قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1636|ئىنكاس: 4

ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىناپ كۆرىشى ئۈچۈن تەۋسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

220

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21837
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 16:58:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەندىكى ئۈچ پارچە كىچىك ماقالىنى ياش ئوقۇتقۇچىلارغا سوغا قىلىمەن،
دەرسخانە ئوقۇتۇشىنى تەشكىللەشتە سىناپ كۆرسە بولىدۇ.
  ئابدۇراخمان ئابدۇرېھىم
    دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانا ياكى دەرسخانا سىرتىدا دەرس مەزمونىغا ئائىت سوئاللارنى سوراپ ئۈگىنىشى – بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا ئوقۇتقۇچى سوئال سورىغان ئوقۇغۇچىغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىشى، ئوقۇغۇچىنىڭ داۋاملىق سوراپ ئۈگىنىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشتە تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ:  
      1.  ئىنچىكىلەپ جاۋاپ بېرىش
ۋاقىت قىس بولۇپ قالغاندا ياكى سورالغان سوئالنىڭ سالمىقى چوڭراق بولۇپ ، سوئال ئورتاقلىققا ئىگە بولغاندا ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئىنچىكىلەپ جاۋاپ بەرسە بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ۋاقىتنى تىجىگىلى، بىر قېتىملىق جاۋاپ ئارقىلىق نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ سوئالىنىڭ جاۋابىنى يەشكىلى بولىدۇ.
    2.  يېتەكلەش خاراكتىېرىدە قىسمەن جاۋاپ بېرىش
ئوقۇغۇچىنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىش ئوقۇغۇچىغا نەتىجىنى تولوق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ قايتا سوئال سورىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلا بولماسلىقى كېرەك. شۇڭا ئوقۇتقۇچى سوئالنىڭ بىر قىسمىغا جاۋاپ بېرىپ، قالغىنىنى ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇقلىشىنى تەلەپ قىلىش لازىم. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىش، پىكىر يۇرگۇزۇش ئىمكانىيىتى تۇغۇلۇپ، ئۇلارنى چوڭقۇر بىلىم ئېلىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.
       3. قايتۇرۇپ سوئال سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى جاۋاپ بېرىشكە يېتەكلەش
بەزىدە ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچى سوئال سورىغاندا، ئوقۇتقۇچى ئالدى بىلەن سوئالنىڭ ئاساسى مەركىزى نوقتىسى ۋە قىيىن نوقتىسىنى ئىگىلىۋېلىشى، شۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىدىن يىتەكلەش خارەكتېرىدە قايتۇرۇپ سوئال سوراپ، ئوقۇغۇچىنى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويۇشقا، يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئويلىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆزى ھەل قىلالمىغان ياكى ئىشەنچ قىلالمىغان نوقتىنى ھەل قىلىۋېلىشقا يىتەكلىشى لازىم. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئوقۇغۇچىدا ئۆزىگە قارىتا ئىشەنچ تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.
     4.سوئالغا باشقا ئوقۇغۇچىلارنى جاۋاپ بېرىشكە تەشكىللەش
بىر ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان سوئالغا ئېھتىمال باشقا ئوقۇغۇچىلار جاۋاپ بېرەلىشى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار تىلى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىدىنمۇ چۈشىنىشلىكرەك قىلىپ جاۋاپ بېرەلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنى جاۋاپ بېرىشكە تەشكىللىسە، ھەتتا ئەھۋالغا قاراپ مۇنازىرە قىلىشقا تەشكىللىسە، ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچى ئۆزى(ياكى بىر ئوقۇغۇچى) خۇلاسە قىلسا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئوقۇغۇچىلاردا ئوخشاش بولمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مۇنازىرە قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.  
      5. جاۋاپسىز قالدۇرۇپ كۆرسەتمە بېرى
بەزىدە ۋاقىت ۋە تەييارلىق مۇناسىۋىتى بىلەن دەرھال جاۋاپ بېرىشكە مۇمكىن بولماي قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىغا كىتاپتىكى جاۋاپ دائىرىسىنى ئېيتىپ بېرىپ، جاۋاپ ھازىرلاپ كېلىشكە تاپشۇرسا ۋە كېيىن ۋاقىت ئاجرىتىپ ئوقۇغۇچى تەييارلاپ كەلگەن جاۋاپنىڭ توغرا _ خاتالىقىنى ئايرىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئوقۇغۇچىنىڭ نىشانلىق كىتاپ كۆرۈش، ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.
ئومۇمەن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن، مۇھىم نوقتىلارنى ھەل قىلىشىدا ھەممىنىلا ھۆددە قىلىش قارىشىدا بولماسلىقى، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىدا كۆپرەك تەشكىللەش ۋە يېتەكلەش رولىنى ئوينىشى كېرەك.

دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلەشنىڭ بىر نەچچە خىل ئۇسۇلى
   1. ئاۋاز ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
ئايرىم ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ئۇششاق ھەركەت بىلەن شوغۇللانغاندا ياكى ئۆز- ئارا پاراڭ قىلىپ دىققىتىنى دەرسكە مەركەزلەشتۆرەلمىگەندە، ئوقۇتقۇچى ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ ، بەزىدە يوقىرى ئاۋاز بىلەن، بەزىدە تۆۋەن ئاۋاز بىلەن سۆزلىسە، بىر قىسىم سەزگۈر ئوقۇغۇچىلار دەرھال دىققىتىنى يىغىپ دەرس ئاڭلايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا دەرسخانا ئىنتىزامىنى كونتىرۇل قىلىپلا قالماستىن، يەنە دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇش، لىكسىيىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇش رولىنىمۇ ئوينايدۇ.   
    2. كۆز ئىشارىتى ئۇسۇلى
دەرسخانا ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆپ ھاللاردا « ئوقۇتقۇچى كۆرۈپ قالمىسۇن» دېگەن ئەندىشە بىلەن نەزەرىنى ئوقۇتقۇچىدىن ئۈزمەيدۇ. ئوقۇتقۇچى موشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەيىپلەش نەزەرى بىلەن بىر قاراپ قويسىلا ئوقۇغۇچى ئۆزىنى بىلىپ، ئىنتىزامسىزلىقنى تۈگىتىپ، دەرسنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاۋازسىزلا «تەنقىتلەش» مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.   
    3. مېڭىپ يۈرۈپ سۆزلەش ئۇسۇلى
دەرس ۋاقتىدا سىنىپنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭى ياكى ئورنىدا «نورمالسىز ئەھۋال» سادىر بولغاندا ياكى يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئىككى خىل ئۇسۇل ئايرىم ئوقۇغۇچىلارغا كار قىلماي قالغاندا، ئوقۇتقۇچى بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن يېقىنلاپ بارسا ياكى يېقىنلاپ بېرىپ باشقىلارغا بىلدۈرمەي ئۇقۇغۇچىنىڭ مۇرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويسا، « نورمالسىز ئەھۋال »نى دەرھال تۈزەتكىلى، ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
   4.قوشۇمچە سوئال سوراش ئۇسۇلى
دەرسكە دىققەت قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنى ۋە تەرتىپىگە بىرلەشتۈرۈپ تەبىئىي ھالدا قوشۇمچە سوئال قويسا، بىر ئابزاس تېكىستنى ھىسياتلىق ئوقۇتسا، بىرەر جۇملە سۆزنى يادقا يازدۇرسا ياكى بىرەر مىسالنى دوسكىدا ئىشلەتسە...... بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سوئالغا جاۋاپ بېرىش ياكى مەسىلە يېشىش شەكلى ئارقىلىق تەنقىد قىلىش، تۈزىتىش، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئۇسۇللارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، دەرس توختىمايدۇ، ۋاقىت ئىسراپ بولمايدۇ، ئىنتىزامسىزلىقنى چەكلەش، ئىنتىزامسىزلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلەش، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇنداقلا  ئىنتىزامسىزلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇز خاتىرىسى قىلىنىدۇ، ئابرويى ساقلاپ قېلىنىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ دىققىتى چېچىلمايدۇ، خاتىرجەم دەرس ئاڭلاۋېرىدۇ. ئوقۇتۇشنى تەشكىللەش، «ئاۋازسىز» تەربىيىلەش خىزمىتى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئال سوراشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نەچچە مەسىلە
    1.پىلانچانلىقنى كۈچەيتىش،قالايمىقانچىلىقتىن ساقلىنىش كېرەك
ئوقۇتقۇچى دەرس تەييارلىغاندا، شۇ سائەتلىك دەرس مەزمونى ۋە ئۇنىڭ ئۆتۈلۈپ بولۇنغان مەزمۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، باغلىنىشلىرىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىشى؛ دەرس مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇلىشىغا ئەگىشىپ ئوقۇتۇش مەزمۇنى، تەلىپى، مەقسىتى، نىشانى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، قەيەردە قانداق سوئاللارنى سوراش مەسىلىسىنى بىر پۈتۈنلۈك جەھەتتىن ياخشى لايىھىلىشى، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا پىرىنسىپ جەھەتتىن بۇ لايىھىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، كونا دەرستىن يېڭى دەرسكە ئۆتۈش، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغاش تەبىئىي بولىدۇ ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
     2.سۇئالنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مۇۋاپىق بولۇش،ئارلىشىپ كېتىدىغان مەسىلىلەرنى پەرىقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك
سوئال بەك ئاددىي بولۇپ قالسا، ئوقۇغۇچىلار تەپەككۇر قىلماستىنلا جاۋاپ بېرىدۇ، بۇنداق ئەھۋال بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانسا، ئوقۇغۇچىلاردا سەل قاراش ئىدىيىسى كېلىپ چىقىدۇ – دە، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا، تەپەككۈر قابىلىيىتىنى تەربىيىلەشكە پايدىسىز بولىدۇ؛ سوئال بەكلا قىيىن ھەم مۇرەككەپ بولۇپ كەتسىمۇ، ئوخشاشلا ئوقۇغۇچىلار تەپەككۇر قىلىپمۇ، كۆپ باش قاتۇرۇپمۇ جاۋاپ تاپالمايدۇ – دە، ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇۋېتىدۇ، ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى بوغۇپ قويىدۇ. بۇ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، سوئالنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ مۇۋاپىق بولىشىدا ھەم دەرسلىكنىڭ مەزمون تەلىپى نەزەردە تۇتۇلىشى، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى نەزەردە تۇتۇلىشى، تېيىزدىن چوڭقۇرغا قاراپ مېڭىشقا دىققەت قىلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى سوئالى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاسان ئارلىشىپ كېتىدىغان نوقتىلارنى ياخشى پەرقلەندۈرۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا، تەپەككۇر قابىلىيىتىنى تەربىيىلەشكە، مەسىلىلەرنى ھەم بىر – بىرىگە باغلاش، ھەم بىر – بىرىدىن پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.   
     3. ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىش،«ئومومىي خور»دىن،ئۆزى سوراپ ئۆزى  جاۋاپ بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك
ئوقۇتقۇچى سوئالنى قويۇپ بولغاندىن كېيىن، جاۋاپ ئېلىشقا ئالدىرىماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويلىنىۋېلىشىغا، ھەتتا بەزىدە سوئالنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ مۇزاكىرە قىلىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى، رىغبەتلەندۈرۈشى، يىتەكلىشى كېرەك. ئويلىنىش، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىنى قوزغىغىلى، ئۈگەنگەن بىلىملەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بولىدۇ.  سوئالنىڭ جاۋابىنى كوللىكتىپ سوراشتىن، «ئومۇمىي خور» بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. «ئومۇمىي خور» ئاسانلا يالغان كۆرۈنۈش پەيدا قىلىدۇ، قايتىلانما ئىنكاس ھەقىقىي بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئەھۋالىنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئىگىلەشكە، ئوقۇتۇشنى ياخشىلاشقا پايدىسىز بولىدۇ. ئۆزى سوئال سوراپ ئۆزى جاۋاپ بېرىشتىنمۇ ساقلىنىش كېرەك. ئۆزى سوئال سوراپ ئۆزى جاۋاپ بېرىش ئەمەلىيەتتە سوئال سورىمىغانغا باراۋەر بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچى ئورتىغا قويغان سوئالغا «ئوقۇتقۇچى ئۆزى جاۋاپ بېرىدۇ» دەپ سەل قارايدەغان ئىدىيىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
    4. سوئال سوراشتا ئومۇمغا يۈزلىنىش،بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىش كېرەك
دەرسخانىدا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوئالنى بىر قىسىم ئۈگىنىشتە ياخشى، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلاردىنلا سورايدىغان بىر تەرەپلىمە ئەھۋال دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇخىل ئەھۋال تەكرار داۋاملاشسا كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىغا ئېغىر زەربە بولىدۇ، ئوتتۇرا ھال ۋە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا «ئوقۇتقۇچى مەندىن سورىمايدۇ، ماڭا ئىشەنمەيدۇ» دەپ قارايدىغان بىپەرۋالىق ھالەت، قارشىلىق كۆرسىتىش كۆز قارىشى شەكىللىنىدۇ. بۇ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، كوللىكتىپ ئەلالاشتۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىسىز. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى سوئال سورىغاندا %95 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا يۈزلىنىشى، بىر تەرەپلىمىلىكتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.
    5. ئوقۇتقۇچىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرەلمىگەنلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك،ئۇلارغا زەربە بەرمەسلىك كېرەك
ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بېرەلمىگەندە، ئەگەر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى كەمسىتسە ياكى جازالاش چارىسىنى قوللانسا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئىززەت – ھورمىتىگە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە ئېغىر زەربە بولىدۇ، ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا ئوقۇتقۇچىنى بىر ئۆمۈر ئۆچ كۆرۈپ قېلىش ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچى دەرھال جاۋاپ بېرەلمىگەندە، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش، ياخشى ئويلىنىپ جاۋاپ بېرىشكە يىتەكلەش كېرەك، پۈتۈنلەي جاۋاپ بېرەلمىگەن ياكى خاتا جاۋاپ بېرىپ قويغان ئەھۋالدىمۇ ئۇنى كەمسىتمەسلىك، ئەيىپلىمەسلىك، بەلكى تەسەللى بېرىش، ياخشى ئۆگىنىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. زۆرۈر تېپىغاندا، بىر – ئىككى قېتىم شۇ ئوقۇغۇچى جاۋاپ بېرەلەيدىغان دائىرىدە سوئال سوراپ، ئۇنى ياخشى ئۆگىنىشكە ئۈمىدلەندۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ ئوقۇغۇچىنى ياخشى ئۆگىنىشكە يېتەكلەشتە ئىجابىي رولى بولۇپلا قالماستىن، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىمۇ پايدىسى بولىدۇ.
يەنە شۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەككى، ئوقۇتقۇچى سوئال سوراش باھانىسى بىلەن ئوقۇغۇچىغا زەربە بېرىشكە، ئوقۇغۇچىدىن ئۆچ ئېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش تەلىم – تەربىيە قانونىيىتىگىمۇ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقغىمۇ خىلاپ، شۇڭا بۇخىل ناچار كەيپىياتتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.     
    6. سوئال سوراشنىڭ قايتىلانما نەتىجىسىگە ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
ھەر قېتىملىق سوئال سوراشتىن كېيىن شۇبويىچە تاشلاپ قويماسلىق، جەزمەن قايتىلانما مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىش، تەھلىل قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش، ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىش، مەسىلىلەرنىڭ دۆۋىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يەنە ھەر بىر سائەتلىك دەرستىن، ھەر بىر باب – پاراگراف ئوقۇتۇشىدىن كېيىن دەرسخانىدىكى سوئاڭ سوراشتىن تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ بېرىش، خاتىرىگە ئېلىش، كېيىنكى سائەتلىك دەرسلەردە ياكى كېيىنكى قېتىم شۇ مەزمۇن، باب – پاراگرافلاردىن دەرس ئۆتكەندە پايدىلىنىش، سوئال سوراشنىڭ سەۋىيىسىنى، سەنئىتىنى داۋاملىق ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.   

1

تېما

7

دوست

6335

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1658
توردىكى ۋاقتى: 724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-14 21:21:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.. تېما ئىگىسنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

654

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18106
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 10:36:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى يىلدىن كىيىن لازىم بولغۇدەك ماڭا ،رەھمەت ،ساقلىۋالدىم

0

تېما

4

دوست

2050

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   1.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9548
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 542
توردىكى ۋاقتى: 229
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 11:13:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىيما ئىكەن ،بۇ ئۇسۇللارنى ھەر بىر ئۇقۇتقۇچى بىلىشكە ۋە سىناپ بېقىشقا ئەرزىگىدەك، لىكىن مەن ئۇقۇتقىچى ئەمەستە ھەي...............

0

تېما

0

دوست

65

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32252
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 12:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، جاپا چەكتىڭىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )