قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1729|ئىنكاس: 50

بىلىمخۇمار: تاشقى پلانېتىلاردا جانلىقلار بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

119

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.41%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 1081
تۆھپە : 3051
توردىكى ۋاقتى: 1253
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشقى پلانېتىلاردا جانلىقلار بارمۇ؟

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى


تاشقى پلانېتىلاردا جانلىقلارنىڭ بار-يوقلۇقى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ناھايىتى قىزىقىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى. مەن ھازىرغىچە NASA ھەققىدىكى خېلى كۆپ كىچىك يازمىلىرىمدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئازراقتىن چۈشەنچە بېرىپ كەلدىم. ئەمما مەندىن «سىزچە تاشقى پلانېتا ئادەملىرى راستىنلا مەۋجۇتمۇ؟» دەپ سورايدىغانلار ھازىرمۇ داۋاملىق چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ. مەن مەزكۇر ماقالىدا مۇشۇ ھەقتە ئايرىم چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. مېنىڭ NASA ھەققىدىكى تېمىلىرىمنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلار ئۈچۈن بۇ ماقالىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار يېڭى تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. سەۋەبى مەن بۇ ماقالىدا بايان قىلىدىغان مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى قىسقا-قىسقا يازمىلىرىمدا ئازراقتىن بايان قىلىپ بولغان. ئەمما بۇ يازمىدا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ «تاشقى پلانېتا ئادەملىرى» مەسىلىسىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا ئوخشاش يېڭى مەزمۇنلارمۇ بار. يېقىندا ياسىر قازى مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە بەزى مۇسۇلمان ياشلار سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە قۇرئاندا نېمە دېيىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنىي ئۆلىمالار قانداق قارايدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. مەن مەزكۇر ماقالىغا ئاشۇ مەزمۇنلارنىمۇ كىرگۈزۈپ قويىمەن.

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: مەن 2014-يىلى 8-نويابىر كۈنى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ تور بېتىدىن كېسىپ ئالغان بىر كۆرۈنۈش.


يۇقىرىدىكى 1-رەسىمنى مەن 2014-يىلى 8-نويابىر كۈنى بىزنىڭ ئىدارىنىڭ بىر تور بېتىدىن كېسىپ ئالدىم [1]. بۇ تور بەتتە ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئالىملار بايقىغان تاشقى پلانېتىلارنىڭ كاندىداتىنىڭ سانى بىلەن ھازىرغىچە جەزملەشتۈرۈلگەن تاشقى پلانېتىلارنىڭ سانى كۆرسىتىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈنكى سان مۇنداق ئىكەن: بايقالغان تاشقى پلانېتا كاندىداتلىرىنىڭ سانى 3213، جەزملەشتۈرۈلگەن تاشقى پلانېتىلارنىڭ سانى بولسا 1767. ھازىر ئالىملار سامان يولى گالاكسى (يۇلتۇزلار توپلىمى) نى كۆزىتىپ، تاشقى پلانېتىلارنى تېپىشقا ئىشلىتىۋاتقان ئالەم تېلېسكوپلىرىدىن «خابۇل ئالەم تېلېسكوپى» (Hubble Space Telescope) قاتارلىق بىر قانچىسى بار. بۇ ئىشتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقىنى بىزنىڭ ئىدارىمىز JPL بىلەن بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology, Caltech) بولۇپ، ھازىر بىزنىڭ ئىدارىدىلا 50 تەك خادىمدىن تەشكىل تاپقان بىر قوشۇن يىلىغا نەچچە 10 مىليون دوللار پۇل خەجلەپ، تاشقى پلانېتىلارنى بىۋاسىتە كۆرەلەيدىغان بىر ئالەم تېلېسكوپى ياساپ چىقىش يولىدا تىرىشىۋاتىدۇ. مەن ھازىر ئەنە شۇ قوشۇننىڭ بىر مۇھىم ئەزاسى. دېمەك، NASA دىكىلەر جانلىقلار ياشايدىغان تاشقى پلانېتىلار چوقۇم بار، دەپ قارايدۇ. بۇ ئىش تېخى ئىسپاتلىنىپ بولالمىدى. ئەمما ئۇنى كەلگۈسىدە ئىسپاتلىماقچى. NASA دىكىلەر نېمە ئۈچۈن جانلىقلار ياشايدىغان تاشقى پلانېتىلار بار، دەپ قارايدۇ؟ مەن مەزكۇر ماقالىدا مۇشۇ سوئالغىمۇ قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.

مەن ئالدى بىلەن كائىنات ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، ئاندىن تاشقى پلانېتا ئادەملىرى ھەققىدىكى مەزمۇننى بايان قىلىمەن.

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: ھازىر كائىناتنى تەكشۈرۈشتە ئەڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقان خابۇل ئالەم تېلېسكوپى.


1. NASA نىڭ «كائىنات ۋە ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى پروگراممىسى»

NASA نىڭ ئىنگلىزچە «The origins program» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پروگراممىسى بار بولۇپ، NASA نىڭ بۇ پروگراممىنى باشلىغىنىدا ھازىر 10 نەچچە يىل بولدى. ئىنگلىزچە «origin» دېگەن سۆزنىڭ يۇلغۇن لۇغىتىدىكى ئىزاھاتى «مەنبە، كېلىش مەنبەسى، كېلىپ چىقىش، باشلىنىش، قانداشلىق» بولۇپ، NASA نىڭ بۇ پروگراممىسىنى ئۇنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلغاندا، مېنىڭچە ئۇ «كائىنات ۋە ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى پروگراممىسى» دېگەنگە توغرا كېلىدۇ. NASA بۇ پروگرامما ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك سوئاللارغا جاۋاب ئىستەيدۇ:

--بىز نەدىن كەلدۇق؟
--يۇلتۇزلار بىلەن گالاكسىلار (يۇلتۇزلار توپلاملىرى) قانداق شەكىللەنگەن؟
--يەر شارىغا ئوخشاش پلانېتىلاردىن باشقىسىمۇ بارمۇ؟
--باشقا پلانېتىلاردا ھاياتلىق يېتىشىپ چىقالايدىغان شەرت-شارائىت بارمۇ؟
--بىزگە يېقىن كائىنات بوشلۇقىدىكى يۇلتۇزلارنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان پلانېتىلارنىڭ ئىچىدە ھازىر ھاياتلىق بار پلانېتىلارمۇ بارمۇ؟

ئىنسانلار يۇقىرىقىدەك سوئاللارنى سوراشنى باشلىغىلى ھازىرغىچە بىر قانچە مىڭ يىل بولدى. بۇ مەسىلىنى يېشىش ئۈچۈن، ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى كائىناتنىڭ چوڭقۇر جايلىرىنى كۆزىتىدۇ، ۋاقىتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا قارايدۇ، شۇ ئارقىلىق يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان گالاكسىلارنى كۆرىدۇ، ياكى بولمىسا بىزگە يېقىن بولغان كائىنات بوشلۇقىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىۋاتقان، ھەممە جەھەتتىن بىز ياشاۋاتقان يەر شارىغا ئوخشايدىغان پلانېتا سىستېمىلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ. NASA «كائىنات ۋە ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى پروگراممىسى» دېگەن پروگرامما ئىچىدە بىر قاتار ئالەم تېلېسكوپلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىپ، يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدۇ. 2009-يىلى 7-مارت كۈنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان «كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى» ئاشۇ تېلېسكوپلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تېلېسكوپ 2013-يىلى 15-ئاۋغۇست كۈنى ئىشتىن توختىتىلدى. 2014-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىغىچە ئالىملار كەپلېردىن پايدىلىنىپ جەزملەشتۈرۈلگەن تاشقى پلانېتىلاردىن 989 نى، تاشقى پلانېتا كاندىداتلىرىدىن 3213 نى تاپتى. ھازىرقى پىلاندا NASA 2016-يىلى «جېيمس ۋېب ئالەم تېلېسكوپى» (James Webb Space Telescope, JWST) نى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارماقچى. بۇ تېلېسكوپلار تاشقى پلانېتىلارنى بىۋاسىتە كۆرەلمەيدىغان بولۇپ، بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مەن ئۆزۈمنىڭ 2014-يىلى 15-ئاۋغۇست كۈنى يازغان «ماڭا يېڭىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتلار ھەققىدە» دېگەن يازمىسىدا ئازراق چۈشەنچە بەردىم [2]. بىزنىڭ ھازىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمىز تاشقى پلانېتىلارنى بىۋاسىتە كۆرەلەيدىغان، ياساش ئىنتايىن قىيىن بولغان بىر يېڭى تىپلىق ئالەم تېلېسكوپى بولۇپ [2]، ھازىرقى پىلاندا ئۇنى 2018-يىللىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارماقچى. بۇ ھەقتە كۆپرەك نەرسە بىلىۋېلىشقا قىزىقىدىغان قېرىنداشلار مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاخىرىدا 2-مەنبە قىلىپ بېرىلگەن ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.

3-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم: كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى.

4-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم: 2016-يىللىرى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان جېيمس ۋېب ئالەم تېلېسكوپىنىڭ مودېلى. بۇ مودېلنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھازىر ياسىلىۋاتقان تېلېسكوپنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، مەن بۇ رەسىمنى بىر خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنىغا بارغاندا چۈشىۋالغان.


2. كائىناتنىڭ تۈزۈلۈشى ھەققىدە


ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بىز ياشاۋاتقان بۇ فىزىكىلىق دۇنيا «كائىنات» دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەر كائىناتنىڭ «گالاكسى» دەپ ئاتىلىدىغان يۇلتۇزلار توپلىرىدىن، ھەر بىر يۇلتۇزلار توپى بولسا يۇلتۇزلار، ئۇلارنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان پلانېتىلار، ھەمدە ئاشۇ پلانېتىلارنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ھەمراھلاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما، كائىناتتا گالاكسى، يۇلتۇز، پلانېتا، ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىدىن باشقا نەرسىلەرمۇ مەۋجۇت.

NASA 2012-يىلى 13-ئىيۇندا ئىنگلىزچە «Nuclear Spectroscopic Telescope Array» دەپ ئاتىلىدىغان، قىسقارتىلىپ «NuSTAR» دەپ يېزىلىدىغان بىر ئالەم تېلېسكوپىنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنى NASA مەركىزى JPL باشقۇرىدۇ [2]. يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك ئېكس-نۇرى كائىناتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ھادىسىلەرنى كۆزىتىشتە ئالاھىدە رول ئوينايدىغان بولۇپ، بۇ تېلېسكوپ ئاشۇنداق ئېكس-نۇرىنى ئۆلچەش ئارقىلىق كائىناتنى تەكشۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ قۇياشنىڭ يۈزىدىكى يالقۇنلۇق پارتىلاشلار، ۋە نېيترون يۇلتۇز ۋە قارا ئۆڭكۈر ئەتراپىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋاللارنى كۆزىتەلەيدۇ.

بىر گۇرۇپپا ئالىملار يېقىندا «NuSTAR» ئالەم تېلېسكوپىنى ئىشلىتىپ كائىناتتىكى بەزى بىر نىشانلارنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن يەردىن 10 دانە غايەت زور كۆلەملىك قارا ئۆڭكۈرنى تېپىۋالدى. ئوخشاش رايوننى NASA نىڭ «چاندرا» (Chandra) ۋە ياۋروپانىڭ «XMM-Newton» دەپ ئاتىلىدىغان ئېكس-نۇرى ئالەم تېلېسكوپلىرى بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ 10 قارا ئۆڭكۈرنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈردى. بۇنداق تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك نۇر بىلەن نامايان بولىدىغان قارا ئۆڭكۈرلەر ئەڭ دەسلەپتە 1962-يىلى بايقالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئالىملار بۇنداق نۇرلارنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن ئىدى. ھازىر بولسا ئالىملار يۇقىرىقى يېڭى تىپلىق ئالەم تېلېسكوپلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ كائىناتتىكى غايەت زور كۆلەملىك قارا ئۆڭكۈردىن كېلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرمەكتە. بۇ قېتىم بايقالغان قارا ئۆڭكۈرنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ قۇياشنىڭ ماسسىسىدىن 17 مىليارد ھەسسە ئېغىر ئىكەن.

بۇ بايقاش نەتىجىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئاسترونومىيە-فىزىكا ژۇرنىلى» (Astrophysical Journal) نىڭ 2013-يىلى 20-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى NASA مەركىزى JPL دىن دوكتور دەنىيېل ستېرن (Daniel Stern) ئىكەن.

2013-يىلى 11-ئىيۇن كۈنى، ئاشۇ تېلېسكوپنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان دەنىيېل ستېرن بىزنىڭ ئىدارىدە بىر ئىلمىي دوكلات بەردى. ئۇ مۇنداق 3 نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

(1) ھەر بىر گالاكسىنىڭ مەركىزىدە بىزنىڭ قۇياشنىڭ ماسسىسىدىن نەچچە ئون ۋە نەچچە يۈز مىليون ھەسسە چوڭ بولغان غايەت چوڭ قارا ئۆڭكۈر (black-hole) دىن بىرسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر بىر گالاكسىدە يەنە كۆپلىگەن كىچىك تىپتىكى قارا ئۆڭكۈرلەرمۇ بار.

(2) «NuSTAR» تېلېسكوپ ئاشۇنداق چوڭ تىپتىكى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئەتراپىدا يۇلتۇزلار ئوخشىمىغان يۆنىلىش ۋە ئوخشىمىغان ئوربىتىلاردا قالايمىقان ئۇچۇپ يۈرۈيدىغانلىقىنى بايقىدى.

(3) كائىناتنىڭ تەركىبىي قىسمى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مۆلچەر مۇنداق: ئادەتتىكى ماددىلار كائىناتنىڭ 4 پىرسەنتىنى، قاراڭغۇ ماددا (dark matter) لار كائىناتنىڭ 22 پىرسەنتىنى، قاراڭغۇ ئېنېرگىيە (dark energy) بولسا كائىناتنىڭ 74 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.

تۆۋەندە مەن يۇقىرىقى ئۈچ نەرسە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي:

1) ئادەتتىكى ماددا: كائىناتتىكى، جۈملىدىن يەر شارىدىكى بارلىق جىسىملارنى تەشكىل قىلغۇچى فىزىكىلىق ماتېرىياللار ئادەتتىكى ماددىلار ھېسابلىنىدۇ.

2) قاراڭغۇ ماددا: ھازىر ئىنسانلار قاراڭغۇ ماددىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ نېمە ئەمەسلىكىنى ياخشىراق بىلىدۇ. كائىناتتا يىراقتىكى يۇلتۇزلاردىن چىققان نۇرلارنىڭ يولىنى ئەگرى سىزىققا ئوخشاش ئېگىپ قويىدىغان، يەنى تارتىش كۈچىگە ئىگە بولغان، ئەمما تېلېسكوپلارغا كۆرۈنمەيدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، ھازىر ئاشۇنداق ماددا «قاراڭغۇ ماددا» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر يەكۈنلەپ چىققان خۇلاسىگە ئاساسلانغاندا، ئاشۇنداق قاراڭغۇ ماددا كائىناتتىكى ماددىلارنىڭ 22 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. (1) يۇلتۇز ۋە پلانېتىلار كۆزگە كۆرۈنىدۇ، ئەمما بۇ ماددا قاراڭغۇ بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. (2) ئۇ ئادەتتىكى ماددىدىن تەشكىل تاپقان قاراڭغۇ بۇلۇت ئەمەس. ئادەتتىكى ماددا «باريون» (Baryons) دەپ ئاتىلىدىغان زەررىچىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. (3) ئۇ «قارشى-ماددا» (antimatter) مۇ ئەمەس. قارشى-ماددا ئادەتتىكى ماددا بىلەن يۇغۇرۇلغاندا گاما-نۇرى چىقىرىدۇ. لېكىن قاراڭغۇ ماددا ئۇنداق قىلمايدۇ. (4) قاراڭغۇ ماددا ناھايىتى چوڭ گالاكسى بىلەن ئوخشاش ھەجىمدىكى قارا ئۆڭكۈر ئەمەس. قاراڭغۇ ماددىنىڭ تارتىش كۈچى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرنىڭ يولىنى ئېگىۋېتىش ھادىسىسى (gravitational lensing) نىڭ ئۇنچىۋالا ئومۇمىيلاشقان ھادىسە ئەمەسلىكى قاراڭغۇ ماددىنىڭ چوڭ ھەجىمدىكى قارا ئۆڭكۈر ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

3) قاراڭغۇ ئېنېرگىيە: كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ (مەن بۇ ھەقتە ماقالىنىڭ كېيىنكى قىسمىدا ئازراق توختىلىمەن). ئاشۇنداق كېڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان نەرسە قاراڭغۇ ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت. بۇ ئېنېرگىيىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئىنسانلارغا ھازىرچە تېخى ئايدىڭ ئەمەس. بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز پەقەتلا كائىناتنىڭ توختىماي كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولۇۋاتقان نەرسە ئاشۇ قاراڭغۇ ئېنېرگىيىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ كائىناتنىڭ 74 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. كائىناتتىكى بوشلۇقلارنىڭ ئىچىنىڭ قۇرۇق ئەمەسلىكىنى تۇنجى قېتىم تونۇپ يەتكەن كىشى ئېينىشتېيندىن ئىبارەت. ھازىر نۇرغۇن ئورۇنلار قاراڭغۇ ئېنېرگىيىنى ئېنىقلاپ چىقىش يولىدا توختىماي تىرىشىۋاتىدۇ. ئاشۇ مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرىمۇ كۆپلەپ ياسىلىۋاتىدۇ.


3. كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ


كائىناتتىكى زور ئۆزگىرىش ھەققىدە بۇرۇن مۇنداق 3 خىل پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

1) كائىنات ھازىرمۇ توختىماي چوڭىيىۋاتىدۇ.

2) چوڭ پارتىلاشتىن كېيىن كائىنات بىر مەزگىل چوڭىيىپ، كېيىن بىر خىل چوڭلۇقتا تۇرۇپ قالغان بولۇپ، ھازىرمۇ ئاشۇ ھالىتىنى ساقلاۋاتىدۇ.

3) كائىنات ھازىر كىچىكلەۋاتىدۇ. ئۇ مۇشۇ بويىچە مېڭىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر نۇقتىغا ئايلىنىپ تۈگەيدۇ.

ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىدىكى 1-پەرەزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. يەنى، كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ كېڭىيىش تېزلىكىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلاۋاتىدۇ.

چوڭ پارتىلاشقا ھازىرغا قەدەر 13.8 مىليارد يىل بولدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئالىملار كائىناتنىڭ ئۆتمۈشىنى تەكشۈرۈپ، چوڭ پارتىلاش يۈز بېرىپ، 700 مىليون يىل ئۆتكەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كائىناتنىڭ چوڭلۇقىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق ئېنىقلاپ چىقىپ بولدى. بۇ جەرياننى ھازىر ئالىملار بىر «ۋاقىت ئىسترېلكىسى» (the arrow of time) رەسىمى ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ.

ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ مۆلچەرلەپ ۋە ھېسابلاپ چىقىشىچە، كائىناتتا 200 مىليارد گالاكسى بار بولۇپ، بىز تۇرۇۋاتقان سامان يولى گالاكسىنىڭ ئۆزىدىلا 200 مىليارد يۇلتۇز بار . كائىنات ھازىرمۇ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان بولغاچقا، تۇرغۇن يۇلتۇزلار بىر-بىرىدىن يىراقلىشىۋاتىدۇ. كائىناتتا توختىماي ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە ئۇچۇپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارمۇ بار بولۇپ، ئۇنداق يۇلتۇزلار بەزى يۇلتۇزلارغا يېقىنلىشىپ، يەنە بەزىلىرىدىن يىراقلاپ تۇرىدۇ. ئالىملارنىڭ يېقىندا بايقىشىچە، كائىناتتىكى پۈتۈن يۇلتۇزلارنىڭ يېرىمى بىرەر گالاكسىگە تەۋە ئەمەس بولۇپ، ئۇلار گالاكسىلار ئارىسىدا ئەركىن يۆتكىلىپ تۇرىدىكەن [4].

مەن 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 12- كۈنى «كائىناتنىڭ چوڭلۇقى قانچىلىك؟» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە تەييارلاپ، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردىم [5]:

1) ئالەمنىڭ ھازىرقى كېڭىيىش سۈرئىتى قانچىلىك؟
2) كائىناتنىڭ چوڭلۇقى قانچىلىك؟
3) مەلۇم بولمىغان چوڭ كائىنات ئىچىدىكى مەلۇم بولغان كىچىك كائىنات پەرىزى
4) ھازىر ئالەم تېلېسكوپى بىلەن قانچىلىك يىراقلىقنى كۆرگىلى بولىدۇ؟

بۇ ماقالىنىڭ تور ئادرېسى ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى 5-مەنبەدە بار بولۇپ، بۇ ماقالىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان قېرىنداشلارغا ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەن 2014-يىلى 18-ئىيۇل كۈنى يازغان «ئىسرا - مىئراج ۋەقەسى ۋە كۆپ-كائىنات پەرەزلىرى» دېگەن ماقالىدا ھازىر دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كۆپ كائىنات نەزەرىيىسى ۋە پەرەزلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇردۇم [6]. بۇ ماقالىنىڭ تور ئادرېسى 6-مەنبە قىلىپ ماقالىنىڭ ئاستىدا بېرىلگەن بولۇپ، كۆرمىگەن ئوقۇرمەنلەردىن ئاشۇ يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.


4. تاشقى پلانېتا ئادەملىرى مەۋجۇتمۇ؟


يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، NASA دىكىلەر كائىناتتا ھاياتلىق بار بولغان تاشقى پلانېتىلار چوقۇم مەۋجۇت دەپ قارايدىغان بولۇپ، NASA بىزنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 نۇر يىلى كېلىدىغان شارسىمان رايوندىكى يۇلتۇزلارنى تەكشۈرۈشنى ئاللىقاچان باشلاپ بولدى. ئەمما NASA ھازىرغىچە ئۈستىدە ھاياتلىق بار تاشقى پلانېتىلاردىن بىرەرنى تېپىپ، ئۇنىڭدا راستلا ھاياتلىق بارلىقىنى تېخى رەسمىي جەزملەشتۈرۈپ بولالمىدى. تاشقى پلانېتا كىشىلىرىدىن بىرەرسىمۇ تېخىچە يەر شارىنى زىيارەت قىلىپ كېلىپ باقمىدى. «ئۇچار تەخسە» ھەققىدە دۇنيادا ھەر خىل سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولدى، ھەمدە نۇرغۇن كىنولارمۇ ئىشلەندى. لېكىن ئۇنىڭ راستلا مەۋجۇتلۇقى تېخىچە ئىسپاتلىنىپ باقمىدى. مەن بۇ ھەقتە بىر ئازدىن كېيىن مەخسۇس توختىلىمەن.

1977-يىلى، NASA ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرىدىغان، ئىنگلىزچە «Voyager» («سەپەرچى» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىدىغان 2 سەپەرچىنى قويۇپ بەردى. بۇ سەپەرچىلەرنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى «يۇپىتېر» بىلەن «ساتۇرن» دىن ئىبارەت ئىككى پلانېتىنى تەكشۈرۈش بولۇپ، ئۇلار بۇ ۋەزىپىنى 1981-يىلى غەلىبىلىك ئورۇنلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇزارتىلىپ، داۋاملىق تۈردە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چېتىگە قاراپ ئۇچۇشنى داۋاملاشتۇردى.

بۇ 2 سەپەرچى قۇياش سىستېمىسىدىكى چوڭ پلانېتىلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ بولدى. سەپەرچى-2 سەككىز پلانېتا ئىچىدىكى قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق بولغان نېپتۇننىڭ قېشىدىن 1989-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتتى. ھازىرغىچە NASA قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ سىرتىغىچە بارغان ئالەم تەكشۈرگۈچىلىرىدىن جەمئىي تۆتنى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇرۇنقى ئىككىسى «پيونۇر 10» ۋە «پيونۇر 11» (Pioneer 10, Pioneer 11) دەپ ئاتالغان ئىدى. لېكىن، بۇ ئىككى سەپەرچى ئالدىنقى ئىككىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپ، ئىنسانلار ياساپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان نەرسىلەر ئىچىدە ئەڭ يىراققا بارغان نەرسىگە ئايلاندى.

بۇ ئىككى سەپەرچىنىڭ ئۈستىدە بىردىن ئالتۇن تەخسە بار بولۇپ، ئۇنىڭ دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇ پەتىپۇن تەخسىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەر شارىدىكى ھاياتلىق بىلەن مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رەسىملەردىن 115 پارچە رەسىم، ۋە ھەر خىل ئاۋازلار قاچىلانغان. NASA نىڭ ئۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى باشقا پلانېتىلاردىكى ھاياتلىقلار ئۇچراپ قالسا، ئۇلارنى مۇشۇ ئارقىلىق قارشى ئېلىش ئىدى. قاچىلانغان ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋردىكى مۇزىكىلىرىمۇ قاچىلانغان. ئۇ ئالتۇن تەخسىنىڭ بىر نۇسخىسى بىزنىڭ ئىدارىدە بار بولۇپ، ئۇنىڭغا 28 مىللەتنىڭ تىلىدا باشقىلارنى قارشى ئېلىش ئاۋازى قاچىلانغان ئىكەن. مەن JPL غا خىزمەتكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ھېلىقى ئالتۇن تەخسىگە قاچىلانغان ئاۋازلارنى بىر قېتىم ئاڭلاپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «سالام» دېگەن ئاۋاز بىلەن «سەلام» دېگەن بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئىككى سۆز چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرچە ئوخشايدۇ، دەپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ئۇ 28 مىللەتنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپ چىقتىم. نەتىجىدە يۇقىرىقى ئىككى سۆزنىڭ بىرى تۈركچە، يەنە بىرى بولسا ئەرەبچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئەگەر NASA كەلگۈسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالەم ئۇچقۇرلىرىدىن يەنە ماڭدۇرۇپ قالسا، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچىنىمۇ كىرگۈزۈشكە چوقۇم تىرىشىمىز، ئەلۋەتتە.

ئامېرىكا گېئو-فىزىكا بىرلىكىنىڭ خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرنىلى « گېئو-فىزىكا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىلى 3-ئايدىكى سانىغا بېسىلغان بىر ئىلمىي ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، «سەپەرچى-1» 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇ يەرنىڭ بىزنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 17.6 مىليارد كىلومېتىر ئىكەن. ئۇ ماقالىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ دېيىشىچە، سەپەرچى-1 نىڭ ئۈستىدىكى بىر ئۆلچەش ئەسۋابى ئۆلچەۋاتقان رادىئاتسىيىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان. يەنى غەيرىي كائىنات نۇرى (anomalous cosmic rays) بىراقلا ئاجىزلاپ، يۇلتۇزلارنىڭ كائىنات نۇرى (galactic cosmic rays) بىراقلا كۈچىيىپ كەتكەن. سەپەرچى-1 نىڭ ئۈستىدىكى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى مۇشۇنداق سىگنالنى مىكرو-دولقۇن ئارقىلىق يەر شارىغا قارىتىپ تارقىتىدۇ. يەر شارىدا دىئامېتىرى 34 مېتىردىن 70 مېتىرغىچە بولغان ئۈچ چوڭ مىكرو-دولقۇن ئانتېنناسى ئىشلىتىدىغان، يەر شارىدىكى ئوخشىمىغان ئۈچ جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى خەۋەرلىشىش تورى» (Deep Space Networks) بار بولۇپ، ھېلىقىدەك سىگناللارنى ئاشۇ ئۈسكۈنىلەر يىغىۋالىدۇ.

NASA 2013-يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى پۈتۈن دۇنياغا «سەپەرچى-1» نىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى [8]. سەپەرچى-1 نى بىزنىڭ ئىدارىمىز JPL ياسىغان بولۇپ، ئۇنى ھازىرمۇ JPL باشقۇرىدۇ. سەپەرچى-1 نىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن رەسمىي ئايرىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان سانلىق مەلۇماتلار دۇنياغا داڭلىق «ئىلىم-پەن ژۇرنىلى» (Science Journal) ئەڭ يېڭى سانىغا بېسىلغان بولۇپ، 2013-يىلى 13-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى بارلىق چوڭ ئاخبارات ئورگانلىرى مۇشۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى.

قىسقىسى، تاشقى پلانېتا ئادەملىرى سەپەرچى-1 بىلەن سەپەرچى-2 دىن ئىبارەت ئىككى ئالەم ئۇچقۇرى 1977-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىۋاتقان سىگناللارغا تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.

تاشقى پلانېتا ئادەملىرى تېخىچە بىزنى ئىزدەپ كەلمىدى، شۇڭا بىز ئۇلارنى ئىزدەۋاتىمىز. NASA دىكى بەزى ئالىملار بىزنىڭ ئىدارىدە ئىلمىي دوكلات بەرگەندە، كىمنىڭ كىمنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، «تاشقى پلانېتىلارنىڭ ئادەملىرى بىزدىن بەكرەك ئەقىللىق ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بىزدىن بەكرەك ئەقىللىق بولغان بولسا، ئۇلار بۇ چاققىچە بىزنى ئىزدەپ كېلىپ بولغان بولاتتى. ئۇلار كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر بىز ئۇلارنى ئىزدەۋاتىمىز»، دېدى.


5. «نامەلۇم ئۇچار تەخسە» مەسىلىسى


ئۇيغۇر قېرىنداشلار مەندىن ئەڭ كۆپ سورايدىغان سوئاللارنىڭ ئىچىدە مۇنداق بىر سوئالمۇ بار: ئۇچار تەخسىلەر راستلا بارمۇ؟ مەن ھازىرغىچە بۇ سوئالغا ئاساسەن ئايرىم-ئايرىم جاۋاب بېرىپ كەلدىم. ھەمدە كائىنات ھەققىدە يازغان بىر قانچە ماقالىلەردىمۇ ئۇلار توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈپ كەتتىم. مەن مەزكۇر ماقالىدا ئۆزۈم ئىگىلىگەن ۋە بىلىدىغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

NASA نىڭ ئۇچار تەخسە ئىشلىرىغا تۇتقان ھازىرقى مەيدانى مۇنداق [9]: 1947-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە، NASA «كۆك دەپتەر قۇرۇلۇشى» (Project Bluebook) دېگەن ئىسىم ئاستىدا، كونكرېت ئىشلارنى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئېلىپ بېرىشى بىلەن، ئۇچار تەخسىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارغان. ئاشۇ ئارىلىقتا، «ئۇچار تەخسىلەرنى كۆرۈش» ۋەقەسىدىن 12618 ۋەقە تىزىمغا ئېلىنغان. بۇ ۋەقەلەرنىڭ قانداق ۋەقە ئىكەنلىكى ئاساسەن ئېنىقلانغان بولۇپ، «ئېنىقلانمىغان» لىرىدىن پەقەت 701 ۋەقەلا قالغان. يەنى، ئۇچار تەخسە ۋەقەلىرىنىڭ 94.5 پىرسەنتى يالغان بولۇپ چىققان بولۇپ، قالغان 5.5 پىرسەنتىنىڭ راست-يالغانلىقى ئېنىقلانمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ قۇرۇلۇش 1969-يىلى 17-دېكابىر كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارنى كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پارچە تەكشۈرۈش-تەتقىقات دوكلاتى، ئامېرىكا ئىلىم-پەن ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر پارچە دوكلاتى، ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ 1940-يىللىرىدىن 60-يىللىرىغىچە ئېلىپ بارغان ئىشلىرى ئۈستىدىكى بىر پارچە دوكلاتىغا ئاساسەن ئالغان.

1977-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى NASA غا ئۇچار تەخسىلەرنى تەكشۈرۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدە بىر دوكلات تەييارلاشنى تاپشۇرغان. NASA شۇنىڭغىچە يىغىلغان ھەممە ماتېرىياللار ئۈستىدە بىر تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تاشقى پلانېتىلاردىن كەلگەن ئۇچار تەخسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچ قانداق ئىشەنچلىك پاكىتلارنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا ئۇچار تەخسىلەر ئۈستىدىكى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ھېچ نېمىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچار تەخسە تەتقىقاتىنى توختىتىپ قويۇشتا ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەبلىرى مۇنداق:

(1) ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى دوكلات قىلغان، تەكشۈرگەن، ۋە باھالاپ چىققان ئۇچار تەخسە ۋەقەلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولالمايدۇ.

(2) ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى «نامەلۇم ئۇچار تەخسە» (Unidentified Flying Object, UFO) دېگەن كاتېگورىيىگە كىرگۈزۈپ دوكلات قىلغان ياكى بايقىغان ۋەقەلەر ئىچىدە، ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن بىلىملىرىنىڭ سىرتىدىكى تەرەققىيات ياكى پرىنسىپلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.

(3) كىشىلەر كۆرۈپ، «نامەلۇم ئۇچار تەخسە» دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ تاشقى پلانېتىلاردىن كەلگەن نەرسە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچ قانداق ئىسپات يوق.

ئامېرىكا يۇقىرىدىكى قۇرۇلۇش جەريانىدا توپلىغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى 1977-يىلىدىن كېيىن ئاشكارا قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ھازىر ھەر قانداق ئادەم ئامېرىكا دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسىگە بېرىپ كۆرسە بولۇۋېرىدۇ.

ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئىچىدە «ئامېرىكا ئۇچار تەخسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇلارنى سىرتتىن يوشۇرۇۋاتىدۇ»، دەپ ئىنكاس يېزىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. مەن ئاشۇ قېرىنداشلارنىڭ يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھازىر تاشقى پلانېتىلارنى تاپىدىغان يېڭى تېخنولوگىيە بەرپا قىلىش ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. بىز ئاشۇ يېڭى تېخنولوگىيىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتىمىز. ئەمما NASA كائىناتنى تەكشۈرۈپ، بايقىغان يېڭىلىقلارنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا دۇنياغا خەۋەر قىلىپ تارقىتىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە بەك گۇمانخور بولۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا 10-مەنبە قىلىپ تىزىلغان ئىنگلىزچە تور بېتىدە ئۇچار تەخسە تەتقىقاتىنى ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار شۇ تەشكىلاتلارنىڭ دۆلىتى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا، رۇسىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 8 دۆلەتنىڭ ئىسمى، ۋە 30-40 تەشكىلاتلارنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قانچىسى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە قانچىسى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى رەسمىي تەشكىلاتلار، ئۇ ماڭا مەلۇم ئەمەس (ئۇچار تەخسە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان رەسمىي تەشكىلاتلارغا قارىغاندا، ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلارنىڭ تەشكىلاتلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغاندەك قىلىدۇ). قىزىقىدىغان ۋە ئىنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ ئاشۇ تور بەتلەرگە ئۆزلىرى قاراپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى 11-مەنبەدە NASA دەسلەپتە «ئۇچار تەخسە» دەپ ئويلاپ، كېيىن تەكشۈرسە ئۇنداق ئەمەس بولۇپ چىققان بىر ھادىسە بايان قىلىنىپتۇ. ئۇنىڭدا بىر قانچە پارچە رەسىملەرمۇ بار ئىكەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى 12-مەنبەدە كۆرسىتىلگىنىدەك، دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھەر خىل چولپانلار ئىچىدىمۇ «مېنى ئۇچار تەخسە ئادەملىرى تۇتۇپ ئېلىپ كېتىپ، كېيىن قويۇۋەتكەن»، دەيدىغانلىرى بار ئىكەن.

قىسقىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر «نامەلۇم ئۇچار تەخسە» دېگەن نەرسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىمۇ خېلى بۇرۇنلا توختىتىۋەتكەن.


6. ئامېرىكىدىكى «تاشقى پلانېتىلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي» ياكى «51-رايون»


ئامېرىكىدىكى چوڭ-چوڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى 2013-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى «51-رايون» دەپ ئاتالغان بىر يەر توغرىسىدا خەۋەر بەردى [13]. بۇ يەر ئامېرىكا نېۋادا (Nevada) شتاتى لاس ۋېگاس (Las Vegas) شەھىرىنىڭ 150 كىلومېتىر شىمالىدىكى بىر جايدا بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يەرگە 1955-يىلى «51-رايون» دېگەن نامنى بېرىپ، ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە مەخپىي ساقلاپ كېلىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەر بۇ يەردىن بىر خىل غەلىتە ئۇچقۇرلارنىڭ ئۇچۇپ چىقىۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئاسماندىن مۇشۇ يەرگە ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ يەرگە «تاشقى پلانېتىلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي» دەپ نام بېرىپ كېلىدۇ. نېۋادا شتاتىنىڭ ھۆكۈمىتىمۇ ئاشۇ يەرگە بارىدىغان بىر چوڭ يولغا «تاشقى پلانېتا تېز سۈرئەتلىك يولى» دەپ ئىسىم قويۇپ قويىدۇ. بۇ يەرگە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن «ئۇچار تەخسە» نى كۆرمەكچى بولغان ساياھەتچىلەرمۇ كېلىپ تۇرىدۇ.

يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «51-رايون» نىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى: 1950-يىللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يەردە «U-2» ناملىق جاسۇسلۇق ئايروپىلانلىرىنى سىناق قىلغان ۋە ئىشلەپ چىقارغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھېچ قانداق ئىنسان قەدەم باسمايدىغان مۇشۇ جاينى تاللىغان ئىكەن. بۇ ئايروپىلان باشقا ئايروپىلانلاردىن كۆپ ئېگىزلىكتە ئۇچىدىغان بولۇپ، كۈن ئولتۇرۇپ، باشقا ئايروپىلانلار قاراڭغۇدا ئۇچۇپ يۈرىدىغان ۋاقىتلاردا بۇ ئايروپىلان ئۇچسا، ئۇنىڭغا قۇياش نۇرى تېگىپ، قاراڭغۇدا بىر نەرسە ئاسماندا نۇر چاقنىتىپ ئۇچۇپ يۈرۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدىكەن. شۇڭا كىشىلەر كېچىدە بۇ يەردىن ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىۋاتقان، ۋە ئاسماندىن بۇ يەرگە ئۇچۇپ چۈشۈۋاتقان بىر خىل نۇرنى كۆرۈپ، بۇ يەرگە «تاشقى پلانېتىلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي» دەپ نام بەرگەن ئىكەن. «51-رايون» دېگەن سۆز «مۇستەقىللىق كۈنى» گە ئوخشاش بەزى بىر فانتازىيە كىنولىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنىدىكەن.

بىر قىسىم تورداشلار مەندىن «51-رايون» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سوراپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، مەن بۇ ھەقتە يۇقىرىقى چۈشەنچىلەرنى بېرىپ قويدۇم.


7. تاشقى پلانېتىنىڭ سانى بۇرۇنقى مۆلچەرلەردىن كۆپ ئىكەن


مەن 2013-يىلى 24-ئاۋغۇست كۈنى تورغا چىقارغان بىر پارچە ماقالەمدە NASA نىڭ تاشقى پلانېتىلارنى تېپىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى ئىشلەشتىن توختىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدىم. گەرچە ئۇ تېلېسكوپ ئىشتىن توختىغان بولسىمۇ، ئۇ يەر يۈزىگە ماڭدۇرۇپ بەرگەن رەسىملەر ۋە ئىلمىي ئۇچۇرلار ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلار ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلار تاشقى پلانېتىلار ھەققىدە توختىماي يېڭى سىرلارنى بايقاۋاتىدۇ [14]. ئاشۇنداق بايقاشلارنىڭ بىرى 2013-يىلى 4-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم تارقىتىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سامان يولى گالاكسىسىدىكى يەر شارىغا ئوخشاش جانلىقلار ياشىيالايدىغان تاشقى پلانېتىلارنىڭ سانى 40 مىلياردتەك بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، ئالدىنقى 20 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى 2000 غا يېقىن تاشقى پلانېتىلارنى تېپىپ جەزملەشتۈرۈپ بولدى. كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى بولسا نورمال ئىشلىگەن 4 يىل جەريانىدا 3500 دانە تاشقى پلانېتا كاندىداتلىرىنى تىزىملاپ چىقتى. بۇ پلانېتىلارنىڭ ئانا يۇلتۇزى ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 نۇر يىلى بولۇپ، بىز ئۇنى كۆزىمىز بىلەن بىۋاسىتە كۆرەلەيمىز. بۇ قېتىم كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلېي شۆبىسىنىڭ بىر دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىسى قاتارلىق بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار كەپلېر تېلېسكوپى يىغقان 42000 دانە يۇلتۇزلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ، جەمئىي 603 پلانېتا تاپقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 10 پلانېتىنىڭ دىئامېتىرى يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئىككى ھەسسىسىگىچە كېلىدىكەن. ھازىر ئالىملار يەنە بىر قانچە ئون يىل ئىچىدە ئىككىنچى يەر شارىنىڭ تېپىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ يەردە «نۇر يىلى» دېگەننى ئازراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتسەم، «نۇر يىلى» دېگىنىمىز ئاسترونومىيىدە ئىشلىتىلىدىغان بىر ئارىلىق بىرلىكى بولۇپ، ئۇ نۇرنىڭ بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە باسىدىغان مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ. كائىناتتىكى جىسىملارنىڭ ئارىلىقلىرى بەك يىراق بولغاچقا، ئۇنداق ئارىلىقلارنى بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى «مېتىر»، «كىلومېتىر» بىلەن ئۆلچەپ بولغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، بىزگە ئاخشىمى ئاسماندا كۆرۈنىدىغان يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 4.26 نۇر يىلى بولۇپ، بىر نۇر يىلى تۆۋەندىكىدەك ئۇزۇنلۇققا تەڭ:

بىر نۇر يىلى دېگىنىمىز (365 كۈن) x (24 سائەت) x (60 مىنۇت) x (60 سېكۇنت) x (300000 كىلومېتىر/سېكۇنت) بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى سان نۇرنىڭ تېزلىكىدىن ئىبارەت. يەنى نۇر بىر سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭىدۇ. يۇقىرىقى سانلارنى ئۆز-ئارا كۆپەيتسەك (يۇقىرىدىكى «x» كۆپەيتىش بەلگىسى):

بىر نۇر يىلى = 9,460,730,472,580,800 مېتىر

نۇر يىلى

نۇر يىلى



8. ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قانداق قارايدۇ؟


يېقىندا بەزى مۇسۇلمان ياشلار مەلۇم بىر يىغىلىشتا ياسىر قازىدىن يۇقىرىدىكى سوئالنى سورىغان بولۇپ، ياسىر قازى بەرگەن جاۋابنىڭ سىن ھۆججىتى ئالدىنقى 2-نويابىر كۈنى يۇتيۇب (YouTube) قا چىقىرىلدى. مەن ماقالىنىڭ مەزكۇر قىسمىدا ياسىر قازى بەرگەن جاۋابنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن [15].

بىز مۇسۇلمانلار «تاشقى پلانېتا ئادەملىرى (aliens) بارمۇ؟» دەپ سورىمايمىز. ئۇنىڭ ئورنىغا «ئاللاھ باشقا ھاياتلىقلار ياكى مەۋجۇدىيەتلەر (beings) نىمۇ ياراتقانمۇ؟ ياكى بىز ئاللاھ ياراتقان بىردىن-بىر مەۋجۇدىيەتمۇ؟ » دەپ سورايمىز. بۇ سوئالنىڭ جاۋابى مۇنداق: بۇ ئىشنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىز بۇ دۇنيادا مەڭگۈ بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ھەمدە بۇ ئىشنىڭ يەنە بىر دۇنيادا قانداق ئىكەنلىكىگە بىز ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما، بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ناھايىتىمۇ مۇھىم.

ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق بىر قىسىم ئۆلىمالار «ئاللاھ باشقا خىلدىكى ھاياتلىقلارنىمۇ ياراتقان»، دەپ قارايدۇ، ھەمدە بۇ ئىشنى ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىكى ئىكەنلىكى بىلەن باغلايدۇ. ئەگەر بىز «ئاللاھ پەقەت بىز ئىنسانلارنىلا ياراتقان، بىز تۈگىسەك، بىزگە ئوخشاش مەۋجۇدىيەتلەرمۇ تۈگەيدۇ»، دەپ قارىساق، «ئاللاھ ھاياتلىقلارنى توختىماي يارىتىپ تۇرىدۇ» دېگەن ئۇقۇم بىلەن قارشىلاشقان بولۇپ قالىمىز. ئىبنى تەيمىيە بۇنداق قاراش ئاللاھنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرگەنلىك بولۇپ قالىدىغاندەك ھېسسىياتتا بولغان. ئۇ «ئاللاھ ھاياتلىقلارنى توختىماي يارىتىپ كەلگەن، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توختىماي يارىتىپ تۇرىدۇ»، دەپ ئويلىغان. ئۇنىڭ نەزىرىدە، بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز پەقەت بىز ھازىر ياشاۋاتقان مۇشۇ دۇنيادىنلا ئىبارەت بولۇپ، بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن دۇنيا بىلەن بىزدىن كېيىن كېلىدىغان دۇنيالارمۇ مەۋجۇت. ئاللاھنىڭ باشقا خىلدىكى ھاياتلىقلارنى يارىتىشى بىز بىلەن بىر دەۋردە يۈز بېرەمدۇ، ياكى باشقا دەۋرلەردىمۇ، ئىبنى تەيمىيە بۇ ھەقتە ھېچ نېمە دېمىگەن. باشقا دۇنيالارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ۋە باشقا خىلدىكى ھاياتلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بىزنىڭ دەۋرىمىزدە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بىرەر پاكىت يوق.

ئاللاھنىڭ باشقا مەۋجۇدىيەتلەرنىمۇ يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بەزى پاكىتلار بار. ئەمما بۇ ئىش بىزدىن بۇرۇن يۈز بېرەمدۇ، بىز بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بېرەمدۇ، ياكى بىزدىن كېيىن يۈز بېرەمدۇ، قۇرئاندا بۇ ھەقتە ھېچ نېمە دېيىلمىگەن (ياسىر قازى بۇ يەردە «مۇشۇ دۇنيا» دېگەندە بىز يارىتىلغان ۋاقىتتىن باشلىنىپ، قىيامەت كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان دۇنيانى كۆزدە تۇتقان). ئەمما، قۇرئان باشقا مەۋجۇدىيەتلەرنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان (might, possibly suggest) بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداق دەپ كۆرسىتىپ بەرمەيۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ ئىسپاتى مۇنداق:

(1) ئاللاھ قۇرئاندا ئۆزىنىڭ بىز مەڭگۈ بىلەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ياراتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ: «ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ (16:8، 269-بەت).» يەنى ئۇ نەرسىلەرنى بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەيمىز. ئىنسانلار ھازىرمۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى نەسىلدىكى جانلىقلارنى بايقاۋاتىدۇ. ئەمما ئاللاھنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئۇ جانلىقلار ئەمەس، باشقا نەرسىلەردۇر [16].

(2) ئاللاھ قۇرئاندا «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جانلىقلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئەگەر خالىسا، ئۇلارنى جەمئىي قىلىشقا قادىردۇر (42:29، 487-بەت)»، دەيدۇ. ئاللاھ بۇ يەردە جانلىقلار پەقەت يەر شارىغىلا تارقىتىلغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن «ساماۋات» قا تارقىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ يەردىكى «ساماۋات» دېگەن سۆز بىز بىلىدىغان ئاسماننىڭ نېرىسىدىكى جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ بۇ يەردە جانلىقلارنى ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىگە تارقاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۆزى خالىسا ئۇلارنى دەرھال بىر جايغا يىغالايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. كۆپ سانلىق ئۆلىمالار ئاللاھنىڭ بۇ يەردە «ھەممە جانلىقلارنى بىر جايغا يىغىش» سۆزىدە كۆزدە تۇتقىنى قىيامەت كۈنىدىكى ئىشلار، دەپ قارايدۇ. بىز ئۇنى «ئاللاھ ھەممە جانلىقلارنى ياراتقان، ھەمدە ئەگەر ئۆزى خالىسا ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلالايدۇ»، دەپ چۈشەنسەكمۇ بولۇۋېرىدۇ. تىل نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇشۇ ئىككى خىل چۈشەندۈرۈشنىڭ ھەر ئىككىسىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.

