قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 17462|ئىنكاس: 30
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەيسەر مىجىت: مىنىڭ (ئامىرىكىلىق) قوشنىلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

90

تېما

34

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 905
تۆھپە : 4327
توردىكى ۋاقتى: 246
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 09:32:28 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    چەتئەلدە ياشاپ قالغان كىشىلەرنىڭ ھەرقاندىغى تاكى تۇرمۇشى ئىزىغا چۈشۈپ، ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ بىر يەردە مۇقىم تۇرمىغۇچە نەچچە قىتىم كۆچۈپ باقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار- خىزمىتى بارلارغا قارىغاندا، بويتاقلار -توي قىلغانلارغا قارىغاندا، ئۆي ئىجارىگە ئالغانلار -ئوي سىتىۋالغانلارغا قارىغاندا كۆپرەك كۆچىدۇ.  ئۇنداق بولۇشنىڭ ھەر تۇرلۇك سەۋەپلىرى جۈملىدىن، ئائىلىۋى، ئىجتىمائى، ۋە ئىقتىسادى سەۋەپلىرى بار، ئەلۋەتتە.
    مەنمۇ چەتئەلدىكى ھاياتىمدا بۇ جەريانلاردىن مۇستەسنا بولالمىدىم.
    بىزدە "يىراقتىكى تۇققاندىن يىقىندىكى قوشنا ياخشى" دىگەن سۆز بار.  مەن مۇشۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چەتئەل مۇھىتىدا چۇشۇنۇپ ياشاشقا تىرىشىپ كەلدىم.
   مىنىڭ ھەقىقى مەنىدە قوشنام بولغان چاغلىرى - تۇنجى قىتىم خىزمەتكە چىققان چىغىمدىن باشلاندى.
    مىنىڭ كۆڭلۈم دەسلەپتىلا كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەن شەيئىلەرگە، ئادەملەرگە باغلىنىپ قالىدۇ، ئەمىليەت ئۇلارنىڭ ساختىلىغىنى، مىنىڭ سەزگۈلۈرۈمنىڭ خاتالاشقانلىغىنى ئىسپاتلىمىغۇچە مەن ئۇلاردىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيمەن.
    شۇ مەنىدىن ئىيتقاندا،  مەندىكى ماڭا ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەن شەرقى شىمال ئۇنىۋىرسىتىتىگە بولغان ھىسسىياتمۇ شۇنداق. شۇڭا مەن ئايالىم ئۈرۈمچىدىن يىتىپ كەلگەندىن كىيىن تۇرىدىغان  ئۆينى مەكتەپكە پىيادە 3 مىنۇت كىلىدىغان يەردىن يەنى "تۆۋەنكى روشبۇري" (lower roxbury) دىگەن رايوندىن  ئالدىم. ئىقتىسادى كەمچىللىكنىڭ ئادەمنىڭ تاللىشىنى تارايتىدىغانلىغى ئىنىق. مەن يانچۇقۇمنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئايلىق ئىجارىسى 1000 دوللار بولغان ئىككى ئىغىزلىق ئوينى ئىجارىگە ئالدىم. ئۇ چاغدا مەن ئوقۇغۇچى بولۇپ مەكتەپتىن ئايدا بىرىدىغان $1500 ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق پۇلى ۋە تەتىل مەزگىللىرىدە مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسى، كومپۇتىرخانىسىدا ئىشلەش ۋە ياتاق بىناسىنى ساقلاش قاتارلىق  سائىتىگە 7 -9 دوللارلىق ئىشنى ئىشلەپ تىرىكچىلىك قىلاتتىم. بوستوندا ئۆي ئىجارىسى قىممەت،  خام نەرسىلەر خىلىلا ئەرزان بولۇپ يىمەك ئىچمەككە كۆپ چىقىم كەتمەيدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن، بىز ئاشۇنچىلىك پۇل بىلەن سىرىق تال كۈن ئۆتكۈزۈپ جان ساقلاپ تۇردۇق.

    بوستون -ئامىرىكا بويىچە تارىخى ئۇزۇن، نوپۇسى يىلدىن يىلغا ئىشىپ بىرىۋاتقان شەھەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋە ئۇنىڭغا قوشنا شەھەرلەرگە نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشى بىلەن بۇ شەھەرنىڭ نوپۇس تەركىۋىدە ياشلار چوڭ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇ يەردە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ياكى ھۆكۈمىتىنىڭ  ياكى باشلىق ياكى تىجارەتچى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىشى بىلەن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇن ئۇلار ئۆي ئىجارىسىنىڭ يۇقۇرىلىغى بىلەن ھىساپلىشىپ كەتمەيلا ئۆيلەرنى ئىجارىگە ئىلىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ - ئۆي ئىجارىگە بىرىش جەھەتتە ئۆي ئىگىلىرىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغان. يەنى ئۆي ئىگىلىرىنىڭ مۇئامىلىسى - "ئالساڭ ئال، ئالمىساڭ ئادەم بار".

    مەن ئىجارىگە ئالغان ئۆي، قارا تەنلىكلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا بولغاچقىلا باھاسى شۇنداق بولدى، ئاق تەنلىكلەر رايونىدا بولغان بولسا بەلكىم 1300-1400 دوللارغىمۇ ئالغىلى بولمايتتى. چۈنكى بەزى كىشىلەر قارا تەنلىكلەر رايونىنى خەتەرلىك ھىس قىلىپ ئۇ يەردىن ئۆي ئىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ خىل قاراشقا بىر خىل ئىرقچىلىق ۋە كەمسىتىش يوشۇرۇنغان.

     مىنىڭ نەزىرىمدە ھەر بىر مەۋجۇداتنى ياراتقۇچىمىز ئۆزى ياراتقان بولغاندىن كىيىن ئۆزىمىزگە ئوخشىمايدىغان باشقىلارغا بولۇپمۇ بولۇپمۇ ئاجىز بىر توپقا كەمسىتىش كۆزى بىلەن قاراش بىر خىل ئادالەتسىزلىك ھەم ئەخلاقسىزلىق ھىساپلىناتتى. مەلۇم كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىش يۇز بەرگەندە بىر توپقا ئەمەس، شۇ ئادەمگە، كونكىرىتنى شۇ ئىشنىڭ يۇز بىرىشنىڭ سەۋەبىگە قاراش لازىم، ئەلۋەتتە.
ماڭا ئوي ئىجارىگە بەرگەن خانىم - مارىيان ئىسىملىك قارا تەنلىكلەر ئىرقىدىن بولغان 50 ياشتىن ئاشقان سىستىرا ئايال بولۇپ دەسلىۋىدە بۇ ئۆيگە 1100 دوللار باھا قويغان ئىدى،ئۇنىڭغا  ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، توغرىسىنى ئىيتقاندا بۇ خوتۇننى كۈلدۈردۈم دىگەندىن كۆرە تەسىرلەندۈرۈپ ئاشۇنچىلىك باھادا ئىجارىگە ئالغان ئىدىم. بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك بۇ خانىم بۇ يەردە ئولتۇرغان  4 يىل مابەينىدە ئۆي ئىجارىسىنى قەتئى ئاشۇرمىدى، ئادەتتە ھەر بىر يىل ئۆرۈلگەندە ئۆي ئىگىلىرى ئېيىغا كەم دىگەندە 50 دوللار قوشۇپ ماڭىدۇ.

     بۇ  ئۆي-مەكتەپكە، بازارغا ھەم ئاممىۋى قاتناشقا يىقىنلىغى بىلەن بىزگە ئوبدانلا ياقتى. بالام تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭ يىرىم يىللىق بوۋاقلىق ھاياتىمۇ بۇ ئۆيدە ئوتتى. شۇنداق بولغانلىقتىن ھازىرمۇ شۇ مەھەللىدىن يىلدا ئىككى قىتىم ئۆتۈپ قويىمەن، شۇ چاغدىن باشلاپ مەھەللىنىڭ دوقمۇشىدا دۇكىنى بار ئىسپان مومايغا سالام قىلىپ كۈلدۈرۈپ قويىمەن.  

     مارىيان ياخشى نىيەتلىك خانىم ئىكەن. ئۇ ئەسلى ئىرقى كەمسىتىش ئىغىر بولغان جەنۇپتىكى بىر ئىشتاتتا تۇغۇلۇپ چوڭ  بولۇپ بوستونغا ئوقۇشقا كىلىپ تۇرمۇش قۇرۇپ تېرىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچانلىق بىلەن ياشىغىنىغا خىلى يىللار بولغان ئىكەن. ئۇ - ئۆي باھاسى تۆۋەن بولغان يىللىرى  مۇشۇ رايوندىكى بىنادىن بىر نەچچە ئۆينى سىتىۋالغان بولۇپ ئۇ بۇ ئۆيلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىجارىگە بىرىدىكەن. ئۆزى تۇرمۇشتا ئاددا-ساددا ئىدى. كىچە كىچىلەپ تىرىشىپ ئىشلەيتتى.  ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ نامراتلىقتا چوڭ بولغىنىنى، ئەتراپىدىكى نامراتچىلىقنىڭ ئۆزىگە بەك تەسر قىلغانلىغىنى، ئادەملەرنىڭ ياخشى مۇئارىپ تەربىيىسى ئىلىش ئارقىلىق ۋە تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق ئىقتىسادى مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلالايدىغانلىغىغا ئىشىنىدىغانلىغىنى ھەمدە خىلى بۇرۇنلا كىيىن پۇل تاپسا مەخسۇس قارا تەنلىك بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىدىغان نىيىتىنىڭ شەكىللەنگىنىنى، ئۆزىنىڭ ئىجارىدىن كىرگەن پۇلى بىلەن بىر فوند قۇرۇش ئويىنىڭ بارلىغىنى ۋە بۇ پۇلنى قارا تەنلىك نامرات قىزلارنىڭ ئوقۇشىغا ئىشلەتمەكچى ئىكەنلىگىنى  ئىيتىپ بەرگەن ئىدى.

     ئەينى چاغدا مەن  بۇ خانىم سۆزلەپ بەرگەن نەرسىلەرنى ئاڭلاپ ئۇنى "ئالىجاناپ خانىم" ئىكەن دەپلا ئويلاپتىكەنمەن ئەمما ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنۇپ كەتمەپتىكەنمەن. كىيىن ئويلاپ كۆرسەم بۇ ئايالدىكى خىسلەت ۋە ئۇنىڭ قەلبىگە يوشۇرۇنغان مۇھەببەتنى  بىزنىڭ ئادەملىرىمىزدىكى ئاز-تولا پۇل تىپىپ قىلىپ باشقىلارغا ئۆز-ئۆزىنى كۆز كۆز قىلىشقا ئاران تۇرىدىغان روھىيەت گادايلىرىغا سىلىشتۇرۇشقىمۇ بولمايدىكەن.

     بۇ يەردە بىزگە كولۇمبىيە مەملىكىتدىن كەلگەن بىر جۈپ ئەر ئايال رەسسام قوشنا بولدى. ئۇلار بىلەن  سالام سائەتلىشىپ ئۆتتۇق. ئەمما يەنە بىر قوشنام - رىككي ئىسىملىك بىر قارىسا ئۇيغۇرغا ئوخشاپ قالىدىغان  قارا تەنلىك (قارا تەنلىك بولغىنى بىلەن رەڭگى ئاقۇش) كىشى بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ قوياتتىم. رىككي جەمىيەتنى خىلى كۈزۈتۈپ قويىدىغان،  خۇشخۇي ھەم قىزىقچى كىشى ئىدى.  مەن تۇنجى قىتىم ئۇنىڭدىن ئامىرىكىنىڭ كوچىلىرىدا ئۇخلاش كىيىمى بىلەن يۈرسە قوشنىلارنىڭ ساقچىلارغا مەلۇم قىلىدىغانلىغىنى ئاڭلاپ "تازا قىزىق خەقكەن بۇ ھە" دەپ ئويلىغان ئىدىم. "ئاچمايدىغان يەرنى ئىچىۋالسا، گەپ يوق. يىپىپ يۈرسە تۇتۇپ كەتسە، نىمە گەپ بوپ كەتتى بۇ؟". چۈنكى رىككي بىر سەھەردە مىنىڭ ئۇخلاش كىيىمى بىلەنلا مەھەللىدىكى دۇككانغا سۈتكە چىققانلىغىمنى كۆرۈپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. . ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتامدىكى دىسەم، چىرايىدا سەمىمىلىك. شۇندىن كىيىن مەن تالاغا ئۇخلاش كىيىمى بىلەن چىقىپ سالمىدىم. ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ يىقىن بىرسىنىڭ ئۇخلاشتا كىيىدىغان ئىشتان بىلەن مەھەللىنىڭ كوچىسىدا ئايىلىنىپ كىتىۋاتسا ساقچىنىڭ سۈرۈشتە قىلغىنىنى ۋە ماشىنىسىغا سىلىپ ئۆيگە ئەكىلىپ قويغىنىنى كورگەندىن كىيىنلا ئاندىن ئىشەندىم. مۇبادا ئامىرىكىغا ئويناپ كىلىپ قالساڭلار، ئۇخلاش كىيىمىڭلار بىلەن چىقىپ سالماڭلار جۇمائائا كوچىغا، جەرىمانە يىمىسەڭلىمۇ كەم دىگەندە ناتونۇش كىشىلەرنى ئۆزۈڭلار ھەققىدە "مىڭىسىنى قاغا چوقۇلىۋالغانمۇ ماۋۇ ئىسقايتاخۇننىڭ" دىگەن ئويغا كەلتۇرۇپ قويىسىلە.

    مەھەللىدىكى دۇكاننىڭ ئىگىلىرى پۇئېرتە رېكولۇق ئىسپانلار بولۇپ ئىچىم پۇشقاندا ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ قوياتتىم. بىز ئۇ يەردە تەخمىنەن تۆت يىلچە تۇردۇق، يەنى مىنى بىر قارا تەنلىك زەھەرلىك چىكىملىك چىكىدىغان ياش بالا 2002-يىلى 25-ئوكتەبىر كەچ سائەت 6 لەر ئەتراپىدا تاپانچا بىلەن بۇلىغۇچە بولغان ئارىلىقتا بىخارامان ياشىدۇق. ئۇ بەختسىز ياش تاس قالغان دە- مىنى ئازغىنا پۇل ئۈچۈن ئىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى. شۇ ئىش يۈز بەرگەن كۈنى ئۆيدە ياتمىدۇق، شۇندىن كىيىن خاتىرجەملىكىمىز بۇزۇلدى. "بۇزۇلمىسا تۈزىمە" دىيىشىدۇ ئامىرىكىلىقلار. مەن بۇ خىل  "ھايات" نى بۇ يەردىن كۆچۈپ كىتىش ئارقلىق "تۇزەشكە" مەجبۇر بولدۇم ۋە  ئاز كۇندىن كىيىن بوستوننىڭ شەرقىدىكى، ئايرۇدۇرۇمغا يىقىن يەردىكى بىر شىركەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىناغا كۆچۈپ كەتتۇق. ئۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى 1400 دوللار بولغىنى بىلەن قىشنىڭ كۈنى ئىسسىقلىق ھەقسىز ئىدى.  بوستوننىڭ سوغۇق قىشلىرىدا ئۆينى ئىسسىتىشقىمۇ جىق پۇل كىتىدۇ. شۇڭا بۇ باھانىمۇ مۇۋاپىق كۆردۇق.

    بۇ يەردە بىزگە "قوشنىدارچىلىق" يەتكۈزگەن 2-  3ئائىلىلىك كىشى بولدى. بىرسى ساددام ھۈسەيىننىڭ زۇلۇمىدىن قىچىپ ئامىرىكىغا كەلگەن  ئىراقلىق مۇسۇلمان ئائىلىسى بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئاز-تولا تاماق سۇڭگۇتۇشتۇق. يەنە بىرى مەلبا ئىسىملىك سىستىرا  ۋە ئۇنىڭ يولدىشى  بولۇپ، ئامىرىكىلىق ئىسپانلار ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئوچۇق-يورۇق بولۇپ ھاياتنى قىزغىن سۆيۈپ ياشايتتى. يازنىڭ ئاپتاپلىق كۈنلىرى ئەر-ئايال قوروغا چىقىۋىلىپ كالا گۆشىدە كاۋاپ قىلىپ قولىدا كورونانى (مىكسىكىنىڭ پىۋىسى) كۆتۈرۈۋۈلىپ كىتىپ- كىتىپ سالسا ئويناپ قويىشىدۇ، مىنى كۆرسىلا چاقىرىدۇ. كاۋىپىنى يىمەيمەن دە ئەلۋەتتە، ئەمما كوروناسىنى ئەدەپ يۇزىسىدىن بىرەرنى ئىلىپ قويىمەن. ئۆيىگە دوستلىرىنى چاقىرىپ قالسا سوراپ قويىدۇ "سالسا بار بۇگۇن، كىرەمسەن؟ دەپ.  چۇنكى ئۇلار مىنىڭ سالساغا ئىشتىياق باغلىغىنىمنى بىلىپ ئۈلگۈردى. بۇلار بىلەنمۇ شۇنداق ياخشى ئۆتۈشتۇق. بالامنى چوڭلار ئىلىپ كەلگەندە ئۇنىڭ باللىرى بىلەن ياخشى ئوينىدى.
     2007-يىلى ئىيۇندا ئايالىم نېۋ يوركتىكى دوختۇرلۇق پروگراممىسىنى تۈگەتكەندە كۋېنسىي (quincy) دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە چvشتى. شۇ سەۋەپتىن بىز بوستوندىن  كۋېنسىيگە يۆتكەلدۇق. بۇ يەردە ئاران 10 ئايلا تۇردۇق- دە بوستوننىڭ جەنۇبىدىن ئۆي سىتىۋىلىپ يۆتكىلىپ كەتتۇق. ئەمما بۇ 10 ئايدا بىز ئامىرىكىدا تۇرغان ھاياتىمىزدىكى ئەڭ ناچار قوشنىدارچىلىقنى كۆردۇق.
    بىزنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىمىز -4-قەۋەتتە بولۇپ 3- قەۋەتتە يىشى 50 دىن ئاشقان سۆرۈن تەلەت ئاق تەنلىك بىر ئايال تەنھا تۇرىدىكەن. بۇ بىنادا كۆپرەك ھىندىنستانلىق، پاكىستانلىق ۋە تۇركىيەلىك ئىنجىنىر، دوختۇر قاتارلىق كەسپى خادىملار تۇرىدىغان بولۇپ بۇ ئايالدا چەتئەللىكلەرگە قارىتا بىر خىل ئۆچمەنلىك شەكىللىنىپ قالغان بولسا كىرەك.
   ئۇ مەن ئۆيدە يالغۇز تۇرغان چىغىمدا ئىككى قىتىم كۈندۈزدە ئىشىكنى ئۇرۇپلا كىردى.
   - سىنىڭ ئاشخاناڭدىن مىنىڭ ئاشخانامغا سۇ ئىقىۋاتىدۇ. ئاشخاناڭغا قاراپ باقىمەن.
   ئامىرىكىدا پۇقرا ئەمەس ساقچىمۇ رۇخسەتسىز ھالدا بىرسىنىڭ ئۆيىگە بۇنداق ئۈسۈپ كىرەلمەيدۇ.

    ھەر قىتىمدا مەن ئۇنىڭغا يول قويدۇم، ئەر كىشى بولسىغۇ مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋىتەتتىم. لىكىن ئايال كىشى بىلەن تەڭ تۇرساڭ ئاقىۋىتى ياخشى چىقمايدۇ.
   -قاراپ باق. نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ مەنمۇ ئۇقمىدىم. بىنا باشقۇرىدىغانلارغا مەلۇم قىلىپ باقاي.
   مەن بىنانى باشقۇرىدىغانلارغا ئىيتتىم بولغان ئەھۋالنى.
-كارىڭ بولمىسۇن، ئۇ بۇ ئۆيگە كىم كىرسە ئاشۇنداق پۇتاق تاپىدۇ.
    ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتكەن بىر شەنبە كۈنى تاڭ سەھەر 6 دە بىرسى ئىشىكنى قاتتىق ئۇردى.
بىز بۇ قاتتىق ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ ئىشىكنى ئىچىشىمىز بىلەنلا ئاۋۇ ئايال ئۆيگە بوراندەكلا ئۈسۈپ كىردى.
-يەنە سۇ ئىقىۋاتىدۇ...
ئاڭغىچە ئايالىم ئۇنىڭغا قاراپ غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى:
-چىقە ئۆيدىن. نىمىش قىلىۋاتىسەن؟ ماۋۇ قىلغىنىڭ قانۇنسىزلىق. ھازىر ساقچى چاقىرىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇ تاققىدە تۇردى ۋە ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى. مەن ئەھۋالنى كۈزۈتۈپ تۇردۇم.
-يوقال مىنىڭ دۆلىتىمدىن. ئۇنىڭ ئاغزىغا شۇ گەپلا كەلدى.
- مىنىڭ دۆلىتىم؟ بۇ سىنىڭلا دۆلىتىڭ ئەمەس، بىزنىڭمۇ دۆلىتىمىز. بىز ئىشلەپ باج تاپشۇرۇۋاتىمىز.  سەن يوقال كۆزۈمىزدىن ھازىر. سىنىڭمۇ ئاتا بوۋاڭ بىر يەردىن كەلگەن بىر چاغلاردا. ئۇلار بۇرۇن كەلگەن بىز كىيىن كەلدۇق، ۋاقىت پەرقىمىز بار پەقەت.
"زەھەرنى زەھەر قايتۇرىدۇ" دىگەن راستكەن مانا. ئايالىمنىڭ دىگەنلىرى ھەقىقەت ئىدى. شۇڭا مەن ئۇلارغا  ئارىلاشمىدىم. ئايالىمنىڭ  ئاچچىغى كەلسە مەن قورقمىغان بىلەن (ئۇنى خۇدا بىلىدۇ:)) ماۋۇ ئايال راستىنلا چۆچۈدى-دە، غىڭ قىلماي چۈشۈپ كەتتى.
-قارا، خەققە بوزەك بولماسمىز دەپ بۇ يەرگە كەلسەك، بوزەك قىلىمەن دەۋاتىدۇ ئادەمنى...غۇدۇڭشىدى ئايالىم.
-توغرا قىلدىڭ دىدىم مەن ئۇنىڭغا مەدەت بىرىپ، "شۇنداق قىلىدىغان يىرىگە كەلگەن ئىدى زادى. مەن ئەر كىشى بولغاندىن كىيىن تەڭ بولماي ئايال كىشى بىلەن دىدىم."

     ئامىرىكا كۆچمەنلەردىن تەركىپ تاققان دۆلەت بولغاچقا پۇقرالىرىنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتە قىلساڭ يەرلىك خەلق، ئىندىئانلاردىن باشقا ھەممىسنىڭ دىگۈدەك ئاتا-بوۋىسى كۆپ بولغاندا 400 يىل بۇرۇن ئۇ يەر بۇ يەرلەردىن كەلگەن. بۇ زىمىننىڭ ئەسلى ئىگىسى يەرلىك ئىندىيانلار ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.
      سۈپەتسىز ئادەملەرلا ئىرقچى كىلىدۇ، ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلارنى چەتكە قاقىدۇ. لىكىن ئامىرىكىدا بۇنداق ئادەملەرنىڭ بازىرى كاسات.
مۇتتىھەملىكنىڭمۇ چىكى بولىدۇ، شۇنداققۇ؟. بۇ ئىش 3 قىتىم تەكرارلانغاچقا مەن ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىنا باشقۇرىدىغانلارغا  "چىقىپ" چىقتىم. ئەسلىدە مەن بىراۋنىڭ ئۈستىدىن بىراۋغا "چىقىمچىلىق" قىلىشنى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئادەم ئىدىم، ئەمما بۇ قىتىم قوسۇغۇم كۆپتى، چۇنكى بىز بىكارغا تۇرمايۋاتىمىز-دە ئۇ يەردە، ھەم بىز ئۇنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلمىدۇق. بىز بۇ يەردە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى ئىدۇق.

    بىنا باشقۇرىدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدىغىنىنى ئىيتتى، "بىنادىن كۆچۈرىۋىتىمىز توختام توشقاندا" دەپ تەھدىت قىلغان چىغى. شۇ ئىش بولغاندىن كىيىن، ئۇ ئايالدىن ئىككىنجى سادا كەلمىدى. بىزنى كۆرسە ئۆزىنى تارتىپ يەرگە قاراپ گۆشۈيىپ تۇرىدۇ.
بىراۋنى ئاجىز كۆرۈپ "مەھرۇم قالدۇرىمەن دىسەڭ، ئۆزۈڭ مەھرۇم قىلىش گىرداۋىغا چۈشۈپ قالىسەن، مانا مۇشۇنداق ھەي گادىيەي!

    ئامىرىكىنىڭ باج سىياسىتى تەنھا ياشىغانلارغا قارىغاندا توي قىلىپ بىر ئۆيدە تۇرغانلارغا، ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرغانلارغا قارىغاندا ئۆي سىتىۋالغانلارغا پايدىلىق قىلىپ تۈزۈلگەن. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ  ئاھالىلەرنىڭ جەمىيەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىغىنى ئىتىراپ قىلغانلىقى بولۇپ توي قىلغانلارغا باج ئۆلچىمىنى نىسبەتەن تۆۋەن قىلىش ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنىڭ بىر ئۆيدە بىللە تۇرۇشى ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ پۇل ئىقتىسات قىلىپ شەخسى ئۆيلۈك بولۇشىىنى رىغبەتلەندۇرىدۇ. يىقىندا ئىلان قىلىنغان ئىقتىسادى تەتقىقاتلار - ئاجراشمىغان ئەر-ئاياللارنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلەرگە قارىغاندا بايراق بولىدىغانلىغىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن يەكۇنلەپ چىققان. باي بولاي دىسىلە ھەرگىز ئاجراشمىسىلا جۇما، ئەگەر قارشى تەرەپ بىر ئادىمىلىگى يوق ساراڭ بولمىسىلا! باللىرىغا ئۇگال بولىدا، ئۆزلىرى ھەم گاداي بولىلا! ئاسىۋاخۇن، گۈلسۈمخان!:، ھەم باي بولىدىكەنمەن دەپ يەنە كوچىغا يۇگرەپ چىقىپ ئالدىراپمۇ توي قىلىۋالمىسىلا يەنە)

     بىز يىشىمىزنىڭ چوڭىيىپ بىرىۋاتقىنىنى، ئۆتكەن 10 يىلدا ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تولا كۆچۈپ يۇرۇپ كەتكىنىمىزنى ئەمدى مۇقىمراق بىر يەردە ئولتۇرۇپ ياشىشىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن ياخشى بولىدىغانلىغىنى ھىس قىلىپ سىتىۋالىدىغان ئۆي ئىزدەشكە باشلىدۇق.
    ئوخشىمىغان رايوندىكى ئوخشىمىغان باھا ۋە سۈپەتكە ئىگە ئۆيلەر، ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ قوياتتى. 9 ئايدەك ئىزدىنىش  -ئۆي كۆرۈش، سودىلىشىش ئارقىلىق ئاخىر كۆڭلىمىزدىكى ئۆينى تاپتۇق. ئەمدى ئۇندىن كىيىنكى ئىشلارمۇ خىلى قول تۇتتى. مەن ئويلاپ كەتتىمكى "يا ئاللا بۇ ئۆي ئىلىش بىزنىڭ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ  خوتۇن ئېلىشىدىنمۇ تەس بوپ كەتتىيا؟".  فاكۇلتىتىمىزدىكى تۇرسۇن مۇئەللىمغۇ "تىرناقتا توختۇغۇدەك قىز ئىزدەپ" ئۇزاقراق ساقلاپ ئاخىرى، شائىر تۇرسۇن قۇربان مۇئەللىمنىڭ مەسلىھەتىنى توغرا كۆردىمۇ "تىرناقتا ئەمەس، ئۆيدە توختايدىغان ئېسىل بىر خانىم بىلەن توي قىلىپ بەختىنى تاپتى.
     ئەمدى ماۋۇ ئۆي دىگەننىمۇ ئويلىشىپ ئالمىسا بولمايدۇ-دە. بىر ماشىنىنى ئالساڭ يارىمىسا سىتىۋەتسەڭ تارتىدىغان زىيىنىڭ ئاز بولىدۇ، ئەمما ئۆي يارىمىسا سىتىۋەتسەڭ، تارتىدىغان زىيىنىڭ كۆپ بولىدۇ.

    2008-يىلى يازدا بىز بوستوننىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان يەنى  بوستوندىن 24 كىلومىتىر يىراقتىكى يەردىن ئۆي سېتىۋالدۇق. يىڭى كۆچۈپ كەلگەن مەھەللىمىزنىڭ نامى "ياغاچلىق قىيا" دىگەن مەنىدە بولۇپ بىنا بولغىنىغا 60 يىلچە بولغان ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاق تەنلىك ئىكەن. بىز بۇ يەرگە كىرگەن تۇنجى مۇسۇلمان بولساق كىرەك. بىز كۆچۈپ كەلگەن دەسلەپكى كۈنلىرى مەھەللىدىكى كىشىلەر بىردىن ئىككىدىن كىلىشىپ تونۇشلۇق بىرىشتى. ئۇلار ئۆزىنى دوستانىلىق بىلەن تونۇشتۇرغاندا مەنمۇ دوستانىلىق بىلەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم،  سۇئال سوراشقاندا بولسا ئۇلارنىڭ بەزى سوئاللىرىدىن بىراز راھەتسىز بولدۇم. چۇنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز چىقىپ تۇرىدىغان چىرايىمىزغا قاراپ "زادى نىمىلىگىمىزنى" بىلىپ باقماقچى، قوسىغىدىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرمەكچى بولغاندەك سوئاللارنى سوراپ يۈرۇشتى. بۇنداقلارغا قىزغىن بولمىدىم، بىلمەكچى بولغانلىرىنى ھەم بىلدۇرمىدىم.
    كۆپىنچە ۋاقىتتا ساڭا سەمىمىلىك ۋە ساپ نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان كىشىلەر - سىنىڭ ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان ئادەملىرىڭ بولۇپ چىقىدۇ.
ئوڭ قول تەرەپتىكى ئىگىزلىكتىن يەر سىتىۋىلىپ ئۆي سالغان ئانتوني  - ئىرلاندىيەدىن كەلگەن  ئۆزى ئىنتايىن ئىشچان، قولى گۈل يىگىت بولۇپ ئۇنىڭ بىر قۇرۇلۇش شىركىتى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى ئامىرىكىدا تۇغۇلغان ئىرلاندىيە نەسلىدىن  بولغان خانىم بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتى -ئانتوني بىلەن بىر يەردىن ئىكەن.
     بىز يىڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ قىلغان بىرىنجى ئىش مىنىڭ خەت ساندۇقىنى بىكىتىشىم بولدى.( گەپلەرنى مانا مۇشۇنداق دىيەلىگىنىم بىلەن ئۆينىڭ ئىشىغا قەتئى ئىپىم يوق خالايىق، ماڭا تەككەن ماۋۇ ئايالىمغا ئۇۋال دەپ كىتىمەن بەزىدە.)  مەن خەت ساندۇقلىرىنى سىتىۋىلىپ ئورەك كولاپ ئۇنى ئورناتقان ئىدىم، ئەمما ئۇنى قاتتىق بوران چىقسا ئۆرۈلۈپ چۈشكۈدەك قىلىپ قويۇپتىمەن.  بۇنىڭغا دىققەت قىلغان ئانتوني بىر كۈنى كىلىپ "مەن ئۇنى ئورنىتىپ بىرەي" دەپ قايتا تارتىپ چىقىرىپ، ئورەكنى چوڭقۇر كولاپ، سىمونت قۇيۇپ پۇختا ئورنىتىپ بەردى (ئۆتكەندە MIT دىكى بىئولوگ مايسەم مىتالىپوۋا ئۆيگە كەلگەندە ماشىنىسىنى كەينىگە ياندۇرغاندا خەت ساندۇقۇمنى سوقۇپ سىلىپ سەل سىڭايان قىپ قويدى، ئۇنى سوقۇپ قويۇشتىن بۇرۇن ياكى مايسەم ئۆزىگە كلونلىتىۋالماپتىمەن:) ئىشلەپ تۇرسىلا ئوڭشىما "سلىق  كۆزقارىشى بويىچە ئۇنى شۇ پىتى قويۇپ قويدۇمغۇ ئەمدى::).

     قارىسام ئانتوني شۇ كەسپنىڭ ئەھلى ئىكەن، ئىشنى پۇختا قىلىدىكەن. كىيىن ئۆينىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ھەق بىرىپ قىلغۇزدۇم، ئۇمۇ ئوبدان باھادا پۇختا قىلىپ بەردى.

     ئۇدۇلدىكى قوشنامنىڭ ئىسمى سكوتت بولۇپ ئايالى بىر بانكىنىڭ مۇھىم مەسۇلى ئىكەن بانكا ئۇلارنى باشقا ئىشتاتتىن يۆتكەپ كەلگەن ئىكەن. سكوتتنىڭ ئايالى ئۆزىدىن ئازراق چوڭ بولۇپ ئەمما ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار خانىم ئىكەن. ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ ئۇلارغا قارايدۇ. ئانتوني ۋە  سكوتت بۇ رايونغا مەندىن بىر ئىككى يىل بۇرۇن كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. بىز ئۆيگە كۆچۈپ كىلىپ بەزى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىق تارتىپ، بۇلاردىن ياردەم سورىسام بۇلار ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كىرىپ ياردەمدە بولۇشتى. ھەتتا ئورنى تازا ياخشى بولمىغان يەردىكى ئىككى تال دەرەخنى ماشىنىسىنى ئەكىلىپ تارتىپ قومۇرۇشۇپ بەردى.  مەن بۇلارنىڭ ئۆزئارا سۆھبەتلىرىدىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۇنچە ئارىلىشىپ كىتەلمىگىنىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى ئامىرىكىدا ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن بىز ئۇيغۇرلاردەك ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىنى بىلىشكە بەك قىزىقىپ كەتمەيدۇ.  قىزىق يىرى بۇ ئۈچىمىز ئوخشاش بىر يىلدا تۇغۇلغان بولۇپ، ناھايىتى تىزلا ئوخشاش پاراڭ تېمىللىرى چىقتى. بەزىدە سكوتتنىڭ قېيناتىسى لېومۇ كىلىپ پاراڭغا جۆر بولۇپ قويىدۇ. ئۆزى پىنسىيەگە چىققان يۇرەك كىسىلى بار (يۇرىگىگە ئاپارات قويغانمۇ ئەيتاۋۇر) بوش ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان كىشى بولۇپ ئۇنىڭ مۇنۇ ئىككى ئىشى  ھۆرمىتىمنى قوزغىدى.
-مەن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ، يىگانىلىق ھىس قىلىشنىڭ يامانلىغىنى بىلىمەن دەپ قوشۇپ قويدى ئۇ. بالاڭ مىنىڭ نەۋرىلىرىم بىلەن ئوينىسۇن. سۇ كۆلچەكلىرىمىزدە سۇ ئۈزسۇن.

     يەنە بىر قىتىم بىز 2011- يىلى ۋەتەنگە ئۈچ ھەپتىلىك مۆھلەت بىلەن كەتكەندە، ئىشىك ئالدىدىكى چۆپلىرىمىز بەك ئۆسۈپ كىتىپتۇ. لىو بىزنىڭ سۈرۈشتىمىزنى ئنتونيدىن قىپتۇ. مەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن لىو دىدى:
-بۇندىن كىيىن يىراققا كەتسەڭ ماڭا دەپ قوي، چۆپلىرىڭنى كىسىپ قويىمەن.
-رەھمەت دىدىم مەن بوۋايغا.
مەن بەزى سەھەرلىرى ئىشقا ماڭغاندا ياكى ئۇ ياكى ئۇنىڭ چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان كەمپىرى  قولىنى يىراقتا تۇرۇپ پۇلاڭشىتىپ سالام بىرىدۇ، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم سۆيىنىپ قالىدۇ.

      ئۆيۈمنىڭ سول تەرىپىدىكى قوشنامنىڭ ئىسمى - دەنىي بولۇپ ئۇ بىزدىن 6-7 ياش چوڭ، بەك بالىجانلىق كىشى ئىكەن. ئىككى ئۆسمۇر ئوغلى بىلەن توختىماي كالتەك توپ ئوينايدۇ. مەھەللىدىكى مەيدانىمىزغا ۋاسكىتبول گارى ئورنىتىپ قويدى، ياز كۈنلىرى بالللىرىنى راھەتلەنسۇن دەپ ئالايىتەن سۇ ئۇزۇش كۆلچىكى ياسايدۇ. قىزىنى ئولمپىك گيمناستىكىسىغا تاللىنىپ قالسىكەن دىگەن ئارزۇدا ئۇنىڭغا مەشق قىلىدىغان يەر ياساپ بەردى، قىزى كۈندە دىگۇدەك مەشق قىلىدۇ. "ئوليمپىك مۇسابىقىغە تاللىنىپ قالساڭ، ئائىلە بويىچە بىرىپ قوللايمىز سىنى" دەپ رىغبەت بىرىپ قويىمەن ئۇ قىزنى كۆرسەم. دەنىي  ئەسلى ئامىرىكا دېڭىز ئارمىيىسىدە 6 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ دادىسى خارۋارد ئۇنىۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرۈپ بىر خۇسۇسى ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر بولغان، ئۆزى بوستوندىكى بىر ئۇنىۋىرسىتىتىنى ئوقۇپ ئېنجىنىرلىق كەسپى بويىچە باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى ئالغان بولسىمۇ ئەمما ياغاچچىلىق قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىش يولىنى تاللىۋالغان كىشى ئىكەن. ئامىرىكىدا بەزى ساھەلەردە دىپلومغا قارىغاندا ھۈنەر پۇل.
ئامىرىكىدا مۇشۇنداق كىشىلەر بار، ئالى مەكتەپ تەربىيەسىنى كۆرسىمۇ شىركەتلەردە ئىشلىمەي ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىدىغان.

     بىز كۆچۈپ كەلگەن يىلى بىر قىتىم دەنىي بىلەن پاراڭلىشىپ چۆپ كىسىدىغان ماشىنا سىتىۋىلىش خىيالىمنىڭ بارلىغىنى ئىيتسام، "سىيەرىس دىگەن دۇكانغا بارساڭ ياخشى باھادا ئالالايسەن، سەن بىرىپ ئال، مەن ئۇنى چوڭ ماشىنامدا ئىلىپ كىلىپ بىرىمەن."  دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دىگىنىدەك قىلدىم. بىر كۈنى مەن دەنىي بىلەن مالنى ئالغىلى دۇكانغا باردۇق. شۇ كۈنى خىزمەت قىلىۋاتقىنى بىر ئاق تەنلىك بالا ئىكەن. ئۇ كۇنى ئۇنى ئىش بىسىۋالغانمۇ ياكى كۆڭلىنىڭ ئارامى يوقمۇ، ماڭا بىراز قوپاللىق قىلىپ قويدى.
    مەن ئادەتتە ناتونۇش ئادەملەر بىرەر قىتىم قوپاللىق قىلىپ قويسا خاپا بولۇپ كەتمەيمەن. چۈنكى ئۇ كىشى مىنى بىلمەيدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشىدا ئۆزىگە ئايان سەۋەپ باردۇر. ھەم مەن ئۇ ئادەمنى ھاياتىمدا يەنە كۆرۈشۈم يوق گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  "پوققا چالما ئاتساڭ، ئوزۇڭگە چاچرايدۇ".

    مىنىڭ قوشنام دەنىينى ئۇقماپتىكەنمەن، ئەسكەر بولۇپ باققانلىقتىنمىكىن، ئۇنىڭ قىنى تىزلا قىزىيدىكەن.
- ھەي دىدى ئۇ بۇ ياش بالىغا. "بۇ مىنىڭ ئاغىينەم، سىنىڭ خىرىدارىڭ، نىمانداق قوپال مۇئامىلە قىلىسەن؟ قىنى سىنىڭ باشلىغىڭ". دەنىينىڭ چىرايى قىزىرىپ ھىلىقى بالىغا مۇش ئاتىدىغاندەكلا قىلدى.
- بولدى، بولدى كىرەك يوق دىدىم مەن ئۇنىڭغا. بۇنداق ئەخلەتلەر بىلەن تەڭ بولمايلى.
ئۇ بالا دەنىينىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھودۇقتى ۋە دەرھاللا ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى ۋە بىزدىن ئەپۇ سورىدى.
- سىنى چەتئەللىك دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ قارا، دىدى ئۇ نارازى بولۇپ.
-سەن مىنى قىرىنداش كۆردۈڭ ئەمەسمۇ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى مۇھىم دىدىم مەن دەنىيگە كۇلۇپ تۇرۇپ. كىيىن مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشىنى مەھەللىدىكىلەرگە "دەنىي مەن ئۈچۈن كۆكرەپ كىرىپ چىقتى" دەپ سۆزلەپ بەردىم. دەنىي مىنىڭ بۇ مىننەتدارلىغىمدىن بەك رازى بولۇپ كەتكەن چىغى، شۇندىن كىيىن مىنى كۆرسە گىپىنىڭ ئاخىرىدا "برازىر، (قېرىنداش، ئىنىم دىگەن مەنىدە) دىگەن گەپنى قوشۇپ دەيدىغان بولدى.

    يەنى بىر قوشنامنىڭ ئىسمى دونالد بولۇپ ئامىرىكىنىڭ داڭلىق ئاممىباپ ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭشەرقى شىمال رايونىغا مەسۇل لىدىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ پىنسىيەگە چىققان كىشى ئىدى. ئۆزى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسنى قوللايدىغان، ئايالى كلەيىر خانىم  تىببى مەكتەپنىڭ پروفىسسورى بولۇپ دېموكراتچىلارنى قوللايدىغان ئايال ئىدى. ئايالى پولشالىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق بولۇپ ياش چىغىدا ئالاھىدە كىلىشكەن ئايال ئىكەن. بىز كۆچۈپ كىرىپ ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئەر-ئايال ئىككىسى كىلىپ ئوزىنى تونۇشتۇردى، ۋە ياردەم لازىم بولسا تارتىنماسلىقىمنى ئىيتتى، ياردەم لازىم بولمىسىمۇ تارتىنىپ كەتمەيدىغانلىغىمنى ئۇقمايدۇ دە بۇ ئادەم، :). مەن دىگەن تاغدا قىرغىز قىرىنداشلارنىڭ ئايرانىنى ئىچىپ، قۇرۇتىنى يەپ تۈزلا چوڭ بولغان ئادەم تۇرسام.

    مەھەللىگە ئاستا ئاستا سىڭىشقا باشلىدۇق. ئۇلار ئۆيلىرىدە پائالىيەت بولسا چاقىرىشقا باشلىدى. مەن ھەممىسىنىڭ كۆڭلى ئۇچۇن ھىچقايسىسىدىن قالماي چىقىپ تۇردۇم. كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ كۆپ ئۇچرۇشۇپ تۇرساڭ ئۇلارمۇ ئىسسىق كۆرىنىدىكەن كۆزۈڭگە، سەنمۇ ئىسسىق تۇيىلىدىكەنسەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە. قوشنىدارچىلىق مانا مۇشۇنداق كۈچىيىدىكەن.
    بىز كۆچۈپ كىرگەن يىلى ئوكتەبىردە دونالد 70 ياشقا كىرگەن كۈنىنى تەبرىكلەپ چوڭ بىر مۇراسىم ئوتكۇزدى. مەن سوغات كارتۇچكىسى ۋە ئاتكىرتكا ئىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ھەر ساھەدىن ئاغينىسى كۆپ ئادەم ئىكەن بۇ. شۇ كۈنى ئۇ بالىلىرىنى، تۇرمۇشلۇق بوپ كەتكەن ئىككى ئوغلى، قىزى ۋە نەۋرىلىرىنى ماڭا تونۇشتۇردى. شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئانچە مۇنچە كىرىپ چىقىدىغان بولدۇم. ئۆزى كونسېرۋاتىپ جۇمھۇرىيەتچى بولۇپ جون مىكەيىننى قوللىسا، ئايالى لېبىرال  دېموكراتچى بولۇپ ئوبامانى قوللايتى. مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ئامىرىكا سايلىمى توغرىسىدا شۇنداق بىر پاراڭ باشلاپ قويسام بۇ ئىككىسى قىزىشىپ كىتەتتى. ئوباما ئۇنداق بۇنداق دەيتتى دونالد، ئوبامانى ئاقلاپ سۆزلەيتتى ئۇنىڭ ئايالى. مەن قىزىقىپ ئاڭلاپ كىتەتتىم. مىنى ئوت قۇيرۇقلۇق قىلدى دەپ ئويلاپ قالماڭلا ھە ئادەملەر، مەنمۇ ئۇ سايلامغا بەك قىزىققان ئىدىم شۇ چاغدا. ئەمدى مىنىڭ ھەپتە ئاخىرلىرى بىرىپ قاتنىشىدىغان توي تۆكۈنلىرىم، ئەل ئاغىنىلىرىمنىڭ ئۆيى بولمىغاندىن كىيىن بۇ يەردە، تەنھالىقنى مۇشۇنداق يىڭىمەن شۇ. ئادەم بىلەن ئارىلاشماي بەك تەنھا يۈرۈپ كەتسەڭ، ئۆزۈڭدىن ۋە ھاياتتىن گۇمانلىنىپ قالىسەن-دە غەلىتە ئىشلار يۇز بىرىپ قالىدۇ، پىسخىك ساغلاملىق  بەك مۇھىم. ئامېرىكىدا قورال ئارقىلىق باشقىلارنى قىرغىن قىلغان  ئادەملەرنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك ئىچ-مىجەز، جىمغۇر، ئادەملەر بىلەن ئارىلاشمايدىغان ئادەملەر ئىكەن.
مۇۋاپىق بولغان ئىجتىمائى ئالاقە بۇ ئەڭ كۈچلۈك دورا. شۇڭا بەك ئادەمدىن قاچىدىغان ئادەمدىن سىلەرمۇ قىچىڭلار جۇمائائا! زىيىنى بولمىسىمۇ، خوشاللىق ئەكەلمەيداااا....

     بۇ ئەر ئايال ئىككىسى بەك ياخشى ئۆتۈشەتتى، ئەپسۇس دونالدنىڭ ئايالى مىنىڭ رەھمەتلىك قېينىئانام بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە ئوخشاش تىپتىكى راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا تەجىربە ۋە كۆڭۇل ئالماشتۇرۇشلار ۋە تەسەللى بىرىشلار بولدى. ئەپسۇس ئائىلىسىنى سۆيىدىغان ھەر ئىككى خانىم 4 ئاي ئالدى كەينى بولۇپ بۇ دۇنيادىن كىتىپ قالدى.مەن ئىنسانچىلىق ۋە قوشنىدارچىلىقنىڭ يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ كىلەيىر خانىمنىڭ ئۆلۈمىگە قاتناشتىم. باللىرى يىغلاپ كەتمىگىنى بىلەن دونالد ئايلىنىپ چۈشۈپ دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەتتى.
     بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنداق ياخشى ئادىتىمىز بار. قوشنىلارنىڭ ئىچىدە ئۆلۈم يىتىم بوپ قالسا، قوشنىلار ئۆزئارا تاماق ئىتىپ ئۆلۈملۇك ئاھالىدىن ھال ئەھۋال سورايدۇ. ئۇيغۇر بولغانلىغىم ئۇچۇن مەندە چوڭ تەسر قالدۇرغان شۇ ئۆرپ -ئادەت ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتتى. شۇ كۈنى كەچقۇرۇندىراق مەن بازاردىن تاماق بۇيرۇتۇپ دونالدنىڭ ئائىلىسىگە ئۆلۈم مۇرسىمى ئۈچۈن مىننوسوتادىن كەلگەن مىھمانلارغا يەتكۇزۇپ بەردىم. بۇ ئىش دونالد ۋە ئۇنىڭ باللىرىغا خىلى تەسر قىلغان چىغى بىر نەچچە رەت مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
    ئايالى كىتىپ قالدى، بوۋاي ئۆزى يالغۇز قالدى. مەن ئۇنىڭ كوڭلىنى ياسىدىم، چۈنكى بۇ بوۋاي مىنىڭ قوشنام-دە!: باللىرىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيى بار، سىز يالغۇز قالدىڭىز، مەن قوشنىڭىز، ياردەم قىلىدىغان  قانداق ئىش بولسا ماڭا دەۋىرىڭ.
بىر كۈنى ئۇ مىنى ماشىنىسىنى رېمونت قىلغان يەرگە تاشلاپ قويۇشۇمنى سورىدى. بولىدۇ دەپ خوشاللىق بىلەن ئۇنى دىگەن يىرىگە يەتكۇزۇپ قويدۇم. ماشىنىدا كىتىۋىتىپ ئۇ شۇنداق دەپ قالدى:
- مەن مۇسۇلمانلارنى بىزنى ئۆچ كورىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، سەن ئۇنداق باشقىلارنى ئۆچ كورىدىغان مۇسۇلمان ئەمەس ئىكەنسەن.
    مەن ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن ھاڭ تاڭمۇ قالمىدىم. چۇنكى ئۇ كىچىكىدىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچىدىكى رادىكالراق ئىدىيە بىلەن چوڭ بولغان كىشى بولۇپ ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ئۇنىڭ ئايالى بىلەن قىلىشقان سايلام ھەققىدىكى سۆھبىتىدىن بىلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم.
- قاراڭ دىدىم مەن ئۇنىڭغا. ھەقىقى مۇسۇلمان ئىنسانىيەتنى سۆيىدۇ. چۈنكى ئۇ پۇتۇن مەۋجۇداتنى ئاللا ياراتقان شۇنىڭ ئۇچۇن مەۋجۇت بولۇشى كىرەك دەپ قارايدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان باشقا ئىنسانلارنى ئۆچ كۆرگەن بولسا دۇنيا بۇگۇنكى دۇنيا بولمايتتى.
ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزىگە پۇشايمان يىگەندەك بولدى ۋە ئۆزىنى چۇشەندۇرۇشكە ئۇرۇندى.
لىكىن، بۇنداق گەپ سۆزلەر بولۇپ قالىدۇغۇ ئادەملەر ئارىسىدا. مەن ئۇنىڭ سۆزى ھەققىدە كۆپ ئويلىمىدىم. چۇنكى ئەمىلى ھەركىتىم ئۇنىڭ ئويلىرىغا نىسبەتەن بىر پاكىتلىق جاۋاپ ئىدى.

    تېخى مۇشۇ ئۈچ ھەپتە بۇرۇن شەنبە سەھەردە دەرس ئوتۇۋاتسام، ئۇنىڭدىن تېلېفون كىلىپ قالدى، جىددى ئەھۋال بوپ قالغان بولسا كىرەك دەپ سەل جىددىلىشىپ دەرسنى توختىتىپ دەرھال تىلىفۇننى ئالدىم:
- قەيسەر، بۇ دونالد دىدى بوۋاي، پۇتۇمنى ئاغرىتىۋىلىپ ھاسا تاياققا چۇشۇپ قالدىم، ئەخلەتلىرىمنى ئىچىقىپ بەرگەن بولساڭ، مەن ساڭا پۇل بەرسەم...
--ھا ھا ھا كۈلۈپ كەتتىم مەن ئۇنىڭ پۇل بەرسەم دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ. مەن ھازىر بوستوندا، مەكتەپتە دەرس ئۆتۈۋاتىمەن، ئەخلىتىڭىزنى ئىلىپ چىقىپ بەرسەم بولاتتى، ئەمما ئىلىپ چىقىپ بىرەي دىگەن بۇ كۆڭلۈمنى مىليون دوللار بەرسىڭىزمۇ سىتىۋالالمايسىز.  ماۋۇ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىلىپ چىقىپ بىرەي.

- ياخشى ئادەم دىدى ئۇ كۈلۈپ كىتىپ، بوپتۇ مەن باشقىلارنى ئىزدەپ باقاي.
يەنە بىر ھەپتىسى مەن سەھەردە تۇرۇپ ئۇنىڭ تەييارلاپ قويغان ئەخلەت غالتىكىنى سۆرەپ يول بويىغا ئىچىقىپ قويۇپ ئىشقا كەتتىم. ئۆتكەن ھەپتە ئەخلەت يىغىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇ تىلىفۇن قىلدى:
- قەيسەر، پۇتۇم خىلى ساقايدى، ئەخلەتنى ئۆزەم ئىلىپ چىقالايمەن ئاۋارە بولما.

     ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۆزئارا چاقچاقلاشقاندا "ساۋۇت خوتۇندىن قورىدۇ، داۋۇت قورقمايدۇ" دەپ چاقچاق قىلىشىپ قويىدۇ. بۇرۇن مەن ۋەتەندە بىر ئىككى كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ "خوتۇنىدىن قورقىدۇ" دىگەن چاقچىقىنى راست ئىلىپ كىتىپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن قورقمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن خوتۇنلىرىنى ئۇرۇپ باش -كۆزىنى كوكەرتىۋەتكىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
ئامىرىكىلىقلارمۇ شۇنداق چاقچاقلارنى باشقىلارنى يىقىن كۆرگەن چىغىدىلا دىيىشىدىكەن.

     بىر كۈنى يامغۇر بەك يىغىپ كەتتى ئىشقا مىڭىشتىن بۇرۇن كۆڭلۇم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولدى، يەر ئاستى ئۆيگە كىرىپ قارىسام سۇ بىسىپ ئۇ يەرگە قويغان يىنىك نەرسىلەر لەيلەپ قاپتۇ. مونچىنىڭ سۈيىنى ئىسسىتىدىغان ئەسۋاپ شۇ يەردە ئىدى، قارىسام سۇ ئۆرلەپ بىر يەرگە بىرىپتۇ، ئانتونينىڭ بىر قىتىم سۇ مۇنۇ سىزىقتىن ئوتۇپ كەتسە بۇ ئەسۋاپنى بۇزۇۋىتىدۇ 10مىڭ دوللارلىق زىيان بولىدۇ دىگىنى ئىسىمگە كەلدى. دەرھال ئىدارىگە تىلىفۇن قىلىپ رۇخسەت سورىدىم دە تۇرۇببا ئوڭشايدىغان ئادەمگە تىلىفۇن قىلدىم، ئۇ ھايال بولمايلا كەلدى، ئەھۋالنى كۆردى ۋە "سۇ تارتىدىغان ماشىنىسى بار بىرسىنى تاپ، مەن ئامال قىلالمايدىكەنمەن دەپ كىتىپ قالدى. ئۇ كۈنى ياققان يامغۇردا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆيىنى سۇ بىسىپ كىتىپ سۇ تارتىدىغان كىچىك ماشىنىنىڭ قىس بوپ كەتكىنىنى نەدىن بىلەي،؟
    يەنە قوشنىلىرىمدىن ياردەم سورىغۇم كەلدى، شۇنداق كوچىغا يۇگرەپ چىقسام ئانتوني ماشىنىسى بىلەن كىلىپ قالدى. ئۇ مىنىڭ جىددىلىشىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ دەرھاللا ئۆيگە كىردى، ۋە دىدى:
    سۇ تارتىش ماشىنىسى كىتىدۇ بۇ سۇلارنى تارتىش ئۈچۇن، لىكىن بۇنى ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ. شۇنداق دىدى-دە ئۇ سكوتتقا ۋە دەنىيگە تىلىفۇن  قىلدى.سۇ داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ، ئەنتونىي چاتاقنى ئوڭشاشقا كىرىشىپ كەتتى. يەر ئاستى ئۆيىگە قىزىلغان ئىككى ئورەكنىڭ بىرسىگە بۇ ئۆينى سالغۇچىلار سۇ تارتىدىغان ئەسۋاپ ئورناتماپتىكەن، يامغۇر سۈيى كۆپ بولغانلىقتىن ئەسۋاپ بار يەنە بىرسى تارتىپ يىتىشىپ بولالمىغان گەپ ئىكەن.
سكوتت  مۇھىت ئاسراشقا ئائىت بىر شىركەتتە ئىشلەيتى، ئۇ شۇ شىركەتىڭ يوغان ماشىنىسىنى ھەيدەپ كونىراپ كەتكەن سۇ تارتىش ماشىنىسىنى ئىلىپ پەيدا بولدى، ئاڭغىچە دەنىيمۇ كىردى بىز شۇ سوغۇق سۇنى كىچىپ تۇرۇپ  6-7 سائەت ھەپىلىشىپ كەتتۇق. ئانتوني تامنى تىشىپ شىلىنكىنى سىرتقا چىقاردى. خۇدايا شۈكرى سۇمۇ تارتىلىپ بولدى، ئانتوني يەنە بىر كۆلچەككە سۇ تارتىش ئەسۋابىنى ئورنىتىشىم لازىملىغىنى ئىيتتى.
-مەن بىلمەيدىكەنمەن ھەتتا ئۇ ئەسۋاپنى، باشقىلار قىلسىمۇ شۇ ئىشنى پۇلغا قىلىدۇ، ساڭىلا بىرەي شۇ پۇلنى، قىلىپ بەرسەڭ.
     ئانتوني ئەتىسىلا سايماننى ئەكىلىپ ئۇنى ئورنىتىپ بەردى، خۇداغا شۇكرى، شۇندىن كىيىن ھەرقانچە يامغۇر ياغسىمۇ يەر ئاستى ئۆيىمىزنى سۇ باسمىدى.مەن دەنىي ۋە سكوتتقا ئۆز لايىغىدا رەھمەت ئىيتتىم ۋە يەنە بۇلارنىڭ ھەممىنى ھەپتە ئاخىرىدا مەھەللىمىزدىكى بىر رېستۇرانغا تاماققا تەكلىپ قلدىم.شۇ كۇنى مەن، ئەنتونىي ۋە سكوتت ئۈچىمىزنى سكوتنىڭ ئايالى ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ قويدى ۋە كەچ سائەت 12 دە بىزنى ئىلىپ كىتىدىغانلىغىنى ئىيتتى.
-سىلەر ئاز تولا ئىچىپ قالساڭلار ياخشى بولمايدۇ، ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسە ھازىر ساقچىلار قولغا ئالىدۇ دەپ چۇشەندۇردى خانىم.
- ھە مۇنداق ئىكەندە دەپ ئويلىدىم مەن.
رېستۇراندا پاراڭ قىلىشىپ ئولتۇرۇپ  دەنىينىڭ چىقالمىغىنىغا ئەپسۇسلانغانلىغىمنى بىلدۇرىۋىدىم، ئۇلار كۈلۈپ كىتىشتى ۋە دىيىشتى.
- ئۇ شوخلۇق قىلىپ قويۇپتىكەن يىللار ئىلگىرى، ئايالى بىلىپ قىلىپ ئەدىۋىنى بىرىپ قويۇپتىكەن شۇندىن بۇيان كەچتە تالاغا چىقمايدۇ.تاغدىن باغدىن تازا قىزىق پاراڭلىشىپ سائەت 11؛30 بولغاندا سكوتتنىڭ ئايالىدىن تىلىفۇن كەلدى.
- يەنە 15 مىنۇتتىن كىيىن كىلىدىكەن بىزنى ئالغىلى دىدى.
ئانتوني ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈپ كىتىشتۇق.
- ياش يىگىتكە تىگىۋىلىپ ئەنسىرەپ يۈرۈيدىغان ئوخشايدۇ بۇ ئايال" دەپ ئويلىدىم.
بىز دەل سائەت يىرىم كىچە 12 بولغاندا تالاغا چىقساق، خانىم بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ.
كىيىن بىر قىتىم ئانتوني شۇنداق دەپ چاقچاق قىلدى مىنى كۆرۈپ:
    قەيسەر، مۇشۇ مەھەللىدە ئەڭ خوتۇندىن قورقمايدىغىنى مەن، ئاندىن قالسا سەن، ئاۋۇ ئىككىسىنى قاتارغا تىزمايمىز. بۇ گەپنى مەن دىگەن بولساممۇ ئەنتونىينى ئىككىنچى ئورۇنغا تىزاتتىم، ئەمدى چاقچاق دىگەن شۇنداق بولىدۇ-دە!بەزىدە خوتۇندىن قورقۇپ قويمىساڭ، ئائىلىنىڭ قىزىغى بولمايدۇ دەپ قويدۇم ئۇنىڭغا.ئانتوني كۈلۈپ كەتتى. ئۇ ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ياشاپ باققان بولۇپ دۇنيا قارىشى كەڭ، كۆپنى كۆرگەن يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزى ماڭا بەك تەسر قىلدى.
-قارا قەيسەر، مەن نۇرغۇن دۆلەتلەردە ياشاپ باقتىم، ئەمما مۇشۇ ئامىرىكىدا كۈنىنى ياخشى قىلالمىغان ئادەم باشقا يەردە ياخشى قىلالمايدۇ.
-ئاچام دۇبەيدە بىر ئەرەب بالا بىلەن توي قىلغان ئىدى، بۇ كۈيئوغۇل بالا قايسى بىر يىلى ئۆيىمىزگە بىرىپ  ئۆيدىكى قوي گۆشىمىزنىڭ ھەممىنى يەپ كەتتى، دادام ئۇلارنى (ئەرەبلەرنى) ئانچەا ياخشى كۆرمەيتى، ئەمدى ماۋۇ كىچىك سىڭلىممۇ بىر ئەرەپ بىلەن توي قىلىۋاپتۇ. داداممۇ بۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئالاقە قىلىشىپ ھازىر مۇسۇلمانلارمۇ ياخشى ئادەملەركەن دەپ قاپتۇ...

ئاڭلاپلا قويىدىغانلا ئەمەس، چۈشۈنۈپ بىقىشقا ئەرزىيدىغان گەپلەر دە بۇ!

    2-3 يىل بولدى، قار قاتتىق ياققان كۈنلىرى سكوتت ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى قارلارنى تازىلىغاندا ئىدارىسىنىڭ قار تازىلاش ماشىنىسىنى ئەكىلىپ يوللارنى ئىچىپ تازىلىغاندىن سرت ئانتوني بىلەن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىكى قارلارنىمۇ قوشۇپ تازىلىۋىتىدىغان بوپ قالدى. قۇرۇقلا رەھمەت دىيىشتىن يۈزۈم ئۇيۇلۇپ
    مەنمۇ قوشنىلىرىمنى ئۇلارنىڭ روزدىستىۋا بايرىمىدا دانكىن دوناتنىڭ قەھۋە كارتۇچكىسى بىلەن تەبرىكلەپ قويىدىغان بولدۇم.
دىمەك ھەقىقى قوشنىدارچىلىق مۇشۇنداق بىر-بىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىش، ياردەملىشىش ۋە ئادىمىگەرچىلىك ئاساسىدا تېخىمۇ كۈچىيىدىغان بولغانلىقتىن ئۇمۇ ئۆز لايىغىدا مەزمۇنىنى بىيىتىپ تۇرۇشى كىرەككەن. مىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئاتركىرىتكىلرىمدا مەندىكى ئۇلارغا  بولغان بايراملىق ياخشى تىلەكلا بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە ئۇلارغا بولغان مىننەتدارلىغىممۇ ۋە يۇقۇرىدىكى ھىس قىلغانلىرىممۇ ئەكس ئىتىدۇ، ئەلۋەتتە!.
رازىمەن مەھەللىمىزدىكى نۇرغۇن ئاھالىلىكلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇنۇ  ھاياتنى سۆيۈپ، قەدىرلەپ ياشايدىغان، دوستانە ھەم ئاق كۆڭۈل قوشنىلىرىمدىن!









0

تېما

0

دوست

1211

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29741
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 370
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 14:46:22 |ئايرىم كۆرۈش
تېتىملىق تېما بوپتۇ. ھوزۇرلىنىپ ئوقۇپ چىقتىم. خوشىنىدارچىلىقىڭلارغا مەسلىكىم كەلدى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2174

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20157
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 672
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-26
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 15:57:23 |ئايرىم كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى قوشنىدارچىلىقكەن، بىزلەرنىڭ ئارىمىزدىمۇ قالمىغىلى تۇردى بۇنچىلىكمۇ....يەنە شۇ بىنا ئېيلەرنىڭ كاساپىتىدىن......

0

تېما

0

دوست

684

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16602
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 16:40:25 |ئايرىم كۆرۈش
    بۇ قېتىم بارسام مەھەلىگە سىلەرنى كۆرگىلى بارىمەن.

0

تېما

1

دوست

1441

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 435
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 18:32:19 |ئايرىم كۆرۈش
يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا مىسرانىم مۇنبىرىدە «ۋاشىنگىتوندا ئۆتكەن كۈنلەر»تېمىسىدىكى نەچچە قىسىملىق  بىر چاتما ئەسەرنى قىزىقىپ ئوقۇغان ئىدىم. ماۋۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ شۇ تېمىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇغاندەكلا تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم،ھەم ئىككى  تېمىنىڭ مۇئەللىپى بىر كىشى بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلىدىم!

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8579

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2520
توردىكى ۋاقتى: 1163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 23:14:21 |ئايرىم كۆرۈش
ئايالىمنىڭ  ئاچچىغى كەلسە مەن قورقمىغان بىلەن (ئۇنى خۇدا بىلىدۇ:)
ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كېتىپ تېلېفونۇم قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى.
يەنە بىر تېتىملىق يازمىڭىز بىلەن بىزنى يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت قەيسەر ئاكا!

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8579

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   71.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2520
توردىكى ۋاقتى: 1163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 23:18:41 |ئايرىم كۆرۈش
seyyah يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 18:32
يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا مىسرانىم مۇنبىرىدە «ۋاشىنگىتوند ...

سىز تىلغا ئالغان چاتما ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابدۇرەھمان ئوغلى. ئىككىسى ئىككى ئادەم.

1

تېما

1

دوست

1149

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   14.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15160
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 368
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-8
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-10 23:43:46 |ئايرىم كۆرۈش
ھەي، مۇشۇ كۈنلەردە ئويدىن چىقالمىغان بىلەن ئامرىكىدىلا ياشايدىغان بولۇپ كەتتىم (خىيالىمدا) جۇمۇ. تېمىلار ئىچىدە ئامىرىكا.... دىگەن خەتلەر بار مەزمۇنلار مېنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدۇ، دىسە. تۇرسۇنجاننىڭ تېمىسىنى تۈگىتىپ ئۇخلاي دەپ تۇرسام... ھەجەپ ياخشى. ئوقوشنى باشلاپ كەتتىم ئەمىسە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )