- تىزىملاتقان
- 2012-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2810
- نادىر
- 0
- يازما
- 43
ئۆسۈش
27%
|
يېقىنقى كۈندە، تور دۇنياسىدا مۇڭغۇللارنىڭ مەشھۇر ئېمپىراتۇرى چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىنى تاپقانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر تارقالدى. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئىمپېراتۇرلار، پادىشاھلارنىڭ قەبرىسى مەخپىي ھالدا كۆمۈۋىتىلگەن، مەسىلەن، ھون تەڭرىقۇتى ئاتتىلا، چىن ئېمپىراتۇرى چىن شىخۇاڭ ۋاھاكىزالار. دۇنيا خەۋەرلىرى تورىنىڭ 6 - نويابىردىكى ئۇچۇرىدا كۆرسىتلىشچە، موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئونۇن دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنىدىن 13 - ئەسىردىكى موڭغۇل ئىمپىراتورى چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسىنى تاپقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇلىيە يول ياساش ئىشچىلىرى ئونۇن دەرياسى بويىدا يول ياساۋېتىپ مەزكۇر قەبرىلەرنى بايقىغان. ئارقىدىنلا موڭغۇلىيە ئارخېئولوگلىرى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە مەزكۇر قەبرىلەرنى ئاچقان.
قەبرىلەر ئەسلىدە ئونۇن دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنى ئاستىدا بولۇپ ئىككى قەۋەت قىلىپ ياسالغان. ئۈستى قەۋىتىگە نەچچە ئونلىغان ئات، لەشكەر ۋە خىزمەتچىلەر قۇربانلىق قىلىپ كۆمۈلگەن. ئاستى قەۋىتىدىكى چوڭ قەبرىدىن بىر بەستلىك ئەركەكنىڭ ئىسكىلىتى بىلەن ئۇنىڭغا ھەمدەپنە قىلىنغان 16 ئايالنىڭ ئىسكىلىتى بايقالغان. قەبرىدىن يەنە زور مىقداردىكى ئالتۇن، كۆمۈشلەر تېپىلغان. پەرەز قىلىنىشىچە، نەچچە يۈز يىللار مابەينىدە مەزكۇر قەبرىلەر ئونۇن دەرياسىنىڭ ئېقىنى ئاستىدا پىنھان ساقلانغان. 18 - ئەسىردە ئونۇن دەرياسى ئېقىنىنى يۆتكىگەندىن كېيىن ئاندىن قۇرۇقلۇققا چىققان. ئارخېئولوگلار مەزكۇر قەبرىدىكى ئاساسلىق ئىسكىلىتنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ 60 ياشتىن 75 ياش ئارىلىقىدىكى ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەن يىل دەۋرىنىڭ مىلادىيە 1215 - يىلىدىن 1235 - يىللىرى ئارىلىقىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. مۇتەخەسسسىلەر مەزكۇر قەبرىگە ھەمدەپنە قىلىنغان كۆپ ساندىكى لەشكەر ۋە قىز - ئاياللار شۇنىڭدەك زور مىقداردىكى ئالتۇن، كۆمۈشلەر ئۇنىڭ شەك - شۇبھىسىزكى 13 - ئەسىردىكى مەشھۇر موڭغۇل ئىمپىراتورى چىڭگىزخاننىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ دېگەن.
ئەسلىي مەنبەنى كۆرمەكچى بولسڭىز تۆۋەندىكى ئادېرىستىن كۆرۈڭ.
http://naltikriti.umwblogs.org/2 ... genghiz-khans-tomb/
http://hist383f12.umwblogs.org/
|
|