قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 19524|ئىنكاس: 37
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاشپولات: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغلانى ئالىم خەمىت ھىمىتتىن ئايرىلدۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

200

تېما

63

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 22
مۇنبەر پۇلى: 495
تۆھپە : 3700
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 08:56:34 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-9 08:55  

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئوغلانى ئالىم خەمىت ھىمىتتىن ئايرىلدۇق

تاشپولات روزى

ئالىم ئۆلدى، ئالەم ئۆلدى، ئىلىم كۆكىدىن بىر چولپان ئۆچتى

h5.jpg

بۈگۈن ئەتىگەن يەنى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئۇندىدار خەۋەرلىرىنى كۆرەي دەپ تېلېفونۇمنى ئاچسام مۇسبەت خەۋەرلەر كىرىپتۇ. قالدۇرغان سۆزدە “ئاكا خەمىت ھىمىت ۋاپات بوپتۇ ئۇقتىڭىزمۇ” دەپ. بۇ سۆزنى كۆرۈپ ئۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. دەررۇ ئۇندىدارغا سۆز قالدۇرۇپ بۇ يالغان خەۋەر بۆلىشى مۇمكىن دەپ يېقىن تونۇشلىرىمغا خەت يازدىم. خەتنى يوللاپ بولۇپ نەچچە مىنۇت ئىچىدە بىرقانچە دوستلاردىن خەۋەر كېلىپ خەۋەرنىڭ راسلىغىنى ئۇقتۇردى. ئۇ ئۈرۈمچىدىن يەكەنگە 2 كۈن بۇرۇن قايتىپتىكەن. يەكەندە يۈرەك قىسىلما كېسىلى سەۋەبىدىن ۋاپات بوپتۇ. مەن ۋە ئايالىم بۇ خەۋەرنىڭ راسلىغىنى ئۇقۇپ  قاتتىق قايغۇردۇق، يۈرىكىمىز ئېچىشتى، يىغلىدۇق، مەن چوڭ ئاۋازدا ۋارقىراپ تاشلىدىم. مانا مۇشۇ خەۋەرنى يېزىۋېتىپ ئۇنۇڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قالدۇرغان ئاجايىپ ئىش ئىزلىرىنى ۋە دوستلۇقىمىزنى ئويلىغاچ كۈزلىرىمدىن توختىماي ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى.

h14.jpg

دوستۇم خەمىت ھىمىت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سابىق مەكتەپ ماۋىن مۇدىرى، جۇغراپىيە پروفېسسورى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئالىمى بولۇپ، ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان، خىزمەت بىلەن يەكەن ناھىيىگە چۈشكەن ئىدى. ئالىم خەمىت ھىمىت، 1960-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ 1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى تاشپولات تېيىپ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرىدۇ. ئۇ ياپونىيەگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن چاڭچۈن پېداگوگا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياپونچە ئۆگىنىدۇ. ياپونچە ئوقۇۋاتقىنىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماگىستىرلىققا ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئۇ ياپونغا چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ ۋەتەن ئىچىدە ئوقۇپ ئۆز خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ مىللەتكە تۆھپە قوشۇش يولىنى تالىۋالىدۇ. ئۇ ئاخىرى جۇغراپىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ فاكۇلتېتنىڭ غوللۇق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى بولۇپ، كۆپلىگەن دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇستازى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ دىيارىمىزنىڭ مۇھىت ئىشلىرى، سۇ ئىشلىرى  ۋە تەكلىماكاننىڭ مۇھىت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئىنتايىن قىممەتلىك ماقالىلەرنى يازىدۇ. ئۇ دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىلىرىدىن كۆپىنى تاماملايدۇ. ئۇ ھازىرغىچە 110 پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق ژۇرناللاردا 15 پارچە ئىلمى ماقالە ئېلان قىلىدۇ. ئۇنۇڭ يازغان ئىلمى ماقالىلىرى دۆلەت ئىچى سىرتىدا ئالاھىدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ.

h17.jpg

مەن ئالىم خەمىت ھىمىت بىلەن 1980-يىلى تونۇشقان ئىدىم. ئۇ ناھايىتى تىرىشچان، سىنىپ ئۆگىنىش ھەيئىتى ئىدى. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز ئەنە شۇ يىلدىن باشلانغان ئىدى. ئىككىلىمىز توي قىلغاندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى داڭلىق بىنا 3 يېرىم قەۋەتلىك بىنانىڭ 2-قەۋىتىدە قوشنا بولۇپ ئولتۇرغان ئىدۇق. ئۇ ناھايىتى ئوچۇق پېئىل، خۇش چاقچاقچى، ئاسانلا باشقىلار بىلەن چىقىشىپ كېتەتتى. شۇنداق بولغاچقا ئۇ ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرى ئارىسىدا چوڭ ھۆرمەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ يەنە سۆزمەن ناتىق ئىدى. ئۇ بىر قېتىم مېنى ئۆيىگە چاقىرىپ، تاشپولات ماۋۇ ۋىناس ھەيكىلىنى كۆردۈڭمۇ، بۇ ئايالنىڭ ئىككى قولى يوق. مۇشۇ ئىككى قولنىڭ يوقلۇقى ئۇنۇڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ دەپ ماڭا ئۇ ھەيكەلنىڭ گۈزەللىكى توغرىلىق ئۇزۇن سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىر ماۋىن مۇدىرلىق ئورنىنى خەلق ئىچىدىن سايلام ئارقىلىق قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. دوستۇم خەمىت ھىمىت بۇ ئورۇنغا 10 رىقابەتچى بىلەن سايلامغا چۈشىدۇ. ئۇنۇڭ خەلق ئىچىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنى، خەلق ئاممىسى قاتتىق قوللايدۇ. ئۇ ئاخىرى ناھايىتى كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماۋىن مۇدىرلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ شىنجاڭدا خەلق ئاممىسى سايلىمى ئارقىلىق چىققان بىردىن بىر مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ناھايىتى كىچىك پېئىل بولۇپ ھوقۇقىنى كۆز-كۆز قىلىپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، دوستلىرىدىن ئايرىلىپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ راسنى راست يالغاننى يالغان دەيدىغان مۇدىر ئىدى. شۇڭا ئۇ خەلقىمىز ئىچىدە ئىنتايىن چوڭ ئابرۇيغا ئىگە ئىدى.

h10.jpg

2008-يىلى بىزنىڭ پەخىرلىك دۇنيادا بىردىن بىر ئەتراپ قىلغان ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئىلمى دوكلات سۆزلەش پۇرسىتىنى مانا مۇشۇ بىزنىڭ پەخىرلىك ئالىمىمىز خەمىت ھىمىت بېجىرىپ بەرگەن ئىدى. مەن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ دوكلات بېرىش ئويىنىڭ بارلىقىنى دوستۇم خەمىتكە ئۇقتۇرغان ئىدىم. ئۇ شۇ ۋاقتىدا باشقىلارنىڭ شۆھرەت مۇتەللىپ ۋەتەندىن چىقمىغان ئىكەن دەپ ئەنسىرەپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قايىل قىلىپ ئۇنۇڭ ۋەتەنگە بېرىپ ئىلمى دوكلات بېرىش ئىشلىرىنى بېجىرىپ بەرگەن ئىدى. ئۇ شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات قىلغاندا، دوكلات يىغىنىدا سوز قىلىپ، شۆھرەت مۇتەللىپكە پەخرى پروفېسسورلۇق ئۇنۋاننى بېرىدۇ. ئۇ بېيجىڭغا مەخسۇس بىر ئادەم ئەۋەتىپ شۆھرەت مۇتەللىپنى كۈتۈۋالىدۇ.ئۇ ئامەرىكاغىمۇ كەلگەن بولۇپ بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولغان ئىدى. بىز لوس ئانجېلېستىكى ساياھەت ئورۇنلىرىغا بىرگە بېرىپ كۆپ پاراڭلاشقان ئىدۇق. ئۇ ھەقىقەتەن بىلىم ئىگىسى بولۇپ ۋەتەن خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا كۆپ تۆھپىلەرنى قوشتى.

h1.jpg

مەن بۇ يىل 6-ئايدا ۋەتەنگە بارغىنىمدا خەمىت ھىمىت بىلەن تېلېفوندا پاراڭلاشقان ئىدۇق. ئۇ يەكەن ناھىيىسىگە خىزمەت ئىشى بىلەن چۈشۈپتىكەن شۇڭا ئۇنۇڭ بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە ئۇنۇڭ ئوغلىدىن ماڭا خەت كېلىپ، كېلەر يىلى فىزىكىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋاننى ئالىدىغانلىقىنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكادا ئوقۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى مۇمكىن بولسا كەسىپ تاللاشتا ياردەمدە بۆلىشىنى سوراپتىكەن. مەن ئۇنۇڭغا خەت يېزىپ ماڭا بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىشىنى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى خەۋەر بېرىدىغانلىقىمنى ئۇقتۇرغان ئىدىم. بۈگۈنلەردىن ئۇنۇڭغا خەت يازاي دەپ ئولتۇرسام ماۋۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى ئاڭلاپ نېمە قىلىشىمنى ئۇقالماي قالدىم. ئاھ نېمىدېگەن رەھىمسىز دۇنيا بۇ! ئوغلۇم ئىليار خاتىرجەم بولغىن ئاتاڭ بىزدىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان بولسىمۇ بىراق ئاتاڭنىڭ بىزدەك دوستلىرى سېنى ۋە سېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن مېھرىبان ئاناڭنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. ياق بىزلا ئەمەس ئۇيغۇر خەلقى ئاتاڭدەك مېھرىبان ئوغلانىنى مەڭگۈ يات ئېتىدۇ. سېنى ھەرگىزمۇ يات قويمايمىز. سېنىڭ ئامېرىكاغا كېلىپ ئوقۇشۇڭ ئۈچۈن نېمە كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۈمىدىڭنى ئادا قىلىمەن. دوستۇم خەمىت ھىمىت، سەن ياش كەتتىڭ بىراق قالدۇرغان يۈكسەك روھۇڭ، كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان چىرايىڭ، كىچىك پەئىللىغىڭ، دوست دېگەننى قەدىرلەيدىغان روھۇڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا قالدۇرغان ئۆچمەس روھۇڭ بىزدە مەڭگۈ يات ئېتىلىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ. دوستۇم ھەمىت ھىمىتنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! ئامىن.

h8.jpg



ئەسكەرتىش: پروفېسسور، مەكتەپ مۇدىرى، ۋە جۇغراپىيە ئالىمى دوستۇم خەمىت ھىمىتنىڭ نامىزى ئەتە يەنە يەكشەنبە چۈشتە  نوغاي مەسچىتىدە چۈشۈرۈلىدۇ…ئورنى كونسۇل كوچىسى دوقمۇشىدا.

h2.jpg h6.jpg



h9.jpg h15.jpg


h18.jpg h4.jpg
h7.JPG

h11.jpg



0

تېما

0

دوست

745

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18228
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 232
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 10:21:20 |ئايرىم كۆرۈش
ئەتىگەندىلا بۇ قايغۇلۇق خەۋەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىنتايىن  يېرىم بولدى،ئالىمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! ئامىن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

1080

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31651
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 328
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 10:55:45 |ئايرىم كۆرۈش
ئاھ، تەڭسىز دۇنيا... ! ئالىمنىڭ  ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن سەمىمى ھال سۇرايمەن! ئالىمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي !

10

تېما

1

دوست

2372

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 742
توردىكى ۋاقتى: 208
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-22
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 10:59:12 |ئايرىم كۆرۈش
كۆڭلۈم يىرىم بولدى،ئالىمىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن.ئائىلستىكىلەرگە سەبىر تىلەيمەن.

0

تېما

0

دوست

3880

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1228
توردىكى ۋاقتى: 451
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 11:24:49 |ئايرىم كۆرۈش
ھەمىمىز   ئۆلۇمنىڭ   تەمىنى   تىتىغۇچىلارمىز  ،    پەقەت   ئىېلگرى - كىيىنلىك   مەسىلىسىدۇر  .   ئەدىگەندە   بۇ   قايغۇلۇق   خەۋەرنى   ئوقۇپ   كۆڭلۇم    تولىمۇ   مەيۇسلەندى   .   ئىھ   ئاللاھ   ،   ئۇشبۇ    ئالىمىمىزنىڭ   بىلىپ - بىلمەي    ئۆتكۇزۇپ    قالغان    گۇناھلىرنى    مەغپىرەت    قىلۋەتكەيلا   .   گۆر   ئازابىدىن    ئۆزلىرى    ساقلىغايلا   ،    قىيامەت   كۇنى   نامى-ئەمەلىنى   ئوڭ    قولىغا   بىرىپ    ياخشىلار   قاتارىدىن    ئورۇن   بەرگەيلا  ... ئامىن   .

0

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6101
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 189
تۆھپە : 601
توردىكى ۋاقتى: 504
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 11:26:28 |ئايرىم كۆرۈش
مەكتەپداش ئىدۇق ،ئالىمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي  ئامىن!

4

تېما

4

دوست

1528

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23502
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 510
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 13:50:45 |ئايرىم كۆرۈش
ئالىمىڭ كەتتى ئۇيغۇرۇم ،يۇلتۇزۇڭ ئۆچتى ،
ئاڭا بىرگە ئىلىم كەتتى شۆھرىتىڭ كۆچتى .
ئۇ ياندۇرغان چىراق مەشئەل ئۆچمەيدۇ ئەمما،
شۇ چىراق مەشئەللەردىن پارلىسۇن كەلگۈسى !

رەھمەت ئەيلىگىن رەببىم ئاڭا قىلغىن ئىنايەت ،
ئالىم بىلەن كۆكلىگەنتى پۈتكۈل ئۇيغۇرۋىلايەت .
ئالىم باسقان شۇ يوللاردا ئۆچمىسۇن ئىزلار ،
شۇ يوللار گۈلگە تولسۇن تاكى دەۋرى قىيامەت .

ئامان بولسۇن ئۇيغۇرىنى چىن دىلىدىن سۆيگەنلەر ،
شۇ سۆيگۈچۈن ئىلىم مەرىپەت كوچىسىغا كۆيگەنلەر .
ئىلىم كوچىسى كۈلپەت تولا ،مۇقەددەس بىر كوچا،
ئاداققىچە ماڭماق ئۈچۈن نى كۈلپەتلەر كۆرگەنلەر .

مۇلاقات مەنزىلىمىز  نامازگاھ  بولسۇن قېرىنداشلىرىم

0

تېما

2

دوست

1604

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32022
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 454
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-18
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-9 14:25:44 |ئايرىم كۆرۈش
ئالىمنىڭ  ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن سەمىمى ھال سۇرايمەن.... ئالىمنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي .تاشپولات ئاكىمىز غا رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )