ئابدۇنىياز ئىمىن
تەپەككۇرنىڭ زامان چەكلىمىسى بولمايدۇ، روھىي دۇنياسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئۆزىنى شۇنداقلا سىرتقى دۇنيانى ،ئۇنتۇغان ھالدا ئېلىپ
بېرىلغان بىر قېتىملىق ئويلىنىش ،تەپەككۇردىن تۇغۇلغان پىكىر بەلكىم زامانلاردىن ھالقىپ ھەتتا نەچچە ئىرا داۋاملشىشى ،ئوخشىمىغان ئىرق،مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئوخشاشلا ئەقىل بايلىقى بولۇپ يادلىنىشى مۇمكىن، جالالىدىن رومىي ئەنە شۇنداق دەۋردىن ھالقىغان تەپەككۇرى ئارقىلىق دەۋردىن دەۋرگە ئۇلىشىپ ،ئۆز نامىنى ئىرادىن ئىراغا ئۇلاپ، خەلقىمىزنىڭ خىيالەن سېغىنىشغا مۇيەسسەر بولۇپ، ئازغانلارغا ئۆزئەمىليتى ۋە سۆزى ئارقىلىق ماياك كەبى نىشان كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بۈيۈك سىمادۇر.
ئۇنىڭ نامىنى قاچاندىن باشلاپ ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە يوق، بەلكىم ئەڭ بۇرۇن كىتابلاردا ئېلىنغان ئەقىليە سۆزلىرىدىن كۆرگەن بولسام كېرەك. ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ قاچان ئۆتكەن شەخىش ئىكەنلىكىمۇ مەن ئۈچۈن نامەلۇم. ئۇنىڭ بىلەن بىرقەدەر چوڭقۇر تۇنىششقا باشلىغان ۋاقتىم چەتئەل ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چەتئەل ئەدەبىياتى ۋە پەلسەپىسىگە نىسبەتەن مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلغان شۇنداقلا شەرقىنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن ئۆزەمچە مەزمۇن جەھەتتە چوڭقۇرلۇق يوق دەپ قاخشاپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھۆرمەتجان فىكرەت مۇئەللىم تەرجىمە قىلغان «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر» دېگەن كىتابنى ئۇچىرىتىپ قېلىپ سېتىۋالدىم .بىراق ، «يەنە شۇ كونا رامكىدىن چىقالمىغان بولسا كېرەك» دەپ يۈرۈپ ئوقىماي بىر مەزگىل ئۆتۈپ كەتتى. ئارىدىن يەنە بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا روسيەلىك يازغۇچى رادىي فش يازغان«جالالىدىن رۇمىي»ناملىق بىئوگىرافىك رومانىنى ئۇچىرىتىپ قالدىم. چەتئەللىكلەر يازغان ئەسەرلەرنى ئەزەلدىن سۆيۈپ ئوقۇيتۇم.،كۆردۈم-دە،ئارىيەت ئېلىپ چىقىپ ئوقۇشقا باشلىدىم
.ئوقۇغانسىرى كىتابقا مۇنداقچە ئېىيتقاندا، رۇمىينىڭ روھىي دۇنياسىغا كىرىپ كەتتىم. كىتاب مېنى شۇنچىلىك ئۆزىگە تارتتىكى ، جالالىدىن رۇمىينىڭ قەلب ئاۋازىغا ھەمنەپەس بولۇپ ،گاھىدا ئۇ روھىي جەھەتتى سىقىلىش ھېس قىلىپ ،پارتىلاي دەپ پارتىلىيالماي ،روھىي ئىزتىراپلىرىنى كىمگە ئېيتىشنى بىلمەي ،بۇلارنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ساماغا چۈشكەندە ،بەزمىلەردە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۇسسۇلغا چۈشكەندە مەنمۇ خىيالەن ئۇنىڭغا جور بۇلۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتۈم. نامازنى شەكىل ئۈچۈن ،مننەت بىلەن ئوقۇيدىغانلارغا مەسىخىرە ئارلاش كۈلگەندە مەنمۇ ئاچچىق كۈلكەم بىلەن ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرىغا جور بولدۇم. رومىينىڭ روھىي پىشىپ يىتىلىش كارتىنىسى بولغان«جالالىدىن رۇمىي»ناملىق كىتابنى ئەنە شۇنداق تولمۇ مۇرەككەپ ئەمما قىيالماسلىق ھېسىياتى بىلەن ئۇقۇپ تۈگەتتىم -دە،ئىنتىزارلىق ئىلكىدە«ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»نى قولۇمغا ئالدىم . ئىسمىدىنلا ئۆزگىچىلىكى بىلنىپ تۇرىدىغان ،ھەربىر بېتىدىن ھېكمەت پۇراپ
تۇرىدىغان بۇكىتاب مېنى ھەربىر قۇرلىرىدا ئۆز روھىمغا بايلىق ،شان -شەرەپنىڭ ۋەسۋەسىدىن مۇستەسنا ھالدا قايتىدىن بىر نەزەر سېلىشقا ،ئۇنتۇپ كەتكەن روھىم بىلەن بولغان دىئالوگنى تېپىۋېلىشقا ،قسقىسى،ھەقىقىي ئادەم بولىشقا چىللىماقتا ئىدى.
ئۇ غەرىبنىڭكىدەك سۆز ئوينىتشتىن خالىي ھالدا،ناھايىتى چۈشنىشلىك ،سىڭىشچان ھەتتا بەزىدە ئاڭلاش بىلەن ئادەمنىڭ قەلبىنى ئېرىتىپ تاشلايدىغان ئىلاھىي كەلىمىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن شىلدىرلاپ ئېقىپ ئالدىراشچىلىقتا سوغىرىشقا ئۈلگۈرمەي ئۆلەيلا دەپ قالغان قەلب كۆچىتىمگە قۇيۇلماقتا ئىدى.ئۇنى ئۇقىغاندا ئۇنىڭدا نىتسەي،گېگىل ...ھەممىسنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن بىر بىرلەپ ئۆتۈپ كېتۋاتاتتى،بىراق، ئۇنىڭدا نە غەربنىڭ پەلسەپە ئەسەرلىرىنى ئۇقىغاندا بولىدىغان مۈگىدەك،باش ئاغىرىقى يوق،نە ئۆزىنى زورلاش يوق ،شۇنچە تەبئىي.
شۇنداق قىلىپ ،بۇ ئەسەرنى بىرقېتىم كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن،ئاستىغا سىزىپ قويغان يەرلىرنى قايتىدىن بىركۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم ۋاراقداپ ،يەنە بىرقىسىم يەرلىرنىڭ سىزىلىشدىن قېلىپ قالغانلىقنى ھېس قىلدىم ،مۇشۇنداق قىلىپ ھەربىر كۆرگىنىمدە بىر يېڭى مەنىنى بايقايتىم ،ئۇ ئاخىرى ماڭا يا بۇ كىتابنىڭ ھەممە بەت ھەممە قۇرلىرنى سىزىش كېرەكلىكى ياكى بولمىسا پەقەت سىزماسلىق كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
مېنىڭ نەزىرىمدىكى دۇنياۋىي ئەسەر مانا مۇشۇنداق بولىشى كېرەك ئىدى.
«ۋاھ !»دەۋەتتىم ئاخىرى،مەن ئەسلىدە تۆگىگە مىنىپ تۆگە ئىزدەپتىمەن ،ئۆزەمنى چۈشەنمەي ئۆزگىنى چۈشنىشنى ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن،بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟
ئۇنىڭدا ئۆلۈك نەزىرىيلەر ئارقىلىق ئەمەس،بەلكى،«تەپەككۇرسىز ھايات ياشاشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ»(سوقرات)غانلىقىنى چۈشەنگەن روھىي ئۈچۈن ياشايدىغان بىر روھىي ئىنسان ئۆز ئەمىليتى بىزگە سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.شەمسىدىن تەبرىزى بىلەن رومىي ھەم شۇنىڭدەك ئۇلۇغ قەلىبلەرنىڭ سۇقىلىشىدىن پەيدا بولغان يۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت بىر ۋاستە بىزنى روھىمىزغا ئىچكىرلەپ كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ قۇل باغلاپ بىزنى خىجىل قىلىپ تۇراتتى.
...............
ھەممىمىزگە مەلۇم،تىل گەرچە ئنىسانلارنى ئەڭ مۇھىم ئالاقە قۇرالى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەمنى ئادەم قىلىپ تۇرىدىغان مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك بولسىمۇ،ئۇ بەزىدە نۇرغۇن ھېس –ھاياجىنىمىزنى ئىپادىلەشتە تولىمۇ ئاجىز،تولىمۇ ئامالسىز.يۇقىرقىلار مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىمىدىن تىلىمدا
ئىپادىلىيەلىگەنلىرىمنىڭ يىغىنچاقلا بىر كۆرىنىشى ،كىتابتىكى بەزى جۈملىلەرگە خۇددى نەۋايى قايسى بىر غەزىلىدە «<فەنا>نى ئادددىي قىلىپ ئېيىتسام <يوقلۇش>دېمەكتۇر،ئەگەر ئۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش توغرا كەلسە نەچچە كىتابمۇ ئازلىق قىلۇر »دېگەندەك بۇ يەردە ئىزاھلاشقا ۋاقتىمىز ھەم قۇربىمىز يەتمەسلىكى مۇمكىن.
«جالالىدىن رۇمىي»ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى رادىي فش:«بىز ياشاۋاتقان ئەسىردىكى كىشىلەر ھەددى –ھېسابسىز نەرسىلەرنى بىلىدۇ،ئېھتىمال بۇلارنىڭ تەپەككۇرىدا مەنتىقىلىق ۋە مەۋزۇنلۇق نەچچە ھەسسە ئۈستۈندۇر،لېكىن بۇلار ئاشۇ ئون نەچچىنچى ئەسىردىكىلەرگە ئوخشاش كۈچلۇك ھېس قىلالامدىكىن؟»دەپ ئېيتقان ئىدى،قېنى سىزمۇ ماددىيەتنىڭ قەسىردىن بىرەر سائەت ۋاقتىڭىزنى ئاجىرتىپ چىقىپ بۇ كىتابنى ۋە روھىيەت
كىتابىڭىزنى ئىختىرا قىلىپ بېقىڭ ،سىز قانچىلىك ھېس قىلىپ چۈشنەلەيسىز،زادى ئۇلارغا يىتەلەمسىز يوق؟...
ئىزاھات:بۇ يازما پەقەت كىتاب ئۇقۇش خاتېرىسى شەكلىدە،ئويلغانلىرىمنى ئورتاقلىشش مەقسدىدە يېزىلدى. |