(3) ئاللاھ ياراتقان باشقا جانلىقلارنىڭمۇ بارلىقىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىسپاتى تۆۋەندىكى ئايەتتىن ئىبارەت: «شەك-شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاغلارغا) مىندۈردۇق، دېڭىزدا (كېمىلەرگە) چىقاردۇق، ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق (17:70، 290-بەت).» بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم سۆز «بىز ئىنسانلارنى ئۆزىمىز ياراتقان باشقا نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئۈستۈن قىلدۇق» دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بىز ئىنسانلار باشقا بىر قىسىم مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىكەنمىز، ئەمما بىز ئەڭ ئۈستۈنكى ئورۇندا تۇرمايدىكەنمىز (ياسىر قازى بۇ سۆزلەرنى ئەرەبچە ئايەتنى ئەينەن چۈشەندۈرگەندە دېدى). يارىتىلغان جانلىقلارنىڭ ئىچىدە بىز ئىنسانلار ئەڭ ئۈستۈن تۇرىمىز. پەرىشتىلەر بىلەن جىنلار بىزدىن كېيىن تۇرىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتتە دېيىلىشىچە، بىز ئىنسانلار يارىتىلغان باشقا نۇرغۇن مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈنرەك ئورۇنغا قويۇلغان، ئەمما باشقا بارلىق مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان ئەمەس. قىسقىسى، بۇ يەردە بىر يۈزدە-يۈز ئېنىق بولۇپ كەتمىگەن چۈشەنچە بار.

خۇلاسىلىسەك، قۇرئاندا مەيلى بىزدىن بۇرۇن بولسۇن ياكى بىزدىن كېيىن بولسۇن، ئىشقىلىپ بىزدىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭمۇ يارىتىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بايان يوق. ئەمما، ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق بىر قانچە داڭلىق ئېتىقادشۇناسلار «ئاللاھنىڭ بىزدىن باشقىمۇ نۇرغۇن مەخلۇقاتلارنى ياراتقانلىقى ۋە ھازىرمۇ توختىماي يارىتىۋاتقانلىقى، بىز ئىنسانلارنىڭ بولساق پەقەت ئاشۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇشىمىز، ئاللاھنىڭ قەدىر-قىممىتىگە ماس كېلىدۇ»، دەپ قارايدۇ. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇسۇلمان ئەمەس جون خۇۋېر (Jon Hoover) ئىسىملىك بىر غەربلىك زىيالىي ئىبنى تەيمىيەنىڭ مۇشۇنداق ئىدىيىسى ھەققىدە مەخسۇس بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدى [17].

ياسىر قازىنىڭ دېگەنلىرى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.


9. ئاخىرقى سۆز


يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمدەك، ھازىرغىچە تاشقى پلانېتا ئادەملىرى ياكى تاشقى پلانېتىدىكى باشقا جانلىقلاردىن بىرەرى تېخىچە بايقالمىدى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە NASA دىكى خادىملار جانلىقلار ياشاش ئېھتىماللىقى بار بولغان تاشقى پلانېتىلارنىڭ بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، ھەمدە ئاشۇنداق پلانېتىلارنى تېپىش ئىشىغا زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىپ، ناھايىتى تالانتلىق مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان بىر قوشۇننى ئىشقا سېلىپ، ناھايىتى قاتتىق تىرىشىۋاتىدۇ. NASA نىڭ ھازىرقى كۈرەش نىشانى كائىناتنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 نۇر يىلىنىڭ ئىچىدە بولغان دائىرە ئىچىدىكى ئۈستىدە ھاياتلىقلار ياشىيالايدىغان پلانېتىلارنى تېپىپ، ئاندىن ئاشۇ پلانېتىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش. يەنى، ئۇلارنىڭ دىئامېتىرى، ماسسىسى، ئانا يۇلتۇزى بىلەن بولغان ئارىلىقى، ھاۋاسىنىڭ تەركىبىي قىسمى، تېمپېراتۇرىسى، سۇ مىقدارى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا پارامېتىرلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش. ھازىرغىچە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن تېخنىكىلار بىلەن يۇقىرىدىكى ئۆلچەشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

ئەمما، مەن ھازىرغىچە NASA نىڭ ئاشۇنداق پلانېتىلارنى تاپقاندىن كېيىن، ھەمدە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەملەرنى قانداق ئالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پىلانلىرىدىن بىرەرنى ئاڭلاپ باقمىدىم. يەنى، بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇز بىزدىن 4.26 نۇر يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، قالغان يۇلتۇزلار ئۇنىڭدىنمۇ يىراق بولغاچقا، بىز ھاياتلىق بار تاشقى پلانېتىدىن بىرەرنى تاپقان تەقدىردىمۇ، ھازىرقى تېخنىكا بىلەن بىز ئۇ پلانېتىنى زىيارەت قىلىپ بارالمايمىز. چۈنكى، ئەگەر بىز نۇر تېزلىكى بىلەن ھەر بىر سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر يول ماڭساق، بىزدىن 10 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى بىر تاشقى پلانېتىغا بېرىش ئۈچۈن 10 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىرقى ئالەم ئۇچقۇرلىرى سائىتىگە ئاران نەچچە 10 مىڭ كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭالايدۇ. ئەگەر NASA كېيىنچە بۇ ھەقتە بىرەر پىلان تۈزۈپ قالسا، مەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۇنىڭدىن ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىمەن.

ھازىرغىچە خەلقئارادا «يەر شارىغا ئوخشىشىپ قالىدىغان، ئۈستىدە ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بار تاشقى پلانېتىدىن بىرى بايقالدى»، دېگەنگە ئوخشاش خەۋەرلەر بىر قانچە قېتىم تارقىلىپ بولدى. ئالىملار ئۇ پلانېتىلارنى بىۋاسىتە كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھاياتلىقنىڭ بارلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىش يوق. يەنى، يۇقىرىقىدەك خەۋەرلەر جەزملەشتۈرۈلگەن پاكىت بولماستىن، كۆزىتىش ۋە ئىلمىي ھېسابلاش ئاساسىدا كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ئىلمىي پەرەزدىنلا ئىبارەت. مەن مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا كۆرسىتىپ قويغان 2-مەنبەدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك، تاشقى پلانېتىلارنى بىۋاسىتە كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ-يوق، دېگەننى ئېنىقلايدىغان تېلېسكوپ ھازىرچە تېخى لايىھىلەش باسقۇچىدا بولۇپ، مېنىڭ قىلىدىغان ئاساسلىق ئىشىممۇ ئەنە شۇ تېلېسكوپنىڭ ئىشىدۇر.

ئاللاھ خالىسا مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلارنى بۇ جەھەتتىكى يېڭىلىقلاردىن داۋاملىق ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرىمەن.


بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] Planet Quest
<http://planetquest.jpl.nasa.gov/>

[2] بىلىمخۇمار: «ماڭا يېڭىدىن بېرىلگەن مۇكاپاتلار ھەققىدە»
http://bbs.misranim.com/thread-128246-1-1.html

[2] بىلىمخۇمار: «كائىناتتىكى ئادەتتىكى ماددا %4, قاراڭغۇ ماددا% 22، قاراڭغۇ ئېنېرگىيە % 74»
http://bbs.misranim.com/thread-107190-1-1.html

[3] بىلىمخۇمار: «كائىنات ھازىرمۇ توختىماي كېڭىيىۋاتىدۇ»
http://bbs.misranim.com/thread-106758-1-1.html

[4] Lost in Space: Half of All Stars Are Rogues Between Galaxies
http://www.space.com/27682-rogue-stars-between-galaxies.html

[5] بىلىمخۇمار: كائىناتنىڭ چوڭلۇقى قانچىلىك؟
http://bbs.misranim.com/thread-129247-1-1.html

[6] بىلىمخۇمار: «ئىسرا - مىئراج ۋەقەسى ۋە كۆپ-كائىنات پەرەزلىرى»
http://bbs.izdinix.com/thread-59156-1-1.html

[7] بىلىمخۇمار: «سەپەرچى-1 ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى قۇياش سىستېمىسىدىن چىقىپ كېتىشكە ئاز قالدى»
http://bbs.misranim.com/thread-107626-1-1.html

[8] بىلىمخۇمار: «NASA بۈگۈن سەپەرچى-1 نىڭ قۇياش سىستېمىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى»
http://bbs.misranim.com/thread-111002-1-1.html

[9] بىلىمخۇمار: « ئۇچار تەخسە ۋە ناسا»
http://bbs.misranim.com/thread-108442-1-1.html

[10] <http://en.wikipedia.org/wiki/List_of_UFO_organizations>

[11] UFO No Longer Unidentified:  
http://www.nasa.gov/vision/space/travelinginspace/no_ufo.html

[12] Politicians and Celebrities who have encountered Aliens
<https://cassiopaea.org/forum/index.php?topic=17719.0>

[13] بىلىمخۇمار: « ئامېرىكىدىكى تاشقى پلانېتىلىقلار ئىگىلىۋالغان جاي»
http://bbs.misranim.com/thread-109824-1-1.html

[14] بىلىمخۇمار: «تاشقى پلانېتىنىڭ سانى بۇرۇنقى مۆلچەردىن كۆپ ئىكەن»

[15] Do Muslims Believe in Aliens? ~ Dr. Yasir Qadhi
https://www.youtube.com/watch?v=W7yilbA0Mw4

[16] Aliens in the Quran
http://www.answering-christianity.com/aliens_in_quran.htm

[17] Ibn Taymiyya's Theodicy of Perpetual Optimism
<http://books.google.com/books?id ... sec=front_cover>


14

تېما

22

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3124
توردىكى ۋاقتى: 1177
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارىستا بۇلىشى مومكىن دىۋىدى ئاخىرى ئۇمۇ يوق بولدى، قۇياشتىن بەك يىراق بولسا ئىنىرگىيە بولمىسا پەقەتلا ھاياتلىققا ئىمكان بولمايدۇ. باشقا بىر قۇياش سېستىمىسى بار دىسىمۇ ھازىر بىلىمخۇمار ئاكىمىز ئېيتقاندەك تەخمىنى ھىساپلاش، ھەقىقى ئىسپات تىخى يوق...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

14

دوست

5326

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 940
توردىكى ۋاقتى: 263
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە ھەشقاللاھ بىلىمخۇمار ئاكا !
سىز ئۇزۇندىن بېرى  ئالەم تەتقىقات ئىشلىرىدىكى يېڭىلىقلارنى ئۆز ۋاقتىدا ، ئۆز جايىدىن بىزگە يوللاپ كېلىۋاتىسىز. سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت .
سىزنىڭ سايىڭىزدا خىېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق .
ئەگەر سىز يوللاپ كېلىۋاتقان ئېسىل يېڭىلىقلارنى مۇشۇنداق ۋاقتىدا يوللاپ تۇرمىغان بولسىڭىز ، بىز بەلكىم بۇ يېڭىلىقلارنى يەنە نەچچە يىللاردىن كېيىن يا بىلەلەيتتۇق ، ياكى يەنە بۇرۇنقىدەك قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك ياشاۋىرەتتۇق .
ئىشقىلىپ ھەرقايسى مۇنبەرلەر ۋە سەرخىل مەزمۇنلارنى ۋاقتىدا يوللاپ تۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىم ساق بولسۇن ، سالامەت بولسۇن ! سىلەرگە كۆز تەگمىسۇن !
بىلىمخۇمار ئاكا ،سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەتقىقاتلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن . تېنىڭىز سالامەت بولسۇن !  

0

تېما

0

دوست

392

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن بىلىملەرگە ۋە نۇرغۇن ئىلھاملارغا ئىگە بولدۇق .رەخمەت

0

تېما

1

دوست

94

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31159
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heyrani يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 15:12
ياسىر قازى دىگەن كىم ئۇ؟
بەك چۇقۇنىدىكەنلا ئۇنىڭغا.
مى ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىندىشىم!نىمە دەي?سىز ۋە سىزدەك بىر قانچىڭلا بار مۇنبەردە بىلىمخۇمار ئاكىمىز بىرەر تىما يوللىسىلا كىرىپ نەشتىرىڭلىنى سانجىۋالىدىغان,مەن پەقەت سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن。اللە سىزگە كەڭرى-قوساق بولۇشنى نىسىپ قىلغاي!                 ياسىر قازىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئۈچۈن بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ!بىلىمخۇمار ئاكىمىز ھىچقاچان ياسىر قازىغا چوقۇنىمەن دىمىدى,ياسىر قازى بولسا بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن پەندىمۇ ھەم دىندىمۇ يىتىشكەن زىيالىي بولغاچقا ,بىلىمخۇمار ئاكىمىز بىزنى پايدىلانسۇن دەپ كىچە-كۈندۈر ئىزدىنىپ ماقالىرىنى تەرجىمە قىلىپ بىزگە يوللاۋاتىدۇ。ئەمدى سىز نىمە دىمەكچى?ياسىر قازىنىڭ قاراشلىرىنى خاتا دىسىڭىز ئاساسىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇڭ,ياكى ئۇنىڭغا قايىل بولمىسىڭىز ئۆزىڭىز قايىل بىرەر داڭلىق ئۆلىمالارنىڭ ماقالىرىنى يوللىسىڭىز بولىدىغۇ?ئۇ چاغدا بىزمۇ سىزدىن مىننەتدار بولىمىز。بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ قاراشلىرىدا مەسىلە بولسا كۆرسۈتۈپ بەرسىڭىز بىلىمخۇمار ئاكىمىزمۇ سىزدىن خۇش بولىدۇ。بىزدە چوڭلارنى سىلى,ئۆزلىرى دەپ ھۆرمەت بىلەن سىلىق ئاتايدىغان گۈزەل ئادەت بار。بىلىمخۇمار ئاكىمىز مۈنبەردىكى كۆپىنچىمىزدىن ياشتا چوڭ,بىلىمدا تىخىمۇ چوڭ,مۇھىمى ئۇ ئۆز بىلىملىرىنى ئۆز خەلقىگە مىھنەتسىز تۆكۈۋاتقان بىر پەزىلەت ئىگىسى,شۇڭا گەپ قىلغاندا دىققەت قىلىڭ,4-دوختۇرخانىدىن ھىلى قىچىپ چىققانلاردەك سۆزلىمەڭ!

1

تېما

0

دوست

646

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   29.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14682
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 193
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begtashmen يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 18:03
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىندىشىم!نىمە دەي?سىز ۋە سىزدەك ...

قىرىندىشىم  ئۇنداق كىشىلەردىن ئاغرىنماڭ ،  چۈنكى ئۇ كىشى خىرىستىيان بولسا كىرەك!

0

تېما

1

دوست

685

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19192
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 226
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلۋېلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلغان بىر مەسىلە ئۈستىدە توختالغان تېما ئىكەن،رەھمەت ئاكا،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!!!

0

تېما

0

دوست

1382

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 98
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-17
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heyrani يوللىغان ۋاقتى  2014-11-14 15:12
ياسىر قازى دىگەن كىم ئۇ؟
بەك چۇقۇنىدىكەنلا ئۇنىڭغا.
مى ...

سەن  نىمانداق  ناچار  ئىنكاسلا  يازىسەن ؟   ئۇيغۇرلار بىلەن  ئۆچۈڭ  بامۇيە ياكى سەن قەسقەت قالايمىقان قىلۋاتامسە ؟    ھەر قېتىم  شۇنداق ياخشى يازمىلارغا  موشۇنداق   ساراڭدەك  ئىنكاسلار  يېزىلىدۇ ؟؟؟   بۇنى چۈشەنمەيدىغان  ئادەم   قالايمىقان  گەپ قىلىپ  مۇنبەرنىڭ  مۇھىتىغا  تەسىز يەتكۈزمىسەڭ بولمامدۇ ؟؟؟   بىلمىسەڭ  ياكى  ئەدەپ بىلەن  سورا!!!    بۇيەدە  ساراڭدەك  گەپ قىلغۇچە .  
    ھەر بىر  ئادەمنىڭ  سەۋىيەسى ئۇنىڭ ئىنكاسلىرىدىنلا   مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ .   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )