قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 935|ئىنكاس: 1

لى كۈينىڭ ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

0

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 1175
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 15:30:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىر لۇ جىشېن خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن لياڭشەنگە كېلىۋېدى،رۈەن ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەن سالامغا باردى.گەپ ئارىلىقىدا،رۈەن شياۋئېر؛لۇ ئاغا،ئۇقتىڭىزمىكىن،لى كۈي ئاسپرانتلىققا ئىمتىھان بەرگۈدەك،-دېدى
لۇ جىشېن قاقاھلاپ كۈلۈپ؛ئۇ چوقۇم ساختا دىپلوم بىلەن سۇڭ ئاغام ۋە باشقىلارنى ئالدىماقچى،بۇ نېمىدىگەن شەرمەندىلىك.مەن جەزمەن بۇ ئىشنى سۇڭ ئاغامغا مەلۇم قىلاي،لياڭشەن باتۇرلىرىنىڭ نامىنى بۇلغىمىسۇن يەنە،-دېدى
  لۇجېشىن سۇڭ جياڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە،دەرۋەقە لى كۈينىڭ ئىشىنى تىلغا ئالدى.سۇڭ جياڭ ئاڭلاپ كۈلۈپلا قويدى 
 ۋۇيوڭ؛لى كۈي ئىنىمىز بۇ ئىككى يىلدىن بېرى جىق ئالغا باستى.بۇلۇپمۇ ساۋات چىقىرىشتا.مەسىلەن،ئۇنىڭ ھۆججەتلەرگە سىزغان چەمبىرىكى ئىلگىرىكىدىن جىق يۇمۇلاقلىشىپ كەتتى.تېخى بىر قېتىم مەن ئۇنى سېركول بىلەن سىزدىمىكىن دەپ قالدىم.دىپلومغا كەلسەك،مېنىڭ بىلىشىمچە ھەممىسى راست،خەق نېمە دېمەيدۇ.ھەممىسى ئېغىزدىكى تۇترۇقسىز گەپلەر،ئىشەنچىلىك ئەمەس.لى كۈي ئىنىمىزنىڭ تىلى گال،ئىپادىلەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغاچقا،قورسىقىدىكى بىلىمنى دەرھال ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ،-دېدى 
گوڭ سۇنشېڭ مۇنداق دېدى؛<مەن ئىنتىزام تەكشۈرۈشتە ئىشلەيمەن،بۇ مەسىلىگە ئۇزاقتىن بېرى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم.مەن سىزگە شۇنداق كاپالەت بېرىمەنكى،لياڭشەندە تاكى ھازىرغىچە بىر پارچىمۇ ساختا دىپلوم بايقالمىدى،دىپلوملارنىڭ ھەممىسى راست.جىشېن ئىنىم سىز بەك كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز
   سوڭجياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ؛ جىشېن ئىنىم،مەن لى كۇيغا بىر ئاز يان باسىمەن،بۇنىسى راست.ئەمما سىز خاتىرجەم بۇلۇڭ.مەن ئۇنىڭ ساختا دىپلوم بىلەن بىزنى ئالدىشىغا،لياڭشەندىكى چوڭ ئىشلىرىمىزغا زىيان سېلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن.ھازىر بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ،رىقابەت كەسكىن.شۇنداق ئىكەن،بۇنداق ساختا دىپلوم كۆتۈرۈۋالغانلار ئۆزىگە ئۆزى ئورا كولىغان بولمامدۇ؟سىزمۇ تىرىشىڭ،لياڭشەندىكى108كادىرنىڭ كۆپىنچىسى دوكتور،ماگىستىر.شۇڭا،باشقىسىنى دېمەيلا قوياي،مەن ئادەتتە يىغىن ئاچساممۇ بۇنىڭدىن بەكمۇ شەرەپ ھېس قىلىمەن،-دېدى
  لۇ جىشېن سۇڭ جياڭنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ،ئويلىغانسېرى گاڭگىراپ قالدى.ئۇ ئۇدۇل لى كۈينى ئىزدەپ ماڭدى.لى كۈي بۇ چاغدا ئىشىكنى دۈملەپ،ھاراق ئىچكەچ ئىت پاچىقى يەۋاتاتتى.ئىشخانىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق پۇراپ كەتكەنىدى.ھەممە يەر قالايمىقان تاشلانغان گۆش ۋە ئۇستىخانلار بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى.لېكىن بىەرەر پارچىمۇ كىتاب كۆرۈنمەيتتى.
لى كۈي لۇجىشېننى كۆرۈپ قولىدىكى پاچاقتىن بىر چىشلەمچىشلىۋېلىپ؛كۈتكەن رەقىبىم ئاخىرى كەلدى.كېلىڭ،قانغۇچە ئىچەيلى،كىم بالدۇر يىقىلسا شۇ ئىت بولسۇن!،-دېدى بوم ئاۋازدا لۇ جىشېن ئالدىراپ لى كۇينىڭ ئاسپرانتىققا ئىمتىھان بەرگەن ئىشىنى سورىدى.
لى كۇي قاتتىق كۈلۈپ كېتىپ؛ھەممىسى سۇڭ ئاغامنىڭ مودا قوغلاشقانلىقىنىڭ كاساپىتى بولمامدۇ،زىيالىيلاشتۇرىمەن،دەپ قانداق يول بىلەن ھەل قىلغان دىپلوم بولسۇن،زادىلا كارى بولمىدى،ئۇنداى قىلمىغانلارنى ئەمەلدار قىلمىدى،ئىش ئورنىدىن قالدۇرىۋەتتى.بۇ مەن تۆمۈر كالىنى تار يەردىن قىستىغانلىق ئەمەسمۇ؟ئۆگىنىش؟مېنىڭ كىتابقا قارىساملا بېشىم ئاغرىيدۇ.ھېلىمۇ ياخشى،ئوبدان بىر كاتىپىم بولۇپ قاپتۇ.مەن ئۈچۈن ھەممىنى شۇ قىلىدۇ.مېنىڭ ئورنۇمدا دەرسكە قاتنىشىدۇ،ئىمتىھان بېرىدۇ.بۇ سولتەك ئەلەمدە بولمىغىنى بىلەن بىلىمى خېلى چوڭقۇر.سۇڭ ئاغام مېنى دەپ مەكتەپكە نۇرغۇن كۈمۈش سۈڭگۈتتى.ئاناڭنى،نېمىدىگەن ياخشى،بىر خەتمۇ تونۇمايدىغان تۆمۈر كالا ستودېنت بولۇپ قالدى.ھا...ھا...تېخى ئوقۇش پۇلىنى ھۆكۈمەت چىقىرىدۇ،ماڭا بىر تىيىنمۇ زىيان يوق،نېمە بولسا بولمامدۇ،ئىمتىھان بەرسەم بېرىمەن،بۇ قانچىلىك ئىشتى،لۇ ئاغا،سىزمۇ دىپلومدىن بىرقانچىنى ھەل قىلىۋالمامسىز؟ھازىر دېگەن دىپلوم دەۋرى ئەمەسمۇ؟بەك ئاسان،يەنە بىر تەرەپتىن سۇڭ ئاغاممۇ خۇش بولىدۇ،لياڭشەنگىمۇ شەرەپ،-دېدى 
لۇ جىشېن قاتتىق ھەسرەت چەكتى.بۇ ئىشقا ۋۇيۇڭ،گوڭ سۈنشېڭلارنىڭ دىپلومنىڭ راستلىقىغا قەسەم بېرىپ كاپالەت بەرگەنلىكىدىن ئاغرىنغىلى بولمىغۇدەك.دەرۋەقە دىپلوم ھەقىقىكەن،پەقەت ئادەم ساختىكەن

0

تېما

0

دوست

65

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 75
تۆھپە : 39
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2011-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 01:24:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غىچچىدە  تارازا باسمايدىغان  تېمىكەنغۇ  بۇ   ،،،لىكۈي دىگەن كىم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )