قوشۇق بەگنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئاستانىگە خان تەزىمىگە بېرىشتىن يالتىيۋالغان [5] ۋە ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ بارسا كەلمەس سەپەر بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەككە-دۈككە ئىچىدە قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىراق-يېقىندىكى خان تەزىمىگە بارىدىغان بەگلەرگىمۇ بۇ «بارسا كەلمەس سەپەر» توغرىلىق ئۆزى بىلگەنچە «گەپ» تاقاتقان. مانا بۇ ۋەقە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت خاتىرىلەردە «مەھرەمبەگ پىتنىسى» دەپ يېزىلغان[6] ئىدى.

     گەرچە چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى، جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭنى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇ رايوندىكى ئەنئەنىۋى بەگلىك تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمىگەن، ساداقەتمەن ھاكىملارنى ۋەزىپىگە قويغان بولسىمۇ، يەنە ھاكىم بەگلەرنى باشقۇرىدىغان مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى ۋەزىپىگە قويدى ھەم كۆپ مىقداردا چېرىك تۇرغۇزدى. ئەمما چىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن يەرلىك بەگلەر بىلەن مانجۇ ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەم تۇرغۇزۇلغان چېرىكلەرنىڭ خىراجىتىنى ئوردا خەزىنىسىدىن چىقىم قىلماستىن، «بۇ ئەمەلدارلارنىڭ، مانجۇ ۋە كۆك تۇغلۇق قوشۇنلاردىكى سەركەردە سەرۋازلارنىڭ مائاش خىراجىتى يەرلىكتىن ئېلىنغان زاكات، باجلاردىن چىقىم قىلىنسۇن، مۇبادا پۇقرالار ئارىسىدا مانجۇ سەلتەنىتىگە باج-پاراق تۆلەشتىن باش تارتىپ غەليان كۆتۈرگۈچىلەر كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ يەر-زېمىنلىرى تەخىرسىز مۇسادىرە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئاۋالقىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىپ ئۆستۈرمە باج تاپشۇرۇشقا بۇيرۇلسۇن!»[7] دەپ يارلىق چۈشۈردى. مۇستەبىت ئامباللار بىلەن يەرلىك بەگلەر «خەلقنىڭ بېشىدا تۆمۈر تاۋاقتا ئوت قالاپ، يىلىكىدە سۇ ئىچىش» مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «خان يارلىقى»نى جان جەھلى بىلەن ئىجرا قىلىشقا كىرىشتى. «بۇنىڭ بىلەن سىنپىي ۋە مىللىي زىددىيەت بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭغارلارنى ئاغدۇرۇش، خوجىلارنى تىنچىتىش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممە چىقىملىرىنى خەلقتىن شۇلىۋالدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي – مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى تۈرلۈك قەبىھ ۋاستىلەر بىلەن ئىنتايىن پارازىتلارچە تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇلار ئۆزلىرىگە چىرايلىق  كۆرۈنگەنلىكى خوتۇن – قىزلارنى بۇلاپ كەتتى. قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى. يەرلىك بەگلەر بولسا مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ شەخسىيەتچىلىك ۋە چىرىكلىكتە ئۇچىغا چىقتى. مانا مۇشۇ خىل سىنىپىي ۋە مىللىي زۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى، خەلق ئېزىلىشكە ۋە خورلىنىشقا چىدىمىغانلىقتىن، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەر قايسى جايلاردا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە باشلىدى»[8]. مىلادى 1760 – يىلىدىكى مەھرەمبەگ باشچىلىقىدىكى «بەشكېرەم قوزغىلىڭى» بۇنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر.

    ئەسلىدە بەشكېرەم بەگلىكىنىڭ شاڭ بېگى مەھرەم بەگ «خان تەزىمى»گە بېرىشقا قوشۇلمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىگە بىرەر خەۋپ يېتىشىدىن ئەنسىرەپ «مانجۇلار قول سېلىشتىن  ئىلىگىرى  قول سېلىش ئارقىلىق  ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش» مەقسىتىدە پەيزاۋات ھاكىمى نىياز بەگ ۋە ئاتۇش ئاغۇنىك بېگى نايناق خوجا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىرلىكتە قوزغىلاڭ كۆتۈرشكە تەييارلانغان ئىدى. 1760 يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى 7- ئاينىڭ باشلىرىدا نىياز بەگ بىلەن نايناق خوجا بىر بۆلۈك يىگىتلىرىنى ئېلىپ بەشكېرەمگە كېلىپ، يۇشۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە مانجۇ چېرىكلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەن – قائىدىسىدە بەلگىلەنگە «خانلىق زاكات»نى ئۆز ۋاقىتىدا تۆلىگەن بىر بەشكېرەملىك دېھقاننى  يولسىزلارچە «ئۆستۈرمە باج» تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ. بىچارە دېھقاننىڭ بۇ يىل ئالغان بۇغدايلىرى خاماندىلا «خانلىق زاكات» ئۈچۈن «بېرىۋېىتىلىگەن» بولغاچقا، «ئۆستۈرمە باج» تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدۇ. مانجۇ چېرىكلىرى ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا قارايدىغان ئادىمى يوق، قېرى ئانىسى بىلەن دادىسىنى ۋە چۆچۈرىدەك تۆت بالىسىنى شىپە كەلتۈرۈپ يېلىنشلىرىغا پىسەنت قىلماستىن، «ئۆستۈرمە باج تاپشۇرمىغانلىق جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىپ، يول بويى دۇمبالاپ، بەگلىك مەركىزى ــ قازئېرىقتىكى «مانجۇ ساقچىخانسى»غا ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئەكسىيەتچى مانجۇلارغا بولغان غەزەپ – نەپرىتى كۈنسېرى كۈچەيگەن خەلق ئاممىسى ئۇلارغا ئەگىشىپ ساقچىخانا ئالدىغا كېلىپ، چەمبەرچاس باغلانغان بىگۇناھ قېرىندىشىغا ئىچ ئاغرىتىپ ھېسداشلىق قىلىدۇ. بەشكېرەم مانجۇ ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي كاتىپى شى جىرخۇن ھېلىقى دېھقاننى قاتتىق قىيناۋاتقاننىڭ ئۈستىگە مەھرەم بەگ كېلىپ قالىدۇ. ئۇ بۇ ناھەقچىلىككە چىداپ تۇرالماي مانجۇ ئەمەلدارى شى جىرخۇنغا قارشى تۇرىدۇ. مەھرەمبەگنىڭ چىڭ سۇلالىسى ئاستانىسى ــ بېيجىڭغا «خان تەزىمى»گە بېرىشقا قوشۇلمىغانلىقىغا كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈرگەن مانجۇ ئەمەلدارى شى جىرخۇن ئۇنى قاتتىق تىللايدۇ. بۇ ھاقارەتكە چىدىمىغان مەھرەم بەگ غەزەپ-نەپرىتى ئۆرلەپ سەۋرى قاچىسى قان ياش بىلەن تولغان خەلق ئاممىسىنى باشلاپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ھېلىقى مانجۇ ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۇپ تاشلايدۇ. كۆزىگە قان تولۇپ سەۋرى قاچىسى يېرىلغان قوزغىلاڭچىلار ئاممىسى ئۆزلىرىگە نەسىھەت قىلماقچى بولۇشقان سايىت تۇڭچى بىلەن قادىر دوزاخنى ئۇرۇپ، دەسسەپ-چەيلىۋەتكەندىن كېيىن، ساقچىخانىغا باستۇرۇپ كېرىپ مانجۇ ئەمەلدارلىرى بىلەن مانجۇ چېرىكلىرىنى تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. نىيازبەگ، نايناق خوجا ۋە ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىمۇ قوزغىلاڭچىلارغا ھەمدەم بولۇپ باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ.

    مانجۇلارنىڭ زۇلۇمى تۇپەيلىدىن بەشكېرەم بەگلىكىنىڭ ھەرقايسى كەنىتلىرىدىن يىغىلغان قوزغىلاڭچىلار مانجۇ ساقچىخانسىنى پاچاقلاپ تاشلىغاندىن كېيىن تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ مەھرەم بەگ، نىياز بەگ ۋە نايناق خوجىلارنىڭ باشچىلقىدا باشقا جايلاردىكى مانجۇ ساقچىخانىلىرىغا تېگىش قىلىش ئۇچۈن ئاتلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ 1760-يىلى قەمەرىيە 6-،7-ئايلاردابەشكېرەمدە پارتىلغان بۇ قوزغىلاڭ ئاستا-ئاستا باشقا جايلارغىمۇ كېڭىيىشكە باشلايدۇ. «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى گاۋزۇڭ خان دەۋرىدە يېزىلغان ئوردا خاتىرلىرى»دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قوزغىلاڭچىلار شۇ ماڭغانچە بېرىپ، پەيزاۋات كۆل تېرىمدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ مانجۇ ساقچىخانسىنىمۇ پاچاقلاپ تاشلايدۇ[9].

    «بەشكېرەم قوزغىلىڭى» پارتىلغاندىن كېيىن مۈلكى قەشقەرىيدىكى چىڭ سۇلالىسى دائىرلىرى قاتتىق ئالاقزادىلىك ئىچىدە دەرھال چيەنلۇڭ خانغا ئۈچ تال خوراز پېيى قادالغان «ئالتە يۈز چاقىرىملىق جىددىي مەلۇمات» يوللىدى. «مەلۇمات» ئۈستىگە قادالغان خوراز پېيى مەلۇماتنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسىنى بىلدۈرەتتى. مانجۇ ئىمپېراتۇرلۇقىنىڭ ئوردا قائىدىسى بويىچە بىر تال پەي قادالغان مەلۇمات ئۈچىنچى دەرىجىلىك جىددى مەلۇمات بولۇپ سانىلاتتى. بۇنداق مەلۇماتنى خان ئوردىغا چىققاندىن كېيىن سۇنسىمۇ بولاتتى. ئىككى تال پەي قادالغان مەلۇماتنى، يەنى ئىككىنچى دەرىجىلىك مەلۇماتنى كۈندۈزلىرى خانغا سۇنسا بولاتتى. بىراق ئۈچ تال پەي قادالغان مەلۇمات بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي مەلۇمات بولغانلىقتىن، كېچە-كۈندۈز، 24 سائەتنىڭ ئىچىدە ھەر قانداق ۋاقىتتا خانغا سۇنمىسا بولمايتتى.

    «ئالتە يۈز چاقىرىملىق جىددىي مەلۇمات»نى تاپشۇرۇپ ئالغان چيەنلۇڭ قاتتىق چۆچۈپ، دەرھال ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى يىغىپ، جىددىي كېڭەش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، «بەشكېرەم قوزغىلىڭى»نى باستۇرۇشقا يارلىق ئەۋەتتى. يارلىققا ئاساسەن قەشقەرنىڭ مەسلىھەتچى ئامبىلى ئارغۇن مانجۇ قوشۇنلىرىنى باشلاپ دەرھال قوزغىلاڭ يۈز بەرگەن بەشكېرەم، كۆل تېرىم قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قوزغىلاڭچىلارنى قوراللىق باستۇرۇش ئارقىلىق مەھەللە-كەنتلىرىنى قات-قات قورشىۋالدى ھەم قوزغىلاڭچىلاردىن 468 كىشىنى ئۆلتۈردى. 167 كىشىنى تىرىك قولغا چۈشۈردى. 1094 كىشى ئامالسىز تەسلىم بولدى[10].

مانا بۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى «بەشكېرەم يېغلىقى»نىڭ قىسقىچە جەريانىدۇر.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ئىزاھلار:

[1] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 358-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989-يىل نەشرى
[2] «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1-توم، 430-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.

[3] «قورىغار رايۇننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى» 39-جىلد.
[4] «جۇڭغارلارنى تىنچىتىش چارىلىرى» 82-جىلد 30-بەت. «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى گاۋزۇڭ خان دەۋرىدە يېزىلغان ئوردا خاتىرىلىرى» 601-جىلد 28-، 29-بەت. چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى قەمەرىيە 11-ئاي.
[5] «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى گاۋزۇڭ خان دەۋرىدە يېزىلغان ئوردا خاتىرىلىرى» 619-جىلد 7-، 8-بەت. چيەنلۇڭنىڭ 25 -يىلى 7-ئاي.
[6] «جۇڭغارلارنى تىنچىتىش چارىلىرى»(داۋامى) 5-جىلد 18-، 19-بەت.
[7] «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى گاۋزۇڭ خان دەۋردە يېزىلغان ئوردا خاتىرىلىرى» 593-جىلد 13- ،14- بەت. چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى 7-ئاي.
[8] ئىبراھىم نىياز: «تارىختىن قىسقىچە بايانلار» 286-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى.
[9] «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى گاۋزۇڭ خان دەۋرىدە يېزىلغان ئوردا خاتىرىلىرى» 619-جىلد 7-، 8-بەت. چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 7-ئاي.
[10] «بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى گاۋزھۇڭ خان دەۋرىدە يېزىلغان ئوردا خاتىرىلىرى» 619-جىلد 10-، 11- بەت. چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 8-ئاي.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

[1] «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.
[2] «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1-توم، 430-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1982-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى.

مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»  2003-يىل 5-سان

1

تېما

129

دوست

772

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29870
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 18:53:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمەت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

4274

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1358
توردىكى ۋاقتى: 498
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 20:53:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ   تارىخنى   تۇنجى   ئاڭلىشىم   ،   تىما   ئېگىسىگە   رەھمەت   .   








11

تېما

2

دوست

4266

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1692
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 404
تۆھپە : 1088
توردىكى ۋاقتى: 290
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 23:16:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغلۇقنىڭ بەشكېرەم ھەققىدىمۇ مەخسۇس بىر پارچە كىتىپى چىقتىغۇ دەيمەن. بەلكىم، بۇ مەزمۇنلارمۇ شۇ كىتابقا چوقۇم كىرگۈزۈلدى بولغاي.

9

تېما

0

دوست

2320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 23:27:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلۇم بولىدىكەن، قارشىلىق بولىدۇ.

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 743
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-1 23:37:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلۇممممممممم چىكىدىن ئاشسا شۇنداق بولىدۇ ...
تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار،
تۇخۇمنىڭ ئاشۇ تاشتا دەردى بار.

44

تېما

2

دوست

7772

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 2005
توردىكى ۋاقتى: 497
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 06:26:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان تارىخىمىز ئىكەن. رەخمەت.

9

تېما

7

دوست

4515

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 292
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1390
توردىكى ۋاقتى: 433
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-2 12:43:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-1 23:37
زۇلۇممممممممم چىكىدىن ئاشسا شۇنداق بولىدۇ ...
تۇخۇمنى ت ...

بەرھەق   كىتاپخۇمار   قىرىندىشىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )