ئەخەت تۇردى «ئاپتۇر بىلەن سۆھبەت» پىروگراممىسىدا
شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇپخانىسى جەمئىيەتتىكى خالىغان ئوقۇرمەننى جەمئىيىتىمىزدىكى داڭلىق يازغۇچىلىرىمىز بىلەن شۇ يازغۇچىنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ياكى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان مەلۇم ئەسىرى ھەققىدە يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىش شەرىپىگە ئېرىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرغان «ئاپتۇر بىلەن سۆھبەت» پىروگراممىسى 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى بىلكۈچ كۇتۇپخانىسىدا سۈرەتكە ئېلىندى.
«ئاپتۇر بىلەن سۆھبەت» پىروگراممىسى ئايدا ئىككى قېتىم، بىر يىلدا 24 قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان، يەكشەنبە چۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدىغان، «بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى كۆرەش بارات رىياسەتچىلىك قىلىدىغان، خالىغان ئادەم قاتناشسا بولىدىغان پىروگرامما بولۇپ، تۇنجى قېتىم پىروگراممىغا دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇنىڭ «سەرسان روھ» ناملىق رومانى ۋە نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان «مەن سۇ ئىچكەن دەريالار» ناملىق ئۈچ توملۇق كىتابى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەت ئاۋۋال ئەخەت تۇردى بىر سائەت ئەتراپىدا سۆز قىلىش، ئارقىدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش شەكلىدە ناھايىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى.
ئەخەت تۇردى سۆزىدە: مەن ئەدەبىياتقا كىچىكىمدىن قىزىقاتتىم، مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، بىر قېتىم ئۆزۈم ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان قازىغىستانلىق ئاتاقلىق يازغۇچى بىلەن تۇيۇقسىز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالدىم، بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ماڭا بەك زور ئىلھام بولدى، ئۆزۈم غايىبانە تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ئاتاقلىق يازغۇچى بىلەن يۈز تۇرا كۆرۈشكىنىمنى خېلى يىللارغىچە تاتلىق خىيال قىلىپ يۈردۈم. تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا مېنىڭ يېتەكچىلىكىمدە ئەدەبىيات كۇرژىكى تەسىس قىلىنغانىدى. 1958 – يىلى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، «گۈرۈچ» ناملىق بىر پارچە ھېكايەم تارىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ ماڭا 84 يۈەن قەلەم ھەققى كەلدى، شۇ چاغدا بۇ 84 يۈەن مېنىڭ سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ بەش ئايلىق مائاشىغا تەڭ كېلەتتى. شۇ چاغدا سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم چاقچاق قىلىپ، سىنىپىمىزنىڭ ئارقا دوسكىسىغا «گۈرۈچ + 84 = بىر قىز» دەپ يېزىپ قويغانىدى. شۇ خىل ئىلھاملار تۈرتكىسىدە مەن ئۆزۈمگە بىر ئۆمۈر يېزىقچىلىق قىلىپ ئۆتۈشنى ئەھدە قىلدىم. 1989 – يىلى تۇنجى رومانىم «ئۇنتۇلغان كىشىلەر» نەشىردىن چىقتى، مەن بۇ روماننىڭ شاراپىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ساياھەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىلگىرى كېيىن ئىككى قېتىم چىقىش ئارقىلىق «سەرسان روھ» ناملىق رومانىمنى يېزىپ چىقتىم. بۇ رومانىم «تۇلپار مۇكاپاتى» قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «سەرسان روھ» تا ئاساسلىقى ۋەتەندىن ئايرىلغانلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان تەلپۈنۈش ھېسياتى تەسۋىرلىنىدۇ. بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئانىنىڭ قورسىقى بىرىنچى ۋەتىنىمىزدۇر، تۇغۇلغان يۇرتىمىز ئىككىنچى ۋەتىنىمىزدۇر، بىز ھازىر تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان يۇرتىمىز ئۈچۈنچى ۋەتىنىمىزدۇر، ھىجرەتتە ئۆتۈۋاتقان يۇرتىمىز بەشىنچى تۆتىنچى ۋەتىمىزدۇر. ۋەتەن دېگەن ئوقۇمنى مۇشۇنداق كۆپكە بۆلۈشكە بولىدۇ. «سەرسان روھ» نى يېزىش جەريانىدا مەن ئەرەبلەردە مۇنداق بىر خىل ئورۇنسىز غورۇرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم، يەنى ئۇلار: «قۇرئان كەرىم ئەرەبچە چۈشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەرەبلەردىن چىققان، شۇڭا بىز ئەرەبلەر ئەڭ ئۇلۇغ مىللەت» دەپ ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ دۇنيالىقتا ئەجىر – مېھنەتسىز، ياخشىلىقسىز شاراپەتكە ئېرىشىدىغان ئىش يوق.
بىر يازغۇچىنىڭ مەلۇم ئەسەرنى يېزىشى ئۈچۈن مەلۇم تۈرتكە بولۇشى كېرەك، تۈرتكە بولمىسا ئەسەر يازغىلى بولمايدۇ. بىر يازغۇچى ئۈچۈن بىۋاسىتە تەسىراتقا ئېرىشىش ناھايىتى مۇھىم، بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، يازغۇچى ياكى شۇ ۋەقەلىكنى ئۆزى ئەينەن بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇشى، ياكى شۇ ۋەقەلىكنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلەرنى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىشى كېرەك.
كارخانىچىلار ماددىي بايلىق ياراتقۇچىلاردۇر، يەنى ئۇلار كارخانىدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار مىللەتنى ماددىي جەھەتتىن ئۇزۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، يازغۇچىلار مەنىۋىي بايلىق ياراتقۇچىلاردۇر، ئۇلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرى كىشىلەرگە مەنىۋىي ئۇزۇق بېغىشلايدۇ. ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇش ئارقىلىق ئادەم قانداق ياشاش توغرىسىدا نۇرغۇن تەجرىبە – ساۋاقلارغا ئېرىشەلەيدۇ، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى موللاشتۇرالايدۇ. يازغۇچى بىر كىتابنى يېزىپ، نەشىردىن چىقىرىش ئۈچۈن ئانىنىڭ تولغاق ئازابىنى بېشىدىن كەچۈرگەنگە ئوخشاش جاپالىق جەرياننى بېشىدىن كەچۈردۇ، بۇ جەرياننى پەقەت شۇ جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققانلارلا ھېس قىلالايدۇ.
ئەدەبىيات دۇنيانى ماددىي جەھەتتىن ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما ئادەمنى ناھايىتى قىممەتلىك روھىي ئۇزۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، قانداق قىلغاندا ياخشى ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى نۇرغۇن ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق يېشىپ بېرىدۇ. ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇيدىغانلار زېھنىنى تاۋلىيالايدۇ.
بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن بىرىنچىدىن جۈرئەت، ئىككىنچىدىن بىلىم، ئۈچۈنچىدىن ماھارەت كېرەك. جۈرئەت دېگەندە، يازغۇچىدا مەن دۇنيانىڭ سىرىنى ئاچالايمەن دەيدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك، ماھارەت دېگەندە، دەسلەپكى يازغۇچىلىقنىڭ خېمىتۇرۇچى، ئازىراق تالانت بولمىسا ئۇ يېزىقچىلىقنى ئۆمۈر بويى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغانلار چوقۇم كاللىدا پىشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ئەسەر كاللىدا پىشىپ بولغاندىن كېيىن يېزىش ئاسانغا توختايدۇ.
نوبىل مۇكاپاتىنى باشقا مىللەتلەر ئالالىغانىكەن، ئۇيغۇرلارمۇ چوقۇم ئالالايدۇ، چۈنكى ئەينى زاماندا مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى، نەۋايىغا ئوخشاش كاتتا ئالىم، ئەدىبلەرنى تۇغالىغان ئۇيغۇر ئاياللىرى ھازىرقى زاماندىمۇ چوقۇم نوبىل مۇكاپاتى ئالالايدىغانلارنى تۇغالايدۇ.
سۈرەتتە: يازغۇچى ئەخەت تۇردى يازما ئىگىسى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر بىلەن بىللە
|