- تىزىملاتقان
- 2014-11-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 59
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
19.67%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، باغداش ئەزالىرى. ھەممىڭلار تىنچ-ئامان تۇرۇپسىلەرمۇ؟ ھەپتە ئاخىرىدىكى ھۇزۇرۇڭلارغا ئالامەت نوچى يۇمۇرلاردىن بىر قانچىنى ئەكەلدىم. ھۇزۇرلانغايسىلەر. ياقتۇرساڭلار قەرەللىك ھالدا يۇمۇر يوللاپ تۇرغاندىن سىرت يەنە قىزىقارلىق رەسىم ۋە فىلىملەرنىمۇ يوللاپ تۇرىمەن. ئەمىسە يۇمۇرلار كەتتى.
1. ئاتوم
ئايالى: ئاتوم ، ئاتوم دەيدىكەن، قانداق نىمە ئۇ؟
ئېرى: ئۇ دېگەن ناھايىتى زور مەبلەغ، چىقىم بىلەن ياسىلىدىغان نەرسە دەپ بەرسەممۇ چۈشەنمەيسەن.
ئايالى: قانچىلىك پۇل؟
ئېرى: مىليۇن، مىليۇن...
ئايالى: ۋاھ، بىزنىڭ ھويلىغىمۇ بىرەرسى چۈشكەن بولسا ھال كۈنىمىز ياخشى بولۇپ قالاركەن…
2. تەسەللىي بېرىش
ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان بىر بالىنىڭ ماتىماتكا نەتىجىسى بەك تۆۋەنكەن. ئۇ بالا بۇ قېتىممۇ ماتىماتىكا ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەچكە، ئاچچىقى يامان ئاپىسى ئۇ بالىنى بىر ئۆيگە سولىۋېلىپ تازا تىللاپتۇ . يان ئۆيدە ئولتۇرۇپ، بولۇنۇۋاتقان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان دادىسى، سەبى يۈرىكى ئازار يېگەن بالىسى چىققان ۋاقىتتا بالىسىغا تەسەللىي بەرمەكچى بوپتۇ. ئاپىسىدىن بولۇشىغا دەشنام يېگەن بالا سالپايغىنىچە چىقىپ كەپتۇ.
دادىسى تەسەللىنى باشلاپ:- بولدى بالام، ئاپاڭنىڭ گىپىنى كۆڭلۈڭگە ئالما .- دېيىشىگە بالىسى ئاچچىقلانغان ھالدا : ھەي دادا، ئاشۇنداق خوتۇننىمۇ ئالامسەن؟! دېگۈدەك...
3. مىخ قېقىش
ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا ساراڭلارنىڭ چېچىنى ئېلىۋاتقان ئىكەن: نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغان بىر ساراڭ يەنە بىر ساراڭغا دەپتۇ: -كەل، بېشىڭغا مىخ قېقىپ قوياي. -نېمىشقا؟ -ساتىراشنىڭ ئۇستىرىسى بۇزۇلۇپ چېچىمىزنى ئالالماي قالىدۇ. -ياق! مىخ قاقىمەن دەپ بولقا بىلەن بېشىمغا ئۇرۇۋالساڭچۇ؟ -ئۇنداق بولسا، بولقا بىلەن ئەمەس تاش بىلەن قاقاي!
4. ئۇيقۇ دورىسى
چىرايلى تاتىرىپ كەتكەن بىر بىمار دوختۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ دەپتۇ: -تالادىكى ئىتلار كېچىچە قاۋاپ زادىلا ئۇخلاتمىدى، ساراڭ بولاي دەپ قالدىم. دوختۇر ئۇنىڭغا بىر قانچە تال ئۇيقۇ دورىسى بېرىپتۇ. بىر ھەپتىدىن كىيىن بىمار يەنە كەپتۇ. -ئۇيقۇ دورىسىنىڭ ئۈنۈمى بولمىدىمۇ؟- دەپ سوراپتۇ دوختۇر. -ھەر كۈنى كەچتە ئۇ ئىتلارنى قوغلاپ ھالىم قالمىدى. ئاران دېگەندە بىرنى تۇتىۋىدىم، بىراق شۇنچە قىلىپمۇ ئۇيقۇ دورىسىنى يېگۈزەلمىدىم.......
5. شۇم خەۋەر
ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بىر چىرايلىق بىمارنى تەكشۈرۈپ بولۇپ دەپتۇ: - خانىم، سىزگە بىر خۇشخەۋەر ئېيتىدىغان بولدۇم. - مەن خانىم ئەمەس، خانقىز. - ھە؟!... ئۇنداقتا مەن سىزگە بىر شۇم خەۋەر يەتكۈزىدىغان بولدۇم.
قوشۇمچە: «ئالامەت» _ كۈلكە-چاقچاق، يۇمۇر-لەتىپە، قىزىقارلىق رەسىم ۋە فىلىم قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلغان، ئايفون-ئاندروئىد ئەپ دېتاللىرى ۋە تور بېكەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسى. سۇپىمىز كەڭ تورداشلارنى كۈندە ھەرخىل قىزىقارلىق مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە تورداشلار بىلەن كۈچلۈك ئالاقە ئورنىتالايدۇ. يەنى، تورداشلار ئۆزى خالىغانچە ھەرخىل قىزىقارلىق مەزمۇنلارنى يوللىيالايدۇ، ساقلىۋالالايدۇ، بېلەت تاشلىيالايدۇ، ئىنكاس يوللىيالايدۇ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى قاتارلىق جايلارغا ھەمبەھىرلىنەلەيدۇ. مەزمۇنلار ھەر كۈنى يېڭىلىنىدۇ، ئالامەت بولغاندىلا ھەرخىل قىزىقارلىق مەزمۇنلارغا تۇنجى بولۇپ ئېرىشەلەيسىز، خۇشاللىق مانا شۇنداق ئاسان!
ئالما ئەپ بازىرى ياكى باشقا ئاندروئىد بازارلىرىدىن Alamet دەپ ئىزدىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئەپنى چۈشۈرۈۋالالايسىز. كومپيۇتېردا زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، www.alamet.cn نى زىيارەت قىلىڭ، پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
|
|