بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 14:12
يېقىنقى «تاشقىي پلانېت ئادىمى» ھەققىدىكى خەۋەرمۇ يالغان
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى
يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر ماڭا ئۇچۇر يېزىپ، مەندىن «بويد بۇشمەن» (Boyd Bushman) ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق ئالىم تور ئارقىلىق تارقاتان، «تاشقىي پلانېت ئادەملىرى راستىنلا بار بولۇپ، ئۇلار يەر شارىنى زىيارەت قىلىپ باققان» دېگەن مەزمۇندىكى بىر پارچە سىن ھۆججىتىدە دېيىلگەن خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى سورىدى (ئۇ سىن ھۆججىتىنى ھازىرمۇ يۇتيۇبتىن تاپقىلى بولىدۇ). مەن ئۆزەمگە خەت يېزىپ، بۇ ئىشنى سورىغان تورداشلارغا ھازىرغىچە ئايرىم-ئايرىم جاۋاب بېرىپ كەلدىم. بۈگۈن مۇشۇ قىسقا يازمىدىن پايدىلىنىپ بۇ ئىشنى ھەممەيلەنگە بىراقلا چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇ ئىش يالغان. ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ.
ئامېرىكىدىكى «Lockheed Martin» شىركىتى ناسا ئۈچۈن بىر قىسىم ئالەم تېخنولوگىيىسىگە ئائىت نەرسىلەرنى ياساپ بېرىدىغان شىركەت بولۇپ، بويد بۇشمەن دېگەن كىشىنىڭ بۇرۇن ئاشۇ شىركەتتە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىم بولۇپ ئىشلىگىنى راست. بۇ كىشى 2014-يىلى 7-ئاۋغۇست كۈنى 78 يېشىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ۋاپات بولۇشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىر سىن ھۆججىتى تەييارلاپ، ئۇنى تورلارغا چىقىرىپ قويغان. ئۇ سىن ھۆججىتى ئۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان بولۇپ، پەقەت يېقىندىلا بۇ ئىش تورلاردا بىر قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ قالغان. بويد بۇشمەننىڭ دېيىشىچە تاشقىي پلانېت ئادەملىرى يەر شارىغا كېلىپ باققان ئىكەن. ئۇ ھېلىقى سىن ھۆججىتىدە ئۆزىنىڭ بىر «تاشقىي پلانېت ئادىمى» بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىمىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭغا ئائىت بىر قىسىم يالغان گەپلەرنىمۇ قىلىدۇ. ئۇ گەپلەر يالغان بولغاچقا، مەن بۇ يازمىدا ئۇلارنى بايان قىلىپ ئولتۇرمايمەن.
ناسا ۋە «Lockheed Martin» شىركىتى قاتارلىق رەسمىي ئورۇنلارنىڭ ھېچ قايسىسى بويد بۇشمەننىڭ ھېكايىسىغا بىرەر ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇچار تەخسە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېلېۋىزور ئوبزورچىلىرى بولسا ئۇ كىشىنى زاڭلىق قىلىشىۋاتىدۇ.
مېنىڭ ئۆتكەندە بىر ماتېرىيالدا كۆرۈشۈمچە، ئامېرىكا ئۇچار تەخسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، «مەن ئۇچار تەخسىگە چىقىپ، تاشقىي پلانېتا ئادەملىرى بىلەن بىر ھەپتە بىللە بولۇپ چۈشتۈم» دەۋالغان، ھەمدە ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە كىشىلەردىن 176 نەپەر كىشىنى تىزىملاپتىكەن. كېيىن يالغانچىلارنى تاپىدىغان ئەسۋاپقا سېلىپ دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن قاتتىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ ھېكايىسى پۈتۈنلەي يالغان چىقىپتىكەن. بەزى كىشىلەر راستلا شۇنداق ئىش بولغاندەك بىر خىل روھىي ھالەتكە كىرىپ قالىدىكەن. مېنىڭچە بۇ ئادەممۇ ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرسى بولىشى مۇمكىن. ناسا دىكىلەر ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنداق گەپلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.
ئامېرىكا ئۇچار تەخسە ھەققىدىكى تەتقىقات خىزمىتىنى 1978-يىلى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتكەن.
شۇڭلاشقا مەن ھەممە قەرىنداشلاردىن بۇ خەۋەرگە ئىشەنمەسلىكنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن بىر قانچە ھەپتىنىڭ ئىچىدە تاشقىي پلانېتا ئادەملىرى ھەققىدە بىر ئايرىم تېما يوللاپ، بۇ ھەقتە بىر قەدەر تەپسىلى ئۇچۇر بەرىمەن.
تۆۋەندىكى 1-رەسىمدىكىسى بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى دۇكانلاردا سېتىلغان بالىلارنىڭ پلاستىك ئويۇنچۇقلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بويد بۇشمەن بىللە رەسىمگە چۈشكەن «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بىلەن ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. قالغان رەسىملەر بولسا بويد بۇشمەن تارقاتقان سىن ھۆججىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Video emerges of 'Lockheed Martin scientist' claiming aliens are REAL and that he worked at Area 51 on UFO technology
<http://www.dailymail.co.uk/scien ... technology.html>
[2] On Deathbed, Former ‘Lockheed Martin Engineer’ With ‘Top Secret Clearance’ Opens Up About…Aliens
<http://www.theblaze.com/stories/ ... p-about-aliens/>
1-رەسىم
1-رەسىم: بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىدىكى دۇكانلاردا سېتىلغان بالىلارنىڭ پلاستىك ئويۇنچۇقلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بويد بۇشمەن بىللە رەسىمگە چۈشكەن «تاشقىي پلانېتا ئادىمى» بىلەن ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. تۆۋەندىكى قالغان رەسىملەر بولسا بويد بۇشمەن تارقاتقان سىن ھۆججىتىدىكى كۆرۈنۈشلەر.
2-رەسىم
3-رەسىم
4-رەسىم
5-رەسىم
مەن «51-رايون» ھەققىدە بۇرۇن بىر پارچە قىسقا ماقالە تەييارلىغان. بۇ «51-رايون» بۇ قېتىمقى بويد بۇشمەننىڭ «مەن بۇرۇن 51-رايوندا ئىشلىگەن» دېگەن سۆزىدىكى «51-رايون» نىڭ نەق ئۆزى شۇ. قىزىقىدىغان قېرىنداشلار مەنىڭ ئۇ يازمامنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار:
ئامېرىكىدىكى «تاشقىي پلانېتلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي»
http://bbs.misranim.com/thread-109824-1-1.html
ئامېرىكىنىڭئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغانمۇ؟ http://bbs.misranim.com/thread-110012-1-1.html
|